Check out the new design

《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 * - 译解目录


含义的翻译 章: 穆阿智姆   段:
عَلَىٰٓ أَن نُّبَدِّلَ خَيۡرٗا مِّنۡهُمۡ وَمَا نَحۡنُ بِمَسۡبُوقِينَ
ئاي ۋە قۇياشنىڭ چىقىدىغان جايلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بىلەن قەسەمكى، بىز ئۇلارنىڭ ئورنىغا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدىغان باشقا كىشىلەرگە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشكە ئەلۋەتتە قادىرمىز. بىز ئۇنىڭدىن ئاجىز ئەمەسمىز. ئۇلارنى قاچان ھالاك قىلماقچى ۋە باشقىلارغا ئالماشتۇرماقچى بولساق، قىلالماي قالمايمىز.
阿拉伯语经注:
فَذَرۡهُمۡ يَخُوضُواْ وَيَلۡعَبُواْ حَتَّىٰ يُلَٰقُواْ يَوۡمَهُمُ ٱلَّذِي يُوعَدُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ باتىل، ئازغۇنلۇقلىرىغا چۆمگىلى ۋە قۇرئاندا ۋەدە قىلىنغان قىيامەت كۈنىگە مۇلاقات بولغانغا قەدەر دۇنيا ھاياتىدا ئوينىغىلى قويغىن.
阿拉伯语经注:
يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ
ئۇلار ئۇ كۈندە خۇددى بىر نىشان تەرەپكە قاراپ بەسلىشىۋاتقاندەك قەبرىلىرىدىن ئالدىراپ - ھۆمىدەپ چىقىدۇ.
阿拉伯语经注:
خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ
ئۇلار پەسكىلا قارايدىغان بولۇپ، ئۇلارنى خارلىق چىرمىۋالىدۇ. ئەنە ئاشۇ ئۇلار دۇنيادىكى ۋاقىتلىرىدا ۋەدە قىلىنغان، ئەمما پەرۋا قىلمىغان كۈندۇر.
阿拉伯语经注:
这业中每段经文的优越:
• خطر الغفلة عن الآخرة.
ئاخىرەتتىن غەپلەتتە قېلىش خەتەرلىكتۇر.

• عبادة الله وتقواه سبب لغفران الذنوب.
ئاللاھقا تەقۋادارلىق بىلەن قۇلچىلىق قىلىش گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

• الاستمرار في الدعوة وتنويع أساليبها حق واجب على الدعاة.
دەۋەتچىلەرنىڭ زۆرۈر مەجبۇرىيىتى دەۋەتتە ئىزچىل بولۇش ۋە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىشتۇر.

 
含义的翻译 章: 穆阿智姆
章节目录 页码
 
《古兰经》译解 - 维吾尔语版古兰经简明注释。 - 译解目录

古兰经注释研究中心发行。

关闭