ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - لیست ترجمه ها


ترجمهٔ معانی سوره: سوره توبه   آیه:

سۈرە تەۋبە

از اهداف این سوره:
البراءة من المشركين والمنافقين وجهادهم، وفتح باب التوبة للتائبين.
مۇشرىكلار ۋە مۇناپىقلاردىن ئادا-جۇدا بولۇش، ئۇلارغا قارشى جىھاد قىلىش، تەۋبە قىلغۇچىلار ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ئېشىكىنى ئېچىش.

بَرَآءَةٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
ئى مۇسۇلمانلار! بۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرەپتىن ئادا-جۇدا بولۇشتۇر ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا سىلەر مۇشرىكلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنىڭ ئېلانىدۇر.
تفسیرهای عربی:
فَسِيحُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِ وَأَنَّ ٱللَّهَ مُخۡزِي ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئى مۇشرىكلار! يەر يۈزىدە خاتىرجەم ھالدا تۆت ئاي يۈرۈڭلار. تۆت ئايدىن كېيىن سىلەرگە ئەمىنلىك بېرىلمەيدۇ ۋە مۇئاھىدىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. سىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئەگەر كۇپرىلىقىڭلارنى داۋاملاشتۇرساڭلار ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر. يەنە شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دۇنيادا ئەسىر ئېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش بىلەن ، قىيامەت كۈنى دەۋزەخكە كىرگۈزۈش بىلەن خار قىلىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئەھدىنى بۇزغان ۋە ۋاقىتسىز مۇتلەق ئەھدىسى بولغان كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمما ۋاقىتلىق مۇئاھىدە تۈزۈشكەن ئادەمگە كەلسەك، گەرچە تۆت ئايدىن كۆپرەك بولسىمۇ ئۇ كىشىنىڭ مۇئاھىدىسى ۋاقتى توشقىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَذَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦٓ إِلَى ٱلنَّاسِ يَوۡمَ ٱلۡحَجِّ ٱلۡأَكۡبَرِ أَنَّ ٱللَّهَ بَرِيٓءٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ وَرَسُولُهُۥۚ فَإِن تُبۡتُمۡ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَإِن تَوَلَّيۡتُمۡ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ غَيۡرُ مُعۡجِزِي ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
نەھرى كۈنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن بارلىق كىشىلەرگە: ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇشرىكلاردىن ئادا-جۇدادۇر، ئاللاھنىڭ رەسۇلىمۇ ئادا-جۇدادۇر. ئى مۇشرىكلار! ئەگەر سىلەر شېرىك كەلتۈرۈشىڭلاردىن تەۋبە قىلساڭلار تەۋبە قىلغىنىڭلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسەڭلار شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر دەپ ئېلان قىلىندى. ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا كاپىر بولغانلارغا ئۇلارنى ئوسال قىلىدىغان نەرسە يەنى ئۇلارنى كۈتۈۋاتقان قاتتىق ئازاپ بىلەن خەۋەر بەرگىن.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّم مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ثُمَّ لَمۡ يَنقُصُوكُمۡ شَيۡـٔٗا وَلَمۡ يُظَٰهِرُواْ عَلَيۡكُمۡ أَحَدٗا فَأَتِمُّوٓاْ إِلَيۡهِمۡ عَهۡدَهُمۡ إِلَىٰ مُدَّتِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
ئەمما مۇشرىكلار ئىچىدىن سىلەر بىلەن مۇئاھىدە تۈزۈشكەن، تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاپا قىلغان، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى بۇزمىغان كىشىلەر ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر. ئۇلار بىلەن تۈزۈشكەن مۇئاھىدىگە ۋاقتى توشقىچە تولۇق ئەمەل قىلىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. مۇئاھىدىگە ئەمەل قىلىش ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىشقا مەنسۇپدۇر، خىيانەت قىلماسلىق ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن يېنىشقا مەنسۇپدۇر.
تفسیرهای عربی:
فَإِذَا ٱنسَلَخَ ٱلۡأَشۡهُرُ ٱلۡحُرُمُ فَٱقۡتُلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَيۡثُ وَجَدتُّمُوهُمۡ وَخُذُوهُمۡ وَٱحۡصُرُوهُمۡ وَٱقۡعُدُواْ لَهُمۡ كُلَّ مَرۡصَدٖۚ فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَخَلُّواْ سَبِيلَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
سىلەر دۈشمەنلىرىڭلارغا ئەمىنلىك بەرگەن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار تۈگىسە مۇشرىكلارنى ئۇچرىغان جايدا ئۆلتۈرۈڭلار. ئۇلارنى قورغانلىرىدا مۇھاسىرىگە ئېلىڭلار. ئۇلارنىڭ يوللىرىدا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار شېرىكتىن قول ئۈزۈپ ئاللاھقا تەۋبە قىلسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىسلامى قېرىندىشىڭلار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن قولۇڭلارنى يىغىڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى كەچۈرگىچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَإِنۡ أَحَدٞ مِّنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ ٱسۡتَجَارَكَ فَأَجِرۡهُ حَتَّىٰ يَسۡمَعَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ أَبۡلِغۡهُ مَأۡمَنَهُۥۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَعۡلَمُونَ
ئى پەيغەمبەر! قېنى ۋە مېلى ھالال بولغان مۇشرىكلاردىن بىرسى كىرىپ سەندىن ئامانلىق تىلىسە ئۇ قۇرئاننى ئاڭلىغانغا قەدەر ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلغىن. ئاندىن ئۇنى ئەمىن جايغا يەتكۈزۈپ قويغىن. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى كاپىرلار ھەقىقەتەن دىننىڭ ھەقىقىتىنى چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر. ئەگەر ئۇلار دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى ۋە قۇرئاننىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاشنى بىلسە ھىدايەت تېپىشى مۇمكىن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات دليل واضح على حرص الإسلام على تسوية العلاقات الخارجية مع الأعداء على أساس من السّلم والأمن والتّفاهم.
ئىسلامنىڭ دۈشمەنلەر بىلەن بولغان تاشقى ئالاقىنى تېنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە ئۆز-ئارا چۈشۈنۈش ھاسىل قىلىش ئاساسىدا ھەل قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىغا قۇرئان ئايەتلىرىدە ئۇچۇق دەلىل بار.

• الإسلام يُقَدِّر العهود، ويوجب الوفاء بها، ويجعل حفظها نابعًا من الإيمان، وملازمًا لتقوى الله تعالى.
ئىسلام (كاپىرلار بىلەن تۈزۈشكەن) مۇئاھىدىلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ ۋە ئۇنى ساقلاش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، شۇنداقلا ئاللاھقا بولغان تەقۋادارلىقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلىدۇ

• أَنَّ إقامة الصّلاة وإيتاء الزّكاة دليل على الإسلام، وأنهما يعصمان الدّم والمال، ويوجبان لمن يؤدّيهما حقوق المسلمين من حفظ دمه وماله إلا بحق الإسلام؛ كارتكاب ما يوجب القتل من قتل النفس البريئة، وزنى الزّاني المُحْصَن، والرّدّة إلى الكفر بعد الإيمان.
ھەقىقەتەن ناماز ئوقۇش ۋە زاكات بېرىش مۇسۇلمانلىقنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ ئىككىسى بىر ئادەمنىڭ جېنى ۋە مېلىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئىككىسىنى ئادا قىلغان كىشى مۇسۇلمانلار بەھرىمان بولىدىغان جېنى ۋە مېلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدىن ئىبارەت ھەقلەردىن بەھرىمان بولالايدۇ. ئەمما بىگۇناھ بىر ئادەمنى ئۆلتۈرىۋەتكەن قاتىلنىڭ ئۆلتۈرۈلىشى، توي قىلىپ بولغان كىشىنىڭ زىنا قىلىشى، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن مۇرتەد بولغان كىشى قاتارلىقلارغا ئوخشاش ئىسلامنىڭ ھەققى بىلەن بولسا بۇ ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستاسنادۇر

• مشروعيّة الأمان؛ أي: جواز تأمين الحربي إذا طلبه من المسلمين؛ ليسمع ما يدلّ على صحّة الإسلام، وفي هذا سماحة وتكريم في معاملة الكفار، ودليل على إيثار السِّلم.
ئەمىنلىك بېرىشنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكى يەنى ئىسلامنىڭ توغرا (بىر دىن) ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن دۈشمەن مۇسۇلمانلاردىن ئەمىنلىك سورىسا ئەمىنلىك بېرىشنىڭ جايىزلىقى، بۇنىڭدا (ئىسلامنىڭ) كاپىرلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە نەقەدەر كەڭ قورساق ۋە ئېسىللىقى، تېنىچلىقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانلىقىغا دەلىل بار.

كَيۡفَ يَكُونُ لِلۡمُشۡرِكِينَ عَهۡدٌ عِندَ ٱللَّهِ وَعِندَ رَسُولِهِۦٓ إِلَّا ٱلَّذِينَ عَٰهَدتُّمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۖ فَمَا ٱسۡتَقَٰمُواْ لَكُمۡ فَٱسۡتَقِيمُواْ لَهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُتَّقِينَ
ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قارىشىچە مۇشرىكلارغا ئەمىنلىك بېرىش ۋە مۇئاھىدە تۈزۈش توغرا ئەمەس. ئى مۇسۇلمانلار! ئەمما ھۈدەيبىيە سۈلھىسىدە مەسجىدى ھەرەم يېنىدا سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزۈشكەن مۇشرىكلار ئەگەر ئاراڭلاردا تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزماستىن رىئايە قىلسا سىلەرمۇ ئەھدىنى بۇزماستىن رىئايە قىلىڭلار. ئاللاھ شۈبھىسىزكى بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداپ، توسقانلىرىدىن چەكلەنگەن تەقۋادار بەندىلىرىنى دوست تۇتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
كَيۡفَ وَإِن يَظۡهَرُواْ عَلَيۡكُمۡ لَا يَرۡقُبُواْ فِيكُمۡ إِلّٗا وَلَا ذِمَّةٗۚ يُرۡضُونَكُم بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَتَأۡبَىٰ قُلُوبُهُمۡ وَأَكۡثَرُهُمۡ فَٰسِقُونَ
مۇشرىلار سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلار تۇرسا قانداقمۇ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلسۇن؟ ئەگەر ئۇلار سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن غەلبە قىلسا سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا نە ئاللاھنىڭ (ھۆكمىگە)، نە تۇققانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ، بەلكى سىلەرنى ئېغىر ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. سىلەرنى ئېغىزلىرىدىكى چىرايلىق گەپلىرى بىلەن خۇش قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئويلىغىنى ئېغىزىدىن چىققىنى بىلەن ئوخشاش ئەمەس، دېگەنلىرىگە ئەمەل قىلمايدۇ. كۆپىنچىسى ئەھدىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن چىقىپ كەتكەنلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
ٱشۡتَرَوۡاْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ ثَمَنٗا قَلِيلٗا فَصَدُّواْ عَن سَبِيلِهِۦٓۚ إِنَّهُمۡ سَآءَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار ئەھدىگە ۋاپا قىلىشمۇ ئۇنىڭ جۈملىسىدىن بولغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئەگىشىشنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى ھەۋەسلىرى ۋە شەھۋەتلىرىگە ۋاستە بولىدىغان دۇنيانىڭ ئەرزىمەس مال-مۈلۈكلىرىدىن ئازغىنە نەرسىگە ئالماشتۇردى. شۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنى ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن چەكلىدى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. باشقىلارنىمۇ ھەقىقەتتىن چەكلىدى. ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى نېمىدېگەن يامان-ھە!
تفسیرهای عربی:
لَا يَرۡقُبُونَ فِي مُؤۡمِنٍ إِلّٗا وَلَا ذِمَّةٗۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُعۡتَدُونَ
ئۇلار ئاداۋەتخور بولغانلىقى ئۈچۈن مۆئمىنلەر ھەققىدە نە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە، نە تۇققانچىلىققا، نە ئەھدىگە رىئايە قىلمايدۇ. ئۇلار زالىملىق ۋە دۈشمەنلىك بىلەن سۈپەتلەنگەچكە ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ھالقىغىچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
فَإِن تَابُواْ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ فَإِخۡوَٰنُكُمۡ فِي ٱلدِّينِۗ وَنُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەگەر ئۇلار كۇپرىدىن تەۋبە قىلىپ، ئىمان ئېيتسا، ناماز ئوقۇسا، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى بەرسە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولىدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. ئۇلار ھوقۇق-مەجبۇرىيەتتە سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش سىلەرگە ھالال ئەمەس، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىقى؛ قانلىرىنى، ماللىرىنى ۋە يۈز-ئابرويلىرىنى ساقلاپ قالىدۇ. ھەقكە يېتىش ئۈچۈن ئىنتىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بىز ئايەتلەرنى روشەن بايان قىلىپ بېرىمىز. ئايەتلەر بىلەن ئۆزلىرى مەنپەئەتلىنىدۇ ۋە باشقىلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِن نَّكَثُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُم مِّنۢ بَعۡدِ عَهۡدِهِمۡ وَطَعَنُواْ فِي دِينِكُمۡ فَقَٰتِلُوٓاْ أَئِمَّةَ ٱلۡكُفۡرِ إِنَّهُمۡ لَآ أَيۡمَٰنَ لَهُمۡ لَعَلَّهُمۡ يَنتَهُونَ
ئەگەر سىلەر مەلۇم مەزگىل ئۇرۇش قىلماسلىققا ئەھدە تۈزۈشكەن بولساڭلار مۇشرىكلار ئەھدىلىرىنى بۇزسا، سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى ئەيىپلەپ، كەم سۇندۇرسا سىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئۇلار كاپىرلارنىڭ يولباشچىسى ۋە رەھبىرىدۇر. ئۇلارنىڭ قېنى ساقلىنىپ قالغۇدەك دەرىجىدە ئەھدىسىنىڭ ئىتىبارى يوق. ئۇلار كۇپرىلىقىدىن، ئەھدىنى بۇزۇشتىن ۋە دىننى كەمسۇندۇرۇشتىن قول ئۈزۈشى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار.
تفسیرهای عربی:
أَلَا تُقَٰتِلُونَ قَوۡمٗا نَّكَثُوٓاْ أَيۡمَٰنَهُمۡ وَهَمُّواْ بِإِخۡرَاجِ ٱلرَّسُولِ وَهُم بَدَءُوكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةٍۚ أَتَخۡشَوۡنَهُمۡۚ فَٱللَّهُ أَحَقُّ أَن تَخۡشَوۡهُ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئى مۆئمىنلەر! ئەھدىلىرىنى بۇزغان، دارۇننەدۋەدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى مەككىدىن ھەيدەپ چىقىرىشقا ھەرىكەت قىلغان، قۇرەيشلەر ئىتتىپاقدىشى بەكرى ئايمىقىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىتتىپاقدىشى خۇزائە ئايمىقىغا قارشى ياردەم بەرگەن چاغدا ئالدى بىلەن سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان قەۋمگە نېمىشقا ئۇرۇش ئاچمايسىلەر؟ ئۇلاردىن قورققاچقا ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچمامسىلەر؟ ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۆئمىن بولساڭلار ئاللاھ قورقۇشۇڭلارغا ئەڭ ھەقلىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• دلَّت الآيات على أن قتال المشركين الناكثين العهد كان لأسباب كثيرة، أهمها: نقضهم العهد.
ئايەتلەر ئەھدىنى بۇزغان مۇشرىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئەھدىنى بۇزىشى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمىدۇر.

• في الآيات دليل على أن من امتنع من أداء الصلاة أو الزكاة فإنه يُقاتَل حتى يؤديهما، كما فعل أبو بكر رضي الله عنه.
ناماز ئوقۇشتىن، زاكات بېرىشتىن باش تارتقان كىشىگە بۇ ئىككىسىنى ئادا قىلغانغا قەدەر خۇددى ئەبۇ بەكرى ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن ) قىلغىنىدەك ئۇرۇش قىلىنىدىغانلىقىغا ئايەتلەردە دەلىل بار.

• استدل بعض العلماء بقوله تعالى:﴿وَطَعَنُوا فِي دِينِكُمْ﴾ على وجوب قتل كل من طعن في الدّين عامدًا مستهزئًا به.
بىر قىسىم ئۆلىمالار ئاللاھنىڭ: «ئۇلار دىنىڭلارنى ئەيىپلىسە» دېگەن سۆزىدىن تەۋبە قىلغىنىدىن كېيىن قەستەن ياكى مەسخىرە قىلىپ دىننى ئەيىپلىگەن ھەر قانداق ئادەمنى ئۆلتۈرۈشنىڭ ۋاجىپلىقىغا دەلىل كەلتۈرگەن.

• في الآيات دلالة على أن المؤمن الذي يخشى الله وحده يجب أن يكون أشجع الناس وأجرأهم على القتال.
ئاللاھدىن قورقىدىغان مۆئمىننىڭ جىھاد قىلىشقا ئەڭ ھېرىسمەن ۋە ئەڭ جۈرئەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئايەتلەردە دەلىل بار.

قَٰتِلُوهُمۡ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ بِأَيۡدِيكُمۡ وَيُخۡزِهِمۡ وَيَنصُرۡكُمۡ عَلَيۡهِمۡ وَيَشۡفِ صُدُورَ قَوۡمٖ مُّؤۡمِنِينَ
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار. ھەقىقەتەن سىلەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئاچساڭلار ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قوللىرىڭلار بىلەن يەنى سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلار بىلەن ئازاپلايدۇ، مەغلۇبىيەت ۋە ئەسىرگە ئېلىش بىلەن خار قىلىدۇ، غەلبىنى سىلەرگە مەنسۇپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ. دۈشمەنلەر ئۇچرىغان ئۆلۈم، ئەسىرگە چۈشۈش، مەغلۇبىيەت ۋە مۆئمىنلەرنىڭ ئۇلارغا قارشى غەلبە قازىنىشى ئارقىلىق جىھادقا قاتنىشالمىغان مۆئمىنلەرنىڭ قەلبىدىكى كېسەلگە شىپالىق بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيُذۡهِبۡ غَيۡظَ قُلُوبِهِمۡۗ وَيَتُوبُ ٱللَّهُ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
ئۇلارغا قارشى ئېرىشكەن غەلبە ئارقىلىق مۆئمىنلەرنىڭ دىللىرىدىكى ئاچچىقنى خالاس قىلىنىدۇ. مەككە پەتھى بولغان كۈندە ئاللاھ بىر قىسىم مەككە ئاھالىسىنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلغىنىدەك ئەگەر ئۇ سەركەشلەر تەۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن سەمىمىي تەۋبە قىلغانلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئۆزىنىڭ يارىتىشىدا، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرىشىدا ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تُتۡرَكُواْ وَلَمَّا يَعۡلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُواْ مِنكُمۡ وَلَمۡ يَتَّخِذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ وَلَا رَسُولِهِۦ وَلَا ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَلِيجَةٗۚ وَٱللَّهُ خَبِيرُۢ بِمَا تَعۡمَلُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىنىماي تۇرۇپ ئۆز ھالىمىزغا قويۇپ بېرىدۇ دەپ ئويلامسىلەر؟ سىناق ئاللاھنىڭ قانۇنىيەتلىرىدىن بىر قانۇنىيەتتۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ۋە مۆئمىنلەرنى قويۇپ كاپىرلارنى يېقىن سىرداش ۋە دوست قىلىۋالمىغان ئىخلاسمەن مۇجاھىتلارنى بىلگەنگە قەدەر يەنى ئوتتۇرىغا چىقارغانغا قەدەر سىنىلىسىلەر. ئاللاھ قىلمىشلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
مَا كَانَ لِلۡمُشۡرِكِينَ أَن يَعۡمُرُواْ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ شَٰهِدِينَ عَلَىٰٓ أَنفُسِهِم بِٱلۡكُفۡرِۚ أُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ وَفِي ٱلنَّارِ هُمۡ خَٰلِدُونَ
مۇشرىكلار قىلمىشلىرى بىلەن ئۆزلىرىگە كۇپرىلىقنى ئىقرار قىلغان تۇرۇقلۇق ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك تائەت-ئىبادتلەر بىلەن ئاللاھنىڭ مەسجىتلىرىنى ئاۋات قىلىشى توغرا بولمايدۇ.(ئۇلاردا) ئىماندىن ئىبارەت ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇش شەرتى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلار قىيامەت كۈنى مەڭگۈلۈك دەۋزەخكە كېرىدۇ. ئۆلۈشتىن ئىلگىرى شېرىكتىن تەۋبە قىلغان كىشىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا يَعۡمُرُ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَلَمۡ يَخۡشَ إِلَّا ٱللَّهَۖ فَعَسَىٰٓ أُوْلَٰٓئِكَ أَن يَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُهۡتَدِينَ
ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىنى ئاۋات قىلىشقا ۋە ھەققىنى بېرىشكە ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، نامازنى بەرپا قىلغان، زاكات بەرگەن، ئاللاھتىن باشقىدىن قورقمىغان كىشىلەرلا ھەقلىق بولىدۇ. ئەنە شۇلارنىڭ توغرا يولدا ئىكەنلىكى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەمما مۇشرىكلارغا كەلسەك ئۇلار بۇ ئىشلاردىن بەكمۇ يىراقتۇر.
تفسیرهای عربی:
۞ أَجَعَلۡتُمۡ سِقَايَةَ ٱلۡحَآجِّ وَعِمَارَةَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ كَمَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَجَٰهَدَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ لَا يَسۡتَوُۥنَ عِندَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئى مۇشرىكلار! سىلەر ھاجىلارنى سۇغارغان، مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلغان كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھقا ھېچبىرىنى شىرىك كەلتۈرمىگەن، قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن، كۇپرىنىڭ كەلىمىسىنى تۆۋەن قىلىش ئۈچۈن جېنى ۋە مېلى بىلەن جىھاد قىلغان كىشىگە ئوخشاش ھېسابلامسىلەر؟ سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى پەزىلەتتە تەڭ دەپ قارامسىلەر؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈ تەڭ بولمايدۇ. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلارغا گەرچە ئۇلار ھاجىلارنى سۇغۇرۇشقا ئوخشاش ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان بولسىمۇ مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَهَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ أَعۡظَمُ دَرَجَةً عِندَ ٱللَّهِۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡفَآئِزُونَ
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ، كۇپرى يۇرتىدىن ئىسلام يۇرتىغا ھىجرەت قىلىش ۋە ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ئارىسىنى جەملىگەن كىشىلەرنىڭ پەزىلىتى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا باشقىلارنىڭكىگە قارىغاندا كاتتىدۇر. ئەنە بۇ سۈپەتكە ئىگە بولغانلار جەننەت بىلەن نىجات تاپقۇچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات دلالة على محبة الله لعباده المؤمنين واعتنائه بأحوالهم، حتى إنه جعل من جملة المقاصد الشرعية شفاء ما في صدورهم وذهاب غيظهم.
ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىنى دوست تۇتىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا، ھەتتاكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى ئاچچىق ۋە دەرت-ئەلەمنى كەتكۈزۈشنى شەرىئەتنىڭ مەقسەتلىرى قاتارىدىن قىلغانلىقىغا ئايەتلەردە ئىسپاتلار بار.

• شرع الله الجهاد ليحصل به هذا المقصود الأعظم، وهو أن يتميز الصادقون الذين لا يتحيزون إلا لدين الله من الكاذبين الذين يزعمون الإيمان.
ئاللاھ جىھادنى پەقەت ئاللاھنىڭ دىنى ئۈچۈنلا تەرەپ تۇتىدىغان راستچىل كىشىلەرنى ئىمان داۋاسى قىلىۋالغان يالغانچىلاردىن ئايرىشتىن ئىبارەت بۈيۈك مەقسەتنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويدى.

• عُمَّار المساجد الحقيقيون هم من وُصِفوا بالإيمان الصادق، وبالقيام بالأعمال الصالحة التي أُمُّها الصلاة والزكاة، وبخشية الله التي هي أصل كل خير.
مەسجىتلەرنى ھەقىقى ئاۋات قىلغۇچىلار بولسا راستچىل ئىمان، ناماز ۋە زاكاتنى ئاساس قىلغان سالىھ ئەمەل، ھەر قانداق ياخشىلىقنى ئەسلى مەنبە قىلغان، ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن سۈپەتلەنگەن كىشىلەردۇر.

• الجهاد والإيمان بالله أفضل من سقاية الحاج وعمارة المسجد الحرام بدرجات كثيرة؛ لأن الإيمان أصل الدين، وأما الجهاد في سبيل الله فهو ذروة سنام الدين.
ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش ۋە جىھاد قىلىش ھاجىلارنى سۇغۇرۇش ۋە مەسجىدى ھەرەمنى ئاۋات قىلىشقا قارىغاندا كۆپ ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئىمان دىننىڭ ئاساسى، ئەمما ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دىننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.

يُبَشِّرُهُمۡ رَبُّهُم بِرَحۡمَةٖ مِّنۡهُ وَرِضۡوَٰنٖ وَجَنَّٰتٖ لَّهُمۡ فِيهَا نَعِيمٞ مُّقِيمٌ
پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز رەھمىتى ۋە رازىلىقىنىڭ ئۇلارغا چۈشىشى، ئۈزۈلمەس مەڭگۈلۈك نېئمەتلەر بار بولغان جەننەتلەرگە كىرىشتىن ئىبارەت ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان نېئمەتلەر بىلەن خەۋەر بېرىدۇ. ئۇلارغا مەڭگۈ غەزەپ قىلىنمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجۡرٌ عَظِيمٞ
ئۇلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن جەننەتلەردە مەڭگۈلۈك تۇرىدۇ. ھەقىقەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئىخلاس قىلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئۇرۇنداپ، توسقانلىرىدىن چەكلەنگەن كىشىلەر ئۈچۈن كاتتا ساۋاپ بار.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَتَّخِذُوٓاْ ءَابَآءَكُمۡ وَإِخۡوَٰنَكُمۡ أَوۡلِيَآءَ إِنِ ٱسۡتَحَبُّواْ ٱلۡكُفۡرَ عَلَى ٱلۡإِيمَٰنِۚ وَمَن يَتَوَلَّهُم مِّنكُمۡ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئەگەشكەن كىشىلەر! ئەگەر ئاتىلىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭلار كۇپرىنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشتىن ئۈستۈن كۆرسە مۆئمىنلەرنىڭ سىرلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىش ۋە ئۇلار بىلەن مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنى دوست تۇتماڭلار. كىم ئۇلارنى ئۇلار كاپىر تۇرسىمۇ دوست تۇتىدىكەن ۋە ئۇلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسى بولغان بولىدۇ. گۇناھ مەئسىيەت سەۋەبلىك ھالاكەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ إِن كَانَ ءَابَآؤُكُمۡ وَأَبۡنَآؤُكُمۡ وَإِخۡوَٰنُكُمۡ وَأَزۡوَٰجُكُمۡ وَعَشِيرَتُكُمۡ وَأَمۡوَٰلٌ ٱقۡتَرَفۡتُمُوهَا وَتِجَٰرَةٞ تَخۡشَوۡنَ كَسَادَهَا وَمَسَٰكِنُ تَرۡضَوۡنَهَآ أَحَبَّ إِلَيۡكُم مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَجِهَادٖ فِي سَبِيلِهِۦ فَتَرَبَّصُواْ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ ٱللَّهُ بِأَمۡرِهِۦۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر سىلەرنىڭ ئاتىلىرىڭلار، ئوغۇللىرىڭلار، قېرىنداشلىرىڭلار، خوتۇنلىرىڭلار، ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭلار، تاپقان مال-دۇنيارىڭلار، راۋاجلىنىشىنى ياخشى كۆرۈپ، كاساتلىشىشتىن قورققان تىجارىتىڭلار، رازى بولۇپ تۇرىۋاتقان تىجارىتىڭلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدىن، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن سۆيۈملۈك بولسا، ئاللاھ سىلەرگە چۈشۈرىدىغان ئازاب ۋە جازانى كۈتۈڭلار. ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەتسىزلىك قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَقَدۡ نَصَرَكُمُ ٱللَّهُ فِي مَوَاطِنَ كَثِيرَةٖ وَيَوۡمَ حُنَيۡنٍ إِذۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡ كَثۡرَتُكُمۡ فَلَمۡ تُغۡنِ عَنكُمۡ شَيۡـٔٗا وَضَاقَتۡ عَلَيۡكُمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ ثُمَّ وَلَّيۡتُم مُّدۡبِرِينَ
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە نۇرغۇنلىغان جەڭلەردە سانىڭلار ئاز، تەييارلىقىڭلار ئاجىز بولسىمۇ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ، سەۋەبىنى قىلغان ۋە سانىڭلارنىڭ كۆپلىكىدىن خۇشاللىنىپ كەتمىگەن ۋاقتىڭلاردا مۇشرىك دۈشمەنلىرىڭلارغا قارشى ياردەم بەردى. (ساننىڭ) كۆپلىكى سىلەرنىڭ ئۇلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشىڭلارنىڭ سەۋەبى ئەمەس. ھۈنەين كۈنى سىلەر كۆپلىكىڭلاردىن خۇشال بولۇپ بىز بۈگۇن (سانىمىزنىڭ) ئازلىقىدىن ھەرگىز مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىمايمىز، دېدىڭلار. سىلەرنى خۇشال قىلغان سانىڭلارنىڭ كۆپلىكى سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمىدى. دۈشمىنىڭلار سىلەردىن غالىپ كەلدى. زېمىن كەڭرى بولسىمۇ سىلەرگە تار تۇيۇلدى. ئاندىن كېيىن دۈشمىنىڭلارغا مەغلۇپ بولۇپ ئارقىڭلارغا قاچتىڭلار.
تفسیرهای عربی:
ثُمَّ أَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودٗا لَّمۡ تَرَوۡهَا وَعَذَّبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ
سىلەر دۈشمىنىڭلاردىن (مەغلۇپ بولۇپ) قاچقىنىڭلاردىن كېيىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆئمىنلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلدى. شۇڭلاشقا جىھادتا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. سىلەرگە كۆرۈپ باقمىغان پەرىشتىلەرنى چۈشۈردى. كاپىرلارنى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، ماللىرىنى ئېلىۋېلىش، بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىش قاتارلىلار بىلەن كاپىرلارنى جازالايدۇ. بۇلار ئۇچرىغان بۇ جازا پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە قارشى تۇرۇپ ئۇلارنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارنىڭ جازاسىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• مراتب فضل المجاهدين كثيرة، فهم أعظم درجة عند الله من كل ذي درجة، فلهم المزية والمرتبة العلية، وهم الفائزون الظافرون الناجون، وهم الذين يبشرهم ربهم بالنعيم.
مۇجاھىدلارنىڭ پەزلى مەرتىۋىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھەر قانداق ئادەمدىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈندۇر. ئۇلار غەلبە قازانغۇچى، زەپەر قۇچقۇچى ۋە ئۇتۇق قازانغۇچىدۇر. پەرۋەردىگارى ئۇلارغا بەخت-سائادەت بىلەن خۇش-بىشارەت بەردى.

• في الآيات أعظم دليل على وجوب محبة الله ورسوله، وتقديم هذه المحبة على محبة كل شيء.
ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ۋاجىپلىقىغا، بۇ سۆيگۈنىڭ باشقا ھەر قانداق ياخشى كۆرۈشتىن ئۈستۈن قويۇلىشى كېرەكلىكىگە قۇرئان ئايەتلىرىدە روشەن دەلىل بار.

• تخصيص يوم حنين بالذكر من بين أيام الحروب؛ لما فيه من العبرة بحصول النصر عند امتثال أمر الله ورسوله صلى الله عليه وسلم وحصول الهزيمة عند إيثار الحظوظ العاجلة على الامتثال.
ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلغان چاغدا غەلبە قازانغىلى، دۇنيا نېسىۋىلىرىنى ئاخىرەت نېسىۋىلىرىدىن ئارتۇق كۆرگەندە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىبرەت ئېلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ھۈنەيىن كۈنىدە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن باشقا جەڭ كۈنلىرى ئارىسىدىن بۇ كۈن ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.

• فضل نزول السكينة، فسكينة الرسول صلى الله عليه وسلم سكينة اطمئنان على المسلمين الذين معه وثقة بالنصر، وسكينة المؤمنين سكينة ثبات وشجاعة بعد الجَزَع والخوف.
خاتىرجەملىكنىڭ نازىل بولۇشىنىڭ پەزىلىتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتىرجەملىكى ئەتراپىدىكى باشقا مۇسۇلمانلارغا غەلبە قازىنىشتا ئىشەنچ بېغىشلايدۇ. مۆئمىنلەرنىڭ خاتىرجەملىكى ئەنسىزلىكتىن كېيىن ئۇلارغا مۇستەھكەملىك ۋە شۇجائەت بېغىشلايدۇ.

ثُمَّ يَتُوبُ ٱللَّهُ مِنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ عَلَىٰ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
بۇ ئازابلاشتىن كېيىن كىم كۇپرىلىق ۋە ئازغۇنلىقتىن تەۋبە قىلىدىكەن ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ گۇناھ مەئسىيىتى ۋە كۇپرىلىقىدىن كېيىن ئۇلاردىن تەۋبىنى قۇبۇل قىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡمُشۡرِكُونَ نَجَسٞ فَلَا يَقۡرَبُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ ٱلۡحَرَامَ بَعۡدَ عَامِهِمۡ هَٰذَاۚ وَإِنۡ خِفۡتُمۡ عَيۡلَةٗ فَسَوۡفَ يُغۡنِيكُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦٓ إِن شَآءَۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن كىشىلەر! مۇشرىكلاردا كۇپرىلىق، زۇلۇم، ناچار ئەخلاق، يامان ئادەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەقەت نىجىستۇر. ئۇلار ھىجرىيە 9-يىلدىن كېيىن گەرچە ھەج قىلغان ياكى ئۆمرە قىلغان بولسىمۇ مەسجىدى ھەرەم ۋە ھەرەم دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ئى مۆئمىنلەر! سىلەرگە كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەك ۋە خىلمۇ-خىل تىجارەتلەر ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن كەمبەغەللىكتىن قورقساڭلار ئاللاھ خالىسا سىلەرنى ئۆز پەزلىدىن باي قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَلَا بِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَلَا يُحَرِّمُونَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَلَا يَدِينُونَ دِينَ ٱلۡحَقِّ مِنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ حَتَّىٰ يُعۡطُواْ ٱلۡجِزۡيَةَ عَن يَدٖ وَهُمۡ صَٰغِرُونَ
ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ بىلمەيدىغان، قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھارام قىلغان ئۆلۈك، چوشقا گۆشىى، ھاراق، جازانە قاتارلىقلاردىن ساقلانمايدىغان، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنمايدىغان يەھۇدى، ناسارا كاپىرلار بىلەن ئۇلار تاكى سىلەرگە بويسۇنۇپ جىزىيە تاپشۇرغانغا قەدەر ئۇرۇشىڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ عُزَيۡرٌ ٱبۡنُ ٱللَّهِ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَى ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ ٱللَّهِۖ ذَٰلِكَ قَوۡلُهُم بِأَفۡوَٰهِهِمۡۖ يُضَٰهِـُٔونَ قَوۡلَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُۚ قَٰتَلَهُمُ ٱللَّهُۖ أَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ
يەھۇدى ناسارالارنىڭ ھەممىسى مۇشرىكلاردۇر. چۈنكى يەھۇدىلار ئۇزەير ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ناسارالار ئىيسا ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىپ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى. ئۇلار ئاللاھ ھەققىدە دېگەن بۇ تۇقۇلما سۆزلىرىگە ھېچقانداق دەلىل كەلتۈرمەستىن ئېغىزىدىلا دېدى. ئۇلار بۇ سۆزلىرى بىلەن ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى «پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ قىزلىرىدۇر» دېگەن مۇشرىكلار بىلەن ئوخشاشتۇر. ئاللاھ بۈيۈكتۇر ۋە ئۇنىڭدىن پاكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. ئۇلار قانداق بولۇپ ئېنىق ھەقىقەتتىن باتىلغا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ؟
تفسیرهای عربی:
ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ
يەھۇدىلار ئۆلىمالىرىنى، ناسارالار راھىبلىرىنى ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارنى رەب قىلىۋالدى. بۇ دىنى رەھبەرلەر ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھالال، ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ. ناسارالار ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئاللاھ بىلەن بىرگە ئىلاھ قىلىۋالدى. ئاللاھ يەھۇدى ئۆلىمالىرىنى، ناسارالارنىڭ راھىبلىرىنى، ئۇزەيرنى ۋە ئىيسا ئىبنى مەريەمنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا ۋە ئۆزىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىككە بۇيرىغان ئىدى. ئاللاھ يەككە-يېگانە ئىلاھتۇر. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئاللاھ بارچە ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر. ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشرىكلار چاپلىغان بۇھتانلاردىن پاكتۇر
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• في الآيات دليل على أن تعلق القلب بأسباب الرزق جائز، ولا ينافي التوكل.
قەلبنىڭ رىزق تېپىش سەۋەبلىرىگە باغلىنىشىنىڭ جايىزلىقى، بۇنىڭ ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش بىلەن ھېچقانداق زىتلىق يوقلىقىغا ئايەتلەردە دەلىل بار.

• في الآيات دليل على أن الرزق ليس بالاجتهاد، وإنما هو فضل من الله تعالى تولى قسمته.
رىزقنىڭ تېرىشىش بىلەنلا قولغا كەلمەيدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۆزى تەقسىماتىغا ئىگە بولغان ئاللاھنىڭ پەزلى ئىكەنلىكىگە ئايەتلەردە دەلىل بار.

• الجزية واحد من خيارات ثلاثة يعرضها الإسلام على الأعداء، يقصد منها أن يكون الأمر كله للمسلمين بنزع شوكة الكافرين.
جىزيە؛ ئىسلام دۈشمەنلەرگە يولغا قويغان ئۈچ خىل تاللاشنىڭ بىرىدۇر. جىزيە ئېلىشتىكى مەقسەت كاپىرلارنىڭ شەۋكىتىنى تارتىپ ئېلىپ پۈتۈن ئىشلارنى مۇسۇلمانلارنىڭ (ئىلكىدە) قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

• في اليهود من الخبث والشر ما أوصلهم إلى أن تجرؤوا على الله، وتنقَّصوا من عظمته سبحانه.
يەھۇدىلاردا ئاللاھنىڭ زاتى ئىلاھىغا تىل ئۇزۇتۇشقا جۇرئەت قىلالىغۇدەك، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى ۋە ئۇلۇغلىقىنى ئەيىپلىگۈدەك نىجىسلىق بار.

يُرِيدُونَ أَن يُطۡفِـُٔواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَيَأۡبَى ٱللَّهُ إِلَّآ أَن يُتِمَّ نُورَهُۥ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ
بۇ كاپىرلار ۋە بۇلاردىن باشقا كاپىرلانىڭ دىنىدىن مەلۇم بىر دىندا بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىشلىرى ئارقىلىق ئىسلامنى يوق قىلماقچى، ئىسلامدىكى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئېنىق ھۆججەت ۋە ئوچۇق ئىسپاتلارنى، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى باتىلغا چىقارماقچى بولىدۇ. گەرچە كاپىرلار ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى خالىمىسىمۇ، ئاللاھ ئۆز دىنىنى مۇكەممەل ۋە باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ دىنىنى مۇكەممەل ۋە ئۈستۈن قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىر ئىشنى ئىرادە قىلسا باشقىلارنىڭ ئىرادىسى ( ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ئالدىدا ) بىكار بولىدۇ
تفسیرهای عربی:
هُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ رَسُولَهُۥ بِٱلۡهُدَىٰ وَدِينِ ٱلۡحَقِّ لِيُظۡهِرَهُۥ عَلَى ٱلدِّينِ كُلِّهِۦ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡمُشۡرِكُونَ
گەرچە مۇشرىكلار يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئاللاھ ئىسلامدا (ئۇنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ئائىت) ھۆججەت، پاكىت ۋە ئەھكاملار بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنى باشقا دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئىنسانلارنىڭ يولباشچىسى قۇرئان بىلەن ۋە ئىسلام دىندىن ئىبارەت ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى.
تفسیرهای عربی:
۞ يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡأَحۡبَارِ وَٱلرُّهۡبَانِ لَيَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۗ وَٱلَّذِينَ يَكۡنِزُونَ ٱلذَّهَبَ وَٱلۡفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٖ
ئى ئىمان ئېيتقان ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ئەھكاملارغا ئەمەل قىلغان كىشىلەر! يەھۇدىلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن، ناسارالارنىڭ راھىبلىرىدىن نۇرغۇنلىرى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يول بىلەن ئېلىۋالىدۇ. ئۇلار باشقىلارنىڭ ماللىرىنى پارا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا يوللار بىلەن ئېلىۋالىدۇ. كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىغا كىرىشتىن چەكلەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئالتۇن كۈمۈش جۇغلىغان، زاكىتىنى ئادا قىلمىغانلارغا قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئوسال قىلىدىغان قاتتىق ئازاپ بىلەن خەۋەر بەرگىن.
تفسیرهای عربی:
يَوۡمَ يُحۡمَىٰ عَلَيۡهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكۡوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمۡ وَجُنُوبُهُمۡ وَظُهُورُهُمۡۖ هَٰذَا مَا كَنَزۡتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡنِزُونَ
قىيامەت كۈنى ئۇلار يىغىپ ھەققىنى ئادا قىلمىغان ئالتۈن كۈمۈشلىرى جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، تازا قىززىغان چاغدا ئۇنىڭ بىلەن پىشانىلىرى، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كايىپ: «بۇ سىلەرنىڭ جۇغلاپ، ۋاجىپ بولغان ھەققىنى ئاد قىلمىغان مال-دۇنيارىڭلار، سىلەر جۇغلاپ ھەققىنى ئادا قىلمىغان نەرسىنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار دېيىلدۇ».
تفسیرهای عربی:
إِنَّ عِدَّةَ ٱلشُّهُورِ عِندَ ٱللَّهِ ٱثۡنَا عَشَرَ شَهۡرٗا فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ يَوۡمَ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ مِنۡهَآ أَرۡبَعَةٌ حُرُمٞۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُۚ فَلَا تَظۡلِمُواْ فِيهِنَّ أَنفُسَكُمۡۚ وَقَٰتِلُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ كَآفَّةٗ كَمَا يُقَٰتِلُونَكُمۡ كَآفَّةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
شۈبھىسىزكى، ئاسمان ۋە زېمىن يارىتىلغاندىن باشلاپ ئاللاھ لەۋھۇلمەھپۇزدا بېكىتكەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئايلارنىڭ سانى12 دۇر. بۇ 12 ئايدىن تۆت ئايدا ئاللاھ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان، بۇلاردىن زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەمدىن ئىبارەت ئۈچ ئاي ئارقىمۇ-ئارقا، رەجەپ ئېيى يالغۇز كېلىدۇ. تىلغا ئېلىنغان بۇ ئايلارنىڭ سانى ۋە ئۇلاردىن تۆت ئايدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرا دىندۇر. ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش ۋە بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىنى بۇزۇش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلماڭلار. مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ ياردەم بېرىدۇ. كىم ئاللاھ بىلەن بىرگە بولىدىكەن ئۇنى ھېچكىم يېڭەلمەيدۇ
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• دين الله ظاهر ومنصور مهما سعى أعداؤه للنيل منه حسدًا من عند أنفسهم.
ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى دىننى يەرگە ئۇرۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىچە ھەسەد قىلىشىپ قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئاللاھنىڭ دىنى ئۈستۈندۇر ۋە غەلبە قازانغۇچىدۇر.

• تحريم أكل أموال الناس بالباطل، والصد عن سبيل الله تعالى.
كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يېۋىلىشنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشنىڭ ھاراملىقى

• تحريم اكتناز المال دون إنفاقه في سبيل الله.
ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلماستىن مال-دۇنيا يېغىشنىڭ ھاراملىقى

• الحرص على تقوى الله في السر والعلن، خصوصًا عند قتال الكفار؛ لأن المؤمن يتقي الله في كل أحواله.
مۆئمىن ھەرۋاقىت ئاللاھقا تەقۋادار بولىدۇ، خۇسۇسەن جىھاد مەيدانلىرىدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

إِنَّمَا ٱلنَّسِيٓءُ زِيَادَةٞ فِي ٱلۡكُفۡرِۖ يُضَلُّ بِهِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُحِلُّونَهُۥ عَامٗا وَيُحَرِّمُونَهُۥ عَامٗا لِّيُوَاطِـُٔواْ عِدَّةَ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُ فَيُحِلُّواْ مَا حَرَّمَ ٱللَّهُۚ زُيِّنَ لَهُمۡ سُوٓءُ أَعۡمَٰلِهِمۡۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينى ئۇرۇش ھارام قىلىنمىغان ئايغا سۈرۈش ۋە خۇددى ئەرەبلەر جاھىلىيەتتە قىلغىنىدەك ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ ئورنىغا ئۇرۇش ھارام قىلىنمىغان ئاينى ئۆزگەرتىش كۇپرىلىق ئۈستىگە كۇپرىلىقنى زىيادە قىلىشتۇر. چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلار ھەققىدىكى ھۆكمىنى ئىنكار قىلدى. شەيتان كاپىرلارنى بۇ ناچار قىلمىشقا باشلاش ئارقىلىق ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلار بىر يىل ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنى ئۇرۇش ھالال قىلىنغان ئايلارغا ئالماشتۇرسا، يەنە بىر يىل ئاللاھ ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلغان ئايلارنىڭ سانىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلارنىڭ گەرچە دەل ئۆزىنى قالدۇرمىغان بولسىمۇ ھارام قىلىنغان ئايلارنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. ئۇلار بىر ئاينى ھالال قىلسا ئۇنىڭ ئورنىغا يەنە بىر ئاينى ھارام قىلىدۇ. بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئاللاھ ھارام قىلغان ئايلارنى ھالال قىلىدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە خلاپلىق قىلىدۇ. شەيتان ئۇلارغا يامان ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى، ئۇلار ئۇنىڭغا ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەيدا قىلغان ئايلارنى كەينىگە سۈرۈش مەسىلىسى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ كۇپرىلىقىدا چىڭ تۇرغان كاپىرلارغا مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَا لَكُمۡ إِذَا قِيلَ لَكُمُ ٱنفِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱثَّاقَلۡتُمۡ إِلَى ٱلۡأَرۡضِۚ أَرَضِيتُم بِٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا مِنَ ٱلۡأٓخِرَةِۚ فَمَا مَتَٰعُ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا فِي ٱلۡأٓخِرَةِ إِلَّا قَلِيلٌ
ئى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە شەرىئەتكە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار دېيىلسە نېمىشقا ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇشقا مايىل بولىسىلەر؟ ئاللاھ ئۆز يولىدا جىھاد قىلغان مۇجاھىدلارغا تەييارلىغان مەڭگۈلۈك ئاخىرەت نېئمەتلىرىنىڭ ئورنىغا ئۆتكۈنچە دۇنيا ھاياتى ۋە دۇنيانىڭ ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىگە رازى بولدۇڭلارمۇ؟، دۇنيا ھاياتىدىن ھۇزۇرلۇنۇش ئاخىرەت ھاياتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئازغىنە نەرسىدۇر. ئەقىللىق ئادەم قانداقسىگە باقىنى قويۇپ پانىنى، كۆپنى قويۇپ ئازنى تاللايدۇ؟
تفسیرهای عربی:
إِلَّا تَنفِرُواْ يُعَذِّبۡكُمۡ عَذَابًا أَلِيمٗا وَيَسۡتَبۡدِلۡ قَوۡمًا غَيۡرَكُمۡ وَلَا تَضُرُّوهُ شَيۡـٔٗاۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئى مۆئمىنلەر! دۈشمىنىڭلار بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقمىساڭلار ئاللاھ سىلەرنى مەغلۇبىيەت ئارقىلىق جازالايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزىگە ئىتائەتمەن بىر قەۋمنى كەلتۈرىدۇ. ئۇلار جىھادقا سەپەرۋەر قىلىنسا چىقىدۇ. سىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىقىش ئارقىلىق ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر. ئاللاھ سىلەردىن بىھاجەتتۇر. سىلەر ئاللاھقا مۇھتاجسىلەر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر. ئاللاھنى ھېچ نەرسە ئاجىز قىلالمايدۇ. ئاللاھ سىلەرسىزمۇ ئۆز دىنىغا ۋە پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىشكە قادىردۇر.
تفسیرهای عربی:
إِلَّا تَنصُرُوهُ فَقَدۡ نَصَرَهُ ٱللَّهُ إِذۡ أَخۡرَجَهُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ثَانِيَ ٱثۡنَيۡنِ إِذۡ هُمَا فِي ٱلۡغَارِ إِذۡ يَقُولُ لِصَٰحِبِهِۦ لَا تَحۡزَنۡ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَنَاۖ فَأَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَيۡهِ وَأَيَّدَهُۥ بِجُنُودٖ لَّمۡ تَرَوۡهَا وَجَعَلَ كَلِمَةَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلسُّفۡلَىٰۗ وَكَلِمَةُ ٱللَّهِ هِيَ ٱلۡعُلۡيَاۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ياردەم بەرمىسەڭلار، يەنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىساڭلار، ئاللاھ ئۇنىڭغا سىلەرسىزمۇ ياردەم قىلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا مۇشرىكلار ئۇنى ۋە ئەبۇبەكرىنى ھەيدەپ چىقىرىۋەتتى. ئەينى چاغدا ئۇ ئىككىسى ئۆزلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەن كاپىرلاردىن يۇشۇرۇنۇش ئۈچۈن سەۋر غارىدا ئىدى. ئەينى چاغدا ئەبۇ بەكرى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) مۇشرىكلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېپىۋىلىشىدىن ئەنسىرىگەن چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەمراھى ئەبۇ بەكرىگە: «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېدى، ئاللاھ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىگە خاتىرجەملىك بېغىشلىدى ۋە ئۇنى كۈچلەندۈرۈپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەردىن ئىبارەت، سىلەر كۆرەلمەيدىغان قوشۇنلارنى چۈشۈردى. مۇشرىكلارنىڭ كەلىمىسى تۆۋەن، ئىسلامنى ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلدى. ئاللاھ زاتىدا، پادىشاھلىقىدا غالىبدۇر. ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ۋە تەقدىر قىلىشتا، ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• العادات المخالفة للشرع بالاستمرار عليها دونما إنكار لها يزول قبحها عن النفوس، وربما ظُن أنها عادات حسنة.
شەرىئەتكە زىت ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئىنكار قىلماستىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بۇ ئىشلارنىڭ خاتالىقىنى قەلبتىن يوق قىلىۋىتىدۇ. بەلكىم بۇ ئىشلار ياخشى ئادەت دەپ قارىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

• عدم النفير في حال الاستنفار من كبائر الذنوب الموجبة لأشد العقاب، لما فيها من المضار الشديدة.
جىھادقا سەپەرۋەر قىلىنسا چىقماسلىق ئېغىر زىيانغا سەۋەب بولغاچقا قاتتىق ئازابقا ئېلىپ بارىدىغان چوڭ گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

• فضيلة السكينة، وأنها من تمام نعمة الله على العبد في أوقات الشدائد والمخاوف التي تطيش فيها الأفئدة، وأنها تكون على حسب معرفة العبد بربه، وثقته بوعده الصادق، وبحسب إيمانه وشجاعته.
خاتىرجەملىكنىڭ پەزىلىتى، ھەقىقەتەن خاتىرجەملىك بولسا؛ قەلبلەر تېڭىرقىغان قىيىن ۋە قورقۇنۇچلۇق ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ بەندىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. خاتىرجەملىك بەندىنىڭ رەببىنى تونۇشى، رەببىنىڭ چىن ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىسىگە ۋە بەندىنىڭ ئىمانى ۋە شۇجائىتىگە قارىتا بولىدۇ.

• أن الحزن قد يعرض لخواص عباد الله الصدِّيقين وخاصة عند الخوف على فوات مصلحة عامة.
ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ راستچىل خاس بەنلىرى غەمگە دۇچار بولىدۇ، بولۇپمۇ كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىدىن ئەنسىرىگەن چاغلاردا تېخمۇ شۇنداق.

ٱنفِرُواْ خِفَافٗا وَثِقَالٗا وَجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِكُمۡ وَأَنفُسِكُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئى مۆئمىنلەر! قىيىنچىلىق ۋە ئاسانچىلىقتا، ياشلىق ۋە قېرىلىقتا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىڭلار. ماللىرىڭلار ۋە جانلىرىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار. ھەقىقەتەن ماللار ۋە جانلار بىلەن جىھاد قىلىش (ئۇلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە باغلىنىپ سودا-سېتىق قىلىشتىن) دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىكراقتۇر. ئەگەر سىلەر بۇنى بىلسەڭلار جىھاد قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇڭلار.
تفسیرهای عربی:
لَوۡ كَانَ عَرَضٗا قَرِيبٗا وَسَفَرٗا قَاصِدٗا لَّٱتَّبَعُوكَ وَلَٰكِنۢ بَعُدَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلشُّقَّةُۚ وَسَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَوِ ٱسۡتَطَعۡنَا لَخَرَجۡنَا مَعَكُمۡ يُهۡلِكُونَ أَنفُسَهُمۡ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر سەندىن جىھادقا چىقماسلىققا ئىزنى سورىغان مۇناپىقلار سىلەر چاقىرىۋاتقان نەرسە ئاسان قولغا كېلىدىغان غەنىمەت، يەنى جاپاسى يوق بولغان سەپەر بولسا ئىدى ئۇلار ساڭا ئەگىشەتتى. سەن ئۇلارنى چاقىرغان مۇساپە دۈشمەننى كېسىپ ئۆتكەچكە ئۇلارغا يىراق بىلىنىپ ئۇلار جىھادقا چىقمىدى. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن چېغىڭدا ئۇلار قەسەم قىلىپ: ئەگەر سىلەر بىلەن جىھادقا چىقىشقا قۇربىمىز يەتكەن بولسا ئەلۋەتتە چىقاتتۇق، دەيدۇ. ئۇلار جىھادقا چىقمىغانلىق ۋە يالغان قەسەم ئىچكەنلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلىپ ھالاك بولىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دەۋاسىدا ۋە بۇ قەسەملىرىدە يالغانچى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
عَفَا ٱللَّهُ عَنكَ لِمَ أَذِنتَ لَهُمۡ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْ وَتَعۡلَمَ ٱلۡكَٰذِبِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ جىھادقا چىقماسلىقىغا ئىزنى بېرىش ھەققىدىكى ئىجتىھادىڭنى ئاللاھ كەچۈردى. بايان قىلغان ئۆزرىلىرىدە راست سۆزلىگۈچىلەر بىلەن يالغان سۆزلىگۈچىلەر ساڭا ئېنىق بولمىغۇچە نېمىشقا ئۇلارغا ئىزنى بەردىڭ؟ ئەگەر راستچىللار بىلەن يالغانچىلار ئېنىقلانغان بولسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يالغانچىلارنى قويۇپ راستچىللارغا ئىزنى بېرەتتىڭ.
تفسیرهای عربی:
لَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ أَن يُجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلۡمُتَّقِينَ
ئى پەيغەمبەر؟ ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلماسلىق ھەققىدە ئىزنى سوراش ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنگەن مۆئمىنلەرگە لايىق ئەمەس. بەلكى ئۇلار قاچان جىھادقا چاقىرىلسا (شۇ ھامان) چىقىش، ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلىش ئۇلارغا لايىقتۇر. ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن سەن بىلەن جىھادقا چىقىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئۆزرۈسى بولمىسىلا، سەندىن جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە ئىزنى سورىمايدىغان تەقۋادارلارنى ئوبدان بىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِنَّمَا يَسۡتَـٔۡذِنُكَ ٱلَّذِينَ لَا يُؤۡمِنُونَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱرۡتَابَتۡ قُلُوبُهُمۡ فَهُمۡ فِي رَيۡبِهِمۡ يَتَرَدَّدُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە سەندىن ئىزنى سوراۋاتقانلار بولسا، ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان مۇناپىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە ئاللاھنىڭ دىنى ھەققىدە شەك چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتنى تاپالماي گۇمانلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈيدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَلَوۡ أَرَادُواْ ٱلۡخُرُوجَ لَأَعَدُّواْ لَهُۥ عُدَّةٗ وَلَٰكِن كَرِهَ ٱللَّهُ ٱنۢبِعَاثَهُمۡ فَثَبَّطَهُمۡ وَقِيلَ ٱقۡعُدُواْ مَعَ ٱلۡقَٰعِدِينَ
ئەگەر ئۇلار سەن بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقىش نىيىتى بارلىقى دەۋاسىدا راستچىل بولغان بولسا، ھازىرلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق تەييارلىق قىلاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ سەن بىلەن چىقىشىنى ياقتۇرمىدى. شۇڭا جىھادقا چىقىش ئۇلارغا ئېغىر كەلدى-دە نەتىجىدە ئۇلار ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشنى تاللىدى.
تفسیرهای عربی:
لَوۡ خَرَجُواْ فِيكُم مَّا زَادُوكُمۡ إِلَّا خَبَالٗا وَلَأَوۡضَعُواْ خِلَٰلَكُمۡ يَبۡغُونَكُمُ ٱلۡفِتۡنَةَ وَفِيكُمۡ سَمَّٰعُونَ لَهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
بۇ مۇناپىقلارنىڭ سىلەر بىلەن بىللە جىھادقا چىقمىغىنى ياخشى، چۈنكى ئۇلار سىلەر بىلەن چىققان بولسا ئاراڭلاردا ئۈمۈتسىزلەندۈرۈش ۋە باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە شۈبھى تاشلاش ئارقىلىق پىتنە-پاساتنى كۆپەيتەتتى. سىلەرنى بۆلىۋېتىش ئۈچۈن ئاراڭلاردا سۇخەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئى مۆئمىنلەر! ئاراڭلاردا ئۇلارنىڭ تارقىتىپ يۈرگەن يالغانلىرىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىپ تارقىتىدىغانلار بار. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ئىختىلاپ يۈز بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەر ئارىسىدا سۈيقەست ۋە شەك-شۈبھى تارقىتىپ يۈرۈيدىغان مۇناپىقلاردىن ئىبارەت زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب الجهاد بالنفس والمال كلما دعت الحاجة.
ئېھتىياج چۈشكەندە جان ۋە مال-دۇنيا بىلەن جىھاد قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

• الأيمان الكاذبة توجب الهلاك.
يالغان قەسەم ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ.

• وجوب الاحتراز من العجلة، ووجوب التثبت والتأني، وترك الاغترار بظواهر الأمور، والمبالغة في التفحص والتريث.
ئىشلارنىڭ سىرتقى يۈزىگىلا ئالدىنىپ قالماستىن، ئالدىراقسانلىقتىن ساقلىنىپ، تەمكىن ۋە سالماق بولۇپ، ياخشى تەكشۈرۈشنىڭ ۋاجىپلىقى

• من عناية الله بالمؤمنين تثبيطه المنافقين ومنعهم من الخروج مع عباده المؤمنين، رحمة بالمؤمنين ولطفًا من أن يداخلهم من لا ينفعهم بل يضرهم.
مۆئمىنلەرنىڭ ئارىسىغا ئۇلارغا مەنپەئەتى يوق بەلكى زىيىنى بار كىشىلەرنىڭ كىرىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارغا جىھادقا چىقىشنى ئېغىر كىلىدىغان ئىبادەت قىلىپ قويۇشى ۋە ئۇلارنى مۆئمىنلەر بىلەن جىھادقا چىقىشتىن چەكلىشى بولسا، مۆئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ لۇتپى ئېھسانى ۋە كۆيۈنىشىدۇر.

لَقَدِ ٱبۡتَغَوُاْ ٱلۡفِتۡنَةَ مِن قَبۡلُ وَقَلَّبُواْ لَكَ ٱلۡأُمُورَ حَتَّىٰ جَآءَ ٱلۡحَقُّ وَظَهَرَ أَمۡرُ ٱللَّهِ وَهُمۡ كَٰرِهُونَ
مۇناپىقلار تەبۇك غازىتىدىن ئىلگىرى مۆئمىنلەرنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارنى پارچىلاش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلىشقا ھېرىسمەن ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلار تاكى ساڭا ئاللاھنىڭ ياردىمى كېلىپ، ئاللاھ دىنىنى غالىپ قىلغان ۋە دۈشمەنلىرىنى يەر چىشلەتكەنگە قەدەر، سىنىڭ جىھاد قىلىش ئىرادەڭنىڭ سۇنىشىغا تەسىر كۆرسۈتۈشى ئۈچۈن ساڭا ھەرخىل ھىلە-مىكىرلەرنى قىلدى. ھالبۇكى ئۇلار باتىلنىڭ ھەقىقەتتىن غالىب كېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.
تفسیرهای عربی:
وَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ ٱئۡذَن لِّي وَلَا تَفۡتِنِّيٓۚ أَلَا فِي ٱلۡفِتۡنَةِ سَقَطُواْۗ وَإِنَّ جَهَنَّمَ لَمُحِيطَةُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
مۇناپىقلار ئىچىدە ھەرخىل ئۆزۈرلەرنى ئېيتىدىغانلىرى بار بولۇپ ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ جىھادقا چىقماسلىقىمغا رۇخسەت قىلغىن، مەن رۇمنىڭ ئاياللىرىنى كۆرگەن چېغىمدا ئۇلارنىڭ پىتنىسى سەۋەبلىك گۇناھقا چۈشۈپ قالماسلىقىم ئۈچۈن مېنى ئۆزۈڭ بىلەن چىقىشقا مەجبۇرلىمىغىن، دەيدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇلار مۇناپىقلىقنىڭ پىتنىسى ۋە جىھادتىن قىلىپ قېلىش پىتنىسىدىن ئىبارەت ئويلىغىنىدىنمۇ چوڭ پىتنىگە گىرىپتار بولدى. شۈبھىسىزكى جەھەننەم قىيامەت كۈنى كاپىرلارنى ئوراپ تۇرىدۇ. ئۇلاردىن بىرەرسىمۇ قۇتۇلالمايدۇ ۋە قاچىدىغان جايمۇ تاپالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
إِن تُصِبۡكَ حَسَنَةٞ تَسُؤۡهُمۡۖ وَإِن تُصِبۡكَ مُصِيبَةٞ يَقُولُواْ قَدۡ أَخَذۡنَآ أَمۡرَنَا مِن قَبۡلُ وَيَتَوَلَّواْ وَّهُمۡ فَرِحُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ساڭا ئاللاھ تەرەپتىن سېنى خۇشال قىلىدىغان غەلبە ياكى غەنىمەت ( دېگەندەك ) بىرەر نېئمەت كەلسە ئۇلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قايغۇرىدۇ. ئەگەر ساڭا قىيىنچىلىق ياكى دۈشمەنگە يېڭىلىشكە ئوخشاش بىرەر مۇسىيبەت كەلسە ئۇلار: دىققەت قىلغان ئىكەنمىز، جەڭگە چىقماي ئىشنىڭ ئالدىنى ئالغان ئىكەنمىز، مۆئمىنلەر جىھادقا چىقىپ ئۆلۈم ۋە ئەسىرگە چۈشۈشكە دۇچ كەلدى، دېيىشىدۇ. ئاندىن كېيىن مۇناپىقلار سالامەت قالغانلىقىدىن خۇشاللىنىپ ئائىلىسىگە قايتىشىدۇ.
تفسیرهای عربی:
قُل لَّن يُصِيبَنَآ إِلَّا مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَنَا هُوَ مَوۡلَىٰنَاۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارغا ئېيتقىنكى: بىزگە پەقەت ئاللاھنىڭ تەقدىر قىلغان نەرسىسى يېتىدۇ، ئۇ بىزنىڭ پاناھلىنىدىغان پاناھگاھىمىز، بىز ئىشلىرىمىزدا ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارمىز، مۆئمىنلەر ئىشلىرىنى يەككە-يېگانە ئاللاھقىلا تاپشۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كۇپايە قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ۋەكىل!.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ هَلۡ تَرَبَّصُونَ بِنَآ إِلَّآ إِحۡدَى ٱلۡحُسۡنَيَيۡنِۖ وَنَحۡنُ نَتَرَبَّصُ بِكُمۡ أَن يُصِيبَكُمُ ٱللَّهُ بِعَذَابٖ مِّنۡ عِندِهِۦٓ أَوۡ بِأَيۡدِينَاۖ فَتَرَبَّصُوٓاْ إِنَّا مَعَكُم مُّتَرَبِّصُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر بىزنىڭ غەلبە قازىنىش ياكى شېھىت بولۇشقا ئېرىشىشىمىزنى كۈتىۋاتىسىلەر، بىزمۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز دەرگاھىدىن ھالاك قىلىدىغان ئازاب چۈشۈرۈشنى ياكى ئاللاھ بىزگە سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا رۇخسەت بەرگەن چاغدا سىلەرنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئەسىر ئېلىش ئارقىلىق قوللىرىمىز بىلەن جازالىشىمىزنى كۈتىمىز، سىلەرمۇ بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىزنى كۈتۈڭلار، بىزمۇ سىلەرنىڭ ئاقىۋىتىڭلارنى كۈتەيلى.
تفسیرهای عربی:
قُلۡ أَنفِقُواْ طَوۡعًا أَوۡ كَرۡهٗا لَّن يُتَقَبَّلَ مِنكُمۡ إِنَّكُمۡ كُنتُمۡ قَوۡمٗا فَٰسِقِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: سىلەر ئىختىيارى ياكى مەجبۇرى قانچىلىك مال سەرپ قىلساڭلارمۇ ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققان كاپىر قەۋم بولغىنىڭلار ئۈچۈن سەرپ قىلغان نەرسەڭلار ھەرگىزمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَمَا مَنَعَهُمۡ أَن تُقۡبَلَ مِنۡهُمۡ نَفَقَٰتُهُمۡ إِلَّآ أَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَبِرَسُولِهِۦ وَلَا يَأۡتُونَ ٱلصَّلَوٰةَ إِلَّا وَهُمۡ كُسَالَىٰ وَلَا يُنفِقُونَ إِلَّا وَهُمۡ كَٰرِهُونَ
ئۇلارنىڭ نەپىقىسىنىڭ قۇبۇل بولماسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ سەۋەبتىن ئىبارەتتۇر: ئۇلار ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. ناماز ئوقۇغاندا ھۇرۇنلۇق قىلىدۇ، پۇل-مېلىنى ئىختىيارى نەپىقە قىلمايدۇ بەلكى مەجبۇرى نەپىقە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار نامازلىرىدا ياكى نەپىقىلىرىدە ساۋاپ ئۈمىد قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• دأب المنافقين السعي إلى إلحاق الأذى بالمسلمين عن طريق الدسائس والتجسس.
سۈيقەست يولى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا ئەزىيەت بېرىشكە تېرىشىش مۇناپىقلارنىڭ ئادىتىدۇر.

• التخلف عن الجهاد مفسدة كبرى وفتنة عظمى محققة، وهي معصية لله ومعصية لرسوله.
جىھادقا چىقماي قېلىپ قېلىش ئېغىر بۇزۇقچىلىق ۋە ھەقىقىي چوڭ پىتنە-پاساتتۇر. ئۇ ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئاسى بولغانلىقتۇر.

• في الآيات تعليم للمسلمين ألا يحزنوا لما يصيبهم؛ لئلا يَهِنوا وتذهب قوتهم، وأن يرضوا بما قدَّر الله لهم، ويرجوا رضا ربهم؛ لأنهم واثقون بأن الله يريد نصر دينه.
ئايەتلەردە، مۇسۇلمانلارغا بوشىشىپ، كۈچ قۇۋۋىتى كېتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇچرىغان مۇسىبەتلەرگە قايغۇرماسلىق، ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولۇش، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز دىنىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىغا چىن پۈتكەنلىكى ئۈچۈن پەرۋەردىگارىنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىش قاتارلىقلار تەلىم بېرىلگەن.

• من علامات ضعف الإيمان وقلة التقوى التكاسل في أداء الصلاة والإنفاق عن غير رضا ورجاء للثواب.
نامازنى ئادا قىلىشقا ھۇرۇنلۇق قىلىش، رازى بولماستىن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلماستىن پۇل-مال سەرپ قىلىش ئىماننىڭ سۇسلىقى ۋە تەقۋالىقنىڭ ئازلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

فَلَا تُعۡجِبۡكَ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُهُمۡۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيُعَذِّبَهُم بِهَا فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَتَزۡهَقَ أَنفُسُهُمۡ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن ۋە ساڭا چىرايلىق كۆرۈنۈپمۇ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ مال-مۈلكى ۋە بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتى ناچاردۇر. تاكى ئاللاھ ئۇلارنىڭ جانلىرىنى كاپىر پېتى چىقىرىپ، دەۋزەخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار قىلغانغا قەدەر ئۇلارنى مال-دۇنياغا ئېرىشىش ئۈچۈن چارچىتىش ، ھاردۇرۇش ۋە مال-دۇنياسىغا كەلگەن مۇسىبەتلەر ئارقىلىق ئازاپلايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ إِنَّهُمۡ لَمِنكُمۡ وَمَا هُم مِّنكُمۡ وَلَٰكِنَّهُمۡ قَوۡمٞ يَفۡرَقُونَ
ئى مۆمىنلەر! مۇناپىقلار: «چوقۇم بىز سىلەردىن» دەپ يالغان قەسەم ئىچىدۇ. ئۇلار گەرچە ئۆزلىرىنىڭ سىلەر بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ قەلبلىرىدە سىلەر بىلەن ئەمەس. لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە مۇشرىكلار ئۇچرىغان ئۆلتۈرۈلۈش، ئەسىرگە چۈشۈش قاتارلىقلارغا يولۇقۇشتىن قورقۇپ، ئاغزىدا مۇسۇلمان بولغان قورقۇنچاق قەۋمدۇر.
تفسیرهای عربی:
لَوۡ يَجِدُونَ مَلۡجَـًٔا أَوۡ مَغَٰرَٰتٍ أَوۡ مُدَّخَلٗا لَّوَلَّوۡاْ إِلَيۡهِ وَهُمۡ يَجۡمَحُونَ
ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى پاناھلانغۇدەك بىرەر قورغان ياكى تاغلاردا يۇشۇرۇنغۇدەك غار ياكى كىرىۋالىدىغان گەمىنى تاپقان بولسا ئىدى، ئۇلار تىزلا شۇ يەرگە كېرىپ پاناھلىناتتى.
تفسیرهای عربی:
وَمِنۡهُم مَّن يَلۡمِزُكَ فِي ٱلصَّدَقَٰتِ فَإِنۡ أُعۡطُواْ مِنۡهَا رَضُواْ وَإِن لَّمۡ يُعۡطَوۡاْ مِنۡهَآ إِذَا هُمۡ يَسۡخَطُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ بەزىسى خالىغىنىغا ئىرىشەلمىگىنىدە سېنىڭ سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارغا تەلەپ قىلغىنىنى بەرسەڭ سەندىن رازى بولىدۇ. ئەگەر بەرمىسەڭ غۇدىرايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَوۡ أَنَّهُمۡ رَضُواْ مَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ وَقَالُواْ حَسۡبُنَا ٱللَّهُ سَيُؤۡتِينَا ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ وَرَسُولُهُۥٓ إِنَّآ إِلَى ٱللَّهِ رَٰغِبُونَ
سېنىڭ سەدىقىلەرنى تەقسىم قىلىشىڭنى ئەيىپلەۋاتقان مۇناپىقلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بەرگىنىگە رازى بولۇپ: «ئاللاھ بىزگە كۇپايە قىلغۇچىدۇر، بىزگە ئۆز پەزلىدىن خالىغىنىنى بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ئاللاھ بەرگىنىدىن بېرىدۇ، بىز ئاللاھتىن ئۇنىڭ پەزلىنى ئۆتۈنۈپ سورۇغۇچىلارمىز» دېگەن بولسا ئىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە سېنى ئەيىپلىگىنىدىن ياخشى بولاتتى.
تفسیرهای عربی:
۞ إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
زاكات؛ پەقەت ھۆنىرى ياكى خىزمىتى بار، ئەمما تاپقىنى تۇرمۇشىغا يەتمەيدىغان، باشقىلار دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيدىغان بىر نەرسىسى يوق پېقىرلارغا، ئەھۋالىدىن ياكى قىلغان سۆزلىرىدىن (كەمبەغەللىكى) كىشىلەرگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مىسكىنلەرگە، ئىمام زاكات توپلاش ئۈچۈن ئەۋەتكەن زاكات خادىملىرىغا، ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان كاپىرلارغا ياكى ئىمانىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىمانى ئاجىز كىشىلەرگە ياكى ئىقتىساد ئارقىلىق يامانلىقىدىن ساقلىنىلىدىغان كىشىلەرگە، ئازات قىلىنىدىغان قۇللارغا، قەرزلىرىنى تۆلىيەلمىگەن، ئىسراپ قىلمايدىغان ۋە گۇناھ مەئسىيەتكە ئىشلەتمەيدىغان قەرزدارلارغا، ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدلارنى تەييارلاشقا، نەپىقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىر قاتارلىقلارغا بېرىلىشى ۋاجىپتۇر. زاكاتنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كىشىلەرگىلا بېرىش ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدۇر. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا، ھۆكۈمنى يولغا قويۇشدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنۡهُمُ ٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ ٱلنَّبِيَّ وَيَقُولُونَ هُوَ أُذُنٞۚ قُلۡ أُذُنُ خَيۡرٖ لَّكُمۡ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَيُؤۡمِنُ لِلۡمُؤۡمِنِينَ وَرَحۡمَةٞ لِّلَّذِينَ ءَامَنُواْ مِنكُمۡۚ وَٱلَّذِينَ يُؤۡذُونَ رَسُولَ ٱللَّهِ لَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
مۇناپىقلارنىڭ بەزىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سۆزى ئارقىلىق ئەزىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ مۇلايىملىقىنى كۆرگەن چاغدا: ئۇ ھەر قانداق ئادەمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ھەق بىلەن ناھەقنىڭ ئارىسىنى ئايرىمايدۇ، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: «پەيغەمبەر پەقەت پايدىلىق سۆزلەرنىلا ئاڭلاپ ئىشىنىدۇ، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ، راستچىل مۆئمىنلەرنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۈنىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىشى ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۈچۈن رەھمەتتۇر. ئۇنىڭغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغانلار قاتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الأموال والأولاد قد تكون سببًا للعذاب في الدنيا، وقد تكون سببًا للعذاب في الآخرة، فليتعامل العبد معهما بما يرضي مولاه، فتتحقق بهما النجاة.
مال-مۈلۈك ۋە ئەۋلادلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئازابقا سەۋەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بەندە مال-دۇنيا ۋە پەرزەنتلىرى بىلەن پەرۋەردىگارىنى رازى قىلىدىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلسۇن. ئاندىن بۇ ئىككىسى بەندىنىڭ نىجات تېپىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

• توزيع الزكاة موكول لاجتهاد ولاة الأمور يضعونها على حسب حاجة الأصناف وسعة الأموال.
زاكاتنى تارقىتىش زاكاتقا ھەقلىق كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ۋە زاكات مېلىنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ ئىش ئىگىلىرىنىڭ ئىجتىھادىغا تاپشۇرىلىدۇ.

• إيذاء الرسول صلى الله عليه وسلم فيما يتعلق برسالته كفر، يترتب عليه العقاب الشديد.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بېرىش كۇپرىلىقتۇر. بۇ ئېغىر ئازابقا سەۋەپ بولىدۇ.

• ينبغي للعبد أن يكون أُذن خير لا أُذن شر، يستمع ما فيه الصلاح والخير، ويُعرض ترفُّعًا وإباءً عن سماع الشر والفساد.
بەندە يامانلىققا ئەمەس ياخشىلىققا قولاق سېلىشى، پايدىلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ، يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىق ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمۡ لِيُرۡضُوكُمۡ وَٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥٓ أَحَقُّ أَن يُرۡضُوهُ إِن كَانُواْ مُؤۡمِنِينَ
ئى مۆئمىنلەر! ئۇلار سىلەرنى رازى قىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەرگە تېگىدىغان گەپنى قىلمىدۇق دەپ ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي مۆئمىن بولسا ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل بىلەن رازى قىلىشى كېرەك ئىدى.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّهُۥ مَن يُحَادِدِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ فَأَنَّ لَهُۥ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدٗا فِيهَاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡخِزۡيُ ٱلۡعَظِيمُ
بۇ مۇناپىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىدىكەن قىيامەت كۈنى جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئەنە شۇ چوڭ خارلىق ۋە رەسۋالىقتۇر.
تفسیرهای عربی:
يَحۡذَرُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ أَن تُنَزَّلَ عَلَيۡهِمۡ سُورَةٞ تُنَبِّئُهُم بِمَا فِي قُلُوبِهِمۡۚ قُلِ ٱسۡتَهۡزِءُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ مُخۡرِجٞ مَّا تَحۡذَرُونَ
مۇناپىقلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۇلار كۆڭۈللىرىدە يۇشۇرغان كۇپرىلىقنى مۆئمىنلەرگە بىلدۈرىدىغان بىرەر سۈرىنىڭ نازىل قىلىنىشىدىن قورقىدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى:«ئى مۇناپىقلار! دىننى مەسىخىرە قىلىش ۋە دىنغا تەنە قىلىشىڭلارنى داۋاملاشتۇرۇڭلار. ئاللاھ بىرەر سۈرىنى چۈشۈرۈش ياكى پەيغەمبىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىش ئارقىلىق سىلەر قورقۇۋاتقان نەرسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغىچىدۇر».
تفسیرهای عربی:
وَلَئِن سَأَلۡتَهُمۡ لَيَقُولُنَّ إِنَّمَا كُنَّا نَخُوضُ وَنَلۡعَبُۚ قُلۡ أَبِٱللَّهِ وَءَايَٰتِهِۦ وَرَسُولِهِۦ كُنتُمۡ تَسۡتَهۡزِءُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ ساڭا خەۋەر قىلغىنىدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ دىنغا تەنە قىلغانلىقى ۋە مۆئمىنلەرنى تىللىغانلىقىنى سورىساڭ، ئۇلار: «بىز چاخچاق قىلىپ قويغان، راست دېمىگەن ئىدۇق» دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى: سىلەر ئاللاھنىڭ دىنىنى، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى مەسخىرە قىلدىڭلارمۇ؟!، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
لَا تَعۡتَذِرُواْ قَدۡ كَفَرۡتُم بَعۡدَ إِيمَٰنِكُمۡۚ إِن نَّعۡفُ عَن طَآئِفَةٖ مِّنكُمۡ نُعَذِّبۡ طَآئِفَةَۢ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ مُجۡرِمِينَ
سىلەر يالغاندىن ئۆزرە ئېيتماڭلار. سىلەر كۇپرىنى يۇشۇرغىنىڭلاردىن كېيىن ( دىننى) مەسخىرە قىلغىنىڭلار سەۋەبىدىن كاپىر بولۇپ كەتتىڭلار. ئەگەر سىلەردىن بىر گورۇھنى مۇناپىقلىقىنى تاشلاپ تەۋبە قىلغانلىقى ۋە ئاللاھقا ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن ئەپۇ قىلساق، تەۋبە قىلماي مۇناپىقلىقىدا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر گوروھنى جازالايمىز.
تفسیرهای عربی:
ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتُ بَعۡضُهُم مِّنۢ بَعۡضٖۚ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡمُنكَرِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَقۡبِضُونَ أَيۡدِيَهُمۡۚ نَسُواْ ٱللَّهَ فَنَسِيَهُمۡۚ إِنَّ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ هُمُ ٱلۡفَٰسِقُونَ
مۇناپىق ئەرلەر بىلەن مۇناپىق ئاياللار مۇناپىقلىقتا ئوخشاشتۇر. ئۇلار مۆئمىنلەرگە قارشى تۇرىدۇ. يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن چەكلەيدۇ. مال-دۇنياسىغا بېخىللىق قىلىپ، ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلمايدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى تەرك ئېتىدۇ. ئاللاھمۇ ئۇلارغا مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلمايدۇ. شۈبھىسىزكى، مۇناپىقلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە ھەق يولدىن ئاللاھقا ئاسى بولۇش ئارقىلىق ئازغۇنلۇققا مۇپتىلا بولغانلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتِ وَٱلۡكُفَّارَ نَارَ جَهَنَّمَ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ هِيَ حَسۡبُهُمۡۚ وَلَعَنَهُمُ ٱللَّهُۖ وَلَهُمۡ عَذَابٞ مُّقِيمٞ
ئاللاھ تەۋبە قىلمىغان مۇناپىقلار ۋە كاپىرلارغا مەڭگۈلۈك دەۋزەخكە كىرىشنى ۋەدە قىلدى. دەۋزەخ ئۇلارنى ئازاپلاشقا يىتەرلىكتۇر. ئاللاھ ئۇلارنى رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ئۇلار مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• قبائح المنافقين كثيرة، ومنها الإقدام على الأيمان الكاذبة، ومعاداة الله ورسوله، والاستهزاء بالقرآن والنبي والمؤمنين، والتخوف من نزول سورة في القرآن تفضح شأنهم، واعتذارهم بأنهم هازلون لاعبون، وهو إقرار بالذنب، بل هو عذر أقبح من الذنب.
مۇناپىقلارنىڭ قەبىھ ئىشلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن: يالغان قەسەم ئىچىش، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۈشمەنلىك قىلىش، قۇرئاننى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋە مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلىش، قۇرئاندا ئۇلارنى رەسۋا قىلىدىغان بىرەر سۈرىنىڭ چۈشىشىدىن قورقۇش، ئۇلارنىڭ چاقچاق قىلىپ، ئوينىشىپ قويدۇق دەپ ئۆزرە ئېيتىشى قاتارلىقلاردۇر. ئۇلارنىڭ بۇ ئۆزرىسى گۇناھنى ئىتراپ قىلغانلىق بولۇپ، بەلكى گۇناھتىنمۇ قەبىھراق ئۆزرە ئېيتىشتۇر.

• لا يُقبل الهزل في الدين وأحكامه، ويعد الخوض بالباطل في كتاب الله ورسله وصفاته كفرًا.
دىن ۋە دىننىڭ ئەھكاملىرىدا چاقچاق قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە باتىلغا ئەگىشىش كۇپرى ھېسابلىنىدۇ.

• النّفاق: مرض عُضَال متأصّل في البشر، وأصحاب ذلك المرض متشابهون في كل عصر وزمان في الأمر بالمنكر والنّهي عن المعروف، وقَبْض أيديهم وإمساكهم عن الإنفاق في سبيل الله للجهاد، وفيما يجب عليهم من حق.
مۇناپىقلىق ئىنسانىيەتتە يىلتىز تارتىپ كەتكەن ساقايماس كېسەل. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھەر قانداق زامان ۋە ماكاندا يامانلىققا بۇيرۇپ، ياخشىلىقتىن توسۇش، جىھاد ئۈچۈن ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشتا قوللىرىنى يىغىۋېلىش، ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشتىن قېچىش قاتارلىقلاردا ( ھەممىسى) ئوخشاش

• الجزاء من جنس العمل، فالذي يترك أوامر الله ويأتي نواهيه يتركه من رحمته.
قانداق گۇناھ سادىر قىلسا شۇنداق جازالىنىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى تەرك ئىتىپ، چەكلىمىلىرىنى قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

كَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنكُمۡ قُوَّةٗ وَأَكۡثَرَ أَمۡوَٰلٗا وَأَوۡلَٰدٗا فَٱسۡتَمۡتَعُواْ بِخَلَٰقِهِمۡ فَٱسۡتَمۡتَعۡتُم بِخَلَٰقِكُمۡ كَمَا ٱسۡتَمۡتَعَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُم بِخَلَٰقِهِمۡ وَخُضۡتُمۡ كَٱلَّذِي خَاضُوٓاْۚ أُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئى مۇناپىقلار جامائەسى! سىلەر كۇپرىلىق ۋە (دىننى) مەسخىرە قىلىشتا سىلەردىن ئىلگىرىكى ھەقنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتكە ئوخشايسىلەر. ئۇلار كۈچ -قۇۋۋەتتە سىلەردىن كۈچلۈك، مال-مۈلكى ۋە ئەۋلاتلىرى سىلەرنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ئىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ۋە ھۇزۇر-ھالاۋەتلىرىدىن ئۆزلىرىگە پۈتۈلگەن نېسىۋىسىدىن مەنپەئەتلەندى. ئى مۇناپىقلار! ئىلگىرىكى ئۈممەتلەر ئۆز نېسىۋىسىدىن مەنپەئەتلەنگىنىدەك سىلەرمۇ بەلگىلەنگەن نېسىۋەڭلەردىن مەنپەئەتلەندىڭلار. ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغىنى ۋە پەيغەمبەرلىرىگە تەنە قىلغىنىغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىپ پەيغەمبەرگە ئەزىيەت قىلدىڭلار. ئەنە شۇ ناچار سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەنلەر؛ كۈپرىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەمەللىرى باتىل بولۇپ كەتتى. ئۇلار ھالاكەت ئۇرۇنلىرىغا كېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان كىشىلەردۇر.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَأۡتِهِمۡ نَبَأُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡ قَوۡمِ نُوحٖ وَعَادٖ وَثَمُودَ وَقَوۡمِ إِبۡرَٰهِيمَ وَأَصۡحَٰبِ مَدۡيَنَ وَٱلۡمُؤۡتَفِكَٰتِۚ أَتَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى ئۈممەتلەرنىڭ، نوھ، ھۇد، سالىھ، ئىبراھىم قەۋمىنىڭ، مەديەن ئاھالىسىنىڭ، لۇت قەۋمى قىشلاقلىرىنىڭ ئۇچرىغان ئازابلىرىنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا ئېنىق پاكىت ۋە ئوچۇق ھۆججەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى. پەيغەمبەرلىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. لېكىن ئۇلار ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَٱلۡمُؤۡمِنُونَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتُ بَعۡضُهُمۡ أَوۡلِيَآءُ بَعۡضٖۚ يَأۡمُرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَيَنۡهَوۡنَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَيُطِيعُونَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥٓۚ أُوْلَٰٓئِكَ سَيَرۡحَمُهُمُ ٱللَّهُۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
مۆئمىن ئەرلەر، مۆئمىن ئاياللارنىڭ ئارىسىنى ئىمان جەملەپ تۇرغاچقا ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەمدە بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، تەۋھىد ۋە نامازغا ئوخشاش ئاللاھ ياخشى كۆرۈدىغان ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ. كاپىرلىق ۋە جازانىخورلۇققا ئوخشاش ئاللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلاردىن چەكلەيدۇ. نامازنى ئەڭ مۇكەممەل، تولۇق رەۋىشتە ئادا قىلىدۇ. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ. ئاللاھ بۇ ماختاشقا سازاۋار سۈپەتكە ئىگە بولغانلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېچكىم ئاللاھتىن غالىب كېلەلمەيدۇ. مەخلۇقاتلارنى يارىتىشتا، ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ وَرِضۡوَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئاللاھ مۆئمىن ئەرلەر ۋە مۆئمىن ئاياللارنى قەسرىلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزۈشنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئۇلار نېئمەتلىرى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان جەننەتلەردە ئەبەدىي ياشايدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتدە كاتتا گۈزەل جايلارنى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. مانا بۇ مۇكاپات ھېچقانداق غەلبە تەڭلىشەلمەيدىغان ئەڭ بۈيۈك غەلبىدۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• سبب العذاب للكفار والمنافقين واحد في كل العصور، وهو إيثار الدّنيا على الآخرة والاستمتاع بها، وتكذيب الأنبياء والمكر والخديعة والغدر بهم.
ھەر قانداق دەۋىردە كاپىر ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئازاپقا دۇچار بولۇش سەۋەبى ئوخشاشتۇر. ئۇ بولسىمۇ؛ دۇنيانى ئاخىرەت ۋە ئۇنىڭدىكى مەنپەئەتتىن ئۈستۈن بېلىش، پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىش، ئۇلارغا ھىلە-مىكىر، خىيانەت ۋە ئالدامچىلىق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• إهلاك الأمم والأقوام الغابرة بسبب كفرهم وتكذيبهم الأنبياء فيه عظة وعبرة للمعتبر من العقلاء.
ئىلگىرىكى ئۈممەت ۋە قەۋملەرنىڭ كۇپرىلىقى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبىدىن ھالاك بولۇشىدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن نەسىھەت ۋە ئىبرەت باردۇر.

• أهل الإيمان رجالًا ونساء أمة واحدة مترابطة متعاونة متناصرة، قلوبهم متحدة في التوادّ والتحابّ والتعاطف.
ئەر ۋە ئايال مۆئمىنلەر ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ياردەم بىرىدىغان بىر ئۈممەتتۇر. ياخشى كۆرۈش، ھېسداشلىق ۋە مېھرىبانلىق قىلىشتا ئۇلارنىڭ قەلبلىرى بىردۇر.

• رضا رب الأرض والسماوات أكبر من نعيم الجنات؛ لأن السعادة الروحانية أفضل من الجسمانية.
ئاللاھنى رازى قىلىش جەننەتلەرنىڭ نېئمەتلىرىدىنمۇ كاتتىدۇر. چۈنكى روھى بەخت-سائادەت جىسمانى بەخت-سائادەتىن ئەۋزەلدۇر.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ جَٰهِدِ ٱلۡكُفَّارَ وَٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱغۡلُظۡ عَلَيۡهِمۡۚ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئى پەيغەمبەر! كاپىرلارغا قارشى قىلىچ بىلەن جىھاد قىلغىن، مۇناپىقلارغا قارشى تىل ۋە ھۆججەت بىلەن جىھاد قىلغىن. ئۇلارغا قارشى قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. چۈنكى ئۇلار شۇنىڭغا لايىق. قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى نېمىدېگەن يامان جاي-ھە!
تفسیرهای عربی:
يَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ مَا قَالُواْ وَلَقَدۡ قَالُواْ كَلِمَةَ ٱلۡكُفۡرِ وَكَفَرُواْ بَعۡدَ إِسۡلَٰمِهِمۡ وَهَمُّواْ بِمَا لَمۡ يَنَالُواْۚ وَمَا نَقَمُوٓاْ إِلَّآ أَنۡ أَغۡنَىٰهُمُ ٱللَّهُ وَرَسُولُهُۥ مِن فَضۡلِهِۦۚ فَإِن يَتُوبُواْ يَكُ خَيۡرٗا لَّهُمۡۖ وَإِن يَتَوَلَّوۡاْ يُعَذِّبۡهُمُ ٱللَّهُ عَذَابًا أَلِيمٗا فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۚ وَمَا لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
مۇناپىقلار سېنى تىللاش ۋە دىنىڭنى ئەيىپلەشتىن ئىبارەت ساڭا يېتىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دېمىگەنلىكىگە يالغاندىن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇلار ساڭا يېتىپ كەلگەن كۇپرى سۆزلىرىنى ئېيتتى. ئىمان ئېيتىپ بولغاندىن كېيىن كاپىر بولدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت ئىشقا ئاشمايدىغان پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە ئاتا قىلغان غەنىمەتلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىگە مەرھەمەت قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىشنى ئىنكار قىلدى. ئەگەر ئۇلار مۇناپىقلىقىدىن ئاللاھقا تەۋبە قىلسا تەۋبە قىلغىنى مۇناپىقلىقتا قېلىپ قالغىنىدىن ياخشى ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىشتىن يۈز ئۆرۈسە ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادا ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن ئېغىر جازالىسا، ئاخىرەتتە دەۋزەختە دەھشەتلىك ئازاپ بىلەن جازالايدۇ. ئۇلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلارنى ئازاپتىن قۇتقۇزىدىغان ۋە ئۇلاردىن ئازاپنى چىكىندۈرىدىغان بىرەر دوست ياكى مەدەتكار بولمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَمِنۡهُم مَّنۡ عَٰهَدَ ٱللَّهَ لَئِنۡ ءَاتَىٰنَا مِن فَضۡلِهِۦ لَنَصَّدَّقَنَّ وَلَنَكُونَنَّ مِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
مۇناپىقلارنىڭ ئىچىدە بەزىلەر: ئەگەر ئاللاھ بىزگە ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلسا ئەلۋەتتە بىز موھتاجلارغا سەدىقە بېرەتتۇق، ئەمەللىرىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ سالىھلارنىڭ قاتارىدىن بولاتتۇق دەپ ئاللاھقا ئەھدە قىلدى.
تفسیرهای عربی:
فَلَمَّآ ءَاتَىٰهُم مِّن فَضۡلِهِۦ بَخِلُواْ بِهِۦ وَتَوَلَّواْ وَّهُم مُّعۡرِضُونَ
ئاللاھ ئۇلارغا ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان چاغدا، بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىدى، بەلكى ماللىرىدىن ھېچ نەرسە سەدىقە قىلمىدى، ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرىدى.
تفسیرهای عربی:
فَأَعۡقَبَهُمۡ نِفَاقٗا فِي قُلُوبِهِمۡ إِلَىٰ يَوۡمِ يَلۡقَوۡنَهُۥ بِمَآ أَخۡلَفُواْ ٱللَّهَ مَا وَعَدُوهُ وَبِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ
ئۇلار ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە تۇرماستىن يالغانچىلىق قىلغانلىقلىرى سەۋەبىدىن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ قىيامەتكە قەدەر مۇناپىقلىقنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا مۇقەررەرلەشتۇردى.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ سِرَّهُمۡ وَنَجۡوَىٰهُمۡ وَأَنَّ ٱللَّهَ عَلَّٰمُ ٱلۡغُيُوبِ
ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ سورۇنلىرىدا مەخپى قىلىشقان سۈيقەست ۋە ھىلە-مىكرىلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ غەيبلەرنى بىلىدىغانلىقىنى مۇناپىقلار بىلمەمدۇ؟ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھېچنەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى قىلمىشلىرىغا كۆرە جازالايدۇ.
تفسیرهای عربی:
ٱلَّذِينَ يَلۡمِزُونَ ٱلۡمُطَّوِّعِينَ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ فِي ٱلصَّدَقَٰتِ وَٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ إِلَّا جُهۡدَهُمۡ فَيَسۡخَرُونَ مِنۡهُمۡ سَخِرَ ٱللَّهُ مِنۡهُمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
مۇناپىقلار مۆئمىنلەر ئىچىدىكى كۈچىنىڭ يېتىشىچە پەقەت ئازغىنە نەرسە سەدىقە قىلغۇچىلارنى ئەيىپلەيدۇ، ئۇلار: «ئۇلارنىڭ سەدىقە قىلغىنىنىڭ نېمە پايدىسى بار؟» دەپ مەسخىرە قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقى ئۈچۈن جازالايدۇ. ئۇلار قاتتىق ئازاپقا .دۇچار بولىدۇ
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب جهاد الكفار والمنافقين، فجهاد الكفار باليد وسائر أنواع الأسلحة الحربية، وجهاد المنافقين بالحجة واللسان.
كاپىرلار ۋە مۇناپىقلارغا جىھاد قىلىشنىڭ ۋاجىپتۇر. كاپىرلارغا قول ۋە باشقا جەڭ قوراللىرى بىلەن، مۇناپىقلارغا ھۆججەت ۋە تىل بىلەن جىھاد قىلىنىدۇ.

• المنافقون من شرّ الناس؛ لأنهم غادرون يقابلون الإحسان بالإساءة.
مۇناپىقلار كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرىدۇر. چۈنكى ياخشىلىققا يامانلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

• في الآيات دلالة على أن نقض العهد وإخلاف الوعد يورث النفاق، فيجب على المسلم أن يبالغ في الاحتراز عنه.
ئەھدىنى بۇزۇش ۋە ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش مۇناپىقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىشتىن قاتتىق ھەزەر ئەيلىشى لازىم.

• في الآيات ثناء على قوة البدن والعمل، وأنها تقوم مقام المال، وهذا أصل عظيم في اعتبار أصول الثروة العامة والتنويه بشأن العامل.
بەدەننىڭ كۈچلۈك بولۇشى ۋە ئىبادەتنىڭ ئۆلچەملىك قىلىنىشىنى قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى مەدھىيەلەيدۇ. بەدەننىڭ كۈچلۈك بولىشى مال-مۈلكنىڭ بار بولغىنىغا باراۋەردۇر. بۇ بولسا ئومۇمى بايلىق پرىنسىپلىرىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ۋە ئەمەل قىلغۇچىنى مەدھىيىلەشتىكى ئاساسى پرىنسىپتۇر.

ٱسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ أَوۡ لَا تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ إِن تَسۡتَغۡفِرۡ لَهُمۡ سَبۡعِينَ مَرَّةٗ فَلَن يَغۡفِرَ ٱللَّهُ لَهُمۡۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن ياكى قىلمىغىن (بەرىبىر ئوخشاش). ئۇلار ئۈچۈن 70 قېتىم مەغپىرەت تەلەپ قىلساڭمۇ ئاللاھ ئۇلارنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ مەقسەتلىك ھالدا شەرىئەتتىن چىقىپ كەتكۈچىلەرنى ھەقىقەتكە مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
فَرِحَ ٱلۡمُخَلَّفُونَ بِمَقۡعَدِهِمۡ خِلَٰفَ رَسُولِ ٱللَّهِ وَكَرِهُوٓاْ أَن يُجَٰهِدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَالُواْ لَا تَنفِرُواْ فِي ٱلۡحَرِّۗ قُلۡ نَارُ جَهَنَّمَ أَشَدُّ حَرّٗاۚ لَّوۡ كَانُواْ يَفۡقَهُونَ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خىلاپلىق قىلىپ تەبۇك غازىتىغا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېلىپ قالغانلىقلىرىغا خۇشال بولۇشتى. ئۇلار مۆئمىنلاردەك ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ياقتۇرمىدى. ئۇلار باشقىلارغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن مۇناپىق قېرىنداشلىرىغا: ئىسسىقتا چىقماڭلار، دېيىشتى. تەبۇك غازىتى ئىسسىقتا بولغان ئىدى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: مۇناپىقلارنى كۈتۈۋاتقان جەھەننەمنىڭ ئوتى ئەگەر ئۇلار بىلسە ئۇلار قېچىۋاتقان بۇ ئىسسىقتىن تېخىمۇ قىززىقتۇر
تفسیرهای عربی:
فَلۡيَضۡحَكُواْ قَلِيلٗا وَلۡيَبۡكُواْ كَثِيرٗا جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
قەستەنلىك بىلەن جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار دۇنيادا قىلغان كۇپرىلىقى، گۇناھ-مەئسىيەتلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن دۇنيالىقى ھەققىدە ئاز كۈلۈپ، ئاخىرەتلىكى ھەققىدە كۆپ يىغلىسۇن.
تفسیرهای عربی:
فَإِن رَّجَعَكَ ٱللَّهُ إِلَىٰ طَآئِفَةٖ مِّنۡهُمۡ فَٱسۡتَـٔۡذَنُوكَ لِلۡخُرُوجِ فَقُل لَّن تَخۡرُجُواْ مَعِيَ أَبَدٗا وَلَن تُقَٰتِلُواْ مَعِيَ عَدُوًّاۖ إِنَّكُمۡ رَضِيتُم بِٱلۡقُعُودِ أَوَّلَ مَرَّةٖ فَٱقۡعُدُواْ مَعَ ٱلۡخَٰلِفِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئاللاھ سېنى مۇناپىق پېتى قېلىپ قالغان بىر تۈركۈم مۇناپىقلارنىڭ يېنىغا قايتۇرۇرسا، ئۇلار يەنە بىر قېتىم غازاتقا چىقىشقا سەندىن ياردەم سورىسا ئۇلارغا ئېيتقىنكى: ئى مۇناپىقلار! سىلەرنى جازالاش ۋە سىلەرنىڭ مەن بىلەن چىققانلىقىڭلار سەۋەبلىك كېلىپ چىقىدىغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەر مەن بىلەن مەڭگۈ چىقماڭلار، شۈبھىسىزكى، سىلەر تەبۇك غازىتىغا چىقماي، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا رازى بولدۇڭلار. ئەمدى سىلەر غازاتقا چىقالماستىن ئۆيلىرىدە قالغان كېسەللەر، ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بىلەن ئولتۇرۇڭلار.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تُصَلِّ عَلَىٰٓ أَحَدٖ مِّنۡهُم مَّاتَ أَبَدٗا وَلَا تَقُمۡ عَلَىٰ قَبۡرِهِۦٓۖ إِنَّهُمۡ كَفَرُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦ وَمَاتُواْ وَهُمۡ فَٰسِقُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلگەن ھېچقانداق بىر ئادەمنىڭ مەڭگۈ نامىزىنى چۈشۈرمىگىن. مەغپىرەت تىلەپ دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قەبرىسى ئۈستىدىمۇ تۇرمىغىن. چۈنكى ئۇلار ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىققان ھالەتتە ئۆلدى، كىمكى بۇنداق ئۆلسە نامىزى چۈشۈرۈلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا دۇئامۇ قىلنمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا تُعۡجِبۡكَ أَمۡوَٰلُهُمۡ وَأَوۡلَٰدُهُمۡۚ إِنَّمَا يُرِيدُ ٱللَّهُ أَن يُعَذِّبَهُم بِهَا فِي ٱلدُّنۡيَا وَتَزۡهَقَ أَنفُسُهُمۡ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
ئى پەيغەمبەر! مۇناپىقلارنىڭ ماللىرى ۋە ئەۋلادلىرى سېنى ئەجەبلەندۈرمىسۇن. ئۇلار ساڭا دەۋەت يولۇڭدا مۇشەققەت تۇغدۇرغانلىقى ۋە سېنى مۇسىيبەتكە ئۇچراتقانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئۇلارنى دۇنيادىلا جازالاشنى، ئۇلارنىڭ كاپىر پېتى جېنىنى ئېلىشنى ئىرادە قىلدى.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٌ أَنۡ ءَامِنُواْ بِٱللَّهِ وَجَٰهِدُواْ مَعَ رَسُولِهِ ٱسۡتَـٔۡذَنَكَ أُوْلُواْ ٱلطَّوۡلِ مِنۡهُمۡ وَقَالُواْ ذَرۡنَا نَكُن مَّعَ ٱلۡقَٰعِدِينَ
ئەگەر ئاللاھ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرەر سۈرىنى نازىل قىلسا، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مالدارلار ۋە بايلار سەندىن جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە رۇخسەت سورايدۇ. ئۇلار: بىزنى قوي، بىز ئۆزرۈلۈك كىشىلەر بىلەن بىللە بولايلى، دەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• الكافر لا ينفعه الاستغفار ولا العمل ما دام كافرًا.
كاپىر كۇپرىلىق ھالىتىدىلا بولىدىكەن، ئۇنىڭ مەغپىرەت سورىغىنىنىڭ ۋە ئەمەل قىلغىنىنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق.

• الآيات تدل على قصر نظر الإنسان، فهو ينظر غالبًا إلى الحال والواقع الذي هو فيه، ولا ينظر إلى المستقبل وما يتَمَخَّض عنه من أحداث.
ئايەتلەر ئىنساننىڭ نەزەر دائىرىسىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئىنسان كۆپىنچە ئۆزى ياشاۋاتقان رىئاللىققا نەزەر سالىدۇ. كەلگۈسىگە ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ھادىسىلەرگە نەزەر تاشلىمايدۇ.

• التهاون بالطاعة إذا حضر وقتها سبب لعقوبة الله وتثبيطه للعبد عن فعلها وفضلها.
ئىبادەتنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىبادەتكە سەل قاراش بولسا، بەندىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار بولۇشىغا، ئىبادەتتىن ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان پەزىلەتتىن مەھرۇم قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

• في الآيات دليل على مشروعية الصلاة على المؤمنين، وزيارة قبورهم والدعاء لهم بعد موتهم، كما كان النبي صلى الله عليه وسلم يفعل ذلك في المؤمنين.
مۆئمىنلەرنىڭ (جىنازە) نامىزىنى ئوقۇش، قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش يولغا قويۇلغانلىقىغا قۇرئان ئايەتلىرىدە دەلىللەر مەۋجۇت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتلىق ۋاقتىدا مۇسۇلمانلارغا شۇنداق قىلاتتى.

رَضُواْ بِأَن يَكُونُواْ مَعَ ٱلۡخَوَالِفِ وَطُبِعَ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَفۡقَهُونَ
ئۆزۈرلۈك كىشىلەر جىھادقا چىقماي قالغاندا، مۇناپىقلارمۇ جىھادقا چىقماستىن ئۆزلىرى ئۈچۈن خارلىققاى رازى بولدى. كۇپرىلىقى ۋە مۇناپىقلىقى سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە پىچەت سېلىۋەتتى. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن نېمىدە مەنپەئەت بارلىقىنى بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَٰكِنِ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ جَٰهَدُواْ بِأَمۡوَٰلِهِمۡ وَأَنفُسِهِمۡۚ وَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمُ ٱلۡخَيۡرَٰتُۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
لېكىن، پەيغەمبەر ۋە پەيغەمبەر بىلەن بىللە ئىمان ئېيتقانلار ئۇلارغا ئوخشاش ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن قېلىپ قالمىدى، ئۇلار ئاللاھ يولىدا ماللىرى ۋە جانلىرى بىلەن جىھاد قىلدى. ئۇلار ئاللاھ تەرىپىدىن غەلبە ۋە غەنىمەتكە ئوخشاش دۇنيالىق مەنپەئەتكە ئىرىشتۈرۈلسە، ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرىش، ئويلىغىنىغا ئېرىشىش، قورقۇنۇچتىن قۇتۇلۇشقا ئوخشاش مەنپەئەتلەرگە نائىل بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَعَدَّ ٱللَّهُ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ئاللاھ ئۇلارغا جەننەتتە ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان قەسىرلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلار يوقالمايدۇ. بۇ غەلبە ھېچقانداق غەلبە تەڭلىشەلمەيدىغان كاتتا نەتىجىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَجَآءَ ٱلۡمُعَذِّرُونَ مِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ لِيُؤۡذَنَ لَهُمۡ وَقَعَدَ ٱلَّذِينَ كَذَبُواْ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥۚ سَيُصِيبُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ
مەدىنە ۋە مەدىنە ئەتراپىدىكى بىر تۈركۈم ئەئرابىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا ئاللاھ يولىدا جىھادقا چىقماسلىققا ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىپ كەلدى. ئەئرابىلاردىن يەنە بىر تۈركۈمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەستىقلىمىغانلىقى ۋە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەسلا جىھادقا چىقماسلىق ئۈچۈن ئۆزرىمۇ سورىمىدى. ئۇلار كاپىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَّيۡسَ عَلَى ٱلضُّعَفَآءِ وَلَا عَلَى ٱلۡمَرۡضَىٰ وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ لَا يَجِدُونَ مَا يُنفِقُونَ حَرَجٌ إِذَا نَصَحُواْ لِلَّهِ وَرَسُولِهِۦۚ مَا عَلَى ٱلۡمُحۡسِنِينَ مِن سَبِيلٖۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاياللار ۋە بالىلار، كېسەللەر ۋە ئاجىزلار، قارىغۇلار ۋە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن خىراجەت تاپالمىغان كەمبەغەل قاتارلىقلار جىھادقا چىقمىسا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزرۈلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە سادىق بولسا، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تۈردىكى كىشىلەرنى جازالاشقا ھېچقانداق يول يوق. ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگىچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
وَلَا عَلَى ٱلَّذِينَ إِذَا مَآ أَتَوۡكَ لِتَحۡمِلَهُمۡ قُلۡتَ لَآ أَجِدُ مَآ أَحۡمِلُكُمۡ عَلَيۡهِ تَوَلَّواْ وَّأَعۡيُنُهُمۡ تَفِيضُ مِنَ ٱلدَّمۡعِ حَزَنًا أَلَّا يَجِدُواْ مَا يُنفِقُونَ
ئى پەيغەمبەر! يەنە جىھادقا چىقماي قالغان مۇنداق كىشىلەرگىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوقتۇركى، ئۇلار سەندىن مېنىدىغان ئۇلاغ سوراپ كەلگەندە، سەن: «مېنىڭ سىلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۇلاغلىرىم يوق» دېدىڭ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ياكى سىنىڭ يېنىڭدا سەرپ قىلغۇدەك نەرسىنى تاپالمىغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىپ كۆزلىرى ياش تۆككەن ھالدا قايتىشتى.
تفسیرهای عربی:
۞ إِنَّمَا ٱلسَّبِيلُ عَلَى ٱلَّذِينَ يَسۡتَـٔۡذِنُونَكَ وَهُمۡ أَغۡنِيَآءُۚ رَضُواْ بِأَن يَكُونُواْ مَعَ ٱلۡخَوَالِفِ وَطَبَعَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ فَهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
ئاللاھ ئۆزۈرلۈك كىشىلەرنى جازالاشقا بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، جازالاشقا لايىق كىشىلەرنى زىكىر قىلىپ: «ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن تەييارلىق قىلىپ جىھادقا چىقىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان تۇرۇپ، جىھادقا چىقماسلىق ھەققىدە رۇخسەت سورىغان كىشىلەر جازالىنىشى كېرەك. ئۇلار ئۆيلىرىدە جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان كىشىلەر بىلەن بىللە قېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈچۈن خارلىققا رازى بولدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پىچەتلىۋەتتى. شۇڭلاشقا ۋەز نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىللىرى پىچەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار پايدىلىق نەرسىلەرنى تاللاشنى، زىيانلىق نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇشنى بىلمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• المجاهدون سيحصِّلون الخيرات في الدنيا، وإن فاتهم هذا فلهم الفوز بالجنة والنجاة من العذاب في الآخرة.
مۇجاھىدلار دۇنيادا ياخشىلىققا ئىرىشىدۇ. ئەگەر ( دۇنيادا ) قولدىن بېرىپ قويغان بولسا ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ ۋە ئازابتىن قۇتىلىدۇ.

• الأصل أن المحسن إلى الناس تكرمًا منه لا يؤاخَذ إن وقع منه تقصير.
باشقىلارغا ئۆزلىكىدىن ياخشىلىق قىلغان ئادەم گەرچە خاتا قىلىپ سالغان تەقدىردىمۇ ئەيىپلەنمەيدۇ.

• أن من نوى الخير، واقترن بنيته الجازمة سَعْيٌ فيما يقدر عليه، ثم لم يقدر- فإنه يُنَزَّل مَنْزِلة الفاعل له.
ھەقىقەتەن ياخشىلىقنى نىيەت قىلىپ، نىيىتى بىلەن تەڭ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ قۇدرىتى يەتمىگەن كىشى ياخشىلىق قىلغان كىشىنىڭ ئورنىدا قويىلىدۇ.

• الإسلام دين عدل ومنطق؛ لذلك أوجب العقوبة والمأثم على المنافقين المستأذنين وهم أغنياء ذوو قدرة على الجهاد بالمال والنفس.
ئىسلام ئادىل ۋە ئىنسانىي پىترەتكە ئۇيغۇن دىندۇر. مېلى ۋە جېنى بىلەن جىھاد قىلىشقا قۇدرىتى يېتىدىغان باي تۇرۇپ جىھادقا چىقماسلىققا رۇخسەت سورىغان مۇناپىقلارغا جازا بەلگىلىدى.

يَعۡتَذِرُونَ إِلَيۡكُمۡ إِذَا رَجَعۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡۚ قُل لَّا تَعۡتَذِرُواْ لَن نُّؤۡمِنَ لَكُمۡ قَدۡ نَبَّأَنَا ٱللَّهُ مِنۡ أَخۡبَارِكُمۡۚ وَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ ثُمَّ تُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
مۇسۇلمانلار جىھادتىن قايتىپ كەلگەن چېغىدا جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغان مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا ئەرزىمەس ئۆزرىلەرنى بايان قىلىدۇ. ئاللاھ پەيغەمبىرى ۋە مۆئمىنلەرگە يول كۆرسىتىپ ئۇلارغا: «يالغاندىن ئۆزرە بايان قىلماڭلار، سىلەر دېگەن سۆزلەرگە بىز ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، ھەقىقەتەن ئاللاھ بىزگە قەلبىڭلاردىكىنى بىلدۈردى. مۇناپىقلىقتىن تەۋبە قىلامسىلەر ياكى مۇناپىقلىقنى داۋاملاشتۇرامسىلەر؟ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. تەۋبە قىلساڭلار ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن ھەممە نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرىلىسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ ۋە سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. شۇڭا ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ۋە ياخشى ئەمەل قىلىشقا ئالدىراڭلار.
تفسیرهای عربی:
سَيَحۡلِفُونَ بِٱللَّهِ لَكُمۡ إِذَا ٱنقَلَبۡتُمۡ إِلَيۡهِمۡ لِتُعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ فَأَعۡرِضُواْ عَنۡهُمۡۖ إِنَّهُمۡ رِجۡسٞۖ وَمَأۡوَىٰهُمۡ جَهَنَّمُ جَزَآءَۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡسِبُونَ
ئى مۆئمىنلەر! جىھادقا چىقماي قالغان مۇناپىقلار سىلەر ئۇلارنىڭ ئاقماس باھانىلىرىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ قېشىغا قايتقىنىڭلاردا ئۇلار سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارنى تاشلىۋېتىڭلار. ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىسلارنىڭ ئەڭ نىجىسىدۇر. ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان مۇناپىقلىق ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر.
تفسیرهای عربی:
يَحۡلِفُونَ لَكُمۡ لِتَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡۖ فَإِن تَرۡضَوۡاْ عَنۡهُمۡ فَإِنَّ ٱللَّهَ لَا يَرۡضَىٰ عَنِ ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡفَٰسِقِينَ
ئى مۆئمىنلەر! جىھاقا چىقمىغان مۇناپىقلار سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزرىلىرىنى قۇبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولماڭلار. ئەگەر سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلغان بولىسىلەر. ئۇ ھەقىقەتەن كۇپرىلىق ۋە مۇناپىقلىق بىلەن ئىتائىتىدىن چىققان قەۋمدىن رازى بولمايدۇ. ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھ رازى بولمايدىغان كىشىلەردىن رازى بولۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار.
تفسیرهای عربی:
ٱلۡأَعۡرَابُ أَشَدُّ كُفۡرٗا وَنِفَاقٗا وَأَجۡدَرُ أَلَّا يَعۡلَمُواْ حُدُودَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِۦۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئەئرابىلارنىڭ كۇپرىلىقى ياكى مۇناپىقلىقى باشقا شەھەرلىكلەرنىڭكىگە قارىغاندا تېخىمۇ زىيادىدۇر. مۇناپىقلىقى باشقىلارنىڭكىدىن تېخىمۇ زىيادىدۇر. ئۇلار دىننى بىلمەسلىككە، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان پەرز، سۈننەت ۋە ئەھكاملارنىڭ پرىنسىپلىرىنى بىلمەسلىككە ئەڭ لايىقتۇر. چۈنكى ئۇلار قوپال، باشقىلارغا ئاز ئارىلىشىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان بىلىپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ مَغۡرَمٗا وَيَتَرَبَّصُ بِكُمُ ٱلدَّوَآئِرَۚ عَلَيۡهِمۡ دَآئِرَةُ ٱلسَّوۡءِۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
مۇناپىق ئەئرابىيلاردىن بەزىلىرى: ئاللاھ يولىدا ماللىرىنى نەپىقە قىلسىمۇ ئەجىر بېرىلمەيدۇ، نەپىقە قىلمىسىمۇ ئاللاھ جازالىمايدۇ دەپ قارىغاچقا ئۇنى زىيان ھېسابلايدۇ. لېكىن ئۇلار مۇشۇنداق بولسىمۇ بەزىدە باشقىلارغا كۆرسۈتۈش ئۈچۈن نەپىقە قىلىدۇ. ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە كاشكى بىرەر يامانلىق يۈز بېرىپ، سىلەردىن قۇتۇلۇشنى كۈتىدۇ. ئەمما ئاللاھ ئۇلار يۈز بېرىشىنى كۈتكەن يامانلىقنى مۇئمىنلەرگە ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۈشىرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچى ۋە قەلبلىرىدە يۇشۇرغانلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مَن يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَيَتَّخِذُ مَا يُنفِقُ قُرُبَٰتٍ عِندَ ٱللَّهِ وَصَلَوَٰتِ ٱلرَّسُولِۚ أَلَآ إِنَّهَا قُرۡبَةٞ لَّهُمۡۚ سَيُدۡخِلُهُمُ ٱللَّهُ فِي رَحۡمَتِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەئرابىيلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىدۇ، ئاللاھ يولىدا بەرگەن مېلىنى ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسىغا ۋە مەغپىرەت تەلەپ قىلىشىغا ئېرىشىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ قىلغان نەپىقىسى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارغا قىلغان دۇئاسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئاللاھقا بولغان يېقىنچىلىقتۇر. قىلغان ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تاپىدۇ، يەنى ئاللاھ ئۇلارنى مەغپىرىتى ۋە جەننىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭرى رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• ميدان العمل والتكاليف خير شاهد على إظهار كذب المنافقين من صدقهم.
ئەمىلى مەيدان مۇناپىقلارنى راستچىللاردىن ئايرىيدىغان ئەڭ ياخشى شاھىدتۇر.

• أهل البادية إن كفروا فهم أشد كفرًا ونفاقًا من أهل الحضر؛ لتأثير البيئة.
مۇھىت تەسىرىدىن ئەئرابىلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە مۇناپىقلىقى شەھەرلىكلەرنىڭكىدىن كۈچلۈكراقتۇر.

• الحض على النفقة في سبيل الله مع إخلاص النية، وعظم أجر من فعل ذلك.
خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىشقا قىزىققان ۋە نەپىقە قىلغان كىشىنىڭ ئەجرى كاتتا بولىدۇ.

• فضيلة العلم، وأن فاقده أقرب إلى الخطأ.
ئىلىمسىز ئادەمنىڭ خاتالىققا ئەڭ يېقىن بولۇشى، ئىلىمنىڭ پەزىلىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

وَٱلسَّٰبِقُونَ ٱلۡأَوَّلُونَ مِنَ ٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ وَٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُم بِإِحۡسَٰنٖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُ وَأَعَدَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي تَحۡتَهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان، ۋەتەنلىرىنى تاشلاپ ئاللاھ تەرەپكە ھىجرەت قىلغان مۇھاجىرلار؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بەرگەن، بۇرۇن ئىمان ئېيتقان مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارغا ئېتىقاد، سۆز، ئىش-ھەرىكەتتە چىرايلىقچە ئەگەشكەنلەردىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارنىڭ ئىبادىتىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇلارمۇ ئاللاھ ئاتا قىلغان كاتتا ساۋابقا رازى بولدى. ئۇلارغا قەسىرلىرى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار بۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ تۇرىدۇ. ئەنە شۇ مۇكاپات بۈيۈك غەلبىدۇر.
تفسیرهای عربی:
وَمِمَّنۡ حَوۡلَكُم مِّنَ ٱلۡأَعۡرَابِ مُنَٰفِقُونَۖ وَمِنۡ أَهۡلِ ٱلۡمَدِينَةِ مَرَدُواْ عَلَى ٱلنِّفَاقِ لَا تَعۡلَمُهُمۡۖ نَحۡنُ نَعۡلَمُهُمۡۚ سَنُعَذِّبُهُم مَّرَّتَيۡنِ ثُمَّ يُرَدُّونَ إِلَىٰ عَذَابٍ عَظِيمٖ
مەدىنە ئەتراپىدىكى ئەئرابىلاردىن مۇناپىقلار بار. مەدىنە ئاھالىسىدىنمۇ مۇناپىقلىقتا چىڭ تۇرغانلار بار. ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇلارنى بىلمەيسەن. ئۇلارنى ئاللاھ بىلىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقىنى ئېچىش، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە چۈشۈرۈش ئارقىلىق دۇنيادا بىر قېتىم، قەبرە ئازابى بىلەن ئاخىرەتتە بىر قېتىم ئازاپلايدۇ. ئاندىن ئۇلار قىيامەت كۈنى دەۋزەخنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَءَاخَرُونَ ٱعۡتَرَفُواْ بِذُنُوبِهِمۡ خَلَطُواْ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَءَاخَرَ سَيِّئًا عَسَى ٱللَّهُ أَن يَتُوبَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
مەدىنە ئاھالىسىدىن ئۆزرىسىز جىھادقا چىقماي قالغانلاردىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزرىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىتىراپ قىلدى ۋە يالغان ئۆزرىلەرنى بايان قىلمىدى. ئۇلار ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە چىڭ ئېسىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن ئىبارەت ئىلگىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن، تەۋبە قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدىغان يامان ئەمەللەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويدى. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىكى تەۋبە قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
تفسیرهای عربی:
خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ بىر قىسمىنى سەدىقە ھېسابىدا ئالغىنكى، ئۇ ئارقىلىق ئۇلار گۇناھ-مەئسىيەتنىڭ كىرلىرىدىن پاكلانسۇن، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقلىرى كۆپەيسۇن. ئۇلاردىن سەدىقىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. شۈبھىسىزكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ. ئاللاھ دۇئايىڭنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَأۡخُذُ ٱلصَّدَقَٰتِ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
جىھادقا چىقماي قېلىپ قالغانلار؛ ئاللاھنىڭ تەۋبە قىلغان بەندىلىرىدىن تەۋبىنى قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ سەدىقىگە ئېھتىياجى بولمىسىمۇ سەدىقىنى قۇبۇل قىلىپ، قىلغان سەدىقىسىگە ساۋاب بېرىدىغانلىقىنى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى تەۋبە قىلغان كىشىلەرنىڭ تەۋبىلىرىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا مېھرىبان ئىكەنلىكىنى بىلسۇن.
تفسیرهای عربی:
وَقُلِ ٱعۡمَلُواْ فَسَيَرَى ٱللَّهُ عَمَلَكُمۡ وَرَسُولُهُۥ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۖ وَسَتُرَدُّونَ إِلَىٰ عَٰلِمِ ٱلۡغَيۡبِ وَٱلشَّهَٰدَةِ فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى: قولدىن بېرىپ قويغان ئەمىلىڭلارنىڭ زىيىنىنى تولۇقلاڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىڭلار، ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭلار، ئاللاھ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە مۆئمىنلەر ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدىغان پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىلىسىلەر. ئۇ ئاشكارا-مەخپى قىلغان قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، دۇنيادا قىلغانلىرىڭلارنى سىلەرگە خەۋەر قىلىدۇ ۋە شۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَءَاخَرُونَ مُرۡجَوۡنَ لِأَمۡرِ ٱللَّهِ إِمَّا يُعَذِّبُهُمۡ وَإِمَّا يَتُوبُ عَلَيۡهِمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ
ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا چىقمىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قالدۇرۇلدى، ئاللاھ ئۇلار ھەققىدە خالىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ. يەنى تەۋبە قىلمىسا ئازابلايدۇ، تەۋبە قىلسا تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئازابقا ياكى ئەپۇغا ھەقلىق كىشىلەرنى ئاللاھ ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ھۆكۈم يولغا قويۇشتا ۋە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلار مۇرارە ئىبنى رەبىئ، كەئب ئىبنى مالىك، ھىلال ئىبنى ئۇمەييە قاتارلىقلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• فضل المسارعة إلى الإيمان، والهجرة في سبيل الله، ونصرة الدين، واتباع طريق السلف الصالح.
ئىمانغا ئالدىراش، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلىش، دىنغا ياردەم بېرىش، سەلەپ-سالىھلارنىڭ يولىغا ئەگىشىش قاتارلىقلارنىڭ پەزىلىتى.

• استئثار الله عز وجل بعلم الغيب، فلا يعلم أحد ما في القلوب إلا الله.
قەلبلەردىكىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئىلمى غەيبنى ئاللاھ ئۆزىگە خاسلاشتۇردى.

• الرجاء لأهل المعاصي من المؤمنين بتوبة الله عليهم ومغفرته لهم إن تابوا وأصلحوا عملهم.
مۆئمىنلەر ئىچىدىكى ئاسىيلار ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ ياخشى ئەمەل قىلسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىپ، گۇناھلىرىنى كەچۈرىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ.

• وجوب الزكاة وبيان فضلها وأثرها في تنمية المال وتطهير النفوس من البخل وغيره من الآفات.
زاكاتنىڭ ۋاجىبلىقى ۋە پەزىلىتى، ئۇنىڭ مال-دۇنيانى كۆپەيتىش، قەلبنى بېخىللىق ۋە باشقا مەنىۋىي ئاپەتلەردىن پاكلاشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ بايانى.

وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مَسۡجِدٗا ضِرَارٗا وَكُفۡرٗا وَتَفۡرِيقَۢا بَيۡنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَإِرۡصَادٗا لِّمَنۡ حَارَبَ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ مِن قَبۡلُۚ وَلَيَحۡلِفُنَّ إِنۡ أَرَدۡنَآ إِلَّا ٱلۡحُسۡنَىٰۖ وَٱللَّهُ يَشۡهَدُ إِنَّهُمۡ لَكَٰذِبُونَ
بەزى مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈش، مۇناپىقلارغا ھەمدەمدە بولۇش ئارقىلىق كۇپرىنى كۈچەيتىش، مۆئمىنلەر ئارىسىنى بۇزۇش، مەسجىد بىنا قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئۇرۇش قىلماقچى بولغان كىشىنى كۈتۈش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلدى. ئۇلار سىلەرگە: بىز پەقەت مۇسۇلمانلارغا كۆيۈنۈشنىلا مەقسەت قىلدۇق، دەپ قەتئىي قەسەم قىلىدۇ. ئاللاھ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ئۇلار شەك-شۈبھىسىز يالغانچىلاردۇر.
تفسیرهای عربی:
لَا تَقُمۡ فِيهِ أَبَدٗاۚ لَّمَسۡجِدٌ أُسِّسَ عَلَى ٱلتَّقۡوَىٰ مِنۡ أَوَّلِ يَوۡمٍ أَحَقُّ أَن تَقُومَ فِيهِۚ فِيهِ رِجَالٞ يُحِبُّونَ أَن يَتَطَهَّرُواْۚ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلۡمُطَّهِّرِينَ
ئى پەيغەمبەر! يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنى بۇ مەسجىدنىڭ سۈپىتى، سەن مۇناپىقلارنىڭ بۇ مەسجىدتە ناماز ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشمىغىن. بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپلا تەقۋالىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد قۇبادا ناماز ئوقۇشۇڭ، كۇپرىلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان مەسجىد زىراردىن ئەۋزەلدۇر. مەسجىد قۇبادا نىجاسەتلەردىن سۇ بىلەن، گۇناھ-مەئسىيەتلەردىن تەۋبە-ئىستىغفار بىلەن پاك بولۇشنى سۆيىدىغان كىشىلەر بار. ئاللاھ نىجاسەتلەردىن ۋە گۇناھلاردىن پاك بولغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَفَمَنۡ أَسَّسَ بُنۡيَٰنَهُۥ عَلَىٰ تَقۡوَىٰ مِنَ ٱللَّهِ وَرِضۡوَٰنٍ خَيۡرٌ أَم مَّنۡ أَسَّسَ بُنۡيَٰنَهُۥ عَلَىٰ شَفَا جُرُفٍ هَارٖ فَٱنۡهَارَ بِهِۦ فِي نَارِ جَهَنَّمَۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
دىننىڭ ئاساسىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋالىق ۋە ياخشىلىق ئەمەللەرنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئۈستىگە قۇرغان ئادەم بىلەن، مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتكۈزۈش، كۇپرىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇسۇلمانلار ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىش مەقسىتىدە مەسجىد بىنا قىلغان كىشى باراۋەر بولامدۇ؟، مەڭگۈ باراۋەر بولمايدۇ. تەقۋالىق ئۈستىگە قۇرلغان ئاساس كۈچلۈك ۋە بىخەتەر بولىدۇ. يەنە بىرى يارنىڭ گىرۋىكىگە سالغان بىناغا ئوخشاش مۇستەھكەم بولمايدۇ، شۇنداقلا مەزكۇر بىنا ئورۇلۇپ چۇشىدۇ. نەتىجىدە بىنا بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ جەھەننەمنىڭ ئوتىغا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئادەمگە ئوخشايدۇ. كۇپرىلىق ۋە مۇناپىقلىق بىلەن زۇلۇم قىلغان قەۋمگە ئاللاھ مۇۋەپپىقىيەت بەرمەيدۇ.
تفسیرهای عربی:
لَا يَزَالُ بُنۡيَٰنُهُمُ ٱلَّذِي بَنَوۡاْ رِيبَةٗ فِي قُلُوبِهِمۡ إِلَّآ أَن تَقَطَّعَ قُلُوبُهُمۡۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ
تاكى ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى پارە ـ پارە بولۇپ ئۆلمۈگىچە ياكى ئۆلتۈرۈلمىگىچە ئۇلارنىڭ سالغان مەسجىدى زىرار سەۋەبلىك دىللىرىدىكى گۇمان ۋە يىلتىز تارتىپ كەتكەن مۇناپىقلىق بولىۋېرىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر. قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ مۇكاپات-جازاسى سۈپىتىدە ھۆكۈم قىلغان ئىشلىرىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
تفسیرهای عربی:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ ٱشۡتَرَىٰ مِنَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ أَنفُسَهُمۡ وَأَمۡوَٰلَهُم بِأَنَّ لَهُمُ ٱلۡجَنَّةَۚ يُقَٰتِلُونَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَيَقۡتُلُونَ وَيُقۡتَلُونَۖ وَعۡدًا عَلَيۡهِ حَقّٗا فِي ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَٱلۡإِنجِيلِ وَٱلۡقُرۡءَانِۚ وَمَنۡ أَوۡفَىٰ بِعَهۡدِهِۦ مِنَ ٱللَّهِۚ فَٱسۡتَبۡشِرُواْ بِبَيۡعِكُمُ ٱلَّذِي بَايَعۡتُم بِهِۦۚ وَذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆئمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى (ئۆزىنىڭ مۈلكى بولغان بولسىمۇ) جاندىنمۇ قىممەتلىك جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. ئۇلار كاپىرلارنى ئۆلتۈرىدۇ، كاپىرلار ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ. ئاللاھ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب تەۋراتتا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب ئىنجىلدا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان كىتاب قۇرئاندا بۇنى ۋەدە قىلدى. ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ بىلەن قىلغان سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار. بۇ سودىدا چوڭ پايدا ئالدىڭلار. بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• محبة الله ثابتة للمتطهرين من الأنجاس البدنية والروحية.
ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى جىسمانى ۋە روھى نىجاسەتلەردىن پاك بولغۇچىلاردا ئورۇنلىشىدۇ.

• لا يستوي من عمل عملًا قصد به وجه الله؛ فهذا العمل هو الذي سيبقى ويسعد به صاحبه، مع من قصد بعمله نصرة الكفر ومحاربة المسلمين؛ وهذا العمل هو الذي سيفنى ويشقى به صاحبه.
ئاللاھنى رازى قىلىش مەقسىتىدە ئەمەل قىلغان ئادەم بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى كاپىرلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە ئەمەل قىلغان ئادەم باراۋەر بولمايدۇ. ئاللاھنى رازى قىلىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئەمەلنىڭ ساھىبى بەختلىك بولىدۇ ۋە ئەمىلىنىڭ (ساۋابى) قېلىپ قالىدۇ. مۇسۇلمانلارغا قارشى كاپىرلارغا ياردەم بېرىش مەقسىتىدە قىلىنغان ئەمەلنىڭ ساھىبى بەختسىز بولىدۇ ۋە ئەمىلىنىڭ (ساۋابى) يوق بولىدۇ.

• مشروعية الجهاد والحض عليه كانت في الأديان التي قبل الإسلام أيضًا.
ئىسلامدىن ئىلگىرىكى دىنلاردىمۇ جىھاد ۋە جىھادقا قىزىقتۇرۇش يولغا .قويۇلغان

• كل حالة يحصل بها التفريق بين المؤمنين فإنها من المعاصي التي يتعين تركها وإزالتها، كما أن كل حالة يحصل بها جمع المؤمنين وائتلافهم يتعين اتباعها والأمر بها والحث عليها.
ھەر قانداق ئەھۋالدا مۆئمىنلەر ئارىسىغا تەپرىقىچىلىك سېلىش ئېنىق تۈگىتىلىشى كېرەك بولغان گۇناھلارنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەر قانداق ئەھۋالدا مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ئېنىق بۇيرۇلغان ئەمەللەرنىڭ قاتارىدىندۇر.

ٱلتَّٰٓئِبُونَ ٱلۡعَٰبِدُونَ ٱلۡحَٰمِدُونَ ٱلسَّٰٓئِحُونَ ٱلرَّٰكِعُونَ ٱلسَّٰجِدُونَ ٱلۡأٓمِرُونَ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَٱلنَّاهُونَ عَنِ ٱلۡمُنكَرِ وَٱلۡحَٰفِظُونَ لِحُدُودِ ٱللَّهِۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر بولسا ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان ئىشلاردىن، ئاللاھ دوست تۇتىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان ئەمەللەرگە قايتقانلار، ئاللاھتىن قورقۇپ ئىخلاس بىلەن تائەت-ئىبادەت قىلغۇچىلار، ھەر قانداق ئەھۋالدا پەرۋەردىگارىغا ھەمدۇ -سانا ئېيتقۇچىلار، روزا تۇتقۇچىلار، ناماز ئوقۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بۇيرىغان ئىشلارغا بۇيرۇغۇچىلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى چەكلىگەن ئىشلاردىن چەكلىگۈچىلەر، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەگىشىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر. ئى پەيغەمبەر! بۇ سۈپەتكە ئىگە مۆئمىنلەرگە ئۇلارنى دۇنيا ئاخىرەتتە خۇشال قىلىدىغان ئىشلار بىلەن بىشارەت بەرگىن.
تفسیرهای عربی:
مَا كَانَ لِلنَّبِيِّ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَن يَسۡتَغۡفِرُواْ لِلۡمُشۡرِكِينَ وَلَوۡ كَانُوٓاْ أُوْلِي قُرۡبَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمۡ أَنَّهُمۡ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَحِيمِ
پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەرگە مۇشرىكلارنىڭ شېرىك ئۈستىدە ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەھلى دوزاخ ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن، مۇشرىكلار ئۇلارنىڭ تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى دۇرۇس ئەمەس.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ ٱسۡتِغۡفَارُ إِبۡرَٰهِيمَ لِأَبِيهِ إِلَّا عَن مَّوۡعِدَةٖ وَعَدَهَآ إِيَّاهُ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥٓ أَنَّهُۥ عَدُوّٞ لِّلَّهِ تَبَرَّأَ مِنۡهُۚ إِنَّ إِبۡرَٰهِيمَ لَأَوَّٰهٌ حَلِيمٞ
ئىبراھىمنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئۇنىڭغا ئىلگىرى قىلغان ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىدى. ئىبراھىم ئاتىسىنىڭ مۇسۇلمان بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ ئۇنىڭغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇ، ئاتىسىنىڭ نەسىھەت مەنپەئەت قىلمايدىغان ئاللاھنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكى ئېنىق مەلۇم بولغاندىن كېيىن ياكى ئاتىسىنىڭ كاپىر پېتى ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن ئاتىسىدىن ئادا-جۇدا بولدى. ئۇنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىشى ئاللاھنىڭ ۋەھيىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئەمەس بەلكى ئىجتىھادى ئىدى. شۈبھىسىزكى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا كۆپ ئاھ چەككۈچى، زالىم قەۋمىنىڭ ئەزىيەتلىرىنى كۆپ كەچۈرۋەتكۈچى ئىدى.
تفسیرهای عربی:
وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِلَّ قَوۡمَۢا بَعۡدَ إِذۡ هَدَىٰهُمۡ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ). ئەگەر ئۇلار ھاراملىقى بايان قىلىنغاندىن كېيىن ھارام قىلىنغان ئىشلارنى قىلسا ئۇلارغا ئازغۇن دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۈگەتتى.
تفسیرهای عربی:
إِنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۚ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٖ
شۈبھىسىزكى، ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر. ئاللاھنىڭ ھېچقانداق شېرىكى يوقتۇر. ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. تىرىلدۈرۈشنى خالىغان كىشىنى تىرىلدۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈۈشنى خالىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدۇ. ئى ئىنسانلار! سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىشىڭلارغا ئىگە بولىدىغان دوست، سىلەردىن يامانلىقنى قايتۇرىدىغان ۋە دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق مەدەتكارمۇ يوق.
تفسیرهای عربی:
لَّقَد تَّابَ ٱللَّهُ عَلَى ٱلنَّبِيِّ وَٱلۡمُهَٰجِرِينَ وَٱلۡأَنصَارِ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُوهُ فِي سَاعَةِ ٱلۡعُسۡرَةِ مِنۢ بَعۡدِ مَا كَادَ يَزِيغُ قُلُوبُ فَرِيقٖ مِّنۡهُمۡ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡۚ إِنَّهُۥ بِهِمۡ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا مۇناپىقلارغا تەبۇك غازىتىغا چىقماسلىققا رۇخسەت بەرگەن ئىدى. تەبۇك غازىتىدا ھاۋا ئىسسىق، دۈشمەنلەر كۈچلۈك ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ پەيغەمبەردىن ئايرىلماي ئەگەشكەن مۇھاجىر ۋە ئەنسارىلارنىڭمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە تاس قالغان ۋە ئۇلار ئېغىر قىيىنچىلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن جىھادنى تاشلاش نىيىتىگە كەلگەن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ ئۇلارنى دىندا مۇستەھكەم بولۇشقا ۋە جىھادقا چىقىشقا مۇۋەپپەق قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر. ئاللاھنىڭ ئۇلارنى تەۋبە قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلىپ، تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلىشى ئاللاھنىڭ ئۇلارغا كۆيۈنگەنلىكىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• بطلان الاحتجاج على جواز الاستغفار للمشركين بفعل إبراهيم عليه السلام.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىل قىلىپ تۇرۇپ، مۇشرىكلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلىش جايىز دېيىش باتىلدۇر.

• أن الذنوب والمعاصي هي سبب المصائب والخذلان وعدم التوفيق.
گۇناھ-مەئسىيەتلەر بولسا؛ مۇسىيبەت ، خارلىق ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئىرىشەلمەسلىكنىڭ سەۋەبى ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوقتۇر.

• أن الله هو مالك الملك، وهو ولينا، ولا ولي ولا نصير لنا من دونه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ بىزنىڭ ۋەلىيىمىز. بىزگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ياردەمچى ۋە مەدەتكار يوقتۇر.

• بيان فضل أصحاب النبي صلى الله عليه وسلم على سائر الناس.
ساھابىلەرنىڭ باشقا بارلىق كىشىلەردىن پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ بايانى.

وَعَلَى ٱلثَّلَٰثَةِ ٱلَّذِينَ خُلِّفُواْ حَتَّىٰٓ إِذَا ضَاقَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلۡأَرۡضُ بِمَا رَحُبَتۡ وَضَاقَتۡ عَلَيۡهِمۡ أَنفُسُهُمۡ وَظَنُّوٓاْ أَن لَّا مَلۡجَأَ مِنَ ٱللَّهِ إِلَّآ إِلَيۡهِ ثُمَّ تَابَ عَلَيۡهِمۡ لِيَتُوبُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
كەئب ئىبنى مالىك، مۇرارە ئىبنى رەبىئ، ھىلال ئىبنى ئۇمەييەدىن ئىبارەت جىھادقا چىقمىغان ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ ئاللاھ قوبۇل قىلدى.ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن تەبۇكقا چىقمىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ تەۋبىسى كىچىكىپ قۇبۇل قىلىندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باشقىلارنى ئۇلاردىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە بۇيرۇغان. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن قاتتىق غەمگە چۆمگەن ھەتتاكى شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان ئىدى. ئۇلار يالغۇزلۇقتىن ئىچى سىقىلىپ، ئاللاھقا تايانماستىن باشقا تايىنىدىغان جاينىڭ يوق ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا رەھىم قىلدى، ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قۇبۇل قىلدى. ھەقىقەتەن ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا مېھرىباندۇر.
تفسیرهای عربی:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَكُونُواْ مَعَ ٱلصَّٰدِقِينَ
ئى ئاللاھقا ئىمان ئېيتقان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن ۋە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغان كىشىلەر! ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئىماندا، سۆز ۋە ئەمەللىرىدە راستچىللار بىلەن بىللە بولۇڭلار. سىلەر راستچىللىق بىلەنلا نىجات تاپالايسىلەر.
تفسیرهای عربی:
مَا كَانَ لِأَهۡلِ ٱلۡمَدِينَةِ وَمَنۡ حَوۡلَهُم مِّنَ ٱلۡأَعۡرَابِ أَن يَتَخَلَّفُواْ عَن رَّسُولِ ٱللَّهِ وَلَا يَرۡغَبُواْ بِأَنفُسِهِمۡ عَن نَّفۡسِهِۦۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ لَا يُصِيبُهُمۡ ظَمَأٞ وَلَا نَصَبٞ وَلَا مَخۡمَصَةٞ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا يَطَـُٔونَ مَوۡطِئٗا يَغِيظُ ٱلۡكُفَّارَ وَلَا يَنَالُونَ مِنۡ عَدُوّٖ نَّيۡلًا إِلَّا كُتِبَ لَهُم بِهِۦ عَمَلٞ صَٰلِحٌۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىھادقا چىققان ۋاقىتتا مەدىنە ئاھالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئەئرابىيلارنىڭ رەسۇلۇللاھ بىلەن جىھادقا بىللە چىقماي قېلىپ قېلىشى، ئۆزلىرى بىلەنلا بولۇپ، رەسۇلۇللاھ بىلەن بىللە بولماسلىقى توغرا ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئۇلارغا ئاللاھ يولىدا يەتكەن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق، جاپا-مۇشەققەت، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كاپىرلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرىدىغان بىر ئورۇندا بولىشى، دۈشمەننى ئۆلتۈرۈش، ئەسىر ئېلىش، غەنىمەت ئېلىش ۋە مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىتىش قاتارلىق (ھەر نەرسىگە) ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان ياخشى ئەمەلنىڭ ساۋابىنى يازىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ بەلكى ئۇلارغا تولۇق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَلَا يُنفِقُونَ نَفَقَةٗ صَغِيرَةٗ وَلَا كَبِيرَةٗ وَلَا يَقۡطَعُونَ وَادِيًا إِلَّا كُتِبَ لَهُمۡ لِيَجۡزِيَهُمُ ٱللَّهُ أَحۡسَنَ مَا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلارنىڭ (ئاللاھ يولىدا) مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن سەرپ قىلغان مېلى، (جىھاد قىلىش مەقسىتىدە) ۋادىلارنى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا تارتقان جاپالىرىغا، ئاخىرەتتە ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ئەڭ ياخشى مۇكاپاتلارنى بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
۞ وَمَا كَانَ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ لِيَنفِرُواْ كَآفَّةٗۚ فَلَوۡلَا نَفَرَ مِن كُلِّ فِرۡقَةٖ مِّنۡهُمۡ طَآئِفَةٞ لِّيَتَفَقَّهُواْ فِي ٱلدِّينِ وَلِيُنذِرُواْ قَوۡمَهُمۡ إِذَا رَجَعُوٓاْ إِلَيۡهِمۡ لَعَلَّهُمۡ يَحۡذَرُونَ
مۆئمىنلەر جىھادقا چىققاندا (چۈنكى جىھادتا يېڭىش ۋە يېڭىلىش بولىدۇ) تۈپ يىلتىزىدىن يوقۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، مۆئمىنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ جىھادقا چىقىشى شەرت ئەمەس. ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى جىھادقا چىققان ئىكەن، ئۇلانىڭ ئىچىدىكى يەنە بىر تۈركۈمى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا ھەمراھ بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاڭلىغان قۇرئان ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىدا ئالىم بولۇپ، قەۋمىنىڭ قېشىغا قايتقاندىن كېيىن، قەۋمىنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇش، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش مەقسىتىدە ئىدى. مانا بۇنىڭدىن رەسۇلۇللاھنىڭ ھالقىلىق ۋەزىيەتتە سەھابىلىرىنى ھەر تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تاللىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب تقوى الله والصدق وأنهما سبب للنجاة من الهلاك.
دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھالاكەتتىن قۇرتۇلۇش، ئاللاھقا راستچىل ۋە تەقۋادار بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

• عظم فضل النفقة في سبيل الله.
ئاللاھ يولىدا نەپىقە قىلىشنىڭ پەزىلىتىنىڭ كاتتىلىقى

• وجوب التفقُّه في الدين مثله مثل الجهاد، وأنه لا قيام للدين إلا بهما معًا.
جىھادقا ئوخشاش دىنى مەسىلىلەردە ئالىم بولۇشنىڭ ۋاجىپلىقى، دىن پەقەت ئىلىم ۋە جىھاد بىلەنلا پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ.

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَٰتِلُواْ ٱلَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ ٱلۡكُفَّارِ وَلۡيَجِدُواْ فِيكُمۡ غِلۡظَةٗۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
ئاللاھ مۆئمىنلەرنى يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا بۇيرۇدى. چۈنكى ئۇلار يېقىن بولغاچقا مۆئمىنلەرنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ. يەنە شۇنداقلا كاپىرلارنى قورقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ يامانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارغا قاتىق قول بولۇشقا بۇيرىدى. ئاللاھ تەقۋادار مۆئمىنلەرگە ياردەم بېرىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا مَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ فَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ أَيُّكُمۡ زَادَتۡهُ هَٰذِهِۦٓ إِيمَٰنٗاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَزَادَتۡهُمۡ إِيمَٰنٗا وَهُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە بىرەر سۈرە نازىل قىلسا مۇناپىقلارنىڭ بەزىلىرى مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان بۇ سۈرە سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى؟، دەيدىغانلار بار. ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى تەستىقلىغان مۆئمىنلەرگە كەلسەك، نازىل بولغان سۈرە ئۇلارنىڭ ئىمانىنى كۈچەيتتى. نازىل قىلىنغان ۋەھيىدە ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك مەنپەئەتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار خۇشال بولىدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَأَمَّا ٱلَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ فَزَادَتۡهُمۡ رِجۡسًا إِلَىٰ رِجۡسِهِمۡ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كَٰفِرُونَ
مۇناپىقلارغا كېلىدىغان بولساق، نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە ئەھكام ۋە قىسسىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئايەتلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئەھكاملارغا ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، قۇرئاننىڭ نازىل بولىشى داۋاملاشقانسىرى ئۇلاردىكى مەنىۋىي كېسەللىك ۋە نىجىسلىق زىيادە بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئايەت نازىل بولسىلا نازىل بولغان نەرسە ھەققىدە شەك قىلىدۇ ۋە ئۇلار كاپىر پېتى ئۆلىدۇ.
تفسیرهای عربی:
أَوَلَا يَرَوۡنَ أَنَّهُمۡ يُفۡتَنُونَ فِي كُلِّ عَامٖ مَّرَّةً أَوۡ مَرَّتَيۡنِ ثُمَّ لَا يَتُوبُونَ وَلَا هُمۡ يَذَّكَّرُونَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم سىرلىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مۇناپىقلىقىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئارقىلىق سىنىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزىنى سىنايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ كۇپرىلىقىدىن تەۋبە قىلمايدۇ. نىپاقتىن قايتمايدۇ. ئۆزلىرىگە نازىل بولغان سۈرىلەردىن ۋە ئۇ سۈرىلەرنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولىدىغانلىقىدىن ئىبرەت ئالمايدۇ.
تفسیرهای عربی:
وَإِذَا مَآ أُنزِلَتۡ سُورَةٞ نَّظَرَ بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٍ هَلۡ يَرَىٰكُم مِّنۡ أَحَدٖ ثُمَّ ٱنصَرَفُواْۚ صَرَفَ ٱللَّهُ قُلُوبَهُم بِأَنَّهُمۡ قَوۡمٞ لَّا يَفۡقَهُونَ
ئاللاھ پەيغەمبىرىگە مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى بايان قىلىنغان بىرەر سۈرىنى نازىل قىلسا، ئۇلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە: سىلەرنى بىرەرسى كۆرۈپ قالارمۇ؟ دىيىشىپ قارىشىدۇ. ئەگەر بىرەرسى ئۇلارنى كۆرمىسە سورۇندىن تېكىۋىتىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ھىدايەتتىن، ياخشىلىقتىن ئۆزگەرتىۋەتتى. ئۇلار چۈشەنمەس قەۋم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى خار قىلدى
تفسیرهای عربی:
لَقَدۡ جَآءَكُمۡ رَسُولٞ مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ عَزِيزٌ عَلَيۡهِ مَا عَنِتُّمۡ حَرِيصٌ عَلَيۡكُم بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ رَءُوفٞ رَّحِيمٞ
ئى ئەرەب جامائەسى! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆز-ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. ئۇمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئەرەب، سىلەرگە ئېغىر كەلگەن ئىش ئۇنىڭغىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ ھىدايەت تېپىشىڭلارغا ھېرىسدۇر. ئۇ سىلەرگە كۆيىنىدۇ. خۇسۇسەن مۆئمىنلەرگە ناھايىتى كۆيۈمچان ۋە مېھرىباندۇر.
تفسیرهای عربی:
فَإِن تَوَلَّوۡاْ فَقُلۡ حَسۡبِيَ ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۖ عَلَيۡهِ تَوَكَّلۡتُۖ وَهُوَ رَبُّ ٱلۡعَرۡشِ ٱلۡعَظِيمِ
ئى پەيغەمبەر! ئەگەر ئۇلار سەندىن يۈز ئۆرۈسە، سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىمان ئېيتمىسا، سەن ئۇلارغا: ماڭا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوقتۇر، ئۇنىڭغىلا تاياندىم، ئۇ ئەرىشنىڭ بۈيۈك پەرۋەردىگارىدۇر، دېگىن.
تفسیرهای عربی:
از فواید آیات این صفحه:
• وجوب ابتداء القتال بالأقرب من الكفار إذا اتسعت رقعة الإسلام، ودعت إليه حاجة.
ئىسلام جۇغراپىيىسى كېڭىيىپ، ئېھتىياج چۈشكەندە مۇسۇلمانلارغا ئەڭ يېقىن كاپىرلارغا ئالدى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى.

• بيان حال المنافقين حين نزول القرآن عليهم وهي الترقُّب والاضطراب.
قۇرئان نازىل بولىۋاتقان چاغدا مۇناپىقلارنىڭ ئەھۋالى بولسا، ئىزتىراپ ۋە تۇراقسىزلىقتىن ئىبارەت ئىدى.

• بيان رحمة النبي صلى الله عليه وسلم بالمؤمنين وحرصه عليهم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۆئمىنلەرگە كۆيىنىدىغانلىقى ۋە ئۇلارغا ھېرىسمەنلىكىنى بايان قىلىش.

• في الآيات دليل على أن الإيمان يزيد وينقص، وأنه ينبغي للمؤمن أن يتفقد إيمانه ويتعاهده فيجدده وينميه؛ ليكون دائمًا في صعود.
ئايەتلەردە ئىماننىڭ كەم-زىيادە بولىدىغانلىقىغا دەلىل بار. مۆئمىن داۋاملىق يۇقىرى مەنىۋىيەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىمانىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە يېڭىلاپ تۇرىشى لازىم.

 
ترجمهٔ معانی سوره: سوره توبه
فهرست سوره ها شماره صفحه
 
ترجمهٔ معانی قرآن کریم - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - لیست ترجمه ها

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

بستن