Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅನ್ನಹ್ಲ್   ಶ್ಲೋಕ:
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ إِلَّا رِجَالٗا نُّوحِيٓ إِلَيۡهِمۡۖ فَسۡـَٔلُوٓاْ أَهۡلَ ٱلذِّكۡرِ إِن كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز سەندىن ئىلگىرى ئىنسانلاردىن پەقەت ئەرلەرگىلا ۋەھيى نازىل قىلىمىز، پەرىشتىلەردىن پەيغەمبەر ئەۋەتمىدۇق، بۇ بىزنىڭ داۋاملىشىۋاتقان يولىمىز، ئەگەر سىلەر بۇنى ئىنكار قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلمىسەڭلار، ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەردىن سوراپ بىقىڭلار، ئۇلار سىلەرگە ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ پەرىشتە بولماستىن بەلكى ئىنسان ئىكەنلىكىدىن .خەۋەر بېرىدۇ
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلزُّبُرِۗ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ٱلذِّكۡرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيۡهِمۡ وَلَعَلَّهُمۡ يَتَفَكَّرُونَ
بىز ئىنسانلاردىن بولغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنى روشەن دەلىللەر ۋە نازىل قېلىنغان كىتابلار بىلەن ئەۋەتتۇق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ساڭا قۇرئاننى كىشىلەر ئېھتىياجلىق بولىدىغان نەرسىلەرنى بايان قىلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ پىكىر قېلىشى، ئويلىنىشى ۋە قۇرئان ئۆز ئېچىگە .ئالغان نەرسىلەردىن ۋەز-نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن نازىل قىلدۇق
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَفَأَمِنَ ٱلَّذِينَ مَكَرُواْ ٱلسَّيِّـَٔاتِ أَن يَخۡسِفَ ٱللَّهُ بِهِمُ ٱلۡأَرۡضَ أَوۡ يَأۡتِيَهُمُ ٱلۡعَذَابُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَشۡعُرُونَ
كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش ئۈچۈن ھىلە-مىكىر ئىشلەتكەنلەر قارۇننى يەرگە يۇتقۇزىۋاتقاندەك ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىنى يەرگە يۇتقۇزىۋېتىشىدىن ياكى ئۇلار كۈتمىگەن جايدىن ئۆزلىرىگە ئازاب .كېلىشىدىن قورقمامدىغاندۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ فِي تَقَلُّبِهِمۡ فَمَا هُم بِمُعۡجِزِينَ
ياكى ئۇلار تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك كەسىپ قىلىش ئۈچۈن سەپەرلەردە كېتىۋاتقاندا ئازابقا يولۇقۇشىدىن قورۇقمامدۇ؟، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئازابتىن قۇتۇلالمايدۇ ۋە ئۇنى چەكلىيەلمەيدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَوۡ يَأۡخُذَهُمۡ عَلَىٰ تَخَوُّفٖ فَإِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٌ
ياكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھدىن قورۇققان ھالىتىدە ئاللاھنىڭ ئازابى يېتىشىدىن خاتىرجەم بولدىمۇ؟، ئاللاھ ئۇلارنى ھەر ۋاقىت ئازابلاشقا قادىر. شۈبھىسىزكى، سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەلۋەتتە كۆيۈمچاندۇر، مېھرىباندۇر، بەندىلىرىنىڭ تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنى ئالدىراپ جازالىمايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ إِلَىٰ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ مِن شَيۡءٖ يَتَفَيَّؤُاْ ظِلَٰلُهُۥ عَنِ ٱلۡيَمِينِ وَٱلشَّمَآئِلِ سُجَّدٗا لِّلَّهِ وَهُمۡ دَٰخِرُونَ
ئاشۇ يالغانچى كاپىرلار ئاللاھنىڭ ياراتقان نەرسىلىرىگە تەپەككۈر قىلىش نەزىرى بىلەن قارىمامدىغاندۇ؟، قۇياشنىڭ ھەركىتى ۋە كۈندۈزدىكى سەيرى قېلىشىغا ئەگىشىپ ئۇ نەرسىلەرنىڭ سايىلىرى ئوڭ ۋە سول تەرەپكە مايىل بولۇپ تۇرىدۇ، كېچىدە ئايغا ئەگىشىدۇ، ئۇ نەرسىلەر تۆۋەنچىلىك بىلەن ئۆز پەرۋەردىگارىغا ھەقىقى سەجدە قىلىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلِلَّهِۤ يَسۡجُدُۤ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن دَآبَّةٖ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَهُمۡ لَا يَسۡتَكۡبِرُونَ
ئاسمانلار ۋە زېمىندىكى ھەممە جانلىق نەرسىلەر يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، پەرىشتىلەرمۇ يالغۇز ئاللاھقا سەجدە قېلىدۇ، ئۇلار ئاللاھقا .ئىبادەت قىلىش ۋە بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قېلىپ باش تارتمايدۇ
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَخَافُونَ رَبَّهُم مِّن فَوۡقِهِمۡ وَيَفۡعَلُونَ مَا يُؤۡمَرُونَ۩
پەرىشتىلەر دائىم ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ تۇرۇش بىلەن تۇرۇغلۇق ئۆزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى زاتتىن قورقىدۇ، پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىپ بۇيرىغاننى تولۇق ئورۇندايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
۞ وَقَالَ ٱللَّهُ لَا تَتَّخِذُوٓاْ إِلَٰهَيۡنِ ٱثۡنَيۡنِۖ إِنَّمَا هُوَ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞ فَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بارلىق بەندىلىرىگە: ئىككى ئىلاھقا ئىبادەت قىلماڭلار، ھەقىقى ئىبادەت قېلىنغۇچىنىڭ بىر ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر، ئۇنىڭ ئىككىنچىسى يوق ۋە ھېچ شېرىكى يوق، مەندىنلا قورقۇڭلار، مەندىن باشقا ھېچكىمدىن قورۇقماڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَلَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَهُ ٱلدِّينُ وَاصِبًاۚ أَفَغَيۡرَ ٱللَّهِ تَتَّقُونَ
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يارىتىلىش، ئىگىدارچىلىق ۋە تەدبىر قىلىش جەھەتتە يالغۇز بىر ئاللاھنىڭدۇر. ئىتائەت قىلىش، بويسۇنۇش ۋە ئىخلاس قىلىش يالغۇز بىر ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ غەيرىدىن قورقامسىلەر؟، قورۇقماڭلار، بەلكى يەككە-يېگانە ئاللاھدىن .قورقۇڭلار
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَا بِكُم مِّن نِّعۡمَةٖ فَمِنَ ٱللَّهِۖ ثُمَّ إِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فَإِلَيۡهِ تَجۡـَٔرُونَ
ئى ئىنسانلار! سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تەرىپىدىندۇر، ئاللاھنىڭ غەيرىدىن ئەمەس. سىلەرگە بىرەر بالا-مۇسىبەت، كېسەللىك ياكى كەمبەغەلچىلىك يەتسە سىلەرگە يەتكەن نەرسىنى ئۈستۈڭلاردىن كۆتۈرىۋېتىش ئۈچۈن يالغۇز بىر ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىسىلەر، يالغۇز ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھ .نېئمەتلەرنى ئاتا قېلىدۇ ۋە ئازابنى كۆتۈرۋېتىدۇ
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ثُمَّ إِذَا كَشَفَ ٱلضُّرَّ عَنكُمۡ إِذَا فَرِيقٞ مِّنكُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قېلىپ سىلەرگە يەتكەن زىياننى كۆتۈرۈۋەتسە، سىلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈپ ئاللاھقا ئىبادەتتە باشقىنى شېرىك قىلىدۇ، بۇ قانداق يۈزسىزلىك!؟.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• على المجرم أن يستحي من ربه أن تكون نعم الله عليه نازلة في جميع اللحظات ومعاصيه صاعدة إلى ربه في كل الأوقات.
جىنايەت سادىر قىلغۇچىلار پەرۋەردىگارىدىن ھايا قېلىشى كېرەك، ئۇنىڭغا دائىم ئاللاھنىڭ نېمەتلىرى نازىل بولۇپ تۇرسا، ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ .خاتالىقلىرى پەرۋەردىگارىغا كۆتۈرلىدۇ

• ينبغي لأهل الكفر والتكذيب وأنواع المعاصي الخوف من الله تعالى أن يأخذهم بالعذاب على غِرَّة وهم لا يشعرون.
كاپىر، يالغانچىلار ۋە گۇناھ-مەئسىيەت سادىر قىلغۇچىلار ئۆزلىرى تۇيمىغان ھالەتتە ئۇشتۇمتۇت ئاللاھنىڭ ئازابى كېلىپ قېلىشتىن ھەزەر .قىلسۇن

• جميع النعم من الله تعالى، سواء المادية كالرّزق والسّلامة والصّحة، أو المعنوية كالأمان والجاه والمنصب ونحوها.
بارلىق نېئمەتلەر؛ مەيلى ئۇ رىزىق، خاتىرجەملىك ۋە سالامەتلىككە ئوخشاش ماددى بولسۇن ياكى تىنچلىق، يۈز-ئابرۇي ۋە ئەمەل-مەرتىۋېگە ئوخشاش مەنىۋى بولسۇن ئاللاھ تەرىپىدىن بولىدۇ.

• لا يجد الإنسان ملجأً لكشف الضُّرِّ عنه في وقت الشدائد إلا الله تعالى فيضجّ بالدّعاء إليه؛ لعلمه أنه لا يقدر أحد على إزالة الكرب سواه.
ئىنسان قاتتىق قېيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە زىياننى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىلتىجا قېلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ياردەمچى تاپالمايدۇ، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ يالۋۇرىدۇ، قېيىنچىلىقنى يوق قېلىشقا ئاللاھدىن باشقا بىرىنىڭ .قادىر بولالمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅನ್ನಹ್ಲ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ