ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره سبأ   آیه:

سۈرە سەبەئ

از اهداف این سوره:
بيان أحوال الناس مع النعم، وسنة الله في تغييرها.
ئىنسانلارنىڭ، ئاللاھنىڭ نېمىتىگە قارىتا ئەھۋالىنىڭ ئالمىشىشى ۋە ئاللاھ تائالانىڭ نېمەتنى ئۆزگەرتىۋېتىشتىكى پىرىنسىپىنى بايان قىلىش.

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِي لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلۡأٓخِرَةِۚ وَهُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡخَبِيرُ
بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر مەيلى يارىتىش، مەيلى ئىگىدارچىلىق قىلىش، مەيلى باشقۇرۇش جەھەتلەردە بولسۇن ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاخىرەتتىمۇ ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
يَعۡلَمُ مَا يَلِجُ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا يَخۡرُجُ مِنۡهَا وَمَا يَنزِلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ وَمَا يَعۡرُجُ فِيهَاۚ وَهُوَ ٱلرَّحِيمُ ٱلۡغَفُورُ
ئاللاھ زېمىنغا كىرىپ كېتىدىغان سۇ ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى، زېمىندىن چىقىدىغان ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرنى بىلىدۇ، ئاسماندىن چۈشىدىغان يامغۇر، پەرىشتىلەر ۋە رىزىقلارنى، ئاسمانغا ئۆرلەيدىغان پەرىشتىلەر، بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرى ۋە ئۇلارنىڭ روھلىرىنىمۇ بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مۇئمىن بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر، ئۆزىگە تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَا تَأۡتِينَا ٱلسَّاعَةُۖ قُلۡ بَلَىٰ وَرَبِّي لَتَأۡتِيَنَّكُمۡ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِۖ لَا يَعۡزُبُ عَنۡهُ مِثۡقَالُ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَآ أَصۡغَرُ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡبَرُ إِلَّا فِي كِتَٰبٖ مُّبِينٖ
كاپىرلار: بىزگە قىيامەت مەڭگۈ كەلمەيدۇ، دېيىشىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىنكار قىلىۋاتقان قىيامەت سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ۋاقتىنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئاللاھ قىيامەت ۋە ئۇنىڭدىن باشقا غەيبلەرنى بىلگۈچىدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئەڭ كىچىك چۈمۈلە چاغلىق نەرسىمۇ ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك ۋە چوڭراق نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدىغان بولۇپ، تاكى قىيامەتكە قەدەر يۈز بېرىدىغان بارلىق نەرسىلەر روشەن كىتابتا، يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا تولۇق خاتىرلەنگەندۇر.
تفسیرهای عربی:
لِّيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
ئاللاھ لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرىلىگەن نەرسىلەرنى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن خاتىرىلىگەن بولۇپ، ئەنە شۇلار ئاللاھنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىغا نائىل بولىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى جازالىمايدۇ، ئۇلار قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ جەننىتىدىن ئىبارەت ئېسىل رىزىققا ئېرىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ سَعَوۡ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٞ مِّن رِّجۡزٍ أَلِيمٞ
ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەرنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئايەتلەرنى«سېھىر»، پەيغەمبىرىمىزنى«كاھىن، سېھىرگەر ۋە شائىر» دېگەنلەر قىيامەت كۈنى ئەڭ يامان ۋە ئەڭ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَرَى ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَ هُوَ ٱلۡحَقَّ وَيَهۡدِيٓ إِلَىٰ صِرَٰطِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَمِيدِ
ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرى ۋە ئەھلى كىتاب ئىچىدىن ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىينىڭ شەكسىز ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھەمدە ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، غالىب، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەدھىيەگە لايىق بولغان زاتنىڭ يولىغا باشلايدىغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ هَلۡ نَدُلُّكُمۡ عَلَىٰ رَجُلٖ يُنَبِّئُكُمۡ إِذَا مُزِّقۡتُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍ إِنَّكُمۡ لَفِي خَلۡقٖ جَدِيدٍ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىپ، ئۇنى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن بىر - بىرىگە: سىلەر ئۆلۈپ پارچە - پارچە بولۇپ كەتسەڭلارمۇ ئۆلگىنىڭلاردىن كېيىن چوقۇم قايتىدىن تىرىلىسىلەر، دەيدىغان بىر ئادەمنى كۆرسىتىپ قويايلىمۇ؟ دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سعة علم الله سبحانه المحيط بكل شيء.
ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەممە نەرسىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• فضل أهل العلم.
ئىلىم ئەھلى پەزىلەتلىكتۇر.

• إنكار المشركين لبعث الأجساد تَنَكُّر لقدرة الله الذي خلقهم.
مۇشرىكلارنىڭ جەسەتلەرنىڭ قايتىدىن تىرىلدۈرۈلۈشىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۆزلىرىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر.

أَفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَم بِهِۦ جِنَّةُۢۗ بَلِ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡأٓخِرَةِ فِي ٱلۡعَذَابِ وَٱلضَّلَٰلِ ٱلۡبَعِيدِ
ئۇلار: بۇ ئادەم ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇپ، بىزنى ئۆلگىنىمىزدىن كېيىن قايتا تىرىلىسىلەر، دەپ بىلجىرلاۋاتامدۇ ياكى بۇ ئاساسسىز جۆيلۈپ يۈرىدىغان ساراڭمۇ؟ دېيىشتى. ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ بىلجىرلىغىنىدەك ئەمەس. ئەكسىچە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلار قىيامەت كۈنى قاتتىق ئازاب ئىچىدە، بۇ دۇنيادا ھەقتىن يىراق ئازغۇنلۇق ئىچىدە بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَفَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِن نَّشَأۡ نَخۡسِفۡ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ نُسۡقِطۡ عَلَيۡهِمۡ كِسَفٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّكُلِّ عَبۡدٖ مُّنِيبٖ
قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان بۇ ئادەملەر ئالدىدىكى زېمىنغا، كەينىدىكى ئاسمانغا قارىمامدۇ؟ ئەگەر ئۇلارنى ئۆزلىرى دەسسەپ تۇرغان زېمىنغا يۇتقۇزۇۋېتىشنى خالىساق يۇتقۇزۇۋېتەتتۇق. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئاسماننى پارچە - پارچە قىلىپ چۈشۈرۈشنى خالىساق چۈشۈرەتتۇق. ھەقىقەتەن بۇنىڭدا پەرۋەردىگارىنىڭ ئىتائىتىگە قايتقۇچى ھەرقانداق بەندىگە ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يارقىن دەلىللەر بار. دېمەك؛ مۇشۇنداق ئىشلارغا كۈچى يەتكەن زات زات سىلەرنى ئۆلۈپ كىتىپ، جەسىتىڭلار تىتما - تىتما بولۇپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
۞ وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ مِنَّا فَضۡلٗاۖ يَٰجِبَالُ أَوِّبِي مَعَهُۥ وَٱلطَّيۡرَۖ وَأَلَنَّا لَهُ ٱلۡحَدِيدَ
بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا دەرگاھىمىزدىن پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلدۇق ھەمدە تاغلارغا: ئەي تاغلار! داۋۇد بىلەن بىرگە تەسبىھ ئېيتىڭلار! دېدۇق. قۇشلارغىمۇ شۇنداق دېدۇق. داۋۇدقا ئۆزى خالىغان سايمانلارنى ياسىشى ئۈچۈن تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بەردۇق.
تفسیرهای عربی:
أَنِ ٱعۡمَلۡ سَٰبِغَٰتٖ وَقَدِّرۡ فِي ٱلسَّرۡدِۖ وَٱعۡمَلُواْ صَٰلِحًاۖ إِنِّي بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئى داۋۇد! ئەسكەرلىرىڭنى دۈشمەنلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدايدىغان كەڭرى ساۋۇتلارنى ياسىغىن، مىخلىرىنى ھالقىلىرىغا مۇۋاپىق قىلغىنكى، ھالقىلارنى تۇرغۇزالمايدىغان دەرىجىدە ئىنچىكە، پاتمايدىغان دەرىجىدە توممۇ بوپقالمىسۇن. ياخشى ئەمەللەرنى قىلىڭلار. مەن ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىمەن. ماڭا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. مەن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىمەن.
تفسیرهای عربی:
وَلِسُلَيۡمَٰنَ ٱلرِّيحَ غُدُوُّهَا شَهۡرٞ وَرَوَاحُهَا شَهۡرٞۖ وَأَسَلۡنَا لَهُۥ عَيۡنَ ٱلۡقِطۡرِۖ وَمِنَ ٱلۡجِنِّ مَن يَعۡمَلُ بَيۡنَ يَدَيۡهِ بِإِذۡنِ رَبِّهِۦۖ وَمَن يَزِغۡ مِنۡهُمۡ عَنۡ أَمۡرِنَا نُذِقۡهُ مِنۡ عَذَابِ ٱلسَّعِيرِ
بىز داۋۇد ئوغلى سۇلايمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال چۈشتىن بۇرۇن بىر ئايلىق مۇساپىنى، چۈشتىن كېيىن بىر ئايلىق مۇساپىنى باسىدۇ. ئۇنىڭ مىستىن خالىغان نەرسىلەرنى ياسىشى ئۈچۈن مىس چىقىدىغان بۇلاقنى ئاققۇزۇپ بەردۇق، ئۇنىڭغا يەنە پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىشلەيدىغان جىنلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. جىنلاردىن بۇيرۇقىمىزغا خىلاپلىق قىلغانلارغا لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئازابىنى تېتىتىمىز.
تفسیرهای عربی:
يَعۡمَلُونَ لَهُۥ مَا يَشَآءُ مِن مَّحَٰرِيبَ وَتَمَٰثِيلَ وَجِفَانٖ كَٱلۡجَوَابِ وَقُدُورٖ رَّاسِيَٰتٍۚ ٱعۡمَلُوٓاْ ءَالَ دَاوُۥدَ شُكۡرٗاۚ وَقَلِيلٞ مِّنۡ عِبَادِيَ ٱلشَّكُورُ
بۇ جىنلار سۇلايماننىڭ خالىغىنى بويىچە ناماز ئوقۇيدىغان مەسچىتلەرنى، سارايلارنى، سۈرەتلەرنى ۋە چوڭ سۇ كۆلچەكلىرىگە ئوخشاش نەرسىلەرنى ھەمدە چوڭلۇقىدىن مىدىرلىمايدىغان پۇختا قازانلارنى ياسايدۇ. بىز ئۇلارغا: ئى داۋۇد ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار، دېدۇق. ھالبۇكى بەندىلىرىم ئىچىدىن مېنىڭ نېئمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىدىغانلار ناھايىتى ئاز.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّا قَضَيۡنَا عَلَيۡهِ ٱلۡمَوۡتَ مَا دَلَّهُمۡ عَلَىٰ مَوۡتِهِۦٓ إِلَّا دَآبَّةُ ٱلۡأَرۡضِ تَأۡكُلُ مِنسَأَتَهُۥۖ فَلَمَّا خَرَّ تَبَيَّنَتِ ٱلۡجِنُّ أَن لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ ٱلۡغَيۡبَ مَا لَبِثُواْ فِي ٱلۡعَذَابِ ٱلۡمُهِينِ
سۇلايماننىڭ جېنىنى ئالغىنىمىزدا ئۇ يۆلىنىپ تۇرغان ھاسىسىنى قۇرت يېمىگەن بولسا جىنلار ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقالمىغان ئىدى. سۇلايمان يىقىلغان چاغدا جىنلارغا ئۆزلىرىنىڭ غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى. چۈنكى ئۇلار غەيبنى بىلىدىغان بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ خارلىغۇچى ئازاب ئىچىدە ئۇزۇن قالمىغان بولاتتى. ئۇ خارلىغۇچى ئازاب بولسا ئۇلار سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى تىرىك، ئۆزلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، دەپ ئويلاپ (ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ) ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قىلغان جاپالىق ئەمگەك ئىدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تكريم الله لنبيه داود بالنبوة والملك، وبتسخير الجبال والطير يسبحن بتسبيحه، وإلانة الحديد له.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى داۋۇد ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق ئاتا قىلىش، تاغلارنى ۋە قۇشلارنى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەسبىھ ئېيتىدىغان قىلىپ بويسۇندۇرۇپ بېرىش ھەمدە تۆمۈرنى يۇمشاق قىلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىلتىپات قىلدى.

• تكريم الله لنبيه سليمان عليه السلام بالنبوة والملك.
ئاللاھ يەنە پەيغەمبىرى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغىمۇ پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىقنى ئىلتىپات قىلدى.

• اقتضاء النعم لشكر الله عليها.
نېئمەتلەر ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

• اختصاص الله بعلم الغيب، فلا أساس لما يُدَّعى من أن للجن أو غيرهم اطلاعًا على الغيب.
غەيبنى پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. جىنلارنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ غەيبنى بىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسسىزدۇر.

لَقَدۡ كَانَ لِسَبَإٖ فِي مَسۡكَنِهِمۡ ءَايَةٞۖ جَنَّتَانِ عَن يَمِينٖ وَشِمَالٖۖ كُلُواْ مِن رِّزۡقِ رَبِّكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥۚ بَلۡدَةٞ طَيِّبَةٞ وَرَبٌّ غَفُورٞ
شۈبھىسىزكى، سەبەئ قەبىلىسىنىڭ تۇرالغۇلىرىدا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە نېئمەتلىرىنىڭ ئاشكارا ئالامەتلىرى بار ئىدى. ئۇ ئالامەت ئىككى باغ بولۇپ، بىرى ئوڭ تەرەپتە، يەنە بىرى سول تەرەپتە ئىدى. بىز ئۇلارغا: پەرۋەردىگارىڭلار بەرگەن رىزىقتىن يەڭلار ۋە ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىڭلار. بۇ مۇبارەك شەھەردۇر ۋە بۇ ئاللاھ تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇر، دېدۇق.
تفسیرهای عربی:
فَأَعۡرَضُواْ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سَيۡلَ ٱلۡعَرِمِ وَبَدَّلۡنَٰهُم بِجَنَّتَيۡهِمۡ جَنَّتَيۡنِ ذَوَاتَيۡ أُكُلٍ خَمۡطٖ وَأَثۡلٖ وَشَيۡءٖ مِّن سِدۡرٖ قَلِيلٖ
ئۇلار ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرۈدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتلەرنى ئازابقا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق جازالىدۇق، ئۇلارغا ئۇلۇغ بىر سەل ئەۋەتتۇقكى، ئۇ سەل ئۇلارنىڭ توسمىلىرىنى بۇزۇپ، ئېكىنزارلىقلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ باغلىرىنى ئاچچىق مېۋىلىك باغقا ئۆزگەرتىۋەتتۇق. نەتىجىدە ئۇ باغلاردا مېۋىسىز يۇلغۇنلار بىلەن، ئاز - تولا سىدر دەرىخلا قالدى.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ جَزَيۡنَٰهُم بِمَا كَفَرُواْۖ وَهَلۡ نُجَٰزِيٓ إِلَّا ٱلۡكَفُورَ
ئۇلارنىڭ بۇنداق پاراۋان ھالىتىنىڭ ئۆزگەرتىۋېتىلىشى ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى ۋە شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن بولدى. بىز پەقەت ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا تۇزكورلۇق قىلغانلارنىلا مۇشۇنداق ئېغىر جازالايمز.
تفسیرهای عربی:
وَجَعَلۡنَا بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ ٱلۡقُرَى ٱلَّتِي بَٰرَكۡنَا فِيهَا قُرٗى ظَٰهِرَةٗ وَقَدَّرۡنَا فِيهَا ٱلسَّيۡرَۖ سِيرُواْ فِيهَا لَيَالِيَ وَأَيَّامًا ءَامِنِينَ
بىز يەمەندىكى سەبەئ ئاھالىسى بىلەن بەرىكەتلىك قىلغان شام شەھەرلىرىنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىگە يېقىن كەنتلەرنى بەرپا قىلدۇق، ئۇلار تاكى شامغا يېتىپ بارغانغا قەدەر كەنت بىلەن كەنت ئارىسىدىكى مۇساپىنى ھېرىپ قالماي بېسىپ بولالايدىغان دەرىجىدە ئورۇنلاشتۇردۇق، بىز ئۇلارغا: ئۇ يۇرتلاردا كېچە - كۈندۈزدىن خالىغان ۋاقتىڭلاردا دۈشمەندىن، ئاچلىقتىن ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن خاتىرجەم سەپەر قىلىڭلار، دېدۇق.
تفسیرهای عربی:
فَقَالُواْ رَبَّنَا بَٰعِدۡ بَيۡنَ أَسۡفَارِنَا وَظَلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ فَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَحَادِيثَ وَمَزَّقۡنَٰهُمۡ كُلَّ مُمَزَّقٍۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّكُلِّ صَبَّارٖ شَكُورٖ
ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە مۇساپىلەرنى يېقىنلاشتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! ئاشۇ كەنتلەرنى يوق قىلىۋېتىش ئارقىلىق سەپەرلىرىمىزنىڭ مۇساپىسىنى ئۇزۇن قىلغىنكى، بىز سەپەرنىڭ مۇشەققىتىنى تېتايلى، ئۇلاغلىرىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ نامايان بولسۇن، دېيىشتى. ئۇلار ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى كۆزگە ئىلماي، شۈكۈر قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، ئارىسىدىكى كەمبەغەللەرگە ھەسەت قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى كېيىنكىلەر ئارىسىدا سۆز - چۆچەك قىلدۇق، ئۇلارنى ئۆزئارا تېپىشالمايدىغان دەرىجىدە يۇرت - يۇرتلارغا چېچىۋەتتۇق. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلاردا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتا چىداملىق، گۇناھلاردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان، خاپىلىقلارغا سەۋر قىلالايدىغان، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىدىغان ھەر قانداق كىشىگە ئىبرەت بار.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ صَدَّقَ عَلَيۡهِمۡ إِبۡلِيسُ ظَنَّهُۥ فَٱتَّبَعُوهُ إِلَّا فَرِيقٗا مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئىبلىس ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ھەقىقەتتىن يىراقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت داۋاسىنى ھەقىقەتەن ئىشقا ئاشۇردى. ئىنسانلار كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇقتا ئۇنىڭغا ئەگەشتى. لېكىن بىر تۈركۈم مۇئمىنلەر ئىبلىسقا ئەگەشمەسلىك بىلەن ئۇنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇردى.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ لَهُۥ عَلَيۡهِم مِّن سُلۡطَٰنٍ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يُؤۡمِنُ بِٱلۡأٓخِرَةِ مِمَّنۡ هُوَ مِنۡهَا فِي شَكّٖۗ وَرَبُّكَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٍ حَفِيظٞ
ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان كۈچى يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئۇلارغا (ئازغۇنلۇقنى) پەردازلاپ كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئازدۇرالايتتى. لېكىن بىز ئاخىرەتكە ۋە ئۇ جايدىكى مۇكاپاتلارغا ئىشىنىدىغانلارنى شەك قىلىدىغانلاردىن ئايرىش ئۈچۈن ئىبلىسنىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشىغا رۇخسەت قىلدۇق. ئى پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ھەممە نەرسىنى كۆزەتكۈچىدۇر، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلِ ٱدۡعُواْ ٱلَّذِينَ زَعَمۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ مِثۡقَالَ ذَرَّةٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا لَهُمۡ فِيهِمَا مِن شِرۡكٖ وَمَا لَهُۥ مِنۡهُم مِّن ظَهِيرٖ
ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلىرىمىز دەۋالغان مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرىڭلار، ئۇلار سىلەرگە بىرەر پايدا كەلتۈرۈپ ياكى سىلەردىن خاپىلىقنى كۆتۈرۈۋېتىپ باقسۇن. ئۇلار ئاسمانلاردىمۇ، زېمىندىمۇ زەررىچىلىك نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى يوق، ئاللاھقا ياردەملىشىدىغان ياردەمچىسىمۇ يوق. چۈنكى ئاللاھ شېرىكلەردىن ۋە ياردەمچىلەردىن بىھاجەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الشكر يحفظ النعم، والجحود يسبب سلبها.
شۈكرى نېئمەتلەرنى قوغدايدۇ، تۇزكورلۇق ئۇنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• الأمن من أعظم النعم التي يمتنّ الله بها على العباد.
خاتىرجەملىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا نېئمەتلەردىن بىرىدۇر.

• الإيمان الصحيح يعصم من اتباع إغواء الشيطان بإذن الله.
ساغلام ئىمان ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

• ظهور إبطال أسباب الشرك ومداخله كالزعم بأن للأصنام مُلْكًا أو مشاركة لله، أو إعانة أو شفاعة عند الله.
بۇتلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بار ياكى ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، ياكى بۇتلار ياردەم بېرەلەيدۇ ياكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت قىلالايدۇ، دېگەن بىلجىرلاشلارغا ئوخشاش شېرىكنىڭ سەۋەبلىرى ۋە ئۇنىڭ تەسىرى بولىدىغانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى نامايان قىلىش بۇ ئايەتلەر ئىپادىلىگەن مەنىلەردىندۇر.

وَلَا تَنفَعُ ٱلشَّفَٰعَةُ عِندَهُۥٓ إِلَّا لِمَنۡ أَذِنَ لَهُۥۚ حَتَّىٰٓ إِذَا فُزِّعَ عَن قُلُوبِهِمۡ قَالُواْ مَاذَا قَالَ رَبُّكُمۡۖ قَالُواْ ٱلۡحَقَّۖ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡكَبِيرُ
ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچقانداق شاپائەت ئەسقاتمايدۇ. ئاللاھ تائالا پەقەت ئۆزى رازى بولغانلارنىڭلا شاپائەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ئاللاھ ئاسماندا سۆز قىلغان چاغدا پەرىشتىلەرنىڭ ئۇنىڭ سۆزىگە باش ئېگىپ قاناتلىرىنى قېقىشى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىندۇر. پەرشتىلەرنىڭ قەلبلىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەن چاغدا ئۇلار جىبرىئىلغا: پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دېيىشىدۇ. جىبرىئىل: ھەقنى دېدى، ئۇ زاتىدا ۋە ھۆكۈمرانلىقتا ھەممىدىن ئۈستۈن، ھەممىدىن بۈيۈك، بارچە نەرسە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تۇرىدىغان زاتتۇر، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ قُلِ ٱللَّهُۖ وَإِنَّآ أَوۡ إِيَّاكُمۡ لَعَلَىٰ هُدًى أَوۡ فِي ضَلَٰلٖ مُّبِينٖ
ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: سىلەرگە يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق ئاسمانلاردىن، مول ھوسۇللارنى، زىرائەتلەرنى ۋە مېۋە - چېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىش ئارقىلىق زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقىنى كىم؟ يەنە ئېيتقىنكى، سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقىنى ئاللاھتۇر. - ئەي مۇشرىكلار- چوقۇمكى بىز ياكى سىلەر ئەلۋەتتە توغرا يول ئۈستىدە ياكى روشەن ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇرمىز. دېمەك، بىزنىڭ بىرىمىز شەكسىز شۇنداق. ئەمەلىيەتتە توغرا يولدا بولغانلارنىڭ مۇئمىن، ئازغۇنلارنىڭ مۇشرىكلار ئىكەنلىكىدە قىلچە شەك يوق.
تفسیرهای عربی:
قُل لَّا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّآ أَجۡرَمۡنَا وَلَا نُسۡـَٔلُ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، قىيامەت كۈنى سىلەر بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ھەققىدە سورالمايسىلەر، بىزمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار ھەققىدە سورالمايمىز.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ يَجۡمَعُ بَيۡنَنَا رَبُّنَا ثُمَّ يَفۡتَحُ بَيۡنَنَا بِٱلۡحَقِّ وَهُوَ ٱلۡفَتَّاحُ ٱلۡعَلِيمُ
يەنە ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بىزنى ۋە سىلەرنى بىر يەرگە توپلايدۇ، ئاندىن ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىپ، توغرا قىلغۇچىنى خاتا قىلغۇچىدىن ئايرىيدۇ. ئاللاھ ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، قانداق ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلگۈچى زاتتۇر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرُونِيَ ٱلَّذِينَ أَلۡحَقۡتُم بِهِۦ شُرَكَآءَۖ كَلَّاۚ بَلۡ هُوَ ٱللَّهُ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئىبادەتتە ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالغان نەرسىلەرنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ! ھەرگىز كۆرسىتەلمەيسىلەر. بۇ ئىش سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى بار، دەپ ئويلىغىنىڭلاردەك ئەمەس. ئەكسىچە ئاللاھ تائالا ھېچكىم يېڭەلمەيدىغان، ھەممىدىن غالىب زاتتۇر، يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە باشقۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا كَآفَّةٗ لِّلنَّاسِ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗا وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى تەقۋادارلارغا جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى، كاپىرلار ۋە پاسىقلارنى دوزاختىن ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇنى بىلگەن بولسا ئىدى، سېنى ھەرگىز يالغانغا چىقارمايتتى.
تفسیرهای عربی:
وَيَقُولُونَ مَتَىٰ هَٰذَا ٱلۡوَعۡدُ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
مۇشرىكلار تەھدىت قىلىنغان ئازابنى ئالدىرىتىپ: ئەگەر سىلەر دەۋايىڭلاردا راستچىل بولساڭلار ۋەدە قىلىنغان بۇ ئازاب قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟ دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُل لَّكُم مِّيعَادُ يَوۡمٖ لَّا تَسۡتَـٔۡخِرُونَ عَنۡهُ سَاعَةٗ وَلَا تَسۡتَقۡدِمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئۈچۈن بېكىتىلگەن بىر كۈن بار، ئۇ كۈندىن بىر دەممۇ ئىلگىرى - كېيىن بولمايسىلەر. ئۇ كۈن بولسا قىيامەت كۈنىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ بِهَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ وَلَا بِٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ مَوۡقُوفُونَ عِندَ رَبِّهِمۡ يَرۡجِعُ بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٍ ٱلۡقَوۡلَ يَقُولُ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لَوۡلَآ أَنتُمۡ لَكُنَّا مُؤۡمِنِينَ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار: بىز مۇھەممەد ئۆزىگە نازىل قىلىنغانلىقىنى دەۋا قىلغان قۇرئانغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارغىمۇ ئىشەنمەيمىز، دېيىشتى. - ئەي پەيغەمبەر!- ئەگەر زالىملارنىڭ قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ھېساب ئۈچۈن توختىتىپ قويۇلغان چاغدىكى ھالىتىنى كۆرگەن بولساڭ، (ئەلۋەتتە دەھشەتلىك بىر مەنزىرىنى كۆرگەن بولاتتىڭ). ئۇ چاغدا ئۇلار ئۆزئارا تاكاللىشىپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئارتىشىپ، تاپا - مالامەت قىلىشىدۇ. بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەر دۇنيادا ئۆزلىرىنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغان خوجايىنلىرىغا: ناۋادا سىلەر بىزنى ئازدۇرمىغان بولساڭلار، چوقۇم ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان بولاتتۇق، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• التلطف بالمدعو حتى لا يلوذ بالعناد والمكابرة.
دەۋەت قىلىنغۇچىنىڭ سەركەشلىك ۋە تەكەببۇرلۇق قىلماسلىقى ئۈچۈن مۇلايىم مۇئامىلە قىلىش.

• صاحب الهدى مُسْتَعْلٍ بالهدى مرتفع به، وصاحب الضلال منغمس فيه محتقر.
ھىدايەت تاپقان كىشى ھىدايىتى بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەنلىك سەۋەبتىن ئۈستۈندۇر، ئازغۇن ئازغۇنلۇققا پاتقانلىقى سەۋەبلىك پەستۇر.

• شمول رسالة النبي صلى الله عليه وسلم للبشرية جمعاء، والجن كذلك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى پۈتۈن ئىنسان ۋە جىنلارغا ئومۇمىيدۇر.

قَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُوٓاْ أَنَحۡنُ صَدَدۡنَٰكُمۡ عَنِ ٱلۡهُدَىٰ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَكُمۖ بَلۡ كُنتُم مُّجۡرِمِينَ
ھەقىقەتتىن چوڭچىلىق قىلغان يولباشچىلار، بوزەك قىلىنغان ئەگەشكۈچىلەرگە: بىز سىلەرنى مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتتىن توستۇقمۇ؟ ئۇنداق ئىش يوق. بەلكى سىلەر ئۆزۈڭلار زالىم ۋە بۇزغۇنچى بولدۇڭلار، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱسۡتُضۡعِفُواْ لِلَّذِينَ ٱسۡتَكۡبَرُواْ بَلۡ مَكۡرُ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ إِذۡ تَأۡمُرُونَنَآ أَن نَّكۡفُرَ بِٱللَّهِ وَنَجۡعَلَ لَهُۥٓ أَندَادٗاۚ وَأَسَرُّواْ ٱلنَّدَامَةَ لَمَّا رَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَۚ وَجَعَلۡنَا ٱلۡأَغۡلَٰلَ فِيٓ أَعۡنَاقِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ هَلۡ يُجۡزَوۡنَ إِلَّا مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
خوجايىنلىرى بوزەك قىلغان ئەگەشكۈچىلەر ھەقتىن چوڭچىلىق قىلغان يولباشچىلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: سىلەرنىڭ بىزگە كېچە - كۈندۈز قىلغان ھىيلە - مىكرىڭلار بىزنى توغرا يولدىن توستى. ئەينى چاغدا سىلەر بىزنى ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا، ئۇنى قويۇپ مەخلۇقلارغا چوقۇنۇشقا بۇيرۇيتتىڭلار، دەيدۇ. ئۇلار ئازابنى كۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن چاغدا دۇنيادىكى كۇپۇرلۇقلىرىغا ئىچىدە پۇشايمان قىلىدۇ. بىز كاپىرلارنىڭ بويۇنلىرىغا تاقاقلارنى سالىمىز. ئۇلارنىڭ بۇنداق جازاغا ئۇچرىشى پەقەت دۇنيادىكى ۋاقىتتا ئاللاھتىن باشقىسىغا چوقۇنغانلىقى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلىكى تۈپەيلىدىندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِي قَرۡيَةٖ مِّن نَّذِيرٍ إِلَّا قَالَ مُتۡرَفُوهَآ إِنَّا بِمَآ أُرۡسِلۡتُم بِهِۦ كَٰفِرُونَ
بىز قانداق بىر شەھەرگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتسەكلا، شۇ شەھەردىكى دۆلەتمەنلەر، يۈز - ئابرۇيلۇق، بايلار: -ئەي پەيغەمبەرلەر!- شەكسىزكى بىز سىلەرنىڭ پەيغەمبەرلىكىڭلارغا كاپىر بولغۇچىلارمىز، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ نَحۡنُ أَكۡثَرُ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ
بۇ يۈز - ئابرۇيلۇق كىشىلەر يەنە كۆرەڭلەپ، پەخىرلەنگەن ھالدا: بىزنىڭ مال - ۋارانلىرىمىز ۋە بالا - چاقىلىرىمىز بەك كۆپ. سىلەرنىڭ بىزنى ئازابقا دۇچار بولىدۇ، دەپ بىلجىرلىشىڭلار يالغان. بىز بۇ دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ئازابقا دۇچار بولمايمىز، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئېرىشكەن ھۇزۇر - ھالاۋەتتىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەن بۇ ئادەملەرگە ئېيتقىنكى، پەرۋەردىگارىم ئۆزى خالىغان كىشىنى شۈكۈر قىلامدۇ ياكى تۇزكورلۇق قىلامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى سەۋر قىلامدۇ ياكى ۋايسامدۇ؟ دەپ سىناش ئۈچۈن رىزقىنى تار قىلىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى ئاللاھنىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغانلىقىنى، ھەر قانداق ئىشنى چوقۇم مۇكەممەل ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. بۇنى بىلگەنلەر بىلدى، بىلمىگەنلەر بىلمىدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُم بِٱلَّتِي تُقَرِّبُكُمۡ عِندَنَا زُلۡفَىٰٓ إِلَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَزَآءُ ٱلضِّعۡفِ بِمَا عَمِلُواْ وَهُمۡ فِي ٱلۡغُرُفَٰتِ ءَامِنُونَ
سىلەرنى كۆرەڭلەتكەن مال - دۇنيا ۋە بالا - چاقىلىرىڭلار ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېلىپ بارالمايدۇ. لېكىن ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلار ھەسسىلەپ ئەجىرگە ئېرىشىدۇ. مال - دۇنيانى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىش ئۆز ساھىبىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرالايدۇ. پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىشى بىلەنمۇ يېقىنلىشالايدۇ. ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ئاشۇ مۇئمىنلەرگە، قىلغان ياخشىلىقلىرى ئۈچۈن ھەسىسىلەپ مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئۇلار جەننەتتە ئېگىز سارايلاردا ئازابتىن، ئۆلۈمدىن ۋە نېئمەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەي، خاتىرجەم ياشايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يَسۡعَوۡنَ فِيٓ ءَايَٰتِنَا مُعَٰجِزِينَ أُوْلَٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ
پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىنسانلارنى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن توسۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مەقسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان كاپىرلار بۇ دۇنيادا مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦ وَيَقۡدِرُ لَهُۥۚ وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَهُوَ يُخۡلِفُهُۥۖ وَهُوَ خَيۡرُ ٱلرَّٰزِقِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شۈبھىسىزكى پەرۋەردىگارىم بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنىڭ رىزقىنى تار قىلىدۇ. سىلەر ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلساڭلار، ئاللاھ بۇ دۇنيادا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىسىنى بېرىش، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپات بېرىش ئارقىلىق سىلەرگە ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى رىزىق تەلەپ قىلىدىكەن، ئاللاھقا يالۋۇرسۇن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تبرؤ الأتباع والمتبوعين بعضهم من بعض، لا يُعْفِي كلًّا من مسؤوليته.
ئەگەشكۈچىلەر بىلەن ئەگەشتۈرگۈچىلەرنىڭ بىر - بىرىدىن ئادا - جۇدا بولۇشى ھېچبىرىنى مەسئۇلىيەتتىن خالاس قىلالمايدۇ.

• الترف مُبْعِد عن الإذعان للحق والانقياد له.
راھەت - پاراغەت ھەقىقەتكە بويسۇنۇش ۋە باش ئېگىشتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

• المؤمن ينفعه ماله وولده، والكافر لا ينتفع بهما.
مۇئمىننىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرى ئەسقاتىدۇ، ئەمما كاپىرغا ئەسقاتمايدۇ.

• الإنفاق في سبيل الله يؤدي إلى إخلاف المال في الدنيا، والجزاء الحسن في الآخرة.
ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان (پۇل - مالنىڭ) بۇ دۇنيادا ئورنى تولدۇرۇپ بېرىلسە، ئاخىرەتتە ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە ۋەسىلە بولىدۇ.

وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ يَقُولُ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَهَٰٓؤُلَآءِ إِيَّاكُمۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ
ئى پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىدۇ. ئاندىن مۇشرىكلارنى ئەيىبلەپ، كايىغان ھالدا پەرىشتىلەرگە دەيدۇكى: بۇلار ھاياتىي دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟
تفسیرهای عربی:
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِمۖ بَلۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ ٱلۡجِنَّۖ أَكۡثَرُهُم بِهِم مُّؤۡمِنُونَ
پەرىشتىلەر ئېيتىدۇ: سەن پاك ھەم مۇقەددەسسەن. بىزنىڭ ئىگىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا دوستلۇق يوق. بەلكى بۇلار شەيتانلارغا چوقۇناتتى، شەيتانلار ئۇلار ئۈچۈن پەرىشتە سىياقىغا كىرىۋالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەيتانلارغا ئىشىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَٱلۡيَوۡمَ لَا يَمۡلِكُ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٖ نَّفۡعٗا وَلَا ضَرّٗا وَنَقُولُ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذُوقُواْ عَذَابَ ٱلنَّارِ ٱلَّتِي كُنتُم بِهَا تُكَذِّبُونَ
پۈتكۈل خالايىق توپلىنىپ، ھېساب بېرىدىغان كۈنىدە مەبۇدلار دۇنيادا ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە چوقۇنغانلارغا قىلچە پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. بىز كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا: دۇنيادىكى چېغىڭلاردا ئىنكار قىلغان دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار، دەيمىز.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا بَيِّنَٰتٖ قَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّا رَجُلٞ يُرِيدُ أَن يَصُدَّكُمۡ عَمَّا كَانَ يَعۡبُدُ ءَابَآؤُكُمۡ وَقَالُواْ مَا هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٞ مُّفۡتَرٗىۚ وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِلۡحَقِّ لَمَّا جَآءَهُمۡ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّا سِحۡرٞ مُّبِينٞ
ئەگەر سەن پەيغەمبىرىمىزگە نازىل قىلىنغان، ھېچقانداق چۈشىنىكسىزلىك بولمىغان ئايەتلىرىمىزنى ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچى مۇشرىكلارغا ئوقۇپ بەرسەڭ ئۇلار: بۇنى ئېلىپ كەلگە بۇ ئادەم پەقەت سىلەرنى ئاتا بوۋاڭلار چوقۇنۇپ كەلگەن مەبۇدلىرىڭلاردىن بۇرۇۋەتمەكچى، دېيىشىدۇ. ئۇلار يەنە: بۇ قۇرئان پەقەت مۇشۇ ئادەم ئاللاھ نامىدىن ئويدۇرۇپ چىققان يالغاندۇر، دەيدۇ. ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قۇرئان كەلگەن چاغدا: بۇ پەقەت ئوپئوچۇق سېھىردۇر. چۈنكى بۇ ئەرنى ئايالدىن، بالىنى دادىدىن ئايرىۋەتتى، دېيىشتى.
تفسیرهای عربی:
وَمَآ ءَاتَيۡنَٰهُم مِّن كُتُبٖ يَدۡرُسُونَهَاۖ وَمَآ أَرۡسَلۡنَآ إِلَيۡهِمۡ قَبۡلَكَ مِن نَّذِيرٖ
بىز ئۇلارغا بۇ قۇرئاننىڭ مۇھەممەد ئويدۇرۇپ چىققان يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانغا ئوقۇيدىغان كىتابلارنى بەرگىنىمىز يوق. ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكىنىمىزمۇ يوق.
تفسیرهای عربی:
وَكَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَمَا بَلَغُواْ مِعۡشَارَ مَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ فَكَذَّبُواْ رُسُلِيۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ئىدى، سېنىڭ قەۋمىڭ ئىچىدىكى مۇشرىكلار ئىلگىرىكى ئۇممەتلەرنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتى، مال - دۇنيالىرى ۋە ئادەم سانىنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرلىرىنى ئىنكار قىلغان بولۇپ، ئۇلارغا بېرىلگەن مال - دۇنيا ، كۈچ - قۇۋۋەت ۋە سانىنىڭ كۆپلۈكى قىلچە ئەسقاتمىدى، ئۇلار مېنىڭ ئازابىمغا دۇچار بولدى. ئى پەيغەمبەر! ئويلاپ باق، ئۇلار مېنى قانداق ئىنكار قىلدى؟ مەن ئۇلارنى قانداق جازالىدىم؟
تفسیرهای عربی:
۞ قُلۡ إِنَّمَآ أَعِظُكُم بِوَٰحِدَةٍۖ أَن تَقُومُواْ لِلَّهِ مَثۡنَىٰ وَفُرَٰدَىٰ ثُمَّ تَتَفَكَّرُواْۚ مَا بِصَاحِبِكُم مِّن جِنَّةٍۚ إِنۡ هُوَ إِلَّا نَذِيرٞ لَّكُم بَيۡنَ يَدَيۡ عَذَابٖ شَدِيدٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكارلاغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە كۆيۈنگەن ئاساستا مۇنداق بىر ئىشقا تەۋسىيە قىلاي: سىلەر ھاۋايى - ھەۋەسلىرىڭلاردىن خالىي ھالدا ئاللاھ ئۈچۈن ئىككىدىن - ئىككىدىن ياكى يالغۇز تۇرۇپ، ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد) نىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار. ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقىنى، راستچىللىقىنى ۋە ئامانەتچانلىقىنى سىلەرمۇ بىلىسىلەر. (مۇشۇنداق قىلساڭلار) ئۇنىڭ ساراڭ ئەمەسلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر. ئۇ پەقەت ئەگەر سىلەر شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلاردىن ئاللاھقا تەۋبە قىلمىساڭلار، سىلەرنى قاتتىق ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ مَا سَأَلۡتُكُم مِّنۡ أَجۡرٖ فَهُوَ لَكُمۡۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَى ٱللَّهِۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدٞ
ئى پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، مەن سىلەرگە ھىدايەت ۋە ياخشىلىق ئېلىپ كەلگىنىم ئۈچۈن سىلەردىنمۇكاپات ياكى ھەق تەلەپ قىلغىنىم يوق، - ئەمەلىيەتتە بۇ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىش-، ئۇ سىلەرنىڭ بولسۇن. مېنىڭ مۇكاپاتىمنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ بېرىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇ مېىڭ سىلەرگە يەتكۈزگەنلىكىمنىمۇ، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنىمۇ كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئاندىن سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِنَّ رَبِّي يَقۡذِفُ بِٱلۡحَقِّ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، شەكسىزكى پەرۋەردىگارىم ھەقنى باتىلدىن ئۈستۈن قىلىپ، باتىلنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئۇ غەيىبلەرنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاسمانلاردىمۇ، زېمىندىمۇ ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىمۇ مەخپىي قالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• التقليد الأعمى للآباء صارف عن الهداية.
ئاتا - ئەجدادلىرىنى قارىغۇلارچە دوراش ھىدايەتتىن توسۇپ قويىدۇ.

• التفكُّر مع التجرد من الهوى وسيلة للوصول إلى القرار الصحيح، والفكر الصائب.
ھاۋايى - ھەۋەستىن خالىي ھالدا تەپەككۇر قىلىش، توغرا قارار ۋە توغرا پىكىرگە يېتىشنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.

• الداعية إلى الله لا ينتظر الأجر من الناس، وإنما ينتظره من رب الناس.
ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ئىنسانلاردىن مۇكاپات كۈتمەيدۇ، ئۇ مۇكاپاتىنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كۈتىدۇ.

قُلۡ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَمَا يُبۡدِئُ ٱلۡبَٰطِلُ وَمَا يُعِيدُ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتنى ئىنكار قىغان مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ھەق بولغان ئىسلام كەلدى، باتىلنىڭ قىلچە ئىزى ياكى كۈچىمۇ قالماي يوقالدى. ئەمدى قايتا باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِن ضَلَلۡتُ فَإِنَّمَآ أَضِلُّ عَلَىٰ نَفۡسِيۖ وَإِنِ ٱهۡتَدَيۡتُ فَبِمَا يُوحِيٓ إِلَيَّ رَبِّيٓۚ إِنَّهُۥ سَمِيعٞ قَرِيبٞ
ئى پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچى مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر مەن سىلەرگە يەتكۈزگەنلىرىمدە ھەقتىن ئازغان بولسام، ئازغۇنلۇقۇمنىڭ ۋابالى ئۆزۈمگە، سىلەرگە ھېچقانداق زىيىنى يوق. ئەگەر توغرا قىلغان بولسام، پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغانلىرى سەۋەبىدىندۇر. شەكسىزكى ئۇ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر ھەم ئۇلارغا يېقىندۇر. مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلاش ئۇنىڭغا تەس كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ فَزِعُواْ فَلَا فَوۡتَ وَأُخِذُواْ مِن مَّكَانٖ قَرِيبٖ
ئى پەيغەمبەر! ناۋادا بۇ ئىنكارچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئازابنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چاغدا قېچىپ، يوشۇرۇنىدىغان جاي تاپالمايۋاتقانلىقىنى، دەسلەپكى مىنۇتتىلا يېقىن جايدىن ئاسانلا تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ، ئەلۋەتتە ھەيران قالارلىق ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُوٓاْ ءَامَنَّا بِهِۦ وَأَنَّىٰ لَهُمُ ٱلتَّنَاوُشُ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ئۇلار ئاقىۋىتىنى بىلىپ يەتكەن چاغدا: «بىز قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتتۇق» دەيدۇ. ئۇلار ئىمان قوبۇل قىلىنىدىغان جايدىن ئاللىبۇرۇن يىراقلاپ كەتكەن تۇرسا، ئۇلارنىڭ ئىمانى قانداقمۇ قوبۇل قىلىنىسۇن؟ چۈنكى ئۇلار ئەمدى جازا - مۇكاپاتسىز ئەمەلنىڭ ئورنى بولغان دۇنيادىن ئەمەلسىز جازا - مۇكاپاتنىڭ ئورنى بولغان ئاخىرەتكە چىقتى.
تفسیرهای عربی:
وَقَدۡ كَفَرُواْ بِهِۦ مِن قَبۡلُۖ وَيَقۡذِفُونَ بِٱلۡغَيۡبِ مِن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ
ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا كاپىر بولغان تۇرسا، ئىمانى قانداقمۇ قوبۇل قىلىنسۇن؟ ئۇلار ھەقنى تېپىشتىن تولىمۇ يىراق ھالدا قارىسىغا بىلجىرلاپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى سېھىرگەر، كاھىن، شائىر دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَحِيلَ بَيۡنَهُمۡ وَبَيۡنَ مَا يَشۡتَهُونَ كَمَا فُعِلَ بِأَشۡيَاعِهِم مِّن قَبۡلُۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ فِي شَكّٖ مُّرِيبِۭ
بۇ ئىنكارچىلار ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرىگە ئېرىشىشتىن، كۇپرىدىن تەۋبە قىلىشتىن، دوزاختىن قۇتۇلۇشتىن ۋە ھاياتىي دۇنياغا قايتىشتىن چەكلەندى. ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئىنكارچى ئۈممەتلەرمۇ مۇشۇلارغا ئوخشاش جازالانغان ئىدى. چۈنكى ئۇلارمۇ ئاللاھنى يەككە - يېگانە دەپ بىلىش ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىشتىن ئىبارەت پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىدىن شەك قىلغان ئىدى. شەك قىلىش كۇپۇرلۇققا تۈرتكە بولىدىغان ئامىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مشهد فزع الكفار يوم القيامة مشهد عظيم.
قىيامەت كۈنى كاپىرلار ئالاقىزادە بولغان كۆرۈنۈش بۈيۈك بىر كۆرۈنۈشتۇر.

• محل نفع الإيمان في الدنيا؛ لأنها هي دار العمل.
ئىماننىڭ پايدىسى بولىدىغان جاي مۇشۇ دۇنيادۇر، چۈنكى بۇ ئەمەل دۇنياسىدۇر.

• عظم خلق الملائكة يدل على عظمة خالقهم سبحانه.
پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ كاتتىلىقى ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره سبأ
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن