ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಶ್ಲೋಕ: (111) ಅಧ್ಯಾಯ: ಸೂರ ಯೂಸುಫ್
لَقَدۡ كَانَ فِي قَصَصِهِمۡ عِبۡرَةٞ لِّأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِۗ مَا كَانَ حَدِيثٗا يُفۡتَرَىٰ وَلَٰكِن تَصۡدِيقَ ٱلَّذِي بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَتَفۡصِيلَ كُلِّ شَيۡءٖ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٗ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ
شەكسىزكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۈممەتلىرىنىڭ ۋەقەلىكلىرىدە، شۇنداقلا يۇسۇف ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قىسسەسىدە كۆپلىگەن پەند - نەسىھەتلەر باركى، ئۇنىڭدىن ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى پەند - نەسىھەت ئالىدۇ. بۇ قىسسەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرئان كەرىم ئاللاھ نامىدىن يالغاندىن ئويدۇرۇلغان توقۇلما سۆز ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن نازىل قىلىنغان ساماۋىي كىتابلارنى تەستىقلىغۇچى، ئېھتىياج چۈشىدىغان تەپسىلىي ئەھكاملار ۋە يوليورۇقلارنى كونكېرت بايان قىلغۇچى، ھەر قانداق ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى، ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە رەھمەت بولغان كىتابتۇركى، بۇ كىتابتىن پەقەت ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرلا بەھىر ئالالايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• أن الداعية لا يملك تصريف قلوب العباد وحملها على الطاعات، وأن أكثر الخلق ليسوا من أهل الهداية.
بۇ ئايەتلەر دەۋەتچى بولغان كىشىنىڭ بەندىلەرنىڭ قەلبلىرىنى ئۆزگەرتىپ، تائەت - ئىبادەتلەرگە مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خالايىقلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن ئەمەسلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

• ذم المعرضين عن آيات الله الكونية ودلائل توحيده المبثوثة في صفحات الكون.
ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ يەككە - يېگانىلىكىنىڭ كائىناتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا چېچىلىپ ياتقان دەلىللىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئەيىبلەيدۇ.

• شملت هذه الآية ﴿ قُل هَذِهِ سَبِيلِي...﴾ ذكر بعض أركان الدعوة، ومنها: أ- وجود منهج:﴿ أَدعُواْ إِلَى اللهِ ﴾. ب - ويقوم المنهج على العلم: ﴿ عَلَى بَصِيرَةٍ﴾. ج - وجود داعية: ﴿ أَدعُواْ ﴾ ﴿أَنَا﴾. د - وجود مَدْعُوِّين: ﴿ وَمَنِ اتَّبَعَنِي ﴾.
«ئېيتقىنكى، بۇ مېنىڭ يولۇمدۇر» دېگەن بۇ ئايەت دەۋەتنىڭ بىر قسىىم ئاساسلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇلار: 1- ئاللاھ تەرەپكە چاقىرىشتىن ئىبارەت مېتودنىڭ مەۋجۇتلۇقى، 2- دەلىل پاكىتقا ئاساسلىنىشتىن ئىبارەت ئىلمىي مېتودقا ئاساسلىنىش، 3- مەن چاقىرىمەن دەيدىغان دەۋەتچىنىڭ بولۇشى، 4- ئەگىشىدىغان چاقىرىلغۇچىلارنىڭ بولۇشىدىن ئىبارەت.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಶ್ಲೋಕ: (111) ಅಧ್ಯಾಯ: ಸೂರ ಯೂಸುಫ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

ಮುಚ್ಚಿ