Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 奈哈里   段:
ثُمَّ إِنَّ رَبَّكَ لِلَّذِينَ عَمِلُواْ ٱلسُّوٓءَ بِجَهَٰلَةٖ ثُمَّ تَابُواْ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ وَأَصۡلَحُوٓاْ إِنَّ رَبَّكَ مِنۢ بَعۡدِهَا لَغَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاندىن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ، ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەستىن گەرچە ئۇلار يامان ئىشنى قەستەن قىلسىمۇ ياكى يامان ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ خاتا ئەمەللىرىنى تۈزەتسە، تەۋبە قىلغاندىن كېيىن پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
阿拉伯语经注:
إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ كَانَ أُمَّةٗ قَانِتٗا لِّلَّهِ حَنِيفٗا وَلَمۡ يَكُ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ھەقىقەتەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بارلىق ياخشى خىسلەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، دائىم پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىدىغان، بارلىق باتىل دىنلاردىن ئىسلام دىنىغا مايىل بولغان، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغان ئېدى.
阿拉伯语经注:
شَاكِرٗا لِّأَنۡعُمِهِۚ ٱجۡتَبَىٰهُ وَهَدَىٰهُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلغۇچى بولغانلىقتىن، ئاللاھ ئۇنى پەيغەمبەرلىك ئۈچۈن تاللىدى، ئۇنى راۋرۇس ئىسلام دىنىغا باشلىدى.
阿拉伯语经注:
وَءَاتَيۡنَٰهُ فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
بىز ئۇنىڭغا دۇنيادا پەيغەمبەرلىك، گۈزەل مەدھىيلىنىش، ياخشى ئەۋلادلارنى بەردۇق، ھەقىقەتەن ئۇ، ئاخىرەتتە ئاللاھ جەننەتتە ئالى مەرتىۋىلەرنى تەييار قىلغان ياخشى كىشىلەرنىڭ قاتارىدىندۇر
阿拉伯语经注:
ثُمَّ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ أَنِ ٱتَّبِعۡ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِيمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاندىن بىز ساڭا تەۋھىدتە، مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدا بۈلۇشتا، ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلىشتا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلىشتا، بارلىق باتىل دىنلاردىن ھەق بولغان ئىسلام دىنىغا مايىل بولۇشتا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگىشىشنى بۇيرۇدۇق، ئىبراھىم ھەرگىزمۇ مۇشرىكلار ئويلىغاندەك مۇشرىكلاردىن بولمىغان بەلكى ئۇ ئاللاھنى بىر بېلىدىغان مۇۋەھھىدلەردىن ئېدى.
阿拉伯语经注:
إِنَّمَا جُعِلَ ٱلسَّبۡتُ عَلَى ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَإِنَّ رَبَّكَ لَيَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
ھەقىقەتەن شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاش بولسا، بۇ كۈن توغرىسىدا ئىختىلاپ قېلىشقان يەھۇدىيلارغا پەرز قېلىندى، ئۇلارغا جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاپ ھېچ ئىش قىلماستىن ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولۇشقا بۇيرۇلغاندا، ئۇلار ئېزىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلارغا شەنبە كۈنىنى ئۇلۇغلاپ بۇ كۈندە ھېچ ئىش قىلماستىن ئىبادەت قېلىش بۇيرۇلدى. ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ قىيامەت كۈنى ئاشۇ ئىختىلاپ قىلغۇچىلارنىڭ دۇنيادا ئىختىلاپ قىلىشقان ئىشلىرى توغرىسىدا ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
阿拉伯语经注:
ٱدۡعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِٱلۡحِكۡمَةِ وَٱلۡمَوۡعِظَةِ ٱلۡحَسَنَةِۖ وَجَٰدِلۡهُم بِٱلَّتِي هِيَ أَحۡسَنُۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! سەن ۋە سېنىڭ مۆئمىنلەردىن بولغان ئەگەشكۈچىلىرىڭ، كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، چۈشەنچىسى ۋە بويسۇنۇشى خالايدىغان رەۋىشتە، ئۇلارنى قىزىقتۇرۇش ۋە قورقۇتۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالغان نەسىھەتلەر بىلەن دىنغا دەۋەت قىلغىن. ئۇلار بىلەن سۆز، پىكىر ۋە ئەخلاقتا چېرايلىق شەكىلدە مۇنازىرىلەشكىن، سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ كىشىلەرنى توغرا يولغا كېرگۈزۈش ئەمەس پەقەت ئۇلارغا ھەقنى يەتكۈزۈش. ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ كىم ئىسلام دىنىدىن ئېزىپ كېتىۋاتىدۇ ۋە كىم دىنغا ھىدايەت قىلىنىۋاتىدۇ بۇنى ياخشى بىلگۈچىدۇر، ئۇلارنىڭ كاپىر بولغانلىقىغا ھەسرەتلىنىپ كەتمىگىن.
阿拉伯语经注:
وَإِنۡ عَاقَبۡتُمۡ فَعَاقِبُواْ بِمِثۡلِ مَا عُوقِبۡتُم بِهِۦۖ وَلَئِن صَبَرۡتُمۡ لَهُوَ خَيۡرٞ لِّلصَّٰبِرِينَ
ئەگەر سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالىماقچى بولساڭلار، ئاشۇرىۋەتمەستىن ئۇلارنى سىلەرگە قىلغىنىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاڭلار، ئەگەر ئۇلارنى جازالاشقا قادىر بولۇپ تۇرۇغلۇق سەۋىر قىلساڭلار ھەقىقەتەن بۇ سەۋىر قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئىلىشتىن ياخشىدۇر.
阿拉伯语经注:
وَٱصۡبِرۡ وَمَا صَبۡرُكَ إِلَّا بِٱللَّهِۚ وَلَا تَحۡزَنۡ عَلَيۡهِمۡ وَلَا تَكُ فِي ضَيۡقٖ مِّمَّا يَمۡكُرُونَ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇلاردىن ساڭا يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋىر قىلغىن، سېنىڭ سەۋىر قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇشۇڭ پەقەت ئاللاھنىڭ مۇۋەپپەق قىلىشى بىلەندۇر، كاپىرلارنىڭ سەندىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە قايغۇرمىغىن، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ھىلە-مىكىرلىرىدىن دىلىڭ سىقىلمىسۇن.
阿拉伯语经注:
إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَواْ وَّٱلَّذِينَ هُم مُّحۡسِنُونَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ خاتالىقنى تەرك قىلىپ ئۆزىدىن قورققۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر، ئۇلار ئىبادەتنى چىرايلىق شەكىلدە ئادا قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنىدۇ، غەلبە-ياردەمدە ئاللاھ ئۇلار بىلەن بىرگىدۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• اقتضت رحمة الله أن يقبل توبة عباده الذين يعملون السوء من الكفر والمعاصي، ثم يتوبون ويصلحون أعمالهم، فيغفر الله لهم.
ئاللاھنىڭ رەھمىتى كاپىر-ئاسىيلاردىن يامان ئەمەل قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىشنى تەقەززا قىلدى، ئاندىن ئۇلار تەۋبە قىلىپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ.

• يحسن بالمسلم أن يتخذ إبراهيم عليه السلام قدوة له.
مۇسۇلمان ئۈچۈن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۈلگە قىلىش ياخشىدۇر.

• على الدعاة إلى دين الله اتباع هذه الطرق الثلاث: الحكمة، والموعظة الحسنة، والمجادلة بالتي هي أحسن.
ئاللاھنىڭ دىنىغا دەۋەت قىلغۇچىلار: ھېكمەت، ۋەز-نەسىھەت ۋە چېرايلىق شەكىلدە مۇنازىرە قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئىشنى لازىم تۇتۇشى كېرەك.

• العقاب يكون بالمِثْل دون زيادة، فالمظلوم منهي عن الزيادة في عقوبة الظالم.
جازا ئۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن بولىدۇ، زىيادە قىلىنمايدۇ، زۇلۇم قىلىنغۇچىمۇ زالىمنى قىلغان زۇلمىدىن ئارتۇق جازالاشتىن چەكلەنگەن.

 
含义的翻译 章: 奈哈里
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭