Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್   ಶ್ಲೋಕ:
فَلَمَّا تَرَٰٓءَا ٱلۡجَمۡعَانِ قَالَ أَصۡحَٰبُ مُوسَىٰٓ إِنَّا لَمُدۡرَكُونَ
پىرئەۋن لەشكەرلىرى بىلەن مۇسا ۋە قەۋمىنى قوغلاپ چىقىپ، ئىككىلا تەرەپ بىر - بىرىنى كۆرەلەيدىغان دەرىجىدە يېقىنلىشىپ قالغاندا مۇسانىڭ ئادەملىرى: پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرى بىزگە يېتىشىۋالىدىغان بولدى، بىز ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيدىغان تۇرساق، دېيىشتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ كَلَّآۖ إِنَّ مَعِيَ رَبِّي سَيَهۡدِينِ
مۇسا قەۋمىگە: بۇ ئىش سىلەر ئويلىغاندەك بولمايدۇ. پەرۋەردىگارىم چوقۇم مەنتەرەپتە تۇرۇپ، ماڭا ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ماڭا چوقۇم چىقىش يولىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ مُوسَىٰٓ أَنِ ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡبَحۡرَۖ فَٱنفَلَقَ فَكَانَ كُلُّ فِرۡقٖ كَٱلطَّوۡدِ ٱلۡعَظِيمِ
بىز مۇساغا ۋەھىي قىلىپ: ھاساڭ بىلەن دېڭىزغا ئۇرغىن، دەپ بۇيرۇدۇق. مۇسا دەرھال دېڭىزغا ئۇرۋېدى، دېڭىزنىڭ سۈيى يېرىلىپ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى يولغا ئۆزگەردى. دېڭىزدىن يېرىلغان ھەر بىر پارچە سۇ چوڭلۇقتا ۋە مۇستەھكەملىكتە بىر تامچىمۇ ئېقىپ كەتمەيدىغان بەھەيۋەت تاغقا ئوخشايتتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَأَزۡلَفۡنَا ثَمَّ ٱلۡأٓخَرِينَ
پىرئەۋن بىلەن لەشكەرلىرىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق، نىھايەت ئۇلار دېڭىزغا كىرگەندە ئۇنى ماڭغىلى بولىدىغان يول، دەپ ئويلاپ قېلىشتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَأَنجَيۡنَا مُوسَىٰ وَمَن مَّعَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ
بىز مۇسانى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇتۇلدۇردۇق، ئۇلاردىن ھېچكىم غەرق بولۇپ كەتمىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
ئاندىن پىرئەۋن بىلەن ئۇنىڭ قەۋمىنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى مۇساغا دېڭىزنىڭ يېرىلىشىدا ھەم ئۇنىڭ قۇتۇلۇپ، پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولۇشىدا ئەلۋەتتە مۇسانىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان دەلىل بار. پىرئەۋننىڭ تەۋەلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! پەرۋەردىگارىڭ ئەلۋەتتە غالىبتۇر، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالالايدۇ، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا تولىمۇ مېھرىباندۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱتۡلُ عَلَيۡهِمۡ نَبَأَ إِبۡرَٰهِيمَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ قىسىسەسىنى ئوقۇپ بەرگىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِذۡ قَالَ لِأَبِيهِ وَقَوۡمِهِۦ مَا تَعۡبُدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسى ئازەرگە ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە: ئاللاھنى قويۇپ نېمىگە چوقۇنۇۋاتىسىلەر؟ دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالُواْ نَعۡبُدُ أَصۡنَامٗا فَنَظَلُّ لَهَا عَٰكِفِينَ
قەۋمى ئۇنىڭغا: بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىمىز ھەم ئۇلارغا چوقۇنۇشتا چىڭ تۇرىمىز، دېيىشتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ هَلۡ يَسۡمَعُونَكُمۡ إِذۡ تَدۡعُونَ
ئىبراھىم ئۇلارغا ئېيتتى: بۇتلىرىڭلارغا دۇئا قىلغىنىڭلاردا ئۇلار دۇئايىڭلارنى ئاڭلامدۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَوۡ يَنفَعُونَكُمۡ أَوۡ يَضُرُّونَ
ئىتائەت قىلساڭلار پايدا، ئاسىيلىق قىلساڭلار زىيان يەتكۈزەلەمدۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالُواْ بَلۡ وَجَدۡنَآ ءَابَآءَنَا كَذَٰلِكَ يَفۡعَلُونَ
ئۇلار ئېيتتى: ئۇلارغا دۇئا قىلساق دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ، ئىتائەت قىلساق پايدا، ئاسىيلىق قىلساق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلدۇق. ئاندىن بىزمۇ شۇلارغا ئەگەشتۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ أَفَرَءَيۡتُم مَّا كُنتُمۡ تَعۡبُدُونَ
ئىبراھىم ئېيتتى: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇ بۇتلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَنتُمۡ وَءَابَآؤُكُمُ ٱلۡأَقۡدَمُونَ
سىلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلار چوقۇنغىنى نېمە؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَإِنَّهُمۡ عَدُوّٞ لِّيٓ إِلَّا رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ دۈشمەنلىرىمدۇر، چۈنكى ئۇلار ساختا ئىلاھلاردۇر. پەقەت بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تائالالا مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ٱلَّذِي خَلَقَنِي فَهُوَ يَهۡدِينِ
ئۇ مېنى ياراتقان زاتتۇر، ئۇ مېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىغا باشلايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱلَّذِي هُوَ يُطۡعِمُنِي وَيَسۡقِينِ
ئۇ يەككە - يېگانىدۇركى، ئاچ قالسام يېمەك بېرىدۇ، ئۇسسۇز قالسام ئۇسسۇلۇق بېرىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِذَا مَرِضۡتُ فَهُوَ يَشۡفِينِ
ئاغرىپ قالسام ماڭا يالغۇز ئاللاھ شىپالىق بېرىدۇ، ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا شىپالىق بەرگۈچى يوق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱلَّذِي يُمِيتُنِي ثُمَّ يُحۡيِينِ
ئۇ يەككە - يېگانە زاتتۇركى، ئەجىلىم توشقاندا مېنى ۋاپات تاپقۇزىدۇ، ئۆلگىنىمدىن كېيىن تىرىلدۈرىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱلَّذِيٓ أَطۡمَعُ أَن يَغۡفِرَ لِي خَطِيٓـَٔتِي يَوۡمَ ٱلدِّينِ
مەن يېگانە ئاللاھتىن قىيامەت كۈنى خاتالىقلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
رَبِّ هَبۡ لِي حُكۡمٗا وَأَلۡحِقۡنِي بِٱلصَّٰلِحِينَ
ئىبراھىم پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىم! ماڭا دىندا توغرا چۈشەنچە ئاتا قىلغىن، مېنى مەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بولغان ياخشىلارنىڭ قاتارىغا قوشقىن، مېنى ئۇلار بىلەن بىرلىكتە جەننەتكە كىرگۈزگىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الله مع عباده المؤمنين بالنصر والتأييد والإنجاء من الشدائد.
ئاللاھ تائالا يارەم بېرىش، مەدەت بېرىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئارقىلىق مۇئمىن بەندىلىرى بىلەن بىرگىدۇر.

• ثبوت صفتي العزة والرحمة لله تعالى.
ھەممىدىن غالىب ۋە مېھىر - شەپقەتلىك دەيدىغان ئىككى سۈپەت ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

• خطر التقليد الأعمى.
قارىغۇلارچە تەقلىدچىلىك خەتەرلىكتۇر.

• أمل المؤمن في ربه عظيم.
مۇئمىنلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى چوڭدۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ