Check out the new design

Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm * - Indise ng mga Salin


Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’   Ayah:
وَإِذَا مَسَّكُمُ ٱلضُّرُّ فِي ٱلۡبَحۡرِ ضَلَّ مَن تَدۡعُونَ إِلَّآ إِيَّاهُۖ فَلَمَّا نَجَّىٰكُمۡ إِلَى ٱلۡبَرِّ أَعۡرَضۡتُمۡۚ وَكَانَ ٱلۡإِنسَٰنُ كَفُورًا
ئەي مۇشرىكلار! سىلەر دېڭىزدا بىرەر خاپىلىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇقۇپ، ھالاك بوپكېتىشتىن ئەندىشە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىڭلاردا ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان مەبۇدلىرىڭلار ئېسىڭلارغا كەلمەي، پەقەت ئاللاھنىلا ئەسلەيسىلەر، ئاللاھتىن ياردەم سورايسىلەر. ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىپ، سىلەرنى ئەندىشىدىن قۇتقۇزۇپ، قۇرۇقلۇققا چىققىنىڭلاردا ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە يالغۇز ئاللاھقىلا تىۋىنىشتىن يۈز ئۆرۈپ، بۇتلارغا چوقۇنۇشقا قايتىۋالىسىلەر. ئىنسان ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە تانغۇچى ئىدى.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَفَأَمِنتُمۡ أَن يَخۡسِفَ بِكُمۡ جَانِبَ ٱلۡبَرِّ أَوۡ يُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ حَاصِبٗا ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ وَكِيلًا
ئەي مۇشرىكلار! ئاللاھ سىلەرنى دېڭىزدا غەرق بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، قۇرۇقلۇققا چىقارغىنىدا سىلەرنى شۇ قۇرۇقلۇققا يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ياكى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە قىلغاندەك ئۈستۈڭلارغا ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئۇ چاغدا ئۆزۈڭلارنى قوغدىيالايدىغان بىرەر قوغدىغۇچى، ھالاكەتتىن توسۇپ قالىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايسىلەر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
أَمۡ أَمِنتُمۡ أَن يُعِيدَكُمۡ فِيهِ تَارَةً أُخۡرَىٰ فَيُرۡسِلَ عَلَيۡكُمۡ قَاصِفٗا مِّنَ ٱلرِّيحِ فَيُغۡرِقَكُم بِمَا كَفَرۡتُمۡ ثُمَّ لَا تَجِدُواْ لَكُمۡ عَلَيۡنَا بِهِۦ تَبِيعٗا
ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەنە بىر قېتىم دېڭىزدا قاتناتقۇزۇپ، دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا سىلەرگە قاتتىق بوران ئەۋەتىش ئارقىلىق تۇنجى قېتىم ئاللاھ قۇتقۇزغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نېئمەتلىرىگە كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭلار سەۋەبلىك دېڭىزغا غەرق قىلىۋېتىشىدىن خاتىرجەم بولالامسىلەر؟ ئاندىن سىلەر بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ۋە سىلەرگە يانباسىدىغان ھېچ بىرىنى تاپالمايسىلەر.
Ang mga Tafsir na Arabe:
۞ وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا
شەك - شۈبھىسىزكى بىز ئادەم بالىلىرىنى ئەقىل - پاراسەت ئاتا قىلىش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئادەمگە پەرىشتىلەرنى سەجدە قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ھۆرمەتلىك قىلدۇق، ئۇلارغا قۇرۇقلۇقتا مىنىدىغان ئۇلاغ ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، دېڭىزدا كېمىلەرگە چىقاردۇق، ئۇلارنى پاك، ھالال يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن رىزىقلاندۇردۇق، جىنسىي تۇرمۇش ۋە باشقا تۈرلۈك لەززەتلەردىن بەھرىمەن قىلدۇق، ئۇلارنى بىز ياراتقان نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ئالاھىدە ئۈستۈن قىلدۇق. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشى كېرەك.
Ang mga Tafsir na Arabe:
يَوۡمَ نَدۡعُواْ كُلَّ أُنَاسِۭ بِإِمَٰمِهِمۡۖ فَمَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَقۡرَءُونَ كِتَٰبَهُمۡ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! بىز ھەر بىر جامائەنى دۇنيادا ئەگەشكەن يولباشچىلىرى بىلەن بىرگە چاقىرىدىغان كۈننى ئەسلىگىن. ئۇ كۈندە نامە - ئەمالى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ نامە - ئەمالىنى خۇرسەن بولغان ھالدا ئوقۇيدۇ، ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، ھەتتا خورما ئۇرۇقچىسىنىڭ كاتىكىدىكى يىپقا چاغلىق كىچىك ساۋابمۇ چالا قويماي بېرىلىدۇ
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَمَن كَانَ فِي هَٰذِهِۦٓ أَعۡمَىٰ فَهُوَ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ أَعۡمَىٰ وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
دۇنيادا ھەقنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن دىلى كور بولغان كىشى قىيامەت كۈنى تېخىمۇ ئېغىر كور بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن جەننەتنىڭ يولىنى تاپالمايدۇ، توغرا يولدىن ئازىدۇ. دېمەك جازا - مۇكاپات ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ئۇسۇلى بويىچە بولىدۇ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَإِن كَادُواْ لَيَفۡتِنُونَكَ عَنِ ٱلَّذِيٓ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ لِتَفۡتَرِيَ عَلَيۡنَا غَيۡرَهُۥۖ وَإِذٗا لَّٱتَّخَذُوكَ خَلِيلٗا
ئەي پەيغەمبەر! مۇشرىكلار بىزنىڭ نامىمىزدىن ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى - ھەۋەسلىرىگە ماس كېلىدىغان نەرسىلەرنى ئويدۇرۇشۇڭ ئۈچۈن سېنى بىز ساڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئان كەرىمدىن بۇرۇۋېتىشكە تاس قالدى. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى قىلغان بولساڭ، ئەلۋەتتە ئۇلار سېنى ئۆزلىرىگە دوست قىلىۋالاتتى
Ang mga Tafsir na Arabe:
وَلَوۡلَآ أَن ثَبَّتۡنَٰكَ لَقَدۡ كِدتَّ تَرۡكَنُ إِلَيۡهِمۡ شَيۡـٔٗا قَلِيلًا
ئەگەر بىز سېنى ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلمىغان بولساق، ئۇلارغا ئازراق مايىل بولۇپ كېتىشكە، شۇنداقلا سېنىڭ ئۇلارنىڭ ئىمان ئېيتىشىغا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇشۇڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرى ۋە ئالدامچىلىقىدىن ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قوشۇلۇشقا تاس قالغان ئىدىڭ. لېكىن بىز سېنى ئۇلارغا مايىل بولۇپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدۇق.
Ang mga Tafsir na Arabe:
إِذٗا لَّأَذَقۡنَٰكَ ضِعۡفَ ٱلۡحَيَوٰةِ وَضِعۡفَ ٱلۡمَمَاتِ ثُمَّ لَا تَجِدُ لَكَ عَلَيۡنَا نَصِيرٗا
ئەگەر ئۇلارنىڭ ساڭا قويغان تەلىپىگە مايىل بوپكەتكەن بولساڭ، ئەلۋەتتە سېنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەسسىلەپ ئازابلىغان بولاتتۇق، ئاندىن بىزگە قارشى ساڭا ياردەم بېرىدىغان ۋە سەندىن ئازابنى قايتۇرىدىغان بىرەر ياردەمچى تاپالمايتتىڭ.
Ang mga Tafsir na Arabe:
Ilan sa mga Pakinabang ng mga Ayah sa Pahinang Ito:
• الإنسان كفور للنعم إلا من هدى الله.
ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئىنسانلار نېئمەتكە بەك تۇزكورلۇق قىلىدۇ.

• كل أمة تُدْعَى إلى دينها وكتابها، هل عملت به أو لا؟ والله لا يعذب أحدًا إلا بعد قيام الحجة عليه ومخالفته لها.
ھەر بىر ئۈممەت ئۆزىنىڭ دىنى ۋە كىتابىغا ئەمەل قىلدىمۇ - ياقمۇ؟ دەپ چاقىرىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچكىمنى دەلىل - پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنىڭغا قارشى چىقمىغۇچە ئازابلىمايدۇ.

• عداوة المجرمين والمكذبين للرسل وورثتهم ظاهرة بسبب الحق الذي يحملونه، وليس لذواتهم.
جىنايەتچى ۋە ئىنكارچىلارنىڭ پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىزباسارلىرىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ئوچۇق - ئاشكارىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئۇلار يەتكۈزگەن ھەقىقەتتۇر.

• الله تعالى عصم النبي من أسباب الشر ومن البشر، فثبته وهداه الصراط المستقيم، ولورثته مثل ذلك على حسب اتباعهم له.
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يامانلىق يوللىرىدىن ۋە ئىنسانلارنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىدى، ھەقتە مۇستەھكەم قىلىپ، توغرا يولغا باشلىدى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىزباسارلىرىنىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىش نىسبىتى بويىچە توغرا يولغا يېتەكلىدى.

 
Salin ng mga Kahulugan Surah: Al-Isrā’
Indise ng mga Surah Numero ng Pahina
 
Salin ng mga Kahulugan ng Marangal na Qur'an - Salin sa Wikang Uyghur ng Al-Mukhtasar fī Tafsīr Al-Qur’an Al-Karīm - Indise ng mga Salin

Inilabas ng Markaz Tafsīr Lid-Dirāsāt Al-Qur’ānīyah (Sentro ng Tafsīr Para sa mga Pag-aaral Pang-Qur’an).

Isara