Check out the new design

د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه * - د ژباړو فهرست (لړلیک)


د معناګانو ژباړه سورت: لیل   آیت:
فَسَنُيَسِّرُهُۥ لِلۡعُسۡرَىٰ
بۇنداق ئادەمگە بىز يامان ئەمەللەرنى قولايلاشتۇرۇپ، ياخشىلىق قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىمىز.
عربي تفسیرونه:
وَمَا يُغۡنِي عَنۡهُ مَالُهُۥٓ إِذَا تَرَدَّىٰٓ
بۇ ئادەم ھالاك بولۇپ، دوزاخقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ بېخىللىق قىلىپ چىڭ تۇتقان مال - مۈلكى ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِنَّ عَلَيۡنَا لَلۡهُدَىٰ
شەكسىزكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز توغرا يولنى خاتا يولدىن ئېنىق ئايرىپ بېرىشتۇر.
عربي تفسیرونه:
وَإِنَّ لَنَا لَلۡأٓخِرَةَ وَٱلۡأُولَىٰ
ئاخىرەت ۋە بۇ دۇنيا ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئىلكىمىزدىدۇركى، بىز ئىككىلىسىدە ئۆزىمىز خالىغاننى قىلىمىز. بىزدىن باشقا ھېچكىمنىڭ بۇنداق قىلىش ھوقۇقى يوق.
عربي تفسیرونه:
فَأَنذَرۡتُكُمۡ نَارٗا تَلَظَّىٰ
ئەي ئىنسانلار! ئەگەر ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولساڭلار، مەن سىلەرنى لاۋۇلداپ يېنىپ تۇرغان ئوتتىن ئاگاھلاندۇردۇم.
عربي تفسیرونه:
لَا يَصۡلَىٰهَآ إِلَّا ٱلۡأَشۡقَى
بۇ ئوتنىڭ ھارارىتىنى پەقەت كاپىر بولغان بەدبەخت ئادەملا تېتىيدۇ.
عربي تفسیرونه:
ٱلَّذِي كَذَّبَ وَتَوَلَّىٰ
ئۇ پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشتىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدۇر.
عربي تفسیرونه:
وَسَيُجَنَّبُهَا ٱلۡأَتۡقَى
ئەڭ تەقۋادار بولغان ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئوتتىن يىراق قىلىنىدۇ.
عربي تفسیرونه:
ٱلَّذِي يُؤۡتِي مَالَهُۥ يَتَزَكَّىٰ
ئۇ گۇناھلاردىن پاكلىنىش ئۈچۈن مېلىنى ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَمَا لِأَحَدٍ عِندَهُۥ مِن نِّعۡمَةٖ تُجۡزَىٰٓ
ئۇ مېلىنى بىراۋنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن سەرپ قىلمايدۇ.
عربي تفسیرونه:
إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ رَبِّهِ ٱلۡأَعۡلَىٰ
ئۇ مال سەرپ قىلىش ئارقىلىق پەقەت مەخلۇقاتلىرىدىن يۈكسەك بولغان پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدۇ.
عربي تفسیرونه:
وَلَسَوۡفَ يَرۡضَىٰ
ئۇ ئاللاھ بەرگەن ئېسىل مۇكاپاتلاردىن چوقۇم مەمنۇن بولىدۇ.
عربي تفسیرونه:
په دې مخ کې د ایتونو د فایدو څخه:
• منزلة النبي صلى الله عليه وسلم عند ربه لا تدانيها منزلة.
بۇ ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى مەرتىۋىسىگە ھېچبىر مەرتىۋىنىڭ تەڭ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

• شكر النعم حقّ لله على عبده.
نېئمەتلەرگە شۈكرى قىلىش ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققىدۇر.

• وجوب الرحمة بالمستضعفين واللين لهم.
ئاجىزلارغا شەپقەتلىك بولۇش ۋە سىلىق مۇئامىلە قىلىش ۋاجىبتۇر.

 
د معناګانو ژباړه سورت: لیل
د سورتونو فهرست (لړلیک) د مخ نمبر
 
د قرآن کریم د معناګانو ژباړه - اویګوري ژبې ته د المختصر في تفسیر القرآن الکریم ژباړه - د ژباړو فهرست (لړلیک)

د مرکز تفسیر للدراسات القرآنیة لخوا خپور شوی.

بندول