Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್   ಶ್ಲೋಕ:
قَالَ وَمَا عِلۡمِي بِمَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
نۇھ ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئېيتتى: مەن ئۇ مۇئمىنلەرنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى بىلمەيمەن، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ھېسابلاپ تۇرۇشقا مۇئەككەل ئەمەسمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنۡ حِسَابُهُمۡ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّيۖ لَوۡ تَشۡعُرُونَ
ئۇلارنىڭ ھېسابىنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ ئالىدۇ. ئەگەر بىلگەن بولساڭلار، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيتتىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَآ أَنَا۠ بِطَارِدِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مەن سىلەرنى ئىمان ئېيتىپ قالارمىكىن دەپ سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ئاساسەن مۇئمىنلەرنى سورۇنۇمدىن قوغلىۋەتمەيمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنۡ أَنَا۠ إِلَّا نَذِيرٞ مُّبِينٞ
مەن پەقەت ئوچۇق - ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەنكى، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرىمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالُواْ لَئِن لَّمۡ تَنتَهِ يَٰنُوحُ لَتَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمَرۡجُومِينَ
نۇھنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي نۇھ! ئەگەر سەن بىزنى چاقىرىۋاتقان ئىشتىن توختىمىساڭ، چوقۇم تىل - ئاھانەتكە قېلىپ، تاش كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىسەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبِّ إِنَّ قَوۡمِي كَذَّبُونِ
نۇھ پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلىپ ئېيتتى: پەرۋەردىگارىم! قەۋمىم ھەقىقەتەن مېنى ئىنكار قىلدى، سېنىڭ دەرگاھىڭدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَٱفۡتَحۡ بَيۡنِي وَبَيۡنَهُمۡ فَتۡحٗا وَنَجِّنِي وَمَن مَّعِيَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
مەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغىنكى، ئۇلار ئازغۇنلۇقىدا چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھۆكۈم ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسۇن. مېنى ۋە مەن بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قەۋمىمنىڭ كاپىرلىرىنى ھالاك قىلغان ئازابتىن قۇتۇلدۇرغىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَمَن مَّعَهُۥ فِي ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ
بىز نۇھنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئادەملەر ۋە ھايۋانلار بىلەن لىق تولغان كېمىدە ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇردۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ثُمَّ أَغۡرَقۡنَا بَعۡدُ ٱلۡبَاقِينَ
ئۇلارنى قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن نۇھنىڭ قەۋمىدىن قېپقالغانلىرىنى ھالاك غەرق قىلىۋەتتۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗۖ وَمَا كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّؤۡمِنِينَ
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان نۇھ ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ۋەقەلىكىدە، شۇنداقلا نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ كاپىرلىرىنىڭ ھالاك قىلىنىشىدا پەند - نەسىھەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئىبرەت بار. ئۇلارنىڭ تولىسى ئىمان ئېيتقۇچى بولمىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِنَّ رَبَّكَ لَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ
ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ رەببىڭ شەكسىز غالىبتۇركى، دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالغۇچىدۇر، ئۇلاردىن تەۋبە قىلغانلارغا ناھايىتى مېھرىباندۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
كَذَّبَتۡ عَادٌ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئاد خەلقى ھۇد ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقتىن بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان بولدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِذۡ قَالَ لَهُمۡ أَخُوهُمۡ هُودٌ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇلارغا ئۆز قېرىندىشى ھۇد ئېيتتى: ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنۇشنى تاشلاپ ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلمامسىلەر؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنِّي لَكُمۡ رَسُولٌ أَمِينٞ
مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن، ئاللاھ تائالا مېنى سىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى. مەن ئىشەنچلىك بولۇپ، ئاللاھ ماڭا ۋەھىي قىلغان نەرسىنى يەتكۈزۈشتە قوشۇپمۇ قويمايمەن، كەممۇ قىلمايمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍۖ إِنۡ أَجۡرِيَ إِلَّا عَلَىٰ رَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن سىلەرگە يەتكۈزگەن نەرسىگە ھەق تەلەپ قىلمايمەن. ماڭا مۇكاپات بېرىشنى باشقىسى ئەمەس، پەقەت پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَتَبۡنُونَ بِكُلِّ رِيعٍ ءَايَةٗ تَعۡبَثُونَ
سىلەر ھەر بىر ئېگىز جايغا ئويۇن - تاماشىنىڭ ئالامىتى قىلىپ بۇ دۇنيا ياكى ئۇ دۇنيالىقىڭلارغا ھېچقانداق پايدىسى بولمايدىغان بىنالارنى سالامسىلەر؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَتَتَّخِذُونَ مَصَانِعَ لَعَلَّكُمۡ تَخۡلُدُونَ
گوياكى سىلەر بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قېلىپ، بۇ جايدىن يۆتكەلمەيدىغاندەك پۇختا سارايلارنى سالامسىلەر؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِذَا بَطَشۡتُم بَطَشۡتُمۡ جَبَّارِينَ
ئەگەر (بىراۋغا) ئۆلۈم جازاسى ياكى كالتەكلەش جازاسى بەرسەڭلار، قىلچە رەھىم قىلماستىن زالىملارچە جازالايسىلەر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَطِيعُونِ
ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يىراق تۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭغا تەقۋادار بولۇڭلار، مەن بۇيرۇغان ۋە چەكلىگەن ئىشلاردا ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱتَّقُواْ ٱلَّذِيٓ أَمَدَّكُم بِمَا تَعۡلَمُونَ
ئۆزۈڭلارمۇ بىلىدىغان نېئمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن قورقۇڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَمَدَّكُم بِأَنۡعَٰمٖ وَبَنِينَ
ئۇ سىلەرگە چارۋىلارنى ۋە ئوغۇللارنى بەردى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَجَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ
باغ - بوستانلارنى ۋە ئېقىپ تۇرىدىغان بۇلاقلارنى ئاتا قىلدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنِّيٓ أَخَافُ عَلَيۡكُمۡ عَذَابَ يَوۡمٍ عَظِيمٖ
ئەي قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ قىيامەت كۈنىدىن ئىبارەت كاتتا كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡنَآ أَوَعَظۡتَ أَمۡ لَمۡ تَكُن مِّنَ ٱلۡوَٰعِظِينَ
قەۋمى ئۇنىڭغا: سەن بىزگە نەسىھەت قىلساڭمۇ - قىلمىساڭمۇ بەرىبىر، چۈنكى بىز ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ئۆز دىنىمىزدىنمۇ قايتمايمىز، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• أفضلية أهل السبق للإيمان حتى لو كانوا فقراء أو ضعفاء.
دەسلەپتە ئىمان ئېيتقانلار گەرچە يوقسۇل، ئاجىز كىشىلەر بولسىمۇ ئەڭ پەزىلەتلىك كىشىلەدۇر.

• إهلاك الظالمين، وإنجاء المؤمنين سُنَّة إلهية.
زالىملارنى ھالاك قىلىش، مۇئمىنلەرگە قۇتۇلدۇرۇش ئىلاھىي قانۇنىيەتتۇر.

• خطر الركونِ إلى الدنيا.
دۇنياغا بېرىلىش خەتەرلىكتۇر.

• تعنت أهل الباطل، وإصرارهم عليه.
باتىل تەرەپدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ خاتالىقىدا بارغانسىرى ئەزۋەيلەيدۇ.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ