Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahzāb   Ayah:
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِنَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مِيثَٰقَهُمۡ وَمِنكَ وَمِن نُّوحٖ وَإِبۡرَٰهِيمَ وَمُوسَىٰ وَعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَۖ وَأَخَذۡنَا مِنۡهُم مِّيثَٰقًا غَلِيظٗا
ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئۆز ۋاقتىدا بىز پۈتۈن پەيغەمبەرلەردىن يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ۋەھىينى يەتكۈزۈش ھەققىدە چىن ئەھدە ئالدۇق. شۇنداقلا سەندىن، نۇھتىن، ئىبراھىمدىن، مۇسادىن ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسادىن ئايرىم - ئايرىم ئەھدە ئالدۇق. بىز ئۇلاردىن ئاللاھ (تەرىپىدىن بېرىلگەن) پەيغەمبەرلىكنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى ھەققىدە ئەھدە ئالدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لِّيَسۡـَٔلَ ٱلصَّٰدِقِينَ عَن صِدۡقِهِمۡۚ وَأَعَدَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
ئاللاھ تائالا بىر تەرەپتىن راستچىل پەيغەمبەرلەرنىڭ راستچىللىقى ھەققىدە سوئال قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن كاپىرلارنى مات قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرلەردىن چىن ئەھدە ئالدى، ئۆزىگە ۋە پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا قىيامەت كۈنى جەھەننەم ئوتىدىن ئىبارەت دەرتلىك ئازابنى تەييارلىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ جَآءَتۡكُمۡ جُنُودٞ فَأَرۡسَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ رِيحٗا وَجُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرًا
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمىتىنى ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا مەدىنىگە سىلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېچىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى كەلدى، ئۇلارغا مۇناپىقلار بىلەن يەھۇدىيلار (ئاستىرتتىن) ياردەم بەردى. بىز ئۇلارغا قارشى شەرق شامىلىنى ئەۋەتتۇق، ئۇ شامال ئارقىلىق پەيغەمبەرگە ياردەم بېرىلدى. پەرىشتىلەردىن سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى ئەۋەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن كاپىرلار ھېچ ئىش قىلالماي ئارقىسىغا قاچتى. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ئاشۇ ئىشلاردىن ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ ھەمدە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا - مۇكاپات بېرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِذۡ جَآءُوكُم مِّن فَوۡقِكُمۡ وَمِنۡ أَسۡفَلَ مِنكُمۡ وَإِذۡ زَاغَتِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ وَبَلَغَتِ ٱلۡقُلُوبُ ٱلۡحَنَاجِرَ وَتَظُنُّونَ بِٱللَّهِ ٱلظُّنُونَا۠
بۇنداق بولۇشى ئەينى چاغدا كاپىرلار مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپتىن، ۋادىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىنمۇ، تۆۋەن تەرىپىدىنمۇ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ چاغدا قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن كۆزلەر دۈشمەنگىلا قادىلىپ قالغان، يۈرەكلەر ئېغىزغا تىقىلىپ قالغان، سىلەر ئاللاھ ھەققىدە تۈرلۈك گۇمانلاردا بولۇشقان ئىدىڭلار، بەزىدە غەلىبە قازىنىمىز دەپ ئويلىساڭلار، يەنە بەزىدە ئۈمىدسىزلىككە پاتاتتىڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
هُنَالِكَ ٱبۡتُلِيَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَزُلۡزِلُواْ زِلۡزَالٗا شَدِيدٗا
خەندەك غازىتىدىكى بۇ مەيداندا مۇئمىنلەر دۈشمەنلىرىنىڭ تەرەپ - تەرەپتىن ئولىشىپ كېلىشى بىلەن سىنالغان، ئۇلار قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئېغىر دەرىجىدە تەۋرىنىشكە ئۇچرىغان ھەمدە بۇ سىناق ئارقىلىق مۇئمىن بىلەن مۇناپىق ئېنىق ئايرىلغان.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ مَّا وَعَدَنَا ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ إِلَّا غُرُورٗا
ئۇ كۈندە مۇناپىقلار ۋە قەلبىدە شەك بار ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بىزنىڭ يەر يۈزىدە دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى غەلىبە قازىنىدىغانلىقىمىز ھەققىدىكى ۋەدىسى ھېچقانداق ئاساسى يوق، ساختىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، دېيىشەتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذۡ قَالَت طَّآئِفَةٞ مِّنۡهُمۡ يَٰٓأَهۡلَ يَثۡرِبَ لَا مُقَامَ لَكُمۡ فَٱرۡجِعُواْۚ وَيَسۡتَـٔۡذِنُ فَرِيقٞ مِّنۡهُمُ ٱلنَّبِيَّ يَقُولُونَ إِنَّ بُيُوتَنَا عَوۡرَةٞ وَمَا هِيَ بِعَوۡرَةٍۖ إِن يُرِيدُونَ إِلَّا فِرَارٗا
ئەي پەيغەمبەر! سۆزلەپ بەرگىنكى، ئەينى ۋاقىتتا بىر بۆلۈك مۇناپىقلار مەدىنىلىكلەرگە: ئەي يەسرىب ئاھالىسى! (يەسرىب مەدىنىنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى نامى) خەندەكنىڭ يېنىدا تۇرماي، ئۆيلىرىڭلارغا قايتىڭلار، دېيىشەتتى. ئۇلاردىن يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەر ئۆيلىرىنىڭ دۈشمەنگە ئوچۇقچىلىقتا ئىكەنلىكىنى باھانە قىلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشقا پەيغەمبەردىن رۇخسەت سورىشاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئۇلار باھانە كۆرسىتىشكەندەك ئوچۇقچىلىقتا ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇ يالغان باھانە - سەۋەبلەر ئارقىلىق پەقەت دۈشمەندىن قېچىشنىلا ئويلاتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَوۡ دُخِلَتۡ عَلَيۡهِم مِّنۡ أَقۡطَارِهَا ثُمَّ سُئِلُواْ ٱلۡفِتۡنَةَ لَأٓتَوۡهَا وَمَا تَلَبَّثُواْ بِهَآ إِلَّا يَسِيرٗا
ئەگەر دۈشمەن شەھەرگە ھەر تەرەپتىن بېسىپ كىرىپ، ئۇلاردىن كۇپرى ۋە ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلار ئەلۋەتتە دۈشمەنلىرىنىڭ تەلىپىنى ئورۇندىغان بولاتتى، مۇرتەدلىك ۋە كۇپرىغا باش ئېگىشتىن پەقەت ئازغىنە ۋاقىت ساقلىنالايتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَقَدۡ كَانُواْ عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ لَا يُوَلُّونَ ٱلۡأَدۡبَٰرَۚ وَكَانَ عَهۡدُ ٱللَّهِ مَسۡـُٔولٗا
ھەقىقەتەن بۇ مۇناپىقلار ئۇھۇد كۈنى جەڭدىن قاچقاندىن كېيىن: ئەگەر ئاللاھ بىزنى يەنى بىر جەڭگە قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق قىلسا، بىز چوقۇم دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلىمىز، دۈشمەندىن قورقۇپ قاچمايمىز، دەپ ئاللاھقا ئەھدە بەرگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار ئەھدىسىنى بۇزدى. بەندە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە مەسئۇل بولۇپ، ئۇ ھەقتە چوقۇم سورىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• منزلة أولي العزم من الرسل.
ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىلىرى يۇقىرىدۇر.

• تأييد الله لعباده المؤمنين عند نزول الشدائد.
قىيىن پەيتلەردە ئاللاھ تائالا مۇئمىن بەندىلىرىگە ياردەم بېرىدۇ.

• خذلان المنافقين للمؤمنين في المحن.
خاپىلىق كەلگەندە مۇناپىقلار مۇئمىنلەرنى تاشلىۋېتىدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahzāb
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara