ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره فاطر   آیه:

سۈرە پاتىر

از اهداف این سوره:
بيان فقر العباد المطلق إلى فاطر السماوات والأرض، وكمال غناه عنهم.
ئىنسانلارنىڭ ئاسمانلارنى ياراتقۇچى زاتقا بولغان ئېھتىياجى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلاردىن ھەر تەرەپتىن بىھاجەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش.

ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ فَاطِرِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ جَاعِلِ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ رُسُلًا أُوْلِيٓ أَجۡنِحَةٖ مَّثۡنَىٰ وَثُلَٰثَ وَرُبَٰعَۚ يَزِيدُ فِي ٱلۡخَلۡقِ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
بارلىق ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقان ئاللاھقا خاستۇر. ئۇ پەرىشتىلەر ئىچىدىن تەقدىردە پۈتۈلگەن بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئەلچىلەرنى قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەرلەرگە ۋەھىي يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاللاھ تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىشىغا كۈچ قاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق ھەم تۆت قاناتلىقلىرىمۇ بار. ئۇلار شۇ قاناتلىرى بىلەن پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇچىدۇ. ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلىرىغا ئۆزى خالىغان بىرەر ئەزانى ياكى گۈزەللىكنى ياكى ئاۋازنى ئارتۇق بېرىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَّا يَفۡتَحِ ٱللَّهُ لِلنَّاسِ مِن رَّحۡمَةٖ فَلَا مُمۡسِكَ لَهَاۖ وَمَا يُمۡسِكۡ فَلَا مُرۡسِلَ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
ھەر نەرسىنىڭ ئاچقۇچلىرى ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر. ئاللاھ ئىنسانلارغا رىزىق، ھىدايەت ۋە بەخت - سائادەتتىن نېمىنىڭ ئىشىكىنى ئاچسا، ئۇنىڭغا ھېچكىم توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ، تۇتۇپمۇ قالالمايدۇ. شۇنداقلا ئاللاھ ئۇنى توسۇپ قالسا، ھېچكىم قويۇپمۇ بېرەلمەيدۇ. ئاللاھ غالىبتۇركى، ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ. ئۇ يارىتىشىدا، ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ۋە پىلانلىشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡۚ هَلۡ مِنۡ خَٰلِقٍ غَيۡرُ ٱللَّهِ يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِۚ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ فَأَنَّىٰ تُؤۡفَكُونَ
ئەي ئىنسانلار! دىلىڭلار ، تىلىڭلار ۋە ئەمەلىيىتىڭلار ئارقىلىق ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇش ھەمدە زېمىندىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ۋە زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سىلەرگە رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ئاللاھتىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇد يوق. شۇنداق تۇرۇپ سىلەر قانداقسىگە بۇ ھەقىقەتتىن بۇرۇلۇپ، ئاللاھقا يالغاننى توقۇپ، ئۇنىڭ شېرىكلىرى بار، دەپ بىلجىرلايسىلەر؟ ھالبۇكى ئۇ سىلەرنى ياراتقان ھەم رىزىق بەرگەن زاتتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مشهد فزع الكفار يوم القيامة مشهد عظيم.
قىيامەت كۈنى كاپىرلار ئالاقىزادە بولغان كۆرۈنۈش بۈيۈك بىر كۆرۈنۈشتۇر.

• محل نفع الإيمان في الدنيا؛ لأنها هي دار العمل.
ئىماننىڭ پايدىسى بولىدىغان جاي مۇشۇ دۇنيادۇر، چۈنكى بۇ ئەمەل دۇنياسىدۇر.

• عظم خلق الملائكة يدل على عظمة خالقهم سبحانه.
پەرىشتىلەرنىڭ يارىتىلىشىنىڭ كاتتىلىقى ئاللاھنىڭ كاتتىلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كُذِّبَتۡ رُسُلٞ مِّن قَبۡلِكَۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر قەۋمىڭ سېنى ئىنكار قىلسا سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن قەۋمى ئىنكار قىلغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەس. سەندىن ئىلگىرىكى ئاد، سەمۇد ۋە لۇتنىڭ قەۋمىگە ئوخشاش ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. پۈتۈن ئىشلار يالغۇز ئاللاھ بېكىتكەن بويىچە بولىدۇ. ئاللاھ ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىپ، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە مۇئمىنلەرگە نۇسرەت بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ فَلَا تَغُرَّنَّكُمُ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَلَا يَغُرَّنَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ
ئى ئىنسانلار! -قىيامەت كۈنىدىكى قايتا تىرىلىش ۋە جازا - مۇكاپاتتىن ئىبارەت- ئاللاھ ۋەدە قىلغان ئىشلار شەكسىز ھەقىقەتتۇر. شۇڭا ھاياتى دۇنيانىڭ ھۇزۇر - ھالاۋەتلىرى سىلەرنى بۇ كۈن ئۈچۈن ياخشى ئەمەللەر بىلەن تەييارلىق قىلىشتىن ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ باتىلنى چىرايلىق كۆرسىتىشى ۋە ھاياتىي دۇنياغا بېرىلىپ كېتىش سىلەرنى ئالداپ قويمىسۇن.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلشَّيۡطَٰنَ لَكُمۡ عَدُوّٞ فَٱتَّخِذُوهُ عَدُوًّاۚ إِنَّمَا يَدۡعُواْ حِزۡبَهُۥ لِيَكُونُواْ مِنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلسَّعِيرِ
ئەي ئىنسانلار! شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە مەڭگۈلۈك دۈشمەندۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا داۋاملىق قارشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئۇنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار. شەيتان پەقەت ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئاقىۋىتى لاۋۇلداپ تۇرغان دوزاخ ئوتىغا كىرىش بولۇشى ئۈچۈن ئاللاھقا كاپىر بولۇشقا چاقىرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَهُم مَّغۡفِرَةٞ وَأَجۡرٞ كَبِيرٌ
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە نائىل بولىدۇ ھەم ئۇلارغا جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپات بېرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَفَمَن زُيِّنَ لَهُۥ سُوٓءُ عَمَلِهِۦ فَرَءَاهُ حَسَنٗاۖ فَإِنَّ ٱللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَآءُ وَيَهۡدِي مَن يَشَآءُۖ فَلَا تَذۡهَبۡ نَفۡسُكَ عَلَيۡهِمۡ حَسَرَٰتٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا يَصۡنَعُونَ
شەيتان يامان ئىشنى چىرايلىق كۆرسەتسە، ئۇنى ياخشى ئىش دەپ ئويلاپ قالغان ئادەم، ئاللاھ ھەقىقەتنى چىرايلىق كۆرسەتسە، ئۇنى ھەق دەپ ئېتىقاد قىلغان ئادەمگە ئوخشاش ئەمەس. ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ. ئاللاھنى مەجبۇرلىغۇچى يوق. -ئى پەيغەمبەر!- ئازغۇنلارنىڭ ئازغۇنلۇقىغا قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى تۈگەشتۈرۈۋەتمىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَٱللَّهُ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَسُقۡنَٰهُ إِلَىٰ بَلَدٖ مَّيِّتٖ فَأَحۡيَيۡنَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ كَذَٰلِكَ ٱلنُّشُورُ
ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتلارنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ھېچقانداق ئۆسۈملۈك يوق يۇرتقا ھەيدىدۇق، ئاندىن بىز ئۇنىڭ سۈيى بىلەن قۇرۇپ كەتكەن زېمىندا ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تىرىلدۈردۇق. شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىشىمۇ بىزنىڭ مۇشۇ زېمىننى قاقاسلىققا ئايلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق تىرگۈزگىنىمىزگە ئوخشاش بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَن كَانَ يُرِيدُ ٱلۡعِزَّةَ فَلِلَّهِ ٱلۡعِزَّةُ جَمِيعًاۚ إِلَيۡهِ يَصۡعَدُ ٱلۡكَلِمُ ٱلطَّيِّبُ وَٱلۡعَمَلُ ٱلصَّٰلِحُ يَرۡفَعُهُۥۚ وَٱلَّذِينَ يَمۡكُرُونَ ٱلسَّيِّـَٔاتِ لَهُمۡ عَذَابٞ شَدِيدٞۖ وَمَكۡرُ أُوْلَٰٓئِكَ هُوَ يَبُورُ
كىمكى دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنى پەقەت ئاللاھتىنلا تىلىسۇن. چۈنكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى پۈتۈن شەرەپ ئاللاھقا خاستۇر. بەندىنىڭ ياخشى سۆزلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ئاللاھ ياخشى بەندىسىنىڭ ئەمىلىنى دەرگاھىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ. -پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشقا ئوخشاش- سۇيىقەست پىلانلىغانلار ئېغىر ئازابقا دۇچار بولىدۇ. كاپىرلارنىڭ ھىيلە - مىكرىلىرى بەربات بولىدۇ، مەقسىتى ئىشقا ئاشمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱللَّهُ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ مِن نُّطۡفَةٖ ثُمَّ جَعَلَكُمۡ أَزۡوَٰجٗاۚ وَمَا تَحۡمِلُ مِنۡ أُنثَىٰ وَلَا تَضَعُ إِلَّا بِعِلۡمِهِۦۚ وَمَا يُعَمَّرُ مِن مُّعَمَّرٖ وَلَا يُنقَصُ مِنۡ عُمُرِهِۦٓ إِلَّا فِي كِتَٰبٍۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
ئاللاھ ئاتاڭلار ئادەمنى تۇپراقتىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئابى مەنىيدىن ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئۆز - ئارا تويلىشىدىغان ئەر - ئاياللار قىلدى. ھەرقانداق ئايال ھامىلدار بولۇپ، تۇغسا ئاللاھ ئۇنى چوقۇم بىلىپ تۇرىدۇ، ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ ئىلمىدىن چەتتە قالمايدۇ. ھەر كىمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلگەندۇر. شەكسىزكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان -سىلەرنىڭ (دەسلەپتە) تۇپراقتىن يارىتلىشىڭلار، (ئاندىن) بىر قانچە باسقۇچتا يارىتىلىشىڭلار، ئۆمرۈڭلارنىڭ لەۋھۇلمەھپۇزغا پۈتۈلۈشى قاتارلىق ئىشلار- ئاللاھقا قولايدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تسلية الرسول صلى الله عليه وسلم بذكر أخبار الرسل مع أقوامهم.
پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋملىرى بىلەن بولغان ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىش ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تەسەللىي بېرىش.

• الاغترار بالدنيا سبب الإعراض عن الحق.
دۇنياغا ئالدىنىپ قېلىش ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈشكە سەۋەب بولىدۇ.

• اتخاذ الشيطان عدوًّا باتخاذ الأسباب المعينة على التحرز منه؛ من ذكر الله، وتلاوة القرآن، وفعل الطاعة، وترك المعاصي.
ئاللاھنى ياد ئېتىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، تائەت - ئىبادەت قىلىش ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى تاشلاش قاتارلىق شەيتاندىن ساقلىنىشنىڭ مۇئەييەن سەۋەبلىرىنى قىلىش ئارقىلىق شەيتاننى دۈشمەن تۇتۇش.

• ثبوت صفة العلو لله تعالى.
يۈكسەكلىك سۈپىتىنى ئاللاھقا ئىسپاتلاش.

وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡبَحۡرَانِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ سَآئِغٞ شَرَابُهُۥ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞۖ وَمِن كُلّٖ تَأۡكُلُونَ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُونَ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس: يەنى بىرىنىڭ سۈيى ناھايىتى تاتلىق بولۇپ، تاتلىقلىقىدىن ئىچىش ئاسان. يەنە بىرى تۇزلۇق، ئاچچىق بولغاچقا، قاتتىق تۇزلۇقلۇقىدىن ئىچكىلى بولمايدۇ. سىلەر مەزكۇر ئىككى دېڭىزدىن بېلىق گۆشلىرىنى يېڭى پېتى يەيسىلەر، كىيىم - كېچەكلىرىڭلارنى زىننەتلەيدىغان ئۈنچە - مارجانلارنى سۈزۈۋالىسىلەر. -ئەي كۆزى كۆرىدىغان ئىنسان!- كېمىلەرنىڭ دېڭىز دولقۇنلىرىنى يېرىپ ئۇياق - بۇياققا مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. (بۇ) سىلەرنىڭ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەزلى - مەرھەمىتىنى تىلىشىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ سىلەرگە كۆپلىگەن نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
يُولِجُ ٱلَّيۡلَ فِي ٱلنَّهَارِ وَيُولِجُ ٱلنَّهَارَ فِي ٱلَّيۡلِ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ كُلّٞ يَجۡرِي لِأَجَلٖ مُّسَمّٗىۚ ذَٰلِكُمُ ٱللَّهُ رَبُّكُمۡ لَهُ ٱلۡمُلۡكُۚ وَٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِهِۦ مَا يَمۡلِكُونَ مِن قِطۡمِيرٍ
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۈندۈزنى ئۇزۇن قىلىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېچىنى ئۇزۇن قىلىدۇ. ئاللاھ قۇياش بىلەن ئاينى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئۇلاردىن ھەر بىرى قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت پەقەت ئاللاھلا بىلىدىغان مۇئەييەن مۇددەتكىچە توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداق بولۇشىنى بېكىتكەن ھەم ئۇنى ماڭدۇرغان زات پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھتۇر. پادىشاھلىق يالغۇز ئۇنىڭغا خاستۇر. سىلەر ئۇنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خورمىنىڭ ئۇرۇقىدىكى يىپقا چاغلىق نەرسىگە ئىگە بولالمايدۇ. (شۇنداق تۇرۇپ) سىلەر قانداقسىگە ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر؟
تفسیرهای عربی:
إِن تَدۡعُوهُمۡ لَا يَسۡمَعُواْ دُعَآءَكُمۡ وَلَوۡ سَمِعُواْ مَا ٱسۡتَجَابُواْ لَكُمۡۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُونَ بِشِرۡكِكُمۡۚ وَلَا يُنَبِّئُكَ مِثۡلُ خَبِيرٖ
ئەگەر سىلەر مەبۇدلىرىڭلارنى چاقىرساڭلار، ئۇلار چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار جانسىز بولۇپ، ئۇلاردا نە ھاياتلىق، نە ئاڭلاش يوق. ئۇلار سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىدى دېگەن تەقدىردىمۇ -پەرزەن- ھەرگىز سىلەرگە ئىنكاس قايتۇرالمايدۇ. قىيامەت كۈنى ئۇلار سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا چوقۇنغانلىقىڭلاردىن تېنىۋالىدۇ. -ئى پەيغەمبەر!- ساڭا بۇلارنى ئېيتىپ بېرىدىغان ئاللاھتىن راستچىلراق بىرەرسى يوق.
تفسیرهای عربی:
۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ أَنتُمُ ٱلۡفُقَرَآءُ إِلَى ٱللَّهِۖ وَٱللَّهُ هُوَ ٱلۡغَنِيُّ ٱلۡحَمِيدُ
ئى ئىنسانلار! سىلەر پۈتۈن ئىشلىرىڭلاردا ۋە ھەر قانداق ھالەتتە ئاللاھقا موھتاجسىلەر. ئاللاھ ھەممىدىن بىھاجەت بولۇپ، ھېچ ئىشتا سىلەرگە ئېھتىياجى چۈشۈپ قالمايدۇ. ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلىرىگە تەقدىر قىلغان ھەر ئىشتا ماختاشقا سازاۋەردۇر.
تفسیرهای عربی:
إِن يَشَأۡ يُذۡهِبۡكُمۡ وَيَأۡتِ بِخَلۡقٖ جَدِيدٖ
ئەگەر ئاللاھ سىلەرنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق يوقىتىشنى خالىسا، ئەلۋەتتە سىلەرنى يوق قىلىپ، ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىبادەت قىلىدىغان، ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ بِعَزِيزٖ
سىلەرنى ھالاك قىلىش ئارقىلىق يوقىتىۋېتىپ، ئورنۇڭلارغا يېڭى بىر خەلقنى كەلتۈرۈش ئاللاھقا تەس ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٞ وِزۡرَ أُخۡرَىٰۚ وَإِن تَدۡعُ مُثۡقَلَةٌ إِلَىٰ حِمۡلِهَا لَا يُحۡمَلۡ مِنۡهُ شَيۡءٞ وَلَوۡ كَانَ ذَا قُرۡبَىٰٓۗ إِنَّمَا تُنذِرُ ٱلَّذِينَ يَخۡشَوۡنَ رَبَّهُم بِٱلۡغَيۡبِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَۚ وَمَن تَزَكَّىٰ فَإِنَّمَا يَتَزَكَّىٰ لِنَفۡسِهِۦۚ وَإِلَى ٱللَّهِ ٱلۡمَصِيرُ
ھېچبىر گۇناھكار بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ، ئەكسىچە ھەر كىم ئۆز گۇناھىغا مەسئۇلدۇر. ناۋادا گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم بىراۋنى ئۆز گۇناھىدىن ئازراق بىر قىسمىنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلسا، گەرچە ئۇ يېقىن ئۇرۇق - تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ گۇناھلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئۈستىگە ئالغىلى ئۇنىمايدۇ. -ئەي پەيغەمبەر!- سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ قورقىدىغان، نامازلىرىنى مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىدىغانلارنىلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتالايسەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ قورقۇتۇشۇڭدىن پايدىلىنالايدۇ. -ئەڭ چوڭى شېرىك بولغان- گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن پاكلانغان كىشى پەقەت ئۆزىنى پاكلىغان بولىدۇ. چۈنكى بۇنىڭ پايدىسىنى ئۆزى كۆرىدىغان بولۇپ، ئاللاھ ئۇنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىدىن بىھاجەتتۇر. قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن قايتىپ بارىدىغان جاي پەقەت ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تسخير البحر، وتعاقب الليل والنهار، وتسخير الشمس والقمر: من نعم الله على الناس، لكن الناس تعتاد هذه النعم فتغفل عنها.
دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بېرىش، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرۇشى، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرۇپ بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن نېئمەتلىرىدىندۇر. لېكىن ئىنسانلار بۇ نېئمەتلەرگە كۆنۈپ كەتكەن بولغاچقا، ئۇ نېئمەتلەردىن بىخۇتلىشىپ قالىدۇ.

• سفه عقول المشركين حين يدعون أصنامًا لا تسمع ولا تعقل.
ئاڭلىمايدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغان بۇتلارغا سىغىنىش مۇشرىكلارنىڭ دۆتلۈكىدۇر.

• الافتقار إلى الله صفة لازمة للبشر، والغنى صفة كمال لله.
ئاللاھقا موھتاجلىق ئىنساننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بىر سۈپەت بولۇپ، بىھاجەتلىك ئاللاھنىڭ مۇكەممەللىك سۈپىتىدۇر.

• تزكية النفس عائدة إلى العبد؛ فهو يحفظها إن شاء أو يضيعها.
نەپسىنى پاكلىغاننىڭ پايدىسى بەندىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. شۇڭا ئەگەر خالىسا نەپسىنى پاكلاشقا كۆڭۈل بۆلسۇن، خالىسا نابۇت قىلىۋەتسۇن.

وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَعۡمَىٰ وَٱلۡبَصِيرُ
كور ئادەم بىلەن كۆزى كۆرىدىغان ئادەم ئوخشاش بولمىغىنىدەك، كاپىر بىلەن مۇئمىنمۇ تەڭ دەرىجىدە بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا ٱلظُّلُمَٰتُ وَلَا ٱلنُّورُ
زۇلمەت بىلەن نۇر باراۋەر بولمىغىنىدەك كۇپرى بىلەن ئىمانمۇ باراۋەر بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا ٱلظِّلُّ وَلَا ٱلۡحَرُورُ
سايە بىلەن ئىسسىق شامال باراۋەر بولمىغىنىدەك جەننەت بىلەن دوزاخمۇ تەسىرىدە باراۋەر بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا يَسۡتَوِي ٱلۡأَحۡيَآءُ وَلَا ٱلۡأَمۡوَٰتُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُسۡمِعُ مَن يَشَآءُۖ وَمَآ أَنتَ بِمُسۡمِعٖ مَّن فِي ٱلۡقُبُورِ
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر باراۋەر بولمىغىنىدەك مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارمۇ باراۋەر بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ھىدايىتىنى ئاڭلىتىدۇ. -ئى پەيغەمبەر!- سەن قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەرگە ئوخشايدىغان كاپىرلارغا ئاڭلىتالمايسەن.
تفسیرهای عربی:
إِنۡ أَنتَ إِلَّا نَذِيرٌ
سەن پەقەت ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن.
تفسیرهای عربی:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗاۚ وَإِن مِّنۡ أُمَّةٍ إِلَّا خَلَا فِيهَا نَذِيرٞ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن بىز سېنى ئاللاھ مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان كاتتا مۇكاپات بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى، كاپىرلارنى ئاللاھ تەييارلىغان دەرتلىك ئازابتىن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ شەكسىز ھەقىقەت بىلەن ئەۋەتتۇق. ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ھەر بىرىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلگەن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِن يُكَذِّبُوكَ فَقَدۡ كَذَّبَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ جَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَبِٱلزُّبُرِ وَبِٱلۡكِتَٰبِ ٱلۡمُنِيرِ
ئى پەيغەمبەر! قەۋمىڭ سېنى ئىنكار قىلسا سەۋر قىلغىن. چۈنكى سەن قەۋمى ئىنكار قىلغان تۇنجى پەيغەمبەر ئەمەسسەن. مەسىلەن، ئاد، سەمۇد ۋە لۇت قەۋمىگە ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن دەلىل - پاكىتلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ ئۇلارنى ئىنكار قىلىشتى. پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا، يەنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىدىغان كىشىلەرگە سەھىپىلەرنى ۋە نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ أَخَذۡتُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۖ فَكَيۡفَ كَانَ نَكِيرِ
شۇنداقتىمۇ ئۇلار يەنىلا ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىشىپ، پەيغەمبەرلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەردە ئۇلارغا ئىشەنمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كاپىرلارنى ھالاك قىلدىم. -ئى پەيغەمبەر!- ئويلىنىپ باققىن، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلغاندا ئۇلارغا بەرگەن جازايىم قانداق بوپتۇ؟
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجۡنَا بِهِۦ ثَمَرَٰتٖ مُّخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهَاۚ وَمِنَ ٱلۡجِبَالِ جُدَدُۢ بِيضٞ وَحُمۡرٞ مُّخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهَا وَغَرَابِيبُ سُودٞ
ئى پەيغەمبەر! كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، ئاندىن بىز ئاشۇ يامغۇر ئارقىلىق دەل - دەرەخلەرنى سوغۇرغاندىن كېيىن قىزىل، يېشىل، سېرىق ۋە باشقا رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردۇق. تاغلارنىڭ ئىچىدە ئاق، قىزىل ۋە قاپقارا يوللۇقلىرىمۇ بار.
تفسیرهای عربی:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ وَٱلدَّوَآبِّ وَٱلۡأَنۡعَٰمِ مُخۡتَلِفٌ أَلۡوَٰنُهُۥ كَذَٰلِكَۗ إِنَّمَا يَخۡشَى ٱللَّهَ مِنۡ عِبَادِهِ ٱلۡعُلَمَٰٓؤُاْۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ غَفُورٌ
شۇنىڭدەك ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە چاھارپايلارنىڭمۇ رەڭلىرى خىلمۇخىلدۇر. پەقەت ئالىملارلا ئاللاھنىڭ ماقامىنى ئۇلۇغ بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى، شەرىئىتىنى ۋە قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى بىلىدۇ. ئاللاھ شەكسىز غالىبتۇركى، ھېچكىم ئۇنى يېڭەلمەيدۇ. بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَتۡلُونَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَأَنفَقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ يَرۡجُونَ تِجَٰرَةٗ لَّن تَبُورَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان كىتابىنى ئوقۇيدىغان ۋە ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارغا ئەمەل قىلىدىغان، نامازنى ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئادا قىلغان، بىز بەرگەن رىزىقتىن زاكات ئايرىغان ھەمدە مەخپىي ۋە ئاشكارا ھالدا باشقا يوللارغا چىقىم قىلغانلار ئاشۇ ئەمەللىرى ئارقىلىق ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ھەرگىز كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدىغانلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
لِيُوَفِّيَهُمۡ أُجُورَهُمۡ وَيَزِيدَهُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ غَفُورٞ شَكُورٞ
ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمەت قىلىپ ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇشۇنداق قىلىشقا ئەڭ لايىقتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇشۇنداق سۈپەتلەرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەللىرىگە كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• نفي التساوي بين الحق وأهله من جهة، والباطل وأهله من جهة أخرى.
ھەق بىلەن ھەقدارلار ئوتتۇرىسىدا باراۋەرلىك يوق بولغىنىدەك، ساختا بىلەن ساختىپەزلەر ئارىسىدىمۇ باراۋەرلىك يوقتۇر.

• كثرة عدد الرسل عليهم السلام قبل رسولنا صلى الله عليه وسلم دليل على رحمة الله وعناد الخلق.
پەيغەمبىرىمىزدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەخلۇقلارنىڭ سەركەشلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

• إهلاك المكذبين سُنَّة إلهية.
ئىنكارچىلارنى ھالاك قىلىش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• صفات الإيمان تجارة رابحة، وصفات الكفر تجارة خاسرة.
ئىمان سۈپەتلىرى پايدىلىق، كۇپۇرنىڭ سۈپەتلىرى زىيانلىق تىجارەتتۇر.

وَٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ هُوَ ٱلۡحَقُّ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِعِبَادِهِۦ لَخَبِيرُۢ بَصِيرٞ
ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان كىتاب شەكسىز ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ ئۇنى ئىلگىرىكى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان رەۋىشتە نازىل قىلدى. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىدىن خەۋەرداردۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر. شۇڭا ئۇ ھەر بىر ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىگە شۇ ئۈممەت ئۆز دەۋرىدە ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ۋەھىي قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ أَوۡرَثۡنَا ٱلۡكِتَٰبَ ٱلَّذِينَ ٱصۡطَفَيۡنَا مِنۡ عِبَادِنَاۖ فَمِنۡهُمۡ ظَالِمٞ لِّنَفۡسِهِۦ وَمِنۡهُم مُّقۡتَصِدٞ وَمِنۡهُمۡ سَابِقُۢ بِٱلۡخَيۡرَٰتِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَضۡلُ ٱلۡكَبِيرُ
ئاندىن بىز قۇرئاننى باشقا ئۈممەتلەردىن ئۈستۈن قىلغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە بەردۇق. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلىش ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلماسلىق بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارمۇ بار. قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇستەھەب ئىشلارنى قىلماي، مەكرۇھ ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق نورمال يول تۇتىدىغانلارمۇ بار. يەنە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياخشىلىقلارغا ئالدىرىغۇچىلارمۇ بار. ۋاجىباتلارنى ۋە مۇستەھەبلەرنى قىلىش، ھاراملارنى ۋە مەكرۇھلارنى قىلماسلىق قاتارلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بۇ ئىش بۇ ئۈممەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا قۇرئان بېرىلىشىنىڭ سەۋەبىدىندۇركى، بۇ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق تەڭ كەلمەيدىغان بۈيۈك پەزىلەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
جَنَّٰتُ عَدۡنٖ يَدۡخُلُونَهَا يُحَلَّوۡنَ فِيهَا مِنۡ أَسَاوِرَ مِن ذَهَبٖ وَلُؤۡلُؤٗاۖ وَلِبَاسُهُمۡ فِيهَا حَرِيرٞ
تاللانغان بۇ كىشىلەر مەڭگۈلۈك جەننەتلەرگە كىرىدۇ، جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈك ۋە مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ جەننەتلەردىكى كىيىمى يىپەك بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ ٱلۡحَمۡدُ لِلَّهِ ٱلَّذِيٓ أَذۡهَبَ عَنَّا ٱلۡحَزَنَۖ إِنَّ رَبَّنَا لَغَفُورٞ شَكُورٌ
ئۇلار جەننەتكە كىرگىنىدىن كېيىن دەيدۇكى، بارلىق ھەمدۇ - سانا بىز دوزاخقا كىرىپ قېلىشتىن ئەندىشە قىلغانلىقىمىز سەۋەبلىك بىزدىن غەم - قايغۇنى كۆتۈرۈۋەتكەن ئاللاھقا خاستۇر. شەكسىزكى پەرۋەردىگارىمىز بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلىرىگە قارىتا ھەسسىلەپ مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِيٓ أَحَلَّنَا دَارَ ٱلۡمُقَامَةِ مِن فَضۡلِهِۦ لَا يَمَسُّنَا فِيهَا نَصَبٞ وَلَا يَمَسُّنَا فِيهَا لُغُوبٞ
ئاللاھ ئۆز پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن بىزنى يۆتكىلىش بولمايدىغان مەڭگۈلۈك مەنزىلگە چۈشۈردى. ئۇنىڭغا بىزنىڭ كۈچىمىز يەتمەيتتى. ئۇ جايدا بىزگە ھېرىپ - چارچاش ۋە جاپا - مۇشەققەت بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَهُمۡ نَارُ جَهَنَّمَ لَا يُقۡضَىٰ عَلَيۡهِمۡ فَيَمُوتُواْ وَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُم مِّنۡ عَذَابِهَاۚ كَذَٰلِكَ نَجۡزِي كُلَّ كَفُورٖ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار مەڭگۈلۈك جەھەننەم ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلار ئۆلۈپ ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن جەھەننەمنىڭ ئازابى قىلچە يەڭگىللىتىلمەيدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ نېئمەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ھەر كىمنى قىيامەت كۈنى ئەنە شۇنداق جازالايمىز.
تفسیرهای عربی:
وَهُمۡ يَصۡطَرِخُونَ فِيهَا رَبَّنَآ أَخۡرِجۡنَا نَعۡمَلۡ صَٰلِحًا غَيۡرَ ٱلَّذِي كُنَّا نَعۡمَلُۚ أَوَلَمۡ نُعَمِّرۡكُم مَّا يَتَذَكَّرُ فِيهِ مَن تَذَكَّرَ وَجَآءَكُمُ ٱلنَّذِيرُۖ فَذُوقُواْ فَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِن نَّصِيرٍ
ئۇلار يالۋۇرۇپ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن چوقان سېلىشىپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى دوزاختىن چىقىرىۋەتسەڭ، رازىلىقىڭغا ئېرىشىپ، ئازابىڭدىن قۇتۇلۇشىمىز ئۈچۈن ئىلگىرى دۇنيادا قىلغاندىن باشقا ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالساق، دېيىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جاۋابەن: بىز سىلەرگە پەند - نەسىھەت ئېلىشقا بەل باغلىغان كىشى پەند - نەسىھەت ئېلىپ، ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋالغۇدەك ئۆمۈر بەرمىدۇقمۇ؟ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەر كەلمىدىمۇ؟ بۇنچە ئىشلاردىن كېيىن ئەمدى سىلەرنىڭ باھانە - سەۋەبلىرىڭلار ئاقمايدۇ. شۇڭا ئەمدى دوزاخ ئازابىنى تېتىڭلار. كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرالايدىغان ياكى ئۇلاردىن ئازابنى يەڭگىللىتەلەيدىغان بىرەر ياردەمچى بولمايدۇ، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ عَٰلِمُ غَيۡبِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇركى، بۇلاردىن ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن چەتتە قالمايدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى كۆڭۈللىرىدە يوشۇرغان بارچە ياخشىلىق ھەم يامانلىقلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• فضل أمة محمد صلى الله عليه وسلم على سائر الأمم.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بارچە ئۈممەتلەردىن پەزىلەتلىكتۇر.

• تفاوت إيمان المؤمنين يعني تفاوت منزلتهم في الدنيا والآخرة.
مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانىنىڭ پەرقلىق بولۇشى ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى دەرىجىلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشى دېمەكتۇر.

• الوقت أمانة يجب حفظها، فمن ضيعها ندم حين لا ينفع الندم.
ۋاقىت چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك ئامانەتتۇركى، ئۇنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى پۇشايمان ئەسقاتمايدىغان چاغدا پۇشايمانغا قالىدۇ.

• إحاطة علم الله بكل شيء.
ئاللاھنىڭ ئىلمى ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

هُوَ ٱلَّذِي جَعَلَكُمۡ خَلَٰٓئِفَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ فَمَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ إِلَّا مَقۡتٗاۖ وَلَا يَزِيدُ ٱلۡكَٰفِرِينَ كُفۡرُهُمۡ إِلَّا خَسَارٗا
ئى ئىنسانلار! ئاللاھ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارنى سىناش ئۈچۈن سىلەرنى زېمىندا بىر - بىرىڭلارغا ئورۇنباسار قىلدى. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇپرىسىنىڭ گۇناھى ھەم جازاسى ئۆزىگە بولىدۇ. ئۇنىڭ كۇپرىسى پەرۋەردىگارىغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت ئېغىر غەزەبنىلا زىيادە قىلىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇپرى پەقەت زىياننىلا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ناۋادا ئىمان ئېيتقان بولسا ئاللاھ ئۇلارغا تەييارلايدىغان جەننەتتىن قۇرۇق قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ شُرَكَآءَكُمُ ٱلَّذِينَ تَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُواْ مِنَ ٱلۡأَرۡضِ أَمۡ لَهُمۡ شِرۡكٞ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ أَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُمۡ كِتَٰبٗا فَهُمۡ عَلَىٰ بَيِّنَتٖ مِّنۡهُۚ بَلۡ إِن يَعِدُ ٱلظَّٰلِمُونَ بَعۡضُهُم بَعۡضًا إِلَّا غُرُورًا
ئى پەيغەمبەر! بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلىرىڭلار ھەققىدە سۆزلەپ بېقىڭلارچۇ؟ ئۇلار زېمىندىن نېمىنى ياراتتى؟ زېمىننىڭ تاغلىرىنى ياراتتىمۇ؟ دەريالىرىنى ياراتتىمۇ؟ ھايۋانلىرىنى ياراتتىمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلارنى يارىتىشتا ئاللاھقا شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ياكى بىز ئۇلارغا بۇتلىرىغا چوقۇنۇشنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە دەلىل بار بىرەر كىتاب بەردۇقمۇ؟ بۇ ئىشلاردىن ھېچبىرى يۈز بەرگىنى يوق. ئەكسىچە كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەت بىلەن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بىر - بىرىنى پەقەت ئالدايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ يُمۡسِكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ أَن تَزُولَاۚ وَلَئِن زَالَتَآ إِنۡ أَمۡسَكَهُمَا مِنۡ أَحَدٖ مِّنۢ بَعۡدِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ حَلِيمًا غَفُورٗا
شۈبھىسىزكى ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ۋەيران بولۇشتىن تۇتۇپ تۇرىدۇ. ئۇ ئىككىسى ۋەيران بولدى -دەپ پەرەز قىلساق-، ئۇلارنى ۋەيران بولۇشتىن توسۇپ قالالايدىغان ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم يوق. شەكسىزكى ئاللاھ ھەلىمدۇركى، جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِن جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ لَّيَكُونُنَّ أَهۡدَىٰ مِنۡ إِحۡدَى ٱلۡأُمَمِۖ فَلَمَّا جَآءَهُمۡ نَذِيرٞ مَّا زَادَهُمۡ إِلَّا نُفُورًا
بۇ ئىنكارچى كاپىرلار ئۆزلىرىگە ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بىرەر پەيغەمبەر كەلسە، چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ يەھۇدىيلار، ناسارالار ۋە باشقىلارغا قارىغاندا ئەڭ توغرا يولدا بولىدىغانلىقى ھەم ھەقىقەتكە ئەڭ كۆپ ئەگىشىدىغانلىقى ھەققىدە ناھايىتى كۈچلۈك قەسەملەرنى قىلىشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەر بولۇپ كەلگەن چاغدا، ئۇنىڭ كەلگەنلىكى ئۇلارنى ھەقىقەتتىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرۇپ، باتىلغا تېخىمۇ باغلىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلگىرىكىلەردىن بەكرەك توغرا يول تاپقۇچىلار بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كۈچلۈك قەسەملىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىدى.
تفسیرهای عربی:
ٱسۡتِكۡبَارٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَكۡرَ ٱلسَّيِّيِٕۚ وَلَا يَحِيقُ ٱلۡمَكۡرُ ٱلسَّيِّئُ إِلَّا بِأَهۡلِهِۦۚ فَهَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّا سُنَّتَ ٱلۡأَوَّلِينَۚ فَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗاۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّتِ ٱللَّهِ تَحۡوِيلًا
ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلغانلىقى نىيەتلىرىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئەمەس، بەلكى يەر - يۈزىدە تەكەببۇرلۇق قىلىش ۋە كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈندۇر. سۇيىقەستنىڭ ۋابالى پەقەت شۇنداق قىلغانلارغا بولىدۇ. بۇ تەكەببۇر، ھىيلىگەرلەر ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتىنىلا كۈتىدۇكى، ئۇ قانۇنىيەت بولسا مۇشۇلارنىڭمۇ ئىلگىرىكىلەرگە ئوخشاش ھالاك قىلىنىشىدۇر. سەن ئاللاھنىڭ تەكەببۇرلارنى ھالاك قىلىشتىكى قانۇنىيىتىدە ئۇلارغا ئازاب كەلمەي قالىدىغان بىرەر ئۆزگىرىش ياكى باشقىلارغا (خاتا) كېلىپ قالىدىغان بىرەر ئالمىشىپ كېتىش تاپالمايسەن. چۈنكى ئۇ ئۆزگەرمەس ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ وَكَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعۡجِزَهُۥ مِن شَيۡءٖ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَلِيمٗا قَدِيرٗا
قۇرەيشلەردىن سېنى يالغانچىغا چىقارغانلار يەر يۈزىدە سەپەر قىلىپ، ئۆزلىرىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئىچىدىن ئىنكار قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەڭ ناچار ئاقىۋەت بولمىدىمۇ؟ ئۇلار قۇرەيشلەردىنمۇ كۈچلۈك ئىدىغۇ؟! ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەر قانداق نەرسە ئاللاھنىڭ (بىلىشىدىن) چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ بۇ ئىنكارچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى چوقۇم بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئاللاھنىڭ (ئىلمىدىن) چەتتە قالمايدۇ. ئاللاھ خالىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى ھالاك قىلىشقا قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الكفر سبب لمقت الله، وطريق للخسارة والشقاء.
كۇپرى ئاللاھنىڭ ئۆچ كۆرۈشىگە سەۋەب بولىدىغان، زىيانكارلىق ۋە بەدبەختلىكنىڭ يولىدۇر.

• المشركون لا دليل لهم على شركهم من عقل ولا نقل.
مۇشرىكلارنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىگە نە ئەقلىي، نە نەقلىي دەلىلى يوق.

• تدمير الظالم في تدبيره عاجلًا أو آجلًا.
زالىمنىڭ پىلانى يا مۇشۇ دۇنيادا، يا ئاخىرەتتە ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ.

وَلَوۡ يُؤَاخِذُ ٱللَّهُ ٱلنَّاسَ بِمَا كَسَبُواْ مَا تَرَكَ عَلَىٰ ظَهۡرِهَا مِن دَآبَّةٖ وَلَٰكِن يُؤَخِّرُهُمۡ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗىۖ فَإِذَا جَآءَ أَجَلُهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِعِبَادِهِۦ بَصِيرَۢا
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھ - مەئسىيەتلىرى ۋە ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرى تۈپەيلىدىن جازالاشقا ئالدىرىغان بولسا ئىدى، يەر شارىدىكى پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئىلكىدىكى مال - ۋارانلىرى بىلەن قوشۇپ دەرھال ھالاك قىلىۋەتكەن بولاتتى. لېكىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئۆز ئىلمىگە بېكىتىلگەن ۋاقىتقىچە، يەنى قىيامەت كۈنىگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئۇشتۇمتۇت قىيامەت كەلگەن چاغدا شەكسىزكى ئاللاھ بەنددىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلاردىن ھېچنەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. يەنى ئەگەر ئەمىلى ياخشى بولسا مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ، ئەمىلى يامان بولسا جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• العناد مانع من الهداية إلى الحق.
سەركەشلىك ھەقىقەتكە ئېرىشىشكە توسالغۇ بولىدۇ.

• العمل بالقرآن وخشية الله من أسباب دخول الجنة.
قۇرئانغا ئەمەل قىلىش ۋە ئاللاھتىن قورقۇش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• فضل الولد الصالح والصدقة الجارية وما شابههما على العبد المؤمن.
سالىھ پەرزەنت، سەدىقە جارىيە ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلار مۇئمىن بەندىگە قىلىنغان ئىلتىپاتتۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره فاطر
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن