Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 穆阿智姆   段:

مائارىج

每章的意义:
بيان حال وجزاء الخلق يوم القيامة.
خالايىقلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپىتى ۋە ئەھۋالىنى بايان قىلىش.

سَأَلَ سَآئِلُۢ بِعَذَابٖ وَاقِعٖ
مۇشرىكلاردىن بىرى قىيامەت كۈنى يۈز بېرىدىغان ئازابنى مەسخىرە قىلىپ، بۇ ئازاب زادى يۈز بېرىدىغان ئىش بولسا (تېزلا كەلسۇن دەپ) ئۆزىگە ۋە قەۋمىگە ئازاب تىلىدى.
阿拉伯语经注:
لِّلۡكَٰفِرِينَ لَيۡسَ لَهُۥ دَافِعٞ
ئاللاھقا كاپىر بولغانلار ئۈچۈن بۇ ئازابنى قايتۇرىدىغان ھېچكىم يوقتۇر.
阿拉伯语经注:
مِّنَ ٱللَّهِ ذِي ٱلۡمَعَارِجِ
ئۇ ئازاب بارچە ئۈستۈنلۈك، مەرتىۋە، پەزىلەت ۋە نېئمەت ئىگىسى بولغان ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر.
阿拉伯语经注:
تَعۡرُجُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَٱلرُّوحُ إِلَيۡهِ فِي يَوۡمٖ كَانَ مِقۡدَارُهُۥ خَمۡسِينَ أَلۡفَ سَنَةٖ
بىر كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىل كېلىدىغان قىيامەت كۈنىدە پەرىشتىلەر بىلەن جىبرىئىل ئاشۇ دەرىجىلەرگە ئۆرلەيدۇ.
阿拉伯语经注:
فَٱصۡبِرۡ صَبۡرٗا جَمِيلًا
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە نالە - پەرياد قىلماستىن سەۋر قىلغىن.
阿拉伯语经注:
إِنَّهُمۡ يَرَوۡنَهُۥ بَعِيدٗا
كاپىرلار بۇ ئازابنىڭ يۈز بېرىشىنى رېئاللىقتىن يىراق سانايدۇ.
阿拉伯语经注:
وَنَرَىٰهُ قَرِيبٗا
بىز بولساق ئۇ ئازابنى چوقۇم يېقىندا بولىدۇ، دەپ قارايمىز.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ تَكُونُ ٱلسَّمَآءُ كَٱلۡمُهۡلِ
ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىس ۋە ئالتۇن قاتارلىق مېتاللاردەك بوپقالىدۇ.
阿拉伯语经注:
وَتَكُونُ ٱلۡجِبَالُ كَٱلۡعِهۡنِ
.تاغلار يەڭگىللىكتە ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ
阿拉伯语经注:
وَلَا يَسۡـَٔلُ حَمِيمٌ حَمِيمٗا
ھەر كىم ئۆز ھالى بىلەن قالىدىغان بولغاچقا، يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلارمۇ ئۆزئارا ھال سوراشمايدۇ.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• تنزيه القرآن عن الشعر والكهانة.
قۇرئان كەرىم شېئىر ۋە كاھىنلىقتىن پاكتۇر.

• خطر التَّقَوُّل على الله والافتراء عليه سبحانه.
ئاللاھقا يالغان ۋە بوھتانلارنى توقۇش خەتەرلىكتۇر.

• الصبر الجميل الذي يحتسب فيه الأجر من الله ولا يُشكى لغيره.
چىرايلىقچە سەۋر قىلىش دېگەن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، باشقىلارغا شىكايەت قىلماسلىقتۇر.

 
含义的翻译 章: 穆阿智姆
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭