وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - پێڕستی وه‌رگێڕاوه‌كان


وه‌رگێڕانی ماناكان سوره‌تی: سورەتی الرحمن   ئایه‌تی:

سۈرە رەھمان

لە مەبەستەکانی سورەتەکە:
تذكير الجن والإنس بنعم الله الباطنة والظاهرة، وآثار رحمته في الدنيا والآخرة.
ئىنسان ۋە جىنلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى ئەسلىتىش ۋە ئاللاھنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتىكى رەھمىتىنىڭ ئەسىرىنى بايان قىلىش.

ٱلرَّحۡمَٰنُ
مېھرىبان ئاللاھ چەكسىز مەرھەمەتلىك زاتتۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ
ئىنسانلارغا قۇرئاننى قولاي يادلىيالايدىغان، مەنىلىرىنى ئاسان چۈشىنەلەيدىغان قىلىپ تەلىم بەردى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ
ئىنساننى قامىتى تۈپتۈز، تۇرقىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ
ئۇنىڭغا كۆڭلىدە ئويلىغانلىرىنى ئېغىزچە ھەم يېزىقچە قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگەتتى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ بِحُسۡبَانٖ
ئىنسانلارنى يىللارنىڭ سانىنى ھېسابلاشنى بىلسۇن دەپ قۇياش بىلەن ئاينى ئىنچىكە ھېساب بويىچە سەير قىلىدىغان قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَٱلنَّجۡمُ وَٱلشَّجَرُ يَسۡجُدَانِ
غولسىز ئۆسۈملۈكلەرمۇ، دەل - دەرەخلەرمۇ بويسۇنغان ھەم تەسلىم بولغان ھالدا ئاللاھ تائالاغا سەجدە قىلىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَٱلسَّمَآءَ رَفَعَهَا وَوَضَعَ ٱلۡمِيزَانَ
ئاللاھ تائالا ئاسماننى يۈكسەك ئېگىزلىكتە يارىتىپ زېمىن ئۈستىگە ئۆگزە قىلدى، يەر يۈزىدە ئادالەتنى بەرپا قىلىپ، بەندىلىرىنى شۇ ئادالەت بويىچە ئىش قىلىشقا بۇيرىدى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
أَلَّا تَطۡغَوۡاْ فِي ٱلۡمِيزَانِ
ئەي ئىنسانلار! سىلەرنىڭ بىر - بىرىڭلارغا ئۇۋال قىلىپ، تارازا ۋە كەمچىلەردە خىيانەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن ئادالەتنى بەرپا قىلدى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَأَقِيمُواْ ٱلۡوَزۡنَ بِٱلۡقِسۡطِ وَلَا تُخۡسِرُواْ ٱلۡمِيزَانَ
ئۆز-ئارا ئۆلچەمدە ئادىل بولۇڭلار، باشقىلارغا ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەندە جىڭ - تارازىلاردا كەم قىلماڭلار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَٱلۡأَرۡضَ وَضَعَهَا لِلۡأَنَامِ
زېمىننى مەخلۇقاتلارنىڭ ئورۇنلىشىشىغا مۇۋاپىق شەكلىدە (يايپاڭ) قىلدى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهَا فَٰكِهَةٞ وَٱلنَّخۡلُ ذَاتُ ٱلۡأَكۡمَامِ
زېمىندا ھەرتۈرلۈك مېۋە دەرەخلىرى ۋە بوغۇنلۇق خورما دەرەخلىرى بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَٱلۡحَبُّ ذُو ٱلۡعَصۡفِ وَٱلرَّيۡحَانُ
زېمىندا بۇغداي ۋە ئارپىغا ئوخشاش سامانلىق زىرائەتلەر ۋە سىلەر خۇشپۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ مِن صَلۡصَٰلٖ كَٱلۡفَخَّارِ
،ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى چەكسە جاراڭلايدىغان پىشۇرۇلغان ساپالغا ئوخشاش قۇرۇق لايدىن ياراتتى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَخَلَقَ ٱلۡجَآنَّ مِن مَّارِجٖ مِّن نَّارٖ
جىنلارنىڭ ئاتىسىنى تۈتۈن ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنىدىن ياراتتى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
رَبُّ ٱلۡمَشۡرِقَيۡنِ وَرَبُّ ٱلۡمَغۡرِبَيۡنِ
ئۇ قىشتا ۋە يازدا قۇياشنىڭ چىقىدىغان ھەم پاتىدىغان جايىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• كتابة الأعمال صغيرها وكبيرها في صحائف الأعمال.
چوڭ - كىچىك ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى نامە - ئەمال دەپتەرلىرىگە پۈتۈلىدۇ.

• ابتداء الرحمن بذكر نعمه بالقرآن دلالة على شرف القرآن وعظم منته على الخلق به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ نېئمەتلىرىنى دەسلەپتە قۇرئاننى تىلغا ئېلىش بىلەن باشلىغان بولۇپ، بۇ، قۇرئاننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ھەم ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلارغا قىلغان ئەڭ چوڭ ئىلتىپاتى ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• مكانة العدل في الإسلام.
ئادالەتنىڭ ئىسلامدىكى مەرتىۋىسى ئىنتايىن يۈكسەكتۇر.

• نعم الله تقتضي منا العرفان بها وشكرها، لا التكذيب بها وكفرها.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرى بىزدىن ئۇنى تونۇشنى، ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتىشنى، ئۇنى ئىنكار قىلماسلىقنى ۋە تۇزكورلۇق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ.

مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ يَلۡتَقِيَانِ
ئاللاھ تائالا بىرى تۇزلۇق، يەنە بىرى تاتلىق ئىككى دېڭىزنى كۆز ئالدىڭلارغا ئۇچراشتۇرۇپ (ئەمما بىر - بىرىگە ئارىلاشتۇرەتمەي) ئاققۇزدى.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٞ لَّا يَبۡغِيَانِ
بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارىسىدا توسما بار بولۇپ، ئۇ توسما ھەر بىر دېڭىز سۈيىنىڭ يەنە بىرىگە ئۆتۈپ كېتىشىدىن توسۇپ تۇرىدۇ. نەتىجىدە تاتلىق دېڭىز تاتلىق پېتى، تۇزلۇق دېڭىز تۇزلۇق پېتى قېپقالىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يَخۡرُجُ مِنۡهُمَا ٱللُّؤۡلُؤُ وَٱلۡمَرۡجَانُ
ئىككى دېڭىز قوشۇلغان جايدىن چوڭ - كىچىك مەرۋايىتلار چىقىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَلَهُ ٱلۡجَوَارِ ٱلۡمُنشَـَٔاتُ فِي ٱلۡبَحۡرِ كَٱلۡأَعۡلَٰمِ
دېڭىزلاردا قاتناۋاتقان تاغدەك كېمىلەرنىڭ تەسەررۇپى يالغۇز ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
كُلُّ مَنۡ عَلَيۡهَا فَانٖ
يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مەخلۇقات شەكسىز يوقىلىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَيَبۡقَىٰ وَجۡهُ رَبِّكَ ذُو ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ زاتى قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈ يوقالمايدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يَسۡـَٔلُهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ كُلَّ يَوۡمٍ هُوَ فِي شَأۡنٖ
ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر، زېمىندىكى ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن ئۆزلىرىنىڭ ھاجەتلىرىنى سورايدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر كۈنى بەندىلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن يارىتىش، ئۆلتۈرۈش ۋە رىزىق بېرىش دېگەندەك بىرەر ئىش بىلەندۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سَنَفۡرُغُ لَكُمۡ أَيُّهَ ٱلثَّقَلَانِ
ئى ئىنسانلار ۋە جىنلار! بىز سىلەردىن ئېلىشقا يۈزلىنىپ، ھەر كىمگە تېگىشلىك مۇكاپات ياكى جازا بېرىمىز.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ وَٱلۡإِنسِ إِنِ ٱسۡتَطَعۡتُمۡ أَن تَنفُذُواْ مِنۡ أَقۡطَارِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ فَٱنفُذُواْۚ لَا تَنفُذُونَ إِلَّا بِسُلۡطَٰنٖ
ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسان ۋە جىنلارنى توپلىغان چاغدا: ئەي جىنلار ۋە ئىنسانلار! ئاسمان - زېمىننىڭ ھەر قانداق بىر يېرىدىن چىقالايدىغان يوچۇق تاپالىساڭلار، چىقىپ كېتىڭلار. كۈچ - قۇۋۋەتسىز ۋە دەلىل - ئىسپاتسىز ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر. سىلەرگە بۇنداق كۈچ - قۇۋۋەت نەدە تۇرۇپتۇ؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يُرۡسَلُ عَلَيۡكُمَا شُوَاظٞ مِّن نَّارٖ وَنُحَاسٞ فَلَا تَنتَصِرَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئىس - تۈتەك ئارىلاشمىغان ئوت يالقۇنى ۋە يالقۇنسىز ئىس - تۈتەك ئەۋەتىمىز. سىلەر بۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَإِذَا ٱنشَقَّتِ ٱلسَّمَآءُ فَكَانَتۡ وَرۡدَةٗ كَٱلدِّهَانِ
قىيامەت كۈنى پەرىشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ئۈچۈن ئاسمان يېرىلغان چاغدا ئاسماننىڭ رەڭگى قىپقىزىل چەمدەك بوپقالىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يُسۡـَٔلُ عَن ذَنۢبِهِۦٓ إِنسٞ وَلَا جَآنّٞ
ئۇ بۈيۈك كۈندە ھېچبىر ئنسان ياكى جىندىن گۇناھلىرى ھەققىدە (سەن بۇ گۇناھنى قىلغانمۇ - ياقمۇ؟ دېگەندەك سوئاللار) سورالمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىش - ئەتمىشلىرىنى بىلىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يُعۡرَفُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ بِسِيمَٰهُمۡ فَيُؤۡخَذُ بِٱلنَّوَٰصِي وَٱلۡأَقۡدَامِ
قىيامەت كۈنى گۇناھكارلار ئۆزلىرىدىكى بەلگىلەردىن تونۇلىدىغان بولۇپ، بۇ بەلگىلەر قارا يۈزلەر ۋە كۆك كۆزلەردۇر. ئۇلارنىڭ كوكۇلىسى پۇتلىرىغا باغلىنىپ، جەھەننەمگە ئېتىلىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• الجمع بين البحر المالح والعَذْب دون أن يختلطا من مظاهر قدرة الله تعالى.
تۇزلۇق دېڭىز بىلەن تاتلىق دېڭىزنى سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەستىن بىرگە ئاققۇزۇش ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن بىرىدۇر.

• ثبوت الفناء لجميع الخلائق، وبيان أن البقاء لله وحده حضٌّ للعباد على التعلق بالباقي - سبحانه - دون من سواه.
پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنىڭ يوقىلىدىغانلىقى ۋە يالغۇز ئاللاھنىڭلا مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلىشتىكى مەقسەت بەندىلەرنى باشقىلارغا ئەمەس، مەڭگۈ يوقالمايدىغان ئاللاھقا ئېسىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتۇر.

• إثبات صفة الوجه لله على ما يليق به سبحانه دون تشبيه أو تمثيل.
ئوخشىتىش ياكى مىسال قىلىش دېگەندەك ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانماستىن ئاللاھقا ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە يۈز دېگەن سۈپەتنى ئىسپاتلاشقا بولىدۇ.

• تنويع عذاب الكافر.
كاپىرلارغا بولىدىغان ئازاب خىلمۇ-خىلدۇر.

فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي يُكَذِّبُ بِهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئۇلارغا ئەيىبلەش يۈزىسىدىن: جىنايەتچىلەر دۇنيادا ئىنكار قىلىدىغان جەھەننەم مانا مۇشۇ. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلالمايدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
يَطُوفُونَ بَيۡنَهَا وَبَيۡنَ حَمِيمٍ ءَانٖ
ئۇلار شۇ جەھەننەم بىلەن يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ ئارىسىدا بېرىپ - كېلىپ تۇرىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَلِمَنۡ خَافَ مَقَامَ رَبِّهِۦ جَنَّتَانِ
ئاخىرەتتە پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدىكى تۇرۇشتىن قورقۇپ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشى ئۈچۈن ئىككى جەننەت بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
ذَوَاتَآ أَفۡنَانٖ
بۇ ئىككى جەننەتتە بۈك - باراقسان، مەنزىرىسى كۆركەم، مېۋىلىك دەرەخلەر بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهِمَا عَيۡنَانِ تَجۡرِيَانِ
بۇ ئىككى جەننەت ئارىسىدا ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهِمَا مِن كُلِّ فَٰكِهَةٖ زَوۡجَانِ
ئۇ ئىككى جەننەتتە ھەر قانداق مېۋىدىن ئىككى خىلدىن بار، (يەنى ئىككى جەننەتتىكى مېۋىلەرنىڭ تۈرى قارىماققا ئوخشىغاندەك قىلسىمۇ، تەمى ئۆزگىچىدۇر).
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ فُرُشِۭ بَطَآئِنُهَا مِنۡ إِسۡتَبۡرَقٖۚ وَجَنَى ٱلۡجَنَّتَيۡنِ دَانٖ
ئۇلار ئەستەرلىرى قېلىن تاۋاردىن تەييارلانغان تۆشەكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. ئۇ ئىككى جەننەتنىڭ مېۋىلىرى يېقىن بولۇپ، ئۇنى ئۆرە تۇرغان، ئولتۇرغان ھەم يېنى ياتقانلارمۇ ئۈزەلەيدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهِنَّ قَٰصِرَٰتُ ٱلطَّرۡفِ لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ
ئۇ جەننەتلەردە ئەرلىرىدىن باشقىلارغا قارىمايدىغان جۈپتىلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن بۇرۇن ئۇلارغا ھېچبىر ئىنسان ياكى جىن يېقىنچىلىق قىلىپ باقمىغان.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
كَأَنَّهُنَّ ٱلۡيَاقُوتُ وَٱلۡمَرۡجَانُ
ئۇلار گۈزەللىكتە ۋە سۈزۈكلۈكتە گوياكى ياقۇتقا ۋە مەرۋايىتقا ئوخشايدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
هَلۡ جَزَآءُ ٱلۡإِحۡسَٰنِ إِلَّا ٱلۡإِحۡسَٰنُ
پەرۋەردىگارىغا ئىتائەتنى ئېھسان بىلەن قىلغانلارغا ئاللاھ تائالا مۇكاپاتىنى مۇكەممەل بېرىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
وَمِن دُونِهِمَا جَنَّتَانِ
مەزكۇر ئىككى جەننەتتىن تۆۋەنرەك تۇرىدىغان يەنە ئىككى جەننەت بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
مُدۡهَآمَّتَانِ
ئۇ ئىككى جەننەت ياپيېشىلدۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهِمَا عَيۡنَانِ نَضَّاخَتَانِ
بۇ ئىككى جەننەتتە ناھايىتى تېز ئېقىپ تۇرىدىغان ئىككى بۇلاق بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۈيى توختاپ قالمايدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فِيهِمَا فَٰكِهَةٞ وَنَخۡلٞ وَرُمَّانٞ
ئۇ ئىككى جەننەتتە نۇرغۇن مېۋىلەر، چوڭ - چوڭ خورما ۋە ئانارلار بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• أهمية الخوف من الله واستحضار رهبة الوقوف بين يديه.
ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ھەم ئاللاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇشنىڭ قورقۇنچىسىنى ھەر دائىم ئېسىدە تۇتۇش ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

• مدح نساء الجنة بالعفاف دلالة على فضيلة هذه الصفة في المرأة.
جەننەتنىڭ ئاياللىرىنى ئىپپەتلىك بولۇش بىلەن مەدھىيىلەش بۇ سۈپەتنىڭ ئاياللاردىكى بىر پەزىلەت ئىكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

• الجزاء من جنس العمل.
جازا - مۇكاپات قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ (ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ).

فِيهِنَّ خَيۡرَٰتٌ حِسَانٞ
بۇ جەننەتلەردە گۈزەل ئەخلاقلىق ھەم ھۆسن - جامالدا توشقان ئاياللار بار.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
حُورٞ مَّقۡصُورَٰتٞ فِي ٱلۡخِيَامِ
ئۇلار (جەننەتنىڭ) چېدىرلىرىدىكى مەستۇرە ھۆرلەردۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسى بىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
لَمۡ يَطۡمِثۡهُنَّ إِنسٞ قَبۡلَهُمۡ وَلَا جَآنّٞ
ئۇلارغا ئەرلىرىدىن ئىلگىرى ئىنسى جىن يېقىنلىشىپ باقمىغان.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
مُتَّكِـِٔينَ عَلَىٰ رَفۡرَفٍ خُضۡرٖ وَعَبۡقَرِيٍّ حِسَانٖ
ئۇلار يېشىل يوپۇقلۇق ياستۇقلارغا ۋە چىرايلىق بىساتلارغا يۆلەنگەن ھالدا ئولتۇرىدۇ.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
فَبِأَيِّ ءَالَآءِ رَبِّكُمَا تُكَذِّبَانِ
ئەي ئىنسانلار ۋە جىنلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن ساناقسىز نېئمەتلىرىنىڭ قايسىبىرىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟
تەفسیرە عەرەبیەکان:
تَبَٰرَكَ ٱسۡمُ رَبِّكَ ذِي ٱلۡجَلَٰلِ وَٱلۡإِكۡرَامِ
ئۇلۇغ ھەم بەندىلىرىگە پەزلى - مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى تولىمۇ كاتتا ھەم ياخشىلىقى كۆپتۇر.
تەفسیرە عەرەبیەکان:
سوودەکانی ئایەتەکان لەم پەڕەیەدا:
• دوام تذكر نعم الله وآياته سبحانه موجب لتعظيم الله وحسن طاعته.
ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىنى ۋە ئايەتلىرىنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇش ئاللاھنى ئۇلۇغلاشقا ھەم ئۇنىڭغا مۇكەممەل ئىتائەت قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

• انقطاع تكذيب الكفار بمعاينة مشاهد القيامة.
كاپىرلار قىيامەتنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەندە ئىنكار قىلالمايدۇ.

• تفاوت درجات أهل الجنة بتفاوت أعمالهم.
جەننەت ئەھلىنىڭ ئەمەللىرىنىڭ پەرقلىق بولۇشىغا قاراپ دەرىجىلىرىمۇ پەرقلىق بولىدۇ.

 
وه‌رگێڕانی ماناكان سوره‌تی: سورەتی الرحمن
پێڕستی سوره‌ته‌كان ژمارەی پەڕە
 
وه‌رگێڕانی ماناكانی قورئانی پیرۆز - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - پێڕستی وه‌رگێڕاوه‌كان

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

داخستن