Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahzāb   Ayah:
مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ رِجَالٞ صَدَقُواْ مَا عَٰهَدُواْ ٱللَّهَ عَلَيۡهِۖ فَمِنۡهُم مَّن قَضَىٰ نَحۡبَهُۥ وَمِنۡهُم مَّن يَنتَظِرُۖ وَمَا بَدَّلُواْ تَبۡدِيلٗا
مۇئمىنلەر ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن) ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىققاندا ساباتلىق ۋە چىدامچان بولۇش ھەققىدە ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن ئادەملەر بار، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئاللاھ يولىدا ئۆلۈپ كەتتى ياكى ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىر قىسمى ئاللاھ يولىدا شەھىت بولۇشنى كۈتمەكتە. بۇ مۇئمىنلەر مۇناپىقلاردەك ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئۆزگەرتكىنى يوق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
لِّيَجۡزِيَ ٱللَّهُ ٱلصَّٰدِقِينَ بِصِدۡقِهِمۡ وَيُعَذِّبَ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ إِن شَآءَ أَوۡ يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان راستچىللارغا راستچىللىقى ۋە ئەھدىگە ۋاپا قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ مۇكاپات بېرىدۇ، ئەھدىنى بۇزغۇچى مۇناپىقلارنى ئەگەر خالىسا كۇپۇرلۇقىدىن تەۋبە قىلىشتىن بۇرۇن جېنىنى ئېلىپ ئازابلايدۇ ياكى ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىدۇ. ئاللاھ گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَرَدَّ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِغَيۡظِهِمۡ لَمۡ يَنَالُواْ خَيۡرٗاۚ وَكَفَى ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ ٱلۡقِتَالَۚ وَكَانَ ٱللَّهُ قَوِيًّا عَزِيزٗا
ئاللاھ تائالا قۇرەيش، غەتەفان ۋە شۇلار بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلەرننى ئارزۇلىرىغا يەتكۈزمەي غەم - قايغۇ بىلەن قايتۇردى. ئۇلار مۇئمىنلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىشتىن ئىبارەت مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئاللاھ شامالنى ئەۋەتىپ، پەرىشتىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق مۇئمىنلەرنى ئۇرۇشسىز غەلىبىگە ئېرىشتۈردى. ئاللاھ كۈچلۈك ھەم غالىبتۇركى، ئۇنىڭ بىلەن كىم غەلىبىنى تالاشسا، ئاللاھ ئۇنى يېڭىپ، خار قىلىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَنزَلَ ٱلَّذِينَ ظَٰهَرُوهُم مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مِن صَيَاصِيهِمۡ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلرُّعۡبَ فَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ وَتَأۡسِرُونَ فَرِيقٗا
ئاللاھ مۇشرىكلارغا يانتاياق بولغان يەھۇدىيلارنى دۈشمەنلىرىدىن پاناھلىنىدىغان قورغانلىرىدىن چۈشۈردى، ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى. ئى مۇئمىنلەر! سىلەر ئۇلارنىڭ بىر بۆلۈكىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر بۆلۈكىنى ئەسىر ئالدىڭلار.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَأَوۡرَثَكُمۡ أَرۡضَهُمۡ وَدِيَٰرَهُمۡ وَأَمۡوَٰلَهُمۡ وَأَرۡضٗا لَّمۡ تَطَـُٔوهَاۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٗا
ئاللاھ سىلەرنى ئۇلار ھالاك بولغاندىن كىيىن زىرائەتلىرى ۋە خورمىلىرى بىلەن قوشۇپ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا، تۇرالغۇلىرىغا، باشقا مال-مۈلۈكلىرىگە ۋە سىلەر بۇندىن بۇرۇن قەدەم بېسىپ باقمىغان خەيبەر زېمىنىغا ئىگە قىلدى. ئەمدى سىلەر ئۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر. بۇ مۇئمىنلەرگە قىلىنغان ۋەدە ۋە خۇشبېشارەتتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّأَزۡوَٰجِكَ إِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا وَزِينَتَهَا فَتَعَالَيۡنَ أُمَتِّعۡكُنَّ وَأُسَرِّحۡكُنَّ سَرَاحٗا جَمِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! يېنىڭدا ئۇلارغا كەڭرى بەرگىدەك نەرسە بولمىغان شارائىتتا سەندىن نەپىقىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئاياللىرىڭغا ئېيتقىنكى، ئەگەر سىلەر دۇنيا تىرىكچىلىكىنى ۋە دۇنيانىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى كۆزلىسەڭلار، يېنىمغا كېلىڭلار، مەن سىلەرگە تالاق قىلىنغان ئاياللار بەھرىمەن بولىدىغان (بىر ئاز) نەرسە بېرەي، سىلەرنى زىيان يەتكۈزمەي ۋە ئازار بەرمەي قويۇپ بېرەي.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِن كُنتُنَّ تُرِدۡنَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَٱلدَّارَ ٱلۡأٓخِرَةَ فَإِنَّ ٱللَّهَ أَعَدَّ لِلۡمُحۡسِنَٰتِ مِنكُنَّ أَجۡرًا عَظِيمٗا
ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقىنى ھەمدە ئاخىرەتتە جەننەتنى كۆزلىسەڭلار، ھازىرقى ئەھۋالىڭلارغا سەۋر قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىچىڭلاردىن چىرايلىقچە سەۋر قىلغانلارغا ھەم ئەرلىرىگە ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلارغا كاتتا مۇكاپات تەييارلىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَٰنِسَآءَ ٱلنَّبِيِّ مَن يَأۡتِ مِنكُنَّ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖ يُضَٰعَفۡ لَهَا ٱلۡعَذَابُ ضِعۡفَيۡنِۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
ئەي پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرى! ئىچىڭلاردىن كىمكى ئاشكارا گۇناھ قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئورنى، مەرتىۋىسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ئىككى ھەسسە ئازاب قىلىنىدۇ، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• تزكية الله لأصحاب رسول الله صلى الله عليه وسلم ، وهو شرف عظيم لهم.
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىنى ئاقلىغانلىقى ساھابىلەرگە نىسبەتەن كاتتا شەرەپتۇر.

• عون الله ونصره لعباده من حيث لا يحتسبون إذا اتقوا الله.
بەندىلەر ئاللاھقا تەقۋادار بولغان چاغدا ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم ۋە غەلىبە ئاتا قىلىدۇ.

• سوء عاقبة الغدر على اليهود الذين ساعدوا الأحزاب.
ئىتتىپاقداش قوشۇنغا يانتاياق بولغان يەھۇدىيلارغا بېرىلگەن خىيانەت جازاسى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولدى.

• اختيار أزواج النبي صلى الله عليه وسلم رضا الله ورسوله دليل على قوة إيمانهنّ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ رازىلىقىنى تاللىغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنىڭ ئىسپاتىدۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Ahzāb
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara