Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 隋法提   段:
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمۡ لَمُحۡضَرُونَ
ئىلياسنىڭ قەۋمىنىڭ ئۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئۇنى ئىنكار قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىدى. ئۇلار ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئازابقا دۇچار قىلىنىدۇ.
阿拉伯语经注:
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
لېكىن ئۇنىڭ قەۋمى ئىچىدىن مۇئمىن بولۇپ، ئىبادەتلىرىدە ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغانلار بۇنىڭ سىرتىدا. بۇنداق كىشىلەر ئازابقا تاشلىنىشتىن قۇتۇلغۇچىلاردۇر.
阿拉伯语经注:
وَتَرَكۡنَا عَلَيۡهِ فِي ٱلۡأٓخِرِينَ
بىز كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭمۇ ياخشى نامىنى قالدۇردۇق.
阿拉伯语经注:
سَلَٰمٌ عَلَىٰٓ إِلۡ يَاسِينَ
ئىلياسقا ئاللاھنىڭ سالامى ۋە مەدھىيەسى بولسۇن!
阿拉伯语经注:
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجۡزِي ٱلۡمُحۡسِنِينَ
شەكسىزكى بىز مۇسا ۋە ھارۇننى مۇكاپاتلىغىنىمىزدەك، رەببىگە ئىتائەتمەن بولۇپ ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلارنىمۇ شۇنداق مۇكاپاتلايمىز.
阿拉伯语经注:
إِنَّهُۥ مِنۡ عِبَادِنَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
شەكسىزكى ئىلياس پەرۋەردىگارىغا بولغان ئىمانىدا ھەقىقىي راستچىل، مۇئمىن بەندىلىرىمىزدىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّ لُوطٗا لَّمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
شەكسىزكى، لۇت ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋمىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
إِذۡ نَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥٓ أَجۡمَعِينَ
ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشنى ئەسلىگىنكى، بىز لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تەۋەلىكىنى قەۋمىگە ئەۋەتىلگەن ئازابتىن ساقلاپ قالدۇق.
阿拉伯语经注:
إِلَّا عَجُوزٗا فِي ٱلۡغَٰبِرِينَ
پەقەت ئۇنىڭ ئايالى قەۋمىگە ئوخشاش كاپىر بولغاچقا، ئۇنىڭغىمۇ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازاب كەلدى.
阿拉伯语经注:
ثُمَّ دَمَّرۡنَا ٱلۡأٓخَرِينَ
ئاندىن ئۇنىڭ قەۋمىدىن ئۇنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەنمىگەنلەرنى ھالاك قىلدۇق.
阿拉伯语经注:
وَإِنَّكُمۡ لَتَمُرُّونَ عَلَيۡهِم مُّصۡبِحِينَ
ئەي مەككە ئاھالىسى! شەكسىزكى سىلەر شامغا ماڭغاندا سەپەر جەريانىدا سەھەردە ئۇلارنىڭ تۇرالغۇلىرىدىن ئۆتۈپ تۇرىسىلەر.
阿拉伯语经注:
وَبِٱلَّيۡلِۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
شۇنداقلا ئۇ جايدىن كېچىدىمۇ ئۆتۈپ تۇرىسىلەر. بۇ ھەقتە ئويلىنىپ، ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىپ، كاپىر بولۇپ، ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان قەبىھ قىلمىشلارنى قىلغاندىن كېيىن ئۇلار دۇچار بولغان يامان ئاقىۋەتتىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟
阿拉伯语经注:
وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
شەكسىزكى بەندىمىز يۇنۇس ئاللاھ تائالا ئۆز قەۋملىرىگە خۇشبېشارەت بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەردىن ئىدى.
阿拉伯语经注:
إِذۡ أَبَقَ إِلَى ٱلۡفُلۡكِ ٱلۡمَشۡحُونِ
ئەينى چاغدا ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز قەۋمىدىن قېچىپ، يولۇچىلار ۋە يۈك - تاقلار بىلەن تولغان كېمىگە چىقتى.
阿拉伯语经注:
فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ ٱلۡمُدۡحَضِينَ
كېمە بەك لىق بولۇپ كەتكەنلىكتىن چۆكۈپ كېتىشكە تاس قالدى. شۇنىڭ بىلەن كېمىدىكىلەر يولۇچىلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كېمىنىڭ چۆكۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، بەزى كىشىلەرنى تاشلىۋېتىش ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. يۇنۇسمۇ دېڭىزغا تاشلىنىدىغانلاردىن بىرى بوپقېلىپ، ئۇلار ئۇنىمۇ دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.
阿拉伯语经注:
فَٱلۡتَقَمَهُ ٱلۡحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٞ
ئۇلار ئۇنى دېڭىزغا تاشلىغاندا چوڭ بىر بېلىق ئۇنى تۇتۇپلا يۇتۇۋەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ رۇخسىتىسىز دېڭىزغا بارغانلىقى ئۈچۈن مالامەت قىلىنىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلغان ئىدى.
阿拉伯语经注:
فَلَوۡلَآ أَنَّهُۥ كَانَ مِنَ ٱلۡمُسَبِّحِينَ
يۇنۇس بېشىغا بۇ كۈن كېلىشتىن ئىلگىرى ئاللاھنى كۆپ ئەسلەيدىغانلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدىكى ۋاقتىدىمۇ ئاللاھقا كۆپ تەسبىھ ئېيتمىغان بولسا ئىدى،
阿拉伯语经注:
لَلَبِثَ فِي بَطۡنِهِۦٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ
ئەلۋەتتە قىيامەتكە قەدەر بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ قالاتتى. چۈنكى بېلىقنىڭ قارنى ئۇنىڭ قەبرىسى بولاتتى.
阿拉伯语经注:
۞ فَنَبَذۡنَٰهُ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ سَقِيمٞ
شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى بېلىقنىڭ قارنىدىن چىقىرىپ، دەل - دەرەخ ۋە قۇرۇلۇشلار بولمىغان بىر جايغا تاشلىدۇق. ئۇ بېلىقنىڭ قارنىدا مەلۇم ۋاقىت تۇرغان بولغاچقا بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى.
阿拉伯语经注:
وَأَنۢبَتۡنَا عَلَيۡهِ شَجَرَةٗ مِّن يَقۡطِينٖ
بىز ئاشۇ ئاق يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن سايە تاشلاپ تۇرىدىغان ۋە مېۋىسىنى يېگىلى بولىدىغان بىر خىل كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق.
阿拉伯语经注:
وَأَرۡسَلۡنَٰهُ إِلَىٰ مِاْئَةِ أَلۡفٍ أَوۡ يَزِيدُونَ
بىز ئۇنى يۈز مىڭ، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق.
阿拉伯语经注:
فَـَٔامَنُواْ فَمَتَّعۡنَٰهُمۡ إِلَىٰ حِينٖ
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن دىنغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بېكىتىلگەن ئەجىلى توشقانغا قەدەر ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيادا قالدۇردى.
阿拉伯语经注:
فَٱسۡتَفۡتِهِمۡ أَلِرَبِّكَ ٱلۡبَنَاتُ وَلَهُمُ ٱلۡبَنُونَ
ئەي مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلاردىن مۇنداق ئىنكار سوئالىنى سوراپ باققىن: سىلەر ئۆزۈڭلار ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى ئاللاھقا نىسبەت بېرىپ، ئۆزۈڭلار ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى ئۆزۈڭلارنىڭ قىلامسىلەر؟ بۇ قانداق تەقسىمات؟
阿拉伯语经注:
أَمۡ خَلَقۡنَا ٱلۡمَلَٰٓئِكَةَ إِنَٰثٗا وَهُمۡ شَٰهِدُونَ
ئۇلار قانداقمۇ پەرىشتىلەرنى چىشى جىنسلىق دەپ بىلجىرلايدۇ؟ ئۇلار ئۇ پەرىشتىلەر يارىتىلغان يەردە يوق بولۇپ، ئۇلارنىڭ يارىتىلىشىنى كۆرۈپ باقمىغان تۇرسا؟
阿拉伯语经注:
أَلَآ إِنَّهُم مِّنۡ إِفۡكِهِمۡ لَيَقُولُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، ئۇ زاتقا بالا نىسبەت بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكى مۇشرىكلارنىڭ يالغانلىرىدىندۇر.
阿拉伯语经注:
وَلَدَ ٱللَّهُ وَإِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئۇلارنىڭ ئاللاھقا بۆھتان قىلىپ، ئۇ زاتقا بالا نىسبەت بېرىشى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ دەۋاسىدا يالغانچى ئىكەنلىكى مۇشرىكلارنىڭ يالغانلىرىدىندۇر.
阿拉伯语经注:
أَصۡطَفَى ٱلۡبَنَاتِ عَلَى ٱلۡبَنِينَ
ئاللاھ تائالا ئۆزىگە سىلەر ياقتۇرىدىغان ئوغۇللارنى قويۇپ، سىلەر ياقتۇرمايدىغان قىزلارنى تاللىدىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئىش يوق.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• سُنَّة الله التي لا تتبدل ولا تتغير: إنجاء المؤمنين وإهلاك الكافرين.
ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى مۇئمىنلەرنى قۇتۇلدۇرۇپ، كاپىرلارنى ھالاك قىلىشتۇر.

• ضرورة العظة والاعتبار بمصير الذين كذبوا الرسل حتى لا يحل بهم ما حل بغيرهم.
پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئازابقا دۇچار بوپقالماسلىق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىش زۆرۈر.

• جواز القُرْعة شرعًا لقوله تعالى: ﴿ فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ اْلْمُدْحَضِينَ ﴾.
ئاللاھ تائالا «كېمىدىكىلەر چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى) دېگەنلىكى ئۈچۈن چەك تاشلاش شەرىئەت نۇقتىسىدىنمۇ دۇرۇس.

 
含义的翻译 章: 隋法提
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭