ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره انفال   آیه:

سۈرە ئەنپال

از اهداف این سوره:
الامتنان على المؤمنين بنصر الله لهم في بدر، وبيان سنن النصر والهزيمة.
ئاللاھ تائالانىڭ بەدىر كۈنىدە مۇئمىنلەرگە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت نېئمىتىنى غەلبە ۋە مەغلۇبىيەت يوللىرىنى بايان قىلىش.

يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡأَنفَالِۖ قُلِ ٱلۡأَنفَالُ لِلَّهِ وَٱلرَّسُولِۖ فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَأَصۡلِحُواْ ذَاتَ بَيۡنِكُمۡۖ وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن غەنىيمەتلەرنى قانداق تەقسىم قىلغانلىقىڭ ۋە كىملەرگە تەقسىم قىلغانلىقىڭ ھەققىدە سورايدۇ. ئەي پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى: غەنىيمەتلەر ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر، غەنىيمەتلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تارقىتىلىشى ھەققىدىكى ھۆكۈم ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە خاستۇر. سىلەرنىڭ ۋەزىپەڭلار پەقەت بويسۇنۇش ۋە باش ئىگىشتۇر. ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار. دوستلۇق، ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش، ياخشى ئەخلاق ۋە ئەپۇ قىلىش ئارقىلىق ئاراڭلاردىكى ئاداۋەت ياكى مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزۈلىشى قاتارلىق ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىڭلار. ئەگەر ھەقىقى مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، چۈنكى ئىمان تائەتكە ئۈندەپ گۇناھ-مەئسىيەتتىن يىراقلاشتۇرىدۇ. بۇ سوئال بەدر ۋەقەسىدىن كېيىن سورالغان ئىدى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا ٱلۡمُؤۡمِنُونَ ٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِرَ ٱللَّهُ وَجِلَتۡ قُلُوبُهُمۡ وَإِذَا تُلِيَتۡ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُهُۥ زَادَتۡهُمۡ إِيمَٰنٗا وَعَلَىٰ رَبِّهِمۡ يَتَوَكَّلُونَ
ئاللاھنىڭ نامى ياد ئېتىلسە ئۈنى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولۇپ دىللىرى ۋە بەدەنلىرى تائەتكە بويسۇنىدىغان، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئۇنى تەپەككۇر قىلىش بىلەن ئىمانى كۈچىيىدىغان، پايدا -مەنپەئەتنى قولغا كەلتۇرۇپ زىياننى دەپئى قىلىشتا پەرۋەردىگارىغىلا تايىنىدىغان كىشىلەرلا ھەقىقى مۇئمىنلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
ئۇلار نامازنى ئۆز ۋاقتىدا مۇكەممەل تەئدىل ئەركانلىرى بىلەن ئادا قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئۈستىگە) ۋاجىپ بولغان ۋە ۋاجىپ بولمىغان نەپىقىلەرنى بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُمۡ دَرَجَٰتٌ عِندَ رَبِّهِمۡ وَمَغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
ئەنە شۇلار ھەقىقى مۇئمىنلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىمان ۋە ئىسلام ئارىسىدىكى زاھىرى خىسلەتلەرنى ئۆزلىرىدە مۇجەسسەملەشتۈرگەندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىپ ئېسىل رىزىق ئاتا قىلىدۇ، يۇقىرى مەرتىۋىگە نائىل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ ئۇلارغا تەييارلىغان نېئمەتلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
كَمَآ أَخۡرَجَكَ رَبُّكَ مِنۢ بَيۡتِكَ بِٱلۡحَقِّ وَإِنَّ فَرِيقٗا مِّنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ لَكَٰرِهُونَ
ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەر غەنىيمەتنى تەقسىملەشتە ئىختىلاپلىشىپ ۋە تالاش-تارتىش قىلغىنىڭلاردىن كېيىن غەنىيمەتلەرنىڭ تەقسىماتىنى سىلەردىن تارتىۋېلىپ، غەنىمەت ھەققىدە ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرى ھۆكۈم قىلغىنىدەك پەرۋەردىگارىڭ مۇئمىنلەردىن بىر تائىپە ياقتۇرمىسىمۇ ساڭا نازىل قىلغان ۋەھيى ئارقىلىق مۇشرىكلەر بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن سېنى مەدىنىدىن چىقىشقا بۇيرىدى.
تفسیرهای عربی:
يُجَٰدِلُونَكَ فِي ٱلۡحَقِّ بَعۡدَ مَا تَبَيَّنَ كَأَنَّمَا يُسَاقُونَ إِلَى ٱلۡمَوۡتِ وَهُمۡ يَنظُرُونَ
ئەي پەيغەمبەر! مۇئمىنلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر قاراپ تۇرۇپ ئۆلۈمگە ھەيدىلىۋاتقاندەك ئۇرۇشنىڭ بولىدىغانلىقى ئايدىڭلىشىپ بولغاندىن كېيىنمۇ مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە سەن بىلەن مۇنازىرىلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۇرۇشقا چىقىشنى قاتتىق يامان كۆرگەنلىكى سەۋەبلىك، ماددىي ۋە مەنىۋىي تەرەپتىن ھېچقانداق تەييارلىق قىلمىغان ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ يَعِدُكُمُ ٱللَّهُ إِحۡدَى ٱلطَّآئِفَتَيۡنِ أَنَّهَا لَكُمۡ وَتَوَدُّونَ أَنَّ غَيۡرَ ذَاتِ ٱلشَّوۡكَةِ تَكُونُ لَكُمۡ وَيُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُحِقَّ ٱلۡحَقَّ بِكَلِمَٰتِهِۦ وَيَقۡطَعَ دَابِرَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئەي مۇنازىرە قىلغۇچى مۇئمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرگە مۇشرىكلاردىن بولغان ئىككى گۇرۇھنىڭ بىرىدىن غالىب كېلىدىغىنىڭلارنى يەنى كارۋان ۋە ئۇلار ئېلىپ ماڭغان ماللارنى غەنىمەت ئېلىش ياكى مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلاردىن غالىپ كېلىشىڭلارنى ۋەدە قىلغانلىقىنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار. سىلەر ئۇرۇش قىلماستىنلا ئىگەللەش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن كارۋاندىن غالىب كېلىشنى ياخشى كۆرۈسىلەر. ئاللاھ ئىسلامنىڭ كۈچىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە مۇشرىكلارنىڭ كاتىۋاشلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلاردىن نۇرغۇنلىرىنى ئەسىر ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇش ئارقىلىق ھەقىقەتنى روشەن ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى ئىرادە قىلدى.
تفسیرهای عربی:
لِيُحِقَّ ٱلۡحَقَّ وَيُبۡطِلَ ٱلۡبَٰطِلَ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُجۡرِمُونَ
ئاللاھ راستلىقىغا دەلىللەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق ئىسلام ۋە ئىسلام ئەھلىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ھەقنى ھەقىقەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. باتىلنىڭ باتىللىقىغا روشەن دەلىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق باتىلنى يوققا چىقىرىدۇ. مۇشرىكلار ئۇنى يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئۇنى ئاشكارىلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• ينبغي للعبد أن يتعاهد إيمانه ويُنمِّيه؛ لأن الإيمان يزيد وينقص، فيزيد بفعل الطاعة وينقص بضدها.
بەندە ئىمانىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنى پاكلىشى كېرەك. چۈنكى ئىمان كەم-زىيادە بولىدۇ. يەنى تائەت-ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق زىيادە بولسا، گۇناھ مەئسىيەت قىلىش ئارقىلىق كېمىيىدۇ.

• الجدال محله وفائدته عند اشتباه الحق والتباس الأمر، فأما إذا وضح وبان فليس إلا الانقياد والإذعان.
مۇنازىرلىشىش ھەقىقەت شۈبھىلىك بولۇپ قالغاندا ۋە ئىشلار ئارىلىشىپ كەتكەن چاغدا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولىدۇ ۋە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما ھەقىقەت ئاشكارا بولغان ۋاقىتتا پەقەت ھەقىقەتكە بويسۇنۇشلا قالىدۇ.

• أَمْر قسمة الغنائم متروك للرّسول صلى الله عليه وسلم، والأحكام مرجعها إلى الله تعالى ورسوله لا إلى غيرهما.
غەنىمەتلەرنى تەقسىملەش ئىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قالدۇرۇلغان. ھۆكۈمنى پەقەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چىقىرىدۇ.

• إرادة تحقيق النّصر الإلهي للمؤمنين؛ لإحقاق الحق وإبطال الباطل.
ھەقىقەتنى ھەقىقەت قىلىش، باتىلنى باتىل قىلىش ئۈچۈن مۇئمىنلەرگە ئىلاھى بۇيرۇقنى ئەمىلىلەشتۈرۈشنى ئىرادە قىلىدۇ.

إِذۡ تَسۡتَغِيثُونَ رَبَّكُمۡ فَٱسۡتَجَابَ لَكُمۡ أَنِّي مُمِدُّكُم بِأَلۡفٖ مِّنَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ مُرۡدِفِينَ
ئەي مۇئمىنلەر! بەدر كۈنىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھتىن دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە مەدەت بېرىمەن ۋە ئارقىمۇ-ئارقا چۈشىدىغان مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشۡرَىٰ وَلِتَطۡمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمۡۚ وَمَا ٱلنَّصۡرُ إِلَّا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئەي مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە دۈشمىنىڭلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلەن بىشارەت بەردى. دىللىرىڭلار ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىلەن ئارام تېپىشى ئۈچۈن پەرىشتىلەر بىلەن ياردەم بېرىدۇ. غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى، تەييارلىقنىڭ تولۇق بولىشى بىلەن مەيدانغا كەلمەيدۇ، پەقەت ئاللاھنىڭ تەرىپىدىنلا مەيدانغا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۇستىدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ. ئاللاھ ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ يُغَشِّيكُمُ ٱلنُّعَاسَ أَمَنَةٗ مِّنۡهُ وَيُنَزِّلُ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ لِّيُطَهِّرَكُم بِهِۦ وَيُذۡهِبَ عَنكُمۡ رِجۡزَ ٱلشَّيۡطَٰنِ وَلِيَرۡبِطَ عَلَىٰ قُلُوبِكُمۡ وَيُثَبِّتَ بِهِ ٱلۡأَقۡدَامَ
ئەي مۇئمىنلەر! ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ قورقۇنچىسىدىن خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن سىلەرگە ئۇيقۇ بېغىشلىغانلىقىنى، سىلەرنى نىجاسەتلەردىن پاكلاش، قەلبلىرىڭلاردىن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يوق قىلىش، دۈشمەنگە ئۇچراشقان چاغدا بەدەنلىرىڭلارنىڭ مۇستەھكەم، كۆڭۈللىرىڭلارنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى، قەدەملىرىڭلارنىڭ پېتىپ كەتمەسلىكى ۋە مەزمۇت تۇرۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ زېمىننى قاتتىق قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئەسلەڭلار.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ يُوحِي رَبُّكَ إِلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَنِّي مَعَكُمۡ فَثَبِّتُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۚ سَأُلۡقِي فِي قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلرُّعۡبَ فَٱضۡرِبُواْ فَوۡقَ ٱلۡأَعۡنَاقِ وَٱضۡرِبُواْ مِنۡهُمۡ كُلَّ بَنَانٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ بەدرىدە مۇئمىنلەرگە ياردەمچى قىلغان پەرىشتىلەرگە: «ئى پەرىشتىلەر مەن ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن، دۈشمەنلەرگە قارشى مۇئمىنلەرنىڭ ئىرادىلىرىنى كۈچەيتىڭلار، مەن كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قاتتىق قورقۇنچنى سالىمەن» دەپ ۋەھىي قىلدى. ئى مۇئمىنلەر كاپىرلارنىڭ ئۆلىشى ئۈچۈن بەدەنلىرىگە چېپىڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن توختىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بوغۇملىرى ۋە پۇت-قوللىرىغا چېپىڭلار.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ شَآقُّواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ وَمَن يُشَاقِقِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىقتى، بۇيرۇلغان ئىشلارنى ئىجرا قىلمىدى، چەكلەنگەن ئىشلاردىن يانمىدى. كىمكى بۇ ئىشلاردا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق قىلىدىكەن ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىش بىلەن، ئاخىرەتتە دەۋزەخ بىلەن ئېغىر جازالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكُمۡ فَذُوقُوهُ وَأَنَّ لِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابَ ٱلنَّارِ
ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى چىققۇچىلار! بايان قىلىنغان بۇ ئازاب سىلەر ئۈچۈندۇر، سىلەر ھاياتى دۇنيادىلا ئالدىراپ ئۇ ئازابنى تېتىڭلار، ئەگەر سىلەر كۇپۇرلۇقۇڭلار ۋە بويۇنتاۋلىقىڭلار ئۈستىدە ئۆلسەڭلار ئاخىرەتتە سىلەر ئۈچۈن دەۋزەخنىڭ ئازابى بار.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ زَحۡفٗا فَلَا تُوَلُّوهُمُ ٱلۡأَدۡبَارَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! ئەگەر سىلەر ئۇرۇشتا مۇشرىكلار بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ قالساڭلار ئۇلارغا مەغلۇپ بولۇپ ئارقاڭلارنى قىلىپ قاچماڭلار. سىلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئۇلار بىلەن ئۇچراشقاندا چىدامچان بولۇڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە كۈچلەندۈرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَن يُوَلِّهِمۡ يَوۡمَئِذٖ دُبُرَهُۥٓ إِلَّا مُتَحَرِّفٗا لِّقِتَالٍ أَوۡ مُتَحَيِّزًا إِلَىٰ فِئَةٖ فَقَدۡ بَآءَ بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَمَأۡوَىٰهُ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
كىمكى قايتا ئۇرۇش قىلىشنى ئويلاپ تاكتىكا ئىشلىتىش ئۈچۈن قاچقاندەك كۆرۈنۈش ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئىگىلمەستىن ياكى ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان مەۋجۇت مۇسۇلمان جامائەسەگە قېتىلماستىن دۈشمەنگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدىكەن ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ غەزىپى بىلەن قايتقان بولىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ غەزىپىگە لايىق بولىدۇ، ئۇنىڭ ئاخىرەتتىكى جايى دەۋزەختۇر، ئۇنىڭ قايتىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان ھە! ئۇنىڭ ئۆزگەرتكەن جايى نېمىدېگەن يامان ھە!
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات اعتناء الله العظيم بحال عباده المؤمنين، وتيسير الأسباب التي بها ثبت إيمانهم، وثبتت أقدامهم، وزال عنهم المكروه والوساوس الشيطانية.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە؛ ئاللاھنىڭ مۇئمىن بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ناھايىتى زور كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇئمىنلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىيىتى مۇستەھكەم بولىدىغان يوللارنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقى، يامانلىق ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىىلىرىنى يوق قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار مەۋجۇتتۇر.

• أن النصر بيد الله، ومن عنده سبحانه، وهو ليس بكثرة عَدَدٍ ولا عُدَدٍ مع أهمية هذا الإعداد.
غەلبە ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئۇ ئاللاھ تائالا تەرەپتىن كېلىدۇ. ھالبۇكى تەييارلىق مۇھىم بولسىمۇ ئەمما نۇسرەت ساننىڭ كۆپلىكى، تەييارلىقنىڭ تولۇق بولىشى بىلەن مەيدانغا كەلمەيدۇ.

• الفرار من الزحف من غير عذر من أكبر الكبائر.
ئۆزرۈسىز جەڭ مەيدانىدىن قېچىش ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

• في الآيات تعليم المؤمنين قواعد القتال الحربية، ومنها: طاعة الله والرسول، والثبات أمام الأعداء، والصبر عند اللقاء، وذِكْر الله كثيرًا.
بۇ ئايەتلەردە؛ مۇئمىنلەرگە ئەسكەرىي قائىدىلىرىنى تەلىم بېرىدۇ. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىش، دۈشمەنلەر ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇش، دۈشمەنگە ئۇچراشقاندا چىدامچان بولۇش ۋە ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش قاتارلىقلار بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

فَلَمۡ تَقۡتُلُوهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ قَتَلَهُمۡۚ وَمَا رَمَيۡتَ إِذۡ رَمَيۡتَ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ رَمَىٰ وَلِيُبۡلِيَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ مِنۡهُ بَلَآءً حَسَنًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئى مۇئمىنلەر! بەدر كۈنى مۇشرىكلارنى سىلەر ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق بەلكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرشۈڭلارغا ياردەم قىلدى. ئى پەيغەمبەر! مۇشرىكلارغا ئاتقىنىڭنى سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئۇنى ئاللاھ ئاتتى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ سىنىڭ ئۇلارغا ئاتقىنىڭنى تەككۈزۈپ بەرگەن ئىدى، ( ئاللاھنىڭ بۇنداق قىلىشى مۇئمىنلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇلارنىڭ سانى ئاز تەييارلىقى ئاجىز بولسىمۇ دۈشمەنلىرىگە قارشى غەلبە ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى سىناش ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇئايىڭلارنى ۋە سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئەمەللىرىڭلارنى ۋە سىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُوهِنُ كَيۡدِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
يۇقىرىدىكى ئىشلار ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر، ئاللاھ ئىسلامغا سۇيقەست پىلانلىغان كاپىرلارنىڭ ھىيلىسىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِن تَسۡتَفۡتِحُواْ فَقَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡفَتۡحُۖ وَإِن تَنتَهُواْ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَعُودُواْ نَعُدۡ وَلَن تُغۡنِيَ عَنكُمۡ فِئَتُكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَوۡ كَثُرَتۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئەي مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر ھەددىدىن ئاشقان زالىملارغا ئاللاھنىڭ ئازاب چۈشۈرۈشىنى تىلىسەڭلار، ئاللاھ سىلەر تىلىگەن نەرسىنى ئاللىبۇرۇن چۈشۈرۈپ بولدى. ئاللاھ سىلەرگە جازا، تەقۋادارلارغا ئىبرەت بولىدىغان نەرسىنى چۈشۈردى. ئەگەر سىلەر بۇنى تىلەشتىن توختىساڭلار ئۇ سىلەرگە ياخشىدۇر، بەلكى ئاللاھ سىلەرگە مۆھلەت بېرىپ سىلەرنى ئالدىراپ جازالىماسلىقى مۇمكىن، ئەگەر سىلەر ئالاھنىڭ ئازابىنى قايتىدىن تىلىسەڭلار ۋە مۇئمىنلەر بىلەن يەنە ئۇرۇشساڭلار بىز سىلەرگە ئازاب چۈشۈرۈپ مۇئمىنلەرگە غەلبىنى چۈشۈرۈشكە ۋەدە قىلىمىز، سىلەرنىڭ قوشۇنىڭلار ۋە ياردەمچىلىرىڭلارنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقىڭلار تولۇق مۇئمىنلەرنىڭ سانى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ سىلەردىن ھېچ نەرسىنى بىھاجەت قىلالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇئمىنلەر بىلەن بىللىدۇر، ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا، ئۇ ئادەمدىن غالىپ كەلگۈچى بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوۡاْ عَنۡهُ وَأَنتُمۡ تَسۡمَعُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىسىدىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلىڭلار. سىلەر تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىش ۋە چەكلىمىلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىمەڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَهُمۡ لَا يَسۡمَعُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ۋەز-نەسىھەت قۇبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلاپ، ئاڭلىغىنىدىن مەنپەئەتلەنمەي تۇرۇپ بىزگە تىلاۋەت قىلىنغان قۇرئاننى قۇلاقلىرىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق دېگەن مۇناپىق ۋە مۇشرىكلارغا ئوخشاش بولماڭلار.
تفسیرهای عربی:
۞ إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلصُّمُّ ٱلۡبُكۡمُ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡقِلُونَ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە مەخلۇقاتلار ئىچىدىن يەر-يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلىدىغان رەۋىشتە ئاڭلىماي گاس بولىۋالغان، ھەقنى سۆزلىمەي گاچا بولىۋالغان كىشىلەردۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلىرىنى ھېس قىلالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ عَلِمَ ٱللَّهُ فِيهِمۡ خَيۡرٗا لَّأَسۡمَعَهُمۡۖ وَلَوۡ أَسۡمَعَهُمۡ لَتَوَلَّواْ وَّهُم مُّعۡرِضُونَ
ئەگەر ئاللاھ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان بۇ مۇشرىكلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى ئەلۋەتتە ئۇلارغا مەنپەئەتلىنىدىغان، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھۆججەت ۋە پاكىتلارغا ئېسىلىدىغان رەۋىشتە ھەقىقەتنى ئاڭلىتاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياخشىلىق يوق دەپ بىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ ئۇلار يۈز ئۆرۈپ بويۇنتاۋلىق قىلغان ھالەتتە ئىماندىن باش تارتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱسۡتَجِيبُواْ لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمۡ لِمَا يُحۡيِيكُمۡۖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَحُولُ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَقَلۡبِهِۦ وَأَنَّهُۥٓ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ئەي ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەر! ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سىلەرنى) بىر ئىشقا بۇيرىغان چاغدا بويسۇنۇڭلار، بىر ئىشتىن چەكلىگەن چاغدا ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇڭلار، ئەگەر سىلەرنى ھاياتلىقىڭلار بار بولغان ھەقىقەتكە چاقىرسا (ئۇنى قۇبۇل قىلىڭلار). بېلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر، سىلەر ھەقىقەتنى رەت قىلغىنىڭلاردىن كېيىن ھەقىقەتنى ئىرادە قىلغان چېغىڭلاردا سىلەر بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئارىسىنى توسۇشقىمۇ قادىردۇر. شۇڭا ھەقىقەتكە ئالدىراڭلار، بېلىڭلاركى سىلەر قىيامات كۈنى بىر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يېغىلىسىلەر، ئاللاھ دۇنيادا قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا سىلەرگە جازا مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱتَّقُواْ فِتۡنَةٗ لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنكُمۡ خَآصَّةٗۖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر ئاراڭلاردىكى يالغۇز ئاسىي ئادەمنىڭ بېشىغىلا كەلمەستىن باشقىلارنىڭ بېشىغىمۇ كېلىدىغان ئازابتىن ساقلىنىڭلار، بېلىڭلاركى ئاللاھنىڭ ئاسىيلارغا ئازابى كۈچلۈكتۇر، شۇڭا سىلەر ئاللاھقا ئاسىي بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من كان الله معه فهو المنصور وإن كان ضعيفًا قليلًا عدده، وهذه المعية تكون بحسب ما قام به المؤمنون من أعمال الإيمان.
ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا ئۇ ئادەم گەرچە ئاجىز، تەييارلىقى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ غەلبىگە ئېرىشىدۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى بىلەن بىرگە بولىشى ئۇلارنىڭ ئىمانىغا قاراپ ئۆلچىنىدۇ.

• المؤمن مطالب بالأخذ بالأسباب المادية، والقيام بالتكليف الذي كلفه الله، ثم يتوكل على الله، ويفوض الأمر إليه، أما تحقيق النتائج والأهداف فهو متروك لله عز وجل.
مۇئمىندىن ماددى سەۋەبلەرنى قىلىش، ئاللاھ بۇيرۇغان بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىش ئاندىن ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەمما نەتىجىنىڭ قانداق بولىشى ئاللاھقا قالدۇرىلىدۇ.

• في الآيات دليل على أن الله تعالى لا يمنع الإيمان والخير إلا عمَّن لا خير فيه، وهو الذي لا يزكو لديه هذا الإيمان ولا يثمر عنده.
ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ ئىمان ۋە ياخشىلىقنى پەقەت ياخشىلىق يوق دەپ قارىغان ئادەمدىنلا چەكلەيدىغانلىقىغا دەلىل بار، بۇ ئىمان ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئېتىراپ قىلىنمايدۇ ۋە ئۇنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.

• على العبد أن يكثر من الدعاء: يا مقلب القلوب ثبِّت قلبي على دينك، يا مُصرِّف القلوب اصرف قلبي إلى طاعتك.
بەندە: «ئى قەلبلەرنى ئۆزگەرتكۈچى ئاللاھ! قەلبىمنى دىنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغىن، ئى قەلبلەرنى سەرپ قىلغۇچى ئاللاھ! قەلبىمنى تائىتىڭگە مۇيەسسەر قىلغىن» دېگەن دۇئانى كۆپ قىلىشى كېرەك.

• أَمَرَ الله المؤمنين ألا يُقِرُّوا المنكر بين أظهرهم فيعُمَّهم العذاب.
ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئۆزئارا يامان ئىشنى تەشۋىق قىلماسلىققا بۇيرۇپ، ئەگەر شۇنداق قىلسا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئازابقا دۇچار بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

وَٱذۡكُرُوٓاْ إِذۡ أَنتُمۡ قَلِيلٞ مُّسۡتَضۡعَفُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمۡ وَأَيَّدَكُم بِنَصۡرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئەي مۇئمىنلەر! ياد ئېتىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا سىلەر مەككىدە ئاز سانلىق بولۇپ مەككە ئەھلى سىلەرنى بوزەك قىلغان ئىدى، سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ تىزلا تالان -تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى مەدىنىدىن ئىبارەت پاناھلىنىدىغان جايغا ئىگە قىلدى. بەدرىدىن ئىبارەت ئۇرۇشلاردا دۈشمىنىڭلارغا قارشى غەلبىگە ئىرىشتۈرۈش ئارقىلىق سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە پاك نەرسىلەرنى رىزىق قىلىپ بەردى، دۈشمەنلىرىڭلاردىن ئالغان غەنىيمەتلەر بۇ پاك رىزىقلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇ نەرسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلساڭلار ئاللاھنىڭ سىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىشى ۋە سىلەرنىڭ كاپىر بولۇپ نېئمەتلەرنى سىلەردىن تارتىۋېلىپ جازالىماسلىقى ئۈچۈندۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَخُونُواْ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓاْ أَمَٰنَٰتِكُمۡ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! سىلەر بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلىمىلىرىدىن يانماسلىق ئارقىلىق ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەر قىلغىنىڭلارنىڭ خىيانەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئامانەت قويۇلغان نەرسە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نەرسىلەرگە خىيانەت قىلماڭلار. خائىنلاردىن بولماڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَأَوۡلَٰدُكُمۡ فِتۡنَةٞ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
ئەي مۇئمىنلەر! بېلىڭلاركى سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئاللاھ تەرەپتىن سىلەرگە كەلگەن سىناقتۇر، ئۇلار سىلەرنى ئاخىرەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىشتىن توسۇپ خىيانەت قىلىشقا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. بېلىڭلاركى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا مۇكاپات بار، سىلەر مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنى دەپ خىيانەت قىلىش ئارقىلىق بۇ مۇكاپاتنى قولدىن بېرىپ قويماڭلار.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِن تَتَّقُواْ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّكُمۡ فُرۡقَانٗا وَيُكَفِّرۡ عَنكُمۡ سَيِّـَٔاتِكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەي ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! بېلىڭلاركى ئەگەر سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادارلىق قىلساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان پاراسەتنى ئاتا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشلىرىڭلاردا ھەق بىلەن باتىل ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ، ئاللاھ سىلەردىن سادىر بولغان يامانلىقلارنى ئەپۇ قىلىپ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسىدۇر. ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىگە تەييارلىغان جەننىتى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ يَمۡكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لِيُثۡبِتُوكَ أَوۡ يَقۡتُلُوكَ أَوۡ يُخۡرِجُوكَۚ وَيَمۡكُرُونَ وَيَمۡكُرُ ٱللَّهُۖ وَٱللَّهُ خَيۡرُ ٱلۡمَٰكِرِينَ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۇرۇش ياكى يۇرتۇڭدىن باشقا بىر يۇرتقا سۈرگۈن قىلماقچى بولۇپ ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىش ئۈچۈن ھەمكارلاشقانلىقىنى ئېسىڭگە ئالغىن. ئۇلار ساڭا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكىرىسىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرىدۇ ۋە تەدبىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ تەدبىر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتُنَا قَالُواْ قَدۡ سَمِعۡنَا لَوۡ نَشَآءُ لَقُلۡنَا مِثۡلَ هَٰذَآ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئەگەر ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئوقۇپ بېرىلسە ئۇلار ھەقىقەتكە بويۇنتاۋلىق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ: بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى ئاڭلىغان ئىدۇق، ئەگەر بىز بۇ قۇرئانغا ئوخشاش سۆزنى قىلىشنى خالىغان بولساق، ئۇنى ئەلۋەتتە قىلاتتۇق، بىز ئاڭلىغان بۇ قۇرئان پەقەت بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇر، شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز، دېدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ قَالُواْ ٱللَّهُمَّ إِن كَانَ هَٰذَا هُوَ ٱلۡحَقَّ مِنۡ عِندِكَ فَأَمۡطِرۡ عَلَيۡنَا حِجَارَةٗ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ أَوِ ٱئۡتِنَا بِعَذَابٍ أَلِيمٖ
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار: ئى ئاللاھ ئەگەر مۇھەممەد ئېلىپ كەلگەن نەرسە ھەقىقەت بولىدىغان بولسا، بىزنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئۈستىمىزگە تاش ياغدۇرغىن ياكى بىزگە ئېغىر ئازاب كەلتۈرگىن دېگىنىنى خاتىرلىگىن، دېدى. ئۇلار بۇ سۆزلىرىنى كۇپۇرلىقتا مۇستەھكەم تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن دېگەن ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُمۡ وَأَنتَ فِيهِمۡۚ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ مُعَذِّبَهُمۡ وَهُمۡ يَسۡتَغۡفِرُونَ
ئەي مۇھەممەد! سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھايات تۇرغان ھالىتىڭدە ئاللاھ ئۈممىتىڭنى - مەيلى ئىمان ئېيتقانلار بولسۇن ياكى ئىمان ئېيتمىغانلار بولسۇن- تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋېتىدىغان ئازاب بىلەن جازالىمايدۇ، سىنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بولغانلىقىڭ ئۇلارنى ئازابتىن ساقلاپ قالىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن گۇناھىلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىۋاتقاندا ئاللاھ ئۇلارنى ئازابلىمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الشكر نعمة عظيمة يزيد بها فضل الله تعالى، وينقص عند إغفالها.
شۈكرى قىلىش كاتتا نېئمەت بولۇپ، ئاللاھ پەزلىنى ئۇنىڭ بىلەن كۆپەيتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل قالغاندا كەمەيتىدۇ.

• للأمانة شأن عظيم في استقامة أحوال المسلمين، ما ثبتوا عليها وتخلقوا بها، وهي دليل نزاهة النفس واعتدال أعمالها.
مۇسۇلمانلار ئامانەتكە خىيانەت قىلمىسا ۋە ئامانەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلسا، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيىتى بار. بۇ نەپسىنىڭ پاكلىقى ۋە ئەمەللەرنىڭ توغرا بولغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

• ما عند الله من الأجر على كَفِّ النفس عن المنهيات، خير من المنافع الحاصلة عن اقتحام المناهي لأجل الأموال والأولاد.
چەكلەنگەن ئىشلاردىن نەپسىنى يىغىشنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى مۇكاپاتى بولسا، مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلەر ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىپ ئىرىشكەن مەنپەئەتتىن ياخشىراقتۇر.

• في الآيات بيان سفه عقول المعرضين؛ لأنهم لم يقولوا: اللَّهُمَّ إن كان هذا هو الحق من عندك فاهدنا إليه.
ئايەتلەردە ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈگۈچىلەرنىڭ دۆتلىكىنىڭ بايانى مەۋجۇتتۇر. چۈنكى ئۇلار: ئى ئاللاھ! ئەگەر بۇ دەرگاھىڭدىن كەلگەن ھەقىقەت بولسا بىزنى ئۇنىڭغا ھىدايەت قىلغىن، دېمىگەن ئىدى.

• في الآيات فضيلة الاستغفار وبركته، وأنه من موانع وقوع العذاب.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە؛ ئىستىغپار ئېيتىشنىڭ پەزىلىتى ۋە بەرىكىتى، ئۇنىڭ ئازابنىڭ چۈشۈشىدىن چەكلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بايانلار مەۋجۇت.

وَمَا لَهُمۡ أَلَّا يُعَذِّبَهُمُ ٱللَّهُ وَهُمۡ يَصُدُّونَ عَنِ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَمَا كَانُوٓاْ أَوۡلِيَآءَهُۥٓۚ إِنۡ أَوۡلِيَآؤُهُۥٓ إِلَّا ٱلۡمُتَّقُونَ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئۇلار كىشىلەرنىڭ مەسجىدى ھەرەمنى تاۋاپ قىلىشى ۋە ناماز ئوقۇشىدىن توسۇشتىن ئىبارەت جازالىنىشقا تېگىشلىك بولغان جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن تۇرسا، ئۇلارنى ئازابتىن نېمە توسۇپ قالالايدۇ؟. مۇشرىكلار ئاللاھنىڭ دوستلىرى ئەمەس، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورۇققان تەقۋادار كىشىلەرلا ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر، لېكىن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەرنىڭ تولىسى ئەمىليەتتە ئاللاھنىڭ دوستى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ دوستلىرى دەپ داۋا قىلغان چاغدا (بۇنى) بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ صَلَاتُهُمۡ عِندَ ٱلۡبَيۡتِ إِلَّا مُكَآءٗ وَتَصۡدِيَةٗۚ فَذُوقُواْ ٱلۡعَذَابَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ
مۇشرىكلارنىڭ مەسجىدى ھەرەمنىڭ يېنىدىكى ئىبادىتى پەقەت ئىسقىرتماق ۋە چاۋاك چالماقتىنلا ئىبارەت ئىدى. ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقىڭلار، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن بەدرى كۈنى ئۆلۈم ۋە ئەسىرگە چۈشۈش ئازابىنى تېتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ لِيَصُدُّواْ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ فَسَيُنفِقُونَهَا ثُمَّ تَكُونُ عَلَيۡهِمۡ حَسۡرَةٗ ثُمَّ يُغۡلَبُونَۗ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِلَىٰ جَهَنَّمَ يُحۡشَرُونَ
شۈبھىسىزكى كاپىرلار مال-مۈلۈكلىرىنى ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ ۋە سەرپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى ھەرگىزمۇ ئىشقا ئاشمايدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار مال-مۈلۈكلىرىنى نىشاندىن چەتنەپ كەتكەن يوللارغا سەرپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ھەسرەت بولىدۇ. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن مۇئمىنلەر غالىب كىلىدۇ. كاپىرلار قىيامەت كۈنى جەھەننەمگە ھەيدەپ كىرگۈزىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لِيَمِيزَ ٱللَّهُ ٱلۡخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ وَيَجۡعَلَ ٱلۡخَبِيثَ بَعۡضَهُۥ عَلَىٰ بَعۡضٖ فَيَرۡكُمَهُۥ جَمِيعٗا فَيَجۡعَلَهُۥ فِي جَهَنَّمَۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئاللاھ نىجىس كاپىرلار پىرقىسى بىلەن ياخشى مۇئمىنلەر پىرقىسىنى ئايرىش ئۈچۈن، ناچار ئادەملەرنى پۇل-مال ۋە ئىش-ھەركەتلىرى بىلەن ئۈستى- ئۈستىگە توپلاپ جەھەننەمنىڭ ئوتىغا سېلىش ئۈچۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشقا سەرپ قىلغان كاپىرلار جەھەننەمنىڭ ئوتىغا ھەيدىلىدۇ، ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر، چۈنكى ئۇلار قىيامەت كۈنى ئۆزى ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتتى.
تفسیرهای عربی:
قُل لِّلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِن يَنتَهُواْ يُغۡفَرۡ لَهُم مَّا قَدۡ سَلَفَ وَإِن يَعُودُواْ فَقَدۡ مَضَتۡ سُنَّتُ ٱلۡأَوَّلِينَ
ئەي پەيغەمبەر! قەۋمىڭ ئىچىدىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە كاپىر بولغانلارغا ئېيتقىنكى: ئەگەر ئۇلار كۇپۇرلىقىدىن، مۇئمىننى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن يانسا ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. يەنى مۇسۇلمان بولۇشى بىلەن مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ. ئەگەر ئۇلار كۇپۇرلىقىغا قايتسا، ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى كىشىلەر ئىچىدىكى قانۇنىيىتى شۇكى، ئەگەر ئۇلار ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ كۇپۇرلىقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرسا ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَقَٰتِلُوهُمۡ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتۡنَةٞ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ كُلُّهُۥ لِلَّهِۚ فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِمَا يَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئەي مۇئمىنلەر! شېرىك تۈگىگەن، مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇلمىغان، دىن ۋە تائەت- ئىبادەت ئاللاھ ئۈچۈن بولغانغا قەدەر كاپىر دۈشمەنلىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر كاپىرلار قىلمىشلىرىدىن يانسا ئۇلارنى قويۇپ قويۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَإِن تَوَلَّوۡاْ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَوۡلَىٰكُمۡۚ نِعۡمَ ٱلۡمَوۡلَىٰ وَنِعۡمَ ٱلنَّصِيرُ
ئەگەر ئۇلار كۇپرىلىقدىن يېنىش ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن ئىبارەت بۇيرۇلغان ئىشلاردىن يۈز ئۆرۈسە، ئى مۇئمىنلەر بىلىڭلاركى!، ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى مەدەت بېرىدۇ. ئاللاھ ئۆزى ئىگە چىققان ئادەمگە نېمىدېگەن ياخشى ئىگە بولغۇچى ھە!، مەدەت بەرگەن ئادەمگە نېمىدېگەن ياخشى مەدەت بەرگۈچى ھە!، كىمگە ئاللاھ ئىگە چىقسا ئۇ نىجات تاپىدۇ، ئاللاھ كىمگە مەدەت بەرسە ئۇ نۇسرەتكە ئېرىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الصد عن المسجد الحرام جريمة عظيمة يستحق فاعلوه عذاب الدنيا قبل عذاب الآخرة.
مەسجىدى ھەرەمدىن توسۇش ئاخىرەتنىڭ ئازابىدىن ئىلگىرى دۇنيادىلا ئازابلىنىشقا تېگىشلىك ئېغىر جىنايەتتۇر.

• عمارة المسجد الحرام وولايته شرف لا يستحقه إلّا أولياء الله المتقون.
مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىگە بولۇش پەقەت ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىلا نائىل بولالايدىغان شەرەپتۇر.

• في الآيات إنذار للكافرين بأنهم لا يحصلون من إنفاقهم أموالهم في الباطل على طائل، وسوف تصيبهم الحسرة وشدة الندامة.
ئايەتلەردە؛ كاپىرلار مال-دۇنياسىنى باتىل يولغا سەرپ قىلىشىدىن ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقى، ئۇلار ئۇزاققا قالماي ھەسرەت ۋە ئېغىر پۇشايمانغا دۇچار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش باردۇر.

• دعوة الله تعالى للكافرين للتوبة والإيمان دعوة مفتوحة لهم على الرغم من استمرار عنادهم.
ئاللاھنىڭ كاپىرلارنى (ئۇلار ئىزچىل سەركەشلىك قىلغان بولسىمۇ) ئىمان ئېيتىپ تەۋبە قىلشقا دەۋەت قىلغانلىقى ئۇلار ئۈچۈن ئوچۇق چاقىرىقتۇر.

• من كان الله مولاه وناصره فلا خوف عليه، ومن كان الله عدوًّا له فلا عِزَّ له.
ئاللاھ كىمگە ئىگە چىقىپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرسە، ئۇ ئادەمگە ھېچقانداق قورقۇنچ بولمايدۇ. ئاللاھ كىمگە دۈشمەن بولسا ئۇ ئادەمگە ھېچقانداق ئىززەت بولمايدۇ.

۞ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّمَا غَنِمۡتُم مِّن شَيۡءٖ فَأَنَّ لِلَّهِ خُمُسَهُۥ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِ إِن كُنتُمۡ ءَامَنتُم بِٱللَّهِ وَمَآ أَنزَلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا يَوۡمَ ٱلۡفُرۡقَانِ يَوۡمَ ٱلۡتَقَى ٱلۡجَمۡعَانِۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئى مۆمىنلەر! بىلىڭلاركى، سىلەر ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ غەلبە قازانغانلىقىڭلار ئۈچۈن كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەت بەشكە بۆلىنىدۇ، بەشنىڭ تۆت ئۆلۈشى مۇجاھىدلارغا تەقسىم قىلىنىدۇ، قالغان بەشدىن بىر ئۆلۈشى يەنە بەشكە بۆلىنىدۇ. بىر ئۆلۈشى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ۋە ئومۇمى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەنى ھاشىم ۋە بەنى مۇتەللىبكە تەۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى يېتىملارغا بېرىلىدۇ. بىر ئۆلۈشى كەمبەغەل مىسكىنلارغا بېرىلىدۇ. يەنە بىر ئۆلۈشى سەپەر جەريانىدا مال-مۈلكتىن ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا بېرىلىدۇ. ئەگەر سىلەر ئاللاھقا، ئاللاھ دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىپ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىنى ئايرىغان بەدرى كۈنىدە پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان نەرسىلەرگە ئىشەنسەڭلار (ئاللاھنىڭ غەنىيمەت توغرىسىدىكى ھۆكمىنىڭ ئەنە شۇ ئىكەنلىكىنى بىلىڭلار). سىلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغان ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ أَنتُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُم بِٱلۡعُدۡوَةِ ٱلۡقُصۡوَىٰ وَٱلرَّكۡبُ أَسۡفَلَ مِنكُمۡۚ وَلَوۡ تَوَاعَدتُّمۡ لَٱخۡتَلَفۡتُمۡ فِي ٱلۡمِيعَٰدِ وَلَٰكِن لِّيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗا لِّيَهۡلِكَ مَنۡ هَلَكَ عَنۢ بَيِّنَةٖ وَيَحۡيَىٰ مَنۡ حَيَّ عَنۢ بَيِّنَةٖۗ وَإِنَّ ٱللَّهَ لَسَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئەينى چاغدا سىلەر ۋادىنىڭ مەدىنىگە يېقىن تەرىپىدە، مۇشرىكلار مەككىگە يېقىن( مەدىنىگە ) يىراق تەرىپىدە، كارۋان قىزىل دېڭىز ساھىلىغا يېقىن يەردە سىلەردىن تۆۋەن جايدا ئىكەنلىكىنى يادىڭلارغا ئېلىڭلار. ئەگەر سىلەر مۇشرىكلار بىلەن بەدرىدە ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن بولساڭلار ئۆز-ئارا خلاپلىق قىلغان بولاتتىڭلار، لېكىن ئاللاھ مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىپ، كاپىرلارنى خارلاش، ئۆز دىنىنى ئۈستۈن قىلىپ، شىرىكنى خار قىلىشدىن ئىبارەت مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىلەرنى بەدرىدە (مۇشرىكلار بىلەن) ۋەدىسىز ئۇچراشتۇردى. ئاللاھنىڭ مۇنداق قىلىشى ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھالاك بولىدىغانلارنىڭ مۆئمىنلەرنىڭ تەييارلىقى ۋە سانى ئاز بولسىمۇ كاپىرلارغا قارشى غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ھۆججەتنى كۆرگەندىن كېيىن ئۆلۈشى، ھەتتا ھايات قالغانلارنىڭمۇ ئاللاھ كۆرسەتكەن ھۆججەت ۋە ئىسپاتنى كۆرۈشى بولسا، ھېچ بىر ئادەمنىڭ ئاللاھ ئالدىدا كەلتۈرىدىغان دەلىل ئىسپاتى قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللەرگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ يُرِيكَهُمُ ٱللَّهُ فِي مَنَامِكَ قَلِيلٗاۖ وَلَوۡ أَرَىٰكَهُمۡ كَثِيرٗا لَّفَشِلۡتُمۡ وَلَتَنَٰزَعۡتُمۡ فِي ٱلۡأَمۡرِ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ سَلَّمَۚ إِنَّهُۥ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ ساڭا ۋە مۆئمىنلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى يادىڭغا ئالغىنكى، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ساڭا چۈشۈڭدە مۇشرىكلارنىڭ سانىنى ئاز كۆرسەتتى، مۆئمىنلەرنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلدىڭ، ئۇلار خۇش بىشارەت ئالدى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىرادىلىرى كۈچەيدى. ئەگەر ئاللاھ تائالا ساڭا چۈشۈڭدە ئۇلارنى كۆپ كۆرسەتكەن بولسا ئىدى ساھابىلىرىڭنىڭ ئىرادىسى بوشاپ، ئۇرۇش قىلىشتىن قورقاتتى، لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بۇنىڭدىن ساقلاپ مەغلۇبىيەتتىن قۇتقازدى. ئاللاھ دۇشمەنلەرنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىگە ئاز كۆرسەتتى. شۈبھىسىزكى ئاللاھ قەلبلەردىكىنى ۋە كۆڭۈللەردىكىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ يُرِيكُمُوهُمۡ إِذِ ٱلۡتَقَيۡتُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِكُمۡ قَلِيلٗا وَيُقَلِّلُكُمۡ فِيٓ أَعۡيُنِهِمۡ لِيَقۡضِيَ ٱللَّهُ أَمۡرٗا كَانَ مَفۡعُولٗاۗ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ئى مۆئمىنلەر! شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى، ئاللاھ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق مۇشرىكلەردىن ئېنتىقام ئېلىش، دۈشمەنلەرگە قارشى مۆئمىنلەرگە زەپەر ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق بولۇشقا تىگىشلىك ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشرىكلار بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭلاردا سىلەرگە ئۇلارنى ئاز كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا سىلەرگە جۈرئەت ئاتا قىلدى، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە سىلەرنى ئاز كۆرسىتىپ ئۇلار ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن قايتىشنى ئويلاشماستىن سىلەر تەرەپكە كەلدى. بارلىق ئىشلار يەككە-يېگانە ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرىلىدۇ. ئاللاھ يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىقىغا كۆرە، ياخشىلىق قىلغۇچىغا ياخشىلىق قىلغىنىغا كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا لَقِيتُمۡ فِئَةٗ فَٱثۡبُتُواْ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَثِيرٗا لَّعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! كاپىرلاردىن بىر جامائەت بىلەن ئۇرۇشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، قورقماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەلەپ قىلغىنىڭلارنى ئاتا قىلىپ، ھەزەر ئەيلىگىنىڭلاردىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرگە ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىشكە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الغنائم لله يجعلها حيث شاء بالكيفية التي يريد، فليس لأحد شأن في ذلك.
غەنىمەتلەر ئاللاھقا مەنسۇپتۇر. ئۇنى ئاللاھ ئۆزى خالىغان بويۇنچە ۋە ئىرادە قىلغان يەرگە تەقسىم قىلىدۇ. بۇنىڭغا ھېچبىر ئادەمنىڭ ئارىلىشىش ھوقۇقى يوقتۇر.

• من أسباب النصر تدبير الله للمؤمنين بما يعينهم على النصر، والصبر والثبات والإكثار من ذكر الله.
ئاللاھنىڭ مۆئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ غەلبە قىلىشىغا ياردىمى تېگىدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ( مۆئمىنلەرنىڭ ) چىدامچان بولىشى، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشى غەلبىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

• قضاء الله نافذ وحكمته بالغة وهي الخير لعباد الله وللأمة كلها.
ئاللاھنىڭ تەقدىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئۇنىڭدىكى ھېكمەتنىڭ چەكسىزلىكى بولسا، بەندىلەرگە ۋە پۈتۈن ئۈممەتكە ئاللاھ تائالانىڭ ئېھسانىدۇر.

وَأَطِيعُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَنَٰزَعُواْ فَتَفۡشَلُواْ وَتَذۡهَبَ رِيحُكُمۡۖ وَٱصۡبِرُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
سۆزلىرىڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ۋە پۈتۈن ئەھۋالىڭلاردا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىشنى چىڭ تۇتۇڭلار. پىكىردە ئىختىلاپلاشماڭلار. ھەقىقەتەن ئىختىلاپ ئاجىزلىشىشىڭلارنىڭ، قورقۇنچاق بولۇپ قېلىشىڭلارنىڭ ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىڭلارنىڭ كېتىپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر. دۈشمىنىڭلارغا ئۇچراشقان چېغىڭلاردا چىدامچان بولۇڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ ياردەم، كۈچ ۋە نۇسرەت بېرىش ئارقىلىق سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئاللاھ كىم بىلەن بىرگە بولسا ئۇ كىشى شەكسىز غالىب كېلىدۇ ۋە ئۇتۇق قازىنىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تَكُونُواْ كَٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِم بَطَرٗا وَرِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ بِمَا يَعۡمَلُونَ مُحِيطٞ
مەككىدىن كىشىلەرگە چوڭچىلىق ۋە رىيا قىلىپ چىققان مۇشرىكلارغا ئوخشاش بولماڭلار. ئۇلار كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن ۋە ئۇنىڭغا كىرىشتىن توسىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذۡ زَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَإِنِّي جَارٞ لَّكُمۡۖ فَلَمَّا تَرَآءَتِ ٱلۡفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكُمۡ إِنِّيٓ أَرَىٰ مَا لَا تَرَوۡنَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَۚ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئى مۆئمىنلەر! شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى، شەيتاننىڭ مۇشرىكلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ئۇلارنى مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا ۋە ئۇرۇش قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. شەيتان ئۇلارغا: «بۈگۈن ھېچقانداق كىشى سىلەرنى يېڭەلمەيدۇ، مەن ھەقىقەتەن سىلەرگە ياردەم بېرىمەن ۋە سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ئىدى. ئىككى قوشۇن ئۇچراشقان چاغدا (مۆئمىنلەر قوشۇنى بىلەن ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان پەرىشتىلەر بار ئىدى. مۇشرىكلار قوشۇنى بىلەن ئۇلارنى خار قىلىدىغان شەيتان بار ئىدى) شەيتان ئارقىسىغا قاچتى ۋە مۇشرىكلارغا: مەن سىلەردىن ئادا-جۇدا، مەن ھەقىقەتەن مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ مېنى ھالاك قىلىشىدىن قورقىمەن. ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر. ئاللاھنىڭ ئازابىنى كۆتۈرۈشكە ھېچكىم قادىر بولالمايدۇ» دېدى.
تفسیرهای عربی:
إِذۡ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ غَرَّ هَٰٓؤُلَآءِ دِينُهُمۡۗ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
شۇنى يادىڭلارغا ئېلىڭلاركى ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلار ۋە ئىمانى ئاجىز كىشىلەر: «مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ سانى ئاز، تەييارلىقى بوش، دۈشمەنلىرىنىڭ سانى كۆپ، تەييارلىقى پۇختا بولسىمۇ مۆئمىنلەرنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى غەلبە قازىنىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان دىنى مۆئمىنلەرنى ئالداپ كەتتى» دېدى. ئۇلار، كىمكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا تايىنىپ، ئاللاھ ۋەدە قىلغان غەلبىگە ئىشىنىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋە قانچىلىك ئاجىز بولمىسۇن ئاللاھنىڭ ئۇنى ھەرگىز خار قىلمايدىغانلىقىنى بىلمىدى. ئاللاھ غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرىدە ۋە ھۆكمىدە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ يَتَوَفَّى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر پەرىشتىلەر ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كاپىرلارنى ئالدىنى قىلىپ كەلسە يۈزلىرىگە، ئارقىسىنى قىلىپ قاچسا ئارقىلىرىغا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بولساڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرگەن بولاتتىڭ). پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ئى كاپىرلار! كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار، دەيتتى. ناۋادا سەن بۇنى كۆرگەن بولساڭ كاتتا بىر ئىشنى كۆرگەن بولاتتىڭ.
تفسیرهای عربی:
ذَٰلِكَ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيكُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَيۡسَ بِظَلَّٰمٖ لِّلۡعَبِيدِ
ئى كاپىرلار! جانلىرىڭلارنى ئالغان چاغدىكى دەرتلىك ئازاپ، قەبرىلىرىڭلاردىكى ۋە ئاخىرەتتىكى ھالاك قىلغۇچى ئازابنىڭ سەۋەبى دۇنيادا ئۆزۈڭلار قىلغان جىنايەتتۇر. ئاللاھ كىشىلەرگە زۇلۇم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەقەت ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَفَرُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ فَأَخَذَهُمُ ٱللَّهُ بِذُنُوبِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيّٞ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
بۇ كاپىرلارغا چۈشكەن ئازاب ئۇلارغىلا خاس ئەمەس بەلكى ئۇ ھەرقانداق زامان ماكاندا كاپىرلارغا ئىجرا بولىدىغان ئاللاھنىڭ قانۇنيىتىدۇر. بۇ ئازابقا پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر كاپىر بولغان چېغىدا ئۇلارمۇ ئۇچرىغان. ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھلىرى سەۋەبلىك قاتتىق جازالىغان ۋە ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ئازابىنى چۈشۈرگەن. ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈچ قۇۋۋەت ئىگىسىدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كىلەلمەيدۇ. ئۆزىگە ئاسى بولغانلارنى قاتتىق ئازابلىغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• البَطَر مرض خطير ينْخَرُ في تكوين شخصية الإنسان، ويُعَجِّل في تدمير كيان صاحبه.
ھاكاۋۇرلۇق؛ ئىنسان خارەكتىرىنىڭ شەكىللنىشىدە يۈز بېرىدىغان، ئىنسانى تەبىئىتەنى ناھايىتى تىز ۋەيران قىلىدىغان خەتەرلىك كېسەلدۇر.

• الصبر يعين على تحمل الشدائد والمصاعب، وللصبر منفعة إلهية، وهي إعانة الله لمن صبر امتثالًا لأمره، وهذا مشاهد في تصرفات الحياة.
سەۋرچانلىقنىڭ قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرنى كۆتۈرۈشكە ياردىمى تېگىدۇ. سەۋرنىڭ رۇھانىي مەنپەئەتى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چىدامچان بولغان كىشىگە ئۇنىڭ ياردەم بېرىشىدۇر. بۇ ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

• التنازع والاختلاف من أسباب انقسام الأمة، وإنذار بالهزيمة والتراجع، وذهاب القوة والنصر والدولة.
دەتالاش ۋە ئىختىلاپلىشىش بولسا؛ مىللەتنىڭ پارچىلىنىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىشى، كۈچ-قۇۋۋەت ۋە نۇسرەتنىڭ كەلمەسلىكى، دۆلەتنىڭ يوقىلىشى قاتارلىقلارغا ئىلىپ بارىدۇ.

• الإيمان يوجب لصاحبه الإقدام على الأمور الهائلة التي لا يُقْدِم عليها الجيوش العظام.
ئىمان: ساھىبىنى بۈيۈك قوشۇن جۈرئەت قىلالمايدىغان كاتتا ئىشلارغا جاسارەت قىلدۇرىدۇ.

ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ لَمۡ يَكُ مُغَيِّرٗا نِّعۡمَةً أَنۡعَمَهَا عَلَىٰ قَوۡمٍ حَتَّىٰ يُغَيِّرُواْ مَا بِأَنفُسِهِمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
بۇ قاتتىق ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئاللاھ ھەقىقەتەن بىر قەۋمگە ئۆز دەرگاھىدىن بىر نېئمەتنى ئاتا قىلسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىمان ئېيتىش، توغرا يولدا بولۇش، نېئمەتكە شۈكۈر قىلىشتىن ئىبارەت ياخشى ھالەتتىن، ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاسى بولۇش، نېئمەتكە تېنىشتىن ئىبارەت ناچار ھالەتكە ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە ئاللاھ نېئمىتىنى ئۇلاردىن تارتىۋالمايدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر. ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
كَدَأۡبِ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ فَأَهۡلَكۡنَٰهُم بِذُنُوبِهِمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَۚ وَكُلّٞ كَانُواْ ظَٰلِمِينَ
بۇ كاپىرلارنىڭ ئەھۋالى پىرئەۋن جامائەتى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەردىن ئىبارەت ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئوخشايدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى سەۋەپلىك ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئاللاھ پىرئەۋن جامائەسىنى دېڭىزغا غەرق قىلىش بىلەن ھالاك قىلدى. پىرئەۋن جامائەسى ۋە ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ھەربىرى ئاللاھقا كاپىر بولغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەنلىكى سەۋەبلىك زۇلۇم قىلغۇچى ئىدى. ئۇلار بۇ كۇپرىلىقى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ ئازابىغا ھەقلىق بولدى-دە ئاللاھ ئۇلارغا بۇ ئازابنى چۈشۈردى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
زېمىندا مېڭىپ يۈرىدىغانلارنىڭ ئەڭ يامىنى ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئىنكار قىلغان كىشىلەردۇر. ئۇلار كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغاچقا ئۇلارغا پۈتۈن دەلىللەرنى كەلتۈرسەڭمۇ ئۇلار ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئەقىل، كۆز ۋە قۇلاقتىن ئىبارەت ھىدايەت ۋاستىلىرى تۈگەشكەن.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ عَٰهَدتَّ مِنۡهُمۡ ثُمَّ يَنقُضُونَ عَهۡدَهُمۡ فِي كُلِّ مَرَّةٖ وَهُمۡ لَا يَتَّقُونَ
سەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەنى قۇرەيزە بىلەن مۇئاھىدە تۈزدۈڭ، ئۇلار بولسا ھەر قېتىمدا سەن بىلەن تۈزگەن مۇئاھىدىسىنى بۇزىدۇ. ھالبۇكى ئۇلار ئاللاھتىن قورقمايدۇ. شۇڭا ئەھدىگە ۋاپا قىلمايدۇ، ئۇلاردىن ئېلىنغان ئەھدىگە ئەمەل قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَإِمَّا تَثۡقَفَنَّهُمۡ فِي ٱلۡحَرۡبِ فَشَرِّدۡ بِهِم مَّنۡ خَلۡفَهُمۡ لَعَلَّهُمۡ يَذَّكَّرُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەن ئۇرۇشتا ئەھدىنى بۇزغانلار بىلەن ئۇرۇشساڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن باشقىلار ئىبرەت ئېلىپ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ۋە ساڭا قارشى دۈشمەنلىرىڭگە ياردەم بېرىشتىن ئەيمىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنى باشقىلار ئىبرەت ئالغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق جازالىغىن.
تفسیرهای عربی:
وَإِمَّا تَخَافَنَّ مِن قَوۡمٍ خِيَانَةٗ فَٱنۢبِذۡ إِلَيۡهِمۡ عَلَىٰ سَوَآءٍۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡخَآئِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! ساڭا ئاشكارا بولغان ئىشلاردىن سەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن قەۋمدىن ئالدامچىلىق ۋە ئەھدىنى بۇزۇشتەك ئىشلارنى سەزسەڭ، ئۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش بىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇئاھىدىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىڭنى ئۇقتۇرغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرماي تۇرۇپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلمىغىن. ئۇلارغا ئۇقتۇرۇشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش خىيانەتنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ خائىنلارنى دوست تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى يامان كۆرىدۇ. خىيانەت قىلىشتىن ھەزەر ئەيلىگىن.
تفسیرهای عربی:
وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَبَقُوٓاْۚ إِنَّهُمۡ لَا يُعۡجِزُونَ
كاپىرلار ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتتى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ قالدۇق دەپ ئويلىمىسۇن. ئاللاھنىڭ ئازابى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ ۋە ئۇلار ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلالمايدۇ بەلكى ئازاب ئۇلارغا يېتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَعِدُّواْ لَهُم مَّا ٱسۡتَطَعۡتُم مِّن قُوَّةٖ وَمِن رِّبَاطِ ٱلۡخَيۡلِ تُرۡهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمۡ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمۡ لَا تَعۡلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعۡلَمُهُمۡۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِن شَيۡءٖ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ
ئى مۆمىنلەر! دۈشمەنلىرىڭلار ئۈچۈن قولۇڭلاردىن كېلىشىچە ئەسكەرى تەييارلىق قىلىڭلار. يەنى ئوق ئېتىش ۋە ساقلىغان ئاتلارنى ئاللاھ يولىدا تەييارلاڭلار. سىلەر بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ۋە سىلەرگە مۇسىبەت يېتىشنى كۈتۈپ تۇرىدىغان كاپىرلادىن ئىبارەت سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى قورقىتىسىلەر. سىلەر ئۇلارنى بىلمەيدىغان ۋە سىلەرگە يۇشۇرغان ئاداۋەتنىمۇ بىلمەيدىغان بەلكى ئاللاھ ئۇلارنى ۋە ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يۇشۇرغان نەرسىلەرنى بىلىدىغان باشقا قەۋملەرنى قورقىتىسىلەر. سىلەر سەرپ قىلغان مال ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھ دۇنيادا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بېرىدۇ. سىلەرگە ئاخىرەتتە كەمەيتمەستىن تولۇق ساۋاپ بېرىدۇ. ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشقا ئالدىراڭلار.
تفسیرهای عربی:
۞ وَإِن جَنَحُواْ لِلسَّلۡمِ فَٱجۡنَحۡ لَهَا وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سۈلھىگە ۋە ئۇرۇش قىلماسلىققا مايىل بولسا سەنمۇ شۇنىڭغا مايىل بولغىن ۋە ئۇلار بىلەن مۇئاھىدە قىلغىن. ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغىن، ئاللاھقا ئىشەنگىن، ئاللاھ سېنى ھەرگىز خار قىلمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. نىيەتلىرىنى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• من فوائد العقوبات والحدود المرتبة على المعاصي أنها سبب لازدجار من لم يعمل المعاصي، كما أنها زجر لمن عملها ألا يعاودها.
گۇناھ مەئسىيەت قىلغانلىقى ئۈچۈن شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ھەد ۋە جازالارنىڭ پايدىسى شۇكى، ھەد ۋە جازا گۇناھ قىلغان كىشىنىڭ قايتا گۇناھ قىلماسلىقىغا سەۋەپ بولغىنىدەك، گۇناھ قىلمىغان كىشىنىڭ گۇناھتىن چەكلىنىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

• من أخلاق المؤمنين الوفاء بالعهد مع المعاهدين، إلا إن وُجِدت منهم الخيانة المحققة.
مۇئاھەدە قىلىنغان كىشىلەر بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىش مۆئمىننىڭ ئەخلاقىدىندۇر. ئەگەر خىيانەت سادىر قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر

• يجب على المسلمين الاستعداد بكل ما يحقق الإرهاب للعدو من أصناف الأسلحة والرأي والسياسة.
دۈشمەننى قورقۇتىدىغان ھەرخىل قورال، كۆز-قاراش ۋە سىياسەتلەر بىلەن تەييارلىق قىلىش مۇسۇلمانلارغا ۋاجىپتۇر.

• جواز السلم مع العدو إذا كان فيه مصلحة للمسلمين.
مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولسا دۈشمەن بىلەنمۇ تېنچ ئۆتۈشنىڭ جايىزلىقى

وَإِن يُرِيدُوٓاْ أَن يَخۡدَعُوكَ فَإِنَّ حَسۡبَكَ ٱللَّهُۚ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَيَّدَكَ بِنَصۡرِهِۦ وَبِٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېلىش ئۈچۈن سۈلھى ۋە ئۇرۇش قىلماسلىق بىلەن سېنى ئالدىماقچى بولسا، ئاللاھ شەكسىز ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى ۋە ھىلە-مىكرىدىن ساڭا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سېنى ئۆز ياردىمى بىلەن، مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلاردىن ئىبارەت مۆئمىنلەرنىڭ ياردىمى بىلەن سېنى كۈچلەندۈردى.
تفسیرهای عربی:
وَأَلَّفَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡۚ لَوۡ أَنفَقۡتَ مَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مَّآ أَلَّفۡتَ بَيۡنَ قُلُوبِهِمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ أَلَّفَ بَيۡنَهُمۡۚ إِنَّهُۥ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئاللاھ بۆلۈنۈپ كەتكەندىن كېيىن ساڭا ياردەم قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ قەلبلىرىنى بىرلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن قەلبلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەر يۈزىدىكى مال-دۇنيانى سەرپ قىلساڭمۇ بىرلەشتۈرەلمەيتتىڭ. لېكىن يەككە-يېگانە ئاللاھ ئۇلارنى بىرلەشتۈردى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرنى بەلگىلەش ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، شەرئىي ھۆكۈمنى يولغا قويۇشىتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَسۡبُكَ ٱللَّهُ وَمَنِ ٱتَّبَعَكَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ شۈبھىسىزكى دۈشمەنلىرىڭنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. سەن بىلەن بىرگە بولغان مۆئمىنلەرگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھقا ئىشەنگىن ۋە ئۇنىڭغا تايانغىن.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ حَرِّضِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ عَلَى ٱلۡقِتَالِۚ إِن يَكُن مِّنكُمۡ عِشۡرُونَ صَٰبِرُونَ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفٗا مِّنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۆئمىنلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ھىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار بىلەن ئۇرۇشقا قىزىقتۇرغىن. ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 20 ئادەم بولسا ئۇلار كاپىىرلاردىن 200 نى يېڭەلەيدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق 100 ئادەم بولسا كاپىرلاردىن 1000 ئادەمنى يېڭەلەيدۇ. چۈنكى كاپىرلار ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىش قانۇنيىتىنى چۈشەنمەيدىغان، ئۇرۇشنىڭ مەقسىتىنى بىلمەيدىغان قەۋمدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلۡـَٰٔنَ خَفَّفَ ٱللَّهُ عَنكُمۡ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمۡ ضَعۡفٗاۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّاْئَةٞ صَابِرَةٞ يَغۡلِبُواْ مِاْئَتَيۡنِۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمۡ أَلۡفٞ يَغۡلِبُوٓاْ أَلۡفَيۡنِ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلگەچكە سىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ سىلەردىن ھازىر يىنىكلەتتى. سىلەردىن بىر ئادەمگە كاپىرلاردىن 10 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئۇلاردىن 2 ئادەمنىڭ ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنى ۋاجىپ قىلدى. ئەگەر سىلەردىن كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا چىداملىق 100 ئادەم بولسا ئۇلاردىن 200 نى يېڭىدۇ. ئەگەر سىلەردىن چىداملىق1000 ئادەم بولسا ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن كاپىرلاردىن 2000 نى يېڭىدۇ. ئاللاھ مۆئمىنلەر ئىچىدىن سەۋر قىلغۇچىلارنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە ياردەم قىلىدۇ
تفسیرهای عربی:
مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُۥٓ أَسۡرَىٰ حَتَّىٰ يُثۡخِنَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ تُرِيدُونَ عَرَضَ ٱلدُّنۡيَا وَٱللَّهُ يُرِيدُ ٱلۡأٓخِرَةَۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
پەيغەمبەرگە كاپىرلار مۆئمىنلەر بىلەن قايتا ئۇرۇش قىلىشقا پېتىنالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى كۆپرەك ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇرۇش قىلغان كاپىرلارنى ئەسىر ئېلىش لايىق ئەمەس ئىدى. ئى مۆمىنلەر! سىلەر بەدر ئەسىرلىرىدىن پىدىيە ئېلىشنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ دىنغا ياردەم بېرىش ۋە دىننى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق ئېرىشىلىدىغان ئاخرەتنى خالايدۇ. ئاللاھ زاتىدا، سۈپەتلىرىدە ۋە باشقۇرىشىدا غالىبدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. تەقدىرى ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَّوۡلَا كِتَٰبٞ مِّنَ ٱللَّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمۡ فِيمَآ أَخَذۡتُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
سىلەرگە غەنىمەتلەرنى ھالال قىلىش، ئەسىرلەردىن پىدىيە ئېلىشنىڭ رۇخسەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئاللاھنىڭ ھۆكمى ئەزەلىسى بولمىسا ئىدى ئاللاھنىڭ بۇلارنى رۇخسەت قىلىش ھەققىدىكى ۋەھيىسى چۈشۈشتىن ئىلگىرى غەنىمەت ۋە پىدىيە ئالغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاللاھ تەرەپتىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولاتتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمۡتُمۡ حَلَٰلٗا طَيِّبٗاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئى مۆئمىنلەر! كاپىرلاردىن ئالغان غەنىمەتنى يەڭلار، ئۇ سىلەرگە ھالالدۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە توسقانلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆئمىن بەندىلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات وَعْدٌ من الله لعباده المؤمنين بالكفاية والنصرة على الأعداء.
ئايەتلەردە ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە كۇپايە قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بار.

• الثبات أمام العدو فرض على المسلمين لا اختيار لهم فيه، ما لم يحدث ما يُرَخِّص لهم بخلافه.
دۈشمەن ئالدىدا مۇستەھكەم تۇرۇش مۇسۇلمانلارغا پەرزدۇر. رۇخسەت قىلىنغۇدەك ئەھۋال يۈز بەرمىسىلا ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە تاللاش ھوقۇقى يوق.

• الله يحب لعباده معالي الأمور، ويكره منهم سَفْسَافَها، ولذلك حثهم على طلب ثواب الآخرة الباقي والدائم.
ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ناچار ئىشلارنى يامان كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنى داۋامى ئۈزۈلمەيدىغان ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى ئىزدەشكە قىزىقتۇردى.

• مفاداة الأسرى أو المنّ عليهم بإطلاق سراحهم لا يكون إلا بعد توافر الغلبة والسلطان على الأعداء، وإظهار هيبة الدولة في وجه الآخرين.
دۈشمەنلەرگە قارشى غالىبلىق، سەلتەنەت ۋە باشقىلار ئالدىدا ئىسلام دۆلىتىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش بارلىققا كەلمەي تۇرۇپ ئەسىرلەردىن پىدىيە ئېلىش ياكى ئۇلارنى بەدەلسىز قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ قُل لِّمَن فِيٓ أَيۡدِيكُم مِّنَ ٱلۡأَسۡرَىٰٓ إِن يَعۡلَمِ ٱللَّهُ فِي قُلُوبِكُمۡ خَيۡرٗا يُؤۡتِكُمۡ خَيۡرٗا مِّمَّآ أُخِذَ مِنكُمۡ وَيَغۡفِرۡ لَكُمۡۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئى پەيغەمبەر! قولۇڭلاردىكى بەدر كۈنى ئەسىر ئالغان ئەسىرلەرگە ئېيتقىنكى: ئەگەر ئاللاھ قەلبىڭلاردىكى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى مەقسەتنى بىلسە سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن ئېلىنغان پىدىيەدىنمۇ ياخشىراق نەرسىنى بېرىدۇ. سىلەردىن ئېلىنغان پىدىيەگە قايغۇرۇپ كەتمەڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى مۇسۇلمان بولغانلار ئىچىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ئابباس ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) ۋە ئۇنىڭدىن باشقىلاردا ئەمىلىلەشكەن.
تفسیرهای عربی:
وَإِن يُرِيدُواْ خِيَانَتَكَ فَقَدۡ خَانُواْ ٱللَّهَ مِن قَبۡلُ فَأَمۡكَنَ مِنۡهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئى مۇھەممەد! ئەگەر ئۇلار ساڭا ئاشكارىلىغان سۆزى ئارقىلىق (يەنى ئىماننى دەۋا قىلىش ئارقىلىق) ساڭا خىيانەت قىلماقچى بولسا ئۇلار ئىلگىرى ئاللاھقا خىيانەت قىلغان ئىدى. ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم ئاتا قىلدى. ئۇلاردىن ئۆلتۈرۈلگىنى ئۆلتۈرۈلدى، ئەسىر ئېلىنغىنى ئەسىر ئېلىندى. ئەگەر ئۇلار قايتا خىيانەت قىلماقچى بولسا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش (جازانى) كۈتسۇن. ئاللاھ ئۆز مەخلۇقاتلىرىنى ۋە ئۇلارغا پايدىلىق ئىشلارنى بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَلَمۡ يُهَاجِرُواْ مَا لَكُم مِّن وَلَٰيَتِهِم مِّن شَيۡءٍ حَتَّىٰ يُهَاجِرُواْۚ وَإِنِ ٱسۡتَنصَرُوكُمۡ فِي ٱلدِّينِ فَعَلَيۡكُمُ ٱلنَّصۡرُ إِلَّا عَلَىٰ قَوۡمِۭ بَيۡنَكُمۡ وَبَيۡنَهُم مِّيثَٰقٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى تەستىقلىغانلار، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ياكى خاتىرجەم ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلالايدىغان ئورۇنغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ماللىرى ۋە جانلىرىنى سەرپ قىلىپ جىھاد قىلغانلار، ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرگە جاي بەرگەن ۋە ياردەم بەرگەن ئەنە شۇ مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلغان ئەنسارىلار بىر-بىرىگە ئىگە چىقىپ ياردەمدە بولىدۇ. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلمىغان كىشىلەر ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلمىغۇچە ئۇلارغا ياردەم بېرىش ۋە ھىمايە قىلىش سىلەرنىڭ مەجبۇرىيىتىڭلار ئەمەس. ئەگەر ئۇلارغا كاپىرلار زۇلۇم قىلىپ، ئۇلار سىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇلارغا دۈشمەنلىرىگە قارشى ياردەم بېرىڭلار. ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئارىسىدا ئەھدە بولۇپ، ئۇلار ئەھدىنى بۇزمىغان بولسا ياردەم بەرمىسەڭلىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ئەمەللىرىڭلاردىن ھېچنەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٍۚ إِلَّا تَفۡعَلُوهُ تَكُن فِتۡنَةٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَفَسَادٞ كَبِيرٞ
كاپىرلارنى كۇپرىلىق جەملەيدۇ، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. مۆئمىن كاپىرلانى دوست تۇتمايدۇ. ئەگەر سىلەر مۆئمىنلەرنى دوست تۇتۇپ، كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتمىساڭلار دىنى قېرىنداشلىرى ئىچىدە ياردەم بەرگۈدەك كىشىنى تاپالمىغۇدەك دەرىجىدە مۆئمىنلەر ئىچىدە پىتنە يۈز بېرىدۇ. زىمىندا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىنمۇ چوڭراق پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱلَّذِينَ ءَاوَواْ وَّنَصَرُوٓاْ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ حَقّٗاۚ لَّهُم مَّغۡفِرَةٞ وَرِزۡقٞ كَرِيمٞ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغانلارغا جاي بەرگەن ۋە ياردەم قىلغانلار ئەنە شۇلار ھەقىقى ئىمان سۈپىتى بىلەن سۈپەتلەنگەنلەردۇر. ئاللاھ تەرەپتىن ئۇلارنىڭ مۇكاپاتى: گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىش ۋە جەننەتتىن ئىبارەت ئېسىل رىزىققا مۇشەررەپ قىلىشتۇر.
تفسیرهای عربی:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنۢ بَعۡدُ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ مَعَكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ مِنكُمۡۚ وَأُوْلُواْ ٱلۡأَرۡحَامِ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلَىٰ بِبَعۡضٖ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمُۢ
ئى مۆمىنلەر! مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلار، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلغانلار، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن، كۇپرى كەلىمىسىنىڭ تۆۋەن بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلار ئەنە شۇلار سىلەرگە تەۋە. سىلەر بەھرىمان بولغان ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدۇ. سىلەر ئۆتۈگەن مەجبۇريەتنى ئۆتەيدۇ. ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئۇرۇق-تۇققانلار بىر-بىرىگە مىراسخور بولۇشتا ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان( كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) ئىمان ئېيتقانلىقى ۋە ھىجرەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن(بىر-بىرىدىن) مىراس ئالىدىغانلاردىن ھەقلىقراقتۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ بەندىلىرىگە مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى بەندىلەر ئۈچۈن يولغا قويىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• يجب على المؤمنين ترغيب الأسرى في الإيمان.
ئەسىرلەرنى ئىمانغا قىزىقتۇرۇش مۆئمىنلەر ئۈستىگە ۋاجىپتۇر.

• تضمنت الآيات بشارة للمؤمنين باستمرار النصر على المشركين ما داموا آخذين بأسباب النصر المادية والمعنوية.
ئايەتلەر مۆئمىنلەرگە ئۇلار غەلبىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى سەۋەبلىرىنى قىلسىلا مۇشرىكلارغا قارشى ئىزچىل ياردەم بېرىدىغانلىق بىشارىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

• إن المسلمين إذا لم يكونوا يدًا واحدة على أهل الكفر لم تظهر شوكتهم، وحدث بذلك فساد كبير.
مۇسۇلمانلەر ھەقىقەتەن كاپىرلارغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ شەۋكىتى كۆتۈرۈلمەيدۇ. شۇ سەۋەبلىك ئېغىر پاساتچىلىق يۈز بېرىدۇ.

• فضيلة الوفاء بالعهود والمواثيق في شرعة الإسلام، وإن عارض ذلك مصلحة بعض المسلمين.
ئىسلام شەرىئىتىدە گەرچە بىر قىسىم مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قارشى بولسىمۇ ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنىڭ پەزىلىتى

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره انفال
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن