क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - अनुवादों की सूची


अर्थों का अनुवाद सूरा: सूरा अज़्-ज़ारियात   आयत:

سۈرە زارىيات

सूरा के उद्देश्य:
تعريف الجن والإنس بأن مصدر رزقهم من الله وحده؛ ليخلصوا له العبادة.
ئىنسان بىلەن جىننى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رىزىق مەنبىيىنىڭ يالغۇز ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھقا ئىبادەتنى خالىس قىلىشى كېرەكلىكى بايان قىلىنىدۇ.

وَٱلذَّٰرِيَٰتِ ذَرۡوٗا
ئاللاھ تائالا تۇپراقنى سورۇيدىغان شاماللار بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
فَٱلۡحَٰمِلَٰتِ وِقۡرٗا
مول مىقداردا سۇ ئېلىپ ماڭىدىغان بۇلۇتلار بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
فَٱلۡجَٰرِيَٰتِ يُسۡرٗا
دېڭىزدا ناھايىتى سىلىق ۋە يەڭگىل ماڭىدىغان كېمىلەر بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
فَٱلۡمُقَسِّمَٰتِ أَمۡرًا
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنىڭ ئىشلىرىدىن تەقسىم قىلىشقا بۇيرۇغاننى تەقسىم قىلىدىغان پەرىشتىلەر بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
إِنَّمَا تُوعَدُونَ لَصَادِقٞ
پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر.
अरबी तफ़सीरें:
وَإِنَّ ٱلدِّينَ لَوَٰقِعٞ
بەندىلەردىن ھېساب ئالىدىغان ئىش قىيامەت كۈنى شەكسىز ئەمەلىيلىشىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• الاعتبار بوقائع التاريخ من شأن ذوي القلوب الواعية.
تارىخىي ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىش ئويغاق قەلب ئىگىلىرىنىڭ ئىشىدۇر.

• خلق الله الكون في ستة أيام لِحِكَم يعلمها الله، لعل منها بيان سُنَّة التدرج.
ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن كائىناتنى ئالتە كۈندە ياراتقانلىقى پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ھېكمەتلەر تۈپەيلىدىن بولۇپ، تەدرىجىيلىك قانۇنىيىتىنى بايان قىلىش شۇ ھېكمەتلەردىن بىرى بولسا كېرەك.

• سوء أدب اليهود في وصفهم الله تعالى بالتعب بعد خلقه السماوات والأرض، وهذا كفر بالله.
يەھۇدىيلارنىڭ ئاللاھ تائالانى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى يارىتىپ بولغاندىن كېيىن چارچاپ قالدى، دەپ سۈپەتلىشى ئەدەبسىزلىك بولۇپ، بۇ ئاللاھقا كاپىر بولۇشتۇر.

وَٱلسَّمَآءِ ذَاتِ ٱلۡحُبُكِ
ئاللاھ تائالا يوللىرى بار، يارىتىلىشى گۈزەل بولغان ئاسمان بىلەن قەسەم قىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
إِنَّكُمۡ لَفِي قَوۡلٖ مُّخۡتَلِفٖ
ئەي مەككىلىكلەر! شەكسىزكى سىلەر ھەقىقەتەن بىر - بىرىگە زىت سۆزلەرنى قىلىۋاتىسىلەر، بەزىدە: قۇرئان سېھىردۇر، دەيسىلەر، بەزىدە: شېئىر، دەيسىلەر. يەنە بەزىدە: مۇھەممەد سېھىرگەر، دېسەڭلار، بەزىدە: شائىر، دەيسىلەر.
अरबी तफ़सीरें:
يُؤۡفَكُ عَنۡهُ مَنۡ أُفِكَ
ئاللاھنىڭ ئىلمىدە ھەقتىن بۇرۇۋېتىلگەن ئادەم قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتىشتىن بۇرۇۋېتىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭ ئىمان ئېيتمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا ئۇ ھىدايەتكە مۇۋەپپەق قىلىنمايدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
قُتِلَ ٱلۡخَرَّٰصُونَ
قۇرئان كەرىم ۋە ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھەققىدە ئېغىزىغا كەلگەننى بىلجىرلايدىغان بۇ كاززاپلارغا لەنەت بولسۇن.
अरबी तफ़सीरें:
ٱلَّذِينَ هُمۡ فِي غَمۡرَةٖ سَاهُونَ
ئۇلار جاھالەتكە چۆمگەن، ئاخىرەتتىن بىخۇتلاشقانلىقتىن ئۇنىڭغا پەرۋاسىز قارايدىغانلاردۇر.
अरबी तफ़सीरें:
يَسۡـَٔلُونَ أَيَّانَ يَوۡمُ ٱلدِّينِ
ئۇلار: بۇ جازا - مۇكاپات كۈنى قاچان دەپ سورايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۇ كۈن ئۈچۈن ئەمەل قىلمايدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
يَوۡمَ هُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ يُفۡتَنُونَ
ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاختا ئازابلىنىدۇ، دەيدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
ذُوقُواْ فِتۡنَتَكُمۡ هَٰذَا ٱلَّذِي كُنتُم بِهِۦ تَسۡتَعۡجِلُونَ
ئۇلارغا: ئازابىڭلارنى تېتىڭلار، سىلەر ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان ۋاقتىڭلاردا مەسخىرە قىلىپ ئالدىراتقان ئازاب مۇشۇ شۇ، دېيىلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ
شەكسىزكى پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغان كىشىلەر قىيامەت كۈنى باغ - بوستانلاردا ھۆر - پەرىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
ءَاخِذِينَ مَآ ءَاتَىٰهُمۡ رَبُّهُمۡۚ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَبۡلَ ذَٰلِكَ مُحۡسِنِينَ
ئۇلار پەرۋەردىگارى بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ. شەكسىزكى ئۇلار بۇ ئېسىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشىشتىن بۇرۇن دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ياخشىلىق قىلاتتى.
अरबी तफ़सीरें:
كَانُواْ قَلِيلٗا مِّنَ ٱلَّيۡلِ مَا يَهۡجَعُونَ
ئۇلار كېچىنىڭ بىر قىسمىدا ناماز ئوقۇيتتى، ئىنتايىن ئاز ئۇخلايتتى.
अरबी तफ़सीरें:
وَبِٱلۡأَسۡحَارِ هُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ
ئۇلار سەھەر ۋاقىتلىرىدا گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيتتى.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِيٓ أَمۡوَٰلِهِمۡ حَقّٞ لِّلسَّآئِلِ وَٱلۡمَحۡرُومِ
كىشىلەر ئىچىدىن سائىللار ۋە (ئىپپەتلىكلىكىدىن بىر نەرسە سوراشتىن خىجىل بولىدىغان) مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن رىزىقتىن مەھرۇم قالغان موھتاجلارمۇ ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن بەھرىمەن بولالايتتى -يەنى ئۇلار موھتاجلارغا سەدىقە قىلاتتى-.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِي ٱلۡأَرۡضِ ءَايَٰتٞ لِّلۡمُوقِنِينَ
زېمىندا ۋە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدا ياراتقان تاغلار، دېڭىزلار، دەريالار، دەل - دەرەخلەر، ئۆسۈملۈكلەر ۋە جانلىقلاردا ئاللاھنىڭ ھەممىنى ياراتقۇچى، شەكىل بەرگۈچى زات ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى بار.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ أَفَلَا تُبۡصِرُونَ
ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلاردىمۇ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرى بار. بۇلارنى كۆرۈپ، ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
अरबी तफ़सीरें:
وَفِي ٱلسَّمَآءِ رِزۡقُكُمۡ وَمَا تُوعَدُونَ
ئاسماندا سىلەرنىڭ دۇنيالىق ھەم دىنىي رىزقىڭلار ھەمدە سىلەر ۋەدە قىلىنغان ساۋاب ۋە جازا بار.
अरबी तफ़सीरें:
فَوَرَبِّ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ إِنَّهُۥ لَحَقّٞ مِّثۡلَ مَآ أَنَّكُمۡ تَنطِقُونَ
ئاسمان - زېمىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، ئۆلگەندىن قايتا تىرىلىش خۇددى ئۆزۈڭلار سۆزلەۋاتقان سۆزۈڭلاردا شەك بولمىغاندەك ئەلۋەتتە شەكسىز ھەقىقەتتۇر.
अरबी तफ़सीरें:
هَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ ضَيۡفِ إِبۡرَٰهِيمَ ٱلۡمُكۡرَمِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ساڭا ئىبراھىم كۈتۈۋالغان پەرىشتە مېھمانلىرىنىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟
अरबी तफ़सीरें:
إِذۡ دَخَلُواْ عَلَيۡهِ فَقَالُواْ سَلَٰمٗاۖ قَالَ سَلَٰمٞ قَوۡمٞ مُّنكَرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار ئىبراھىمنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: سالام، دېدى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنىڭ سالامىنى ئىلىك ئېلىپ: سالام، دېدى ھەمدە كۆڭلىدە: بۇلار ناتونۇش ئادەملەرغۇ، دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَرَاغَ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ فَجَآءَ بِعِجۡلٖ سَمِينٖ
ئىبراھىم مېھمان قىياپىتىدە كەلگەن پەرىشتىلەرنى ئىنسان دەپ ئويلاپ، ئاستاغىنە ئائىلىسىدىكلەرنىڭ قېشىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ يېنىدىن تولۇپ سەمرىگەن بىر موزاينىڭ (گۆشىنى پىشۇرۇپ) ئېلىپ كەلدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَقَرَّبَهُۥٓ إِلَيۡهِمۡ قَالَ أَلَا تَأۡكُلُونَ
ئاندىن موزاي گۆشىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ۋەزمىن ئاھاڭدا: ئالدىڭلارغا كەلتۈرۈلگەن تائامنى يېمەمسىلەر؟ دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَأَوۡجَسَ مِنۡهُمۡ خِيفَةٗۖ قَالُواْ لَا تَخَفۡۖ وَبَشَّرُوهُ بِغُلَٰمٍ عَلِيمٖ
ئۇلار گۆشنى يېمىگەندىن كېيىن ئىبراھىم كۆڭلىدە ئۇلاردىن قورقتى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ كەيپىياتىنى سېزىپ، كۆڭلىنى تىندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا: ئەنسىرىمىگىن، شەكسىزكى بىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرمىز، دېدى ھەمدە ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئىنتايىن ئىلىملىك بىر ئوغلى بولىدىغانلىقىنى، ئېيتتى. بېشارەت بېرىلگەن بۇ ئوغۇل بولسا ئىسھاق ئەلەيھىسسالام ئىدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَأَقۡبَلَتِ ٱمۡرَأَتُهُۥ فِي صَرَّةٖ فَصَكَّتۡ وَجۡهَهَا وَقَالَتۡ عَجُوزٌ عَقِيمٞ
ئىبراھىمنىڭ ئايالى بۇ بېشارەتنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن سۈرەن سالغىنىچە كەلدى، ئاندىن بۇ ئىشتىن ھەيران قىلىپ يۈزىگە كاچاتلاپ تۇرۇپ: بۇرۇندىن تۇغماس بىر قېرى مومايمۇ تۇغامدۇ؟ دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
قَالُواْ كَذَٰلِكِ قَالَ رَبُّكِۖ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلۡحَكِيمُ ٱلۡعَلِيمُ
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: بىز ساڭا بەرگەن خەۋەرنى پەرۋەردىگارىڭ دېدى، ئۇنىڭ دېگىنىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر. ئۇ يارىتىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ھەقىقەتەنمۇ ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى، مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا نېمىنىڭ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
अरबी तफ़सीरें:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• إحسان العمل وإخلاصه لله سبب لدخول الجنة.
ئەمەلنى ئېھسان بىلەن قىلىش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىش جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.

• فضل قيام الليل وأنه من أفضل القربات.
كېچىدە قىيامدا تۇرۇش پەزىلەتلىك ئەمەل ھەمدە ئۇ ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزەللىرىدىن بىرىدۇر.

• من آداب الضيافة: رد التحية بأحسن منها، وتحضير المائدة خفية، والاستعداد للضيوف قبل نزولهم، وعدم استثناء شيء من المائدة، والإشراف على تحضيرها، والإسراع بها، وتقريبها للضيوف، وخطابهم برفق.
سالامنى تېخىمۇ گۈزەل شەكىلدە ئىلىك ئېلىش، مېھمانغا ئۇقتۇرماي داستىخان تەييارلاش، مېھمانلار كېلىشتىن بۇرۇن تەييارلىق قىلىش، داستىخاندىن ھېچنەرسىنى ئايىماسلىق، داستىخاننى تەييارلاشقا مەسئۇل بولۇش ھەم ئالدىراش، تائامنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا يېقىن قويۇش ۋە ئۇلارغا ۋەزمىن ئاھاڭدا گەپ قىلىش مېھماندارچىلىقنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىدىندۇر.

۞ قَالَ فَمَا خَطۡبُكُمۡ أَيُّهَا ٱلۡمُرۡسَلُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: نېمىشقا كەلدىڭلار؟ نېمە قىلماقچى سىلەر؟ دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
قَالُوٓاْ إِنَّآ أُرۡسِلۡنَآ إِلَىٰ قَوۡمٖ مُّجۡرِمِينَ
پەرىشتىلەر ئىبراھىمغا جاۋابەن: ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزنى قەبىھ گۇناھلارنى سادىر قىلىدىغان گۇناھكار بىر قەۋمنى جازالىغىلى ئەۋەتتى، دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
لِنُرۡسِلَ عَلَيۡهِمۡ حِجَارَةٗ مِّن طِينٖ
بىز ئۇلارنىڭ ئۈستىگە لايدىن پىشۇرۇلغان تاشلارنى ياغدۇرىمىز.
अरबी तफ़सीरें:
مُّسَوَّمَةً عِندَ رَبِّكَ لِلۡمُسۡرِفِينَ
ئۇ تاشلارغا پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا بەلگە سېلىنغان بولۇپ، ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلەردە ھەددىدىن ئىشىپ، ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئاسىلىق قىلغانلار ئۈستىگە ياغدۇرۇلىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
فَأَخۡرَجۡنَا مَن كَانَ فِيهَا مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
لۇت قەۋمىنىڭ يۇرتىدا ياشايدىغان مۇئمىنلەرنى گۇناھكارلارغا كەلگەن ئازاب كېلىپ قالمىسۇن دەپ (شەھەر سىرتىغا) چىقىرىۋەتتۇق.
अरबी तफ़सीरें:
فَمَا وَجَدۡنَا فِيهَا غَيۡرَ بَيۡتٖ مِّنَ ٱلۡمُسۡلِمِينَ
بىز بۇ شەھەردە مۇسۇلمان ئائىلىدىن پەقەت بىرنى بايقىدۇق، ئۇ بولسىمۇ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلىسىدۇر.
अरबी तफ़सीरें:
وَتَرَكۡنَا فِيهَآ ءَايَةٗ لِّلَّذِينَ يَخَافُونَ ٱلۡعَذَابَ ٱلۡأَلِيمَ
لۇت قەۋمىگە كەلگەن دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئىبرەت ئالسۇن ھەم ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى قىلماي شۇنداق ئازابتىن قۇتۇلۇپ قالسۇن دەپ ئۇلارنىڭ يۇرتىدا بىز ئۇلارغا كەلگەن ئازابقا دالالەت قىلىدىغان ئىزلارنى قالدۇردۇق.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِي مُوسَىٰٓ إِذۡ أَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ فِرۡعَوۡنَ بِسُلۡطَٰنٖ مُّبِينٖ
بىزنىڭ مۇسانى پىرئەۋنگە روشەن دەلىل - پاكىتلار بىلەن ئەۋەتىشىمىزدىمۇ دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بار.
अरबी तफ़सीरें:
فَتَوَلَّىٰ بِرُكۡنِهِۦ وَقَالَ سَٰحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٞ
پىرئەۋن ئۆز كۈچىگە ھەم لەشكەرلىرىگە ئىشىنىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈدى. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە: ئۇ باشقىلارغا سېھىر قىلىدىغان بىر سېھىرگەر يا بولمىسا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى دەيدىغان ساراڭ، دېدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٞ
بىز ئۇنى پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ دېڭىزغا تاشلىدۇق. ئاندىن ئۇلار تامامەن غەرق بولۇپ تۈگەشتى. پىرئەۋن مۇسانى يالغانغا چىقىرىش ۋە ئۆزىنى ئىلاھ دەپ دەۋا قىلىش ئارقىلىق جازالىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدى.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِي عَادٍ إِذۡ أَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمُ ٱلرِّيحَ ٱلۡعَقِيمَ
دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن ھۇد قەۋمى ئادتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا بىز ئۇلارغا شۇنداق بىر شامالنى ئەۋەتتۇقكى، ئۇ شامال نە يامغۇر ئېلىپ كەلمەيدۇ، نە بىر ئۆسۈملۈكنى چاڭلاشتۇرمايدۇ، ئۇنىڭدا قىلچە ياخشىلىق يوق.
अरबी तफ़सीरें:
مَا تَذَرُ مِن شَيۡءٍ أَتَتۡ عَلَيۡهِ إِلَّا جَعَلَتۡهُ كَٱلرَّمِيمِ
ئۇ بوران نە بىر ئىنسان، نە بىر مال - چارۋا ياكى باشقا ھەر قانداق نەرسىنى ساق قويمايدىغان بولۇپ، يېنىدىن ئۆتكەنلىكى نەرسىنى تىتما - تىما قىلىپ، چىرىپ كەتكەن سۆڭەكتەك قىلىۋېتىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
وَفِي ثَمُودَ إِذۡ قِيلَ لَهُمۡ تَمَتَّعُواْ حَتَّىٰ حِينٖ
دەرتلىك ئازابتىن قورقىدىغانلار ئۈچۈن سالىھنىڭ قەۋمى سەمۇدتىمۇ ئىبرەت بار. ئەينى چاغدا ئۇلارغا: ئەجىلىڭلار توشۇشتىن بۇرۇن ھاياتىڭلاردىن بەھرىمەن بولۇۋېلىڭلار، دېيىلدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَعَتَوۡاْ عَنۡ أَمۡرِ رَبِّهِمۡ فَأَخَذَتۡهُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَهُمۡ يَنظُرُونَ
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقىدىن باش تارتىپ، ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى ئازاب ئېلىپ كەلگەن چاقماق ھالاك قىلدى. ھالبۇكى ئۇلار ئۇنىڭ چۈشكىنىگە قاراپ تۇراتتى. ئەينى چاغدا ئۇلارغا ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇشۇ ئازابنىڭ كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئىدى.
अरबी तफ़सीरें:
فَمَا ٱسۡتَطَٰعُواْ مِن قِيَامٖ وَمَا كَانُواْ مُنتَصِرِينَ
ئۇلارغا ئازاب چۈشكەن چاغدا ئۆزلىرىدىن ئازابنى توسۇپ قالالمىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇ ئازابنى توسۇپ قالالايدىغان بىرەر كۈچمۇ بولمىدى.
अरबी तफ़सीरें:
وَقَوۡمَ نُوحٖ مِّن قَبۡلُۖ إِنَّهُمۡ كَانُواْ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
بىز ھەقىقەتەن مەزكۇر قەۋملەردىن بۇرۇنمۇ نۇھنىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغان ئىدۇق. ئۇلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كىشىلەر بولغاچقا، ئاللاھنىڭ ئازابىغا لايىق بولغان ئىدى.
अरबी तफ़सीरें:
وَٱلسَّمَآءَ بَنَيۡنَٰهَا بِأَيۡيْدٖ وَإِنَّا لَمُوسِعُونَ
بىز ئاسماننى بىنا قىلىپ، كۈچ - قۇۋۋەت بىلەن ئۇنى ئىنتايىن پۇختا قىلدۇق. بىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئەتراپقا كېڭەيتىپ تۇرىمىز.
अरबी तफ़सीरें:
وَٱلۡأَرۡضَ فَرَشۡنَٰهَا فَنِعۡمَ ٱلۡمَٰهِدُونَ
بىز زېمىننى ئۈستىدە تۇرىدىغانلارغا كۆرپىگە ئوخشاش يېيىپ بەردۇق. بىز ئۇنى ئۇلارغا يېيىپ بەرگەن ۋاقتىمىزدا نېمىدېگەن ياخشى يايغۇچىلارمىز!؟
अरबी तफ़सीरें:
وَمِن كُلِّ شَيۡءٍ خَلَقۡنَا زَوۡجَيۡنِ لَعَلَّكُمۡ تَذَكَّرُونَ
بىز ھەر نەرسىنى ئەركەك - چىشى، ئاسمان - زېمىن، قۇرۇقلۇق - دېڭىز دېگەندەك جۈپ قىلىپ ياراتتۇق. ئۈمىدكى سىلەر ھەر نەرسىنى جۈپ قىلىپ ياراتقان ئاللاھنىڭ يەككە - يېگانىلىكى ۋە ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ئەسلىگەيسىلەر.
अरबी तफ़सीरें:
فَفِرُّوٓاْ إِلَى ٱللَّهِۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ئاسىيلىقنى تاشلاش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئۇنىڭ مۇكاپاتىغا قېچىڭلار. ئەي ئىنسانلار! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
अरबी तफ़सीरें:
وَلَا تَجۡعَلُواْ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَۖ إِنِّي لَكُم مِّنۡهُ نَذِيرٞ مُّبِينٞ
ئاللاھقا ئۇنى قويۇپ چوقۇنىدىغان باشقا بىر مەبۇدنى شېرىك قىلماڭلار. مەن ھەقىقەتەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئازابىدىن ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن.
अरबी तफ़सीरें:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• الإيمان أعلى درجة من الإسلام.
ئىماننىڭ دەرىجىسى ئىسلامدىن يۇقىرىراقتۇر.

• إهلاك الله للأمم المكذبة درس للناس جميعًا.
ئاللاھنىڭ ئىنكارچى ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلىشى پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئىبرەتلىك ساۋاقتۇر.

• الخوف من الله يقتضي الفرار إليه سبحانه بالعمل الصالح، وليس الفرار منه.
ئاللاھتىن قورقۇش ئۇنىڭدىن قېچىشنى ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

كَذَٰلِكَ مَآ أَتَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِم مِّن رَّسُولٍ إِلَّا قَالُواْ سَاحِرٌ أَوۡ مَجۡنُونٌ
مەككە مۇشرىكلىرى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلارغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن قانداق بىر پەيغەمبەر كەلسە ئۇلار ئۇنى: سېھىرگەر ياكى ساراڭ دېيىشەتتى.
अरबी तफ़सीरें:
أَتَوَاصَوۡاْ بِهِۦۚ بَلۡ هُمۡ قَوۡمٞ طَاغُونَ
ئىلگىرىكى كاپىرلار كېيىنكىلەرگە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغانمۇ؟ ياق، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشتا ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر.
अरबी तफ़सीरें:
فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡ فَمَآ أَنتَ بِمَلُومٖ
ئەي پەيغەمبەر! بۇ ئىنكارچىلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. سەن (ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا) مالامەتكە ئۇچرىمايسەن. چۈنكى سەن ئۇلارغا ۋەزىپەڭنى يەتكۈزدۈڭ.
अरबी तफ़सीरें:
وَذَكِّرۡ فَإِنَّ ٱلذِّكۡرَىٰ تَنفَعُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
سېنىڭ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭ ئۇلارغا ۋەز - نەسىھەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن. ئۇلارغا پەند - نەسىھەت قىلىپ تۇرغىن. چۈنكى ۋەز - نەسىھەت ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغانلارغا ئەسقاتىدۇ.
अरबी तफ़सीरें:
وَمَا خَلَقۡتُ ٱلۡجِنَّ وَٱلۡإِنسَ إِلَّا لِيَعۡبُدُونِ
جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يالغۇز ماڭىلا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈن ياراتتىم. مەن ئۇلارنى ماڭا شېرىك كەلتۈرسۇن دەپ ياراتمىدىم.
अरबी तफ़सीरें:
مَآ أُرِيدُ مِنۡهُم مِّن رِّزۡقٖ وَمَآ أُرِيدُ أَن يُطۡعِمُونِ
مەن ئۇلارنىڭ رىزىق بېرىشىنىمۇ، ماڭا يېمەكلىك بېرىشىنىمۇ كۈتمەيمەن.
अरबी तफ़सीरें:
إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلرَّزَّاقُ ذُو ٱلۡقُوَّةِ ٱلۡمَتِينُ
ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىگە رىزىق ئاتا قىلغۇچىدۇر، ھەممە ئاللاھنىڭ رىزىق بېرىشىگە موھتاج. ئاللاھ ھېچ نەرسە يېڭەلمەيدىغان كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىدۇر. جىنلار ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قۇۋۋىتىگە باش ئەگكۈچىلەردۇر.
अरबी तफ़सीरें:
فَإِنَّ لِلَّذِينَ ظَلَمُواْ ذَنُوبٗا مِّثۡلَ ذَنُوبِ أَصۡحَٰبِهِمۡ فَلَا يَسۡتَعۡجِلُونِ
ئەي پەيغەمبەر! سېنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارغا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى ھەمراھلىرىغا ئوخشاش ئازاب بار بولۇپ، ئۇ ئازابنىڭ مۇئەييەن ۋاقتى بار. شۇڭا ئۇلار مەندىن ۋاقتى كېلىشتىن بۇرۇن ئۇ ئازابنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلمىسۇن.
अरबी तफ़सीरें:
فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن يَوۡمِهِمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ
ئاللاھقا كاپىر بولغان ۋە پەيغەمبەرلىرىنى يالغانغا چىقارغانلارغا ئازاب چۈشىدىغانلىقى ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كۈنىدە ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!.
अरबी तफ़सीरें:
इस पृष्ठ की आयतों से प्राप्त कुछ बिंदु:
• الكفر ملة واحدة وإن اختلفت وسائله وتنوع أهله ومكانه وزمانه.
كۇپۇرلۇقنىڭ ۋاسىتىلىرى خىلمۇ-خىل، كاپىرلارمۇ ھەر خىل، ئورنى ھەم ۋاقتى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ بەرىبىر كۇپرىنىڭ ھەممىسى بىر مىللەتتۇر.

• شهادة الله لرسوله صلى الله عليه وسلم بتبليغ الرسالة.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى يەتكۈزگەنلىكىگە ئاللاھ گۇۋاھتۇر.

• الحكمة من خلق الجن والإنس تحقيق عبادة الله بكل مظاهرها.
جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى يارىتىشتىكى ھېكمەت ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىشنىڭ ھەممە كۆرۈنۈشلىرىنى رېئاللىققا چىقىرىشتۇر.

• سوف تتغير أحوال الكون يوم القيامة.
قىيامەت كۈنى كائىناتنىڭ ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

 
अर्थों का अनुवाद सूरा: सूरा अज़्-ज़ारियात
सूरों की सूची पृष्ठ संख्या
 
क़ुरआन के अर्थों का अनुवाद - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - अनुवादों की सूची

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

बंद करें