Check out the new design

ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: صافات   آیه:
يَقُولُ أَءِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُصَدِّقِينَ
ئۇ ماڭا قايتا تىرىلىشنى ئىنكار قىلىپ، مەسخىرىلىك ھالدا: دوستۇم، سەن ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىدىغانلىقى ھەققىدە راست دەۋاتامسەن؟دەيتتى.
تفسیرهای عربی:
أَءِذَا مِتۡنَا وَكُنَّا تُرَابٗا وَعِظَٰمًا أَءِنَّا لَمَدِينُونَ
بىز ئۆلۈپ، توپىغا ئايلىنىپ، چىرىگەن سۆڭەك بوپكەتسەكمۇ يەنە قايتا تىرگۈزۈلۈپ، دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىمىزگە قارىتا جازا - مۇكاپاتقا تارتىلىمىزمۇ؟ دەيتتى.
تفسیرهای عربی:
قَالَ هَلۡ أَنتُم مُّطَّلِعُونَ
ئۇنىڭ مۇئمىن دوستى جەننەتتىكى يارەنلىرىگە: بېرى كېلىڭلار، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىدىغان ئاشۇ دوستنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَٱطَّلَعَ فَرَءَاهُ فِي سَوَآءِ ٱلۡجَحِيمِ
ئۇ بوينىنى سوزۇپ قاراپ، دوستىنىڭ جەھەننەمنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قَالَ تَٱللَّهِ إِن كِدتَّ لَتُرۡدِينِ
دەيدۇكى: ھەي بۇرادەر! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، سەن مېنى كۇپرىغا ۋە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنى ئىنكار قىلىشقا چاقىرىپ، دوزاخقا كىرىش بىلەن مېنىمۇ تۈگەشتۈرگىلى تاس قاپتىكەنسەن.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡلَا نِعۡمَةُ رَبِّي لَكُنتُ مِنَ ٱلۡمُحۡضَرِينَ
ئەگەر ئاللاھ تائالا ئىمانغا يېتەكلەپ، مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا، ئەلۋەتتە مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئازابقا دۇچار بولاركەنمەن.
تفسیرهای عربی:
أَفَمَا نَحۡنُ بِمَيِّتِينَ
بىز جەننەتكە كىرگەنلەر ئەمدى ئۆلمەيمىزمۇ؟
تفسیرهای عربی:
إِلَّا مَوۡتَتَنَا ٱلۡأُولَىٰ وَمَا نَحۡنُ بِمُعَذَّبِينَ
بىزگە دۇنيادىكى ئۆلۈمدىن باشقا ئۆلۈم يوق. بەلكى بىز ئەمدى جەننەتتە مەڭگۈ قالىمىز. بىز كاپىرلار ئازابلانغاندەك ئازابلانمايمىز.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ هَٰذَا لَهُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
شەكسىزكى جەننەتكە كىرىش، ئۇنىڭدا مەڭگۈ قېلىش ھەمدە دوزاختىن ئامان بولۇشتىن ئىبارەت پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بەرگەن مۇكاپات ئەلۋەتتە كاتتا غەلىبىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر زەپەر تەڭ كەلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِمِثۡلِ هَٰذَا فَلۡيَعۡمَلِ ٱلۡعَٰمِلُونَ
ئەمەل قىلغۇچىلار مانا مۇشۇنداق كاتتا مۇكاپات ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن. چۈنكى بۇ مۇتلەق پايدا تاپىدىغان تىجارەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
أَذَٰلِكَ خَيۡرٞ نُّزُلًا أَمۡ شَجَرَةُ ٱلزَّقُّومِ
مەرتىۋە ۋە كۈتۈلۈش جەھەتتە ئاللاھ تائالا ئۆزىگە قۇلچىلىق قىلىشتا ئىخلاسمەن بولغان بەندىلىرىگە تەييارلىغان ئاشۇ نېئمەتلەر ياخشى ھەم ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئاندا لەنەت ئوقۇلغان، كاپىرلارنىڭ يېمەكلىكى بولغان، نە ئاچلىققا، نە سەمرىشكە ئەسقاتمايدىغان زەققۇم دەرىخىمۇ؟
تفسیرهای عربی:
إِنَّا جَعَلۡنَٰهَا فِتۡنَةٗ لِّلظَّٰلِمِينَ
شەكسىزكى بىز بۇ دەرەخنى زالىملار كۇپرىسى ۋە گۇناھ - مەئسىيەتلىرى تۈپەيلىدىن جازالىنىدىغان بىر جازا قىلدۇقكى، بۇ چاغدا ئۇلار: چوقۇم ئوت دەرەخنى يەيدۇ، ئاندىن ئۇ ئوتتا بىر نەرسە ئۈنۈشى مۇمكىن ئەمەس، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّهَا شَجَرَةٞ تَخۡرُجُ فِيٓ أَصۡلِ ٱلۡجَحِيمِ
شەكسىزكى زەققۇم دەرىخى ئەڭ ناچار ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۇ جەھەننەمنىڭ قەرىدىن چىقىدىغان بىر دەرەختۇر.
تفسیرهای عربی:
طَلۡعُهَا كَأَنَّهُۥ رُءُوسُ ٱلشَّيَٰطِينِ
ئۇنىڭدىن چىققان مېۋىمۇ ناھايىتى كۆرۈمسىز بولۇپ، خۇددى شەيتانلارنىڭ بېشىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشىنىڭ سەتلىكى تەمىنىڭمۇ بەتتاملىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ، ئۇنىڭ مېۋىسىنىڭ تەمىمۇ ناچار دېگەنلىكتۇر.
تفسیرهای عربی:
فَإِنَّهُمۡ لَأٓكِلُونَ مِنۡهَا فَمَالِـُٔونَ مِنۡهَا ٱلۡبُطُونَ
شەكسىزكى كاپىرلار ئۇنىڭ ئاچچىق ۋە كۆرۈمسىز مېۋىلىرىدىن يەپ، ئېچىرقاپ كەتكەن قوساقلىرىنى لىق تولدۇرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ إِنَّ لَهُمۡ عَلَيۡهَا لَشَوۡبٗا مِّنۡ حَمِيمٖ
ئۇلار ئۇنىڭ مېۋىلىرىدىن يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارغا يېرىڭ - زەرداپ ئارىلاشتۇرۇلغان قايناق سۇ بېرىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ إِنَّ مَرۡجِعَهُمۡ لَإِلَى ٱلۡجَحِيمِ
ئاندىن كېيىن ئۇلار يەنە جەھەننەم ئازابىغا قايتۇرۇلىدۇ. دېمەك ئۇلار بىر ئازابتىن يەنە بىر ئازابقا يۆتكىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّهُمۡ أَلۡفَوۡاْ ءَابَآءَهُمۡ ضَآلِّينَ
شەكسىزكى بۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - ئەجدادلىرىنى ھىدايەت يولىدىن ئېزىپ كەتكەن ھالەتتە بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ھېچبىر دەلىل - پاكىتسىز ئۇلارنى دوراپ مېڭىشتى.
تفسیرهای عربی:
فَهُمۡ عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِمۡ يُهۡرَعُونَ
ئۇلار ئازغۇنلۇقتا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىزىدىن ئالدىراپ ماڭدى.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ ضَلَّ قَبۡلَهُمۡ أَكۡثَرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
شەكسىزكى ئۇلاردىن بۇرۇنمۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېزىپ كەتكەن ئىدى. ئەي پەيغەمبەر! سېنىڭ قەۋمىڭ ئېزىپ كەتكەنلەرنىڭ تۇنجىسى ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا فِيهِم مُّنذِرِينَ
بىز ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۈممەتلەر ئىچىگە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇتىدىغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق، ئاندىن ئۇلار كاپىر بولدى.
تفسیرهای عربی:
فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلۡمُنذَرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! پەيغەمبەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرسىمۇ ئۇلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قۇلاق سالمىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقىغا قارىغىن. شەكسىزكى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆزلىرىنىڭ كۇپرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن دوزاخقا كىرىش ھەمدە ئۇنىڭدا مەڭگۈ قېلىش بولدى.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ
لېكىن ئاللاھقا بولغان ئىمانىدا ئىخلاسمەن بولغان كىشىلەر بۇ ئىنكارچى كاپىرلارنىڭ ئاقىۋىتى بولغان ئازابتىن قۇتۇلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَقَدۡ نَادَىٰنَا نُوحٞ فَلَنِعۡمَ ٱلۡمُجِيبُونَ
شەكسىزكى پەيغەمبىرىمىز نۇھ ئۆزىنى ئىنكار قىلغان قەۋمىگە بەددۇئا قىلغان چاغدا بىزگە دۇئا قىلغان ئىدى. بىز نېمىدېگەن ياخشى ئىجابەت قىلغۇچىلارمىز. بىز ئۇنىڭ ئۇلارغا قىلغان بەددۇئاسىنى ھەقىقەتەن تېز ئىجابەت قىلدۇق.
تفسیرهای عربی:
وَنَجَّيۡنَٰهُ وَأَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلۡكَرۡبِ ٱلۡعَظِيمِ
بىز ئۇنى، ئائىلە - تاۋابىئاتىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمان ئېيتقان مۇئمىنلەرنى قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىدىن ھەمدە ئۇنىڭ قەۋمىدىن كاپىر بولغانلارغا ئەۋەتىلگەن توپاندا غەرق بوپكېتىشتىن ساقلاپ قالدۇق.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الظفر بنعيم الجنان هو الفوز الأعظم، ولمثل هذا العطاء والفضل ينبغي أن يعمل العاملون.
جەننەتنىڭ نېئمەتلىرىگە ئېرىشىش بۈيۈك غەلىبىدۇر. ئەمەل قىلغۇچىلار مانا مۇشۇنداق ئېھسان ۋە ئىلتىپاتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەمەل قىلسۇن.

• إن طعام أهل النار هو الزقّوم ذو الثمر المرّ الكريه الطعم والرائحة، العسير البلع، المؤلم الأكل.
شەكسىزكى دوزىخىيلارنىڭ يېمەكلىكى مېۋىسى ئاچچىق، بەتتام، بەتبۇي، ناھايىتى تەس يۇتقىلى بولىدىغان، يېگۈچىنى قاتتىق بىئارام قىلىدىغان زەققۇم دەرىخىدۇر.

• أجاب الله تعالى دعاء نوح عليه السلام بإهلاك قومه، والله نعم المقصود المجيب.
ئاللاھ تائالا نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدا قىلغان دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئاللاھ تائالا نېمىدېگەن ياخشى مەقسەتكە ئېرىشتۈرگۈچى، نېمىدېگەن تېز ئىجابەت قىلغۇچى؟

 
ترجمهٔ معانی سوره: صافات
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - ترجمه‌ى اویغوری كتاب مختصر در تفسير قرآن كريم - لیست ترجمه ها

مركز تفسير و پژوهش‌های قرآنى آن را منتشر كرده است.

بستن