ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره احزاب   آیه:

سۈرە ئەھزاب

از اهداف این سوره:
بيان عناية الله بنبيه صلى الله عليه وسلم، وحماية جنابه وأهل بيته.
بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا، ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى قوغدايدىغانلىقىغا مەركەزلىشىدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ ٱتَّقِ ٱللَّهَ وَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمٗا
ئەي پەيغەمبەر! سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىرگە بولغان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشتا مۇستەھكەم تۇرغىن، بىر ئاللاھتىن قورققىن، كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرمىگىن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلار ۋە مۇناپىقلار پىلانىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱتَّبِعۡ مَا يُوحَىٰٓ إِلَيۡكَ مِن رَّبِّكَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٗا
پەرۋەردىگارىڭ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھىيگە ئەگەشكىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇركى، ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچ نەرسىنى بىلمەي قالمايدۇ ۋە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
پۈتۈن ئىشلىرىڭدا يېگانە ئاللاھقا تايانغىن. ئاللاھ ئۆزىگە تەۋەككۈل قىلغان بەندىلىرىگە ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
تفسیرهای عربی:
مَّا جَعَلَ ٱللَّهُ لِرَجُلٖ مِّن قَلۡبَيۡنِ فِي جَوۡفِهِۦۚ وَمَا جَعَلَ أَزۡوَٰجَكُمُ ٱلَّٰٓـِٔي تُظَٰهِرُونَ مِنۡهُنَّ أُمَّهَٰتِكُمۡۚ وَمَا جَعَلَ أَدۡعِيَآءَكُمۡ أَبۡنَآءَكُمۡۚ ذَٰلِكُمۡ قَوۡلُكُم بِأَفۡوَٰهِكُمۡۖ وَٱللَّهُ يَقُولُ ٱلۡحَقَّ وَهُوَ يَهۡدِي ٱلسَّبِيلَ
ئاللاھ بىر ئادەمدە ئىككى يۈرەك قىلغىنى يوق، شۇنىڭدەك ئاياللىرىڭلارنىمۇ ھارام قىلىنىشتا ئاناڭلارنىڭ ئورنىدا قىلمىدى، يەنە شۇنىڭدەك بېقىۋالغان بالىلارنى ئۆز پۇشتۇڭلاردىن بولغان بالىلارغا ئوخشاش دەرىجىدە قىلمىدى. چۈنكى زىھار قىلىش -يەنى ئەرنىڭ ئايالىنى ئۆزىگە ھارام قىلىشى- ۋە بالا بېقىۋېلىش ئىسلام دىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان جاھىلىيەتنىڭ ئادەتلىرىدىن بولۇپ، بۇ زىھار قىلىش ۋە بالا بېقىۋېلىش ئەمەلىيىتى يوق، پەقەت ئېغىزىڭلاردىكى سۆزدۇر. چۈنكى ئاياللىرىڭلار ئاناڭلار ئەمەس، بېقىۋالغان بالىلارمۇ ئۆز بالاڭلار ئەمەس. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ھەقنى دەيدۇ، توغرا يولغا باشلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱدۡعُوهُمۡ لِأٓبَآئِهِمۡ هُوَ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِۚ فَإِن لَّمۡ تَعۡلَمُوٓاْ ءَابَآءَهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡ فِي ٱلدِّينِ وَمَوَٰلِيكُمۡۚ وَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٞ فِيمَآ أَخۡطَأۡتُم بِهِۦ وَلَٰكِن مَّا تَعَمَّدَتۡ قُلُوبُكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمًا
سىلەر بالىلىرىمىز دەۋالغان بالىلارنى ئۆز دادىسىغا نىسبەت بېرىپ چاقىرىڭلار. چۈنكى بالىلارنى ئۆز دادىلىرىنىڭ ئىسىملرى بىلەن چاقىرىش ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئادىللىقتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆز دادىلىرىنى بىلمىسەڭلار، ئۇلار سىلەرنىڭ دىنىي قېرىندىشىڭلاردۇر ۋە سىلەرنىڭ ئازادگەردىلىرىڭلاردۇر. شۇڭا ئۇلارنى ئى قېرىندىشىم! ئى جىيەنىم! (دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر بىلەن) چاقىرىڭلار. سىلەر سەۋەنلىكتىن بىرەر بالىنى ئۆز دادىسىدىن باشقىسىنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىپ سالساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن بۇنى قەستەن دېسەڭلار، گۇناھكار بولىسىلەر. ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى خاتالىشىپ قىلغان ئىشلار سەۋەبلىك جازالىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلنَّبِيُّ أَوۡلَىٰ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ مِنۡ أَنفُسِهِمۡۖ وَأَزۡوَٰجُهُۥٓ أُمَّهَٰتُهُمۡۗ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ إِلَّآ أَن تَفۡعَلُوٓاْ إِلَىٰٓ أَوۡلِيَآئِكُم مَّعۡرُوفٗاۚ كَانَ ذَٰلِكَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ مَسۡطُورٗا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇئمىنلەرنى دەۋەت قىلغان بارلىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىنمۇ چارىراقتۇر، گەرچە ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇنىڭدىن باشقىسىغا مايىل بولغان تەقدىردىمۇ (شۇنداق). پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى پۈتۈن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئورنىدىدۇر. شۇڭا ھەر قانداق مۇئمىنگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىرەرسى بىلەن توي قىلىشى ھارامدۇر. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئۇرۇق - تۇغقانلار بىر - بىرىگە مىراسخور بولۇشتا ئىمانداش ۋە ئاللاھ يولىدىكى سەپداشلاردىنمۇ يېقىنراقتۇر. مۇئمىنلەر ئىسلامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە (گەرچە ئارىلىرىدا ئۇرۇق - تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ) ئۆزئارا مىراسخور بولۇشقان ئىدى، كېيىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مىراسخورلۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. لېكىن ئى مۇئمىنلەر! سىلەر مىراسخورلاردىن باشقا دوستلىرىڭلارغا (مەلۇم نەرسە) ۋەسىيەت قىلساڭلار ۋە ئېھسان قىلساڭلار بولىدۇ. بۇ ھۆكۈم لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغاندۇر، شۇڭا ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش ۋاجىبتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• لا أحد أكبر من أن يُؤْمر بالمعروف ويُنْهى عن المنكر.
ھېچكىم ياخشىلىققا بۇيرۇلۇپ، يامانلىقتىن چەكلىنىشتىن بىھاجەت ئەمەس.

• رفع المؤاخذة بالخطأ عن هذه الأمة.
بۇ ئۈممەت خاتالىشىپ قىلغان گۇناھى سەۋەبلىك جازالانمايدۇ.

• وجوب تقديم مراد النبي صلى الله عليه وسلم على مراد الأنفس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەقسىتىنى شەخسىي غەرەزنىڭ ئالدىدا قويۇش ۋاجىب.

• بيان علو مكانة أزواج النبي صلى الله عليه وسلم، وحرمة نكاحهنَّ من بعده؛ لأنهن أمهات للمؤمنين.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئورنى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىش ھارامدۇر، چۈنكى ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر.

وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِيثَٰقَهُمۡ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٖ وَإِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَۖ وَأَخَذۡنَا مِنۡهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پۈتۈن پەيغەمبەرلەردىن يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينى يەتكۈزۈش ھەققىدە چىن ئەھدە ئالدۇق. شۇنداقلا سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسادىن ئايرىم - ئايرىم ئەھدە ئالدۇق. بىز ئۇلاردىن ئاللاھ (تەرىپىدىن بېرىلگەن) پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ھەققىدە ئەھدە ئالدۇق.
تفسیرهای عربی:
لِّيَسۡـَٔلَ ٱلصَّٰدِقِينَ عَن صِدۡقِهِمۡۚ وَأَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن راستچىل پەيغەمبەرلەرنىڭ راستچىللىقى ھەققىدە سوئال قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن كاپىرلارنى مات قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئوتىدىن ئىبارەت دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدى.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَآءَتۡكُمۡ جُنُودٞ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا وَجُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا مەدىنىگە سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى كەلدى، ئۇلارغا مۇناپىقلار بىلەن يەھۇدىيلار (ئاستىرتتىن) ياردەم بەردى. بىز ئۇلارغا قارشى شەرق شامىلىنى ئەۋەتتۇق، ئۇ شامال ئارقىلىق پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىلدى. پەرىشتىلەردىن سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ھېچ ئىش قىلالماي ئارقىسىغا قاچتى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ جَآءُوكُم مِّن فَوۡقِكُمۡ وَمِنۡ أَسۡفَلَ مِنكُمۡ وَإِذۡ زَاغَتِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَبَلَغَتِ ٱلۡقُلُوبُ ٱلۡحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِٱللَّهِ ٱلظُّنُونَا۠
بۇنداق بولۇشى ئەينى چاغدا كاپىرلار مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپتىن، ۋادىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىدىنمۇ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن كۆزلەر دۈشمەنگىلا قادىلىپ قالغان، يۈرەكلەر ئېغىزغا تىقىلىپ قالغان، سىلەر ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولۇشقان ئىدىڭلار، بەزىدە غەلىبە قازىنىمىز دەپ ئويلىساڭلار، يەنە بەزىدە ئۈمىدسىزلىككە پاتاتتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
هُنَالِكَ ٱبۡتُلِيَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَزُلۡزِلُواْ زِلۡزَالٗا شَدِيدٗا
خەندەك غازىتىدىكى بۇ مەيداندا مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن ئولىشىپ كېلىشى بىلەن سىنالغان، ئۇلار قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ھەمدە بۇ سىناق ئارقىلىق مۇئمىن بىلەن مۇناپىق ئېنىق ئايرىلغان.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ مَّا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ إِلَّا غُرُورٗا
ئۇ كۈندە مۇناپىقلار ۋە قەلبىدە شەك بار ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بىزنىڭ يەر يۈزىدە دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى غەلىبە قازىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى ۋەدىسى ھېچقانداق ئاساسى يوق، ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشەتتى.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قَالَت طَّآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ يَٰٓأَهۡلَ يَثۡرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمۡ فَٱرۡجِعُواْۚ وَيَسۡتَـٔۡذِنُ فَرِيقٞ مِّنۡهُمُ ٱلنَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوۡرَةٞ وَمَا هِيَ بِعَوۡرَةٍۖ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارٗا
ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئەينى ۋاقىتتا بىر بۆلۈك مۇناپىقلار مەدىنىلىكلەرگە: ئەي يەسرىب ئاھالىسى! (يەسرىب مەدىنىنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى نامى) خەندەكنىڭ يېنىدا تۇرماي، ئۆيلىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېيىشەتتى. ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ دۈشمەنگە ئوچۇقچىلىقتا ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشقا پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار باھانە كۆرسىتىشكەندەك ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ يالغان باھانە - سەۋەبلەر ئارقىلىق پەقەت دۈشمەندىن قېچىشنىلا ئويلاتتى.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ دُخِلَتۡ عَلَيۡهِم مِّنۡ أَقۡطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُواْ ٱلۡفِتۡنَةَ لَأٓتَوۡهَا وَمَا تَلَبَّثُواْ بِهَآ إِلَّا يَسِيرٗا
ئەگەر دۈشمەن شەھەرگە ھەر تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ، ئۇلاردىن كۇپرى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە دۈشمەنلىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىغان بولاتتى، مۇرتەدلىك ۋە كۇپرىغا باش ئېگىشتىن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ساقلىنالايتتى.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ كَانُواْ عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ لَا يُوَلُّونَ ٱلۡأَدۡبَٰرَۚ وَكَانَ عَهۡدُ ٱللَّهِ مَسۡـُٔولٗا
ھەقىقەتەن بۇ مۇناپىقلار ئۇھۇد كۈنى جەڭدىن قاچقاندىن كېيىن: ئەگەر ئاللاھ بىزنى يەنى بىر جەڭگە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق قىلسا، بىز چوقۇم دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىمىز، دۈشمەندىن قورقۇپ قاچمايمىز، دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزدى. بەندە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ھەقتە چوقۇم سورىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• منزلة أولي العزم من الرسل.
ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى يۇقىرىدۇر.

• تأييد الله لعباده المؤمنين عند نزول الشدائد.
قىيىن پەيتلەردە ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىدۇ.

• خذلان المنافقين للمؤمنين في المحن.
خاپىلىق كەلگەندە مۇناپىقلار مۇئمىنلەرنى تاشلىۋېتىدۇ.

قُل لَّن يَنفَعَكُمُ ٱلۡفِرَارُ إِن فَرَرۡتُم مِّنَ ٱلۡمَوۡتِ أَوِ ٱلۡقَتۡلِ وَإِذٗا لَّا تُمَتَّعُونَ إِلَّا قَلِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: گەرچە سىلەر ئۆلۈمدىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قورقۇپ جەڭدىن قاچساڭلارمۇ قاچقىنىڭلارنىڭ سىلەرگە قىلچە پايدىسى بولمايدۇ. چۈنكى (ئىنساننىڭ) ئەجىلى ئاللىبۇرۇن بېكىتىلىپ بولغان. ئەجىلىڭلار توشماستا قاچالىغان بولساڭلارمۇ، دۇنيادىن پەقەت ئازغىنا ۋاقىت بەھرىمەن بولالايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ مَن ذَا ٱلَّذِي يَعۡصِمُكُم مِّنَ ٱللَّهِ إِنۡ أَرَادَ بِكُمۡ سُوٓءًا أَوۡ أَرَادَ بِكُمۡ رَحۡمَةٗۚ وَلَا يَجِدُونَ لَهُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان ئۆلۈمنى ياكى ئۆلتۈرۈلۈشنى ئىرادە قىلغان بولسا، سىلەرنى كىم ئاللاھتىن قوغداپ قالالايدۇ؟ ياكى سىلەرگە ئۆزۈڭلار كۈتۈۋاتقان خاتىرجەملىك ۋە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭدىن سىلەرنى كىم توسۇپ قالالايدۇ؟ مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولىدىغان ئاللاھتىن باشقا دوست، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قوغداپ قالالايدىغان ياردەمچى تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ قَدۡ يَعۡلَمُ ٱللَّهُ ٱلۡمُعَوِّقِينَ مِنكُمۡ وَٱلۡقَآئِلِينَ لِإِخۡوَٰنِهِمۡ هَلُمَّ إِلَيۡنَاۖ وَلَا يَأۡتُونَ ٱلۡبَأۡسَ إِلَّا قَلِيلًا
ئاللاھ ئىچىڭلاردىن باشقىلارنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە جىھاد قىلىشتىن بوشاشتۇرغۇچىلارنى ۋە قېرىنداشلىرىغا: ئۆلتۈرۈلمەيلى دېسەڭلار مۇھەممەد بىلەن بىرگە جىھادقا چىقماي، بىزنىڭ يېنىمىزغا كېلىڭلار، بىز سىلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىڭلاردىن ئەنسىرەيمىز، دېگۈچىلەرنى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار جەڭگە ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىن (جەڭگە قاتناشمىدى) دېگەن نومۇسنى يۇيۇش ئۈچۈن ئاندا - ساندا قاتنىشىپ قويىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَشِحَّةً عَلَيۡكُمۡۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلۡخَوۡفُ رَأَيۡتَهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ تَدُورُ أَعۡيُنُهُمۡ كَٱلَّذِي يُغۡشَىٰ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلۡخَوۡفُ سَلَقُوكُم بِأَلۡسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلۡخَيۡرِۚ أُوْلَٰٓئِكَ لَمۡ يُؤۡمِنُواْ فَأَحۡبَطَ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
ئى مۇئمىنلەر جامائەسى! ئۇلار پۇل - ماللىرىدىن سىلەرگە بېخىلدۇر، شۇڭا سىلەرگە ياردەم بەرمەيدۇ، ئۇلار جانلىرىغىمۇ بېخىللىق قىلىدۇ، شۇڭلاشقا سىلەر بىلەن جەڭگە قاتناشمايدۇ، ئۇلار دوستلۇققىمۇ بېخىل، شۇڭلاشقا سىلەر بىلەن دوستمۇ بولمايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئەگەر دۈشمەن تەرەپتىن قورقۇنچ كەلسە، ئۇلارنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك قورقۇنچتىن كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ ساڭا قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. ئەگەر ئۇلاردىن قورقۇنچ يوقاپ، خاتىرجەم بولسا، ئۇلار كۆز تىكىۋاتقان غەنىمەتلەرگە بېخىللىق قىلغان ھالدا سەت سۆزلەر ئارقىلىق ساڭا ئەزىيەت بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ھەقىقەتكە ئىشەنمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بىكار قىلىۋەتتى. بۇنداق بىكار قىلىش ئاللاھقا ئاساندۇر.
تفسیرهای عربی:
يَحۡسَبُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ لَمۡ يَذۡهَبُواْۖ وَإِن يَأۡتِ ٱلۡأَحۡزَابُ يَوَدُّواْ لَوۡ أَنَّهُم بَادُونَ فِي ٱلۡأَعۡرَابِ يَسۡـَٔلُونَ عَنۡ أَنۢبَآئِكُمۡۖ وَلَوۡ كَانُواْ فِيكُم مَّا قَٰتَلُوٓاْ إِلَّا قَلِيلٗا
بۇ قورقۇنچاقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە مۇئمىنلەرگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان ئىتتىپاقداش قوشۇن مۇئمىنلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋەتمىگۈچە ھەرگىز كەتمەيدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بىرلەشمە قوشۇن يەنە بىر قېتىم كەلدى، دەپ پەرەز قىلىنغان تەقدىردە بۇ مۇناپىقلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار بىلەن جەڭ قىلغىنىڭلاردىن كېيىن ئەھۋالىڭلارنىڭ قانداق بولغانلىقىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەئرابىلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىشنى خالايدۇ. ئى مۇئمىنلەر! ئۇلار ئاراڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە پەقەت ئازغىنا جەڭ قىلاتتى. شۇڭا ئۇلار بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن، ئۇلارنىڭ (ئۆزۈڭلار بىلەن بىرگە جەڭگە چىقمىغانلىقىغا) قايغۇرۇپمۇ كەتمەڭلار.
تفسیرهای عربی:
لَّقَدۡ كَانَ لَكُمۡ فِي رَسُولِ ٱللَّهِ أُسۡوَةٌ حَسَنَةٞ لِّمَن كَانَ يَرۡجُواْ ٱللَّهَ وَٱلۡيَوۡمَ ٱلۡأٓخِرَ وَذَكَرَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا
ھەقىقەتەن رەسۇلۇللاھنىڭ دېگەن سۆزلىرى ۋە قىلغان ئىش - ھەرىكەتلىرىدە سىلەرگە ياخشى ئۈلگە بار. مەسىلەن، ئۇ ئۆزى بىۋاستە جەڭگە قاتناشتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئۇنىڭ جېنى ئالدىدا ئۆزۈڭلارنىڭ جېنىغا قانداقسىگە بېخىللىق قىلىسىلەر؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى پەقەت ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىدىغان كىشىلەرلا ئۈلگە قىلىدۇ. ئەمما ئاخىرەت كۈنىنى ئۈمىد قىلمايدىغان، ئاللاھنى كۆپ ياد ئەتمەيدىغانلار ئۇنى ئۈلگە قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَمَّا رَءَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلۡأَحۡزَابَ قَالُواْ هَٰذَا مَا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَصَدَقَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥۚ وَمَا زَادَهُمۡ إِلَّآ إِيمَٰنٗا وَتَسۡلِيمٗا
مۇئمىنلەر ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان بىرلەشمە قوشۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن چاغدا: بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان سىناق، مۇشەققەت ۋە غەلىبىدۇركى، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇ ئىشتا راست ئېيتتى، ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبىرىنىڭ دېگەنلىرى ئىشقا ئاشتى، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇننى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانىنى ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الآجال محددة؛ لا يُقَرِّبُها قتال، ولا يُبْعِدُها هروب منه.
ئەجەللەر ئالدىنئالا بەلگىلەنگەندۇر، جەڭ قىلىش ئەجەلنى يېقىنلاشتۇرالمايدۇ، جەڭدىن قېچىش ئۇنى يىراقلاشتۇرالمايدۇ.

• التثبيط عن الجهاد في سبيل الله شأن المنافقين دائمًا.
ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بوشاشتۇرۇش مۇناپىقلارنىڭ داۋاملىق قىلىدىغان ئىشىدۇر.

• الرسول صلى الله عليه وسلم قدوة المؤمنين في أقواله وأفعاله.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرىدە مۇئمىنلەرنىڭ ئۈلگىسىدۇر.

• الثقة بالله والانقياد له من صفات المؤمنين.
ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش مۇئمىنلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ رِجَالٞ صَدَقُواْ مَا عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ عَلَيۡهِۖ فَمِنۡهُم مَّن قَضَىٰ نَحۡبَهُۥ وَمِنۡهُم مَّن يَنتَظِرُۖ وَمَا بَدَّلُواْ تَبۡدِيلٗا
مۇئمىنلەر ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن) ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققاندا ساباتلىق ۋە چىدامچان بولۇش ھەققىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھ يولىدا ئۆلۈپ كەتتى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر قىسمى ئاللاھ يولىدا شەھىت بولۇشنى كۈتمەكتە. بۇ مۇئمىنلەر مۇناپىقلاردەك ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئۆزگەرتكىنى يوق.
تفسیرهای عربی:
لِّيَجۡزِيَ ٱللَّهُ ٱلصَّٰدِقِينَ بِصِدۡقِهِمۡ وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ إِن شَآءَ أَوۡ يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان راستچىللارغا راستچىللىقى ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ مۇكاپات بېرىدۇ، ئەھدىنى بۇزغۇچى مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا كۇپۇرلۇقىدىن تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇن جېنىنى ئېلىپ ئازابلايدۇ ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَرَدَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِغَيۡظِهِمۡ لَمۡ يَنَالُواْ خَيۡرٗاۚ وَكَفَى ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلۡقِتَالَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزٗا
ئاللاھ تائالا قۇرەيش، غەتەفان ۋە شۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەرننى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزمەي غەم - قايغۇ بىلەن قايتۇردى. ئۇلار مۇئمىنلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ شامالنى ئەۋەتىپ، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئاللاھ كۈچلۈك ھەم غالىبتۇركى، ئۇنىڭ بىلەن كىم غەلىبىنى تالاشسا، ئاللاھ ئۇنى يېڭىپ، خار قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَنزَلَ ٱلَّذِينَ ظَٰهَرُوهُم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مِن صَيَاصِيهِمۡ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعۡبَ فَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ وَتَأۡسِرُونَ فَرِيقٗا
ئاللاھ مۇشرىكلارغا يانتاياق بولغان يەھۇدىيلارنى دۈشمەنلىرىدىن پاناھلىنىدىغان قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَأَوۡرَثَكُمۡ أَرۡضَهُمۡ وَدِيَٰرَهُمۡ وَأَمۡوَٰلَهُمۡ وَأَرۡضٗا لَّمۡ تَطَـُٔوهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ھالاك بولغاندىن كىيىن زىرائەتلىرى ۋە خورمىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا، تۇرالغۇلىرىغا، باشقا مال-مۈلۈكلىرىگە ۋە سىلەر بۇندىن بۇرۇن قەدەم بېسىپ باقمىغان خەيبەر زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئەمدى سىلەر ئۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر. بۇ مۇئمىنلەرگە قىلىنغان ۋەدە ۋە خۇشبېشارەتتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيۡنَ أُمَتِّعۡكُنَّ وَأُسَرِّحۡكُنَّ سَرَاحٗا جَمِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! يېنىڭدا ئۇلارغا كەڭرى بەرگىدەك نەرسە بولمىغان شارائىتتا سەندىن نەپىقىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە تالاق قىلىنغان ئاياللار بەھرىمەن بولىدىغان (بىر ئاز) نەرسە بېرەي، سىلەرنى زىيان يەتكۈزمەي ۋە ئازار بەرمەي قويۇپ بېرەي.
تفسیرهای عربی:
وَإِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ فَإِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡمُحۡسِنَٰتِ مِنكُنَّ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقىنى ھەمدە ئاخىرەتتە جەننەتنى كۆزلىسەڭلار، ھازىرقى ئەھۋالىڭلارغا سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىن چىرايلىقچە سەۋر قىلغانلارغا ھەم ئەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلارغا كاتتا مۇكاپات تەييارلىدى.
تفسیرهای عربی:
يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ مَن يَأۡتِ مِنكُنَّ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖ يُضَٰعَفۡ لَهَا ٱلۡعَذَابُ ضِعۡفَيۡنِۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
ئەي پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا گۇناھ قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنى، مەرتىۋىسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• تزكية الله لأصحاب رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وهو شرف عظيم لهم.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ئاقلىغانلىقى ساھابىلەرگە نىسبەتەن كاتتا شەرەپتۇر.

• عون الله ونصره لعباده من حيث لا يحتسبون إذا اتقوا الله.
بەندىلەر ئاللاھقا تەقۋادار بولغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم ۋە غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

• سوء عاقبة الغدر على اليهود الذين ساعدوا الأحزاب.
ئىتتىپاقداش قوشۇنغا يانتاياق بولغان يەھۇدىيلارغا بېرىلگەن خىيانەت جازاسى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى.

• اختيار أزواج النبي صلى الله عليه وسلم رضا الله ورسوله دليل على قوة إيمانهنّ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقىنى تاللىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

۞ وَمَن يَقۡنُتۡ مِنكُنَّ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَتَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا نُّؤۡتِهَآ أَجۡرَهَا مَرَّتَيۡنِ وَأَعۡتَدۡنَا لَهَا رِزۡقٗا كَرِيمٗا
سىلەردىن كىمكى داۋاملىق ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا باشقا ئاياللار ئېرىشكەن ساۋابنىڭ ئىككى ھەسسىسىنى بېرىمىز. بىز ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا مۇكاپات تەييارلىدۇق.
تفسیرهای عربی:
يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ لَسۡتُنَّ كَأَحَدٖ مِّنَ ٱلنِّسَآءِ إِنِ ٱتَّقَيۡتُنَّۚ فَلَا تَخۡضَعۡنَ بِٱلۡقَوۡلِ فَيَطۡمَعَ ٱلَّذِي فِي قَلۡبِهِۦ مَرَضٞ وَقُلۡنَ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗا
ئى پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! سىلەر پەزىلەت ۋە ھۆرمەتتە باشقا ئاياللارغا ئوخشىمايسىلەر، بەلكى سىلەر ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يانساڭلار، پەزىلەت ۋە شەرەپتە باشقا ئاياللار ئېرىشەلمەيدىغان مەرتىۋىدىسىلەر. شۇڭا يات ئەرلەرگە سۆز قىلغاندا نازاكەت بىلەن سۆز قىلماڭلار، بولمىسا شۇ سەۋەبلىك ئىستىلى بۇزۇق، ھارامغا ئىنتىلىدىغان كىشىلەر تەمەدە بوپقالىدۇ. كەلسە - كەلمەس گەپلەرنى ئەمەس، زۆرۈر بولغان، گۇماندىن يىراق سۆزلەرنى قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَقَرۡنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجۡنَ تَبَرُّجَ ٱلۡجَٰهِلِيَّةِ ٱلۡأُولَىٰۖ وَأَقِمۡنَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتِينَ ٱلزَّكَوٰةَ وَأَطِعۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُذۡهِبَ عَنكُمُ ٱلرِّجۡسَ أَهۡلَ ٱلۡبَيۡتِ وَيُطَهِّرَكُمۡ تَطۡهِيرٗا
ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرۇڭلار، زۆرۈرىيەتسىز ئۆيدىن چىقماڭلار، ئىسلامدىن ئىلگىرىكى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىنىپ سىرتقا چىقماڭلار. ئۇلار (يات) ئەرلەرنى ئۆزلىرىگە قارىتىش ئۈچۈن ياسىنىپ چىقاتتى. نامازنى ئەڭ مۇكەممەل رەۋىشتە ئادا قىلىڭلار، پۇل - مېلىڭلارنىڭ زاكىتىنى بېرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار. ئى پەيغەمبەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر! ئاللاھ سىلەردىن پەقەت ئەزىيەت ۋە يامانلىقنى يوق قىلىپ، سىلەرنى ئېسىل ئەخلاقلارغا ئىگە قىلىش، ناچار قىلمىشلاردىن يىراقلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھېچقانداق گۇناھىڭلار قالمىغانغا قەدەر تامامەن پاكلاشنى خالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱذۡكُرۡنَ مَا يُتۡلَىٰ فِي بُيُوتِكُنَّ مِنۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ وَٱلۡحِكۡمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ لَطِيفًا خَبِيرًا
ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇلۇۋاتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلىنغان ئايەتلەرنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ پاك سۈننىتىنى ئەسلەڭلار. ئاللاھ سىلەرگە تولىمۇ مېھرىباندۇركى، ئۇ سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئۆيىدە قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مەرھەمەت قىلدى. ئۇ سىلەردىن خەۋەرداردۇركى، سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئاياللىرى بولۇشقا تاللىدى، سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ ئۈممىتىدىن بارلىق مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى قىلدى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلۡمُسۡلِمِينَ وَٱلۡمُسۡلِمَٰتِ وَٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ وَٱلۡقَٰنِتِينَ وَٱلۡقَٰنِتَٰتِ وَٱلصَّٰدِقِينَ وَٱلصَّٰدِقَٰتِ وَٱلصَّٰبِرِينَ وَٱلصَّٰبِرَٰتِ وَٱلۡخَٰشِعِينَ وَٱلۡخَٰشِعَٰتِ وَٱلۡمُتَصَدِّقِينَ وَٱلۡمُتَصَدِّقَٰتِ وَٱلصَّٰٓئِمِينَ وَٱلصَّٰٓئِمَٰتِ وَٱلۡحَٰفِظِينَ فُرُوجَهُمۡ وَٱلۡحَٰفِظَٰتِ وَٱلذَّٰكِرِينَ ٱللَّهَ كَثِيرٗا وَٱلذَّٰكِرَٰتِ أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُم مَّغۡفِرَةٗ وَأَجۡرًا عَظِيمٗا
شەكسىزكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق بويسۇنغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاللاھقا چىن قەلبىدىن ئىشەنگۈچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئىمانىدا ۋە سۆزلىرىدە راستچىل ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئىتائەتمەنلىكتە چىڭ تۇرغۇچى، گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغۇچى، بالا - مۇسىبەتلەرگە سەۋر قىلغۇچى ئەرلەر ۋە سەۋر قىلغۇچى ئاياللارغا، ماللىرىنى پەرز ۋە نەپلە يوللارغا سەدىقە قىلغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، پەرز ۋە نەپلە روزا تۇتقۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئەۋرەتلىرىنى قارىسا بولمايدىغانلارنىڭ ئالدىدا يېپىش ۋە زىنا - پاھىشىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھارامدىن ساقلىغۇچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھالەتلىرىدە دىللىرى ۋە تىللىرىدا ئاللاھنى ياد ئەتكۈچى ئەرلەر ۋە ئاياللارغا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت ۋە قىيامەت كۈنى جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ساۋابنى تەييارلىدى.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من توجيهات القرآن للمرأة المسلمة: النهي عن الخضوع بالقول، والأمر بالمكث في البيوت إلا لحاجة، والنهي عن التبرج.
نازلىنىپ گەپ قىلىشتىن چەكلەش، زۆرۈرىيەت بولمىسا ئۆيدە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇش، چاكىنا ياسىنىشتىن چەكلەش قۇرئاننىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا بولغان كۆرسەتمىلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• فضل أهل بيت رسول الله صلى الله عليه وسلم، وأزواجُه من أهل بيته.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسى پەزىلەتلىك ئائىلە بولۇپ، ئاياللىرىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىدىندۇر.

• مبدأ التساوي بين الرجال والنساء قائم في العمل والجزاء إلا ما استثناه الشرع لكل منهما.
ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپى قىلغانغا يارىشا جازا - مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە نامايان بولىدۇ. لېكىن شەرىئەت ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە بەرگەن ئالاھىدە ئىمتىيار بۇنىڭ سىرتىدا.

وَمَا كَانَ لِمُؤۡمِنٖ وَلَا مُؤۡمِنَةٍ إِذَا قَضَى ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَمۡرًا أَن يَكُونَ لَهُمُ ٱلۡخِيَرَةُ مِنۡ أَمۡرِهِمۡۗ وَمَن يَعۡصِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدۡ ضَلَّ ضَلَٰلٗا مُّبِينٗا
ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشتا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر - ئايال مۇئمىنلەرنىڭ ئۇنى قۇبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئوپئوچۇق ئازغان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ تَقُولُ لِلَّذِيٓ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ وَأَنۡعَمۡتَ عَلَيۡهِ أَمۡسِكۡ عَلَيۡكَ زَوۡجَكَ وَٱتَّقِ ٱللَّهَ وَتُخۡفِي فِي نَفۡسِكَ مَا ٱللَّهُ مُبۡدِيهِ وَتَخۡشَى ٱلنَّاسَ وَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخۡشَىٰهُۖ فَلَمَّا قَضَىٰ زَيۡدٞ مِّنۡهَا وَطَرٗا زَوَّجۡنَٰكَهَا لِكَيۡ لَا يَكُونَ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ حَرَجٞ فِيٓ أَزۡوَٰجِ أَدۡعِيَآئِهِمۡ إِذَا قَضَوۡاْ مِنۡهُنَّ وَطَرٗاۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ مَفۡعُولٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىسلام نېئمىتى ئاتا قىلغان، سەنمۇ ئازات قىلىش ئارقىلىق ياخشىلىق قىلغان كىشىگە، يەنى خوتۇنى زەينەب بىنتى جەھشنى تالاق قىلىش توغرىسىدا سەندىن مەسلىھەت سوراپ كەلگەن زەيد ئىبنى ھارىسەگە: خوتۇنۇڭنى نىكاھىڭدا تۇتقىن، ئۇنى تالاق قىلمىغىن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورققىن، دېدىڭ. ئەي پەيغەمبەر! كىشىلەرنىڭ (سۆز - چۆچەك قىلىشىدىن) ئەنسىرەپ ئاللاھنىڭ زەينەب بىلەن توي قىلىشىڭ ھەققىدە قىلغان ۋەھىيسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇردۇڭ. ئاللاھ تائالا زەيدنىڭ زەينەبنى تالاق قىلىشىنى ۋە سىنىڭ ئۇنى نىكاھىڭغا ئېلىشىڭنى ھامان ئاشكارىلايدۇ. بۇ ئىشتا ئاللاھ ئەڭ قورقۇشقا تېگىشلىك زاتتۇر. مۇئمىنلەرگە بېقىۋالغان ئوغۇللىرى تالاق قىلىپ، ئىددىتى توشقان ئاياللار بىلەن توي قىلسا گۇناھ بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن زەيد ئۆز رازىلىقى بىلەن زەينەبتىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن زەينەبنى ساڭا نىكاھلاپ بەردۇق. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، بۇنى ئاللاھتىن باشقا توسۇپ قالغۇچى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَّا كَانَ عَلَى ٱلنَّبِيِّ مِنۡ حَرَجٖ فِيمَا فَرَضَ ٱللَّهُ لَهُۥۖ سُنَّةَ ٱللَّهِ فِي ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلُۚ وَكَانَ أَمۡرُ ٱللَّهِ قَدَرٗا مَّقۡدُورًا
پەيغەمبەرنىڭ بېقىۋالغان ئوغلى (قويۇپ بەرگەن) ئايالىنى نىكاھىغا ئېلىشتىن ئىبارەت ئاللاھ ھالال قىلغان ئىشتا ئۇنىڭغا گۇناھ ۋە سىقىلىش بولمايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ بۇ ئىشتا ئۆزىدىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بولۇپ، ئۇ پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئىچىدە يوق ئىشنى پەيدا قىلغىنى يوق. -بۇ نىكاھنىڭ تاماملىنىپ، (شۇ ئارقىلىق) بالا بېقىۋېلىش ئىشىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشى پەيغەمبەرنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش ئەمەس- بۇ ئاللاھ ھۆكۈم قىلغان ئىشتۇركى، ئاللاھنىڭ ھۆكمى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ، ئۇنى توسۇپ قالغۇچى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يُبَلِّغُونَ رِسَٰلَٰتِ ٱللَّهِ وَيَخۡشَوۡنَهُۥ وَلَا يَخۡشَوۡنَ أَحَدًا إِلَّا ٱللَّهَۗ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ حَسِيبٗا
بۇ پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزىدۇ، ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمدىن قورقمايدۇ، ئاللاھ ھالال قىلغان ئىشنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن ھېساب ئېلىپ، ئۇلارغا شۇ ئەمەللىرىگە يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى خاتىرىلەپ قويۇشقا يېتەرلىكتۇر. (ئەگەر ئۇلارنىڭ ئەمىلى) ياخشى بولسا (مۇكاپاتىمۇ) ياخشى بولىدۇ، (ئەگەر ئەمەللىرى) يامان بولسا (جازاسىمۇ) يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَّا كَانَ مُحَمَّدٌ أَبَآ أَحَدٖ مِّن رِّجَالِكُمۡ وَلَٰكِن رَّسُولَ ٱللَّهِ وَخَاتَمَ ٱلنَّبِيِّـۧنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
مۇھەممەد ئاراڭلاردىكى ھېچكىمنىڭ ئاتىسى ئەمەس، ئۇ زەيدنىڭمۇ ئاتىسى ئەمەس. (ئۇنداق بولمىغاندا) زەيد زەينەبنى تالاق قىلغان چاغدا مۇھەممەدنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشى ھارام بولاتتى. مۇھەممەد پەقەت ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسى ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەردۇركى، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەر كەلمەيدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا بەندىلىرىنىڭ ئىشىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ ذِكۡرٗا كَثِيرٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! سىلەر ئاللاھنى دىللىرىڭلار، تىللىرىڭلار ۋە ھېسسىي ئەزالىرىڭلار بىلەن كۆپ ياد ئېتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَسَبِّحُوهُ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلًا
ئەتىگەن - ئاخشاملىرى پەزىلەتلىك ۋاقىت بولغاچقا بۇ ۋاقىتلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ۋە تەھلىل ئېيتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
هُوَ ٱلَّذِي يُصَلِّي عَلَيۡكُمۡ وَمَلَٰٓئِكَتُهُۥ لِيُخۡرِجَكُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۚ وَكَانَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ رَحِيمٗا
ئاللاھ سىلەرنى كۇپرى زۇلمىتىدىن ئىمان نۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن سىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ، سىلەرنى ماختايدۇ، پەرىشتىلىرى سىلەرگە دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە كۆيۈمچاندۇر، ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يانسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب استسلام المؤمن لحكم الله والانقياد له.
مۇئمىننىڭ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇشى ۋاجىبتۇر.

• اطلاع الله على ما في النفوس.
ئاللاھ كۆڭۈللەردىكىنى بىلىپ تۇرىدۇ.

• من مناقب أم المؤمنين زينب بنت جحش: أنْ زوّجها الله من فوق سبع سماوات.
ئاللاھنىڭ زەينەب بىنتى جەھشنى يەتتە قات ئاسمان ئۈستىدىن تويلاپ قويۇشى ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• فضل ذكر الله، خاصة وقت الصباح والمساء.
ئاللاھنى زىكرى قىلىش، بولۇپمۇ ئەتىگەن - ئاخشاملىرى زىكرى قىلىش پەزىلەتلىك ئەمەلدۇر.

تَحِيَّتُهُمۡ يَوۡمَ يَلۡقَوۡنَهُۥ سَلَٰمٞۚ وَأَعَدَّ لَهُمۡ أَجۡرٗا كَرِيمٗا
مۇئمىنلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغان كۈندە ئۇلار قارشى ئېلىنىدىغان سالام بارچە يامانلىقتىن تىنچ - ئامانلىق بولسۇن، دېگەن سۆزدۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ئىتائىتى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتتىن يىراق بولغانلىقىنىڭ مۇكاپاتى سۈپىتىدە ئۇلارغا كاتتا مۇكاپات، يەنى جەننەتنى تەييارلىدى.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ شَٰهِدٗا وَمُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى ئىنسانلارغا ۋەزىپەڭنى يەتكۈزگەنلىكىڭگە گۇۋاھچى، مۇئمىنلەرگە ئاللاھ تەييارلىغان جەننەت بىلەن خۇشبېشارەت بەرگۈچى، كاپىرلارنى ئاللاھ تەييارلىغان ئازابتىن قورقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق.
تفسیرهای عربی:
وَدَاعِيًا إِلَى ٱللَّهِ بِإِذۡنِهِۦ وَسِرَاجٗا مُّنِيرٗا
بىز سېنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۇنىڭ بىرلىكىگە ۋە تائىتىگە چاقىرغۇچى، ھىدايەت تېپىشنى خالايدىغانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرلۇق چىراق قىلىپ ئەۋەتتۇق.
تفسیرهای عربی:
وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ بِأَنَّ لَهُم مِّنَ ٱللَّهِ فَضۡلٗا كَبِيرٗا
ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان كاتتا مەرھەمىتىدىن خەۋەرلەندۈرگىنكى، ئۇ كاتتا مەرھەمەت بۇ دۇنيادا ئۇلارنىڭ نۇسرەت قازىنىدىغانلىقىنى، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش ئارقىلىق نىجاتلىققا ئېرىشىدىغانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَدَعۡ أَذَىٰهُمۡ وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ وَكَفَىٰ بِٱللَّهِ وَكِيلٗا
كاپىرلارنىڭ ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسىدىغان چاقىرىقلىرىغا بويسۇنمىغىن، ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. بۇنداق قىلىشىڭ ئۇلارنىڭ سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىشىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. پۈتۈن ئىشلىرىڭدا ئاللاھقا تايانغىنكى، دۈشمەنلىرىڭگە قارشى غەلىبە قازىنىشىڭمۇ شۇ ئىشلارنىڭ جۈمسىلىدىندۇر. ئاللاھ تائالا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەندىلەرنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىدا تايىنىدىغان ھامىيسى بولۇشقا يېتەرلىكتۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا نَكَحۡتُمُ ٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ ثُمَّ طَلَّقۡتُمُوهُنَّ مِن قَبۡلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ فَمَا لَكُمۡ عَلَيۡهِنَّ مِنۡ عِدَّةٖ تَعۡتَدُّونَهَاۖ فَمَتِّعُوهُنَّ وَسَرِّحُوهُنَّ سَرَاحٗا جَمِيلٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ناۋادا سىلەر مۇئمىن ئاياللارنى نىكاھلاپ ئالغىنىڭلاردىن كېيىن ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇشتىن بۇرۇن ئۇلارنى قويۇۋەتسەڭلار، ئۇلارغا ئىددەت تۇتۇش كەتمەيدۇ. (بۇنىڭدا) ھەيز بىلەن ئىددەت تۇتىدىغان ياكى ئاي ساناپ ئىددەت تۇتىدىغان ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاشتۇر. چۈنكى سىلەر ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بالىياتقۇلىرىنىڭ پاكلىقى (يەنى ھامىلدار ئەمەسلىكى) ئېنىق. تالاق سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ سۇنغان كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن ئۇلارغا ھالىڭلارغا يارىشا پۇل - مال بېرىڭلار، ئۇلارغا ئازار بەرمەي ئائىلىسىگە كەتكىلى قويۇڭلار.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِنَّآ أَحۡلَلۡنَا لَكَ أَزۡوَٰجَكَ ٱلَّٰتِيٓ ءَاتَيۡتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَ مِمَّآ أَفَآءَ ٱللَّهُ عَلَيۡكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّٰتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَٰلَٰتِكَ ٱلَّٰتِي هَاجَرۡنَ مَعَكَ وَٱمۡرَأَةٗ مُّؤۡمِنَةً إِن وَهَبَتۡ نَفۡسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنۡ أَرَادَ ٱلنَّبِيُّ أَن يَسۡتَنكِحَهَا خَالِصَةٗ لَّكَ مِن دُونِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَۗ قَدۡ عَلِمۡنَا مَا فَرَضۡنَا عَلَيۡهِمۡ فِيٓ أَزۡوَٰجِهِمۡ وَمَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُمۡ لِكَيۡلَا يَكُونَ عَلَيۡكَ حَرَجٞۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن تويلۇق مەھرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى ھالال قىلدۇق، ئەسىرگە چۈشكەنلەر ئىچىدىن ئۆزۈڭ ئىگە بولغانلار چۆرىلەرنىمۇ ھالال قىلدۇق. بىز يەنە ساڭا (دادا ۋە ئانا تەرەپتىن بولغان) تاغىلىرىڭنىڭ ۋە ھاممىلىرىڭنىڭ قىزلىرىنىمۇ ھالال قىلدۇقكى، ئۇلار سەن بىلەن بىرگە مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلاردۇر. ئەگەر سەن نىكاھىڭغا ئېلىشنى خالىساڭ، سەن تويلۇق مەھرى بەرمىسەڭمۇ ئۆزىنى ساڭا بەخش ئەتكەن مۇئمىن ئايالنىمۇ ساڭا ھالال قىلدۇق. تويلۇق مەھرىسىز نىكاھلىنىش پەيغەمبەرگىلا خاس بولۇپ، ئۈممەت ئىچىدىكى باشقا كىشىلەرگە توغرا ئەمەس. بىز مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىنىڭ سانىنىڭ تۆتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىدىن ئىبارەت ئۇلارنىڭ ئاياللىرى ھەققىدىكى بەلگىلىرىمىزنى ھەمدە ئۇلارنىڭ قۇل - چۆرىلىرىگە ھېچ قانداق سان چەكلىمىسى قويماستىن ئۇلاردىن خالىغىنىچە مەنپەئەتلەنسە بولىدىغانلىقى ھەققىدە يولغا قويغانلىرىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بىز ساڭا جاپا بوپقالمىسۇن دەپ باشقىلارغا رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى رۇخسەت قىلدۇق. ئاللاھ تائالا بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارغا مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا رەھىمدىلدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الصبر على الأذى من صفات الداعية الناجح.
ئەزىيەتكە سەۋرچان بولۇش مۇنەۋۋەر دەۋەتچىنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىدۇر.

• يُنْدَب للزوج أن يعطي مطلقته قبل الدخول بها بعض المال جبرًا لخاطرها.
ئەر لەر جىنسىي ئالاقە قىلماستىن قويۇپ بەرگەن ئايالىغا ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن ئاز - تولا نەرسە بېرىشى مۇستەھەبتۇر.

• خصوصية النبي صلى الله عليه وسلم بجواز نكاح الهبة، وإن لم يحدث منه.
ئۆزىنى بەخش ئەتكەن ئاياللارغا نىكاھلىنىشنىڭ توغرىلىقى گەرچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلمىغان بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاس بىر ئىشتۇر.

۞ تُرۡجِي مَن تَشَآءُ مِنۡهُنَّ وَتُـٔۡوِيٓ إِلَيۡكَ مَن تَشَآءُۖ وَمَنِ ٱبۡتَغَيۡتَ مِمَّنۡ عَزَلۡتَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكَۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن تَقَرَّ أَعۡيُنُهُنَّ وَلَا يَحۡزَنَّ وَيَرۡضَيۡنَ بِمَآ ءَاتَيۡتَهُنَّ كُلُّهُنَّۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ مَا فِي قُلُوبِكُمۡۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَلِيمٗا
ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭدىن خالىغىنىڭنىڭ نۆۋىتىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن قونمىساڭ، خالىغىنىڭنىڭكىنى ئالدىغا سۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولساڭ بولىۋېرىدۇ. نۆۋىتىنى كېچىكتۈرگەن ئاياللىرىڭدىن بىرى بىلەن ھەمتۆشەك بولماقچى بولساڭ، بۇنىڭدا ساڭا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ساڭا بېرىلگەن بۇ ئىختىيارلىق ۋە كەڭچىلىك ئاياللىرىڭنىڭ خۇرسەن بولۇشى ھەمدە سەن ئۇلارغا بەرگەن ھەر قانداق نەرسىدىن مەمنۇن بولۇشىغا ئەڭ مۇناسىپتۇر. چۈنكى ئۇلار سېنىڭ ئۆز مەجبۇرىيىتىڭگە سەل قارىمىغانلىقىڭنى، ھېچبىر ھەقكە بېخىللىق قىلمىغانلىقىڭنى بىلىدۇ. ئەي ئەرلەر! ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ئاياللىرىڭلارنىڭ بەزىسىگە بولغان مايىللىقنى بىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ. ئۇ ھەلىمدۇركى، بەندىلىرىنى تەۋبە قىلىۋالسۇن دەپ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّا يَحِلُّ لَكَ ٱلنِّسَآءُ مِنۢ بَعۡدُ وَلَآ أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنۡ أَزۡوَٰجٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكَ حُسۡنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتۡ يَمِينُكَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ رَّقِيبٗا
ئى پەيغەمبەر! (ئەمدى) ئىلكىڭدىكى ئاياللىرىڭدىن باشقا خوتۇن ئالساڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. گەرچە سەن ئالماقچى بولغان ئايال ھەر قانچە گۈزەل بولغان تەقدىردىمۇ، باشقىلارنى ئېلىش ئۈچۈن (ھازىرقى) ئاياللىرىڭنىڭ ھەممىنى ياكى بىرىنى قويۇۋېتىشىڭ ساڭا ھالال بولمايدۇ. لېكىن سەن ئىگە بولغان چۆرىلەردىن بەلگىلىك سان بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن مەنپەئەتلەنسەڭ بولىدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. بۇ ھۆكۈم مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنى تالاق قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئېلىش چەكلەنگەن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَدۡخُلُواْ بُيُوتَ ٱلنَّبِيِّ إِلَّآ أَن يُؤۡذَنَ لَكُمۡ إِلَىٰ طَعَامٍ غَيۡرَ نَٰظِرِينَ إِنَىٰهُ وَلَٰكِنۡ إِذَا دُعِيتُمۡ فَٱدۡخُلُواْ فَإِذَا طَعِمۡتُمۡ فَٱنتَشِرُواْ وَلَا مُسۡتَـٔۡنِسِينَ لِحَدِيثٍۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ يُؤۡذِي ٱلنَّبِيَّ فَيَسۡتَحۡيِۦ مِنكُمۡۖ وَٱللَّهُ لَا يَسۡتَحۡيِۦ مِنَ ٱلۡحَقِّۚ وَإِذَا سَأَلۡتُمُوهُنَّ مَتَٰعٗا فَسۡـَٔلُوهُنَّ مِن وَرَآءِ حِجَابٖۚ ذَٰلِكُمۡ أَطۡهَرُ لِقُلُوبِكُمۡ وَقُلُوبِهِنَّۚ وَمَا كَانَ لَكُمۡ أَن تُؤۡذُواْ رَسُولَ ٱللَّهِ وَلَآ أَن تَنكِحُوٓاْ أَزۡوَٰجَهُۥ مِنۢ بَعۡدِهِۦٓ أَبَدًاۚ إِنَّ ذَٰلِكُمۡ كَانَ عِندَ ٱللَّهِ عَظِيمًا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! پەيغەمبەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرمەڭلار، لېكىن ئۇ سىلەرنى تاماققا چاقىرىش ئارقىلىق كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەمما تاماقنىڭ پىشىشىنى ساقلاپ (بەك) ئۇزۇن ئولتۇرۇۋالماڭلار. تاماققا چاقىرىلغىنىڭلاردا كىرىپ، تاماقنى يەپلا قايتىپ كېتىڭلار. تاماقتىن كېيىن ئۆزئارا پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇرماڭلار. چۈنكى بۇنداق ئولتۇرۇۋېلىش پەيغەمبەرنى رەنجىتىپ قويىدۇ ھەم ئۇ سىلەرنى قايتىپ كېتىڭلار دېيەلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا ھەقكە بۇيرۇشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، شۇڭا ئۇ سىلەرنى پەيغەمبىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇۋېلىپ رەنجىتىپ قويماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىدىن تېز قايتىپ كېتىشكە بۇيرۇدى. ئەگەر سىلەر پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن قاچا - قۇچا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى سورىماقچى بولساڭلار، پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراڭلار. ئۇلارنى كۆرۈپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن بىۋاسىتە بىر نەرسە سورىماڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسى يۈكسەك بولغانلىقتىن (بۇ ھۆكۈم) ئۇنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئىپپىتىنى قوغداش ئۈچۈندۇر. (سىلەر ئۇلاردىن بىر نەرسە سورىغاندا ئاللاھنىڭ سىلەردىن) پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراشنى تەلەپ قىلىشى سىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىنى (گۇناھتىن) ساقلاپ قالىدۇ. نەتىجىدە سىلەرنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ قەلبىگە شەيتان ۋەسۋەسە قىلىپ، گۇناھنى چىرايلىق كۆرسىتەلمەيدۇ. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ (ئۆيىدە) پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش ياكى ئۇ ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىش ئارقىلىق ئۇنى رەنجىتىپ قويۇش سىلەرگە ياراشمايدۇ. چۈنكى ئۇلار مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدۇر. ھېچكىمنىڭ ئۆز ئانىسىنى بىلەن نىكاھلىنىشى توغرا ئەمەس. شەكسىزكى، بۇنداق رەنجىتىش -ئۇ ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئاياللىرىنى ئېلىشىڭلارمۇ شۇ رەنجىتىشنىڭ بىر تۈرىدۇر- ھارام بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئىنتايىن چوڭ گۇناھتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِن تُبۡدُواْ شَيۡـًٔا أَوۡ تُخۡفُوهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ كَانَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٗا
مەيلى سىلەر قىلمىشىڭلاردىن بىرەر نەرسىنى ئاشكارا قىلىڭلار ياكى كۆڭلۈكلاردا يوشۇرۇڭلار، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە ئاللاھقا ھەرگىز مەخپىي قالمايدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇركى، ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن ۋە باشقا نەرسىلەردىن ھېچ بىرى مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە ئاللاھ سىلەرگە شۇ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ. ئەگەر ئەمەللىرىڭلار ياخشى بولسا، مۇكاپاتىمۇ ياخشى بولىدۇ، ناۋادا ئەمىلىڭلار يامان بوپقالسا، جازاسىمۇ يامان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• عظم مقام النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه؛ ولذلك عاتب الصحابة رضي الله عنهم الذين مكثوا في بيته صلى الله عليه وسلم لِتَأَذِّيه من ذلك.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ رەببىنىڭ ھوزۇرىدىكى مەقامىنىڭ ئۇلۇغلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيىدە يېمەككە داخىل بولۇپ، چىقىپ كەتمەي سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرۇش ئارقىلىق پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزگەن ساھابىلار ئەيىپلەنگەن.

• ثبوت صفتي العلم والحلم لله تعالى.
ھەممىنى بىلىپ تۇرۇش ۋە جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، دېگەن ئىككى سۈپەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

• الحياء من أخلاق النبي صلى الله عليه وسلم.
ھايا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەخلاقىدىندۇر.

• صيانة مقام أمهات المؤمنين زوجات النبي صلى الله عليه وسلم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىدىن ئىبارەت مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ مەرتىۋىسىنى ھىمايە قىلىش

لَّا جُنَاحَ عَلَيۡهِنَّ فِيٓ ءَابَآئِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآئِهِنَّ وَلَآ إِخۡوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآءِ إِخۡوَٰنِهِنَّ وَلَآ أَبۡنَآءِ أَخَوَٰتِهِنَّ وَلَا نِسَآئِهِنَّ وَلَا مَا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُهُنَّۗ وَٱتَّقِينَ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ شَهِيدًا
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنى ئاتىلىرى، بالىلىرى، قېرىنداشلىرى، قانداش ياكى ئىمىلدەش جىيەنلىرى ھىجابسىز كۆرسىمۇ ئۇلارغا گۇناھ بولمايدۇ، يەنە ئۇلارغا مۇئمىن ئاياللار ۋە قۇل - چۆرىلىرى پەردىسىز ھالەتتە گەپ قىلسىمۇ گۇناھ بولمايدۇ. ئەي مۇئمىن ئاياللار! ئاللاھ بۇيرۇغان ھەم چەكلىگەن ئىشلاردا ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. چۈنكى ئۇ سىلەردىن ئاشكارا بولغان ۋە (ھەر قانداق شەكىلدە) سادىر بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ وَمَلَٰٓئِكَتَهُۥ يُصَلُّونَ عَلَى ٱلنَّبِيِّۚ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ صَلُّواْ عَلَيۡهِ وَسَلِّمُواْ تَسۡلِيمًا
ئاللاھ ھەقىقەتەن پەرىشتىلىرىنىڭ يېنىدا پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ماختايدۇ، ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ. ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرىگە يولغا قويغان شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئامانلىق تىلەڭلار.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ لَعَنَهُمُ ٱللَّهُ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِ وَأَعَدَّ لَهُمۡ عَذَابٗا مُّهِينٗا
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى گەپ - سۆزى ياكى ئىش - ھەركىتى بىلەن رەنجىتىدىغانلارنى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتكەنلىكىگە قارىتا ئاخىرەتتە ئۇلارغا خارلىغۇچى ئازاب تەييارلىدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ بِغَيۡرِ مَا ٱكۡتَسَبُواْ فَقَدِ ٱحۡتَمَلُواْ بُهۡتَٰنٗا وَإِثۡمٗا مُّبِينٗا
رەنجىتكۈدەك بىرەر خاتالىق ئۆتكۈزمىگەن مۇئمىن ئەرلەرنى ۋە مۇئمىن ئاياللارنى گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەت ئارقىلىق رەنجىتكەنلەر يالغان ئېيتقان ھەم ئوچۇق - ئاشكارا گۇناھ قىلغان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ وَبَنَاتِكَ وَنِسَآءِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ يُدۡنِينَ عَلَيۡهِنَّ مِن جَلَٰبِيبِهِنَّۚ ذَٰلِكَ أَدۡنَىٰٓ أَن يُعۡرَفۡنَ فَلَا يُؤۡذَيۡنَۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئەۋرىتى ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كىيىدىغان پۈركەنجىلىرىنى ئۈستىدىن تاشلىسۇن. بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى ئاسانلا بىلىنىدۇ - دە، ئۇلارغا باشقىلار چۆرىلەرگە چېقىلغاندەك چېقىلالمايدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ھەم ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
۞ لَّئِن لَّمۡ يَنتَهِ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ وَٱلۡمُرۡجِفُونَ فِي ٱلۡمَدِينَةِ لَنُغۡرِيَنَّكَ بِهِمۡ ثُمَّ لَا يُجَاوِرُونَكَ فِيهَآ إِلَّا قَلِيلٗا
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر مۇناپىقلار كۇپۇرلۇقنى يوشۇرۇپ، ئىسلامنى ئاشكارىلايدىغان مۇناپىقلىقتىن يانمىسا، ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە بېرىلىپ كەتكەن ئىستىلى بۇزۇقلار ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدە يالغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغانلار قىلمىشلىرىدىن يانمىسا، -ئەي پەيغەمبەر!- بىز سېنى چوقۇم ئۇلارنى جازالاشقا بۇيرۇيمىز، سېنى ئۇلارغا مۇسەللەت قىلىمىز. ئاندىن ئۇلار يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنىدىغانلىقى ياكى مەدىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن مەدىنىدە سەن بىلەن پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَّلۡعُونِينَۖ أَيۡنَمَا ثُقِفُوٓاْ أُخِذُواْ وَقُتِّلُواْ تَقۡتِيلٗا
ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن قوغلىنىدۇ، ئۇلار مۇناپىق بولغانلىقى ۋە يەر - يۈزىدە پىتنە - پاسات تېرىغانلىقى.ئۈچۈن بايقالغان يەردىلا تۇتۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
سُنَّةَ ٱللَّهِ فِي ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلُۖ وَلَن تَجِدَ لِسُنَّةِ ٱللَّهِ تَبۡدِيلٗا
بۇ مۇناپىقلار ئاشكارا مۇناپىقلىق قىلغان چاغدا ئاللاھنىڭ يۈرگۈزۈپ كەلگەن قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بېكىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا قەتئىي ئۆزگىرىش بايقىمايسەن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• علوّ منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند الله وملائكته.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ ۋە پەرىشتىلەرنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسى يۇقىرىدۇر.

• حرمة إيذاء المؤمنين دون سبب.
مۇئمىنلەرگە سەۋەبسىز ئازار بېرىش ھارامدۇر.

• النفاق سبب لنزول العذاب بصاحبه.
نىپاق مۇناپىقنىڭ ئازابقا قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

يَسۡـَٔلُكَ ٱلنَّاسُ عَنِ ٱلسَّاعَةِۖ قُلۡ إِنَّمَا عِلۡمُهَا عِندَ ٱللَّهِۚ وَمَا يُدۡرِيكَ لَعَلَّ ٱلسَّاعَةَ تَكُونُ قَرِيبًا
ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلار سەندىن ئىنكار قىلىش ۋە يالغانغا چىقىرىش تەرىقىسىدە قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورايدۇ، يەھۇدىيلارمۇ سورايدۇ. ئۇلارغا: قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ، مەن ئۇ ھەقتە ھېچ نەرسە بىلمەيمەن، دېگىن. ئەي پەيغەمبەر! سەن نېمە بىلىسەن؟ قىيامەت يېقىن بولۇشى مۇمكىن.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ لَعَنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَأَعَدَّ لَهُمۡ سَعِيرًا
ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن كاپىرلارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلدى ۋە ئۇلارغا يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتنى تەييارلىدىكى، ئۇ ئوت ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
تفسیرهای عربی:
خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ لَّا يَجِدُونَ وَلِيّٗا وَلَا نَصِيرٗا
ئۇلار ئۆزلىرىگە تەييارلانغان ئاشۇ دوزاخ ئازابىدا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار دوزاختا ئۆزلىرىگە ئەسقاتىدىغان بىرەر دوست تاپالمايدۇ، ئۆزلىرىنى دوزاخ ئازابىدىن قوغدايدىغان بىرەر ياردەمچىمۇ تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ تُقَلَّبُ وُجُوهُهُمۡ فِي ٱلنَّارِ يَقُولُونَ يَٰلَيۡتَنَآ أَطَعۡنَا ٱللَّهَ وَأَطَعۡنَا ٱلرَّسُولَا۠
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ يۈزلىرى دوزاخ ئوتىدا تۈرۈلۈپ كەتكەندە ئۇلار قاتتىق ھەسرەت - نادامەت چەككەن ھالدا: كاشكى بىز ھاياتىي دۇنيادا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەتمەن بولساقچۇ! پەيغەمبەرگىمۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىدە ئىتائەت قىلغان بولساقچۇ! دېيىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَالُواْ رَبَّنَآ إِنَّآ أَطَعۡنَا سَادَتَنَا وَكُبَرَآءَنَا فَأَضَلُّونَا ٱلسَّبِيلَا۠
ئۇلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان، ساختا باھانە - سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ دەيدۇكى: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز ھەقىقەتەن كاتتىلىرىمىز ۋە قەۋمىمىزنىڭ ئاقساقاللىرىغا بويسۇنۇپتۇق، ئاندىن ئۇلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپتۇ.
تفسیرهای عربی:
رَبَّنَآ ءَاتِهِمۡ ضِعۡفَيۡنِ مِنَ ٱلۡعَذَابِ وَٱلۡعَنۡهُمۡ لَعۡنٗا كَبِيرٗا
ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرغان بۇ كاتتىباش، ئاقساقاللارغا بىزگە قىلغىنىڭدىنمۇ ئىككى ھەسسە قاتتىق ئازاب قىلغىن. چۈنكى ئۇلار بىزنى ئازدۇرۇۋەتتى. ئۇلارغا قاتتىق لەنەت قىلغىن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ ءَاذَوۡاْ مُوسَىٰ فَبَرَّأَهُ ٱللَّهُ مِمَّا قَالُواْۚ وَكَانَ عِندَ ٱللَّهِ وَجِيهٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! پەيغەمبىرىڭلارغا ئازار بېرىپ، مۇساغا ئازار بەرگەن (يەھۇدىيلار) غا ئوخشاش بولماڭلار. ئۇلار مۇساغا بەدىنىدە (بىر كېسەللىك بار) دەپ تۆھمەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ مۇسانى ئۇلارنىڭ تۆھمىتىدىن ئاقلىدى. نەتىجىدە ئۇلارغا مۇسانىڭ ئۆزلىرى دېگەن ئەيىبتىن ساغلام ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مۇسا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يۈز - ئابرويلۇق ئىدىكى، ئاللاھ ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلمايتتى ھەم ئۇنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەيتتى.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَقُولُواْ قَوۡلٗا سَدِيدٗا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەم ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار. توغرا ۋە راست سۆزنى قىلىڭلار.
تفسیرهای عربی:
يُصۡلِحۡ لَكُمۡ أَعۡمَٰلَكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡ ذُنُوبَكُمۡۗ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَقَدۡ فَازَ فَوۡزًا عَظِيمًا
ئەگەر سىلەر ئاللاھتىن قورقۇپ، توغرا سۆزنى دېسەڭلار، ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارنى تۈزەپ، سىلەردىن قوبۇل قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىپ، سىلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا جازالىمايدۇ. كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ شۇنداق كاتتا ئۇتۇققا ئېرىشىدۇكى، ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئۇتۇق تەڭ كەلمەيدۇ. ئۇ بولسا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىپ، جەننەتكە كىرىشتۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّا عَرَضۡنَا ٱلۡأَمَانَةَ عَلَى ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱلۡجِبَالِ فَأَبَيۡنَ أَن يَحۡمِلۡنَهَا وَأَشۡفَقۡنَ مِنۡهَا وَحَمَلَهَا ٱلۡإِنسَٰنُۖ إِنَّهُۥ كَانَ ظَلُومٗا جَهُولٗا
شۈبھىسىزكى بىز ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا شەرىئەتكە بويسۇنۇش ۋە (بۇنىڭ مۇكاپاتىغا) ساقلاپ قويۇلغان مال - مۈلۈك ھەم سىر - ئەسرارلارغا (ئىگە بولۇش) تەكلىپىنى بەردۇق. ئۇلار بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن قورققان ئىدى. ئەمما ئۇنى ئىنسان ئۆز ئۈستىگە ئالدى. شەكسىزكى ئىنسان بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى بولدى.
تفسیرهای عربی:
لِّيُعَذِّبَ ٱللَّهُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡمُشۡرِكِينَ وَٱلۡمُشۡرِكَٰتِ وَيَتُوبَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمَۢا
ئىنسان ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ ئامانەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئاللاھنىڭ (بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشى) مۇناپىق ئەرلەر ۋە مۇناپىق ئاياللارنى مۇناپىقلىقىغا قارىتا، مۇشرىك ئەرلەر ۋە مۇشرىك ئاياللارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكىگە قارىتا جازالاش ئۈچۈن، ئامانەتنى جايىدا ئادا قىلغان مۇئمىن ئەرلەر ۋە مۇئمىن ئاياللارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن ئىدى. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ گۇناھىنى تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• اختصاص الله بعلم الساعة.
قىيامەتنىڭ ئىلمى ئاللاھقا خاستۇر.

• تحميل الأتباع كُبَرَاءَهُم مسؤوليةَ إضلالهم لا يعفيهم هم من المسؤولية.
ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئازدۇرۇۋېتىش مەسئۇلىيىتىنى چوڭلىرىغا ئارتىپ قويۇشى ئۇلاردىن مەسئۇلىيەتنى ساقىت قىلمايدۇ.

• شدة التحريم لإيذاء الأنبياء بالقول أو الفعل.
پەيغەمبەرلەرگە گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەت ئارقىلىق ئازار بېرىش قاتتىق ھارامدۇر.

• عظم الأمانة التي تحمّلها الإنسان.
ئىنسان ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت ھەقىقەتەن ئېغىردۇر.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره احزاب
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن