Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್   ಶ್ಲೋಕ:
قَالَ فَعَلۡتُهَآ إِذٗا وَأَنَا۠ مِنَ ٱلضَّآلِّينَ
مۇسا ئەلەيھىسسالام پىرئەۋنگە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: مەن ئۇ ئادەمنى ماڭا ۋەھىي كېلىشتىن بۇرۇن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئۇ چاغدا مەن نادانلاردىن ئىدىم، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَفَرَرۡتُ مِنكُمۡ لَمَّا خِفۡتُكُمۡ فَوَهَبَ لِي رَبِّي حُكۡمٗا وَجَعَلَنِي مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
مەن ئۇنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بەدىلىگە سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورقۇپ قېچىپ كەتتىم، ئاندىن پەرۋەردىگارىم ماڭا ئىلىم ئاتا قىلدى ھەمدە مېنى كىشىلەرگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَتِلۡكَ نِعۡمَةٞ تَمُنُّهَا عَلَيَّ أَنۡ عَبَّدتَّ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ
توغرا، سەن مېنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلغاندەك قۇل قىلماستىن بېقىپ چوڭ قىلىپ قويغىنىڭ ئۈچۈن مىننەت قىلىۋاتىسەن. لېكىن سېنىڭ بۇ قىلغىنىڭ مېنىڭ سېنى دەۋەت قىلىشىمنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ فِرۡعَوۡنُ وَمَا رَبُّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
پىرئەۋن مۇساغا: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىڭ نېمە؟ سەن ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ پەيغەمبىرى دەيسەن، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبُّ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُم مُّوقِنِينَ
مۇسا پىرئەۋنگە جاۋابەن: مەخلۇقاتلارنىڭ پەرۋەردىگارى دېگىنىم ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسى ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر ئۇنىڭ شۇ نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە چىن پۈتىدىغان بولساڭلار يالغۇز شۇنىڭغىلا قۇلچىلىق قىلىڭلار، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ لِمَنۡ حَوۡلَهُۥٓ أَلَا تَسۡتَمِعُونَ
پىرئەۋن ئەتراپىدا تۇرغان قەۋمىنىڭ كاتتىباشلىرىغا: مۇسانىڭ بەرگەن جاۋابىنى ھەم ئۇنىڭ يالغانچلىقىنى ئاڭلىغانسىلەر؟ دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبُّكُمۡ وَرَبُّ ءَابَآئِكُمُ ٱلۡأَوَّلِينَ
مۇسا ئۇلارغا: ئاللاھ سىلەرنىڭ ھەم ئىلگىرىكى ئاتا - بوۋىلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ إِنَّ رَسُولَكُمُ ٱلَّذِيٓ أُرۡسِلَ إِلَيۡكُمۡ لَمَجۡنُونٞ
پىرئەۋن ئېيتتى: ئۆزىنى سىلەرگە ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەۋالغان بۇ ئادەم چوقۇم ساراڭ، ئۇ قانداق جاۋاب بېرىشنى بىلمەيدۇ، ھەتتا ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالمايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَمَا بَيۡنَهُمَآۖ إِن كُنتُمۡ تَعۡقِلُونَ
مۇسا ئېيتتى: مەن سىلەرنى چاقىرىۋاتقان ئاللاھ تائالا مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ئەگەر سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار بولسىدى بۇلارنى چۈشىنەتتىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ لَئِنِ ٱتَّخَذۡتَ إِلَٰهًا غَيۡرِي لَأَجۡعَلَنَّكَ مِنَ ٱلۡمَسۡجُونِينَ
پىرئەۋن مۇسا بىلەن داۋلىلىشىشتىن ئاجىز كەلگەندىن كېيىن: ئەگەر مەندىن باشقا بىرەر مەبۇدقا چوقۇنىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلايمەن، دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ أَوَلَوۡ جِئۡتُكَ بِشَيۡءٖ مُّبِينٖ
مۇسا پىرئەۋنگە: مەن ساڭا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەنلىرىمدە راستچىل ئىكەنلىكىمنى ئېنىق ئۇقتۇرىدىغان پاكىتلارنى كەلتۈرگەن تۇرسام، يەنە مېنى زىندانغا تاشلامسەن؟ دېدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ فَأۡتِ بِهِۦٓ إِن كُنتَ مِنَ ٱلصَّٰدِقِينَ
پىرئەۋن ئېيتتى: ئەگەر دېگەنلىرىڭدە راستچىل بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ راستچىللىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىلىڭنى كەلتۈرۈپ باقمامسەن؟
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَأَلۡقَىٰ عَصَاهُ فَإِذَا هِيَ ثُعۡبَانٞ مُّبِينٞ
مۇسا ھاسىسىنى يەرگە تاشلىغان ئىدى، ئۇ ھاسا بىردىنلا ھەممەيلەننىڭ كۆز ئالدىدا ئوچۇق بىر يىلانغا ئايلاندى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَنَزَعَ يَدَهُۥ فَإِذَا هِيَ بَيۡضَآءُ لِلنَّٰظِرِينَ
مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋېدى، ئۇنىڭدا قىلچە ئالىلىق يوق، ھەممەيلەنگە ئوخشاش تامامەن ئاپئاق، نۇرلۇق بولۇپ كۆرۈندى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالَ لِلۡمَلَإِ حَوۡلَهُۥٓ إِنَّ هَٰذَا لَسَٰحِرٌ عَلِيمٞ
پىرئەۋن ئەتراپىدىكى قەۋمىنىڭ چوڭلىرىغا ئېيتتى: بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئۇستا سېھىرگەر ئىكەن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يُرِيدُ أَن يُخۡرِجَكُم مِّنۡ أَرۡضِكُم بِسِحۡرِهِۦ فَمَاذَا تَأۡمُرُونَ
ئۇ ئۆزىنىڭ سېھرىسى ئارقىلىق سىلەرنى زېمىنىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قانداق چارە قوللىنىمىز؟ بۇ ھەقتە ماڭا مەسلىھەت بېرىڭلار.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قَالُوٓاْ أَرۡجِهۡ وَأَخَاهُ وَٱبۡعَثۡ فِي ٱلۡمَدَآئِنِ حَٰشِرِينَ
ئۇلار پىرئەۋنگە ئېيتتى: ئۇنىڭ بىلەن قېرىندىشىنىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرغىن، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمىگىن. (ئالدى بىلەن) مىسىرنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە سېھىرگەرلەرنى يىغىدىغان چاپارمەنلەرنى ئەۋەتكىن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يَأۡتُوكَ بِكُلِّ سَحَّارٍ عَلِيمٖ
ئۇلار سېھىر ئىلمىنى بىلىدىغان ئۇستا سېھىرگەرلەرنىڭ ھەممىنى سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا ئېلىپ كەلسۇن.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
فَجُمِعَ ٱلسَّحَرَةُ لِمِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ
پىرئەۋن مۇسا بىلەن بەسلىشىش ئۈچۈن كېلىشكەن ۋاقىتتا بېكىتىلگەن ئورۇنغا سېھىرگەرلىرىنى توپلىدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَقِيلَ لِلنَّاسِ هَلۡ أَنتُم مُّجۡتَمِعُونَ
كىشىلەرگە دېيىلدىكى: ھەممىڭلار كېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟ ئۇتۇپ چىققۇچى مۇسامۇ ياكى سېھىرگەرلەرمۇ چوقۇم كۆرىسىلەر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• أخطاء الداعية السابقة والنعم التي عليه لا تعني عدم دعوته لمن أخطأ بحقه أو أنعم عليه.
دەۋەتچىنىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقلىرى ھەم ئۇنىڭغا قىلىنغان ياخشىلىقلار ھەققى ئۆتۈپ قالغان ياكى ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان ئادەمنى دەۋەت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلمايدۇ.

• اتخاذ الأسباب للحماية من العدو لا ينافي الإيمان والتوكل على الله.
دۈشمەندىن قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئېلىش ئىمانغا ۋە ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىشقا زىت ئەمەس.

• دلالة مخلوقات الله على ربوبيته ووحدانيته.
ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارلىقىنىڭ ھەم يېگانىلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.

• ضعف الحجة سبب من أسباب ممارسة العنف.
دەلىل - پاكىتنىڭ ئاجىزلىقى قاتتىق قوللۇققا ئۇندەيدىغان سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

• إثارة العامة ضد أهل الدين أسلوب الطغاة.
خەلق ئاممىسىنى دىندارلاغا قارشى قۇترىتىش زالىملارنىڭ ئادىتىدۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಶ್ಶುಅರಾಅ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ