Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’   Ayah:
وَمَا مَنَعَنَآ أَن نُّرۡسِلَ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّآ أَن كَذَّبَ بِهَا ٱلۡأَوَّلُونَۚ وَءَاتَيۡنَا ثَمُودَ ٱلنَّاقَةَ مُبۡصِرَةٗ فَظَلَمُواْ بِهَاۚ وَمَا نُرۡسِلُ بِٱلۡأٓيَٰتِ إِلَّا تَخۡوِيفٗا
مۇشرىكلار پەيغەمبەرنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە تەلەپ قىلغان ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش ۋە باشقا مۆجىزىلەرگە ئوخشاش ماددىي مۆجىزىلەرنى چۈشۈرمەسلىكىمىز، پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە نازىل قىلغىنىمىزدا ئۇلارنىڭ ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا كاتتا ھەم روشەن مۆجىزە بولغان تۆگىنى بەردۇق. ئۇلار ئۇنىڭ مۆجىزىلىكىنى ئىنكار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئارقىدىنلا ئۇلارنى ئازابلىدۇق. بىز پەيغەمبەرلىرىمىز ئارقىلىق مۆجىزىلەرنى پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىپ قورقۇتۇش ئۈچۈنلا ئەۋەتىمىز.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذۡ قُلۡنَا لَكَ إِنَّ رَبَّكَ أَحَاطَ بِٱلنَّاسِۚ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلرُّءۡيَا ٱلَّتِيٓ أَرَيۡنَٰكَ إِلَّا فِتۡنَةٗ لِّلنَّاسِ وَٱلشَّجَرَةَ ٱلۡمَلۡعُونَةَ فِي ٱلۡقُرۡءَانِۚ وَنُخَوِّفُهُمۡ فَمَا يَزِيدُهُمۡ إِلَّا طُغۡيَٰنٗا كَبِيرٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز ساڭا: پەرۋەردىگارىڭنىڭ قۇدرىتى ھەقىقەتەن ئىنسانلارنى تولۇق قورشاپ تۇرىدۇ. ئىنسانلار ئۇنىڭ چاڭگىلىدىدۇر، ئاللاھ سېنى ئۇلاردىن قوغدايدۇ. شۇڭا سەن يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغاننى يەتكۈزگىن، دېدۇق. مىراج كېچىسى بىز ساڭا كۆرسەتكەن ئىشلارنى پەقەت ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن بىر سىناق قىلدۇق. بىز قۇرئان كەرىمدە جەھەننەمنىڭ قەئرىدە ئۆسىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان زەققۇم دەرىخىنىمۇ پەقەت كىشىلەر ئۈچۈن سىناق قىلدۇق. ئۇلار بۇ ئىككى مۆجىزىگە ئىشەنمىگەن يەردە بۇنىڭدىن باشقا مۆجىزىلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. بىز مۆجىزىلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنى قورقۇتىمىز. لېكىن ئۇلارنى قورقۇتۇش ئۈچۈن نازىل قىلغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارنىڭ كۇپرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئازغۇنلۇقتا تېخىمۇ ئەزۋەيلىتىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ قَالَ ءَأَسۡجُدُ لِمَنۡ خَلَقۡتَ طِينٗا
ئەي پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە ئادەمگە ئىبادەت سەجدىسى ئەمەس، ھۆرمەت سەجدىسى قىلىڭلار، دېدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئادەمگە سەجدە قىلدى، لېكىن ئىبلىس تەكەببۇرلۇق بىلەن ئادەمگە سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ: مېنى ئوتتىن ياراتقان تۇرساڭ، سەن لايدىن ياراتقان بىرىگە سەجدە قىلىمەنمۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن بەكرەك ھۆرمەتكە سازاۋەر، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ أَرَءَيۡتَكَ هَٰذَا ٱلَّذِي كَرَّمۡتَ عَلَيَّ لَئِنۡ أَخَّرۡتَنِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَأَحۡتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٗا
ئىبلىس پەرۋەردىگارىغا: سەن مەندىن ئۈستۈن قىلىپ، مېنى سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان مەخلۇق مۇشۇ شۇمۇ؟ ئەگەر مېنى قىيامەتكىچە ھايات قالدۇرساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى سېنىڭ توغرا يولۇڭدىن ئازدۇرىمەن، پەقەت سەن ساقلاپ قالغانلار بۇنىڭ سىرتىدا بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭدۇر، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
قَالَ ٱذۡهَبۡ فَمَن تَبِعَكَ مِنۡهُمۡ فَإِنَّ جَهَنَّمَ جَزَآؤُكُمۡ جَزَآءٗ مَّوۡفُورٗا
پەرۋەردىگارى ئۇنىڭغا: بارغىن، ساڭا مۆھلەت بەردىم، سەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئىتائەت قىلغانلارغا جەھەننەم بار. جەھەننەم سەن ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا يارىشا بېرىلگەن تولۇق جازادۇر، دېدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَٱسۡتَفۡزِزۡ مَنِ ٱسۡتَطَعۡتَ مِنۡهُم بِصَوۡتِكَ وَأَجۡلِبۡ عَلَيۡهِم بِخَيۡلِكَ وَرَجِلِكَ وَشَارِكۡهُمۡ فِي ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَوۡلَٰدِ وَعِدۡهُمۡۚ وَمَا يَعِدُهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ إِلَّا غُرُورًا
سەن ئاسىيلىققا چاقىرىدىغان ئاۋازىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتىشقا كۈچۈڭ يەتكەنلىكى ئادەملەرنى قوزغاتقىن، ئۇلارنى ئۆزۈڭگە ئىتائەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنلىرىڭ بىلەن ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە خىلاپ بارچە ئىشلىرىنى پەردازلاپ كۆرسىتىپ ماللىرىغا شېرىك بولغىن، يالغان - ياۋىداقلىرىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىناغا چىللاش بىلەن ھەمدە ئۇلارنى بىسمىللاھ دەيدىغان چاغدا ئاللاھنىڭ باشقىسىغا چوقۇندۇرۇش بىلەن ئۇلارنىڭ بالىلىرىغىمۇ شېرىك بولغىن، ئۇلارغا ساختا ۋەدىلەرنى ۋە قۇرۇق خىياللارنى چىرايلىق كۆرسەتكىن. شەيتان ئۇلارغا پەقەت ئۇلارنى ئالدايدىغان ساختا ۋەدىلەرنىلا بېرىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِنَّ عِبَادِي لَيۡسَ لَكَ عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٞۚ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ وَكِيلٗا
ئەي ئبلىس! ھەقىقەتەن ماڭا ئىتائەت قىلىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىدىغان ئىخلاسمەن بەندىلىرىمگە سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنى شېرىكتىن ساقلايدۇ. بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھقا تايانغان كىشى ئۈچۈن ھامىي بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
رَّبُّكُمُ ٱلَّذِي يُزۡجِي لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ فِي ٱلۡبَحۡرِ لِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ كَانَ بِكُمۡ رَحِيمٗا
ئەي ئىنسانلار! پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ تىجارەت ۋە باشقا پايدا ئېلىش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق رىزقىڭلارنى ئىزدىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىزدا كېمىلەرنى ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ. مۇشۇنداق ۋاسىتىلەرنى قولايلاشتۇرۇپ بېرىدىغان ئاللاھ سىلەرگە ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• من رحمة الله بالناس عدم إنزاله الآيات التي يطلبها المكذبون حتى لا يعاجلهم بالعقاب إذا كذبوا بها.
ئاللاھنىڭ ئىنكارچىلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىلەرنى نازىل قىلماسلىقى ئىنسانلارغا بولغان شەپقىتىدىندۇركى، ئۇلار ئىنكار قىلغان چاغدا تېزلا جازاغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈندۇر.

• ابتلى الله العباد بالشيطان الداعي لهم إلى معصية الله بأقواله وأفعاله.
ئاللاھ تائالا بەندىلەرنى گەپ - سۆزلىرى ۋە ئىش - ھەرىكەتلىرى بىلەن ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشقا چاقىرىدىغان شەيتان بىلەن سىنايدۇ.

• من صور مشاركة الشيطان للإنسان في الأموال والأولاد: ترك التسمية عند الطعام والشراب والجماع، وعدم تأديب الأولاد.
شەيتاننىڭ ئىنساننىڭ مال - مۈلكى ۋە بالا - چاقىلىرىغا ئورتاق بولۇشىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى: يېمەك - ئىچمەك ۋە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان ۋاقىتلاردا بىسمىللاھ دېمەسلىكى ۋە ئەۋلادلىرىغا ئەدەب - ئەخلاق ئۆگەتمەسلىكىدۇر.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara