Check out the new design

ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ * - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ


ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಅನ್ಕಬೂತ್   ಶ್ಲೋಕ:
فَأَنجَيۡنَٰهُ وَأَصۡحَٰبَ ٱلسَّفِينَةِ وَجَعَلۡنَٰهَآ ءَايَةٗ لِّلۡعَٰلَمِينَ
بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېمىگە چىققان مۇئمىنلەرنى غەرق بولۇشتىن قۇتقۇزدۇق ھەمدە كېمىنى پۈتۈن ئەھلى جاھانغا ئىبرەت قىلدۇق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِبۡرَٰهِيمَ إِذۡ قَالَ لِقَوۡمِهِ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ وَٱتَّقُوهُۖ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئىبراھىمنىڭ قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرگىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە: يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ھەم چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
إِنَّمَا تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا وَتَخۡلُقُونَ إِفۡكًاۚ إِنَّ ٱلَّذِينَ تَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَمۡلِكُونَ لَكُمۡ رِزۡقٗا فَٱبۡتَغُواْ عِندَ ٱللَّهِ ٱلرِّزۡقَ وَٱعۡبُدُوهُ وَٱشۡكُرُواْ لَهُۥٓۖ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر ھېچقانداق پايدا - زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان بۇتلارغا چوقۇنۇسىلەر، شۇنداقلا ئۇ بۇتلارنى چوقۇنۇشقا لايىق، دەپ بىلجىرلاپ يالغاننى توقۇيسىلەر. شەكسىزكى سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار سىلەرگە رىزىق بېرەلمەيدۇ. شۇڭا رىزىقنى ئاللاھتىن كۈتۈڭلاركى، ئۇ (پۈتكۈل مەخلۇقاتلارغا) رىزىق بەرگۈچىدۇر. يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ سىلەرگە بەرگەن رىزىقلىرىغا شۈكرى قىلىڭلار. سىلەر قىيامەت كۈنى ھېساب ۋە جازا - مۇكاپات ئۈچۈن بۇتلىرىڭلارغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلۇسىلەر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَإِن تُكَذِّبُواْ فَقَدۡ كَذَّبَ أُمَمٞ مِّن قَبۡلِكُمۡۖ وَمَا عَلَى ٱلرَّسُولِ إِلَّا ٱلۡبَلَٰغُ ٱلۡمُبِينُ
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ئىنكار قىلساڭلار، ( ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر). سىلەردىن ئىلگىرى نۇھ، ئاد ۋە سەمۇد قەۋمىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغان ئىدى. پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت ئوچۇق يەتكۈزۈشتۇر. دەرۋەقە مۇھەممەدمۇ سىلەرگە پەرۋەردىگارى يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان نەرسىنى يەتكۈزدى.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ كَيۡفَ يُبۡدِئُ ٱللَّهُ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥٓۚ إِنَّ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٞ
بۇ ئىنكارچىلار ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارنى دەسلەپتە قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى بىلمىدىمۇ؟ بۇ ئىش ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر، ئاللاھ (ھەر ئىشقا) قادىردۇركى، ئۇنى ھېچنەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ بَدَأَ ٱلۡخَلۡقَۚ ثُمَّ ٱللَّهُ يُنشِئُ ٱلنَّشۡأَةَ ٱلۡأٓخِرَةَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ئەي پەيغەمبەر! قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلغان بۇ كاپىرلاغا ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەپەر قىلىڭلار، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەسلەپتە مەخلۇقاتلىرىنى قانداق ياراتقانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىڭلار. ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈپ، ھېساب ئېلىش ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇركى، ھېچنەرسە ئۇنى ئاجىز قىلالمايدۇ. دىمەك، ئاللاھ ئىنسانلارنى تۇنجى قېتىم يارىتىشتىن ئاجىز كەلمىگىنىدەك، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈشتىنمۇ ئاجىز كەلمەيدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
يُعَذِّبُ مَن يَشَآءُ وَيَرۡحَمُ مَن يَشَآءُۖ وَإِلَيۡهِ تُقۡلَبُونَ
ئاللاھ تائالا ئادالىتى بىلەن مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغان كىىشنى ئازابلايدۇ، پەزلى - مەرھەمىتى بىلەن خالىغان كىشىگە مەرھەمەت قىلىدۇ. قىيامەت كۈنى قەبرىلىرىڭلاردىن تىرىلىپ چىققان چېغىڭلاردا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَمَآ أَنتُم بِمُعۡجِزِينَ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَا فِي ٱلسَّمَآءِۖ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
سىلەر مەيلى زېمىندا، مەيلى ئاسماندا بولۇڭلار، ھامان پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. ئاللاھتىن باشقا سىلەرنىڭ ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان دوستمۇ يوق، سىلەردىن ئازابنى كۆتۈرۈۋېتىدىغان مەدەتكارمۇ يوق.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَلِقَآئِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يَئِسُواْ مِن رَّحۡمَتِي وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ھەمدە قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىشقا كاپىر بولغانلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن كىشىلەردۇركى، ئۇلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن مەڭگۈ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاخىرەتتە ئۆزلىرىنى كۈتۈۋاتقان دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
ಅರಬ್ಬಿ ವ್ಯಾಖ್ಯಾನಗಳು:
ಈ ಪುಟದಲ್ಲಿರುವ ಶ್ಲೋಕಗಳ ಉಪಯೋಗಗಳು:
• الأصنام لا تملك رزقًا، فلا تستحق العبادة.
بۇتلار رىزىق بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار چوقۇنۇشقا يارىمايدۇ.

• طلب الرزق إنما يكون من الله الذي يملك الرزق.
رىزىق پەقەت رىزىق بېرەلەيدىغان زات ئاللاھتىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

• بدء الخلق دليل على البعث.
دەسلەپكى يارىتىش قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ دەلىلىدۇر.

• دخول الجنة محرم على من مات على كفره.
كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشى ھارام قىلىنغاندۇر.

 
ಅರ್ಥಗಳ ಅನುವಾದ ಅಧ್ಯಾಯ: ಅಲ್ -ಅನ್ಕಬೂತ್
ಅಧ್ಯಾಯಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ ಪುಟ ಸಂಖ್ಯೆ
 
ಪವಿತ್ರ ಕುರ್‌ಆನ್ ಅರ್ಥಾನುವಾದ - ಅಲ್-ಮುಖ್ತಸರ್ ಫಿ ತಫ್ಸೀರಿಲ್ ಕುರ್‌ಆನಿಲ್ ಕರೀಮ್ - ಉಯ್ಘುರ್ ಅನುವಾದ - ಅನುವಾದಗಳ ವಿಷಯಸೂಚಿ

ಪ್ರಕಾಶನ - ಕುರ್‌ಆನ್ ತಫ್ಸೀರ್ ಸ್ಟಡಿ ಸೆಂಟರ್

ಮುಚ್ಚಿ