Check out the new design

クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) * - 対訳の目次


対訳 章: 御光章   節:
يُقَلِّبُ ٱللَّهُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَعِبۡرَةٗ لِّأُوْلِي ٱلۡأَبۡصَٰرِ
ئاللاھ تائالا كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئۇزۇن - قىسقا بولۇشتا ۋە كېلىپ - كېتىشتە نۆۋەتلەشتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەكسىزكى بۇ ئايەتلەردە ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن پەند - نەسىھەت، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنىڭ دەلىللىرىدىن ئۇنىڭ قۇدرىتىنى ۋە يەككە - يېگانىلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدىغان ئالامەتلەر بار.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَٱللَّهُ خَلَقَ كُلَّ دَآبَّةٖ مِّن مَّآءٖۖ فَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ بَطۡنِهِۦ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰ رِجۡلَيۡنِ وَمِنۡهُم مَّن يَمۡشِي عَلَىٰٓ أَرۡبَعٖۚ يَخۡلُقُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئاللاھ تائالا يەر يۈزىدە ئۆمىلەيدىغان بارلىق جاندارلارنى مەنىي ئىسپىرمىدىن ياراتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يىلانغا ئوخشاش قورسىقىدا ئۆمىلەپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، ئىنسان ۋە قۇشلارغا ئوخشاش ئىككى پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار، چارىپايلارغا تۆت پۇتلاپ ماڭىدىغانلىرىمۇ بار. ئاللاھ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان جانىۋارلاردىن خالىغىنىنى يارىتىدۇ. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
لَّقَدۡ أَنزَلۡنَآ ءَايَٰتٖ مُّبَيِّنَٰتٖۚ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ھەقىقەتەن بىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا قىلچە شەك بولمىغان، روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق. ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھېچقانداق ئەگرىلىك بولمىغان ھەق يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ، ئاندىن شۇ يول ئۇ كىشىنى جەننەتكە يەتكۈزىدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَيَقُولُونَ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلرَّسُولِ وَأَطَعۡنَا ثُمَّ يَتَوَلَّىٰ فَرِيقٞ مِّنۡهُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۚ وَمَآ أُوْلَٰٓئِكَ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مۇناپىقلار: بىز ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە ئىمان ئېيتتۇق، ئاللاھقا ھەم ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلاردىن بىر ئوچۇمى يۈز ئۆرۈپ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقانلىقىنى ھەمدە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە باشقا ئەمەللەر ھەققىدىكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلمايدۇ. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئىتائىتىدىن يۈز ئۆرۈگەن بۇ ئادەملەر ھەر قانچە ئۆزلىرىنىڭ ئىمان ئېيتقانلىقىنى دەۋا قىلسىمۇ مۇئمىن ئەمەس.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم مُّعۡرِضُونَ
بۇ مۇناپىقلار ئۆزئارا دەتالاشقا چۈشۈپ قالغان ئىشلىرىدا پەيغەمبەرنىڭ ھۆكۈم قىلىپ قويۇشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە چاقىرىلسا بۇ ھەقتە دەتالاش قىلىشىدۇ. ئۇلار مۇناپىقلىقى تۈپەيلىدىن پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەردۇر.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَإِن يَكُن لَّهُمُ ٱلۡحَقُّ يَأۡتُوٓاْ إِلَيۡهِ مُذۡعِنِينَ
ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېگىنى توغرا چىقىدىغانلىقىنى ھەم پەيغەمبەرنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى بىلسە ئىدى، پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا بويسۇنغان، باش ئەگكەن ھالدا كەلگەن بولاتتى.
アラビア語 クルアーン注釈:
أَفِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ أَمِ ٱرۡتَابُوٓاْ أَمۡ يَخَافُونَ أَن يَحِيفَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمۡ وَرَسُولُهُۥۚ بَلۡ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىغا چاپلاشقان مۇناپىقلىق كېسىلى بارمۇ ياكى ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ ھۆكۈمدە ئۇلارغا ئادىللىق قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا دېيىلگەنلەردىن ھېچبىرى بولغان ئىش يوق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈپ، بويۇنتاۋلىق قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دىللىرىدىكى كېسەللىك سەۋەبلىك شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
アラビア語 クルアーン注釈:
إِنَّمَا كَانَ قَوۡلَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ إِذَا دُعُوٓاْ إِلَى ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَهُمۡ أَن يَقُولُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
پەيغەمبەر ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشى ئۈچۈن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى تەرەپكە چاقىرىلسا مۇئمىنلەر پەقەت: ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭلىدۇق، بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلدۇق، دېيىشى كېرەك. مۇشۇ سۈپەتكە ئىگە بولغان ئاشۇ كىشىلەر بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
アラビア語 クルアーン注釈:
وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَيَخۡشَ ٱللَّهَ وَيَتَّقۡهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇپ، گۇناھ - مەئسىيەتلەرگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئازابىدىن قورقىدىكەن، ئەنە شۇ كىشىلەرلا بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا ئېرىشكۈچىلەردۇر.
アラビア語 クルアーン注釈:
۞ وَأَقۡسَمُواْ بِٱللَّهِ جَهۡدَ أَيۡمَٰنِهِمۡ لَئِنۡ أَمَرۡتَهُمۡ لَيَخۡرُجُنَّۖ قُل لَّا تُقۡسِمُواْۖ طَاعَةٞ مَّعۡرُوفَةٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
مۇبادا سەن مۇناپىقلارنى جىھادقا چىقىشقا بۇيرۇساڭ، ئۇلار چوقۇم چىقىدىغانلىقى ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك قەسەملەر بىلەن ئېغىزىغا پېتىشىچە قەسەم قىلىشىدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا: قەسەم قىلماڭلار، چۈنكى سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلار ھەممىگە مەلۇم، ساختا ئىتائىتىڭلارمۇ مەلۇم. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، ھەر قانچە يوشۇرساڭلارمۇ ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ قىلمىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ، دېگىن.
アラビア語 クルアーン注釈:
本諸節の功徳:
• تنوّع المخلوقات دليل على قدرة الله.
مەخلۇقاتلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىلىدۇر.

• من صفات المنافقين الإعراض عن حكم الله إلا إن كان الحكم في صالحهم، ومن صفاتهم مرض القلب والشك، وسوء الظن بالله.
ئۆزلىرىنىڭ پايدىسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن باشقا چاغدا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدىن يۈز ئۆرۈش مۇناپىقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر. يەنە قەلبنىڭ كېسەللىكى، ئارىسالدىلىق ۋە ئاللاھنى يامان گۇمان قىلىشلارمۇ شۇلارنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر.

• طاعة الله ورسوله والخوف من الله من أسباب الفوز في الدارين.
ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش ھەم ئاللاھتىن قورقۇش ئىككىلا دۇنيادا نىجات تېپىشنىڭ سەۋەبلىرىدىندۇر.

• الحلف على الكذب سلوك معروف عند المنافقين.
يالغان قەسەم قىلىش مۇناپىقلارنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق قىلىقىدۇر.

 
対訳 章: 御光章
章名の目次 ページ番号
 
クルアーンの対訳 - クルアーン簡潔注釈(ウイグル語対訳) - 対訳の目次

Tafsir Center for Quranic Studies - 発行

閉じる