Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: لیل   آیت:

لەيل

د سورت د مقصدونو څخه:
بيان أحوال الخلق في الإيمان والإنفاق وحال كل فريق.
خالايىقلارنىڭ ئىمان، خەيرى-ئېھسان قىلىشتىكى ئەھۋالىنى ۋە ھەر بىر پىرقىنىڭ ئەھۋالىنىڭ بايانى .

وَٱلَّيۡلِ إِذَا يَغۡشَىٰ
ئاللاھ تائالا قاراڭغۇلۇقى ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىنى قاپلىغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەم قىلدى.
عربي تفسیرونه:
وَٱلنَّهَارِ إِذَا تَجَلَّىٰ
تاڭ يورۇپ، ئاشكارا بولغان چاغدىكى كۈندۈز بىلەن قەسەم قىلدى.
عربي تفسیرونه:
وَمَا خَلَقَ ٱلذَّكَرَ وَٱلۡأُنثَىٰٓ
ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنى يارىتىشى بىلەن قەسەم قىلدى.
عربي تفسیرونه:
إِنَّ سَعۡيَكُمۡ لَشَتَّىٰ
ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلار خىلمۇخىلدۇر. يەنى ئەمەللىرىڭلاردىن ياخشىلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر جەننەتكە كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر، يامانلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۇنداق ئەمەللەر دوزاخقا كىرىشنىڭ سەۋەبىدۇر.
عربي تفسیرونه:
فَأَمَّا مَنۡ أَعۡطَىٰ وَٱتَّقَىٰ
زاكات، نەپىقە ۋە كاپپارەت دېگەندەك بېرىشكە تېگىشلىك بولغان مالنى بەرگەن ھەمدە ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلانغان،
عربي تفسیرونه:
وَصَدَّقَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ
شۇنداقلا ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارغا ئىشەنگەن ئادەمگە كەلسەك،
عربي تفسیرونه:
فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡيُسۡرَىٰ
بۇ بۇنداق ئادەمگە ياخشى ئەمەللەرنى ۋە ئاللاھ يولىدا مال سەرپ قىلىشنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىمىز.
عربي تفسیرونه:
وَأَمَّا مَنۢ بَخِلَ وَٱسۡتَغۡنَىٰ
مېلىغا بېخىللىق قىلىپ، بېرىشكە تېگىشلىك مالنىمۇ بەرمىگەن ھەمدە ئۆز مېلى ئارقىلىق ئاللاھتىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناپ، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن ھېچنەرسە تىلىمىگەن،
عربي تفسیرونه:
وَكَذَّبَ بِٱلۡحُسۡنَىٰ
ھەمدە ئاللاھ تائالا ئۆز يولىدا سەرپ قىلىنغان ماللارنىڭ بەدىلىگە بېرىشنى ۋەدە قىلغان ساۋاب - مۇكاپاتلارنى ئىنكار قىلغان ئادەمگە كەلسەك،
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• أهمية تزكية النفس وتطهيرها.
نەپسنى پاكلاش ئىنتايىن مۇھىم ئەمەلدۇر.

• المتعاونون على المعصية شركاء في الإثم.
ئاسىيلىقتىكى ھەمكارلىق گۇناھكارلىقتىكى ئورتاقلىقتۇر.

• الذنوب سبب للعقوبات الدنيوية.
گۇناھ - مەئسىيەتلەر مۇشۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدىمۇ ئازابقا دۇچار بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ.

• كلٌّ ميسر لما خلق له فمنهم مطيع ومنهم عاصٍ.
ھەر كىم ئۆزى يارىتىلغان ئەمەلنى قىلىشقا مۇيەسسەر قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىتائەت قىلغۇچىمۇ، ئاسىيلىق قىلغۇچىمۇ بار.

 
د معناګانو ژباړه سورت: لیل
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول