Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 塔哈   段:

تاھا

每章的意义:
السعادة باتباع هدى القرآن وحمل رسالته، والشقاء بمخالفته.
بەخت-سائادەت قۇرئان كەرىمنىڭ يولىغا ئەگىشىش، ئۇنى يەتكۈزۈش بىلەن بولىدۇ، بەختسىزلىك ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىش بىلەن بولىدۇ.

طه
سۈرە بەقەرىنىڭ بېشىدا بۇ سۆزلەرنىڭ ئوخشىشى بايان قىلىندى.
阿拉伯语经注:
مَآ أَنزَلۡنَا عَلَيۡكَ ٱلۡقُرۡءَانَ لِتَشۡقَىٰٓ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىز قۇرئان كەرىمنى سېنى جاپاغا سېلىش ۋە قەۋمىڭنىڭ ساڭا ئىمان ئېيتىشتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىگە ئەپسۇسلاندۇرۇش ئۈچۈن نازىل قىلمىدۇق.
阿拉伯语经注:
إِلَّا تَذۡكِرَةٗ لِّمَن يَخۡشَىٰ
بۇ قۇرئاننى پەقەت ئاللاھدىن قورقۇشقا مۇۋەپپەق بولغانلارغا ۋەز-نەسىھەت بولسۇن ئۈچۈن نازىل قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
تَنزِيلٗا مِّمَّنۡ خَلَقَ ٱلۡأَرۡضَ وَٱلسَّمَٰوَٰتِ ٱلۡعُلَى
بۇ قۇرئان كەرىم زېمىننى ياراتقان، ئېگىز ئاسمانلارنى ياراتقان كاتتا .زاتنىڭ تەرىپىدىن نازىل قېلىنغاندۇر
阿拉伯语经注:
ٱلرَّحۡمَٰنُ عَلَى ٱلۡعَرۡشِ ٱسۡتَوَىٰ
ئاللاھ تائالا ئەرىشنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ كاتتىلىق، يۈكسەكلىكىگە لايىق .رەۋىشتە ئالى بولدى ۋە قارار ئالدى
阿拉伯语经注:
لَهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَمَا بَيۡنَهُمَا وَمَا تَحۡتَ ٱلثَّرَىٰ
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ۋە زېمىننىڭ ئاستىدىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى يارىتىش، ئىگىدارچىلىق قېلىش ۋە تەدبىر قېلىش جەھەتتە .يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر
阿拉伯语经注:
وَإِن تَجۡهَرۡ بِٱلۡقَوۡلِ فَإِنَّهُۥ يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ وَأَخۡفَى
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئەگەر سەن ئاشكارا سۆزلىسەڭ ياكى يوشۇرۇن سۆزلىسەڭ ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەچكەنچىلىك مەخپى ئىشلارنىمۇ بىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ.
阿拉伯语经注:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ لَهُ ٱلۡأَسۡمَآءُ ٱلۡحُسۡنَىٰ
ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد يوقتۇر، ئاللاھنىڭ ئەڭ .گۈزەل ۋە مۇكەممەل ئىسىملىرى بار
阿拉伯语经注:
وَهَلۡ أَتَىٰكَ حَدِيثُ مُوسَىٰٓ
ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ھەقىقەتەن ساڭا ئىمراننىڭ ئوغلى مۇسا .ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەقەلىكى كەلمىدىمۇ؟
阿拉伯语经注:
إِذۡ رَءَا نَارٗا فَقَالَ لِأَهۡلِهِ ٱمۡكُثُوٓاْ إِنِّيٓ ءَانَسۡتُ نَارٗا لَّعَلِّيٓ ءَاتِيكُم مِّنۡهَا بِقَبَسٍ أَوۡ أَجِدُ عَلَى ٱلنَّارِ هُدٗى
ئۆز ۋاقتىدا مۇسا سەپەر ئۈستىدە ئوتنى كۆردى، ئائىلىسىدىكىلەرگە: مۇشۇ جايىڭلاردا تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوت يورۇقۇنى كۆردۈم، مەن ئۇ ئوتتىن بىرەر پارچە چوغ ئېلىپ كېلىشىم ياكى ئوتنىڭ يېنىدا ماڭا توغرا يولنى كۆرسۈتۈپ قويىدىغان بىرەر كىشىنى ئۇچىرتىپ قېلىشىم .مۇمكىن دېدى
阿拉伯语经注:
فَلَمَّآ أَتَىٰهَا نُودِيَ يَٰمُوسَىٰٓ
مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئاللاھ تائالا: ئى مۇسا دەپ نىدا قىلدى
阿拉伯语经注:
إِنِّيٓ أَنَا۠ رَبُّكَ فَٱخۡلَعۡ نَعۡلَيۡكَ إِنَّكَ بِٱلۡوَادِ ٱلۡمُقَدَّسِ طُوٗى
مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭدۇرمەن، مەن بىلەن سۆزلۈشۈشكە تەييا بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئايىغىڭنى سالغىن، ھەقىقەتەن .سەن مۇقەددەس ۋادىدا تۇرىۋاتىسەن
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• ليس إنزال القرآن العظيم لإتعاب النفس في العبادة، وإذاقتها المشقة الفادحة، وإنما هو كتاب تذكرة ينتفع به الذين يخشون ربهم.
قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قېلىنىشى ئىبادەتتە ئۆزىنى چارچېتىش، جاپا-مۇشەققەت تارتىش ئەمەس، ھەقىقەتەن قۇرئان كەرىم بولسا ۋەز-نەسىھەت، ئەسلىتىش بولۇپ، بۇنىڭدىن پەرۋەردىگارىدىن قورقىدىغان .كىشىلەر مەنپەئەت ئالىدۇ

• قَرَن الله بين الخلق والأمر، فكما أن الخلق لا يخرج عن الحكمة؛ فكذلك لا يأمر ولا ينهى إلا بما هو عدل وحكمة.
ئاللاھ يارىتىش بىلەن بۇيرۇقنىڭ ئارىسىنى بىرگە قىلدى، شۇنىڭدەك يارىتىش ئاللاھنىڭ ھېكمىتىدىن چېقىپ كەتمەيدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق بۇيرۇق ۋە چەكلىمە پەقەت ئاللاھنىڭ ئەدلى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ.

• على الزوج واجب الإنفاق على الأهل (المرأة) من غذاء وكساء ومسكن ووسائل تدفئة وقت البرد.
ئەر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە، ئايالىغا، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ شۇنداقلا سوغۇقتا ئېسسىتىش ئەشيالىرى، ئىسسىقتا سوۋۇتۇش .ئەشيالىرى قاتارلىقلار ئۈچۈن نەپىقە قىلىپ بېرىشى كېرەك بولىدۇ

 
含义的翻译 章: 塔哈
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭