Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’   Ayah:

ئىسرا

Ilan sa mga Layon ng Surah:
تثبيت الله لرسوله صلى الله عليه وسلم وتأييده بالآيات البينات، وبشارته بالنصر والثبات.
ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى روشەن مۆجىزىلەر بىلەن كۇچلاندۇرۇپ، غەلبە-نۇسرەت ۋە تەۋرەنمەسلىك بىلەن بىشارەت بېرىشىدىن ئىبارەتتۇر.

سُبۡحَٰنَ ٱلَّذِيٓ أَسۡرَىٰ بِعَبۡدِهِۦ لَيۡلٗا مِّنَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ إِلَى ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡأَقۡصَا ٱلَّذِي بَٰرَكۡنَا حَوۡلَهُۥ لِنُرِيَهُۥ مِنۡ ءَايَٰتِنَآۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡبَصِيرُ
ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدىغان بارلىق ئىشلارغا قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن بارچە ئەيىب - نۇقسانلاردىن پاكتۇر ھەم ئۇلۇغدۇر. ئۇ بەندىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى روھى ۋە بەدىنى بىلەن ئويغاق ھالەتتە كېچىنىڭ مەلۇم قىسمىدا مەسجىدى ھەرامدىن بەيتۇلمۇقەددەستىكى ئەقسا مەسجىدىگە ئېلىپ كەلدى. بىز بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئەتراپىنى مېۋە - چېۋىلەر، زىرائەتلەر ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى بىلەن بەرىكەتلىك قىلدۇق. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۆجىزىلىرىمىزنىڭ بىر قىسمىنى كۆرۈشى ئۈچۈندۇر. شەكسىزكى ئاللاھ تائالا ئاڭلىغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچبىر ئاۋاز مەخپىي قالمايدۇ، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇركى، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپىي قالمايدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَٰهُ هُدٗى لِّبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ أَلَّا تَتَّخِذُواْ مِن دُونِي وَكِيلٗا
بىز مۇساغا تەۋراتنى ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىغا يېتەكچى ۋە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى قىلدۇق. شۇنداقلا ئىسرائىل ئەۋلادىغا: مەندىن باشقىنى ئىشلىرىڭلارنى تاپشۇرىدىغان ھامىي قىلىۋالماڭلار، بەلكى پەقەت ماڭىلا تەۋەككۈل قىلىڭلار، دېدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ذُرِّيَّةَ مَنۡ حَمَلۡنَا مَعَ نُوحٍۚ إِنَّهُۥ كَانَ عَبۡدٗا شَكُورٗا
سىلەر بولساڭلار، بىز نۇھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە توپان بالاسىدا غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇرۇپ نېئمەت ئاتا قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى سىلەر. ئۇنداق بولغانىكەن، مۇشۇ نېئمەتنى ئېسىڭلارغا ئېلىپ، يېگانە ئاللاھقىلا قۇلچىلىق ۋە تائەت - ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا شۈكرى قىلىڭلار، بۇنىڭدا نۇھقا ئەگىشىڭلار. چۈنكى ئۇ ئاللاھقا كۆپ شۈكرى قىلغۇچى بەندە ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَقَضَيۡنَآ إِلَىٰ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ فِي ٱلۡكِتَٰبِ لَتُفۡسِدُنَّ فِي ٱلۡأَرۡضِ مَرَّتَيۡنِ وَلَتَعۡلُنَّ عُلُوّٗا كَبِيرٗا
بىز تەۋرات ئارقىلىق ئىسرائىل ئەۋلادىغا ئالدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ چوقۇم يەر يۈزىدە ئىككى قېتىم گۇناھ - مەئسىيەتلەرنى سادىر قىلىپ، كۆرەڭلەيدىغانلىقىنى، كىشىلەرگە زۇرلۇق - زومبۇرلۇق قىلىش بىلەن چوڭچىلىق قىلىشتا ھەددىدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ أُولَىٰهُمَا بَعَثۡنَا عَلَيۡكُمۡ عِبَادٗا لَّنَآ أُوْلِي بَأۡسٖ شَدِيدٖ فَجَاسُواْ خِلَٰلَ ٱلدِّيَارِۚ وَكَانَ وَعۡدٗا مَّفۡعُولٗا
ئۇلاردىن تۇنجى قېتىم بۇزۇقچىلىق سادىر بولغاندا ئۇلارغا بىزنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك ھەم شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىدىغان بەندىلىرىمىزنى ئەۋەتتۇق، ئۇلار ئىسرائىل ئەۋلادىنى ئۆلتۈرۈپ، يۇرتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتتى. ئۇلار يەنە يۇرتمۇ - يۇرت كېزىپ يۈرۈپ، ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى نەرسىنى ۋەيران قىلاتتى. ئاللاھنىڭ بۇ ھەقتىكى ۋەدىسى شەكسىز ئىشقا ئاشىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
ثُمَّ رَدَدۡنَا لَكُمُ ٱلۡكَرَّةَ عَلَيۡهِمۡ وَأَمۡدَدۡنَٰكُم بِأَمۡوَٰلٖ وَبَنِينَ وَجَعَلۡنَٰكُمۡ أَكۡثَرَ نَفِيرًا
ئەي ئىسرائىل ئەۋلادى! سىلەر ئاللاھقا تەۋبە قىلغىنىڭلاردا سىلەرنى بېسىۋالغانلارغا قارشى قايتا غەلبە ئاتا قىلىپ، ھۆكۈمرانلىقىڭلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بەردۇق، ئۇلار ماللىرىڭلارنى بۇلاپ - تالاپ، ئەۋلادلىرىڭلارنى ئەسىر ئېلىپ قۇل قىلغاندىن كېيىن سىلەرگە يەنە مال ۋە ئەۋلادلارنى ئاتا قىلدۇق، سىلەرنى دۈشمەنلىرىڭلاردىن كۆپ قىلىۋەتتۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنۡ أَحۡسَنتُمۡ أَحۡسَنتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡۖ وَإِنۡ أَسَأۡتُمۡ فَلَهَاۚ فَإِذَا جَآءَ وَعۡدُ ٱلۡأٓخِرَةِ لِيَسُـُٔواْ وُجُوهَكُمۡ وَلِيَدۡخُلُواْ ٱلۡمَسۡجِدَ كَمَا دَخَلُوهُ أَوَّلَ مَرَّةٖ وَلِيُتَبِّرُواْ مَا عَلَوۡاْ تَتۡبِيرًا
ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! ئەگەر ئەمەللىرىڭلارنى ياخشىلاپ، تەلەپكە لايىق ئىش قىلساڭلار، چوقۇم بۇنىڭ مۇكاپاتىغا ئۆزۈڭلار ئېرىشىسىلەر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن بىھاجەتتۇر. ناۋادا يامان ئىش قىلساڭلار، بۇنىڭ ۋابالىنىمۇ ئۆزۈڭلار تارتىسىلەر. چۈنكى سىلەرنىڭ ياخشى ئىشىڭلارنىڭ ئاللاھقا پايدىسى بولمايدۇ، يامانلىقىڭلارنىڭ زىيىنىمۇ بولمايدۇ. ئىككىنچى قېتىملىق بۇزۇقچىلىق يۈز بەرگەندە بىز سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلارنى يەنە ئەۋەتتۇق. ئۇلار سىلەرنى خورلايتتى، سىلەرگە تۈرلۈك ئازابلارنى تېتىتقانلىقى ئۈچۈن يۈزلىرىڭلاردا قايغۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلەتتى. ئۇلار بەيتۇلمۇقەددەسكە تۇنجى قېتىم قانداق كىرىپ، ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق قىلاتتى، شەھەرلەرنى قانداق ۋەيران قىلغان بولسا بۇ قېتىممۇ شۇنداق ۋەيران قىلاتتى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• في قوله: ﴿الْمَسْجِدِ الْأَقْصَا﴾: إشارة لدخوله في حكم الإسلام؛ لأن المسجد موطن عبادةِ المسلمين.
ئاللاھ تائالانىڭ «ئەقسا مەسجىدى» دېگەن سۆزىدە، ئۇ ئورۇننىڭ ئىسلام ھاكىمىيتى دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىغا ئىشارەت بار. چۈنكى مەسجىد دېگەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان ئورنىدۇر.

• بيان فضيلة الشكر، والاقتداء بالشاكرين من الأنبياء والمرسلين.
بۇ ئايەتلەر شۈكۈر ئېيتىشنىڭ ھەمدە شۈكرى ئېيتقۇچى پەيغەمبەرلەرگە ئەگىشىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىدۇ.

• من حكمة الله وسُنَّته أن يبعث على المفسدين من يمنعهم من الفساد؛ لتتحقق حكمة الله في الإصلاح.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىسلاھاتتىكى ھېكمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارغا ئۇلارنى بۇزۇقچىلىقتىن چەكلەيدىغان بىرىنى ئەۋەتىشى ئۇنىڭ ھېكمىتى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

• التحذير لهذه الأمة من العمل بالمعاصي؛ لئلا يصيبهم ما أصاب بني إسرائيل، فسُنَّة الله واحدة لا تتبدل ولا تتحول.
بۇ ئۈممەتكىمۇ ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلار كەلمەسلىكى ئۈچۈن گۇناھ - مەئسىيەتلەردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى بىر بولۇپ، ئالمىشىپ قالمايدۇ، ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara