قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم * - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى


مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە بەقەرە   ئايەت:

سۈرە بەقەرە

سۈرىنىڭ مەقسەتلىرىدىن:
الأمر بتحقيق الخلافة في الأرض بإقامة الإسلام، والاستسلام لله، والتحذير من حال بني إسرائيل.
زېمىندا خىلاپەتنى روياپقا چېقىرىش: ئىسلامنى تۇرغۇزۇش، ئاللاھقا بويسۇنۇش ۋە ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىش بىلەن بولىدۇ.

الٓمٓ
ئەلىف، لام، مىم، بۇ ھەرپلەر بىلەن قۇرئان سۈرىلىرىنىڭ بەزىسى باشلانغان بولۇپ، بۇ ھەرپلەر يالغۇز كەلگەندە (ئەلىف، بە، تە، سە...)ئۆز ئالدىغا ھېچقانداق مەنا ئىپادىلىمەيدۇ. ئۇ ھەرپلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ھېكمىتى ۋە ئەھمىيەتلىرى بار، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ھېكمىتى يوق ھېچقانداق نەرسە بولمايدۇ. ھەرپلەرنىڭ مۇھىم ھېكمەتلىرىدىن: ئەرەپلەر سۆزلىشىدىغان ۋە بىلىدىغان ھەرپلەرنىڭ ئۆزىدىن قوراشتۇرۇلغان قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى بىلەن ئۇلارغا جەڭ ئېلان قىلىش، شۈنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ سۈرىدە كەلگەندەك نۇرغۇن سۈرىلەردە ھەرپلەردىن كېيىن قۇرئان كەرىم زىكىر قىلىنغان
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذَٰلِكَ ٱلۡكِتَٰبُ لَا رَيۡبَۛ فِيهِۛ هُدٗى لِّلۡمُتَّقِينَ
بۇ ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم نازىل بولۇش تەرەپتىن بولسۇن ياكى لەپزى ۋە مەنالىرى تەرەپتىن بولسۇن، ئۇنىڭدا ھېچقانداق شەك يوقتۇر. بۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر، ئاللاھتىن قورققۇچىلارنى تەقۋادارلىققا يېتىدىغان يولغا يېتەكلىگۈچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِٱلۡغَيۡبِ وَيُقِيمُونَ ٱلصَّلَوٰةَ وَمِمَّا رَزَقۡنَٰهُمۡ يُنفِقُونَ
مۆئمىنلەر غەيىبكە ئىشىنىدۇ، غەيىب دېگەن: سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلىنمەيدىغان، بىزدىن غايىب بولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن، قىيامەت كۈنىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نامازنى ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويغىنىغا مۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن، پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ياكى قوشۇمچە خەيرى-ساخاۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان بارلىق ۋەھيىگە ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپاتلارغا كەسكىن ئىشىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ يُؤۡمِنُونَ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡكَ وَمَآ أُنزِلَ مِن قَبۡلِكَ وَبِٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ يُوقِنُونَ
مۆئمىنلەر غەيىبكە ئىشىنىدۇ، غەيىب دېگەن: سەزگۈر ئەزالار بىلەن بىلىنمەيدىغان، بىزدىن غايىب بولغان، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى خەۋەر بەرگەن، قىيامەت كۈنىگە ئوخشاش ئىشلاردىن ئىبارەتتۇر. ئۇلار نامازنى ئاللاھ تائالانىڭ يولغا قويغىنىغا مۇۋاپىق شەرتلەر بىلەن، پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىدۇ، ئۇلار ئاللاھدىن ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، پەرز قىلىنغان زاكاتنى ياكى قوشۇمچە خەيرى-ساخاۋەتلەرنى ئاللاھ تائالا رىزق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە نازىل قېلىنغان بارلىق ۋەھيىگە ھېچ بىرىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ئىشىنىدۇ، ئاخىرەتكە ۋە ئاخىرەت كۈنىدىكى جازا-مۇكاپاتلارغا كەسكىن ئىشىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَىٰ هُدٗى مِّن رَّبِّهِمۡۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ
ئۇلار توغرا يولدا بولغانلىقى ئۈچۈن مۇشۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار ئارزۇلىرىغا يېتىش ۋە ئەنسىرىگەن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش بىلەن دۇنيا-ئاخىرەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الثقة المطلقة في نفي الرَّيب دليل على أنه من عند الله؛ إذ لا يمكن لمخلوق أن يدعي ذلك في كلامه.
قۇرئان كەرىمنىڭ مۇتلەق ئىشەنچ بىلەن شەكنى رەت قىلىشى بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر، چۈنكى مەخلۇقنىڭ ئۇنى ئۆزىنىڭ سۆزى دەپ دەۋا قىلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتۇر.

• لا ينتفع بما في القرآن الكريم من الهدايات العظيمة إلا المتقون لله تعالى المعظِّمون له.
قۇرئان كەرىمدىكى كاتتا ھىدايەتلەردىن پەقەت قۇرئان كەرىمنى ئاللاھنىڭ كالامى دەپ ئۇلۇغلايدىغان تەقۋادار كىشىلەرلا مەنپەئەتلىنەلەيدۇ

• من أعظم مراتب الإيمانِ الإيمانُ بالغيب؛ لأنه يتضمن التسليم لله تعالى في كل ما تفرد بعلمه من الغيب، ولرسوله بما أخبر عنه سبحانه.
ئىمانىي مەرتىۋىنىڭ ئەڭ ئالىسى غەيبكە ئىشىنىشتۇر، چۈنكى غەيبكە ئىشىنىش، رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ توغرىسىدا بەرگەن خەۋەرلىرىنى، شۇنداقلا، ئاللاھ تائالا ئۆزى بىلىش بىلەن چەكلەنگەن غەيبىي ئىشلارنى بىلىشتە يەككە-يېگانە دەپ بىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

• كثيرًا ما يقرن الله تعالى بين الصلاة والزكاة؛ لأنَّ الصلاة إخلاص للمعبود، والزكاة إحسان للعبيد، وهما عنوان السعادة والنجاة.
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆپلىگەن ئايەتلەردە ناماز بىلەن زاكاتنى بىرگە زىكىر قىلىدۇ. بۇنىڭدىكى ھېكمەت: ناماز بولسا ئاللاھقا سادىق بولۇشتۇر. زاكات بولسا بەندىگە مەرھەمەت قىلىشتۇر. بۇ ئىككىسى بەخىت-سائادەت ۋە نىجاتلىقنىڭ ئۇنۋانىدۇر.

• الإيمان بالله تعالى وعمل الصالحات يورثان الهداية والتوفيق في الدنيا، والفوز والفلاح في الأُخرى.
ئاللاھقا ئىشىنىش ۋە سالىھ ئەمەللەرنى قىلىش بولسا، دۇنيادا توغرا يولغا مۇۋەپپەق بولۇش ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ كاپالىتى.

إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ سَوَآءٌ عَلَيۡهِمۡ ءَأَنذَرۡتَهُمۡ أَمۡ لَمۡ تُنذِرۡهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ھەقىقەتەن ئىمان ئېيتمىغان، ئازغۇنلۇقنى ۋە ھەددىدىن ئېشىشنى داۋاملاشتۇرغانلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرساڭمۇ ياكى ئاگاھلاندۇرمىساڭمۇ ئوخشاش.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
خَتَمَ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِهِمۡ وَعَلَىٰ سَمۡعِهِمۡۖ وَعَلَىٰٓ أَبۡصَٰرِهِمۡ غِشَٰوَةٞۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دىللىرىنى دىلىدىكى باتىل نەرسىلەر بىلەن قۇلۇپلاپ پېچەتلىۋەتتى، قۇلاقلىرىنىمۇ پېچەتلىدى، ئۇلار ھەقگە بويسۇنۇش ۋە ھەقنى ئاڭلاش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پەردىلەنگەن بولۇپ، ئۇلار ئوپ-ئوچۇق ھەقىقەتنى كۆرمەيدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا كاتتا ئازاب بار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَبِٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَمَا هُم بِمُؤۡمِنِينَ
ئىنسانلاردىن بىر گورۇھ كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ جانلىرى ۋە ماللىرىدىن ئەنسىرەپ تىللىرى بىلەن ئىمان كەلىمىسىنى دەيدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى مۆئمىن دەپ ئويلايدۇ، ئەمما ماھىيەتتە كاپىردۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يُخَٰدِعُونَ ٱللَّهَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَمَا يَخۡدَعُونَ إِلَّآ أَنفُسَهُمۡ وَمَا يَشۡعُرُونَ
ئۇلار نادانلىقىدىن ئىماننى ئاشكارا قىلىپ، كۇپىرنى يوشۇرۇپ ئاللاھنى ۋە مۇئمىنلەرنى ئالدىدۇق دەپ ئويلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلار ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۆزلىرىنى ئالدايدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنى تۇيمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر. مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ سۈپىتى ۋە ھالىتىنى بىلدۈرىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٞ فَزَادَهُمُ ٱللَّهُ مَرَضٗاۖ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمُۢ بِمَا كَانُواْ يَكۡذِبُونَ
بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا شەكلىنىش بار، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ شەكلىنىشتىن ئىبارەت بولغان كېسىلىنى كۈچەيتىۋەتتى، جازا قىلغان ئىشنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ. ئاللاھنى، ئىنسانلارنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەق دىننى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارغا دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا دەرتلىك ئازاب بار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ لَا تُفۡسِدُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ قَالُوٓاْ إِنَّمَا نَحۡنُ مُصۡلِحُونَ
ئۇلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىشتىن چەكلەنسە، ئۇلار بۇنى ئىنكار قىلىپ ئۆزلىرىنى بىز ئىسلاھ قىلغۇچى، ئىسلاھات ئىگىلىرى دەپ ئويلايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلۡمُفۡسِدُونَ وَلَٰكِن لَّا يَشۡعُرُونَ
ئەمەلىيەتتە ئۇلار بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار بولۇپ، بۇنى تۇيمايدۇ ۋە قىلمىشلىرىنىڭ ئوپ-ئوچۇق بۇزۇقچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ كَمَآ ءَامَنَ ٱلنَّاسُ قَالُوٓاْ أَنُؤۡمِنُ كَمَآ ءَامَنَ ٱلسُّفَهَآءُۗ أَلَآ إِنَّهُمۡ هُمُ ٱلسُّفَهَآءُ وَلَٰكِن لَّا يَعۡلَمُونَ
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلسا، ئۇلار مەسخىرە قىلىپ، كۆزگە ئىلماي: بىز ئىمان ئېيتقان ئەخمەقلەرگە ئوخشاش ئىمان ئېيتامدۇق؟دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزى ئەخمەق بولسىمۇ لېكىن ئۇلار بۇنى بىلمەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا لَقُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَوۡاْ إِلَىٰ شَيَٰطِينِهِمۡ قَالُوٓاْ إِنَّا مَعَكُمۡ إِنَّمَا نَحۡنُ مُسۡتَهۡزِءُونَ
ئۇلار مۆئمىنلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلاردىن قورقۇپ: سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك بىزمۇ ئىمان ئېيتتۇق دەيدۇ، مۆئمىنلەردىن ئايرىلىپ ئۆزلىرىنىڭ كاتىۋاشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، بىز ھەقىقەتتە سىلەرگە ئەگىشىمىز، سىلەر بىلەن بىللە، لېكىن مۆئمىنلەرنى زاڭلىق ۋە مەسخىرە قىلىپ كۆرۈنۈشتە ئۇلارغا ماسلىشىمىز، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهُ يَسۡتَهۡزِئُ بِهِمۡ وَيَمُدُّهُمۡ فِي طُغۡيَٰنِهِمۡ يَعۡمَهُونَ
ئۇلارنىڭ مۆئمىنلەرنى مەسخىرە قىلغانلىقىنىڭ باراۋىرىدە، ئاللاھ ئۇلارنى مەسخىرە قىلىدۇ، جازا ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ تۈرىدىن بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئۇلارغا مۇسۇلمانلارغا بېرىلگەن ھۆكۈم ئىجرا بولىدۇ، ئەمما ئاخىرەتتە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلىقى ۋە نىپاقلىقىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا ئازغۇنلۇق ۋە ھەددىدىن ئېشىشى ئۈچۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىلىنىش ۋە ھەيرانلىقتا قالىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلۡهُدَىٰ فَمَا رَبِحَت تِّجَٰرَتُهُمۡ وَمَا كَانُواْ مُهۡتَدِينَ
ئۇلار ئەقىلسىزلەردۇر، چۈنكى ئۇلار ئىماننى كۇپىرغا ئالماشتۇردى، ئۇلار ئاللاھقا بولغان ئىماننى زېيان تارتقانلىقى ئۈچۈن بۇ تىجارىتىدە پايدا ئالالمىدى ۋە توغرا يول تاپقۇچىمۇ بولمىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن من طبع الله على قلوبهم بسبب عنادهم وتكذيبهم لا تنفع معهم الآيات وإن عظمت.
كۇپۇرلۇق ۋە گەردەنكەشلىك سەۋەبىدىن ئاللاھ دىللىرىغا پېچەت ئۇرىۋەتكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ھەرقانچە كاتتا بولسىمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ

• أن إمهال الله تعالى للظالمين المكذبين لم يكن عن غفلة أو عجز عنهم، بل ليزدادوا إثمًا، فتكون عقوبتهم أعظم.
ئاللاھ تائالانىڭ زالىملار ۋە ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلارغا مۆھلەت بېرىشى بىپەرۋالىق ۋە ئامالسىزلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ گۇناھىنى زىيادە قىلىپ، جازاسىنى ئېغىرلاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر

مَثَلُهُمۡ كَمَثَلِ ٱلَّذِي ٱسۡتَوۡقَدَ نَارٗا فَلَمَّآ أَضَآءَتۡ مَا حَوۡلَهُۥ ذَهَبَ ٱللَّهُ بِنُورِهِمۡ وَتَرَكَهُمۡ فِي ظُلُمَٰتٖ لَّا يُبۡصِرُونَ
ئاللاھ تائالا ئاشۇ مۇناپىقلار ئۈچۈن ئوتتىن ۋە سۇدىن ئىبارەت بولغان ئىككى تۈرلۈك ئوخشۇتۇشنى بايان قىلدى: ئۇلارنىڭ ئوتتىن بولغان ئوخشىتىلىشى: ئۇلار يورۇقلۇق ئۈچۈن ئوت ياققان كىشىگە ئوخشايدۇ، ئوتنىڭ نۇرى پارلىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭ نۇرىدىن مەنپەئەتلىنىشنى ئويلىغاندا، ئوتنىڭ يالقۇنى پەسلەپ، چوغى قېلىپ، يورۇقلىقى كېتىپ قالىدۇ-دە، ئوت ياققۇچىلار ئەتراپتىكى ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەي يولىنى تاپالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
صُمُّۢ بُكۡمٌ عُمۡيٞ فَهُمۡ لَا يَرۡجِعُونَ
ئۇلار گاس بولۇپ ھەقنى قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدە ئاڭلىمايدۇ، ھەقنى سۆزلەشتىن گاچىدۇر، ھەقنى كۆرۈشتىن كۆردۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇنلۇقىدىن قايتمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوۡ كَصَيِّبٖ مِّنَ ٱلسَّمَآءِ فِيهِ ظُلُمَٰتٞ وَرَعۡدٞ وَبَرۡقٞ يَجۡعَلُونَ أَصَٰبِعَهُمۡ فِيٓ ءَاذَانِهِم مِّنَ ٱلصَّوَٰعِقِ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِۚ وَٱللَّهُ مُحِيطُۢ بِٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلارنىڭ سۇدىن بولغان ئوخشىتىلىشى: ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن گۈلدۈرمامىلىق، چاقماقلىق قاراڭغۇ كېچىدە قاتتىق يامغۇر چۈشكەندە قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە ئوخشايدۇ. ئۇلار چاقماق ئاۋازىنىڭ قاتتىقلىقىدىن ئۆلۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالىدۇ، ئاللاھ كاپىرلارنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلار ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَكَادُ ٱلۡبَرۡقُ يَخۡطَفُ أَبۡصَٰرَهُمۡۖ كُلَّمَآ أَضَآءَ لَهُم مَّشَوۡاْ فِيهِ وَإِذَآ أَظۡلَمَ عَلَيۡهِمۡ قَامُواْۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَذَهَبَ بِسَمۡعِهِمۡ وَأَبۡصَٰرِهِمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
چاقماقنىڭ قاتتىق چېقىشى ۋە نۇرىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ئۇلار كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىلى تاس قالىدۇ، چاقماقنىڭ يورۇقلىقىدا ئالغا ئىلگىرلەيدۇ، يورۇقلۇق تۈگىگەندە، قاراڭغۇ-زۇلمەتتە قىلىپ ھەرىكەتلىنىشكە قادىر بولالمايدۇ، ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ھەممىگە قادىر بولغان قۇدرىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئاڭلاش ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى كەتكۈزىۋېتەتتى، ئۇلار ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئەزالىرىنى ئۇلارغا قايتۇرمايتتى. يامغۇر قۇرئان كەرىمنىڭ مىسالىدۇر، چاقماق ئاۋازى قۇرئان كەرىمدىكى چەكلىمىلەرنىڭ مىسالىدۇر، چاقماقنىڭ يورۇقى ئۇلار ئۈچۈن بەزى ۋاقىتتا ھەقنىڭ ئاشكارا بولىدىغانلىقىنىڭ مىسالىدۇر، گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىقلىقىدىن قۇلىقىنى ئېتىۋىلىشى ئۇلارنىڭ ھەقنى قوبۇل قىلماستىن، ھەقتىن يۈز ئۆرىگەنلىكىنىڭ مىسالىدۇر. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئىككى مىسال بىلەن مۇناپىقلارنىڭ ئارىسىدىكى ئورتاق ئوخشىتىش بولسا، مەنپەئەتلىنەلمەسلىكتۇر، ئوتنىڭ مىسالىدا بولسا: ئوتنى يورۇتقۇچى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشى ۋە قاراڭغۇلۇقتىن باشقا نەرسىدىن مەنپەئەتلىنەلمىدى، سۇنىڭ مىسالىدا بولسا: يامغۇردا قالغان كىشىلەر گۇلدۈرماما ۋە چاقماقنىڭ گۈلدۈرلىشى ۋە قورقۇشىدىن باشقا نەرسىدىن مەنپەئەتلىنەلمىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش مۇناپىقلارمۇ ئىسلامدىن قوپاللىق ۋە رەھىمسىزلىكتىن باشقىنى كۆرمەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ ٱعۡبُدُواْ رَبَّكُمُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ وَٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
ئى ئىنسانلار! سىلەر يالغۇز پەرۋەردىگارىڭلارغا، ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ئاللاھ سىلەرنى ۋە سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرنى ياراتتى، سىلەردىن ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش بىلەن ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ ئارىسىدا توسانجا قېلىشىڭلار ئۈمىد قىلىنىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلۡأَرۡضَ فِرَٰشٗا وَٱلسَّمَآءَ بِنَآءٗ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ فَلَا تَجۡعَلُواْ لِلَّهِ أَندَادٗا وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئاللاھ زېمىننى سىلەر ئۈچۈن تۆشەك قىلدى، زېمىننىڭ ئۈستىدە ئاسماننى مۇستەھكەم بىناغا ئوخشاش قىلدى، سىلەرگە نېئمەت ئاتا قىلىش بىلەن يامغۇر ياغدۇرۇش ئارقىلىق زېمىندىن تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەردى. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ھالبۇكى سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق يەككە-يىگانە ياراتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن كُنتُمۡ فِي رَيۡبٖ مِّمَّا نَزَّلۡنَا عَلَىٰ عَبۡدِنَا فَأۡتُواْ بِسُورَةٖ مِّن مِّثۡلِهِۦ وَٱدۡعُواْ شُهَدَآءَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئى ئىنسانلار! سىلەر بەندىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان قۇرئان كەرىم ھەققىدە شەك قىلساڭلار، بىز سىلەرگە جەڭ ئېلان قىلىمىز، سىلەر قۇرئان ئىنساننىڭ سۆزى دېگەن سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، قۇرئاندىكى سۈرىلەرنىڭ ئوخشىشىدا ئەڭ قىسقا بولسىمۇ بىرەر سۆرە كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، قۇرئانغا قارشى تۇرۇشتا بارلىق ياردەمچىلىرىڭلارنى ياردەمگە چاقىرىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ وَلَن تَفۡعَلُواْ فَٱتَّقُواْ ٱلنَّارَ ٱلَّتِي وَقُودُهَا ٱلنَّاسُ وَٱلۡحِجَارَةُۖ أُعِدَّتۡ لِلۡكَٰفِرِينَ
ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغان بولساڭلار، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىلەر، ئازابقا ھەقلىق بولغان ئىنسانلار ۋە ئۇلار چوقۇنغان تۈرلۈك تاشلار ۋە باشقا نەرسىلەر يېقىلغۇ قېلىنىدىغان دوزاختىن قورقۇڭلار، ئاللاھ تائالا دوزاخ ئوتىنى كاپىرلارغا تەييار قىلدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن الله تعالى يخذل المنافقين في أشد أحوالهم حاجة وأكثرها شدة؛ جزاء نفاقهم وإعراضهم عن الهدى.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارنى ئۇلارنىڭ مۇناپىقلىقى ۋە ھىدايەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق جازالاپ، ئەڭ قېيىن ھالەتتە خارلايدۇ

• من أعظم الأدلة على وجوب إفراد الله بالعبادة أنه تعالى هو الذي خلق لنا ما في الكون وجعله مسخَّرًا لنا.
ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى ھەممە نەرسىنى بىز ئۈچۈن ياراتقانلىقى ۋە بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى بولسا، ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە بىر بېلىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسپاتىدۇر

• عجز الخلق عن الإتيان بمثل سورة من القرآن الكريم يدل على أنه تنزيل من حكيم عليم.
ئىنسانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىن بىر سۈرىنىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشتىن ئاجىز كېلىشى قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر

وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
يۇقىرىدا كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان ئازابلار بايان قىلىندى، ئى پەيغەمبەر! ئاللاھقا ئىشەنگەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان مۆئمىنلەرگە، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىدىغان قەسىرلىرى ۋە باغچىلىرىنىڭ ئاستىدىن ئېرىق-ئۆستەڭلەردە سۇلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن، ئۇلار جەننەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىدىن رىزىقلاندۇرۇلغان ۋاقىتتا، بۇ مېۋىلەرنىڭ دۇنيانىڭ مېۋىلىرىگە بەك ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلار بىز بۇرۇن دۇنيادىمۇ بۇ مېۋىلەردىن رىزىقلاندۇرۇلغان ئىدۇق دەيدۇ، ئۇلارغا شەكلى، ئىسمى كۆرۈنىشى دۇنيادا تونۇشلۇق بولغان مېۋىلەر كەلتۈرۈلىدۇ، لېكىن ئۇ مېۋىلەرنىڭ تەمى ۋە تاتلىقلىقى دۇنيادىكى مېۋىلەرگە ئوخشىمايدۇ، جەننەتتە ئۇلارغا دۇنيا ئەھلىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پاسكىنا ۋە يىرگىنىدىغان بارلىق نەرسىلەردىن پاك بولغان جۈپلەر بېرىلىدۇ، ئۇلار جەننەتتە دۇنيادىكى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان نېئمەتلەرگە ئوخشىمايدىغان، ئۈزۈلمەي مەڭگۈ داۋاملىشىپ تۇرىدىغان نېمەتلەردە بولىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَسۡتَحۡيِۦٓ أَن يَضۡرِبَ مَثَلٗا مَّا بَعُوضَةٗ فَمَا فَوۡقَهَاۚ فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ فَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۖ وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَيَقُولُونَ مَاذَآ أَرَادَ ٱللَّهُ بِهَٰذَا مَثَلٗاۘ يُضِلُّ بِهِۦ كَثِيرٗا وَيَهۡدِي بِهِۦ كَثِيرٗاۚ وَمَا يُضِلُّ بِهِۦٓ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقِينَ
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆزى خالىغان نەرسىلەرنى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈشتىن تارتىنىپ قالمايدۇ، پاشا ۋە ئۇنىڭدىن چوڭراق ياكى كېچىكرەك نەرسىنى مىسال قىلىدۇ، ئىنسانلار مۇشۇ مىسالنىڭ تەرىپىدە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: مۆئمىنلەر ۋە كاپىرلار، ئەمما مۆئمىنلەر بۇنىڭغا ئىشىنىدۇ ۋە بۇ مىسالنىڭ ئارقىسىدا ھېكمەت بارلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما كاپىرلار بولسا مەسخىرە قىلغان ھالەتتە، ئاللاھ تائالانىڭ پاشا، چېۋىن ۋە ئۆمۇچۈككە ئوخشاش ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغان نەرسىلەرنى مىسال كەلتۈرىشىدىكى سەۋەبنى سورايدۇ، بۇنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ تائالا بېرىدۇ: بۇ مىساللاردا ئىنسانلارنى ئىمتىھان قىلىش، يول كۆرسۈتۈش ۋە ئۇلارنى يېتەكلەشتىن ئىبارەت بۈيۈك بىر ھېكمەت بار، ئاللاھ تائالا مۇشۇ مىساللار بىلەن بۇ توغرىدا پىكىر قېلىشتىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ، ئۇلار كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر، بۇ مىسالنىڭ سەۋەبى بىلەن ۋەز-نەسىھەت ئالغان كىشىلەرنى توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ، ئۇلارمۇ كۆپتۇر، ئاللاھ تائالا مۇناپىقلارغا ئوخشاش ئۆزىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان، ئازغۇنلۇققا دۇچار بولغان كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يَنقُضُونَ عَهۡدَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مِيثَٰقِهِۦ وَيَقۡطَعُونَ مَآ أَمَرَ ٱللَّهُ بِهِۦٓ أَن يُوصَلَ وَيُفۡسِدُونَ فِي ٱلۡأَرۡضِۚ أُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
ئاللاھ ئۇلاردىن يالغۇز ئۆزىگە ئىبادەت قىلىش، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر خەۋەر بەرگەن ئاللاھنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش توغرىسىدا ئەھدە ئالغاندىن كېيىن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش، زېمىندا گۇناھ-مەسىيەت تارىتىش ئۈچۈن تېرىشچانلىق قىلىشقا ئوخشىغان رەزىل سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ، ئۇلار دۇنيا-ئاخىرەتتە تولۇق نەسىۋىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَيۡفَ تَكۡفُرُونَ بِٱللَّهِ وَكُنتُمۡ أَمۡوَٰتٗا فَأَحۡيَٰكُمۡۖ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
ئى كاپىرلار سىلەرنىڭ ئىشىڭلار ھەيران قالارلىق! ئاللاھنى قانداقمۇ ئىنكار قىلىسىلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ نامايەندىسىنى ئۆزۈڭلاردا كۆرۈۋاتىسىلەر، سىلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ئېدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى پەيدا قىلدى، تىرىلگۈزدى، ئاندىن ئاللاھ سىلەرنى ئىككىنچى قېتىم ۋاپات تاپقۇزۇپ، ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا ھېساب بېرىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئاللاھ ئۆزى يالغۇز زېمىندىكى دەريا-ئۆستەڭ، دەل-دەرەخ قاتارلىق سانىنى ساناپ بولغىلى بولمايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، سىلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن نەرسىلەردىن مەنپەئەتلىنىسىلەر، ئاندىن ئاسمانغا ئۆرلەپ يەتتە قات ئاسماننى تەدرىجى ياراتتى. ئاللاھنىڭ ئىلمى كائىناتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من كمال النعيم في الجنة أن ملذاتها لا يكدرها أي نوع من التنغيص، ولا يخالطها أي أذى.
جەننەتتىكى نېئمەتلەر مۇكەممەل بولۇپ، ئىنسانغا زىيان قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ لەززىتىگە ھېچ قانداق نەرسە تەڭ كىلەلمەيدۇ.

• الأمثال التي يضربها الله تعالى لا ينتفع بها إلا المؤمنون؛ لأنهم هم الذين يريدون الهداية بصدق، ويطلبونها بحق.
ئاللاھ قۇرئاندا بايان قىلغان مىساللاردىن پەقەت مۆئمىنلەرلا پايدىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇلار سەمىمىيەت بىلەن توغرا يول ۋە ھەقىقەتنى تەلەپ قىلىدۇ.

• من أبرز صفات الفاسقين نقضُ عهودهم مع الله ومع الخلق، وقطعُهُم لما أمر الله بوصله، وسعيُهُم بالفساد في الأرض.
پاسىقلارنىڭ ئەڭ ئوچۇق سۈپەتلىرىدىن: ئۇلار ئاللاھغا بەرگەن ۋە ئىنسانلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ، ئاللاھ ئۇلاشقا بۇيرىغان سىلە-رەھىمنى ئۈزىدۇ، زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ.

• الأصل في الأشياء الإباحة والطهارة؛ لأن الله تعالى امتنَّ على عباده بأن خلق لهم كل ما في الأرض.
نەرسىلەر ئەسلىدە پاك ۋە مۇباھتۇر، چۈنكى ئاللاھ زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەرنى بەندىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ياراتتى.

وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي جَاعِلٞ فِي ٱلۡأَرۡضِ خَلِيفَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَجۡعَلُ فِيهَا مَن يُفۡسِدُ فِيهَا وَيَسۡفِكُ ٱلدِّمَآءَ وَنَحۡنُ نُسَبِّحُ بِحَمۡدِكَ وَنُقَدِّسُ لَكَۖ قَالَ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرگە ئۆزىنىڭ زېمىندا ئىنسان يارىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئورۇنباسار بولىدىغانلىقى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر بېرىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھ تائالادىن(بىلىش ۋە توغرا يول تېپىش مەقسىتىدە) زېمىندا ئادەم ئەۋلادلىرىنى ئورۇنباسار قىلىپ يارىتىشنىڭ ھېكمىتىنى سوراپ، ئۇلار زېمىندا بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ، ناھەق قان تۆكىدۇ، بىز بولساق ساڭا ئىتائەت قىلىمىز، سېنى پاك دەپ مەدھىيلەيمىز، توختىماستىن سېنى يۈكسەكلىكىڭ ۋە مۇكەممەللىكىڭ بىلەن ئۇلۇغلايمىز دەيدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ: مەن ئۇلارنى زېمىندا ئورۇنباسار قىلىشتىن ئىبارەت كاتتا مەقسەت ۋە ئۇلارنى يارىتىشتىن ئىبارەت بولغان پارلاق ھېكمەتتىن سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى بىلىمەن دەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَعَلَّمَ ءَادَمَ ٱلۡأَسۡمَآءَ كُلَّهَا ثُمَّ عَرَضَهُمۡ عَلَى ٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ فَقَالَ أَنۢبِـُٔونِي بِأَسۡمَآءِ هَٰٓؤُلَآءِ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ مەرتىۋىسىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن بارلىق جانلىق-جانسىز نەرسىلەرنىڭ ئىسىم-ئاتالغۇلىرى ۋە مەنالىرىنى تەلىم بەردى، ئاندىن ئىسىملىرى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بىلدۇرۇلگەن نەرسىلەرنى پەرىشتىلەرگە كۆرسۈتۈپ: سىلەر ئۆز قارىشىڭلاردا بىز بۇ مەخلۇقتىن ئىززەتلىك ۋە ھۆرمەتلىك دېگەن سۆزۈڭلاردا سەمىمى بولساڭلار، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىسملىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ لَا عِلۡمَ لَنَآ إِلَّا مَا عَلَّمۡتَنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡحَكِيمُ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كەمچىلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىپ، پەزلى-ھېكمەتنى ئاللاھقا قايتۇرۇپ: ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز سېنى پاك دەپ ئۇلۇغلايمىز، سېنىڭ ھۆكمىڭ ۋە قانۇنىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمەيمىز، بىز سەن بىزگە ئىلىمدىن تەلىم بەرگەن نەرسىنى بىلىمىز، سەن بارلىق نەرسىلەرنى بىلىسەن، قانۇنىڭ ۋە قۇدرىتىڭدىن ھەر نەرسىنى ئۆز ئورنىغا قويىدىغان ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ يَٰٓـَٔادَمُ أَنۢبِئۡهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡۖ فَلَمَّآ أَنۢبَأَهُم بِأَسۡمَآئِهِمۡ قَالَ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ إِنِّيٓ أَعۡلَمُ غَيۡبَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَأَعۡلَمُ مَا تُبۡدُونَ وَمَا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ
شۇ ۋاقىتتا ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامغا: پەرىشتىلەرگە بۇ نەرسىلەرنىڭ ناملىرىدىن خەۋەر بەرگىن دەيدۇ، ئادەم ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەلىم بەرگەندەك خەۋەر بېرىدۇ، ئاللاھ پەرىشتىلەرگە: مەن سىلەرگە ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى غەيىبلەرنى بىلىپ تۇرىمەن، سىلەرنىڭ ئىشىڭلاردىن ئاشكارا ۋە كۆڭلۈڭلەردە يوشۇرغاننىمۇ بىلىپ تۇرىمەن دېمىگەنمىدىم، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قُلۡنَا لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ ٱسۡجُدُواْ لِأٓدَمَ فَسَجَدُوٓاْ إِلَّآ إِبۡلِيسَ أَبَىٰ وَٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئاللاھ تائالا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت-ئېھتىرام سەجدىسى قىلىشقا بۇيرىغان ئەھۋالنى بايان قىلىدۇ، پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا ئالدىراپ تىزدىن سەجدە قىلدى، جىنلاردىن بولغان ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئادەمگە تەكەببۇرلۇق قىلىپ، سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالاغا كاپىر بولغۇچىلاردىن بولدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقُلۡنَا يَٰٓـَٔادَمُ ٱسۡكُنۡ أَنتَ وَزَوۡجُكَ ٱلۡجَنَّةَ وَكُلَا مِنۡهَا رَغَدًا حَيۡثُ شِئۡتُمَا وَلَا تَقۡرَبَا هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةَ فَتَكُونَا مِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
بىز ئادەمگە: ئى ئادەم! سەن خوتۇنۇڭ (ھەۋۋا) بىلەن جەننەتتە تۇرۇڭلار، جەننەتتىكى نەرسىلەردىن قېينالماستىن كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار. سىلەر مېۋىسىنى يېيىشتىن چەكلەنگەن مۇشۇ دەرەخكە يېقىنلىشىشتىن ساقلىنىڭلار، بولمىسا بۇيرۇقۇمغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَأَزَلَّهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ عَنۡهَا فَأَخۡرَجَهُمَا مِمَّا كَانَا فِيهِۖ وَقُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ بَعۡضُكُمۡ لِبَعۡضٍ عَدُوّٞۖ وَلَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُسۡتَقَرّٞ وَمَتَٰعٌ إِلَىٰ حِينٖ
شەيتان ئۇ ئىككىسىنى ئازدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىھ ئىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەتتا ئاللاھ ئۇلارنى يېيىشتىن چەكلىگەن دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېگۈزۈش ئارقىلىق خاتالاشتۇردى، ئاللاھ بۇ ئىككىسىنى جازالاپ جەننەتتىن چىقاردى، ئۇ ئىككىسىگە ۋە شەيتانغا: بەزىڭلار بەزىڭلارغا دۈشمەن بولغان ھالەتتە زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەر زېمىندا ئەجىلىڭلار توشۇپ، قىيامەت بولغانغا قەدەر زېمىندىكى نېمەتلەردىن مەنپەئەتلىنىڭلار دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَتَلَقَّىٰٓ ءَادَمُ مِن رَّبِّهِۦ كَلِمَٰتٖ فَتَابَ عَلَيۡهِۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
ئادەم پەرۋەردىگارىدىن بىر قانچە سۆز تەلىم ئالدى، ئۇ دۇئالار ئىلھام ئارقىلىق بلدۈرۈلدى، ئۇ سۆزلەر تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت: «ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! بىز ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز زۇلۇم قىلدۇق، ئەگەر سەن بىزگە مەغپىرەت قىلمىساڭ، بىزگە رەھىم قىلمىساڭ، بىز چوقۇم زىيان تارتقۇچىلاردىن بولىمىز، دېدى» [ئەئراپ سۈرىسى 23-ئايەت]. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى ۋە خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى بەك قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە ناھايتى مېھرىباندۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الواجب على المؤمن إذا خفيت عليه حكمة الله في بعض خلقه وأَمْرِهِ أن يسلِّم لله في خلقه وأَمْرِهِ.
مۆئمىنگە ئاللاھنىڭ پەيدا قىلىش ۋە بۇيرىقىدىكى بەزى ھېكمەت بىلىنمىگەندىمۇ، يارىتىش ۋە بۇيرۇق ئىشلىرىدا ئاللاھغا ئىشىنىشى ۋاجىب بولىدۇ

• رَفَعَ القرآن الكريم منزلة العلم، وجعله سببًا للتفضيل بين الخلق.
قۇرئان كەرىم ئىلىمنىڭ ئورنىنى ئالى قىلدى ۋە ئىلىمنى خالايىقلار ئارىسىدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ سەۋەبى قىلدى

• الكِبْرُ هو رأس المعاصي، وأساس كل بلاء ينزل بالخلق، وهو أول معصية عُصِيَ الله بها.
تەكەببۇرلۇق بولسا ئاسىيلىقنىڭ باشلىنىشى، ئىنسانلارغا يېتىدىغان بارلىق بالا-مۇسىبەتنىڭ ئاساسىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا قېلىنغان تۇنجى ئاسىيلىقتۇر

قُلۡنَا ٱهۡبِطُواْ مِنۡهَا جَمِيعٗاۖ فَإِمَّا يَأۡتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدٗى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
ئۇلارغا: ھەممىڭلار جەننەتتىن زېمىنغا چۈشۈڭلار، سىلەرگە مېنىڭ پەيغەمبىرىم ئارقىلىق مەن تەرەپتىن يول كۆرسەتكۈچ كەلسە، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ۋە پەيغەمبىرىمگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ئاخىرەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىگىمۇ قايغۇرمايدۇ، دېدۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَآ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
كاپىر بولغانلار ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَوۡفُواْ بِعَهۡدِيٓ أُوفِ بِعَهۡدِكُمۡ وَإِيَّٰيَ فَٱرۡهَبُونِ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئارقىمۇ-ئارقا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇ نېئمەتلەرگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، ماڭا ۋە مېنىڭ پەيغەمبەرلىرىمگە ئىشىنىش ۋە قانۇن-پرىنسىپلىرىمغا ئەمەل قىلىشتىن ئىبارەت ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار. مەنمۇ: سىلەرنى دۇنيادا ياخشى تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، قىيامەت كۈنىدە ئېسىل مۇكاپات بېرىشتىن ئىبارەت بولغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن، مەندىنلا قورقۇڭلار، ماڭا بەرگەن ۋەدەڭلارنى بۇزماڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلۡتُ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَكُمۡ وَلَا تَكُونُوٓاْ أَوَّلَ كَافِرِۭ بِهِۦۖ وَلَا تَشۡتَرُواْ بِـَٔايَٰتِي ثَمَنٗا قَلِيلٗا وَإِيَّٰيَ فَٱتَّقُونِ
ئاللاھنى بىر بىلىش ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى توغرىسىدا، ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكى تەۋراتتا كەلگەنگە مۇۋاپىق بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار، قۇرئاننى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ھەزەر قىلىڭلار، ھوقۇق ۋە يۈز ئابرۇيدىن بولغان ئازراق نەرسىگە مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سېتىۋەتمەڭلار، مېنىڭ غەزىبىم ۋە ئازابىمدىن قورقۇڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا تَلۡبِسُواْ ٱلۡحَقَّ بِٱلۡبَٰطِلِ وَتَكۡتُمُواْ ٱلۡحَقَّ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
مەن پەيغەمبىرىمگە نازىل قىلغان ھەقنى ئۆزۇڭلار توقىغان باتىلغا ئارىلاشتۇرماڭلار، سىلەر ئىشەنچ بىلەن بىلىپ تۇرۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىدىن كىتابىڭلاردا بايان قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇرماڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱرۡكَعُواْ مَعَ ٱلرَّٰكِعِينَ
نامازنى پەرز-ۋاجىپ، سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىڭلار، ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا قىلغان پۇل-ماللارنىڭ زاكىتىنى چېقىرىڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىدىن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلار بىلەن بىللە ئاللاھقا بويسۇنۇڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ أَتَأۡمُرُونَ ٱلنَّاسَ بِٱلۡبِرِّ وَتَنسَوۡنَ أَنفُسَكُمۡ وَأَنتُمۡ تَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
سىلەرنىڭ باشقىلار ئىمانغا ۋە ياخشى ئەمەللەرگە بۇيرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭلار نېمە دېگەن نۇمۇسسىزلىق! سىلەر تەۋراتنى ئوقۇيسىلەر، ئۇنىڭدىكى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئەگىشىش ۋە پەيغەمبىرىگە ئەگىشىشتىن ئىبارەت بۇيرۇقنى بىلىسىلەر، ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنمەمسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ وَإِنَّهَا لَكَبِيرَةٌ إِلَّا عَلَى ٱلۡخَٰشِعِينَ
دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىدە سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان ناماز ئوقۇش ۋە سەۋىر قىلىش ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بېرىدۇ ۋە مۇھاپىزەت قىلىدۇ. شۇنداقلا سىلەرگە يېتىدىغان زىياننى كەتكۈزۈۋېتىدۇ، ھەقىقەتەن ناماز كەمتەرلىك بىلەن ئاللاھقا بويسۇنغۇچىلاردىن باشقىلارغا قېيىن ۋە مۇشەققەتلىك ئىشتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ رَبِّهِمۡ وَأَنَّهُمۡ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ
ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان ۋە قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىشىنىدىغانلار تەقۋادار كىشىلەردۇر، ئۇلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى قىلغان ئەمەللىرىگە مۇناسىپ ھالدا مۇكاپاتلايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى يەئقۇپ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا يُؤۡخَذُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش بىلەن قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلارنىڭ ئارىسىدا توساق قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى كىشىگە ئەسقاتمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز مەنپەئەتنى جەلىپ قىلىپ، زېياننى دەپئى قىلىشتا ھېچ كىشىنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنمايدۇ، زېمىن تولغىدەك ئالتۇن بولسىمۇ ھېچ كىشىدىن پىديە ئېلىنمايدۇ، ئۇ كۈندە گۇناھكار-كاپىرلار ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ، شاپائەت قوبۇل قىلىنمىسا، پىديە ئېلىنمىسا ۋە ياردەمگە ئېرىشەلمىسە، قەيەرگە قاچىدۇ؟!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من أعظم الخذلان أن يأمر الإنسان غيره بالبر، وينسى نفسه.
ئىنساننىڭ باشقىلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، ئۆز نەپسىنى ئۇنتۇپ قىلىشى ئەڭ چوڭ خارلىقتۇر

• الصبر والصلاة من أعظم ما يعين العبد في شؤونه كلها.
ئىنساننىڭ ئىشلىرىدا ياردەم بولىدىغان ئەڭ چوڭ نەرسە، سەۋىر بىلەن نامازدۇر

• في يوم القيامة لا يَدْفَعُ العذابَ عن المرء الشفعاءُ ولا الفداءُ، ولا ينفعه إلا عمله الصالح.
ئىنسان قىيامەت كۈنىدە ئازابتىن بىرەر شاپائەتچىنىڭ شاپائىتى ياكى پىديە بېرىش ئارقىلىق ساقلىنالمايدۇ، پەقەت قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ساقلىنىدۇ

وَإِذۡ نَجَّيۡنَٰكُم مِّنۡ ءَالِ فِرۡعَوۡنَ يَسُومُونَكُمۡ سُوٓءَ ٱلۡعَذَابِ يُذَبِّحُونَ أَبۡنَآءَكُمۡ وَيَسۡتَحۡيُونَ نِسَآءَكُمۡۚ وَفِي ذَٰلِكُم بَلَآءٞ مِّن رَّبِّكُمۡ عَظِيمٞ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى پىرئەۋن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاھانەت قىلىش ۋە بەك خارلاش ئۈچۈن قىزلىرىڭلارنى ھايات قويۇپ خىزمەتكە سېلىشتىن ئىبارەت بولغان تۈرلۈك ئازابدىن قۇتقۇزغانلىقىنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، سىلەرنىڭ شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭلاردىن بولغان زور سىناقتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ فَرَقۡنَا بِكُمُ ٱلۡبَحۡرَ فَأَنجَيۡنَٰكُمۡ وَأَغۡرَقۡنَآ ءَالَ فِرۡعَوۡنَ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
بىزنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمىزنى ياد ئېتىڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەرگە دېڭىزنى يېرىپ سىلەرنىڭ مېڭىشىڭلار ئۈچۈن قۇرۇق يول قىلدۇق، سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، دۈشمىنىڭلار بولغان پىرئەۋن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر قاراپ تۇرغان ھالەتتە غەرق قىلدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ وَٰعَدۡنَا مُوسَىٰٓ أَرۡبَعِينَ لَيۡلَةٗ ثُمَّ ٱتَّخَذۡتُمُ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَنتُمۡ ظَٰلِمُونَ
مۇشۇ نېئمەتلەردىن، بىزنىڭ مۇساغا ھىدايەت ۋە نۇردىن ئىبارەت تەۋراتنى نازىل قىلىش ئۈچۈن قىرىق كۈننى تاماملاشنى ۋەدە قىلغانلىقىمىزنى ياد ئېتىڭلار، شۇ مۇددەتتە سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەر موزايغا چوقۇندى، مۇشۇ قىلمىشىڭلار بىلەن سىلەر ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ عَفَوۡنَا عَنكُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
تەۋبە قىلغاندىن كېيىن سىلەرنى ئەپۇ قىلدۇق، سىلەرنىڭ گۈزەل شەكىلدە ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىپ شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى جازالىمىدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡفُرۡقَانَ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
مۇشۇ نېئمەتلەر جۈملىسىدىن؛ ئۆز ۋاقتىدا سىلەرنى ھىدايەت تاپسۇن دەپ، ئازغۇنلۇق بىلەن ھىدايەتنىڭ، باتىل بىلەن ھەقىقەتنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان تەۋراتنى مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بەردۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ يَٰقَوۡمِ إِنَّكُمۡ ظَلَمۡتُمۡ أَنفُسَكُم بِٱتِّخَاذِكُمُ ٱلۡعِجۡلَ فَتُوبُوٓاْ إِلَىٰ بَارِئِكُمۡ فَٱقۡتُلُوٓاْ أَنفُسَكُمۡ ذَٰلِكُمۡ خَيۡرٞ لَّكُمۡ عِندَ بَارِئِكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡۚ إِنَّهُۥ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
مۇشۇ نىمەتلەر جۈملىسىدىن؛ ئاللاھنىڭ سىلەرنى موزايغا چوقۇنغاندىن كېيىن تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلىشىدۇر، ئۆز ۋاقتىدا مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرگە: سىلەر موزاينى مەبۇد قىلىپ چوقۇنۇش بىلەن ھەقىقەتەن ئۆزۇڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار، سىلەرنى پەيدا قىلغان ياراتقۇچىڭلارغا تەۋبە قىلىڭلار، بەزىڭلار بەزىڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، مۇشۇ تەرىقىدىكى تەۋبە قىلىش سىلەر ئۈچۈن دوزاختا مەڭگۈ قىلىشقا ئېلىپ بارىدىغان كۇپۇرلۇقتىن ياخشىدۇر، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە مەۋەپپەق قىلىشى بىلەن بۇ ئىشنى ئادا قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، چۈنكى ئاللاھ تەۋبىنى بەك قوبۇل قىلغۇچى ۋە بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نُّؤۡمِنَ لَكَ حَتَّىٰ نَرَى ٱللَّهَ جَهۡرَةٗ فَأَخَذَتۡكُمُ ٱلصَّٰعِقَةُ وَأَنتُمۡ تَنظُرُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئەجدادلىرىڭلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا جاسارەت بىلەن خىتاپ قىلىپ: ئاللاھنى ھېچ قانداق توساقسىز، ئوپ-ئوچۇق كۆرمۈگىچە ساڭا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز دېگەن سۆزىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەرنى كۆيدۈرگۈچ ئوت سوقتى، بەزىڭلار بەزىڭلارغا قاراپ تۇرغان ھالەتتە ئۆلدۈڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ بَعَثۡنَٰكُم مِّنۢ بَعۡدِ مَوۡتِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتسۇن دەپ، ئۆلگەندىن كېيىن سىلەرنى تىرىلدۇردۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَظَلَّلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡغَمَامَ وَأَنزَلۡنَا عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَنَّ وَٱلسَّلۡوَىٰۖ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡۚ وَمَا ظَلَمُونَا وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ
بىزنىڭ سىلەرگە قىلغان نېئمەتلىرىمىزدىن: سىلەر زېمىندا ئىسسىپ كەتكەندە قۇياش نۇرىدىن سايىدىشىڭلار ئۈچۈن بۇلۇتلارنى ئەۋەتتۇق، ھەسەلگە ئوخشاش تاتلىق ئىچىملىك، بۇدۇنىگە ئوخشاش كېچىك قۇشنىڭ كاۋىپىنى چۈشۈرۈپ بەردۇق. بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك نەرسىلەردىن يەپ-ئىچىڭلار دېدۇق، ئۇلار مۇشۇ نېئمەتلەرگە نانكورلۇق قىلسىمۇ بىز ھېچ نەرسىنى كىمەيتىۋەتمىدۇق، لېكىن ئۇلار ساۋابتىن بولغان نەسىۋىسىنى كىمەيتىش ۋە ئۆزلىرىنى ئازابقا دۇچار قىلىش بىلەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• عِظَمُ نعم الله وكثرتها على بني إسرائيل، ومع هذا لم تزدهم إلا تكبُّرًا وعنادًا.
ئاللاھ ئىسرائىل ئەۋلادلىرىغا شۇنچە كاتتا نېئمەتلەرنى بېرىپ تۇرسىمۇ، بۇ نېئمەتلەر ئۇلارنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە گەردەنكەشلىكىنى زىيادە قىلدى

• سَعَةُ حِلم الله تعالى ورحمته بعباده، وإن عظمت ذنوبهم.
گەرچە بەندىلەرنىڭ خاتالىقى كۆپ بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە رەھمىتى ۋە كەڭ قورساقلىقى ئۇنىڭدىن كەڭرىدۇر

• الوحي هو الفَيْصَلُ بين الحق والباطل.
ۋەھيى بولسا ھەق بىلەن باتىل ئارىسىنى ئايرىغىچىدۇر

وَإِذۡ قُلۡنَا ٱدۡخُلُواْ هَٰذِهِ ٱلۡقَرۡيَةَ فَكُلُواْ مِنۡهَا حَيۡثُ شِئۡتُمۡ رَغَدٗا وَٱدۡخُلُواْ ٱلۡبَابَ سُجَّدٗا وَقُولُواْ حِطَّةٞ نَّغۡفِرۡ لَكُمۡ خَطَٰيَٰكُمۡۚ وَسَنَزِيدُ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئاللاھنىڭ سىلەرگە: بەتۇلمەقەددەس شەھرىگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە خالىغىنىڭلارچە كەڭتاشا يەپ-ئىچىڭلار، بەيتۇلمەقەددەس دەرۋازىسىدىن ئاللاھقا بويسۇنۈش يۈزىسىدىن سەجدە قىلغان ھالەتتە كىرىڭلار ۋە ئاللاھقا يېلىنىپ: پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھىمىزنى كەچۈرگىن دەڭلار، تىلىكىڭلارنى ئىجابەت قىلىمىز، توغرا يول تۇتۇپ ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئەمىلىگە ساۋاپنى زىيادە قىلىپ بېرىمىز دېگەن ۋاقتىدىكى نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَبَدَّلَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ قَوۡلًا غَيۡرَ ٱلَّذِي قِيلَ لَهُمۡ فَأَنزَلۡنَا عَلَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ رِجۡزٗا مِّنَ ٱلسَّمَآءِ بِمَا كَانُواْ يَفۡسُقُونَ
ئۇلاردىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بۇيرۇلغان ئىشنى ئالماشتۇردى، دېيىلگەن سۆزنى باشقا سۆزگە ئۆزگەرتتى، ئۇلار شەھەرگە كاسىلىرىنى سۈركەپ كېرىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى مەسخىرە قىلغان ھالەتتە: بىر تاغار ئاشلىق دەپ كىردى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەق يولدىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئۇلارنى جازالاپ ئاسماندىن ئازاب نازىل قىلدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَإِذِ ٱسۡتَسۡقَىٰ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦ فَقُلۡنَا ٱضۡرِب بِّعَصَاكَ ٱلۡحَجَرَۖ فَٱنفَجَرَتۡ مِنۡهُ ٱثۡنَتَا عَشۡرَةَ عَيۡنٗاۖ قَدۡ عَلِمَ كُلُّ أُنَاسٖ مَّشۡرَبَهُمۡۖ كُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ مِن رِّزۡقِ ٱللَّهِ وَلَا تَعۡثَوۡاْ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُفۡسِدِينَ
سىلەر چۆلدە بولغاندا ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ياد ئېتىڭلار: سىلەر بەك ئۇسساپ كەتكەندە، مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارىغا يېلىنىپ سىلەرنى سۇغۇرۇش ئۈچۈن سۇ تەلەپ قىلدى، بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ھاسىسى بىلەن تاشنى ئۇرۇشقا بۇيرىدۇق، تاشنى ئۇرغاندا تاشتىن سىلەرنىڭ قەبىلىلىرىڭلارنىڭ سانى بويىچە ئون ئىككى بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىدەل چىقمىسۇن دەپ ھەر بىر قەبىلىگە ئۆزىنىڭ سۇ ئىچىدىغان ئورنىنى بېكىتىپ بەردۇق ۋە ئۇلارغا: سىلەر جاپا تارتماستىن، ھېچ ئىش قىلماستىن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان رىزقىنى يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار دېدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قُلۡتُمۡ يَٰمُوسَىٰ لَن نَّصۡبِرَ عَلَىٰ طَعَامٖ وَٰحِدٖ فَٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُخۡرِجۡ لَنَا مِمَّا تُنۢبِتُ ٱلۡأَرۡضُ مِنۢ بَقۡلِهَا وَقِثَّآئِهَا وَفُومِهَا وَعَدَسِهَا وَبَصَلِهَاۖ قَالَ أَتَسۡتَبۡدِلُونَ ٱلَّذِي هُوَ أَدۡنَىٰ بِٱلَّذِي هُوَ خَيۡرٌۚ ٱهۡبِطُواْ مِصۡرٗا فَإِنَّ لَكُم مَّا سَأَلۡتُمۡۗ وَضُرِبَتۡ عَلَيۡهِمُ ٱلذِّلَّةُ وَٱلۡمَسۡكَنَةُ وَبَآءُو بِغَضَبٖ مِّنَ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ كَانُواْ يَكۡفُرُونَ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَيَقۡتُلُونَ ٱلنَّبِيِّـۧنَ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّۚ ذَٰلِكَ بِمَا عَصَواْ وَّكَانُواْ يَعۡتَدُونَ
ئاللاھنىڭ نېئمىتىگە تۇزكورلۇق قىلغان ۋاقتىڭلارنى ياد ئېتىڭلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سىلەرگە چۈشۈرۈپ بەرگەن تاتلىق ئېچىملىك بىلەن بۆدۈنە كاۋىپىنى يېيىشتىن زېرىكىپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۆزگەرمەيدىغان بىر خىل يېمەككە سەۋىر قىلالمايمىز دەپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا دۇئا قىلساڭ، بىزگە زېمىننىڭ كوكتاتلىرىدىن تەرخەمەك، سامساق، يېسىمۇق ۋە پىيازلارنى ئۆستۈرۈپ بەرسە دېدىڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بۇ تەلىپىڭلاردىن ھەيران قىلىپ: سىلەرگە ھېرىش-چارچاشسىز كەلگەن بۆدۈنە كاۋىپى بىلەن تەرەنجىۋىن ئىچىملىكىدىن ئىبارەت ئېسىل نەرسىنى ئاددى بولغان سەي-كۆكتاتلارغا تىگىشەمسىلەر؟، بۇ يەردىن بىر شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە سورىغان نەرسىلىرىڭلار بار دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھاۋايى-ھەۋەس، نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەرگەن نەرسىسىدىن تەكرار يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن خارلىق، مۇھتاجلىق ۋە قېيىنچىلىقتا قالدى، ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈپ، ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنى ھەقسىز ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ غەزىبىگە ھەقلىق بولدى. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• كل من يتلاعب بنصوص الشرع ويحرّفها فيه شَبَهٌ من اليهود، وهو مُتوعَّد بعقوبة الله تعالى.
بۇنىڭدىن، ئاللاھنىڭ قانۇنى بىلەن ئويناشقان ۋە ئۇنى ئۆزگەرتكەنلەرنىڭ يەھۇدىغا ئوخشايدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئازابىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ

• عِظَمُ فضل الله تعالى على بني إسرائيل، وفي مقابل ذلك شدة جحودهم وعنادهم وإعراضهم عن الله وشرعه.
ئاللاھنىڭ ئىسرائىل ئەۋلادىغا قىلغان ئاتا قىلغان نېئمەتلىرى كاتتا بولسىمۇ ئۇلار بۇ نىمەتنىڭ قارشىسىدا، تۇزكورلۇق، گەردەنكەشلىك قىلىپ، ئاللاھنىڭ دىنىدىن يۈز ئۆرۈدى

• أن من شؤم المعاصي وتجاوز حدود الله تعالى ما ينزل بالمرء من الذل والهوان، وتسلط الأعداء عليه.
گۇناھ-مەسىيەت ۋە ئاللاھنىڭ چىگراسىدىن ھالقىشنىڭ شۇملىقى بولسا، ئىنسانغا خارلىق، پەسكەشلىك ۋە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى ئىلىپ كىلىدۇ

إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَادُواْ وَٱلنَّصَٰرَىٰ وَٱلصَّٰبِـِٔينَ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
مۇشۇ ئۈممەتتىن ئىمان ئېيتقانلار كىشىلەر، مۆئمىنلەر ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەردىن ئىمان ئىيتقان يەھۇدىلار، خىرىستىئانلار ۋە بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولغان سابىئىنلار، ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە بولغان ئىمانىنى روياپقا چىقارغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا ئەجىر-ساۋاپ بار، ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوق، دۇنيادا ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرى ئۈچۈن غەم-ئەندىشە بولمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ وَرَفَعۡنَا فَوۡقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱذۡكُرُواْ مَا فِيهِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
سىلەردىن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشىنىش توغرىسىدا مۇكەممەل ۋەدە ئالغان ۋاقتىمىزنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا، سىلەرنى ئەھدىگە ئەمەل قىلىشنى تەرك ئېتىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ ۋە قورقۇتۇپ، تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا كۆتۈردۇق، سىلەرگە نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ ھۆكۈملىرىگە ھورۇنلۇق قىلماستىن جىددى ئەمەل قىلىشقا، ئۇنىڭدىكى ھۆكۈملەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ تەپەككۇر قىلىشقا بۇيرۇدۇق، سىلەر شۇنداق قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلىنىسىلەر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ تَوَلَّيۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَۖ فَلَوۡلَا فَضۡلُ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَرَحۡمَتُهُۥ لَكُنتُم مِّنَ ٱلۡخَٰسِرِينَ
سىلەردىن چىن ۋەدە ئالغاندىن كېيىن كۆپچىلىكىڭلار ئەھدىنى بۇزۇپ، ئاسىيلىق قىلىپ ۋەدىگە ۋاپا قىلمىدىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە؛ خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش ۋە تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان پەزلى-مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئەلۋەتتە سىلەر ئاسىيلىق ۋە يۈز ئۆرىگەنلىكىڭلار سەۋەبىدىن زىيان تارتقۇچىلاردىن بولاتتىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ عَلِمۡتُمُ ٱلَّذِينَ ٱعۡتَدَوۡاْ مِنكُمۡ فِي ٱلسَّبۡتِ فَقُلۡنَا لَهُمۡ كُونُواْ قِرَدَةً خَٰسِـِٔينَ
سىلەر ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق بىلدىڭلار، يەنى ئۇلار بىلىق تۇتۇش چەكلەنگەن شەنبە كۈنىدە بىلىق تۇتۇش ئارقىلىق ھەددىدىن ئاشتى، ئۇلار ساختىپەزلىك قىلىپ شەنبە كۈنىدىن بۇرۇن قارماق تاشلاپ-تورنى يېيىپ، بېلىقلارنى يەكشەنبە كۈنىدە سۈزدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھىلە-مىكرىنى جازالاپ، ئۇلارنى ئازابقا ئۇچرىغۇچى خارمايمۇن قىلدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَجَعَلۡنَٰهَا نَكَٰلٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهَا وَمَا خَلۡفَهَا وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ
بىز ھەددىدىن ئاشقۇچى بۇ كەنت ئەھلىنى ئەتراپتىكى خوشنا كەنتلەر ۋە ئۇلاردىن كېيىن كېلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇلارغا ئوخشاش ئىش قىلىپ ئازابقا ھەقلىق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردىن ئىنتىقام ئالىدىغان قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدىغان تەقۋادارلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قَالَ مُوسَىٰ لِقَوۡمِهِۦٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَأۡمُرُكُمۡ أَن تَذۡبَحُواْ بَقَرَةٗۖ قَالُوٓاْ أَتَتَّخِذُنَا هُزُوٗاۖ قَالَ أَعُوذُ بِٱللَّهِ أَنۡ أَكُونَ مِنَ ٱلۡجَٰهِلِينَ
ئاتا-بوۋاڭلار بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئەسلەڭلار، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھنىڭ كالا ئۆلتۈرۈڭلار دېگەن بۇيرىقىنى يەتكۈزگەندە، ئۇلار بۇيرۇقنى ئورۇنداشقا ئالدىرماستىن، كاجلىق قىلىپ، بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتامسەن دەيدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام: مەن ئاللاھنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان نادانلاردىن بولۇپ قىلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تىلەيمەن دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِيَۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ لَّا فَارِضٞ وَلَا بِكۡرٌ عَوَانُۢ بَيۡنَ ذَٰلِكَۖ فَٱفۡعَلُواْ مَا تُؤۡمَرُونَ
ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۆلتۈرىدىغان كالىنىڭ سۈپىتىنى بايان قىلىپ بەرسۇن دېدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ ئۇنى قېرىمۇ ئەمەس، ياشمۇ ئەمەس، ئوتتۇرا ياش بولسۇن دەپ ئېيتتى، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداشقا ئالدىراڭلار دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا لَوۡنُهَاۚ قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ صَفۡرَآءُ فَاقِعٞ لَّوۡنُهَا تَسُرُّ ٱلنَّٰظِرِينَ
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاجلىقى تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىنكى، بىزگە ئۇنىڭ رەڭگىنى بايان قىلسۇن» دېدى. مۇسا ئېيتتىكى: ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ رەڭگى قارىغۇچىلارنى زوقلاندۇرىدىغان ساپسېرىق بولسۇن دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الحُكم المذكور في الآية الأولى لِمَا قبل بعثة النبي صلى الله عليه وسلم، وأما بعد بعثته فإن الدين المَرْضِيَّ عند الله هو الإسلام، لا يقبل غيره، كما قال الله تعالى: ﴿ وَمَنْ يَبْتَغِ غَيْرَ الْإِسْلَامِ دِينًا فَلَنْ يُقْبَلَ مِنْه ﴾ (آل عمران: 85).
بىرىنچى ئايەتتە زىكىر قىلىنغان ھۆكۈم بولسا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلىشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدۇر، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىنكى ئاللاھ قوبۇل قىلىدىغان دىن بولسا، ئۇ ئىسلام دىنىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا دىن قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلامدىن غەيرى دىننى تىلەيدىكەن، ھەرگىز ئۇ (يەنى ئۇنىڭ دىنى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئۇ ئاخىرەتتە زىيان تارتقۇچىدۇر.» [سۈرەئال ئىمران 85-ئايەت]

• قد يُعَجِّلُ الله العقوبة على بعض المعاصي في الدنيا قبل الآخرة؛ لتكون تذكرة يتعظ بها الناس فيحذروا مخالفة أمر الله تعالى.
ئاللاھ تائالا بەزى خاتالىقنىڭ جازاسىنى ئاخىرەتتىن بۇرۇن دۇنيادا نەخ قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر ۋەز-نەسىھەت ئېلىپ ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا خىلاپلىق قىلىشتىن ھەزەر قىلىدۇ

• أنّ من ضيَّق على نفسه وشدّد عليها فيما ورد موسَّعًا في الشريعة، قد يُعاقَبُ بالتشديد عليه.
شەرىئەتتە كەڭىرچىلىك بولغان ئىشلارنى ئۆزىگە قىيىنلاشتۇرىۋالغان كىشىلەر، قىلمىشى سەۋەبىدىن جازالىنىدۇ

قَالُواْ ٱدۡعُ لَنَا رَبَّكَ يُبَيِّن لَّنَا مَا هِيَ إِنَّ ٱلۡبَقَرَ تَشَٰبَهَ عَلَيۡنَا وَإِنَّآ إِن شَآءَ ٱللَّهُ لَمُهۡتَدُونَ
ئۇلار ئۆلىرىنىڭ تەرسالىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: پەرۋەردىگارىڭغا ئىلتىجا قىلغىن، ئۇنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىزگە بايان قىلسۇن، يەنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلگەن كالىمۇ، ياكى سەمرىتىش ئۈچۈن بېقىلغان كالىمۇ؟ بۇ بىزگە مۈجمەل بولۇپ قالدى، بىزدە بۇنداق سۈپەتتە سۈپەتلەنگەن كالىلار كۆپ، ئاللاھ خالىسا بىز بوغۇزلىنىش تەلەپ قىلىنغان ئۇ كالىنى چوقۇم تاپىمىز دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَالَ إِنَّهُۥ يَقُولُ إِنَّهَا بَقَرَةٞ لَّا ذَلُولٞ تُثِيرُ ٱلۡأَرۡضَ وَلَا تَسۡقِي ٱلۡحَرۡثَ مُسَلَّمَةٞ لَّا شِيَةَ فِيهَاۚ قَالُواْ ٱلۡـَٰٔنَ جِئۡتَ بِٱلۡحَقِّۚ فَذَبَحُوهَا وَمَا كَادُواْ يَفۡعَلُونَ
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: ئاللاھ بۇ كالا يەر ھەيدەپ، ئېكىن سۈغۈرۇپ خارلانغان بولماسلىقى، ئەيىپ-نۇقساندىن خالى، ئالىسى يوق ساپ-سېرىق بولۇشى كېرەك دەيدۇ دېدى، ئۇلار: ئەمدى بىزگە كالىنىڭ سۈپىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تولۇق بايان قىلىپ بەردىڭ دەيدۇ، ئۇلار تەرسالىق ۋە كاجلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن ئۇ كالىنى بوغۇزلىيالماي قالغىلى تاس قالدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قَتَلۡتُمۡ نَفۡسٗا فَٱدَّٰرَٰءۡتُمۡ فِيهَاۖ وَٱللَّهُ مُخۡرِجٞ مَّا كُنتُمۡ تَكۡتُمُونَ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىر كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قاتىلنىڭ كىملىكى توغرىسىدا دەتالاش قىلدىڭلار، ھەر كىشى قاتىل دېگەن تۆھمەتنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرۇپ باشقىلارغا دۆڭگەيدۇ، ئاشۇ گۇناھسىز ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىشىدىن سىلەر يوشۇرماقچى بولغان ئىشنى ئاللاھ ئاشكارا قىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَقُلۡنَا ٱضۡرِبُوهُ بِبَعۡضِهَاۚ كَذَٰلِكَ يُحۡيِ ٱللَّهُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَيُرِيكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
سىلەرگە ئۆلۈكنى سىلەرنى بوغۇشلاشقا بۇيرىغان كالىنىڭ بىر پارچىسى بىلەن ئۇرۇڭلار، شەكسىزكى ئاللاھ بۇ ئۆلۈكنىڭ قاتىلدىن خەۋەر بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى تېرگۈزىدۇ دېدۇق، ئۇلار شۇنداق قىلدى، ئۇ كىشى ئۆزىنى ئۆلتۈرگەن قاتىلنى خەۋەر بەردى، مۇشۇ ئۆلۈكنى تىرگۈزگەندەك ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزىدۇ، سىلەرنىڭ ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىپ ئاللاھغا ھەقىقى ئىمان ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان دەلىللەرنى كۆرسىتىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ قَسَتۡ قُلُوبُكُم مِّنۢ بَعۡدِ ذَٰلِكَ فَهِيَ كَٱلۡحِجَارَةِ أَوۡ أَشَدُّ قَسۡوَةٗۚ وَإِنَّ مِنَ ٱلۡحِجَارَةِ لَمَا يَتَفَجَّرُ مِنۡهُ ٱلۡأَنۡهَٰرُۚ وَإِنَّ مِنۡهَا لَمَا يَشَّقَّقُ فَيَخۡرُجُ مِنۡهُ ٱلۡمَآءُۚ وَإِنَّ مِنۡهَا لَمَا يَهۡبِطُ مِنۡ خَشۡيَةِ ٱللَّهِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
مۇشۇ تەسىرلىك ۋەز-نەسىھەت، شانلىق مۆجىزىنى كۆرگەندىن كېيىن دىللىرىڭلار قېتىپ تاشتەك بولۇپ كەتتى، بەلكى تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ، ئۆزگەرمەس بىر ھالەتكە كەلدى، ئەمما تاش يۇمشايدۇ ۋە ئۆزگۈرىدۇ، تاشلار ئارىسىدا ئىچىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ ئېرىقلار ھاسىل بولىدىغانلىرى بار، تاشلاردىن يېرىلىپ ئارىسىدىن سۇ ئېتىلىپ چىقىپ، زېمىندا بۇلاق بولۇپ ئېقىپ ئۇنىڭدىن ئىنسانلار ۋە چارۋىلار مەنپەئەتلىنىدىغانلىرى بار، تاشلاردىن ئاللاھدىن قورقۇپ تاغ چوقۇسىدىن دومىلاپ چۈشىدىغانلىرى بار، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، بەلكى ھەممە ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ أَفَتَطۡمَعُونَ أَن يُؤۡمِنُواْ لَكُمۡ وَقَدۡ كَانَ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۡ يَسۡمَعُونَ كَلَٰمَ ٱللَّهِ ثُمَّ يُحَرِّفُونَهُۥ مِنۢ بَعۡدِ مَا عَقَلُوهُ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى ۋە گەردەنكەشلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ چاقىرقىڭلارغا ئاۋاز قوشۇپ ئىمان ئېيتىشىنى ئۈمىد قىلامسىلەر؟. ئۇلارنىڭ ئۆلىمالىرىدىن بىر گۇروھ ئادەم تەۋراتتا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ئاللاھنىڭ كالامىنى ئاڭلاپ بولۇپ، لەپزى ۋە مەنىلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلىشنىڭ كاتتا جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا لَقُواْ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ قَالُوٓاْ ءَامَنَّا وَإِذَا خَلَا بَعۡضُهُمۡ إِلَىٰ بَعۡضٖ قَالُوٓاْ أَتُحَدِّثُونَهُم بِمَا فَتَحَ ٱللَّهُ عَلَيۡكُمۡ لِيُحَآجُّوكُم بِهِۦ عِندَ رَبِّكُمۡۚ أَفَلَا تَعۡقِلُونَ
يەھۇدىلارنىڭ قارمۇ-قارشىلىق پىرىنسىپى ۋە ساختىپەزلىكىدىن، ئۇلارنىڭ بەزىسى مۆمىنلەرگە ئۇچراشقاندا، ئۇلار مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ھەقىقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى، تەۋراتمۇ بۇنىڭغا شاھىت بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، يەھۇدىلارنىڭ بەزىسى بەزىسى بىلەن يالغۇز قالغاندا، مۇشۇ ئىتىراپ قىلغانلىق سەۋەبىدىن بىر-بىرىنى ئەيىبلىشىدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىگە ئۇلاردىن سادىر بولغان شاھىتلىقنى ئۇلارغا ھۆججەت قىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن بعض قلوب العباد أشد قسوة من الحجارة الصلبة؛ فلا تلين لموعظة، ولا تَرِقُّ لذكرى.
بەزى ئىنسانلارنىڭ دىللىرى مۇستەھكەم تاشتىنمۇ قاتتىق بولۇپ، ئۇنى ۋەز-نەسىھەتلەرمۇ يۇمشىتالمايدۇ

• أن الدلائل والبينات - وإن عظمت - لا تنفع إن لم يكن القلب مستسلمًا خاشعًا لله.
ئەگەر دىللار ئاللاھدىن قورقىدىغان ۋە بويسۇنىدىغان بولمىسا، ھەر قانچە كاتتا دەلىل -ئىسپاتمۇ مەنپەئەت بەرمەيدۇ

• كشفت الآيات حقيقة ما انطوت عليه أنفس اليهود، حيث توارثوا الرعونة والخداع والتلاعب بالدين.
قۇرئان كەرىم ئايەتلىرى يەھۇدىلارنىڭ كۆڭلىگە يوشۇرغان سەركەشلىك، ئالدامچىلىق ۋە دىنى ئەھكاملار بىلەن ئوينىشىدىغان رەزىللىكلىرىنى ئوچۇق بايان قىلىپ بەردى

أَوَلَا يَعۡلَمُونَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا يُسِرُّونَ وَمَا يُعۡلِنُونَ
مۇشۇنداق نۇمۇزسىزلىق يولىدا كېتىۋاتقان ئاشۇ يەھۇدىلار، خۇددى ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ ئاشكارا-يوشۇرۇن ھەممە ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، ئۇلارنى بەندىلەر ئارىسىدا رەزىل قىلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنۡهُمۡ أُمِّيُّونَ لَا يَعۡلَمُونَ ٱلۡكِتَٰبَ إِلَّآ أَمَانِيَّ وَإِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ
يەھۇدىلاردىن بىر گورۇھ كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار تەۋراتنى تىلاۋەت قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى چۈشەنمەيدۇ، ئۇلار ئۆلىمالىرىنىڭ توقۇغان يالغانلىرىغا ئىشىنىپ، ئۇ توقۇلمىلارنى ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنىڭ جۈملىسىدىن دەپ قارايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَوَيۡلٞ لِّلَّذِينَ يَكۡتُبُونَ ٱلۡكِتَٰبَ بِأَيۡدِيهِمۡ ثُمَّ يَقُولُونَ هَٰذَا مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ لِيَشۡتَرُواْ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلٗاۖ فَوَيۡلٞ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتۡ أَيۡدِيهِمۡ وَوَيۡلٞ لَّهُم مِّمَّا يَكۡسِبُونَ
كىتابنى ئۆز قوللىرى بىلەن يېزىپ ئازغىنا ماددىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۇنى يالغاندىن ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان دېگۈچى كىشىلەرنى ھالاكەت ۋە دەرتلىك ئازاب كۈتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى ۋە توغرا يولغا ئەگىشىشنى، دۇنيادىكى رىياسەت ۋە مالدىن ئىبارەت ئازغىنە مەنپەئەتگە تېگىشىۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھقا يالغاننى توقۇپ قولى بىلەن يازغانلىرىغا قاتتىق ئازاب ۋە ھالاكەت بولسۇن! ئۇلارنىڭ تاپقان يۈز-ئابرۇي ۋە ماللىرىغا قاتتىق ئازاب ۋە ھالاكەت بولسۇن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ لَن تَمَسَّنَا ٱلنَّارُ إِلَّآ أَيَّامٗا مَّعۡدُودَةٗۚ قُلۡ أَتَّخَذۡتُمۡ عِندَ ٱللَّهِ عَهۡدٗا فَلَن يُخۡلِفَ ٱللَّهُ عَهۡدَهُۥٓۖ أَمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
ئۇلار يالغانچىلىق ۋە چوڭچىلىق بىلەن: بىزنى دوزاخ ئوتى ساناقلىق كۈنلەرلا كۆيدۈرىدۇ دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا: سىلەرگە ئاللاھ شۇنداق قىلىشقا ۋەدە بەرگەنمۇ؟ ۋەدە بەرگەن بولسا ئاللاھ ۋەدىسىگە ھەرگىزمۇ خىلاپلىق قىلمايدۇ ياكى سىلەر يالغانچىلىق ۋە بۇھتان قىلىپ ئۆزۈڭلار بىلمەيدىغان نەرسىنى ئاللاھ نامىدىن دەۋاتامسىلەر؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلَىٰۚ مَن كَسَبَ سَيِّئَةٗ وَأَحَٰطَتۡ بِهِۦ خَطِيٓـَٔتُهُۥ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ھەقىقەتەن ئاللاھ گۇناھ قىلغان ۋە ھەر تەرەپتىن گۇناھقا چۆمۈپ كەتكەنلەرنى دوزاختا مەڭگۈ قويۇش بىلەن ئازابلايدۇ، ئۇلار ئەبەدى دوزاختا قالىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئەجىر-ساۋابى جەننەتتۇر، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ لَا تَعۡبُدُونَ إِلَّا ٱللَّهَ وَبِٱلۡوَٰلِدَيۡنِ إِحۡسَانٗا وَذِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَقُولُواْ لِلنَّاسِ حُسۡنٗا وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَ ثُمَّ تَوَلَّيۡتُمۡ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنكُمۡ وَأَنتُم مُّعۡرِضُونَ
ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! سىلەردىن ئېلىنغان تەكىتلەنگەن ۋەدىنى ئەسلەڭلار، ئاللاھتىن باشقىغا ئىبادەت قىلماڭلار، ئاتا-ئانىغا، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ھاجەتمەنلەرگە ياخشىلىق قىلىش، كىشىلەرگە چىرايلىق سۆز قىلىش، ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن چەكلەش، كىشىلەرگە قوپاللىق قىلماسلىق، نامازنى بۇيرۇلغان بويىچە تولۇق ئادا قىلىش، زاكاتنى چىن كۆڭلۇڭلاردىن رازى بولۇپ ھەقلىق كىشىلەرگە بېرىشتىن ئىبارەت ئىشلاردا سىلەردىن چىن ۋەدە ئالدۇق. سىلەردىن ئازغىنە كىشىلەردىن باشقىلار بەرگەن ۋەدىسىدىن يېنىۋالدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• بعض أهل الكتاب يدّعي العلم بما أنزل الله، والحقيقة أن لا علم له بما أنزل الله، وإنما هو الوهم والجهل.
ئەھلى كىتابنىڭ بەزىسى ئاللاھ نازىل قىلغان تەۋراتنى بىلىمىز دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار نادان، جاھىل بولۇپ، ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسە توغرىسىدا ھېچنەرسە بىلمەيدۇ.

• من أعظم الناس إثمًا من يكذب على الله تعالى ورسله ؛ فينسب إليهم ما لم يكن منهم.
ئىنسانلار ئارىسىدا جىنايىتى ئەڭ كاتتا بولغانلىرى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغاننى توقۇپ، ئۇلاردىن بولمىغان نەرسىلەرنى ئۇلارغا نىسبەت بېرىدىغانلىرىدۇر

• مع عظم المواثيق التي أخذها الله تعالى على اليهود وشدة التأكيد عليها، لم يزدهم ذلك إلا إعراضًا عنها ورفضًا لها.
ئاللاھ يەھۇدىلاردىن مۇستەھكەم ۋەدىلەرنى ئېلىپ ئۇنى قاتتىق تەكىتلەپ تۇرسىمۇ، يەھۇدىلار بۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلىدۇ

وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ لَا تَسۡفِكُونَ دِمَآءَكُمۡ وَلَا تُخۡرِجُونَ أَنفُسَكُم مِّن دِيَٰرِكُمۡ ثُمَّ أَقۡرَرۡتُمۡ وَأَنتُمۡ تَشۡهَدُونَ
ئۆز ۋاقتىدا تەۋراتتا سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكمەسلىككە، بىر-بىرىڭلارنى يۇرتلىرىڭلاردىن ھەيدەپ چىقارماسلىققا ئېلىنغان چىن ئەھدىنى ئەسلەڭلار. ئاندىن بىز سىلەردىن ئالغان ئاشۇ چىن ئەھدىنى ئېتىراپ قىلدىڭلار ۋە ئۇنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ أَنتُمۡ هَٰٓؤُلَآءِ تَقۡتُلُونَ أَنفُسَكُمۡ وَتُخۡرِجُونَ فَرِيقٗا مِّنكُم مِّن دِيَٰرِهِمۡ تَظَٰهَرُونَ عَلَيۡهِم بِٱلۡإِثۡمِ وَٱلۡعُدۡوَٰنِ وَإِن يَأۡتُوكُمۡ أُسَٰرَىٰ تُفَٰدُوهُمۡ وَهُوَ مُحَرَّمٌ عَلَيۡكُمۡ إِخۡرَاجُهُمۡۚ أَفَتُؤۡمِنُونَ بِبَعۡضِ ٱلۡكِتَٰبِ وَتَكۡفُرُونَ بِبَعۡضٖۚ فَمَا جَزَآءُ مَن يَفۡعَلُ ذَٰلِكَ مِنكُمۡ إِلَّا خِزۡيٞ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يُرَدُّونَ إِلَىٰٓ أَشَدِّ ٱلۡعَذَابِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
كېيىن سىلەر ئەھدىنى بۇزۇپ بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈردۈڭلار، ئىچىڭلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنى يۇرتىدىن قوغلاپ چىقاردىڭلار، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ قارشى تەرىپىدىكىلەرگە ياردەم بەردىڭلار، ئۇلار دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ كەلسە، ئۇلارنى پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇشقا تېرىشتىڭلار، ھالبۇكى، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىش سىلەرگە ھارام قىلىنغان ئىدى (يەنى بىر-بىرىڭلارنى ئۆلتۈرۈش ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنى راۋا كۆرۈسىلەر-يۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قولىدا بولۇپ قېلىشىنى راۋا كۆرمەيسىلەر). سىلەر قانداقمۇ ئەسىرلەرگە پىديە بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋاجىپ دېگەن ئايەتنىڭ بىر قىسمىغا ئىشىنىپ، بىر-بىرىڭلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنىڭ ھاراملىقى ۋە يۇرتىدىن ھەيدەپ چىقىرىشنىڭ ھاراملىقىدىن ئىبارەت بولغان يەنە بىر قىسمىنى ئىنكار قىلىسىلەر؟. سىلەردىن شۇنداق ئىشنى قىلغان كىشىنىڭ جازاسى دۇنيادا خارلىق ۋە ئېتىبارسىزلىق بولسا، ئاخىرەتتە ئەڭ دەھشەتلىك ئازابقا ئۇچرايدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەممىدىن خەۋەرداردۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلۡحَيَوٰةَ ٱلدُّنۡيَا بِٱلۡأٓخِرَةِۖ فَلَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئەنە شۇلار ئاخىرەتنى دۇنيا ھاياتىغا ئالماشتۇرغانلار، مەڭگۈ قالىدىغان نەرسىنىڭ بەدىلىگە يوقىلىدىغان نەرسىنى تاللىغانلار، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە ئۇلاردىن ئازاب يېنىكلىتىلمەيدۇ. قىيامەت كۈنىدە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىمۇ بولمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَقَفَّيۡنَا مِنۢ بَعۡدِهِۦ بِٱلرُّسُلِۖ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ أَفَكُلَّمَا جَآءَكُمۡ رَسُولُۢ بِمَا لَا تَهۡوَىٰٓ أَنفُسُكُمُ ٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡ فَفَرِيقٗا كَذَّبۡتُمۡ وَفَرِيقٗا تَقۡتُلُونَ
ھەقىقەتەن بىز مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تەۋراتنى بەردۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق، مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئۆلۈكنى تىرىلدۈرۈش، قارىغۇ ۋە بەرەس كېسەللىكىنى ساقايتىشتىن ئىبارەت بولغان ئوچۇق مۆجىزىلەرنى بەردۇق، ئۇنى رۇھۇلقۇددۇس يەنى جىبرائىل بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئى ئىسرائىل ئەۋلادلىرى! ھەرقاچان بىرەر پەيغەمبەر كۆڭلۈڭلارغا ياقمايدىغان بىر نەرسە ئېلىپ كەلسە، تەكەببۇرلۇق قىلىپ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە چوڭچىلىق قىلىسىلە، بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدىڭلار، يەنە بىر قىسىم پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردۈڭلار؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ قُلُوبُنَا غُلۡفُۢۚ بَل لَّعَنَهُمُ ٱللَّهُ بِكُفۡرِهِمۡ فَقَلِيلٗا مَّا يُؤۡمِنُونَ
يەھۇدىلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمەسلىكتىكى ھۆججىتى ئۇلارنىڭ: بىزنىڭ دىللىرىمىز پەردىلەنگەن، سېنىڭ دېگەن سۆزلىرىڭ ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ ۋە ئۇنى چۈشەنمەيدۇ دېگەن سۆزىدۇر، ئىش ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇلارغا لەنەت قىلدى، ئۇلاردىن ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىمان ئېيتىدىغانلار ناھايىتى ئاز بىرقىسىم كىشىلەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من أعظم الكفر: الإيمان ببعض ما أنزل الله والكفر ببعضه؛ لأن فاعل ذلك قد جعل إلهه هواه.
كۇپىرنىڭ ئەڭ كاتتىسى، ئاللاھ تائالا نازىل قىلغان كىتابنىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ يەنە بەزىسىنى ئىنكار قىلىشتۇر، چۈنكى ئۇنداق قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ نەپسى-خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان بولىدۇ

• عِظَم ما بلغه اليهود من العناد، واتباع الهوى، والتلاعب بما أنزل الله تعالى.
يەھۇدىلارنىڭ گەردەنكەشلىك ۋە نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان ھۆكۈملەر بىلەن ئوينىشىشتۇر

• فضل الله تعالى ورحمته بخلقه، حيث تابع عليهم إرسال الرسل وإنزال الكتب لهدايتهم للرشاد.
ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن ئارقىمۇ-ئارقا پەيغەمبەر ئەۋەتىشى ۋە كىتاب نازىل قىلىشى ئۇنىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان پەزلى-رەھمىتىدۇر:

• أن الله يعاقب المعرضين عن الهدى المعاندين لأوامره بالطبع على قلوبهم وطردهم من رحمته؛ فلا يهتدون إلى الحق، ولا يعملون به.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇيرىقىغا سەركەشلىك قىلىپ، توغرا يولدىن يۈز ئۆرىگەنلەرنى دىللىرىغا مۆھۈر بېسىش، رەھمىتىدىن يېراق قىلىش، توغرا يول تاپالماسلىق ۋە ھەقكە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلار بىلەن جازالايدۇ

وَلَمَّا جَآءَهُمۡ كِتَٰبٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٞ لِّمَا مَعَهُمۡ وَكَانُواْ مِن قَبۡلُ يَسۡتَفۡتِحُونَ عَلَى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ فَلَمَّا جَآءَهُم مَّا عَرَفُواْ كَفَرُواْ بِهِۦۚ فَلَعۡنَةُ ٱللَّهِ عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۇلاردىكى تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى توغرا بولغان ئومۇمى پرىنسىپقا مۇۋاپىق قۇرئان كەرىم نازىل بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، قۇرئان نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ئۇلار: ئاخىرقى پەيغەمبەر ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا، بىزگە مۇشرىكلارغا قارشى ياردەم بېرىلىدۇ، بىز غەلىبە قىلىمىز، ئۇ پەيغەمبەرگە ئىشىنىمىز ۋە ئەگىشىمىز دەيتتى، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ۋە مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىنى تونىغان ۋاقىتتا ئۇنى ئىنكار قىلدى ۋە ئىشەنمىدى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بِئۡسَمَا ٱشۡتَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡ أَن يَكۡفُرُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ بَغۡيًا أَن يُنَزِّلَ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ عَلَىٰ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦۖ فَبَآءُو بِغَضَبٍ عَلَىٰ غَضَبٖۚ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٞ مُّهِينٞ
يەھۇدىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشىنىشتىن بولغان نەسىۋېسىنى، ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئانغا كاپىر بولۇش ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئالماشتۇرىشى نېمە دېگەن يامان ئىش!. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىك ۋە قۇرئان كەرىمگە ھەسەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىندۇر، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۈستى-ئۈستى ئازابقا تىگىشلىك بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشمىگەنلىكى ۋە تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىندۇر. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغان كاپىرلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى خار قىلغۇچى ئازاب بار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُمۡ ءَامِنُواْ بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ نُؤۡمِنُ بِمَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا وَيَكۡفُرُونَ بِمَا وَرَآءَهُۥ وَهُوَ ٱلۡحَقُّ مُصَدِّقٗا لِّمَا مَعَهُمۡۗ قُلۡ فَلِمَ تَقۡتُلُونَ أَنۢبِيَآءَ ٱللَّهِ مِن قَبۡلُ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئەگەر ئاشۇ يەھۇدىلارغا: ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە نازىل قىلغان ھەقىقەت ۋە توغرا يولدىن ئىبارەت بولغان قۇرئان كەرىمگە ئىشىنىڭلار دېيىلسە، ئۇلار: بىز ئۆزىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزگەنازىل قىلىنغان كىتابقا ئىشىنىمىز دەيدۇ، ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا بولغان كىتابقا مۇۋاپىق كىلىدىغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن باشقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل بولغان قۇرئان كەرىمگىمۇ كاپىر بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىغا ھەقىقى ئىشەنسە ئىدى، ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمگە ئىشەنگەن بولاتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: سىلەر تەۋراتقا ئىشىنىدىغان بولساڭلار، ئىلگىرى نېمە ئۈچۈن سىلەرگە ھەقنى ئىلىپ كەلگەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار؟ دېگىن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَلَقَدۡ جَآءَكُم مُّوسَىٰ بِٱلۡبَيِّنَٰتِ ثُمَّ ٱتَّخَذۡتُمُ ٱلۡعِجۡلَ مِنۢ بَعۡدِهِۦ وَأَنتُمۡ ظَٰلِمُونَ
ھەقىقەتەن پەيغەمبىرىڭلار مۇسا ئەلەيھىسسالام سىلەرگە ئۆزىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ئوچۇق ئايەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالام پەرۋەردىگارى بىلەن ئۇچرىشىدىغان جايغا كەتكەندىن كېيىن موزاينى ئىلاھ قىلىپ چوقۇندۇڭلار، سىلەر ئىبادەتكە ھەقلىق بولغان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزۈڭلارغا زۇلۇم قىلدىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ أَخَذۡنَا مِيثَٰقَكُمۡ وَرَفَعۡنَا فَوۡقَكُمُ ٱلطُّورَ خُذُواْ مَآ ءَاتَيۡنَٰكُم بِقُوَّةٖ وَٱسۡمَعُواْۖ قَالُواْ سَمِعۡنَا وَعَصَيۡنَا وَأُشۡرِبُواْ فِي قُلُوبِهِمُ ٱلۡعِجۡلَ بِكُفۡرِهِمۡۚ قُلۡ بِئۡسَمَا يَأۡمُرُكُم بِهِۦٓ إِيمَٰنُكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئۆز ۋاقتىدا سىلەردىن مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش ۋە ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدا چىن ئەھدە ئالدۇق ۋە سىلەرنى قورقۇتۇپ تۇر تېغىنى ئۈستۈڭلارغا تىكلىدۇق. سىلەرگە بەرگەن تەۋراتقا تېرىشچانلىق بىلەن ئەمەل قىلىڭلار، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىگە بويسۇنۇش ۋە قوبۇل قىلىش تەرىقىسىدە قۇلاق سىلىڭلار، بولمىسا ئۈستۈڭلارغا تاغنى باستۇرىمىز دېدۇق. سىلەر: قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق، ھەرىكىتىمىز بىلەن ئاسىيلىق قىلدۇق دىدىڭلار. ئۇلارنىڭ كۇفرىلىق تۈپەيلىدىن دىللىرىغا موزاينىڭ مۇھەببىتى سىڭىپ كەتتى. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر مۆئمىن بولساڭلار، ئىمانىڭلار سىلەرنى ئەجەب يامان ئىشقا بۇيرۇيدىكىنا؟ سىلەر مۆئمىن ئەمەس، چۈنكى ھەقىقى ئىمان بىلەن كۇپىرلىق بىرگە بولمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• اليهود أعظم الناس حسدًا؛ إذ حملهم حسدهم على الكفر بالله وردِّ ما أنزل، بسبب أن الرسول صلى الله عليه وسلم لم يكن منهم.
يەھۇدىلار ئىنسانلار ئارىسىدا بەك ھەسەتخور كىشىلەردۇر، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەسەتخورلىقى ئۇلارنى ئاللاھغا كاپىر بولۇشقا ۋە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى رەت قىلىشقا ئېلىپ باردى، بۇنىڭ سەۋەبى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈندۇر

• أن الإيمان الحق بالله تعالى يوجب التصديق بكل ما أَنزل من كتب، وبجميع ما أَرسل من رسل.
ئاللاھ تائالاغا بولغان ھەقىقى ئىمان، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ۋە ئاللاھ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىشىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ

• من أعظم الظلم الإعراض عن الحق والهدى بعد معرفته وقيام الأدلة عليه.
دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن تۇرغۇزۇلغان توغرا يولنى تونۇپ بولۇپ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرۈش بولسا ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر

• من عادة اليهود نقض العهود والمواثيق، وهذا ديدنهم إلى اليوم.
ئەھدە-مىساقلارنى بۇزۇش يەھەدىلارنىڭ ئادىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئادىتى ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتىدۇ

قُلۡ إِن كَانَتۡ لَكُمُ ٱلدَّارُ ٱلۡأٓخِرَةُ عِندَ ٱللَّهِ خَالِصَةٗ مِّن دُونِ ٱلنَّاسِ فَتَمَنَّوُاْ ٱلۡمَوۡتَ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا ئېيتقىنكى، ئى يەھۇدىلار! ئاخىرەت دىيارىدا، جەننەت پەقەت سىلەر ئۈچۈن بولۇپ، سىلەردىن باشقا ئىنسانلار كىرمەيدىغان بولسا، مۇشۇ ئالى ئورۇنغا تىزدىن ئېرىشىش ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىرى، غەم-قايغۇلىرىدىن قۇتۇلۇپ راھەتلىنىش ئۈچۈن سىلەرنى جەننەتكە يەتكۈزىدىغان ئۆلۈمنى تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئارزۇ قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر مۇشۇ دەۋايىڭلاردا سەمىمى بولساڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَن يَتَمَنَّوۡهُ أَبَدَۢا بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
ئۇلار دۇنيا ھاياتىدا قىلغان ئاللاھقا كاپىر بولۇش، پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلىش، كىتابنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق يامان ئەمەللىرى سەۋەبىدىن ھەرگىزمۇ ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلمايدۇ، ئاللاھ ئۇلاردىن ۋە ئۇلاردىن باشقا زالىملارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھەر بىرىنى قىلمىشىغا يارىشا جازالايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَتَجِدَنَّهُمۡ أَحۡرَصَ ٱلنَّاسِ عَلَىٰ حَيَوٰةٖ وَمِنَ ٱلَّذِينَ أَشۡرَكُواْۚ يَوَدُّ أَحَدُهُمۡ لَوۡ يُعَمَّرُ أَلۡفَ سَنَةٖ وَمَا هُوَ بِمُزَحۡزِحِهِۦ مِنَ ٱلۡعَذَابِ أَن يُعَمَّرَۗ وَٱللَّهُ بَصِيرُۢ بِمَا يَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىلارنى دۇنيا ھەرقانچە خار، ئىتىبارسىز بولسىمۇ ھەممە كىشىلەردىن، ھەتتا ئۇلار ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىشكە ئىشىنىدىغان كىتاب ئەھلى تۇرۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن تېرىلىش ۋە ھېسابقا ئىشەنمەيدىغان مۇشرىكلاردىنمۇ بەكراق ھېرىسمەنلىكىنى كۆرۈسەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، ۋاھالەنكى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن يىراقلاشتۇرالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئېنىق كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھقا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ھېچبىرى مەخپى قالمايدۇ، شۇنىڭغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ مَن كَانَ عَدُوّٗا لِّـجِبۡرِيلَ فَإِنَّهُۥ نَزَّلَهُۥ عَلَىٰ قَلۡبِكَ بِإِذۡنِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ وَهُدٗى وَبُشۡرَىٰ لِلۡمُؤۡمِنِينَ
ئى پەيغەمبەر! يەھۇدىلاردىن: شەكسىزكى پەرىشتىلەردىن جىبرائىل بىزنىڭ دۈشمىنىمىز دېگەنلەرگە ئېيتقىنكى، كىمكى جىبرائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ئۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن مۆئمىنلەرگە ئاللاھ تەييار قىلغان نېئمەتلەر بىلەن خۇشخەۋەر بېرىدىغان، ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان، تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاشلا ئىلگىرىكى ساماۋى كىتابلارنى تەستىقلايدىغان قۇرئان كەرىمنى سېنىڭ قەلبىڭگە نازىل قىلدى، مۇشۇ سۈپەتتىكى پەرىشتىنى دۈشمەن تۇتقانلار ئازغۇنلار جۈملىسىدىندۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَن كَانَ عَدُوّٗا لِّلَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَرُسُلِهِۦ وَجِبۡرِيلَ وَمِيكَىٰلَ فَإِنَّ ٱللَّهَ عَدُوّٞ لِّلۡكَٰفِرِينَ
كىمكى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى، ئاللاھغا يېقىن بولغان ئىككى پەرىشتە جىبرائىل ۋە مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەردىن ۋە سىلەرنىڭ غەيرىڭلاردىن بولغان كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بولغان كىشى ئوچۇق-ئاشكارا زىيان تارتقۇچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَقَدۡ أَنزَلۡنَآ إِلَيۡكَ ءَايَٰتِۭ بَيِّنَٰتٖۖ وَمَا يَكۡفُرُ بِهَآ إِلَّا ٱلۡفَٰسِقُونَ
ئى پەيغەمبەر! ھەقىقەتەن ساڭا بىز پەيغەمبەرلىك ۋە ۋەھيىدىن ئىبارەت سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى ۋە سېنى تەستىقلايدىغان روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق، پەقەت توغرا يولدىن چىققۇچىلار بۇ روشەن ئايەتلەرنى ئىنكار قىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوَكُلَّمَا عَٰهَدُواْ عَهۡدٗا نَّبَذَهُۥ فَرِيقٞ مِّنۡهُمۚ بَلۡ أَكۡثَرُهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
يەھۇدىلارنىڭ ناچارلىقىدىن، ھەرقاچان ئۇلاردىن مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە تەۋراتتا بايان قىلىنغان سۈپەت بويىچە ئىمان ئېيتىڭلار دەپ ئەھدە ئىلىنغاندا، ئۇلارنىڭ بىر تۈركۈمى ئەھدىنى بۇزىدۇ، بەلكى يەھۇدىلارنىڭ كۆپچىلىكى ھەقىقەتتە ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابقا ئىشەنمەيدۇ، چۈنكى ھەقىقى ئىمان ئەھدىگە ۋاپا قىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمَّا جَآءَهُمۡ رَسُولٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ مُصَدِّقٞ لِّمَا مَعَهُمۡ نَبَذَ فَرِيقٞ مِّنَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ كِتَٰبَ ٱللَّهِ وَرَآءَ ظُهُورِهِمۡ كَأَنَّهُمۡ لَا يَعۡلَمُونَ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەلچى بولۇپ كەلگەن ۋاقتىدا، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈپىتى تەۋراتتا بايان قىلىنغان تۇرۇغلۇق، كىتاب بېرىلگەنلەرنىڭ بىر تۈركىمى ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئىسپاتلارنى بىلمەيدىغاندەك ھېچ پەرۋا قىلماستىن، ئاللاھنىڭ كىتابى تەۋراتنى ئارقىسىغا چۆرىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بولسا، توغرا يول ۋە ھەقىقەتكە پەرۋا قىلماي، ئۇنىڭدىن ھېچ مەنپەئەتلەنمىگەن نادان-جاھىل ئىنساننىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المؤمن الحق يرجو ما عند الله من النعيم المقيم، ولهذا يفرح بلقاء الله ولا يخشى الموت.
ھەقىقى مۆئمىن ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى دائىمىي نېئمەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھقا ئۇچرىشىشتىن خۇرسەن بولىدۇ ۋە ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ

• حِرص اليهود على الحياة الدنيا حتى لو كانت حياة حقيرة مهينة غير كريمة.
دۇنيا ھاياتى خار، ئېتىبارسىز بولسىمۇ يەھۇدىلار دۇنياغا ھەممىدىن بەك ھېرىسمەندۇر

• أنّ من عادى أولياء الله المقربين منه فقد عادى الله تعالى.
ئاللاھنىڭ يېقىن بەندىلىرىنى دۈشمەن تۇتقانلارنى ئاللاھمۇ دۈشمەن تۇتىدۇ

• إعراض اليهود عن نبوة محمد صلى الله عليه وسلم بعدما عرفوا تصديقه لما في أيديهم من التوراة.
يەھۇدىلار مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى تونىغاندىن ۋە قوللىرىدىكى كىتابتا ئۇنىڭ راستلىقىنى تەستىقلايدىغان دەلىللەرنى كۆرگەندىن كېيىن ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىدى

• أنَّ من لم ينتفع بعلمه صح أن يوصف بالجهل؛ لأنه شابه الجاهل في جهله.
ئۆزىنىڭ ئىلمى بىلەن مەنپەئەتلىنەلمىگەن كىشىنى جاھىل-نادان دەپ سۈپەتلىسە توغرا بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى ئەمەل قىلماسلىقتا جاھىلغا ئوخشاپ قالغان

وَٱتَّبَعُواْ مَا تَتۡلُواْ ٱلشَّيَٰطِينُ عَلَىٰ مُلۡكِ سُلَيۡمَٰنَۖ وَمَا كَفَرَ سُلَيۡمَٰنُ وَلَٰكِنَّ ٱلشَّيَٰطِينَ كَفَرُواْ يُعَلِّمُونَ ٱلنَّاسَ ٱلسِّحۡرَ وَمَآ أُنزِلَ عَلَى ٱلۡمَلَكَيۡنِ بِبَابِلَ هَٰرُوتَ وَمَٰرُوتَۚ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنۡ أَحَدٍ حَتَّىٰ يَقُولَآ إِنَّمَا نَحۡنُ فِتۡنَةٞ فَلَا تَكۡفُرۡۖ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنۡهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِۦ بَيۡنَ ٱلۡمَرۡءِ وَزَوۡجِهِۦۚ وَمَا هُم بِضَآرِّينَ بِهِۦ مِنۡ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذۡنِ ٱللَّهِۚ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡۚ وَلَقَدۡ عَلِمُواْ لَمَنِ ٱشۡتَرَىٰهُ مَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖۚ وَلَبِئۡسَ مَا شَرَوۡاْ بِهِۦٓ أَنفُسَهُمۡۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىنى تەرك قىلغان ۋاقتىدا، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ سېھىرگەرلىكىگە ئائىت سۆزلىرىگە ئەگەشتى ۋە سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ پادىشاھلىقىنى سېھرىگەرلىك بىلەن قۇرۇلغان دەپ ئويلاشتى، يەھۇدىلار ئويلىغىنىدەك سۇلايمان سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى، ئۇلار ئىراقنىڭ بابىل شەھىرىدىكى ھارۇت -مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە كىشىلەرنى سىناق ۋە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۆگىتەتتى، بۇ ئىككى پەرىشتە بىز كىشىلەرنى سىنايمىز، كاپىر بولمىغىن، دېمىگۈچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. بۇ ئىككى پەرىشتىنىڭ نەسىھىتىنى قوبۇل قىلمىغان كىشىلەر بۇ ئىككىسىدىن سېھرى ئۈگىنەتتى، ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر-خوتۇننى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان نەرسىلەرنى يەنى سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەتتى، ئۇلار سېھىر ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار تەۋراتنى تاشلاپ سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ، ئوچۇق ئاشكارا ئازغۇنلۇق ۋە نۇمۇسسىزلىق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشقا قەدەم بېسىشنىڭ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتى بولمايدىغان قاتتىق يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَوۡ أَنَّهُمۡ ءَامَنُواْ وَٱتَّقَوۡاْ لَمَثُوبَةٞ مِّنۡ عِندِ ٱللَّهِ خَيۡرٞۚ لَّوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئەگەر يەھۇدىلار ئاللاھقا ھەقىقى ئىمان ئېيتىپ، ئاسىيلىق قىلماستىن، ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئۆزلىرىگە مەنپەئەتلىك بولغان ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۈچۈن ئۇنىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تَقُولُواْ رَٰعِنَا وَقُولُواْ ٱنظُرۡنَا وَٱسۡمَعُواْۗ وَلِلۡكَٰفِرِينَ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنى سۆزلەشكەندە ياخشى سۆزلەرنى تاللاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئى مۆمىنلەر! پەيغەمبەرگە (رائىنا) يەنى "بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا قارىسىلا" دەپ خىتاب قىلماڭلار، چۈنكى يەھۇدىلار بۇ سۆزنى ئۆزگەرتىپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ بۇنىڭدىن دۆتلۇك دېگەندەك مەنانى مەقسەت قىلاتتى، ئاللاھ تائالا بۇ بوشلۇقنى توسۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى بۇ سۆزنى ئېشلىتىشتىن چەكلىدى. بەندىلەرنى بۇ سۆزنىڭ ئورنىغا (ئۇنزۇرنا) "سۆزلىرىنى چۈشۈنۈپ بولغىچە بىزگە مۆھلەت بەرسە" دېگەن سۆزنى دېيىشكە بۇيرىدى، كاپىرلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب باردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَّا يَوَدُّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ وَلَا ٱلۡمُشۡرِكِينَ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡكُم مِّنۡ خَيۡرٖ مِّن رَّبِّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَخۡتَصُّ بِرَحۡمَتِهِۦ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ
ئەھلى كىتاب ۋە مۇشرىكلاردىن بولغان كاپىرلار پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن بىرەر ياخشىلىقنىڭ چۈشۈشىنى ياقتۇرمايدۇ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ خالىغان بەندىسىگە پەيغەمبەرلىكتىن، ۋەھيى ۋە ئىماندىن بولغان رەھمىتىنى خاس قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر، ئىنسانلاردىن ھەرقانداق بىر كىشى ياخشىلىققا ئېرىشىدىكەن، ئۇ ئاللاھ تەرەپتىن بولىدۇ. ئىنسانىيەتكە پەيغەمبەر ئەۋەتىش ۋە كىتاب نازىل قىلىشمۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• سوء أدب اليهود مع أنبياء الله حيث نسبوا إلى سليمان عليه السلام تعاطي السحر، فبرّأه الله منه، وأَكْذَبَهم في زعمهم.
يەھۇدىلارنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە بولغان ئەدەپسىزلىكىدىن، سۇلايمان ئەلەيھىسسالامغا سېھرىنى نىسبەت بېرىدۇ، ئاللاھ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنى بۇ تۆھمەتتىن پاكلاپ، ئۇلارنىڭ گۇمانىنى يالغانغا چىقاردى

• أن السحر له حقيقة وتأثير في العقول والأبدان، والساحر كافر، وحكمه القتل.
سېھرىنىڭ ھەقىقەتتە ئەقىلگە ۋە بەدەنگە تەسىرى بولىدۇ، سېھرىگەر كاپىر بولۇپ، ئۇنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر

• لا يقع في ملك الله تعالى شيء من الخير والشر إلا بإذنه وعلمه تعالى.
ئاللاھنىڭ مۈلكىدە ھەرقانداق ياخشىلىق ۋە يامانلىق پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى ۋە ئىلمى بىلەن بولىدۇ

• سد الذرائع من مقاصد الشريعة، فكل قول أو فعل يوهم أمورًا فاسدة يجب تجنبه والبعد عنه.
ۋەسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرىئەتنىڭ مەقسىدى بولۇپ، ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەت بۇزۇق ئىشنى خىيال قىلدۇرىدىكەن، ئۇنى چەكلەش ۋە ئۇنىڭدىن يىراق تۇرۇش زۆرۈر بولىدۇ

• أن الفضل بيد الله تعالى وهو الذي يختص به من يشاء برحمته وحكمته.
ھەقىقەتەن پەزلى-رەھمەت ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ رەھمىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئۇنى خالىغان كىشىگە خاس قىلىدۇ

۞ مَا نَنسَخۡ مِنۡ ءَايَةٍ أَوۡ نُنسِهَا نَأۡتِ بِخَيۡرٖ مِّنۡهَآ أَوۡ مِثۡلِهَآۗ أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدىن بىرەر ئايەتنىڭ ھۆكمىنى ياكى لەپزىنى كۆتۈرۋەتكەن ۋاقىتتا ئۇنى كىشىلەرگە ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئاللاھ تائالا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇنىڭدىنمۇ مەنپەئەتلىك بولغان ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش بولغان يەنە بىر ئايەتنى كەلتۈرىدۇ، بۇ ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ. ئى پەيغەمبەر! سەن ئاللاھ تائالانىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلىسەن، ئاللاھ خالىغاننى قىلىدۇ ۋە ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ تَعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَمَا لَكُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ
ئى پەيغەمبەر! سەن، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسەن، ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە ھۆكۈم قىلىدۇ، بەندىلىرىنى خالىغان ئىشنى قىلىشقا بۇيرىدۇ ۋە خالىغاندىن ئىشتىن چەكلەيدۇ، شەرىئەتتىن خالىغاننى بىكىتىدۇ ۋە خالىغاننى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، سىلەرگە ئاللاھتىن باشقا ئىشلىرىڭلارغا ئىگە بولىدىغان ھېچقانداق دوست ۋە سىلەرنى زېياننى مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار يوقتۇر، بەلكى ئاللاھ ئاشۇنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىگىسىدۇر ۋە ئۇنىڭغا قادىردۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ تُرِيدُونَ أَن تَسۡـَٔلُواْ رَسُولَكُمۡ كَمَا سُئِلَ مُوسَىٰ مِن قَبۡلُۗ وَمَن يَتَبَدَّلِ ٱلۡكُفۡرَ بِٱلۡإِيمَٰنِ فَقَدۡ ضَلَّ سَوَآءَ ٱلسَّبِيلِ
ئى مۆمىنلەر! ئىلگىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى پەيغەمبىرىدىن ئۇنى چارىسىز قالدۇرىدىغان ۋە ئىتىراز بىلدۈرىدىغان سۇئاللارنى سورىغاندەك پەيغەمبىرىڭلاردىن سۇئال سوراش سىلەرگە يىقىشمايدۇ، ئۇلار: «ئاللاھنى بىزگە ئاشكارا كۆرسەتكىن» دەپ سورىغان، كىمكى ئىماننى كۇپىرغا تىگىشسە ئۇ ھەقىقەتەن توغرا يولدىن ئازغان بولىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَدَّ كَثِيرٞ مِّنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ لَوۡ يَرُدُّونَكُم مِّنۢ بَعۡدِ إِيمَٰنِكُمۡ كُفَّارًا حَسَدٗا مِّنۡ عِندِ أَنفُسِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا تَبَيَّنَ لَهُمُ ٱلۡحَقُّۖ فَٱعۡفُواْ وَٱصۡفَحُواْ حَتَّىٰ يَأۡتِيَ ٱللَّهُ بِأَمۡرِهِۦٓۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
يەھۇدى-ناسالارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇلارغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىپ كەلگەن دىنىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق دىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن، ھەسەت قىلىش يۈزىسىدىن سىلەر ئىمان ئىيتقاندىن كېيىن سىلەرنى ئىماندىن قايتۇرۇپ كاپىر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئۇلار توغرىسىدا ھۆكمى كەلگەنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئەپۇ قىلىڭلار ۋە ئۇلارنىڭ نەپسىنىڭ يامانلىقى ۋە جاھىللىقى سەۋەبىدىن بولغان خاتالىقىنى كەچۈرۈڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بۇ توغرىدىكى بۇيرىقى ۋە ھۆكمى كەلسە، كاپىر، ئىسلامنى ياكى جىزيە تاپشۇرۇشنى ۋەياكى ئۇرۇشنى تاللايدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە قادىردۇر، ئۇلار ئاللاھنى ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتُواْ ٱلزَّكَوٰةَۚ وَمَا تُقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُم مِّنۡ خَيۡرٖ تَجِدُوهُ عِندَ ٱللَّهِۗ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
نامازنى پەرز، ۋاجىپ ۋە سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئادا قىلىڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ھەقلىق بولغان كىشىلەرگە بېرىڭلار، ھاياتىڭلاردا ھەر قانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلساڭلار، ئۇنى ئۆزۇڭلار ئۈچۈن ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى قىلساڭلار، قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭ ساۋابىنى تاپىسىلەر، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ھەر بىر كىشىنى قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ لَن يَدۡخُلَ ٱلۡجَنَّةَ إِلَّا مَن كَانَ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰۗ تِلۡكَ أَمَانِيُّهُمۡۗ قُلۡ هَاتُواْ بُرۡهَٰنَكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰدِقِينَ
يەھۇدى ۋە ناسارالاردىن بولغان ھەر بىر تائىپە جەننەتنى ئۆزلىرىگە خاس دەيدۇ، يەھۇدى بولغان ئادەم: يەھۇدى بولمىغان ئادەم جەننەتكە كېرەلمەيدۇ دەيدۇ، ناسارا بولغان ئادەم: ناسارا بولمىغان ئادەم جەننەتكە كېرەلمەيدۇ دەيدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ باتىل ئارزۇ ۋە بۇزۇق خىياللىرىدۇر. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا رەت قايتۇرۇپ: ئەگەر سۆزۈڭلاردا راستچىل بولساڭلار، دەلىلىڭلارنى كەلتۈرۈڭلار، دېگىن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَلَىٰۚ مَنۡ أَسۡلَمَ وَجۡهَهُۥ لِلَّهِ وَهُوَ مُحۡسِنٞ فَلَهُۥٓ أَجۡرُهُۥ عِندَ رَبِّهِۦ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
ھەقىقەتەن سەمىمىلىك بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئىخلاس بىلەن ياخشى ئەمەل ۋە ئىبادەتلەرنى پەيغەمبەرگە ئەگەشىش ئارقىلىق قىلغان كىشى قايسى تائىپىدىن بولسۇن جەننەتكە كېرىدۇ. پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى بولىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرىدىنمۇ غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ. بۇ سۈپەتلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلگەندىن كېيىن پەقەت مۇسۇلمانلاردىلا ئەمەلىيلىشىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن الأمر كله لله، فيبدل ما يشاء من أحكامه وشرائعه، ويبقي ما يشاء منها، وكل ذلك بعلمه وحكمته.
ئىشنىڭ ھەممىسى ئاللاھ ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۆزىنىڭ قانۇن ھۆكۈملىرىدىن خالىغاننى ئالماشتۇرىدۇ، خالىغاننى قويۇپ قويىدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلمى ۋە ھېكمىتى بىلەن بولىدۇ

• حَسَدُ كثيرٍ من أهل الكتاب هذه الأمة، لما خصَّها الله من الإيمان واتباع الرسول، حتى تمنوا رجوعها إلى الكفر كما كانت.
ئەھلى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى، بۇ ئۈممەتكە ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خاس قىلغان ئىمان ۋە پەيغەمبەرگە ئەگىشىش قاتارلىق ئىشلىرىدا ھەسەت قىلىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكىدەك كۇپىرغا قايتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

وَقَالَتِ ٱلۡيَهُودُ لَيۡسَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَقَالَتِ ٱلنَّصَٰرَىٰ لَيۡسَتِ ٱلۡيَهُودُ عَلَىٰ شَيۡءٖ وَهُمۡ يَتۡلُونَ ٱلۡكِتَٰبَۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ مِثۡلَ قَوۡلِهِمۡۚ فَٱللَّهُ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ فِيمَا كَانُواْ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَ
يەھۇدىلار: ناسارالار توغرا دىندا ئەمەس دەيدۇ، ناسارالار: يەھۇدىلار توغرا دىندا ئەمەس دەيدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا نازىل قىلغان كىتابنى ئوقۇيدۇ، ئۇ كىتابتا ھېچ قانداق پەيغەمبەرنىڭ ئارىسىنى ئايرىماستىن ھەممىسىگە تەڭ ئىمان ئېيتىشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى بىلىمسىز جاھىل ئەرەپ مۇشرىكلىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ، ئۇلار بارلىق پەيغەمبەرلەرنى ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكمى بىلەن بەندىلىرىگە خەۋەر بېرىپ: ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىگە ئىمان ئىيتقان كىشىلا ئۇتۇق قازىنالايدۇ، دەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن مَّنَعَ مَسَٰجِدَ ٱللَّهِ أَن يُذۡكَرَ فِيهَا ٱسۡمُهُۥ وَسَعَىٰ فِي خَرَابِهَآۚ أُوْلَٰٓئِكَ مَا كَانَ لَهُمۡ أَن يَدۡخُلُوهَآ إِلَّا خَآئِفِينَۚ لَهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا خِزۡيٞ وَلَهُمۡ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٞ
ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدە ئاللاھنىڭ نامىنىڭ ياد قىلىنىشىنى چەكلىگەن، ناماز ئوقۇش، زىكىر-تەسبىھ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشتىن توسقان، مەسچىتلەرنى بۇزغان ۋە ۋەيران قىلىشقا سەۋەپ بولغان ياكى ئىبادەتتىن توسقان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى يوقتۇر. مەسچىتلەرنى خاراپ قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ، مەسجىدلەرگە پەقەت قورققان يۈرەكلىرى دۆپۈلدىگەن ھالدىلا كىرىشى لايىق ئىدى، ئۇلارنىڭ كاپىرلىقى ۋە ئاللاھنىڭ مەسچىتلىرىدىن توسقانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادا مۆئمىنلەرنىڭ قولى بىلەن خار-رەسۋا بولىدۇ، ئاخىرەتتە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ مەسچىتىدىن چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلِلَّهِ ٱلۡمَشۡرِقُ وَٱلۡمَغۡرِبُۚ فَأَيۡنَمَا تُوَلُّواْ فَثَمَّ وَجۡهُ ٱللَّهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
مەشرىقمۇ، مەغرىبمۇ ئۇنىڭ ئارىسىدىكى پۈتۈن يەر يۈزى ئاللاھنىڭدۇر، بەندىلىرىنى خالىغان نەرسىگە بۇيرۇيدۇ، قايسى تەرەپكە يۈزلەنسەڭلار، ئاللاھنىڭ تەرىپىگە يۈزلىنىسىلەر، بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈزلىنىڭلار ياكى كەبىگە يۈزلىنىڭلار ياكى خاتالىشىپ باشقا تەرەپكە يۈزلىنىڭلار ياكى قىبلىنىڭ تەرىپىنى بېلىش قىيىن بولسا، بۇنىڭدا سىلەرگە قېيىنچىلىق يوق، چۈنكى ھەممە تەرەپ ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتى-مەغپىرىتى كەڭرىدۇر. ئۇ، ئۆز رەھمىتى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن بارلىق ئىشلىرىنى بىلگۈچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالُواْ ٱتَّخَذَ ٱللَّهُ وَلَدٗاۗ سُبۡحَٰنَهُۥۖ بَل لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ كُلّٞ لَّهُۥ قَٰنِتُونَ
يەھۇدىيلار، ناسارالار، مۇشرىكلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغان نەرسىسىدىن پاكتۇر، ئۆز خەلقىدىن بىھاجەتتۇر، باشقىلارغا ئىھتىياجلىق كىشى بالىلىق بولىدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر، خالايىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ قۇلىدۇر، ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى خالىغانچە ئورۇنلاشتۇرغۇچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بَدِيعُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ وَإِذَا قَضَىٰٓ أَمۡرٗا فَإِنَّمَا يَقُولُ لَهُۥ كُن فَيَكُونُ
ئاللاھ ئاسمانلار، زېمىنلار ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭ ئۈچۈن «ۋۇجۇدقا كەل» دەيدۇ-دە، ئۇ ئىش ئاللاھ ئىرادە قىلغان بويىچە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئاللاھنىڭ بۇيرىقى ۋە ھۆكمىنى قايتۇرغۇچى يوقتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ لَوۡلَا يُكَلِّمُنَا ٱللَّهُ أَوۡ تَأۡتِينَآ ءَايَةٞۗ كَذَٰلِكَ قَالَ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِم مِّثۡلَ قَوۡلِهِمۡۘ تَشَٰبَهَتۡ قُلُوبُهُمۡۗ قَدۡ بَيَّنَّا ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يُوقِنُونَ
قۇرەيش كاپىرلىرى ۋە ئەھلى كىتابنىڭ جاھىللىرى ھەققە گەردەنكەشلىك قىلىپ: ئاللاھ نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن بىۋاستە سۆزلەشمەيدۇ؟ ياكى بىزگە خاس بولغان بىرەر مۆجىزە كەلتۈرمەيدۇ؟ دەيدۇ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچىلارمۇ گەرچە ئۇلارنىڭ ياشىغان دەۋرى ۋە ئورنى ئوخشىمىسىمۇ پەيغەمبەرلىرىگە شۇنداق سۆزنى قىلغان ئىدى، ھەقىقەتەن بىز ئايەتلىرىمىزنى ھەقىقەتەن ئاشكارا بولغاندا گەردەنكەشلىك قىلماستىن ۋە شەك-شۈبھى قىلماستىن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن بايان قىلدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّآ أَرۡسَلۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ بَشِيرٗا وَنَذِيرٗاۖ وَلَا تُسۡـَٔلُ عَنۡ أَصۡحَٰبِ ٱلۡجَحِيمِ
ئى پەيغەمبەر! بىز سېنى مۆئمىنلەرگە جەننەت بىلەن خوشخەۋەر بەرگۈچى، كاپىرلارنى دوزاخ بىلەن ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھېچ قانداق شەك-شۈبھە بولمىغان ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتۇق، سېنىڭ ۋەزىپەڭ پەقەت ئۇلارغا دىننى يەتكۈزۈش، سەن ئەھلى دوزاخ يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الكفر ملة واحدة وإن اختلفت أجناس أهله وأماكنهم، فهم يتشابهون في كفرهم وقولهم على الله بغير علم.
كاپىرلارنىڭ گەرچە ئىرقى، مىللىتى، تۇرىۋاتقان ئورنى ۋە ياشىغان دەۋرى ئوخشاش بولمىسىمۇ ئۇلار كۇپۇرلۇق ۋە ئاللاھ بارىسىدا ئىلىمسىز سۆز قىلىشتا ھەممىسى بىر مىللەتتۇر

• أعظم الناس جُرْمًا وأشدهم إثمًا من يصد عن سبيل الله، ويمنع من أراد فعل الخير.
ئىنسانلار ئارىسىدا ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقان ۋە كىشىلەرنى ياخشى ئىش قىلىشتىن چەكلىگەندىنمۇ جىنايىتى زور ۋە گۇناھى ئېغىر كىشى يوقتۇر

• تنزّه الله تعالى عن الصاحبة والولد، فهو سبحانه لا يحتاج لخلقه.
ئاللاھ تائالا ھەمراھتىن ۋە بالىدىن پاكتۇر، ئاللاھ مەخلۇقاتلىرىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس

وَلَن تَرۡضَىٰ عَنكَ ٱلۡيَهُودُ وَلَا ٱلنَّصَٰرَىٰ حَتَّىٰ تَتَّبِعَ مِلَّتَهُمۡۗ قُلۡ إِنَّ هُدَى ٱللَّهِ هُوَ ٱلۡهُدَىٰۗ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم بَعۡدَ ٱلَّذِي جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ مَا لَكَ مِنَ ٱللَّهِ مِن وَلِيّٖ وَلَا نَصِيرٍ
ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خىتاب قىلىپ ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار سەن ئىسلامنى تەرك قىلىپ ئۇلارنىڭ دىنىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلار سەندىن رازى بولمايدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئوچۇق ھەقىقەت كەلگەندىن كېيىن سەندىن ياكى سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭنىڭ بىرىدىن سادىر بولىدىكەن، سېنى ياكى ئۇلارنىڭ بىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتقۇزىدىغان ياردەمچىمۇ ياكى مەدەتكارمۇ بولمايدۇ. بۇ باتىل ئەھلى بىلەن مۇۋاپىقلىشىپ ھەقنى تەرك قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَتۡلُونَهُۥ حَقَّ تِلَاوَتِهِۦٓ أُوْلَٰٓئِكَ يُؤۡمِنُونَ بِهِۦۗ وَمَن يَكۡفُرۡ بِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡخَٰسِرُونَ
قۇرئان كەرىم ئەھلى كىتابتىن بولغان قوللىرىدىكى كىتابقا ئەمەل قىلىدىغان، ھەقىقەتكە ئەگىشىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: ئۇلار كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەرنى تاپىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئىيتىشقا ئالدىرايدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بولسا كۇپىرنى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئۇلار ھەسسىلەپ زېيان تارتقۇچىلاردۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتِيَ ٱلَّتِيٓ أَنۡعَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ وَأَنِّي فَضَّلۡتُكُمۡ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئى بەنى ئىسرائىل! مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان دىنى ۋە دۇنيالىق نېئمەتلىرىمنى ئەسلەڭلار، سىلەرنى پەيغەمبەرلىك ۋە پادىشاھلىق بىلەن شۇ زاماندىكى بارلىق جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا ئىلىڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا لَّا تَجۡزِي نَفۡسٌ عَن نَّفۡسٖ شَيۡـٔٗا وَلَا يُقۡبَلُ مِنۡهَا عَدۡلٞ وَلَا تَنفَعُهَا شَفَٰعَةٞ وَلَا هُمۡ يُنصَرُونَ
ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىنى تەرك قىلىش ئارقىلىق قىيامەت كۈنىنىڭ ئازابى بىلەن ئۆزۇڭلار ئارىسىدا قالقان ھاسىل قىلىڭلار، ئۇ كۈندە كىشى يەنە بىر كىشىگە ئەسقاتمايدۇ ۋە ھەر قانچە كاتتا پىداكارلىق قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ھېچقانداق كىشى شاپائەت قىلالمايدۇ. ئۇ كۈندە بەندىگە ئاللاھتىن باشقا ياردەم بەرگۈچى بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَإِذِ ٱبۡتَلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ رَبُّهُۥ بِكَلِمَٰتٖ فَأَتَمَّهُنَّۖ قَالَ إِنِّي جَاعِلُكَ لِلنَّاسِ إِمَامٗاۖ قَالَ وَمِن ذُرِّيَّتِيۖ قَالَ لَا يَنَالُ عَهۡدِي ٱلظَّٰلِمِينَ
ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە مەسئۇلىيەتلەر بىلەن سىنىغانلىقىنى زىكىر قىلغىن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۈستىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى مۇكەممەل بىر شەكىلدە تولۇق ئادا قىلدى، ئاللاھ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا: سېنى كىشىلەر ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەخلاقتا ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلىمەن دېدى. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ مېنىڭ بەزى ئەۋلادىمنىمۇ كىشىلەر ئەگىشىدىغان پېشىۋا قىلساڭ دېدى، ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغاجاۋاپ بېرىپ: مېنىڭ سېنى دىندا پېشىۋا قىلىش ئەھدىمگە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭدىن بولغان زالىملار ئېرىشەلمەيدۇ، دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِـۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر جەم بولىدىغان، ھەر قاچان قايتسا قايتا كېلىشكە قەلبى تەلپۈنىدىغان، تېنچ جاي قىلىپ بەردۇق، ئۇ يەردە ئۇلارغا ھەددىدىن ئاشقۇچى بولمايدۇ. كىشىلەرگە: ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەبىنى ياسىغاندا تۇرغان تاشنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار دېدۇق، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامغا ھەرەم-بەيتۇللاھ كەبىنى تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاسكىنا-مەينەت بۇتلاردىن پاك تۇتۇشقا تەۋسىيە قىلدۇق
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ ٱجۡعَلۡ هَٰذَا بَلَدًا ءَامِنٗا وَٱرۡزُقۡ أَهۡلَهُۥ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ مَنۡ ءَامَنَ مِنۡهُم بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ قَالَ وَمَن كَفَرَ فَأُمَتِّعُهُۥ قَلِيلٗا ثُمَّ أَضۡطَرُّهُۥٓ إِلَىٰ عَذَابِ ٱلنَّارِۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ
ئى پەيغەمبەر! ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەرۋەردىگارىغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئەسلىگىن: پەرۋەردىگارىم! مەككىنى ھېچ بىركىشى يامانلىق بىلەن چېقىلالمايدىغان تىنچ شەھەر قىلىپ بەرگىن، ئاھالىسىدىن ساڭا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئىيتقانلارنى تۈرلۈك مېۋىلەر بىلەن رىزىقلاندۇرغىن دېدى، ئاللاھ تائالا: ئۇلاردىن كاپىر بولغانلىرىنىمۇ دۇنيادا رىزقتىن مەلۇم مۇددەت بەھرىمان قىلىمەن، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى ئاخىرەتتە دوزاخقا ھەيدەيمەن، قىيامەت كۈنى ھەيدىلىدىغان دوزاخ نېمە دېگەن يامان جاي-ھە!.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن المسلمين مهما فعلوا من خير لليهود والنصارى؛ فلن يرضوا حتى يُخرجوهم من دينهم، ويتابعوهم على ضلالهم.
ھەقىقەتەن مۇسۇلمانلار يەھۇدىي-ناسارالار ئۈچۈن ھەرقانچە ياخشىلىق قىلسىمۇ، ئۇلار مۇسۇلمانلارنى دىنىدىن ياندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن يوللرىغا ئەگەشمىگۈچە ئۇلاردىن رازى بولمايدۇ

• الإمامة في الدين لا تُنَال إلا بصحة اليقين والصبر على القيام بأمر الله تعالى.
دىندا رەببانىي ئالىم بولۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنداشتا تولۇق ئىشەنچ ۋە سەۋىرچان بولۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

• بركة دعوة إبراهيم عليه السلام للبلد الحرام، حيث جعله الله مكانًا آمنًا للناس، وتفضّل على أهله بأنواع الأرزاق.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەرەم ئەھلىگە قىلغان دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدىن: ئاللاھ ھەرەمنى كىشىلەر ئۈچۈن تېنچ جاي قىلىپ بەردى، شۇنداقلا ھەرەم ئەھلىگە تۈرلۈك نېمەتلەرنى ئاتا قىلدى

وَإِذۡ يَرۡفَعُ إِبۡرَٰهِـۧمُ ٱلۡقَوَاعِدَ مِنَ ٱلۡبَيۡتِ وَإِسۡمَٰعِيلُ رَبَّنَا تَقَبَّلۡ مِنَّآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ ئۇلىنى قۇپۇرۇۋېتىپ، تۆۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھغا يالۋۇرۇپ: پەرۋەردىگارىمىز! بىزنىڭ كەبىنى ياساشتىن ئىبارەت بولغان خىزمىتىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن دۇئايىمىزنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن، نىيەت ۋە ئەمەللىرىمىزنى بىلىپ تۇرغۇچىسەن دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
رَبَّنَا وَٱجۡعَلۡنَا مُسۡلِمَيۡنِ لَكَ وَمِن ذُرِّيَّتِنَآ أُمَّةٗ مُّسۡلِمَةٗ لَّكَ وَأَرِنَا مَنَاسِكَنَا وَتُبۡ عَلَيۡنَآۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئىككىمىزنى ساڭا بويسۇنغۇچىلاردىن قىلغىن، ساڭا ھېچ بىر كىشىنى شېرىك قىلمايمىز، بىزنىڭ ئەۋلادلىرىمىزدىنمۇ ئۆزۈڭگە ئىتائەتمەن ئۈممەت چىقارغىن، بىزگە ئىبادەتنىڭ قائىدىلىرىنى بىلدۈرگىن، ساڭا ئىتائەت قىلىش جەريانىدىكى خاتالىق ۋە ناچارلىقىمىزنى ئەپۇ قىلغىن، سەن بەندىلىرىڭدىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلغۇچىسەن ۋە ناھايتى مېھرىبانسەن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
رَبَّنَا وَٱبۡعَثۡ فِيهِمۡ رَسُولٗا مِّنۡهُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡهِمۡ ءَايَٰتِكَ وَيُعَلِّمُهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُزَكِّيهِمۡۖ إِنَّكَ أَنتَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ
پەرۋەردىگارىمىز! ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدىن سېنىڭ نازىل قىلغان ئايەتلىرىڭنى ئۇلارغا تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، قۇرئان-سۈننەت ئۈگىتىدىغان، شېرىك ۋە رەزىللىكتىن پاكلايدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتكىن، ھەقىقەتەن سەن غالىبسەن، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىسەن، دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَن يَرۡغَبُ عَن مِّلَّةِ إِبۡرَٰهِـۧمَ إِلَّا مَن سَفِهَ نَفۡسَهُۥۚ وَلَقَدِ ٱصۡطَفَيۡنَٰهُ فِي ٱلدُّنۡيَاۖ وَإِنَّهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ لَمِنَ ٱلصَّٰلِحِينَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدىن، باشقا دىنلارغا ئەقىلسىزلىكتىن ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان، ياخشى پىكىر قىلماستىن ھەقنى تەرك قىلىپ ئازغۇنلۇققا يۈزلەنگەن، خارلىققا رازى بولغان كىشىلەر يۈز ئۆرۈيدۇ، ھەقىقەتەن بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى دۇنيادا پەيغەمبەر ۋە دوستلۇققا تاللىدۇق، ئۇ ئاخىرەتتە ئۆزىگە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بىلەن سالىھلار قاتارىدىن بولۇپ، ئالى دەرىجىگە ئېرىشىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ قَالَ لَهُۥ رَبُّهُۥٓ أَسۡلِمۡۖ قَالَ أَسۡلَمۡتُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ
ئاللاھ تائالا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئىسلامغا تىزدىن بويسۇنۇشقا تاللاپ، ماڭا سەمىمىلىك بىلەن ئىبادەت قىلغىن ۋە ئىتائەت قىلىش بىلەن بويسۇنغىن دېگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارىغا جاۋاپ بېرىپ: ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى، ئۇلارغا رىزق بەرگۈچى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَوَصَّىٰ بِهَآ إِبۡرَٰهِـۧمُ بَنِيهِ وَيَعۡقُوبُ يَٰبَنِيَّ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰ لَكُمُ ٱلدِّينَ فَلَا تَمُوتُنَّ إِلَّا وَأَنتُم مُّسۡلِمُونَ
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۆز ئوغۇللىرىغا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا بويسۇندۇم، دېگەن سۆز بىلەن ۋەسىيەت قىلدى، يەئقۇب ئەلەيھىسسالاممۇ شۇنداق ۋەسىيەت قىلدى، ئىككەيلەن پەرزەنتلىرىنى چاقىرىپ: ئاللاھ سىلەرگە ئىسلام دىنىنى تاللىدى، ئۆلۈم كەلگۈچە قەدەر دىندا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار، ئىچكى-تاشقى تەرەپتىن ئاللاھقا بويسۇنغان ھالەتتە دۇنيادىن كېتىڭلار، دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ كُنتُمۡ شُهَدَآءَ إِذۡ حَضَرَ يَعۡقُوبَ ٱلۡمَوۡتُ إِذۡ قَالَ لِبَنِيهِ مَا تَعۡبُدُونَ مِنۢ بَعۡدِيۖ قَالُواْ نَعۡبُدُ إِلَٰهَكَ وَإِلَٰهَ ءَابَآئِكَ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗا وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
يەئقۇب ئەلەيھىسسالام سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا سىلەر يېنىدا بولغانمۇ؟ يەنى ئۇ ئوغۇللىرىدىن: مەن ۋاپات بولغاندىن كېيىن نېمىگە ئىبادەت قىلىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، ئۇلار: سېنىڭ ئىلاھىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاقلارنىڭ ئىلاھى بولغان بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، بىز ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرمەيمىز. يالغۇز ئۇنىڭغىلا بويسۇنىمىز ۋە ئىتائەت قىلغۇچىمىز، دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەلىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن سىلەر جاۋابكار ئەمەس، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىنمۇ ئۇلار جاۋابكار ئەمەس، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، بەلكى ھەر بىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن جاۋاپكار بولىدۇ، ئىلگىرىكىلەرنىڭ قىلغان ئەمەللىرى سىلەرنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئەمىلىگە قاراشتىن مەشغۇل قىلىپ قويمىسۇن، ھېچ كىشىگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىدىن باشقا نەرسە مەنپەئەت بەرمەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المؤمن المتقي لا يغتر بأعماله الصالحة، بل يخاف أن ترد عليه، ولا تقبل منه، ولهذا يُكْثِرُ سؤالَ الله قَبولها.
تەقۋادار مۆئمىن ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن مەغرۇرلانمايدۇ، بەلكى ئەمەللىرىنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە قوبۇل بولماسلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھدىن ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولىشىنى ئىلتىجا قىلىدۇ

• بركة دعوة أبي الأنبياء إبراهيم عليه السلام، حيث أجاب الله دعاءه وجعل خاتم أنبيائه وأفضل رسله من أهل مكة.
پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسىنىڭ بەرىكىتىدىن، ئاللاھ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى ۋە ئەلچىلەرنىڭ ئەۋزىلىنى مەككە ئەھلىدىن قىلدى

• دين إبراهيم عليه السلام هو الملة الحنيفية الموافقة للفطرة، لا يرغب عنها ولا يزهد فيها إلا الجاهل المخالف لفطرته.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولسا، ئىنسانى فىترەتكە مۇۋاپىق بولغان توغرا دىندۇر، بۇ دىندىن ئۆزىنىڭ ساغلام تەبىئىتىگە زىت بولغان جاھىل-نادانلار يۈز ئۆرۈيدۇ

• مشروعية الوصية للذرية باتباع الهدى، وأخذ العهد عليهم بالتمسك بالحق والثبات عليه.
ئەۋلادلارغا توغرا يولغا ئەگىشىش ھەققىدە ۋەسىيەت قىلىش، ئۇلاردىن ھەقكە ئەگىشىش ۋە ئۇ يولدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن ئەھدە ئېلىش شەرىئەتتە يولغا قويۇلغاندۇر.

وَقَالُواْ كُونُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰ تَهۡتَدُواْۗ قُلۡ بَلۡ مِلَّةَ إِبۡرَٰهِـۧمَ حَنِيفٗاۖ وَمَا كَانَ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ
يەھۇدىيلار مۇشۇ ئۈممەتكە: يەھۇدىي بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ناسارالار: ناسارا بولساڭلار توغرا يولدا بولىسىلەر دېدى، ئى پەيغەمبەر! سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: بىز ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقەتكە ئۇيغۇن بولغان ئىسلام دىنىغا ئەگىشىمىز، ئۇ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگۈچىلەردىن ئەمەس ئىدى، دېگىن
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُولُوٓاْ ءَامَنَّا بِٱللَّهِ وَمَآ أُنزِلَ إِلَيۡنَا وَمَآ أُنزِلَ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَمَآ أُوتِيَ مُوسَىٰ وَعِيسَىٰ وَمَآ أُوتِيَ ٱلنَّبِيُّونَ مِن رَّبِّهِمۡ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّنۡهُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُسۡلِمُونَ
ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالاردىن بولغان مۇشۇ باتىل دەۋا ساھىبلىرىغا ئېيتىڭلاركى: بىز ئاللاھقا، بىزگە نازىل قىلغان قۇرئانغا، ئىبراھىمغا، ئۇنىڭ ئوغلى ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھىيگە، مۇساغا بېرىلگەن تەۋراتقا، ئىساغا بېرىلگەن ئىنجىلگە ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەن كىتابلارغا ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلاردىن ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز، يەھۇدىي ۋە ناسارالارغا ئوخشاش ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز، بەلكى ھەممىسىگە ئىشىنىمىز، بىز ئاللاھقىلا بويسۇنغۇچىلارمىز
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِنۡ ءَامَنُواْ بِمِثۡلِ مَآ ءَامَنتُم بِهِۦ فَقَدِ ٱهۡتَدَواْۖ وَّإِن تَوَلَّوۡاْ فَإِنَّمَا هُمۡ فِي شِقَاقٖۖ فَسَيَكۡفِيكَهُمُ ٱللَّهُۚ وَهُوَ ٱلسَّمِيعُ ٱلۡعَلِيمُ
ئەگەر يەھۇدىي-ناسارالار ۋە ئۇلاردىن باشقا كاپىرلار سىلەر ئىمان ئېيتقاندەك ئىمان ئېيتسا، ئەلۋەتتە ئاللاھ رازى بولىدىغان توغرا يول تاپقان بولىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىماندىن يۈز ئۆرىسە، پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى ئىنكار قىلسا، سەن بىلەن دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتتە بولىدۇ، بۇنىڭغا قايغۇرما، ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە سەن ئۈچۈن ئاللاھ ئۆزى كۇپايە قىلىدۇ، سېنى ئۇلارنىڭ يامانلىقىدىن توسىدۇ، ئۇلارغا قارشى ساڭا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇچى، نىيەت-مەقسىتى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
صِبۡغَةَ ٱللَّهِ وَمَنۡ أَحۡسَنُ مِنَ ٱللَّهِ صِبۡغَةٗۖ وَنَحۡنُ لَهُۥ عَٰبِدُونَ
ئاللاھ سىلەرنى ئىچكى-تاشقى جەھەتتىن توغرا دەپ تاللىغان دىندا چىڭ تۇرۇڭلار، ئاللاھنىڭ دىنىدىنمۇ ياخشى دىن بارمۇ؟ ئۇ مەنپەئەتنى جەلىپ قىلغۇچى ۋە بۇزۇقچىلىقنى چەكلىگۈچى ساغلام تەبىئەتكە مۇۋاپىقتۇر، ئۇلارغا: بىز يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايمىز دەڭلار
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قُلۡ أَتُحَآجُّونَنَا فِي ٱللَّهِ وَهُوَ رَبُّنَا وَرَبُّكُمۡ وَلَنَآ أَعۡمَٰلُنَا وَلَكُمۡ أَعۡمَٰلُكُمۡ وَنَحۡنُ لَهُۥ مُخۡلِصُونَ
ئى پەيغەمبەر! سەن: ئەھلى كىتابلارغا: سىلەر بىز بىلەن ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ دىنى توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟، چۈنكى سىلەرنىڭ دىنىڭلار ۋە كىتابىڭلارنىڭ ئىلگىرى نازىل بولغانلىقىنىڭ سىلەرگە پايدىسى بولمايدۇ، ئۇ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ پەرۋەردىگارى، سىلەرگىلا خاس ئەمەس، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەر ئۇنىڭدىن سورالمايسىلەر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، بىز ئۇنىڭدىن سورالمايمىز، ھەر كىم ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمىلى بويىچە جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ. بىز تائەت-ئىبادەتتە ئاللاھقا سادىقمىز، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيمىز
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ تَقُولُونَ إِنَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطَ كَانُواْ هُودًا أَوۡ نَصَٰرَىٰۗ قُلۡ ءَأَنتُمۡ أَعۡلَمُ أَمِ ٱللَّهُۗ وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَٰدَةً عِندَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئى ئەھلى كىتاب! سىلەر: ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان پەيغەمبەرلەر يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا مىللىتى ئىدى دەمسىلەر؟. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ ئېيتقىنكى، ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟، ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىبراھىمنىڭ مىللىتىدە دەپ قارىسا ھەقىقەتەن يالغانچىدۇر، چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋە ۋاپات بولىشى تەۋرات ۋە ئىنجىل نازىل بولۇشتىن بۇرۇن بولغان، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا يالغان سۆزلىگەنلىكى بىلىنىدۇ، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان ھەقىقەتنى يوشۇردى، ئەھلى كىتابقا ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئاللاھ تەرەپتىن بىكىتىلگەن گۇۋاھلىقنى يوشۇرغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بولامدۇ؟، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلاردىن غاپىل ئەمەس، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرنى جازالايدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تِلۡكَ أُمَّةٞ قَدۡ خَلَتۡۖ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَلَكُم مَّا كَسَبۡتُمۡۖ وَلَا تُسۡـَٔلُونَ عَمَّا كَانُواْ يَعۡمَلُونَ
ئۇلار سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن بىر ئۈممەتتۇر، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىقتىن ئىبارەت ئەمەللىرى ئۆزلىرى ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزۈڭلار ئۈچۈندۇر، ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن سىلەر جاۋابكار ئەمەس، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىنمۇ ئۇلار جاۋابكار ئەمەس، بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن جازالانمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئەمىلىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، بەلكى ھەر بىرى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىگە يارىشا جازالىنىدۇ ياكى مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن دعوى أهل الكتاب أنهم على الحق لا تنفعهم وهم يكفرون بما أنزل الله على نبيه محمد صلى الله عليه وسلم.
ئەھلى كىتابلارنىڭ بىز ھەقنىڭ ئۈستىدە دېگەن قۇرۇق داۋاسىنىڭ ھېچ پايدىسى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھ تائالا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلغان ھەقىقەتكە ئىنكار قىلدى.

• سُمِّي الدين صبغة لظهور أعماله وسَمْته على المسلم كما يظهر أثر الصبغ في الثوب.
ئىسلام دىنىنىڭ بوياق دەپ ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئەمەللىرى ۋە ئالامەتلىرىنىڭ خۇددى كىيىمدە بوياقنىڭ تەسىرى ئاشكارا بولغاندەك مۇسۇلماندا ئاشكارا بولغانلىقىدىندۇر

• أن الله تعالى قد رَكَزَ في فطرةِ خلقه جميعًا الإقرارَ بربوبيته وألوهيته، وإنما يضلهم عنها الشيطان وأعوانه.
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىنى رۇبۇبىيەت ۋە ئۇلۇھىيەتنى ئىقرار قىلىدىغان قىلىپ ياراتتى، ئەمما شەيتان ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئۇلارنى ساغلام ئەقىدىدىن ئازدۇرىدۇ.

۞ سَيَقُولُ ٱلسُّفَهَآءُ مِنَ ٱلنَّاسِ مَا وَلَّىٰهُمۡ عَن قِبۡلَتِهِمُ ٱلَّتِي كَانُواْ عَلَيۡهَاۚ قُل لِّلَّهِ ٱلۡمَشۡرِقُ وَٱلۡمَغۡرِبُۚ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٖ
ئەقىلسىز نادان يەھۇدىلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش مۇناپىقلار: مۇسۇلمانلارنى ئىلگىرىكى قىبلىسى بەيتۇلمۇقەددەسنى قىبلە قىلىشتىن نېمە توسۇپ قالدى؟!، دەيدۇ. ئى پەيغەمبەر! ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگىن: مەشرىق، مەغرىب ۋە باشقا تەرەپلەر يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھ تائالا ئۆز بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرىدۇ. بەندىلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى قۇسۇرسىز توغرا يولغا باشلايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَٰكُمۡ أُمَّةٗ وَسَطٗا لِّتَكُونُواْ شُهَدَآءَ عَلَى ٱلنَّاسِ وَيَكُونَ ٱلرَّسُولُ عَلَيۡكُمۡ شَهِيدٗاۗ وَمَا جَعَلۡنَا ٱلۡقِبۡلَةَ ٱلَّتِي كُنتَ عَلَيۡهَآ إِلَّا لِنَعۡلَمَ مَن يَتَّبِعُ ٱلرَّسُولَ مِمَّن يَنقَلِبُ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِۚ وَإِن كَانَتۡ لَكَبِيرَةً إِلَّا عَلَى ٱلَّذِينَ هَدَى ٱللَّهُۗ وَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيُضِيعَ إِيمَٰنَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ
قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشىڭلار ئۈچۈن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام سىلەرگە يەتكۈزۈشكە بۇيرۇلغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولىشى ئۈچۈن سىلەرگە ئۆزىمىز رازى بولغان قىبلىنى بەلگىلىگىنىمىزدەك، بىز ئەقىدە، ئىبادەت ۋە مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە پۈتۈن ئۈممەتلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ھەق يولدىكى ياخشى ئۈممەت قىلدۇق. سەن يۈز كەلتۈرۈپ كېلىۋاتقان قىبلە بەيتۇلمۇقەددەسنى ئۆزگەرتىشىمىز پەقەت ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەرگە رازى بولۇپ ۋە بۇيسۇنۇپ پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن ئادەم بىلەن دىنىدىن يېنىپ ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنمىغان ئادەمنى ئايرىشىمىز ئۈچۈندۇر. تۇنجى قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئاللاھ ئىمانغا مۇۋەپپەق قىلغان، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن نېمە ھۆكۈمنى يولغا قويسا مەلۇم ھىكمەت سەۋەبىدىن يولغا قويىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەردىن باشقىلارغا ئېغىر كېلىدۇ. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ. قىبلە ئۆزگەرتىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇغان نامىزىڭلارنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرگە مېھرىبان ۋە كۆيۈمچاندۇر. ئۇلارغا مۇشەققەت سالمايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىنىڭ ساۋابىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
قَدۡ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجۡهِكَ فِي ٱلسَّمَآءِۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبۡلَةٗ تَرۡضَىٰهَاۚ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! بىز سېنىڭ قىبلىنىڭ سەن ياخشى كۆرگەن تەرەپكە ئۆزگەرتىلىش مەسىلىسىدە ۋەھيى چۈشۈشنى كۈتۈپ ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆردۇق. سېنى چۇقۇم ھازىرقى بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ ئورنىغا، سەن ياخشى كۆرىدىغان ۋە رازى بولىدىغان قىبلە بەيتۇللاھقا يۈزلەندۈرىمىز. سەن يۈزۈڭنى مەككە مۇكەررەمىدىكى بەيتۇللاھقا يۈزلەندۈرگىن. ئى مۆمىنلەر! سىلەر قەيەردە بولماڭلار ناماز ئوقۇغان چاغدا بەيتۇللاھقا يۈزلىنىڭلار. كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ۋە ناسارالار قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىنىڭ ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدا ئىسپاتلانغانلىقى ئۈچۈن، ياراتقۇچى ۋە ئىشلارنى ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى زات تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئوبدان بىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىگەنلەرنىڭ قىلمىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس، بەلكى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئەمىلىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَئِنۡ أَتَيۡتَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ بِكُلِّ ءَايَةٖ مَّا تَبِعُواْ قِبۡلَتَكَۚ وَمَآ أَنتَ بِتَابِعٖ قِبۡلَتَهُمۡۚ وَمَا بَعۡضُهُم بِتَابِعٖ قِبۡلَةَ بَعۡضٖۚ وَلَئِنِ ٱتَّبَعۡتَ أَهۡوَآءَهُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَكَ مِنَ ٱلۡعِلۡمِ إِنَّكَ إِذٗا لَّمِنَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، كىتاب بېرىلگەن يەھۇدى ناسارالارغا قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە ھۆججەت ۋە ئىسپاتلارنى كەلتۈرسەڭمۇ، ئۇلار ھەقىقەتكە ئەگىشىشتىن تەكەببۇرلۇق ۋە بۇيۇنتاۋلىق قىلغاچقا سېنىڭ قىبلەڭگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. سەنمۇ ئاللاھ چەكلىگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيسەن. ئۇلارمۇ ھەم ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ قىبلىسىگە يۈز كەلتۈرمەيدۇ. چۈنكى ئۇلاردىن ھەربىر پىرقە يەنە بىر پىرقىنى كاپىر دەپ قارايدۇ. ئەگەر سەن شەكسىز توغرا ئىلىم كەلگىنىدىن كېيىن قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈملەردە ئۇلارنىڭ نەپسى-خاھىشلىرىغا ئەگەشسەڭ، ئۇ چاغدا سەن شۈبھىسىزكى ھىدايەتنى تەرك ئېتىپ، ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەگەشكەنلىك سەۋەبىدىن زۇلۇم قىلغانلاردىن بولىسەن. بۇ ئۇلارغا ئەگىشىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قىلىنغان خىتاب. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بۇ خىل شەكىلدە خىتاب قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۆز پەيغەمبىرىنى ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ساقلايتتى. دېمەك بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى ئۈممىتىگە ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن الاعتراض على أحكام الله وشرعه والتغافل عن مقاصدها دليل على السَّفَه وقلَّة العقل.
ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىگە ۋە شەرىئىتىگە قارشى چىقىش، شەرىئەتنىڭ مەقسىتىنى بىلمىگەن قىياپەتكە كىرىۋېلىش گالۋاڭلىق ۋە دۆتلۈكنىڭ دەلىلىدۇر.

• فضلُ هذه الأمة وشرفها، حيث أثنى عليها الله ووصفها بالوسطية بين سائر الأمم.
ئاللاھ بۇ ئۈممەتنى مەدھىيەلەپ ۋە باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدىن ئەڭ توغرا يولدىكى ئۈممەت دەپ سۈپەتلەپ، بۇ ئۈممەتنىڭ پەزلى ۋە شەرىپىنى بايان قىلدى.

• التحذير من متابعة أهل الكتاب في أهوائهم؛ لأنهم أعرضوا عن الحق بعد معرفته.
ئەھلى كىتاب ھەقىقەتنى بىلگەندىن كېيىنمۇ نەپسى-خاھىشىغا بېرىلىپ ھەقىقەتتىن يۈز ئۆرىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئەگىشىشتىن ئاگاھلاندۇرۇلدى.

• جواز نَسْخِ الأحكام الشرعية في الإسلام زمن نزول الوحي، حيث نُسِخَ التوجه إلى بيت المقدس، وصار إلى المسجد الحرام.
ۋەھيى چۈشىۋاتقان مەزگىلدە ئىسلامدا شەرئىي ھۆكۈملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرىلىشى جايىزدۇر. بۇنىڭ دەلىلى: بەيتۇلمۇقەددەسكە يۈز كەلتۈرۈش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ھەرەم مەسچىتىگە يۈزلىنىش يولغا قويۇلغان.

ٱلَّذِينَ ءَاتَيۡنَٰهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ يَعۡرِفُونَهُۥ كَمَا يَعۡرِفُونَ أَبۡنَآءَهُمۡۖ وَإِنَّ فَرِيقٗا مِّنۡهُمۡ لَيَكۡتُمُونَ ٱلۡحَقَّ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ
بىز كىتاب بەرگەن يەھۇدى ۋە ناسارا ئۆلىمالىرى ئۇلارنىڭ قارىشىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك بەلگىسى بولغان قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىش بۇيرۇقىنى خۇددى ئۆز بالىلىرىنى بىلگەندەكلا ياخشى بىلىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلاردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر ھەسەد قىلغاچقا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئېلىپ كەلگەن ھەقىقەتنى يۇشۇرىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ ٱلۡمُمۡتَرِينَ
بۇ رەببىڭ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر. ئى پەيغەمبەر! بۇ ھەقىقەتنىڭ توغرىلىقى ھەققىدە شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلِكُلّٖ وِجۡهَةٌ هُوَ مُوَلِّيهَاۖ فَٱسۡتَبِقُواْ ٱلۡخَيۡرَٰتِۚ أَيۡنَ مَا تَكُونُواْ يَأۡتِ بِكُمُ ٱللَّهُ جَمِيعًاۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ھەر بىر ئۈممەتنىڭ ھېسسى بولسۇن ياكى مەنىۋى بولسۇن يۈز كەلتۈرىدىغان تەرىپى(يەنى قىبلىسى) بار. قىبلە مەسىلىسى ۋە ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەردە ئۈممەتلەرنىڭ ئىختىلاپلىشىشى بۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. بۇلارنىڭ ئىختىلاپىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرى ۋە شەرىئىتى بويىچە بولسا ھېچ زەرەرى يوق. ئى مۆئمىنلەر! قىلىشقا بۇيرۇلغان ياخشىلىقلارنى قىلىشتا ئۆز-ئارا مۇسابىقىلىشىڭلار. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئەمىلىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىش ئۈچۈن قەيەردە بولماڭلار سىلەرنى جەملەيدۇ. ئاللاھ شۈبھىسىزكى ھەر شەيئىگە قادىردۇر. ئاللاھنىڭ سىلەرنى جەملەپ جازا-مۇكاپات بېرىشدىن ھېچنەرسە ئۇنى توساپ قالالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنۡ حَيۡثُ خَرَجۡتَ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۖ وَإِنَّهُۥ لَلۡحَقُّ مِن رَّبِّكَۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا تَعۡمَلُونَ
ئى پەيغەمبەر! سەن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭ قەيەردىن چىقساڭ، قەيەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە يۈزۈڭنى قىلغىن. ھەقىقەتەن ئۇ ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلاردىن غاپىل ئەمەس بەلكى خەۋەر تېپىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە سىلەرگە ئەمىلىڭلەرگە كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنۡ حَيۡثُ خَرَجۡتَ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيۡكُمۡ حُجَّةٌ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مِنۡهُمۡ فَلَا تَخۡشَوۡهُمۡ وَٱخۡشَوۡنِي وَلِأُتِمَّ نِعۡمَتِي عَلَيۡكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ
ئى پەيغەمبەر! قەيەردىن چىقمىغىن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىل. ئى مۆئمىنلەر! كىشىلەر ئۈچۈن سىلەرگە قارشى ھۆججەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەيەردە بولماڭلار ناماز ئوقۇماقچى بولساڭلار يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ) شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەركەشلىكىدە قېلىپ قالىدۇ ۋە سىلەرگە قارشى ئەڭ ئاجىز دەلىللەر بىلەن ھۆججەت كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىىرىدىن يېنىش ئارقىلىق يەككە يېگانە رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ چىقىپ ئۆز نېئمىتىنى تۇلۇق بېرىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قىبلىسى بولغان كەئبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشىڭلارنى بېكىتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَمَآ أَرۡسَلۡنَا فِيكُمۡ رَسُولٗا مِّنكُمۡ يَتۡلُواْ عَلَيۡكُمۡ ءَايَٰتِنَا وَيُزَكِّيكُمۡ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ
سىلەرگە باشقا نېئمەتلەرنى بەرگىنىمىزدەك ئۆز ئىچىڭلاردىن سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى ئوقۇپ بېرىدىغان، بۇيرۇقلىرى بىلەن پەزىلەت ۋە ياخشىلىققا ئۈندەيدىغان، رەزىللىك ۋە يامان ئىشلاردىن پاكلايدىغان، سىلەرگە قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئۆگىتىدىغان، دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىڭلاردىن بىلمەيدىغانلىرىڭلارنى تەلىم بېرىدىغان بىر پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَٱذۡكُرُونِيٓ أَذۡكُرۡكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِي وَلَا تَكۡفُرُونِ
قەلبلىىڭلار ۋە ھېسسى ئەزالىىرڭلار بىلەن مېنى ياد ئېتىڭلار، مەنمۇ سىلەرنى مەدھىلەش ۋە قوغداش ئارقىلىق ياد ئېتىمەن. ئەمەل قانداق بولسا مۇكاپاتمۇ شۇنداق بولىدۇ. مېنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىمگە شۈكۈر قىلىڭلار، نېئمەتكە تېنىش، ئۇنى ھارام ئىشلارغا ئىشلىتىش بىلەن تۇزكورلۇق قىلماڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱسۡتَعِينُواْ بِٱلصَّبۡرِ وَٱلصَّلَوٰةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
ئى مۆمىنلەر! ماڭا ئىتائەت قىلغان، بۇيرۇقۇمغا بويسۇنغان ھالدا سەۋر ۋە ناماز ئارقىلىق ياردەم تىلەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگىدۇر. ئۇلارغا ياردەم ۋە مۇۋەپپىقىيەت ئاتا قىلىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إطالة الحديث في شأن تحويل القبلة؛ لما فيه من الدلالة على نبوة محمد صلى الله عليه وسلم.
قىبلىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە كۆپراق توختىلىندى.

• ترك الجدال والاشتغالُ بالطاعات والمسارعة إلى الله أنفع للمؤمن عند ربه يوم القيامة.
جىدەللەشمەسلىك، تائەت-ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ئالدىراش قاتارلىق ئىشلار مۆئمىنگە قىيامەت كۈنى رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ مەنپەئەتلىكتۇر.

• أن الأعمال الصالحة الموصلة إلى الله متنوعة ومتعددة، وينبغي للمؤمن أن يسابق إلى فعلها؛ طلبًا للأجر من الله تعالى.
ھەقىقەتەن بەندىنى ئاللاھقا يەتكۈزىدىغان ياخشى ئەمەللەر تۈرلۈك ۋە ساناقسىز بولۇپ، مۇئمىن كىشىنىڭ ئۇ ئەمەللەرنى قىلىشقا بەسلىشىپ، ئاللاھدىن ئەجىر تەلەپ قىلىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

• عظم شأن ذكر الله -جلّ وعلا- حيث يكون ثوابه ذكر العبد في الملأ الأعلى.
ئاللاھنىڭ زىكرىنى قىلغۇچى بەندىنىڭ ئىسمى پەرىشتىلەر ئارىسىدا تىلغا ئېلىنىشى بولسا، ئاللاھنى زىكىر قىلىشنىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە ساۋابىنىڭ كاتتىلىقىنىڭ دەلىلىدۇر.

وَلَا تَقُولُواْ لِمَن يُقۡتَلُ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتُۢۚ بَلۡ أَحۡيَآءٞ وَلَٰكِن لَّا تَشۡعُرُونَ
:ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن كىشىلەر ھەققىدە ھەقىقەتەن ئۇلار باشقىلار ئۆلۈپ كەتكەندەك ئۆلۈپ كەتكەن ئۆلۈكلەردۇر دېمەڭلار، بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا ھاياتتۇر، لېكىن سىلەر ئۇلارنىڭ ھاياتلىقىنى بىلمەيسىلەر، چۈنكى ئاللاھ تەرەپتىن كەلگەن ۋەھيى ئارقىلىقلا بىلگىلى بولىدىغان ئالاھىدە بىر ھاياتلىقدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَنَبۡلُوَنَّكُم بِشَيۡءٖ مِّنَ ٱلۡخَوۡفِ وَٱلۡجُوعِ وَنَقۡصٖ مِّنَ ٱلۡأَمۡوَٰلِ وَٱلۡأَنفُسِ وَٱلثَّمَرَٰتِۗ وَبَشِّرِ ٱلصَّٰبِرِينَ
چوقۇم بىز سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن كېلىدىغان بىر ئاز قورقۇنچ، يېمەكلىكنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك ئاچلىق، مالغا ئېرىشىشنىڭ قىيىنلىقى ياكى ئۇچرىغان زىيان سەۋەبلىك مالنىڭ ئازلىقى، ئىنسانلارنى ھالاك قىلىدىغان ئاپەت ياكى ئاللاھ يولىدا شېھىت بولۇش سەۋەبلىك جانغا يېتىدىغان بىر ئاز زىيان، زېمىندىن ئۈنۈپ چىققان مېۋىلەر ئۇچرىغان بىر ئاز زىياندىن ئىبارەت خىلمۇ-خىل مۇسىبەتلەر بىلەن سىنايمىز. ئى پەيغەمبەر! شۇ مۇسىبەتلەرگە سەۋىر قىلغۇچىلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان بېشارەتلەرنى بەرگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ إِذَآ أَصَٰبَتۡهُم مُّصِيبَةٞ قَالُوٓاْ إِنَّا لِلَّهِ وَإِنَّآ إِلَيۡهِ رَٰجِعُونَ
ئۇلارغا يۇقىرىدىكى مۇسىبەتلەردىن بىرەر مۇسىبەت كەلگەن چاغدا رازىمەنلىك ۋە بويسۇنۇش ئىلكىدە: بىز ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىمىز، ئاللاھ بىزنى خالىغانچە باشقۇرىدۇ، ھەقىقەتەن بىز قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچىمىز. ئاللاھ بىزنى ياراتتى، بىزگە خىلمۇ-خىل نېئمەتلەر بىلەن مەرھەمەت قىلدى. بىزنىڭ ئىشىمىزنىڭ ئاخىرى ۋە قايتىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ صَلَوَٰتٞ مِّن رَّبِّهِمۡ وَرَحۡمَةٞۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُهۡتَدُونَ
بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغانلارغا پەرىشتىلەر ئارىسىدا ئاللاھ تەرەپتىن مەدھىيلەش ۋە ئۇنىڭغا چۈشىدىغان رەھمەت بار. ئەنە شۇلار ھەقىقەت يولىغا ماڭغۇچىلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ إِنَّ ٱلصَّفَا وَٱلۡمَرۡوَةَ مِن شَعَآئِرِ ٱللَّهِۖ فَمَنۡ حَجَّ ٱلۡبَيۡتَ أَوِ ٱعۡتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِ أَن يَطَّوَّفَ بِهِمَاۚ وَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَإِنَّ ٱللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
مەككىگە يېقىن سافا ۋە مەرۋە نامى بىلەن تۇنۇلغان ئىككى تاغ شەرىئەتنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارا ئالامەتلىرىنىڭ قاتارىدىندۇر. ھەج ياكى ئۆمرە ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھقا كەلگەن ئادەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلسا ھېچ گۇناھ يوق. بۇ يەردىكى گۇناھ يوق دېيىشتىكى مەقسەت: سەئيى قىلىشنى جاھىلىيەتنىڭ ئىشى دەپ قارىغاچقا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا سەئيى قىلىشتىن سىقىلىپ قالغان كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىشتۇر. ھالبۇكى ئاللاھ تائالا سەئيىنىڭ ھەج ئىبادىتىنىڭ قاتارىدىن ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. كىمكى ئىخلاس بىلەن نەپلە ئەمەللەرنى قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قۇبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مۇكاپات بېرىدۇ. ياخشىلىق قىلغان ۋە ساۋابقا ھەقلىق بولغان كىشىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلۡنَا مِنَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَٱلۡهُدَىٰ مِنۢ بَعۡدِ مَا بَيَّنَّٰهُ لِلنَّاسِ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أُوْلَٰٓئِكَ يَلۡعَنُهُمُ ٱللَّهُ وَيَلۡعَنُهُمُ ٱللَّٰعِنُونَ
يەھۇدى، ناسارالار ۋە باشقىلارنىڭ كىتابلىرىدا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەر ۋە ئۇ ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىسپاتلارنى كىشىلەرگە ئاشكارىلىغىنىمىزدىن كىيىن، بۇنى يوشۇرغان كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ. پەرىشتىلەر، پەيغەمبەرلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن يىراق قىلىشى ئۈچۈن بەددۇئا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِلَّا ٱلَّذِينَ تَابُواْ وَأَصۡلَحُواْ وَبَيَّنُواْ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَتُوبُ عَلَيۡهِمۡ وَأَنَا ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ
پەقەت ئاشكارا مۆجىزىلەرنى يۇشۇرغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئاللاھ تەرەپكە قايتقان، ئاشكارا-يوشۇرۇن ئەمەللىرىنى ئىسلاھ قىلغان، يۇشۇرغان ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنى بايان قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئەنە شۇلار مېنىڭ تائىتىمگە قايتقانلاردۇر. ھالبۇكى مەن بەندىلەر ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىنى بەك قۇبۇل قىلغۇچىمەن ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇرمەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَمَاتُواْ وَهُمۡ كُفَّارٌ أُوْلَٰٓئِكَ عَلَيۡهِمۡ لَعۡنَةُ ٱللَّهِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلنَّاسِ أَجۡمَعِينَ
شۈبھىسىزكى كاپىر بولۇپ كۇپرىدىن تەۋبە قىلىشتىن ئىلگىرى كاپىر پېتى ئۆلگەنلەرگە، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىرگە لەنەت قىلىدۇ. ئۇلارغا پەرىشتىلەر ۋە بارلىق كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن مەھرۇم بولۇشىغا بەددۇئا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
خَٰلِدِينَ فِيهَا لَا يُخَفَّفُ عَنۡهُمُ ٱلۡعَذَابُ وَلَا هُمۡ يُنظَرُونَ
ئۇلار بۇ لەنەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇلاردىن ئازاپ بىر كۈنمۇ يەڭگىللىتىلمەيدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِلَٰهُكُمۡ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلرَّحۡمَٰنُ ٱلرَّحِيمُ
ئى كىشىلەر! سىلەرنىڭ ھەقىقى ئىلاھىڭلار بىردۇر. زاتى ۋە سۈپەتلىرىدە يەككە-يېگانىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد بەرھەق يوقتۇر. ئۇ ئۆز بەندىلىرىگە ناھايىتى مەرھەمەتلىك، كۆيۈمچان ۋە دائىمىي مېھرىباندۇر. بەندىلىرىگە چەكسىز نېئمەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الابتلاء سُنَّة الله تعالى في عباده، وقد وعد الصابرين على ذلك بأعظم الجزاء وأكرم المنازل.
سىناق ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدىكى قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھ سىناققا سەۋر قىلغۇچىلارغا كاتتا مەرتىۋە ۋە مۇكاپاتلارنى ۋەدە قىلدى.

• مشروعية السعي بين الصفا والمروة لمن حج البيت أو اعتمر.
ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەمنىڭ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىشىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا.

• من أعظم الآثام وأشدها عقوبة كتمان الحق الذي أنزله الله، والتلبيس على الناس، وإضلالهم عن الهدى الذي جاءت به الرسل.
ئاللاھ نازىل قىلغان ھەقىقەتنى يوشۇرۇش، كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇش ۋە پەيغەمبەرلەر ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتتىن ئۇلارنى ئازدۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ئازابى ئەڭ قاتتىق ۋە ئەڭ چوڭ گۇناھلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر .

إِنَّ فِي خَلۡقِ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱلۡفُلۡكِ ٱلَّتِي تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِمَا يَنفَعُ ٱلنَّاسَ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن مَّآءٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَبَثَّ فِيهَا مِن كُلِّ دَآبَّةٖ وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ وَٱلسَّحَابِ ٱلۡمُسَخَّرِ بَيۡنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ
ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ يارىتىلىشىدا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىچىدىكى ئاجايىپ مەخلۇقاتلاردا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىشىدە، تىجارەت، كىيىم-كىچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق مەنپەئەتلىك نەرسىلەرنى، ئۇنىڭدىن باشقا كىشىلەر موھتاج بولىدىغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ دېڭىز سۈيىدە ماڭىدىغان كىمىلەردە، ئاللاھنىڭ زېمىننى تىرىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، زىرائەت ۋە ئوت-چۆپ ئۈسۈملۈكلەرنى ئۆستۈرۈشىدە، زېمىننىڭ ھەرتەرىپىدە ياشايدىغان جانلىقلاردا، شامالنىڭ بىر يۆلىنىشتىن يەنە بىر يۆلىنىشكە ئۆزگىرىپ تۇرىشىدا، ئاسمان-زېمىن ئارىسىدا بويسۇندۇرۇلغان بۇلۇت قاتارلىقلاردا ھۆججەت، دەلىل ۋە ئىسپاتلارنى چۈشۈنىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە روشەن دەلىللەر باردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَتَّخِذُ مِن دُونِ ٱللَّهِ أَندَادٗا يُحِبُّونَهُمۡ كَحُبِّ ٱللَّهِۖ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَشَدُّ حُبّٗا لِّلَّهِۗ وَلَوۡ يَرَى ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ إِذۡ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ أَنَّ ٱلۡقُوَّةَ لِلَّهِ جَمِيعٗا وَأَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعَذَابِ
ئەنە شۇنىڭدەك روشەن دەلىللەر تۇرسىمۇ بەزى كىشىلەر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھلارنى قىلىۋېلىپ ئۇلارنى ئاللاھ بىلەن ئوخشاش كۆرىدۇ. ئۇلارنى مۆئمىنلەر ئاللاھنى دوست تۇتقاندەك دوست تۇتىدۇ. مۆئمىنلەر ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنى دوست تۇتقىنىدىنمۇ بەكرەك ئاللاھنى دوست تۇتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ھېچ بىراۋنى شېرىك قىلمايدۇ. ئۇلار خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاللاھنى دوست تۇتىدۇ. ئەمما ئۇلارغا كەلسەك ئىلاھلىرىنى خۇشاللىق ۋاقىتلىرىدا دوست تۇتىدۇ، ئەمما قىيىنچىلىق ۋاقىتلىرىدا پەقەت ئاللاھقىلا دۇئا قىلىدۇ. شېرىك ۋە يامان ئەمەللەرنى قىلىش ئارقىلىق زۇلۇم قىلغۇچىلار ئازابنى كۆرگەن چاغدا ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرەتتىكى ئەھۋالىنى بىلگەن بولسا، پۈتۈن كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يەككە- يېگانە ئاللاھقىلا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ ئاسىيلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلگەن بولاتتى. مۇبادا ئۇلار شۇنى بىلگەن بولسا ئېدى، ئاللاھقا ھېچبىر شېرىك كەلتۈرمەيتتى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِذۡ تَبَرَّأَ ٱلَّذِينَ ٱتُّبِعُواْ مِنَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ وَرَأَوُاْ ٱلۡعَذَابَ وَتَقَطَّعَتۡ بِهِمُ ٱلۡأَسۡبَابُ
ئەينى ۋاقىتتا باشلىقلار قىيامەت كۈنىنىڭ قورقۇنچىسى ۋە قىيىنچىلىقىنى كۆرگەندە ئاجىزانە ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. ئۇلاردىن نىجاتلىق ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈزۈلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ ٱلَّذِينَ ٱتَّبَعُواْ لَوۡ أَنَّ لَنَا كَرَّةٗ فَنَتَبَرَّأَ مِنۡهُمۡ كَمَا تَبَرَّءُواْ مِنَّاۗ كَذَٰلِكَ يُرِيهِمُ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡ حَسَرَٰتٍ عَلَيۡهِمۡۖ وَمَا هُم بِخَٰرِجِينَ مِنَ ٱلنَّارِ
ئاجىزانە ئەگەشكۈچىلەر: كاشكى دۇنياغا قايتىش مۇمكىن بولسا ئىدى، باشلىقلىرىمىز بىزدىن ئادا-جۇدا بولغاندەك بىزمۇ ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولاتتۇق، دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى باتىلغا ئەگەشكەنلىكلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابنى كۆرسەتكىنىدەك، ئۇلارنىڭمۇ ئاقىۋىتىنىڭ نادامەت، غەم-قايغۇ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار دەۋزەختىن مەڭگۈ چىقالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ كُلُواْ مِمَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ حَلَٰلٗا طَيِّبٗا وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٌ
ئى ئىنسانلار! زېمىندىكى ھالال، نىجاسەتتىن خالى پاكىز ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر ۋە دەل-دەرەخلەردىن يەڭلار. سىلەر شەيتاننىڭ تەدرىجى باشلاپ ماڭىدىغان يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار. شەيتان سىلەرگە ئۇچۇق-ئاشكارا دۈشمەندۇر. ئەقىللىق ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئازدۇرۇشقا ۋە ئەزىيەت بېرىشكە ھېرىسمەن دۈشمىنىىگە ئەگىشىشى توغرا ئەمەس.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّمَا يَأۡمُرُكُم بِٱلسُّوٓءِ وَٱلۡفَحۡشَآءِ وَأَن تَقُولُواْ عَلَى ٱللَّهِ مَا لَا تَعۡلَمُونَ
شەيتان سىلەرنى يامان ئىش ۋە چوڭ گۇناھلارغا، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى توغرىسىدا، ئەقىدە ۋە شەرىئەت ھەققىدە بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھقا قارشى گەپ قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المؤمنون بالله حقًّا هم أعظم الخلق محبة لله؛ لأنهم يطيعونه على كل حال في السراء والضراء، ولا يشركون معه أحدًا.
ھەقىقى مۆئمىنلەر ئاللاھ ئەڭ دوست تۇتىدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار خۇشاللىق ۋە قىيىنچىلىققا يولۇققان ھەر قانداق ۋاقىتلىرىدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ. ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ.

• في يوم القيامة تنقطع كل الروابط، ويَبْرَأُ كل خليل من خليله، ولا يبقى إلا ما كان خالصًا لله تعالى.
قىيامەت كۈنىدە پۈتۈن مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلىدۇ. ھەر قانداق دوست دوستىدىن ئادا-جۇدا بولىدۇ. پەقەت خالىس ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولغان ئەمەللەرلا قېلىپ قالىدۇ.

• التحذير من كيد الشيطان لتنوع أساليبه وخفائها وقربها من مشتهيات النفس.
شەيتاننىڭ ئازدۇرۇش ئۇسلۇبلىرى ھەرخىل، كۆڭۈل تارتىدىغان ئىشلارغا يېقىن ۋە ناھايىتى مەخپى بولغانلىقى ئۈچۈن، شەيتاننىڭ سۈيقەستىدىن ئاگاھلاندۇرىلىدۇ.

وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱتَّبِعُواْ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ قَالُواْ بَلۡ نَتَّبِعُ مَآ أَلۡفَيۡنَا عَلَيۡهِ ءَابَآءَنَآۚ أَوَلَوۡ كَانَ ءَابَآؤُهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ شَيۡـٔٗا وَلَا يَهۡتَدُونَ
ھەرقاچان ئۇ كاپىرلارغا: ئاللاھ نازىل قىلغان ھىدايەت ۋە نۇرغا ئەگىشىڭلار دىيىلسە، ئۇلار سەركەشلىك قىلغان ھالدا: ياق ئاتا بوۋىمىزدىن قالغان ئېتىقاد ۋە ئەنئەنىگە ئەگىشىمىز، دەيدۇ. ئۇلار ھىدايەت ۋە نۇردىن ھېچ شەيئىنى چۈشەنمىەيدىغان، ئاللاھ رازى بولىدىغان ھەقىقەتنى تاپالمىغان ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشەمدۇ؟
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ كَمَثَلِ ٱلَّذِي يَنۡعِقُ بِمَا لَا يَسۡمَعُ إِلَّا دُعَآءٗ وَنِدَآءٗۚ صُمُّۢ بُكۡمٌ عُمۡيٞ فَهُمۡ لَا يَعۡقِلُونَ
كاپىرلار ئاتا-بوۋىلىرىغا ئەگىشىشتە ۋاقىراپ چارۋىلىرىنى چاقىرغان، چارۋىلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ سۆزىنى چۈشەنمىگەن پادىچىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى پايدىلىق شەكىلدە ئاڭلاشتىن پاڭدۇر. تىللىرى ھەقىقەتنى سۆزلەشتىن گاچىدۇر. كۆزلىرى ھەقىقەتنى كۆرۈشتىن قارغۇدۇر. شۇڭلاشقا ئۇلار سەن چاقىرىۋاتقان ھىدايەتنى چۈشەنمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُلُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ وَٱشۡكُرُواْ لِلَّهِ إِن كُنتُمۡ إِيَّاهُ تَعۡبُدُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مۇباھ ۋە پاك نەرسىلەردىن يەڭلار. ئەگەر سىلەر يەككە-يېگانە ئاللاھقا ھەقىقى ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدىغان بولساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلەرگە ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن ھالەتتە شۈكرى قىلىڭلار. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، ئاسىي بولۇشتىن يىراق تۇرۇش ئاللاھقا شۈكرى قىلىشنىڭ قاتارىدىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّمَا حَرَّمَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡمَيۡتَةَ وَٱلدَّمَ وَلَحۡمَ ٱلۡخِنزِيرِ وَمَآ أُهِلَّ بِهِۦ لِغَيۡرِ ٱللَّهِۖ فَمَنِ ٱضۡطُرَّ غَيۡرَ بَاغٖ وَلَا عَادٖ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٌ
ئاللاھ سىلەرگە يېمەكلىكلەردىن شەرىئەت بويىچە بوغۇزلانماستىن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى، ئېتىلىپ چىققان قاننى، چوشقا گۆشىنى، بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ غەيرىنىڭ نامى تىلغا ئېلىنغان ھايۋانلارنى ھارام قىلدى. ئەگەر ئىنسان زۆرۈرىيەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەستىن بىر نەرسىنى يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالسا، ئۇ كىشىگە ھېچ قانداق گۇناھ بولمايدۇ ۋە جازامۇ يوق. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۈيۈمچاندۇر. مەجبۇر بولۇپ قالغان چاغدا بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن يېيىشنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈۋېتىش ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ قاتارىدىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ يَكۡتُمُونَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَيَشۡتَرُونَ بِهِۦ ثَمَنٗا قَلِيلًا أُوْلَٰٓئِكَ مَا يَأۡكُلُونَ فِي بُطُونِهِمۡ إِلَّا ٱلنَّارَ وَلَا يُكَلِّمُهُمُ ٱللَّهُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَلَا يُزَكِّيهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقەت، شۇنداقلا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان مەزمۇنلارنى يوشۇرغانلار خۇددى يەھۇدى ۋە ناسارالار قىلغىنىدەك، ھەقىقەتنى يۇشۇرۇپ باشلىقلىق، يۈز-ئابروي ۋە مال-دۇنياغا ئوخشاش ئازغىنا نەرسىگە سېتىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلار قارنىغا پەقەتلا ئۆزلىرىنى دەۋزەختە ئازابلاشقا سەۋەپ بولىدىغان نەرسىلەرنىلا يېيەلەيدۇ. ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇلارغا، ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان سۆز قىلماستىن بەلكى خاپا قىلىدىغان سۆز قىلىدۇ، ئۇلارنى پاكلىمايدۇ ۋە مەدھىيەلىمەيدۇ، ئۇلار دەرتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ ٱشۡتَرَوُاْ ٱلضَّلَٰلَةَ بِٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡعَذَابَ بِٱلۡمَغۡفِرَةِۚ فَمَآ أَصۡبَرَهُمۡ عَلَى ٱلنَّارِ
كىشىلەر موھتاج بولىدىغان ئىلىمنى يۇشۇرۇش بىلەن سۈپەتلەنگەن ئەنە شۇ كىشىلەر، ھەق ئىلىمنى يۇشۇرۇپ ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىنى ئازاپقا تىگىشتى. خۇددى ئۇلار چىدامچانلىقىدىن دەۋزەختىكى ئازابقا پەرۋا قىلمايدىغاندەكلا ئۆزلىرىنىڭ دەۋزەخكە كېرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتا نېمىدېگەن چىدامچان ھە!
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ذَٰلِكَ بِأَنَّ ٱللَّهَ نَزَّلَ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ ٱخۡتَلَفُواْ فِي ٱلۡكِتَٰبِ لَفِي شِقَاقِۭ بَعِيدٖ
ئىلىم ۋە ھىدايەتنى يوشۇرغانلىق سەۋەبىدىن دۇچار بولىدىغان بۇ ئازاب شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئاللاھ ئىلاھى كىتابلارنى ھەقىقەت بىلەن نازىل قىلدى. بۇ ئىلاھى كىتابلاردىن ھېچنەرسە يوشۇرۇلماستىن بايان قىلىنىشى كېرەكلىكى تەقەززا قىلىنىدۇ. ئىلاھى كىتابلار ھەققىدە ئىختىلاپ قىلغۇچىلار، ئۇلار ئۇنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى يوشۇرغانلىق سەۋەبىدىن ھەقىقەتتىن يىراق تۈگىمەس ئىختىلاپ ئىچىدىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أكثر ضلال الخلق بسبب تعطيل العقل، ومتابعة من سبقهم في ضلالهم، وتقليدهم بغير وعي.
كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ توغرا يولدىن ئىزىپ كېتىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى: ئەقلىنى ئىشلەتمەستىن باشقىلارنى قارىغۇلارچە تەقلىد قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىغا ئەگىشىشتىن ئىبارەتتۇر.

• عدم انتفاع المرء بما وهبه الله من نعمة العقل والسمع والبصر، يجعله مثل من فقد هذه النعم.
ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئەقىل، قۇلاق، كۆز قاتارلىق نېئمەتلەردىن توغرا پايدىلانماسلىق، ئىنساننى خۇددى بۇ نېئمەتلەردىن مەھرۇم قالغان كىشىگە ئوخشاش قىلىپ قويىدۇ.

• من أشد الناس عقوبة يوم القيامة من يكتم العلم الذي أنزله الله، والهدى الذي جاءت به رسله تعالى.
ئاللاھ نازىل قىلغان ئىلىم ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن ھىدايەتنى يۇشۇرغان كىشى، قىيامەت كۈنى ئەڭ قاتتىق ئازابلىنىدىغان ئادەمدۇر.

• من نعمة الله تعالى على عباده المؤمنين أن جعل المحرمات قليلة محدودة، وأما المباحات فكثيرة غير محدودة.
ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ سانى ئاز ۋە چەكلىك بولۇشى، رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ كۆپ ۋە چەكسىز بولىشى ئاللاھنىڭ مۆئمىن بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

۞ لَّيۡسَ ٱلۡبِرَّ أَن تُوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ قِبَلَ ٱلۡمَشۡرِقِ وَٱلۡمَغۡرِبِ وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنۡ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةِ وَٱلۡكِتَٰبِ وَٱلنَّبِيِّـۧنَ وَءَاتَى ٱلۡمَالَ عَلَىٰ حُبِّهِۦ ذَوِي ٱلۡقُرۡبَىٰ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِ وَٱلسَّآئِلِينَ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَأَقَامَ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَى ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلۡمُوفُونَ بِعَهۡدِهِمۡ إِذَا عَٰهَدُواْۖ وَٱلصَّٰبِرِينَ فِي ٱلۡبَأۡسَآءِ وَٱلضَّرَّآءِ وَحِينَ ٱلۡبَأۡسِۗ أُوْلَٰٓئِكَ ٱلَّذِينَ صَدَقُواْۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُتَّقُونَ
كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا رازىلىققا ئېرىشىدىغان ياخشىلىققا ياتمايدۇ بەلكى بارلىق ياخشىلىق ئاللاھنى بىر دەپ بىلگەن، قىيامەت كۈنىگە، بارلىق پەرىشتىلەرگە، نازىل قىلىنغان بارلىق كىتابلارغا، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرگەن، پۇل-مېلىنى ئۆزى ياخشى كۆرسىمۇ خىش-ئەقرىبالىرىغا، بالاغەت يېشىغا يەتمىگەن يېتىملەرگە، ھاجەتمەنلەرگە، سەپەر سەۋەبلىك ۋەتىنى ۋە ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا، كىشىلەردىن سورىغۇدەك ھالغا كېلىپ قالغان يوقسۇللارغا چىقىم قىلغان، مېلىنى قۇل ياكى ئەسىرلەرنى قۇللۇقتىن ئازات قىلىشقا خەجلىگەن، نامازنى ئاللاھ بۇيرۇغان بويىچە تۇلۇق ئادا قىلغان، پەرز زاكاتنى ئادا قىلغان، ئەھدە قىلسا ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغان، يوقسۇللۇق، قىيىنچىلىق ۋە كېسەلگە سەۋر قىلغان، جەڭ مەيدانىدىكى مۇشەققەتتىن قاچمىغان قاتارلىق كىشىلەر، ئاللاھ بۇيرۇغان ئەمەللەرنى ئورۇندىغان، ئاللاھ چەكلىگەن ئىشلاردىن يانغان، ئىماندا راستچىل تەقۋادار كىشىلەردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِصَاصُ فِي ٱلۡقَتۡلَىۖ ٱلۡحُرُّ بِٱلۡحُرِّ وَٱلۡعَبۡدُ بِٱلۡعَبۡدِ وَٱلۡأُنثَىٰ بِٱلۡأُنثَىٰۚ فَمَنۡ عُفِيَ لَهُۥ مِنۡ أَخِيهِ شَيۡءٞ فَٱتِّبَاعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِ وَأَدَآءٌ إِلَيۡهِ بِإِحۡسَٰنٖۗ ذَٰلِكَ تَخۡفِيفٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَرَحۡمَةٞۗ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ بَعۡدَ ذَٰلِكَ فَلَهُۥ عَذَابٌ أَلِيمٞ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! باشقىلارنى قەستەن ۋە دۈشمەنلىك بىلەن ئۆلتۈرگەن كىشىلەر ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن جىنايىتىنىڭ ئوخشىشى بىلەن جازالاش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھۆر ئادەم ئۈچۈن ھۆر ئادەمدىن، قۇل ئۈچۈن قۇلدىن، ئايال ئۈچۈن ئايالدىن قىساس ئېلىنىدۇ. قاتىلنى ئۆلتۈرۈلگۈچى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ياكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى دىيەت ئېلىشقا رازى بولۇپ كەچۈرۈۋەتسە، كەچۈرۈۋەتكەن كىشى ئەزىيەت بەرمەستىن چىرايلىقچە قاتىلدىن دىيەتنى تەلەپ قىلىشى لازىم. قاتىلمۇ دىيەتنى سوزىۋەتمەستىن، كىچىكتۈرۈۋەتمەستىن چىرايلىقچە ئادا قىلىشى لازىم. (قاتىلنى) كەچۈرۈۋېتىپ دىيەت ئېلىش رەببىڭلار تەرىپىدىن سىلەرگە بېرىلگەن يېنىكلىتىشتۇر ۋە بۇ ئۈممەتكە رەھمەتتۇر. كىمكى قاتىلنى كەچۈرۈپ دىيەت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن قاتىلغا ھۇجۇم قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىنى قاتتىق ئازابقا دۇچار قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَكُمۡ فِي ٱلۡقِصَاصِ حَيَوٰةٞ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
ئاللاھ يولغا قويغان قىساستا قانلىرىڭلارنى ساقلاش، ئۆز-ئارا دۈشمەنلىكنى يوقىتىش ئارقىلىق سىلەرگە ھاياتلىق بار. ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە بويسۇنۇش، بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان ئەقىل ئىگىلىرى بۇنى ھېس قىلالايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كُتِبَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا حَضَرَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ إِن تَرَكَ خَيۡرًا ٱلۡوَصِيَّةُ لِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ
ئەگەر سىلەردىن بىرەيلەن ئۆلۈش ئالدىدا كۆپ مال قالدۇرسا، شەرىئەت بەلگىلىگىنى بويىچە پۈتۈن مالنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشۇرۇۋەتمەستىن ئاتا-ئانىسىغا، خىش-ئەقرىبالىرىغا، ۋەسىيەت قىلىشى پەرز قىلىندى. بۇ ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلارغا تەكىتلەنگەن ھەقىقەتتۇر. بۇ مىراس ئايەتلىرى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمدۇر. ئاللاھ تائالا مىراس ئايەتلىرىنى نازىل قىلغاندىن كېيىن مېيىتتىن مىراس ئالىدىغان كىشىنى ۋە ئالىدىغان مىقدارنى تەپسىلى بايان قىلىپ بەردى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَمَنۢ بَدَّلَهُۥ بَعۡدَ مَا سَمِعَهُۥ فَإِنَّمَآ إِثۡمُهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ يُبَدِّلُونَهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
كىم ۋەسىيەتنى كەم-زىيادە قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتسە ياكى ئۇنىڭ ۋەسىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ ۋەسىيەت قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەققىنى چەكلىسە، ئۇنى ئۆزگەرتكەنلىكنىڭ گۇناھى ۋەسىيەت قىلغۇچىغا ئەمەس ئۆزگەرتكۈچىگە بولىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر. ئىش-ھەرىكەتلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ھېچ بىر شەيئى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن ساقلىنىپ قالمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• البِرُّ الذي يحبه الله يكون بتحقيق الإيمان والعمل الصالح، وأما التمسك بالمظاهر فقط فلا يكفي عنده تعالى.
ئاللاھ سۆيۈدىغان ياخشىلىق، ئىمان ۋە ياخشى ئەمەلنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. پەقەت تاشقى كۆرىنىشىگىلا ئەھمىيەت بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۇپايە قىلمايدۇ.

• من أعظم ما يحفظ الأنفس، ويمنع من التعدي والظلم؛ تطبيق مبدأ القصاص الذي شرعه الله في النفس وما دونها.
ئاللاھ يولغا قويغان قىساس پرىنسىپىنى تەتبىقلاش بولسا، جاننى قوغدايدىغان، زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.

• عِظَمُ شأن الوصية، ولا سيما لمن كان عنده شيء يُوصي به، وإثمُ من غيَّر في وصية الميت وبدَّل ما فيها.
ۋەسىيەت قىلغۇدەك بىر نەرسىسى بار كىشى ئۈچۈن ۋەسىيەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى، مېيىتنىڭ ۋەسىيىتىنى ئۆزگەرتكەن، ۋەسىيەتنىڭ مەزمۇنىنى ئالماشتۇرغان كىشىنىڭ گۇناھى توغرىسىدا.

فَمَنۡ خَافَ مِن مُّوصٖ جَنَفًا أَوۡ إِثۡمٗا فَأَصۡلَحَ بَيۡنَهُمۡ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
كىم ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى ياكى ۋەسىيەتتە زۇلۇم قىلغانلىقىنى بىلىپ، نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ناتوغرا ئىشلىرىنى تۈزەپ قويسا ياكى ۋەسىيەت قىلغۇچى بىلەن ۋەسىيەت قىلىنغۇچىنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ قىلىپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، بەلكى ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويغىنىغا كۆرە ئەجىر بېرىلىدۇ. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغان كىشىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەن كىشىلەر! ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابى ئارىسىدا روزىدىن ئىبارەت ئەڭ ئۇلۇغ ئەمەلنى قالقان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە روزا پەرز قىلىنغىنىدەك سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَيَّامٗا مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۚ وَعَلَى ٱلَّذِينَ يُطِيقُونَهُۥ فِدۡيَةٞ طَعَامُ مِسۡكِينٖۖ فَمَن تَطَوَّعَ خَيۡرٗا فَهُوَ خَيۡرٞ لَّهُۥۚ وَأَن تَصُومُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
سىلەرگە پەرز قىلىنغان روزا يىلنىڭ ساناقلىق كۈنلىرىدۇر. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇش ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ قالسا روزا تۇتماي كىيىنچە تۇتالمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلسا بولىدۇ. (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلى) ئاران روزا تۇتالايدىغان كىشىلەر توتمىغان بولسا ھەر كۈنلىكىگە بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىديە بېرىشى لازىم. ئەگەر روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتىنى بىلسەڭلار، روزا تۇتقىنىڭلار ئېغىزىڭلارنى ئىچىۋىتىپ فىديە بەرگىنىڭلاردىن ياخشىدۇر. بۇ ئاللاھ روزا تۇتۇشنى يولغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھۆكۈم بولۇپ، خالىغان كىشى روزا تۇتاتتى، خالىغان كىشى تۇتماي فىديە بېرەتتى. كېيىنچە ئاللاھ روزا تۇتۇشنى پەرز قىلدى. روزا، ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن، تۇتۇشقا قادىر بولالايدىغان كىشىگە پەرزدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
شَهۡرُ رَمَضَانَ ٱلَّذِيٓ أُنزِلَ فِيهِ ٱلۡقُرۡءَانُ هُدٗى لِّلنَّاسِ وَبَيِّنَٰتٖ مِّنَ ٱلۡهُدَىٰ وَٱلۡفُرۡقَانِۚ فَمَن شَهِدَ مِنكُمُ ٱلشَّهۡرَ فَلۡيَصُمۡهُۖ وَمَن كَانَ مَرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۗ يُرِيدُ ٱللَّهُ بِكُمُ ٱلۡيُسۡرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ ٱلۡعُسۡرَ وَلِتُكۡمِلُواْ ٱلۡعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُواْ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا هَدَىٰكُمۡ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ
رامىزان ئېيىنىڭ قەدىر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى. ئاللاھ قۇرئاننى كىشىلەرگە ھىدايەت قىلىپ نازىل قىلدى. قۇرئاندا ھەق بىلەن باتىلنىڭ روشەن ئايرىمىسى، ھىدايەتنىڭ ئېنىق كۆرسەتمىلىرى بار. سىلەردىن كىمكى ساغلام مۇقىم ھالىتىدە رامىزان ئېيىغا ھازىر بولسا روزا تۇتىشى پەرزدۇر. سىلەردىن كىمكى روزا تۇتۇش ئېغىر كىلىدىغان دەرىجىدە كېسەل بولۇپ قالسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر روزا تۇتمىغان بولسا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك. ئاللاھ يولغا قويغان ھۆكۈملەر ئارقىلىق قىيىنچىلىق يولىغا ئەمەس ئاسانچىلىق يولىغا مېڭىشىڭلارنى خالايدۇ. رامىزان ئېيىنىڭ سانىنى تۇلۇقلىشىڭلارنى، رامىزان ئېيى تۈگىگەندىن كىيىن، ھېيت كۈنى تەكبىر ئېيتىپ، ئاللاھنىڭ سىلەرنى روزا تۇتۇشقا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا، رامىزاننى مۇكەممەل ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەرگەنلىكى ۋە ئۆزى رازى بولغان بۇ دىنغا سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇلۇغلاپ شۈكرى ئېيتىشىڭلارنى خالايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا سَأَلَكَ عِبَادِي عَنِّي فَإِنِّي قَرِيبٌۖ أُجِيبُ دَعۡوَةَ ٱلدَّاعِ إِذَا دَعَانِۖ فَلۡيَسۡتَجِيبُواْ لِي وَلۡيُؤۡمِنُواْ بِي لَعَلَّهُمۡ يَرۡشُدُونَ
ئى پەيغەمبەر! مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مېنىڭ ئۇلارغا يېقىنلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقىم ھەققىدە سورىسا، ھەقىقەتەن مەن ئۇلارغا يېقىندۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغىچىدۇرمەن، دۇئالىرىنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇرمەن. شۇڭلاشقا ئۇلار دۇئادا ئاۋازلىرىىنى كۆتۈرمەستىن، باشقىلارنى ۋاستە قىلماستىن ماڭا ئىخلاس قىلىپ دۇئا قىلسا، دۇئا قىلغۇچىنىڭ تەلىپىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇلار ماڭا ۋە مېنىڭ بۇيرۇقۇمغا بويسۇنسۇن، ئىمانىدا مۇستەھكەم تۇرسۇن، ھەقىقەتەن بۇ ئىشلار مېنىڭ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىشىمدا ئەڭ مەنپەئەتلىك ۋاستە بولۇپ قالىدۇ. ئېھتىمال ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا توغرا يولدا مېڭىشى مۇمكىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• فَضَّلَ الله شهر رمضان بجعله شهر الصوم وبإنزال القرآن فيه، فهو شهر القرآن؛ ولهذا كان النبي صلى الله عليه وسلم يتدارس القرآن مع جبريل في رمضان، ويجتهد فيه ما لا يجتهد في غيره.
ئاللاھ رامىزان ئېيىدا قۇرئاننى چۈشۈرۈپ روزا ئېيى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئاينى باشقا ئايلاردىن پەزىلەتلىك قىلدى. رامىزان ئېيى قۇرئان ئېيىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزاندا جىبرائىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە قۇرئاننى دەرسلىك قىلاتتى. رامىزان ئېيىدا باشقا ئايلاردا كۆرسەتمىگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتەتتى.

• شريعة الإسلام قامت في أصولها وفروعها على التيسير ورفع الحرج، فما جعل الله علينا في الدين من حرج.
ئىسلام شەرىئىتى ئەسلى ۋە شاخچە پرىنسىپلىرىدا ئاسانچىلىق ئۈستىگە ۋە مۇشەققەتنى كۆتۈرۈۋېتىش ئاساسىغا بەرپا قىلىنغان. ئاللاھ بىزنى دىندا تاقىتىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمىدى.

• قُرْب الله تعالى من عباده، وإحاطته بهم، وعلمه التام بأحوالهم؛ ولهذا فهو يسمع دعاءهم ويجيب سؤالهم.
ئاللاھ بەندىلىرىگە يېقىندۇر، شۇ يېقىنلىقى بىلەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى تۇلۇق بىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئۇلارنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاپ، سورىغانلىرىنى بېرىدۇ.

أُحِلَّ لَكُمۡ لَيۡلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمۡۚ هُنَّ لِبَاسٞ لَّكُمۡ وَأَنتُمۡ لِبَاسٞ لَّهُنَّۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَخۡتَانُونَ أَنفُسَكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡ وَعَفَا عَنكُمۡۖ فَٱلۡـَٰٔنَ بَٰشِرُوهُنَّ وَٱبۡتَغُواْ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ وَلَا تُبَٰشِرُوهُنَّ وَأَنتُمۡ عَٰكِفُونَ فِي ٱلۡمَسَٰجِدِۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَقۡرَبُوهَاۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَّقُونَ
دەسلەپتە ئەر كىشى رامىزان كېچىسى ئۇخلاپ قېلىپ ئاندىن بامداتتىن ئىلگىرى ئويغانغان بولسا، ئۇنىڭ يەپ-ئىچىشى، ئايالى بىلەن بىرگە بولىشى چەكلەنگەن ئىدى. ئاللاھ كېيىن بۇ ھۆكۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋەتتى. ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە رامىزان كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولۇشنى رۇخسەت قىلدى. ئاياللار سىلەر ئۈچۈن يېپىنچىدۇر، سىلەر ئاياللار ئۈچۈن يېپىنچىسىلەر. بىر-بىرىڭلاردىن بىھاجەت بولالمايسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ چەكلىگەن ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا خىيانەت قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلىپ سىلەرگە رەھىم قىلدى، سىلەرنى كەچۈردى ۋە سىلەرگە يەڭگىللەشتۈرۈپ بەردى. ھازىر ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولۇڭلار. ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار. پۈتۈن كېچە ۋە تاڭ يورۇپ كېچە قاراڭغۇلىقى كەتكەنگە قەدەر يەپ-ئىچىڭلار. ئاندىن تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن كىرىپ كەتكۈچە روزىنى بۇزىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىپ روزىنى تولۇقلاڭلار. مەسچىتلەردە ئېتىكاپتا تۇرۇپ ئاياللىرىڭلار بىلەن بىرگە بولماڭلار. چۈنكى ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇش ئېتىكاپنى بۇزىدىغان ئامىللاردىن بىرىدۇر. مەزكۇر ھۆكۈملەر ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ چىگراسى بولۇپ، سىلەر ئۇنىڭغا ھەرگىز يېقىنلاشماڭلار. ھەقىقەتەن كىمكى ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىغا يېقىنلاشسا ھارامغا چۈشۈپ قالغىلى ئاران قالىدۇ. ئاللاھ ھۆكۈملەرنى يۇقىرىقىدەك ئېنىق بايان قىلىش بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلىش، چەكلىگەن ئىشلاردىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولىشى ئۈچۈن بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا تَأۡكُلُوٓاْ أَمۡوَٰلَكُم بَيۡنَكُم بِٱلۡبَٰطِلِ وَتُدۡلُواْ بِهَآ إِلَى ٱلۡحُكَّامِ لِتَأۡكُلُواْ فَرِيقٗا مِّنۡ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ بِٱلۡإِثۡمِ وَأَنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىققا ئوخشاش يولسىز شەكىلدە ئېلىۋالماڭلار. ئاللاھنىڭ ھارام قىلغىنىنى بىلىپ تۇرۇپ كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم ماللىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن گۇناھقا پېتىپ ھاكىملارنىڭ قېشىغا داۋالىشىپ بارماڭلار. ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ گۇناھقا قەدەم ئېلىش ناھايىتى قەبىھ ۋە چوڭ گۇناھتۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡأَهِلَّةِۖ قُلۡ هِيَ مَوَٰقِيتُ لِلنَّاسِ وَٱلۡحَجِّۗ وَلَيۡسَ ٱلۡبِرُّ بِأَن تَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِن ظُهُورِهَا وَلَٰكِنَّ ٱلۡبِرَّ مَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَأۡتُواْ ٱلۡبُيُوتَ مِنۡ أَبۡوَٰبِهَاۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ لَعَلَّكُمۡ تُفۡلِحُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن يېڭى ئاينىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى ھەققىدە سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا بۇنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە جاۋاپ بېرىپ : ئۇ كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ھېسابلىشى ئۈچۈندۇر، دېگىن. ئۇلار يېڭى ئاي ئارقىلىق ھەج ئايلىرى، رامىزان ئېيى، زاكات بېرىشتە يىلنىڭ تامام بولغانلىقى قاتارلىق ئىبادەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىرىنى بىلىدۇ. مۇئامىلە مەسىلىلىرىدە دىيەت ۋە قەرزنىڭ مۇددىتىنى بەلگىلەش قاتارلىقلارنى بىلىدۇ. جاھىلىيەتتە قىلغىنىڭلاردەك ھەج ياكى ئۆمرىگە ئېھرام باغلىغان چېغىڭلاردا ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدىن كىرىشىڭلار ياخشىلىققا ياتمايدۇ، بەلكى ھەقىقى ياخشىلىق قىلغۇچى ئىچى ۋە تېشىدا ئاللاھقا تەقۋادار بولغان كىشىدۇر. سىلەر ئۆيلەرگە ئىشىكىدىن كىرىڭلار، بۇنداق قىلىش سىلەرگە ئوڭايدۇر ۋە جاپا-مۇشەققەتتىن يىراقتۇر. چۈنكى ئاللاھ سىلەرنى قىيىنچىلىق ۋە مۇشەققەت بار ئىشلارغا بۇيرىمىدى. سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىپ، يامان كۆرگەن نەرسىلەردىن قۇتۇلىشىڭلار ئۈچۈن ياخشى ئەمەلنى ئۆزۈڭلار بىلەن ئاللاھنىڭ ئازابى ئوتتۇرىسىدا قالقان قىلىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ٱلَّذِينَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ وَلَا تَعۡتَدُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُعۡتَدِينَ
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنىڭ ئۈستۈن بولىشىنى كۆزلەپ، سىلەرنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش ئۈچۈن سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقان كاپىرلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. بالىلار، ئاياللار، ۋە ياشتا چوڭلارنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈپ چىرايىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ چىگراسىدىن ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ دىندا ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مشروعية الاعتكاف، وهو لزوم المسجد للعبادة؛ ولهذا يُنهى عن كل ما يعارض مقصود الاعتكاف، ومنه مباشرة المرأة.
ئېتىكاپنىڭ يولغا قويۇلىشى: ئېتىكاپ ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتتە تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ئېتىكاپتا تۇرغۇچى ئېتىكاپنىڭ مەقسىتىگە زىت كېلىدىغان، ئەر-ئايالنىڭ بىريەردە بولىشىغا ئوخشاش ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن چەكلىنىدۇ.

• النهي عن أكل أموال الناس بالباطل، وتحريم كل الوسائل والأساليب التي تقود لذلك، ومنها الرشوة.
كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يىۋېلىشتىن چەكلەش، پارىخورلۇققا ئوخشاش ناھەق يەۋېلىشقا ئېلىپ بارىدىغان ھەر قانداق ۋاسىتە ۋە ئۇسلۇب چەكلەندى.

• تحريم الاعتداء والنهي عنه؛ لأن هذا الدين قائم على العدل والإحسان.
بۇ دىن ئادالەت ۋە ئېھسان ئۈستىگە بەرپا بولغانلىقى ئۈچۈن، تاجاۋۇزچىلىق چەكلەندى ۋە ھارام قىلىندى.

وَٱقۡتُلُوهُمۡ حَيۡثُ ثَقِفۡتُمُوهُمۡ وَأَخۡرِجُوهُم مِّنۡ حَيۡثُ أَخۡرَجُوكُمۡۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَشَدُّ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۚ وَلَا تُقَٰتِلُوهُمۡ عِندَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ حَتَّىٰ يُقَٰتِلُوكُمۡ فِيهِۖ فَإِن قَٰتَلُوكُمۡ فَٱقۡتُلُوهُمۡۗ كَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلۡكَٰفِرِينَ
سىلەر ئۇلارنى ئۇچراتقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەرنى چىقىرىۋەتكەن جاي مەككىدىن سىلەرمۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىڭلار. مۆئمىننى دىنىدىن توسۇش ۋە كۇپرىغا قايتۇرۇش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن پىتنە ئۆلتۈرۋەتكەندىنمۇ يامان. تاكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇرۇش ئاچمىغۇچە مەسجىدى ھەرەمنى ئۇلۇغلىغانلىق ئۈچۈن مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماڭلار. ئەگەر ئۇلار مەسجىدى ھەرەم ئەتراپىدا ئۇرۇش ئاچسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋىرىڭلار. مەسجىدى ھەرەمدە ھەددىدىن ئاشقان كاپىرلارنىڭ جازاسى ئۆلۈمدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئەگەر ئۇلار سىلەر بىلەن ئۇرۇشۇشتىن ۋە كۇپرىلىقىدىن يانسا، سىلەرمۇ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشتىن قول يىغىڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچىلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئىلگىرى قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىمايدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر ۋە جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَٰتِلُوهُمۡ حَتَّىٰ لَا تَكُونَ فِتۡنَةٞ وَيَكُونَ ٱلدِّينُ لِلَّهِۖ فَإِنِ ٱنتَهَوۡاْ فَلَا عُدۡوَٰنَ إِلَّا عَلَى ٱلظَّٰلِمِينَ
تاكى كاپىرلاردىن كۇپرۇلۇق، شېرىك ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش تۈگەپ، ئاللاھنىڭ دىنى غالىب كەلگەنگە قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار. ئەگەر ئۇلار كۇپرىلىقىدىن ۋە كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇشتىن يانسا سىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشماڭلار. كۇپرۇلۇق ۋە ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش بىلەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن باشقىلارغا دۈشمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلشَّهۡرُ ٱلۡحَرَامُ بِٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡحُرُمَٰتُ قِصَاصٞۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱعۡتَدُواْ عَلَيۡهِ بِمِثۡلِ مَا ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
ھىجىرىيە 7- يىلى ئۇرۇش ھارام قىلغان ئايدا ئاللاھ سىلەرگە ھەرەمگە كىرىپ ئۆمرە قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەن ۋاقىت بولسا، ھىجىرىيە 6- يىلى مۇشرىكلار سىلەرنى ھەرەمدىن توسۇۋالغان ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئاينىڭ تۇلۇقلىمىسىدۇر. ھەددىدىن ئاشقانلاردىن قىساس ئېلىش ھەرەم ۋە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا، ئېھراملىق بولۇشقا ئوخشاش رايون ۋە ئەھۋاللاردىمۇ ئىجرا قىلىنىۋېرىدۇ. كىمكى سىلەرگە ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا ھۇجۇم قىلسا، سىلەرمۇ شۇ ئايلاردا ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ. سىلەر ھۇجۇمنى تەڭ-باراۋەر قىلىشتىن ئاشۇرۇۋەتمەڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ، سىلەرگە رۇخسەت قىلىنغان نەرسىلەردە چەكتىن ئاشۇرىۋىتىشتە ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ تەۋپىق ۋە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشتا تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَنفِقُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَا تُلۡقُواْ بِأَيۡدِيكُمۡ إِلَى ٱلتَّهۡلُكَةِ وَأَحۡسِنُوٓاْۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلۡمُحۡسِنِينَ
پۇل-مالنى جىھاد ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئاللاھنىڭ يولىغا سەرپ قىلىڭلار. سىلەر جىھاد ۋە جىھادقا پۇل-مال بېرىشنى تەرك ئېتىش ياكى ھالاكىتىڭلارغا سەۋەپ بولىدىغان ئىشلارغا ئۆزۈڭلارنى ئېتىش ئارقىلىق نەپسىڭلارنى ھالاك قىلماڭلار. ئىبادىتىڭلارنى، مۇئامىلەڭلارنى ۋە ئەخلاقىڭلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ پۈتۈن ئىشلىرىدا ئېھسان قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. ئۇلارغا كاتتا ساۋاپ بېرىدۇ ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَأَتِمُّواْ ٱلۡحَجَّ وَٱلۡعُمۡرَةَ لِلَّهِۚ فَإِنۡ أُحۡصِرۡتُمۡ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۖ وَلَا تَحۡلِقُواْ رُءُوسَكُمۡ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ ٱلۡهَدۡيُ مَحِلَّهُۥۚ فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ بِهِۦٓ أَذٗى مِّن رَّأۡسِهِۦ فَفِدۡيَةٞ مِّن صِيَامٍ أَوۡ صَدَقَةٍ أَوۡ نُسُكٖۚ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَمَن تَمَتَّعَ بِٱلۡعُمۡرَةِ إِلَى ٱلۡحَجِّ فَمَا ٱسۡتَيۡسَرَ مِنَ ٱلۡهَدۡيِۚ فَمَن لَّمۡ يَجِدۡ فَصِيَامُ ثَلَٰثَةِ أَيَّامٖ فِي ٱلۡحَجِّ وَسَبۡعَةٍ إِذَا رَجَعۡتُمۡۗ تِلۡكَ عَشَرَةٞ كَامِلَةٞۗ ذَٰلِكَ لِمَن لَّمۡ يَكُنۡ أَهۡلُهُۥ حَاضِرِي ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ھەج ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ تۇلۇق ئادا قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر كېسەل ياكى دۈشمەن سەۋەبلىك ھەج ئۆمرىنى تۇلۇق ئادا قىلىشتىن چەكلىنىپ قالساڭلار، ئېھرامدىن چىقىشىڭلار ئۈچۈن تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار. قۇربانلىق قىلىدىغان مال، بۇغۇزلايدىغان يەرگە يەتمىگۈچە چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار ياكى قىسقارتماڭلار. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مال ھەرەمگە يىتىپ بېرىشتىن چەكلىنىپ قالغان بولسا ئۇنى چەكلەنگەن جايدا بۇغۇزلىسۇن. ئەگەر ھەرەمگە بېرىشتىن چەكلەنمىگەن بولسا نەھرى كۈنى ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى تەشرىق كۈنلىرىدە ھەرەمدە بۇغۇزلىسۇن. سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى بېشىدا پىتقا ئوخشاش ئەزىيەت بار بولۇپ شۇ سەۋەبلىك چېچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ئۇ كىشى پىدىيە بېرىش يۈزىسىدىن ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن ياكى ھەرەمنىڭ مىسكىنلىرىدىن ئالتە مىسكىنگە تاماق بەرسۇن ياكى بىر قوي قۇربانلىق قىلىپ ھەرەمنىڭ پېقىرلىرىغا تارقاتسۇن. ئەگەر سىلەردىن كىمكى ھەج ئايلىرىدا ئۆمرىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەجگە ئېھرام باغلىغۇچە بولغان ئارىلىقتا ئېھراملىق كىشى ئۈچۈن چەكلىنىدىغان نەرسىلەردىن بەھرىمان بولغان بولسا(يەنى تەمەتتۇئ ھەججى قىلغان بولسا)، قوي زەبىھ قىلسۇن ياكى يەتتە ئادەم شېرىكلىشىپ تۆگە ياكى كالا قۇربانلىق قىلسۇن. ئەگەر قۇربانلىق قىلىدىغان مالغا قادىر بولالمىسا جەمئى ئون كۈن بولۇش ئۈچۈن، قۇربانلىقنىڭ ئورنىدا ھەج كۈنلىرىدا ئۈچ كۈن، ئائىلىسىگە قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن. قۇربانلىق مال ياكى ئاجىز كەلگەن كىشىنىڭ روزا تۇتىشى ۋاجىپ بولىدىغان بۇ ھۆكۈم ھەرەمدە ۋە ھەرەمگە يېقىن جايدا ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ ئېھرامدىن چىقىپ باشقا نەرسىلەردىن بەھرىمان بولۇشقا ھاجىتى يوق. ئۇلار ھەرەمدە تۇرغان پەيتلىرىدە ئۆمرە بىلەن ھەجگە بىر ئېھرام باغلاپ تاۋاپ قىلىشى ئۇلارغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ يولغا قۇيغان ھۆكۈملەرگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش ئارقىلىق تەقۋادار بولۇڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھ بۇيرۇقىغا قارشى چىققان كىشىلەرنى قاتتىق جازالىغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مقصود الجهاد وغايته جَعْل الحكم لله تعالى وإزالة ما يمنع الناس من سماع الحق والدخول فيه.
جىھادنىڭ مەقسىتى ۋە غايىسى؛ ھۆكۈمنى ئاللاھقا خاس قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتنى ئاڭلاپ ئۇ يولغا مېڭىشىدىن چەكلەيدىغان ئامىللارنى يوق قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

• ترك الجهاد والقعود عنه من أسباب هلاك الأمة؛ لأنه يؤدي إلى ضعفها وطمع العدو فيها.
جىھادنى تەرىك قىلىش، جىھادقا چىقماي ئولتۇرىۋېلىش ئۈممەتنىڭ ھالاك بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىندۇر. چۈنكى ئۇ ئۈممەتنىڭ ئاجىزلىشى ۋە دۇشمەننىڭ تاما قىلىشىغا ئېلىپ بارىدۇ.

• وجوب إتمام الحج والعمرة لمن شرع فيهما، وجواز التحلل منهما بذبح هدي لمن مُنِع عن الحرم.
ھەج ۋە ئۆمرىنى باشلىغان كىشىنىڭ ئۇ ئىككىسىنى تولۇق ئادا قىلىشى ۋاجىپتۇر. ھەرەمگە بېرىشتىن يول ئۈستىدە چەكلىنىپ قالغان كىشىنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغان مالنى بۇغۇزلاش بىلەن ئېھرامدىن چىقىپ كېتىشى جائىزدۇر.

ٱلۡحَجُّ أَشۡهُرٞ مَّعۡلُومَٰتٞۚ فَمَن فَرَضَ فِيهِنَّ ٱلۡحَجَّ فَلَا رَفَثَ وَلَا فُسُوقَ وَلَا جِدَالَ فِي ٱلۡحَجِّۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يَعۡلَمۡهُ ٱللَّهُۗ وَتَزَوَّدُواْ فَإِنَّ خَيۡرَ ٱلزَّادِ ٱلتَّقۡوَىٰۖ وَٱتَّقُونِ يَٰٓأُوْلِي ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ھەج ۋاقتى مەلۇم بىر قانچە ئايدۇر. شەۋۋال ئېيىدا باشلىنىپ زۇلھەججىنىڭ ئونىنچى كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. كىمكى بۇ ئايلاردا ھەج قىلىشنى نىيەت قىلىپ ئېھرام باغلىغان بولسا ئۇ كىشىگە جىنسى ئالاقە ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولىدىغان گەپ سۆز ۋە ئىش ھەرىكەتلەرنى قىلىشى ھارام بولىدۇ. ھەج قىلماقچى بولغان ئادەم مۇقەددەس ماكان ۋە زاماندا بولغاچقا گۇناھ مەئسىيەت سادىر قىلىپ، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشنىڭ ھاراملىقى ئۇنىڭ ھەققىدە تېخىمۇ كۈچەيتىلىدۇ. شۇنداقلا بىر-بىرىنى ئۆچ كۆرۈشكە ۋە ئاداۋەتكە سەۋەپ بولىدىغان تالاش-تارتىش ۋە جىدەللەرمۇ ھارام بولىدۇ. سىلەر قانداقلىكى ياخشى ئەمەل قىلساڭلار ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇ ئارقىلىق سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ. ھەجنى ئادا قىلىشتا ئېھتىياجلىق يېمەك-ئىچمەك ئېلىۋېلىپ پايدىلىنىڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى ھەر قانداق ئەھۋالدا سىلەر پايدىلىنىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشتۇر. ئى ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى! سىلەر مېنىڭ بۇيرۇقۇمنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىمدىن يېنىش ئارقىلىق مەندىن قورقۇڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَن تَبۡتَغُواْ فَضۡلٗا مِّن رَّبِّكُمۡۚ فَإِذَآ أَفَضۡتُم مِّنۡ عَرَفَٰتٖ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ عِندَ ٱلۡمَشۡعَرِ ٱلۡحَرَامِۖ وَٱذۡكُرُوهُ كَمَا هَدَىٰكُمۡ وَإِن كُنتُم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمِنَ ٱلضَّآلِّينَ
ھەج مەزگىلىدە تىجارەت ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق ھالال رىزق تەلەپ قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9-كۈنى ئەراپاتتا تۇرغىنىڭلاردىن كېيىن زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10-كېچىسى مۇزدەلىفىگە قايتقىنىڭلاردا مەشئەرىل ھەرەمدە يەنى مۇزدەلىفىدە ئاللاھنى تەسبىھ، تەھلىل ( يەنى ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق دېيىش ) ۋە دۇئالار بىلەن ياد ئېتىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرنى دىنىغا، بەيتىنى ھەج قىلىشقا نىسىپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۆز دىنىغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى سىلەر ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن غەپلەتتە ئېدىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ثُمَّ أَفِيضُواْ مِنۡ حَيۡثُ أَفَاضَ ٱلنَّاسُ وَٱسۡتَغۡفِرُواْ ٱللَّهَۚ إِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاندىن كېيىن سىلەر ئەراپاتتىن، ئەراپاتتا تۇرمايدىغان جاھىلىيەت ئەھلى قايتقىنىدەك ئەمەس، بەلكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگەشكەن كىشىلەر قايتقىنىدەك قايتىڭلار. ئاللاھ يولغا قويغان نەرسىلەرنى ئادا قىلىشتىكى نۇقسانلىقلىرىڭلارغا ئاللاھتىن مەغپىرەت سوراڭلار. شۈبھىسىزكى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغانلارنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِذَا قَضَيۡتُم مَّنَٰسِكَكُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَذِكۡرِكُمۡ ءَابَآءَكُمۡ أَوۡ أَشَدَّ ذِكۡرٗاۗ فَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا وَمَا لَهُۥ فِي ٱلۡأٓخِرَةِ مِنۡ خَلَٰقٖ
سىلەر ھەج پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىپ بىكار بولغىنىڭلاردا، ئاتا-بوۋاڭلاردىن پەخىرلىنىپ ئۇلارنى ياد ئەتكىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار ۋە ئۇنى كۆپ مەدھىيەلەڭلار. ئاتا-بوۋاڭلارنى ماختىغىنىڭلاردەك ياكى ئۇنىڭدىنمۇ زىيادە ئاللاھنى كۆپ مەدھىيىلەڭلار. چۈنكى سىلەر بەھرىمان بولىۋاتقان ھەر قانداق نېئمەت ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەندۇر. ئىنسانلار ھەرخىل بولۇپ، بەزى كىشىلەر پەقەت دۇنيا ھاياتىغىلا ئىشىنىدىغان مۇشرىك كاپىردۇر. ئۇ رەببىدىن پەقەت ساغلىق، مال-دۇنيا ۋە بالا-چاقىغا ئوخشاش دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرىنىلا سورايدۇ. بۇلار دۇنياغا قىزىقىپ ئاخىرەتتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ ئاخىرەتتە مۆئمىن بەندىلىرىگە تەييارلىغان نەرسىلىرىدىن ئۇلارنىڭ ھېچ نېسىۋىسى بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنۡهُم مَّن يَقُولُ رَبَّنَآ ءَاتِنَا فِي ٱلدُّنۡيَا حَسَنَةٗ وَفِي ٱلۡأٓخِرَةِ حَسَنَةٗ وَقِنَا عَذَابَ ٱلنَّارِ
يەنە بەزى كىشىلەر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدۇ. رەببىدىن دەۋزەخ ئازابىدىن قۇتۇلۇپ جەننەتكە كېرىشنى سورىغىنىدەك، دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرى بىلەن سالىھ ئەمەلنى سورايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ نَصِيبٞ مِّمَّا كَسَبُواْۚ وَٱللَّهُ سَرِيعُ ٱلۡحِسَابِ
دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورىغۇچىلار دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ كاتتا ساۋابىغا ئىرىشىدۇ. ئاللاھ ئەمەللەردىن ناھايىتى تىز ھېساب ئالغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• يجب على المؤمن التزود في سفر الدنيا وسفر الآخرة، ولذلك ذكر الله أن خير الزاد هو التقوى.
مۆئمىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت سەپىرىگە ئوزۇق ئېلىشى كېرەك. ئاللاھنىڭ زىكرى ۋە تەقۋادارلىق ئاخىرەت ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقتۇر.

• مشروعية الإكثار من ذكر الله تعالى عند إتمام نسك الحج.
ھەج پائالىيىتى تۈگىگەندىن كىيىن، ئاللاھنى كۆپ زىكرى قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى توغرىسىدا.

• اختلاف مقاصد الناس؛ فمنهم من جعل همّه الدنيا، فلا يسأل ربه غيرها، ومنهم من يسأله خير الدنيا والآخرة، وهذا هو الموفَّق.
كىشىلەرنىڭ مەقسەتلىرى ھەرخىل بولۇپ، بەزىلەرنىڭ مەقسىتى دۇنيادۇر، ئۇلار رەببىدىن دۇنيادىن باشقىنى سورىمايدۇ. يەنە بەزىلەر دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى سورايدۇ. بۇلار مۇۋەپپىقيەتكە ئىرىشكۈچىلەردۇر.

۞ وَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ فِيٓ أَيَّامٖ مَّعۡدُودَٰتٖۚ فَمَن تَعَجَّلَ فِي يَوۡمَيۡنِ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِ وَمَن تَأَخَّرَ فَلَآ إِثۡمَ عَلَيۡهِۖ لِمَنِ ٱتَّقَىٰۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُمۡ إِلَيۡهِ تُحۡشَرُونَ
ساناقلىق كۈنلەردە يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 11-12-13-كۈنلىرىدە تەكبىر ۋە تەھلىل بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. كىمكى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 12-كۈنى شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كىيىن مىنادىن ئالدىراپ قايتقان بولسا، ئۇ كىشىگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە بۇ ھۆكۈمنى يەڭگىللەشتۈرۈپ بەرگەن. كىمكى 13- كۈنى تاكى تاش ئاتقانغا قەدەر مىنادا تۇرغان بولسا ئۇ كىشىگىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ھەقىقەتەن 13-كۈنىگىچە تۇرغان كىشى ھەج ئىبادىتىنى ئەڭ مۇكەممەل قىلغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەن بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىپ، ھەجنى ئاللاھ بۇيرۇغاندەك قىلغان كىشى ئۈچۈندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ يەككە-يېگانە ئاللاھ تەرەپكە قايتىپ، ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُعۡجِبُكَ قَوۡلُهُۥ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَيُشۡهِدُ ٱللَّهَ عَلَىٰ مَا فِي قَلۡبِهِۦ وَهُوَ أَلَدُّ ٱلۡخِصَامِ
ئى پەيغەمبەر! كىشىلەر ئىچىدە شۇنداق مۇناپىق ئادەم باركى، ئۇنىڭ دۇنيا تىرىكچىلىكى ھەققىدىكى سۆزى سېنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سەن ئۇنىڭ تاتلىق سۆزلىكىنى كۆرگەندە ئۇنى راستچىل، سەمىمى دەپ ئويلاپ قالىسەن. ئۇنىڭ مەقسىتى پەقەتلا ئۆزىنى ۋە مېلىنى ساقلاپ قېلىشتۇر. ئۇ يالغانچى مۇسۇلمانلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەت ساقلاپ تۇرۇپمۇ قەلبىدىكى ئىمان ۋە ياخشىلىققا گۇۋاھ قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا تَوَلَّىٰ سَعَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُفۡسِدَ فِيهَا وَيُهۡلِكَ ٱلۡحَرۡثَ وَٱلنَّسۡلَۚ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلۡفَسَادَ
ئۇ سەندىن ئايرىلىپ قايتقاندىن كېيىن زېمىندا گۇناھ مەئسىيەت قىلىش ئۈچۈن، زىرائەتلەرنى ۋە ھايۋاناتلارنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئاللاھ زېمىندا پاساتچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا قِيلَ لَهُ ٱتَّقِ ٱللَّهَ أَخَذَتۡهُ ٱلۡعِزَّةُ بِٱلۡإِثۡمِۚ فَحَسۡبُهُۥ جَهَنَّمُۖ وَلَبِئۡسَ ٱلۡمِهَادُ
ئەگەر ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئۇلۇغلاش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھدىن قورققىن دېيىلسە، ئۇنى غۇرۇرى ۋە تەكەببۇرلۇقى ھەقىقەتكە قايتىشتىن توسۇپ قويىدۇ. گۇناھ مەئسىيەتكە تېخىمۇ پاتىدۇ. جەھەننەمگە كېرىش ئۇ كىشىگە كۇپايە قىلىدىغان جازادۇر. جەھەننەم دەۋزىخىلەرگە نېمىدېگەن يامان قارارگاھ ھە!.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يَشۡرِي نَفۡسَهُ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ رَءُوفُۢ بِٱلۡعِبَادِ
بەزى كىشىلەر باركى رەببىنى رازى قىلىش، ئۇنىڭ يولىدا جىھاد قىلىش ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەش ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىگە ناھايىتى مەرھەمەتلىك ۋە كۆيۈمچاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱدۡخُلُواْ فِي ٱلسِّلۡمِ كَآفَّةٗ وَلَا تَتَّبِعُواْ خُطُوَٰتِ ٱلشَّيۡطَٰنِۚ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئەگەشكەنلەر! ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار. ئەھلى كىتابلارغا ئوخشاش كىتابنىڭ بەزى ئەھكاملىرىغا ئىشىنىپ بەزى ئەھكاملىرىغا ئىنكار قىلماڭلار. شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، چۈنكى شەيتان سىلەرگە ئوپ-ئۇچۇق دۈشمەندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِن زَلَلۡتُم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡكُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ فَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
سىلەرگە ئېنىق دەلىللەر كەلگىنىدىن كىيىن توغرا يولدىن تېيىپ كەتسەڭلار بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۆز قۇدرىتىدە غالىبدۇر. ئەھكاملارنى يولغا قويۇش ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. شۇڭلاشقا سىلەر ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
هَلۡ يَنظُرُونَ إِلَّآ أَن يَأۡتِيَهُمُ ٱللَّهُ فِي ظُلَلٖ مِّنَ ٱلۡغَمَامِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ وَقُضِيَ ٱلۡأَمۡرُۚ وَإِلَى ٱللَّهِ تُرۡجَعُ ٱلۡأُمُورُ
ھەقىقەت يولىدىن چەتنەپ، شەيتاننىڭ يولىغا ئەگەشكەنلەر ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن بۇلۇت پارچىسى ئىچىدە ئۆز ئۇلۇغلىقى ۋە شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق رەۋىشتە كېلىشىنى ساقلامدۇ؟. پەرىشتىلەر ئۇلارنى ھەر تەرەپتىن قورشاپ كېلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەققىدە بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىدۇ، پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئىشى يەككە-يېگانە ئاللاھقا قايتىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• التقوى حقيقة لا تكون بكثرة الأعمال فقط، وإنما بمتابعة هدي الشريعة والالتزام بها.
تەقۋادارلىق پەقەت ئەمەلنىڭ كۆپلىكى بىلەن بولمايدۇ بەلكى شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىش بىلەن بولىدۇ.

• الحكم على الناس لا يكون بمجرد أشكالهم وأقوالهم، بل بحقيقة أفعالهم الدالة على ما أخفته صدورهم.
كىشىلەرگە ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئۇلارنىڭ شەكىللىرى ۋە سۆزلىرىگە قاراپ بولمايدۇ، بەلكى قەلبىلىرىدە يۇشۇرغانلىرىغا دالالەت قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەتلىرى بىلەن بولىدۇ.

• الإفساد في الأرض بكل صوره من صفات المتكبرين التي تلازمهم، والله تعالى لا يحب الفساد وأهله.
قانداق شەكىلدە بولمىسۇن زېمىندا پاساتچىلىق قىلىش تەكەببۇرلۇقنى لازىم تۇتقان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدۇر. ئاللاھ تائالا پىتنە-پاساتنى ۋە ئۇنىڭ ئەھلىنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

• لا يكون المرء مسلمًا حقيقة لله تعالى حتى يُسَلِّم لهذا الدين كله، ويقبله ظاهرًا وباطنًا.
ئىنسان تاكى بۇ دىنغا پۈتۈنلەي بويسۇنۇپ، دىننىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى قۇبۇل قىلمىغۇچە ئاللاھقا ھەقىقى بويسۇنغان بولمايدۇ.

سَلۡ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ كَمۡ ءَاتَيۡنَٰهُم مِّنۡ ءَايَةِۭ بَيِّنَةٖۗ وَمَن يُبَدِّلۡ نِعۡمَةَ ٱللَّهِ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُ فَإِنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ
ئى پەيغەمبەر! ئەيىبلىگەن شەكىلدە ئىسرائىل ئەۋلادىدىن سورىغىنكى، ئاللاھ سىلەرگە پەيغەمبەرلىرىنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەقەدەر كۆپ روشەن دەلىللەرنى بايان قىلدى! سىلەر ئۇ دەلىللەرنى ئىنكار قىلىپ يۈز ئۆرۈدىڭلار. كىمكى ئاللاھنىڭ نېئمىتىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنى كۇپرىلىق قىلىپ ۋە ئىنكار قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن، ئاللاھ ئىنكار قىلغۇچى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپلىغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
زُيِّنَ لِلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَا وَيَسۡخَرُونَ مِنَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْۘ وَٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ فَوۡقَهُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَٱللَّهُ يَرۡزُقُ مَن يَشَآءُ بِغَيۡرِ حِسَابٖ
دۇنيا ۋە دۇنيانىڭ ئىچىدىكى ۋاقىتىلىق نازۇ-نىمەتلەر، ئاخىرى چىقمايدىغان ھۇزۇر ھالاۋەتلەر كاپىرلارغا چىرايلىق كۆرسىتىلدى. ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقانلارنى مەسخىرە قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىملىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغانلار ئاخىرەتتە ئۇلاردىن دەرىجە جەھەتتە ئۈستۈندۈر. چۈنكى ئاللاھ تەقۋادارلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ. ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن خالىغان كىشىگە ھېسابسىز ۋە ساناقسىز نېئمەت بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّـۧنَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَمَا ٱخۡتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ ٱلۡحَقِّ بِإِذۡنِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٍ
ئىنسانلار تاكى شەيتان ئۇلارنى ئازدۇرغانغا قەدەر ئاتىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىدا يەنى ھىدايەت ئۈستىدە ئورتاق بىر ئۈممەت ئىدى. كېيىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئىمان ئېيتىپ بەزىسى كاپىر بولۇپ ئىختىلاپلاشتى. شۇ سەۋەپتىن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى مۇئمىنلەرگە تەييارلىغان رەھمىتى، كاپىرلارغا تەھدىت سالغان قاتتىق ئازابتىن خۇش-بىشارەت بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. پەيغەمبەرلەرگە ئۇلار كىشىلەر ئىختىلاپلىشىپ قالغان مەسىلىلەردە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن شەكسىز ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابلارنى چۈشۈردى. پەقەت تەۋراتنىڭ ئىلمى بىلدۈرۈلگەن يەھۇدىلارلا ئۇلارغا تەۋراتنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقا بولمايدىغان، ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ھۆججەتلەر كەلگىنىدىن كېيىن ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىپ تەۋرات ھەققىدە ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاللاھ مۇئمىنلەرنى ئۆز ئىرادىسى ۋە ئىزنى بىلەن زالالەتتىن ھىدايەتنى ئايرىشقا مۇۋەپپەق قىلدى. خالىغان كىشىنى ئىمان يولىدىن ئىبارەت قۇسۇرسىز بولغان توغرا يولغا يېتەكلەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَمۡ حَسِبۡتُمۡ أَن تَدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ وَلَمَّا يَأۡتِكُم مَّثَلُ ٱلَّذِينَ خَلَوۡاْ مِن قَبۡلِكُمۖ مَّسَّتۡهُمُ ٱلۡبَأۡسَآءُ وَٱلضَّرَّآءُ وَزُلۡزِلُواْ حَتَّىٰ يَقُولَ ٱلرَّسُولُ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ مَتَىٰ نَصۡرُ ٱللَّهِۗ أَلَآ إِنَّ نَصۡرَ ٱللَّهِ قَرِيبٞ
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان سىناقلارغا ئۇچرىماي جەننەتكە كېرىشنى ئويلامسىلەر؟ ئۇلارغا قاتتىق يوقسۇللۇق، ئېغىر كېسەل ۋە قورقۇنچ يەتكەن. ئۇلار ئۇچرىغان سىناق شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئالدىراپ پەيغەمبەر ۋە مۆئمىنلەر بىرلىكتە: « ئاللاھنىڭ نۇستىرى قاچان كېلىدۇ؟ » دىيىشىپ كەتكەن. بىلىپ قويۇڭلاركى ئاللاھنىڭ ياردىمى مۆئمىنلەرگە ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلۡ مَآ أَنفَقۡتُم مِّنۡ خَيۡرٖ فَلِلۡوَٰلِدَيۡنِ وَٱلۡأَقۡرَبِينَ وَٱلۡيَتَٰمَىٰ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۗ وَمَا تَفۡعَلُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٞ
ئى پەيغەمبەر! سەندىن ساھابىلىرىڭ خىلمۇ-خىل ماللىرىدىن نېمىنى سەدىقە قىلىدىغانلىقىنى، نەگە سەرپ قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئۇلارغا ئېيتقىنكى: پاك، ھالال مالدىن نېمىنى سەرپ قىلساڭلار ئاتا-ئاناڭلارغا، ئاراڭلاردىكى تۇرمۇشى تۆۋەن خىش-ئەقرىبالىرىڭلارغا، مۇھتاج يېتىملەرگە، ھېچ نەرسىسى يوق يوقسۇللارغا، ئائىلىسى ۋە ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ قالغان مۇساپىرلارغا سەرپ قىلىڭلار. ئى مۆئمىنلەر! ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمە ياخشىلىق قىلماڭلار، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• ترك شكر الله تعالى على نعمه وترك استعمالها في طاعته يعرضها للزوال ويحيلها بلاءً على صاحبها.
ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نېئمىتىگە شۈكۈر قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئىشلەتمەسلىك نېئمەتنىڭ قولدىن كېتىشىگە ئېلىپ بارىدۇ ۋە نېئمەت ساھىبىنى كۈلپەتكە دۇچار قىلىدۇ.

• الأصل أن الله خلق عباده على فطرة التوحيد والإيمان به، وإبليس وأعوانه هم الذين صرفوهم عن هذه الفطرة إلى الشرك به.
ئاللاھ بەندىلىرىنى ئەسلىدە تەۋھىد ۋە ساغلام پىترەت ئۈستىدە ياراتقان بولۇپ، ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى بەندىلەرنى بۇ توغرا دىندىن شېرىك يولغا ئازدۇرغان.

• أعظم الخذلان الذي يؤدي للفشل أن تختلف الأمة في كتابها وشريعتها، فيكفّر بعضُها بعضًا، ويلعن بعضُها بعضًا.
ئۈممەت؛ كىتابى ۋە شەرىئىتىدە ئۆزئارا ئىختىلاپلىشىپ، بىر-بىرىنى كاپىرغا چىقىرىشى ۋە بىر-بىرىگە لەنەت قىلىشى ئۈممەتنى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدىغان ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر.

• الهداية للحق الذي يختلف فيه الناس، ومعرفة وجه الصواب بيد الله، ويُطلب منه تعالى بالإيمان به والانقياد له.
كىشىلەر ئىختىلاپ قىلىشىپ قالغاندا، ھەقىقەتگە يۈزلەندۈرۈش ۋە توغرا يولنى بىلدۈرۈش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، بۇ ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ۋە بويسۇنۇش ئارقىلىق ئاللاھتىن تەلەپ قىلىنىدۇ.

• الابتلاء سُنَّة الله تعالى في أوليائه، فيبتليهم بقدر ما في قلوبهم من الإيمان به والتوكل عليه.
ئاللاھنىڭ ئەۋلىيالىرىنىڭ سىناققا دۇچار بولۇشى ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. ئاللاھ ئۇلارنى قەلبلىرىدىكى ئىمان ۋە ئاللاھقا بولغان تەۋەككۇل مىقدارىدا سىناققا دۇچار قىلىدۇ.

• من أعظم ما يعين على الصبر عند نزول البلاء، الاقتداء بالصالحين وأخذ الأسوة منهم.
سالىھلارغا ئەگىشىش ۋە ئۇلارنى نەمۇنە قىلىش، سىناققا دۇچار بولغاندا سەبر قىلىشقا ياردىمى تىگىدىغان ئەڭ كاتتا ئىشلارنىڭ قاتارىدىندۇر.

كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ وَهُوَ كُرۡهٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تَكۡرَهُواْ شَيۡـٔٗا وَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۖ وَعَسَىٰٓ أَن تُحِبُّواْ شَيۡـٔٗا وَهُوَ شَرّٞ لَّكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش سىلەرگە پەرز قىلىندى. ھالبۇكى، ئۇرۇشتا مال ۋە جان كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىتى ئۇرۇش قىلىشنى ياقتۇرمايدۇ. سىلەر بىر نەرسىنى ياقتۇرماسلىقىڭلار مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئەمەلىيەتتە سىلەرگە ياخشى ۋە مەنپەئەتلىكتۇر. ئاللاھ يولىدا ئۇرۇش قىلىش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. ئۇرۇش قىلىشنىڭ ساۋابى كاتتا بولۇش بىلەن بىرگە ئۇ ئارقىلىق دۈشمەنلەردىن نۇسرەت تاپقىلى، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلغىلى بولىدۇ. سىلەر بىر نەرسىنى ياخشى كۆرۈشۈڭلار مۇمكىن ئەمما ئۇ سىلەرگە زىيانلىقتۇر. جىھادقا چىقماي ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىش بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. مەغلۇبىيەت ۋە دۈشمەنلەرنىڭ ھاكىميەتنى ئىگەللىۋېلىشى جىھادنى تەرك ئەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاللاھ پۈتۈن ياخشى يامان ئەمەللەرنى بىلىپ تۇرىدۇ. ھالبۇكى سىلەر بىلمەيسىلەر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنساڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ قِتَالٖ فِيهِۖ قُلۡ قِتَالٞ فِيهِ كَبِيرٞۚ وَصَدٌّ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَكُفۡرُۢ بِهِۦ وَٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِ وَإِخۡرَاجُ أَهۡلِهِۦ مِنۡهُ أَكۡبَرُ عِندَ ٱللَّهِۚ وَٱلۡفِتۡنَةُ أَكۡبَرُ مِنَ ٱلۡقَتۡلِۗ وَلَا يَزَالُونَ يُقَٰتِلُونَكُمۡ حَتَّىٰ يَرُدُّوكُمۡ عَن دِينِكُمۡ إِنِ ٱسۡتَطَٰعُواْۚ وَمَن يَرۡتَدِدۡ مِنكُمۡ عَن دِينِهِۦ فَيَمُتۡ وَهُوَ كَافِرٞ فَأُوْلَٰٓئِكَ حَبِطَتۡ أَعۡمَٰلُهُمۡ فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۖ وَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلار سەندىن ئۇرۇش ھارام قىلىنغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەپ ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: بۇ ئايلاردا ئۇرۇش قىلىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قەبىھ سانىلىدىغان چوڭ گۇناھتۇر. مۇشرىكلارنىڭ باشقىلارنى ئاللاھ يولىدىن توسۇشى، مۆئمىنلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن چەكلىشى، مەسجىدى ھەرەمدىن ئۇنىڭ ئاھالىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشى بولسا، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايدا ئۇرۇش قىلغاندىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئادەم ئۆلتۈرگەندىنمۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئى مۆمىنلەر! مۇشرىكلار سىلەرنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە تاكى ھەق دىنىڭلاردىن ئۆزلىرىنىڭ باتىل دىنىغا قايتۇرغانغا قەدەر زۇلۇمىنى داۋاملاشتۇرۇپ سىلەر بىلەن ئۇرۇشىدۇ. كىم دىنىدىن يېنىپ، ئاللاھقا كاپىر بولغان پېتى ئۆلسە ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئاخرەتتىكى جايى دەۋزەختە مەڭگۈ قېلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَٱلَّذِينَ هَاجَرُواْ وَجَٰهَدُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أُوْلَٰٓئِكَ يَرۡجُونَ رَحۡمَتَ ٱللَّهِۚ وَٱللَّهُ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىشەنگەنلەر، ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ يولىدا ھىجرەت قىلىپ ۋەتەنلىرىنى تەرك ئەتكەنلەر، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلغانلار، ئۇنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ يَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡخَمۡرِ وَٱلۡمَيۡسِرِۖ قُلۡ فِيهِمَآ إِثۡمٞ كَبِيرٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَإِثۡمُهُمَآ أَكۡبَرُ مِن نَّفۡعِهِمَاۗ وَيَسۡـَٔلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلِ ٱلۡعَفۡوَۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ
ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن ھاراق ھەققىدە يەنى ئېلىش، سېتىش ۋە ئىچىشنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. (ئەقىلنى كەتكۈزگەن ھەر قانداق نەرسە ھاراقتۇر). ئۇلار سەندىن قىمارنىڭ ھۆكمى ھەققىدە سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئۇ ئىككىسىدە ئەقىلنى ۋە مال-دۇنيانى زايا قىلىش، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتكە چۈشۈشكە ئوخشاش نۇرغۇن دىنى ۋە دۇنيالىق زىيانلار بار. ئۇ ئىككىسىدە ئازغىنە ماددى پايدىمۇ بار. بۇ ئىككىسىنىڭ زىيىنى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان گۇناھ ئۇنىڭ پايدىسىغا قارىغاندا كۆپتۇر. زىيىنى پايدىسىدىن چوڭ بولغان ھەرقانداق نەرسىدىن ئەقىللىق ئادەم يىراق تۇرۇشى كېرەك. بۇ ئاللاھنىڭ بايانى بولۇپ ھاراقنى ھارام قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىدە بايان قىلىنغان. ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن نەپلە سەدىقە ۋە ئىئانە قىلىدىغان ماللىرىنىڭ مىقدارى ھەققىدە سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئېھتىياجىڭلاردىن ئارتۇق ماللىرىڭلاردىن سەدىقە قىلىڭلار دېگىن. بۇ دەسلەپكى بۇيرۇق بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ مۇئەييەن نىسابقا يەتكەن مەخسۇس ماللارغا كېلىدىغان زاكاتنى يولغا قويدى. ئاللاھ بۇنىڭغا ئوخشاش ئۇچۇق بايانلار ئارقىلىق سىلەرنىڭ تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شەرىئەتنىڭ ئەھكاملىرىنى بايان قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الجهل بعواقب الأمور قد يجعل المرء يكره ما ينفعه ويحب ما يضره، وعلى المرء أن يسأل الله الهداية للرشاد.
ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى بىلمەسلىك ئىنساندا پايدىلىق ئىشلارنى ئۆچ كۆرۈپ، زىيانلىق ئىشلارنى ياخشى كۆرىدىغان خۇسۇسىيەتنىڭ يېتىلىپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ھەرۋاقىت ئاللاھدىن ھىدايەت ۋە پاراسەت سوراپ تۇرىشى لازىم.

• جاء الإسلام بتعظيم الحرمات والنهي عن الاعتداء عليها، ومن أعظمها صد الناس عن سبيل الله تعالى.
ئىسلام ئىنساننىڭ ھۆرمىتىنىڭ كاتتىلىقىنى بايان قىلدى ۋە بىراۋغا چېقىلىشدىن چەكلىدى. كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن چەكلەش بولسا، ھارام قىلىنغان ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.

• لا يزال الكفار أبدًا حربًا على الإسلام وأهله حتَّى يخرجوهم من دينهم إن استطاعوا، والله موهن كيد الكافرين.
كاپىرلار مۇسۇلمانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن چىقارغۇچە ئىسلام ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە داۋاملىق ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنىڭ ھىلە-مىكىرىنى ئاجىزلاشتۇرغۇچىدۇر.

• الإيمان بالله تعالى، والهجرة إليه، والجهاد في سبيله؛ أعظم الوسائل التي ينال بها المرء رحمة الله ومغفرته.
ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش ، ئاللاھ تەرەپكە ھىجرەت قىلىش، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش قاتارلىق ئەمەللەر، ئىنسان ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتىگە ئېرىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان ۋاستىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر.

• حرّمت الشريعة كل ما فيه ضرر غالب وإن كان فيه بعض المنافع؛ مراعاة لمصلحة العباد.
شەرىئەت بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ گەرچە ئازراق پايدىسى بولسىمۇ زىيىنى پايدىسىدىن كۆپ بولغان ھەر قانداق نەرسىنى ھارام .قىلدى

فِي ٱلدُّنۡيَا وَٱلۡأٓخِرَةِۗ وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡيَتَٰمَىٰۖ قُلۡ إِصۡلَاحٞ لَّهُمۡ خَيۡرٞۖ وَإِن تُخَالِطُوهُمۡ فَإِخۡوَٰنُكُمۡۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ ٱلۡمُفۡسِدَ مِنَ ٱلۡمُصۡلِحِۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ لَأَعۡنَتَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئاللاھ يۇقىرىقى ھۆكۈملەرنى سىلەرگە دۇنيا ئاخىرەتتە مەنپەئەتى تېگىدىغان ئىشلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشىڭلار ئۈچۈن يولغا قويدى. ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن: يىتىملارغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھەققىدە ئۇلار بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىنى نەپىقە، يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇ قاتارلىقلاردا ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرامدۇ؟ دېگەندەك سوئاللارنى سورىشىدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئەجىر ئالماي، ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا ئارىلاشتۇرماي تۈزەش ئارقىلىق ئۇلارغا مەرھەمەت قىلغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ياخشى ۋە ئەجىر جەھەتتە كاتتىدۇر. ئۇلارنىڭمۇ ماللىرى ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغىمۇ ياخشىدۇر. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىغا قېتىپ ئۇلارنى كۈندىلىك مەئىشەت ۋە تۇرالغۇدا ئۆزۈڭلارغا شېرىك قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۇلار سىلەرنىڭ دىنى قېرىندىشىڭلاردۇر. قېرىنداشلار ئۆز-ئارا بىر بىرىگە ياردەملىشىدۇ، بىر-بىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ. ئاللاھ يېتىملەرنىڭ ۋەلىلىرى ئىچىدە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ماللىرىغا شېرىك قىلىپ ئىسلاھ قىلماقچى بولغان كىشى بىلەن بۇزماقچى بولغان كىشىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئاللاھ يېتىملارنىڭ ئىشىدا سىلەرنى جاپاغا سېلىشنى خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى جاپاغا سالغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ سىلەرگە يېتىملارغا مۇئامىلە قىلىش يوللىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى. چۈنكى ئاللاھنىڭ شەرىئىتى ئاسانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۈبھىسىزكى ئاللاھ غالىبدۇر. ھىچ قانداق نەرسە ئاللاھدىن غالىپ كېلەلمەيدۇ. مەخلۇقاتلارنى يارىتىش، ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا تَنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكَٰتِ حَتَّىٰ يُؤۡمِنَّۚ وَلَأَمَةٞ مُّؤۡمِنَةٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكَةٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَتۡكُمۡۗ وَلَا تُنكِحُواْ ٱلۡمُشۡرِكِينَ حَتَّىٰ يُؤۡمِنُواْۚ وَلَعَبۡدٞ مُّؤۡمِنٌ خَيۡرٞ مِّن مُّشۡرِكٖ وَلَوۡ أَعۡجَبَكُمۡۗ أُوْلَٰٓئِكَ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَٱللَّهُ يَدۡعُوٓاْ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ وَٱلۡمَغۡفِرَةِ بِإِذۡنِهِۦۖ وَيُبَيِّنُ ءَايَٰتِهِۦ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمۡ يَتَذَكَّرُونَ
ئى مۆمىنلەر! مۇشرىك ئاياللار تاكى يەككە-يېگانە ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئىسلام دىنىغا كىرمىگۈچە نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن دېدەك ئايال، ھۆسىن-جامالى ۋە پۇل-مېلى بىلەن سىلەرنى مەپتۇن قىلغان بۇتپەرەس ھۆر ئايالدىن ئەۋزەلدۇر. مۇسۇلمان ئاياللارنى مۇشرىك ئەرلەرگە ياتلىق قىلماڭلار. ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىمان كەلتۈرگەن ئەر قۇل گەرچە سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ ھۆر مۇشرىك ئەردىن ياخشى. ئەر-ئايال مۇشرىكلار سۆزلىرى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرى بىلەن دەۋزەخكە كىرىشكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ پەزلى مەرھەمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىش، گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا ئېلىپ بارىدىغان سالىھ ئەمەللەرگە چاقىرىدۇ، كىشىلەرگە ئىبرەت ئېلىپ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئايەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَيَسۡـَٔلُونَكَ عَنِ ٱلۡمَحِيضِۖ قُلۡ هُوَ أَذٗى فَٱعۡتَزِلُواْ ٱلنِّسَآءَ فِي ٱلۡمَحِيضِ وَلَا تَقۡرَبُوهُنَّ حَتَّىٰ يَطۡهُرۡنَۖ فَإِذَا تَطَهَّرۡنَ فَأۡتُوهُنَّ مِنۡ حَيۡثُ أَمَرَكُمُ ٱللَّهُۚ إِنَّ ٱللَّهَ يُحِبُّ ٱلتَّوَّٰبِينَ وَيُحِبُّ ٱلۡمُتَطَهِّرِينَ
ئى پەيغەمبەر! ساھابىلىرىڭ سەندىن ھەيز توغرۇلۇق سورايدۇ. سەن ئۇلارغا جاۋاپ بېرىپ: ھەيز ئەر ۋە ئايالغا زىيانلىقتۇر. ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار بىلەن جىنسى ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىڭلار. تاكى ھەيز قېنى ئۈزۈلۈپ ئۇلار يۇيۇنۇپ بولغۇچە ئاياللىرىڭلاردىن نېرى تۇرۇڭلار. ئاياللاردىن قان توختاپ ھەيزدىن پاك بولسا ئاللاھ سىلەرگە رۇخسەت قىلغان شەكىلدە يەنى ئاياللار ھەيزدىن پاك بولغاندا ئۇلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلساڭلار بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ گۇناھ مەئسىيەتتىن تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىنى، نىجاسەتلەردىن پاكلانغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
نِسَآؤُكُمۡ حَرۡثٞ لَّكُمۡ فَأۡتُواْ حَرۡثَكُمۡ أَنَّىٰ شِئۡتُمۡۖ وَقَدِّمُواْ لِأَنفُسِكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّكُم مُّلَٰقُوهُۗ وَبَشِّرِ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ
ئاياللىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن مېۋە چىقىدىغان ئېكىنزارلىققا ئوخشاش بولۇپ ئۇلار سىلەرگە پەرزەنت تۇغۇپ بېرىدۇ. سىلەر ئېكىنزارلىقىڭلارغا ئالدى تەرەپكە كېلىش شەرتى بىلەن خالىغان تەرەپتىن، خالىغىنىڭلارچە كېلىڭلار. ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئالدىنئالا ياخشى ئەمەل تەييارلاڭلار، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ۋە سالىھ پەرزەنت ئۈمىدى بىلەن ئەر كىشىنىڭ ئايالى بىلەن بىرگە بولىشىمۇ ياخشىلىقنىڭ قاتارىدىندۇر. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. ئاياللار ھەققىدە يولغا قويۇلغان ھۆكۈممۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. بىلىڭلاركى سىلەر قىيامەت كۈنى ئاللاھقا ئۇچرىشىسىلەر، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىسىلەر، ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىلىدۇ. ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرگە، رەببىگە ئۇچراشقاندا ئۇلارنى خۇشال قىلىدىغان ئۈزۈلمەس نېئمەتلەر ۋە ئاللاھنىڭ مۇبارەك يۈزىگە قاراش بىلەن بىشارەت بەرگىن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا تَجۡعَلُواْ ٱللَّهَ عُرۡضَةٗ لِّأَيۡمَٰنِكُمۡ أَن تَبَرُّواْ وَتَتَّقُواْ وَتُصۡلِحُواْ بَيۡنَ ٱلنَّاسِۚ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىشنى ياخشىلىق قىلىش، تەقۋالىق ۋە كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشنى چەكلەيدىغان ھۆججەت قىلىۋالماڭلار، بەلكى ياخشىلىقنى تەرك ئېتىشكە قەسەم قىلغان بولساڭلار ياخشىلىقنى قىلىپ قەسىمىڭلارغا كەففارەت بېرىڭلار. ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر ، ئىش ھەرىكەتلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر ۋە ئەمىلىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بەرگۈچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• تحريم النكاح بين المسلمين والمشركين، وذلك لبُعد ما بين الشرك والإيمان.
شېرىك بىلەن ئىماننىڭ ئارىسى يىراق بولغىنىدەك، مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار ئارىسىدا نىكاھلىنىش ھارام قىلىندى.

• دلت الآية على اشتراط الولي عند عقد النكاح؛ لأن الله تعالى خاطب الأولياء لمّا نهى عن تزويج المشركين.
نىكاھتا ۋەلىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىگە مەزكۇر ئايەت دەلالەت قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ مۇشرىكلەرگە نىكاھلىنىشنى چەكلىگەندە خىتابنى ۋەلىلەرگە قىلدى.

• حث الشريعة على الطهارة الحسية من النجاسات والأقذار، والطهارة المعنوية من الشرك والمعاصي.
شەرىئەت نىجاسەتلەردىن ھېسسى جەھەتتىن پاك بولۇشقا، شېرىك ۋە گۇناھ مەئسىيەتلەردىن مەنىۋىي جەھەتتىن پاك بولۇشقا بۇيرىدى.

• ترغيب المؤمن في أن يكون نظره في أعماله - حتى ما يتعلق بالملذات - إلى الدار الآخرة، فيقدم لنفسه ما ينفعه فيها.
مۆئمىن دۇنيالىق ئىشلارنى قىلغاندا، ئاخىرەتتە مەنپەئەتى تىگىدىغان ئەمەللەرنى بۇرۇن قىلىشقا رىغبەتلىنىشى كېرەك.

لَّا يُؤَاخِذُكُمُ ٱللَّهُ بِٱللَّغۡوِ فِيٓ أَيۡمَٰنِكُمۡ وَلَٰكِن يُؤَاخِذُكُم بِمَا كَسَبَتۡ قُلُوبُكُمۡۗ وَٱللَّهُ غَفُورٌ حَلِيمٞ
ئاللاھ بىلەن قەسەم دېگەنگە ئوخشاش مەقسەتسىز تىلدىلا دىيىلگەن قەسەم ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتمايدۇ، كافارەت بېرىشمۇ كەلمەيدۇ ۋە ھېچقانداق جازامۇ يوق. ئەمما مەقسەتلىك قىلىنغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى جازاغا تارتىدۇ.ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِّلَّذِينَ يُؤۡلُونَ مِن نِّسَآئِهِمۡ تَرَبُّصُ أَرۡبَعَةِ أَشۡهُرٖۖ فَإِن فَآءُو فَإِنَّ ٱللَّهَ غَفُورٞ رَّحِيمٞ
ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەن كىشىلەر قەسەم ئىچكەن كۈندىن باشلاپ دەل تۆت ئاي كۈتۈپ تۇرىدۇ. مانا بۇ « ئىيلا » دەپ ئاتىلىدۇ. يېقىنچىلىق قىلماسلىققا قەسەم قىلغان تۆت ئاي مۇددەت ئىچىدە قايتىدىن ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىپ قالسا، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا كۆيۈمچاندۇر. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قەسەمدىن چىقىش ئۈچۈن كاففارەتنى يولغا قويدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِنۡ عَزَمُواْ ٱلطَّلَٰقَ فَإِنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئەگەر ئۇلار ئاياللىرىغا ئىزچىل يېقىنچىلىق قىلماسلىق ۋە ئۇلار بىلەن يېنىشىۋالماسلىق ئارقىلىق تالاق قىلىشنى نىيەت قىلغان بولسا، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ۋە نىيىتىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلارغا بۇنىڭغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلۡمُطَلَّقَٰتُ يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ ثَلَٰثَةَ قُرُوٓءٖۚ وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَن يَكۡتُمۡنَ مَا خَلَقَ ٱللَّهُ فِيٓ أَرۡحَامِهِنَّ إِن كُنَّ يُؤۡمِنَّ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَٰلِكَ إِنۡ أَرَادُوٓاْ إِصۡلَٰحٗاۚ وَلَهُنَّ مِثۡلُ ٱلَّذِي عَلَيۡهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ وَلِلرِّجَالِ عَلَيۡهِنَّ دَرَجَةٞۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ
تالاق قىلىنغان ئاياللار ئۈچ ھەيز ئۆتكۈچە توي قىلماي كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئېيتقان ئىمانىدا راستچىل بولسا ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدىكى ئاللاھ ياراتقان ھامىلىنى يوشۇرىشى دۇرۇس ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى ئىددەت مۇددىتى ئىچىدە تالاق قىلىش سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن نىزالارنى تۈگىتىپ، يارىشىپ قېلىشىنى نىيەت قىلسا ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلىشكە باشقىلارغا قارىغاندا ھەقلىقتۇر. ئۆرپ-ئادەتكە قارىتا ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولغىنىدەك ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئۈستىدە ھۇقۇق-مەجبۇرىيەتلىرى بولىدۇ. ئەرلەر ئاياللارنى باشقۇرۇش، تالاق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىبتۇر. ھېچ نەرسە ئاللاھدىن ئۈستۈن كېلەلمەيدۇ. ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملىرى ۋە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلطَّلَٰقُ مَرَّتَانِۖ فَإِمۡسَاكُۢ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ تَسۡرِيحُۢ بِإِحۡسَٰنٖۗ وَلَا يَحِلُّ لَكُمۡ أَن تَأۡخُذُواْ مِمَّآ ءَاتَيۡتُمُوهُنَّ شَيۡـًٔا إِلَّآ أَن يَخَافَآ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۖ فَإِنۡ خِفۡتُمۡ أَلَّا يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَا فِيمَا ٱفۡتَدَتۡ بِهِۦۗ تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ فَلَا تَعۡتَدُوهَاۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئەر قايتا يارىشالايدىغان تالاق ئىككى قېتىمدۇر. يەنى ئايالىنى تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يېنىۋالىدۇ ئاندىن كىيىن يەنە تالاق قىلىدۇ ئاندىن كېيىن يەنە يېنىۋالىدۇ. ئىككى قېتىم تالاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئايالىنى چىرايلىقچە نىكاھىدا تۇتۇپ قالىدۇ ياكى ئايالىنىڭ ھەق-ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلغان ئاساستا چىرايلىقچە ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلىدۇ. ئى ئەرلەر! ئايال ئېرىنى ئۇنىڭ ئەخلاقى ياكى چىرايى سەۋەبلىك ياقتۇرمىغان بولسا، بۇ سەۋەبتىن ئەر-ئايال ئۆزلىرى ئۈستىدىكى ھەقلەرگە رىئايە قىلالماسلىقىغا جەزم قىلغان بولسا، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا بەرگەن مېھرى ھەققىدىن ھېچقانداق نەرسىنى قايتۇرۋېلىشىڭلار دۇرۇس ئەمەس.( ئەر-ئايال بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە) ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ياكى باشقا يېقىنلىرىغا يەتكۈزۈشى كېرەك. ئەگەر ۋەلىلەر ئۇلارنىڭ ئەر-خوتۇنلۇق ھەق-ھۇقۇقلىرىنى ئادا قىلالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلسا، ئايالنىڭ ئېرىگە تالىقىنى ئېلىش مەقسىتىدە مال بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئەر-ئايالغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. بۇ ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئارىسىنى ئايرىيدىغان شەرئى ئەھكاملاردۇر. سىلەر بۇ ھۆكۈملەرگە خىلاپلىق قىلماڭلار. كىمكى ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدىكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەنە شۇلار نەپسىنى ھالاكەتكە ئىتتىرىپ، ئۆزىنى ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىغا تەڭلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا تَحِلُّ لَهُۥ مِنۢ بَعۡدُ حَتَّىٰ تَنكِحَ زَوۡجًا غَيۡرَهُۥۗ فَإِن طَلَّقَهَا فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَآ أَن يَتَرَاجَعَآ إِن ظَنَّآ أَن يُقِيمَا حُدُودَ ٱللَّهِۗ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِ يُبَيِّنُهَا لِقَوۡمٖ يَعۡلَمُونَ
ئەر خوتۇنىنى ئۈچىنجى قېتىم تالاق قىلسا، خوتۇن باشقا ئەرگە بىرىنجى ئېرىگە ھالال بولۇشنى مەقسەت قىلماستىن، شەرتلىرىنى تولۇقلىغان شەكىلدە نىكاھلىنىپ، نىكاھدىن كېيىن ئىككىنجى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن جىنسى ئالاقە قىلمىغۇچە بىرىنجى ئەرنىڭ ئۇنىڭغا قايتىدىن نىكاھلىنىشى ھالال بولمايدۇ. ئىككىنجى ئەر ئۇنى تالاق قىلغان بولسا ياكى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا ئۇ بىرىنجى ئېرى بىلەن شەرئى ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىشقا ئىشەنچ قىلالىغان ھالدا يېڭى مېھرى ۋە يېڭى نىكاھ بىلەن(ئىددەت توشقاندىن كىيىن) يېنىشىۋالغان بولسا ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ بۇلارنى ھۆكۈملىرىنى ۋە بەلگىلىمىلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• بيَّن الله تعالى أحكام النكاح والطلاق بيانًا شاملًا حتى يعرف الناس حدود الحلال والحرام فلا يتجاوزونها.
ئاللاھ كىشىلەرنىڭ ھالال ۋە ھارام توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلماسلىقى ئۈچۈن نىكاھ ۋە تالاقنىڭ ھۆكۈملىرىنى تۇلۇق بايان قىلدى.

• عظَّم الله شأن النكاح وحرم التلاعب فيه بالألفاظ فجعلها ملزمة، وألغى التلاعب بكثرة الطلاق والرجعة فجعل لها حدًّا بطلقتين رجعيتين ثم تحرم عليه إلا أن تنكح زوجا غيره ثم يطلقها، أو يموت عنها.
ئاللاھ نىكاھنىڭ شەئنىنى ئۈستۈن قىلىپ، نىكاھ لەۋزىلىرىنى ئوينىشىپ ئىشلىتىشنى ھارام قىلدى،تالاق قىلىش ۋە تالاقتىن يېنىۋېلىشنى كۆپ قىلىش ئارقىلىق ( ئاياللارنى ) ئۇيۇنچاق قىلىۋىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېنىۋېلىشقا بولىدىغان تالاقنىڭ ئىككى قېتىم بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى. ئۈچىنجى قېتىم ئايال كىشى باشقا بىر ئەر بىلەن توي قىلىپ ئاندىن ئۇ ئەر ئۇنى تالاق قىلمىغۇچە ئۇ ئايال بىرىنجى ئىرىگە ھارام بولىدۇ.

• المعاشرة الزوجية تكون بالمعروف، فإن تعذر ذلك فلا بأس من الطلاق، ولا حرج على أحد الزوجين أن يطلبه.
ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش چىرايلىقچە بولىشى لازىم. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئايرىلىپ كەتسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئەر-ئايالنىڭ بىرەرسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشىمۇ گۇناھ ئەمەستۇر.

وَإِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖۚ وَلَا تُمۡسِكُوهُنَّ ضِرَارٗا لِّتَعۡتَدُواْۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ وَلَا تَتَّخِذُوٓاْ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ هُزُوٗاۚ وَٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ وَمَآ أَنزَلَ عَلَيۡكُم مِّنَ ٱلۡكِتَٰبِ وَٱلۡحِكۡمَةِ يَعِظُكُم بِهِۦۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئەگەر سىلەر ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشاي دەپ قالغان بولسا ئىددىتى توشقىچە ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يارىشىڭلار ياكى يانماستىن چىرايلىقچە قويىۋىتىڭلار. جاھىلىيەت دەۋرىدىكىدەك ئۇلارغا زىيان يەتكۈزۈش مەقسىتىدە يېنىشماڭلار. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن ئۆزىنى گۇناھقا ۋە جازاغا توغرىلاش ئارقىلىق ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئوينىشىپ مەسخىرە قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار. سىلەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئان ۋە سۈننەت، ئاتا قىلىنغان نېئمەتلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسىدۇر. ئاللاھ رەھمىتىگە قىزىقتۇرۇش ۋە ئازابىدىن قورقۇتۇش ئۈچۈن سىلەرگە بۇ نېئمەتلەرنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ سىلەرگە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَبَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا تَعۡضُلُوهُنَّ أَن يَنكِحۡنَ أَزۡوَٰجَهُنَّ إِذَا تَرَٰضَوۡاْ بَيۡنَهُم بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ ذَٰلِكَ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ مِنكُمۡ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۗ ذَٰلِكُمۡ أَزۡكَىٰ لَكُمۡ وَأَطۡهَرُۚ وَٱللَّهُ يَعۡلَمُ وَأَنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ
ئى ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى! ئەگەر ئاياللىرىڭلارنى ئۈچتىن ئاز تالاق قىلغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقاندا قائىدە بويىچە بۇرۇنقى ئىرى بىلەن پۈتۈشۈپ رازىلىق بىلدۈرگەن بولسا، ئۇلارنى نىكاھلىنىشتىن توسىماڭلار. بۇ ھۆكۈم ئارقىلىق ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىلەرگە نەسىھەت قىلىنىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭلارنى كۆپەيتىدۇ ۋە يۈز-ئابرويىڭلارنى، مال-دۇنيالىرىڭلارنى كىرلاردىن ئەڭ پاكلىغۇچىدۇر. ئاللاھ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتىنى ۋە ئاقىۋىتىنى بىلىپ تۇرىدۇ، ھالبۇكى سىلەر بىلمەيسىلەر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ وَٱلۡوَٰلِدَٰتُ يُرۡضِعۡنَ أَوۡلَٰدَهُنَّ حَوۡلَيۡنِ كَامِلَيۡنِۖ لِمَنۡ أَرَادَ أَن يُتِمَّ ٱلرَّضَاعَةَۚ وَعَلَى ٱلۡمَوۡلُودِ لَهُۥ رِزۡقُهُنَّ وَكِسۡوَتُهُنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۚ لَا تُكَلَّفُ نَفۡسٌ إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَا تُضَآرَّ وَٰلِدَةُۢ بِوَلَدِهَا وَلَا مَوۡلُودٞ لَّهُۥ بِوَلَدِهِۦۚ وَعَلَى ٱلۡوَارِثِ مِثۡلُ ذَٰلِكَۗ فَإِنۡ أَرَادَا فِصَالًا عَن تَرَاضٖ مِّنۡهُمَا وَتَشَاوُرٖ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡهِمَاۗ وَإِنۡ أَرَدتُّمۡ أَن تَسۡتَرۡضِعُوٓاْ أَوۡلَٰدَكُمۡ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِذَا سَلَّمۡتُم مَّآ ءَاتَيۡتُم بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٞ
ئانىلار بالىلارنى ئېمىتىش مۇددىتىدە تولۇق ئېمىتمەكچى بولسا تۇلۇق ئىككى يىل ئېمىتىشى لازىم. شەرىئەتكە زىت بولمىغان قائىدە بويىچە نەپىقە ۋە كىيىم-كېچەك بېرىشى لازىم. ئاللاھ بىر كىشىنى قۇدرىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرۇمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى يەنە بىرىگە زىيان سېلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىشى توغرا ئەمەس. دادا يوق بولۇپ، بوۋاقنىڭ مال-دۇنياسى بولمىسا ئاتىنىڭ ۋارىسى ئاتىغا ئوخشاش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئەگەر ئاتا-ئانا بالىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ كېڭەشكەندىن كېيىن بالىنى ئىككى يىل توشماستا ئايرىۋەتمەكچى بولسا ئۇلارغا ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر بالىلىرىڭلارنى ئېنىك ئانىلارغا ئېمىتمەكچى بولساڭلار، ئۇلار بىلەن كېلىشكەن ھەقنى كېمەيتمەستىن ۋە ئۇزۇنغا سوزىۋەتمەستىن چىرايلىقچە بەرسەڭلار سىلەرگە ھېچقانداق گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىنى ئورۇنداش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇڭلار. بىلىڭلاركى ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھقا بۇلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• نهي الرجال عن ظلم النساء سواء كان بِعَضْلِ مَوْلِيَّتِه عن الزواج، أو إجبارها على ما لا تريد.
مەيلى قول ئاستىدىكىلەرنى توي قىلىشتىن چەكلەش بولسۇن ياكى ئۇلارنى خالىمىغان ئىشلارغا مەجبۇرلاش بولسۇن، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا زۇلۇم قىلىشى چەكلىنىدۇ.

• حَفِظَ الشرع للأم حق الرضاع، وإن كانت مطلقة من زوجها، وعليه أن ينفق عليها ما دامت ترضع ولده.
ئانا گەرچە تالاق قىلىنغان بولسىمۇ، شەرىئەت ئۇنىڭ ئېمىتىش ھەققىنى قوغدىدى. ئانا بالىنى ئېمىتىۋاتقان بولسىلا، دادىنىڭ ئانا بولغۇچىغا ھەق بېرىشى ۋاجىپ بولىدۇ.

• نهى الله تعالى الزوجين عن اتخاذ الأولاد وسيلة يقصد بها أحدهما الإضرار بالآخر.
ئاللاھ ئەر-ئايالنىڭ بالىلارنى بىر-بىرىگە زىيان سېلىش ۋاستىسى قېلىۋېلىشتىن چەكلىدى.

• الحث على أن تكون كل الشؤون المتعلقة بالحياة الزوجية مبنية على التشاور والتراضي بين الزوجين.
ئەر-ئاياللىق ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئىشلارنى ئەر-ئايال ئارىسىدا مەسلىھەتلىشىش ۋە رازى بولۇش ئۈستىگە قۇرۇشقا چاقىردى.

وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا يَتَرَبَّصۡنَ بِأَنفُسِهِنَّ أَرۡبَعَةَ أَشۡهُرٖ وَعَشۡرٗاۖ فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ بِٱلۡمَعۡرُوفِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى ھامىلدار ئەمەس ھالەتتە قېلىپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم. ئۇلار ئىددەت مەزگىلىدە ئەرنىڭ ئۆيىدىن چىقىشتىن، زىننەتلىنىشتىن، توي قىلىشتىن چەكلىنىدۇ. ئى ئاياللارنىڭ ۋەلىلىرى! ئەگەر ئىددەت مۇددىتى تۈگىسە ئۇلار شەرئى قائىدە بويىچە ئىددەت مەزگىلىدە چەكلىنىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا سىلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. ئاللاھ قىلىۋاتقانلىرىڭلاردىن خەۋەرداردۇر. ئاللاھقا سىلەرنىڭ ئاشكارا-يۇشۇرۇن ئىشلىرىڭلاردىن ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس. ئاللاھ سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِيمَا عَرَّضۡتُم بِهِۦ مِنۡ خِطۡبَةِ ٱلنِّسَآءِ أَوۡ أَكۡنَنتُمۡ فِيٓ أَنفُسِكُمۡۚ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ سَتَذۡكُرُونَهُنَّ وَلَٰكِن لَّا تُوَاعِدُوهُنَّ سِرًّا إِلَّآ أَن تَقُولُواْ قَوۡلٗا مَّعۡرُوفٗاۚ وَلَا تَعۡزِمُواْ عُقۡدَةَ ٱلنِّكَاحِ حَتَّىٰ يَبۡلُغَ ٱلۡكِتَٰبُ أَجَلَهُۥۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ فَٱحۡذَرُوهُۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَفُورٌ حَلِيمٞ
ئېرى ئۆلۈپ كېتىپ ياكى تالاق قىلغانلىقتىن ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئۇچۇق سۆزلىمەستىن ئۇلارنى ئالىدىغانلىقىڭلارنى پۇرىتىپ ئۆتسەڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. مەسىلەن: ئىددىتىڭىز توشسا ماڭا خەۋەر قىلىڭ، دېگەنگە ئوخشاش. ئىددەت تۇتۇۋاتقان ئايالغا ئىددىتى تۈگىگەندىن كىيىن نىكاھلىنىشنى كۆڭلىڭلاردا مەخپى تۇتساڭلارمۇ سىلەرگە ھېچ گۇناھ يوق. سىلەر ئۇلارغا قاتتىق ئىنتىزار بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئېغىز ئاچىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇچۇق سۆزلىمەستىن پۇرىتىپ گەپ قىلىشىڭلارغا رۇخسەت قىلدى. ئىددەت مۇددىتىدە سىلەر ئۇلار بىلەن يوشۇرۇن ۋەدىلىشىپ قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. پەقەت چىرايلىق سۆزلەرنى قىلساڭلار بولىدۇ. ئىددەت مەزگىلىدە سىلەر ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشنى بەل باغلىماڭلار. بىلىڭلاركى، ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا يۇشۇرغان سىلەر ئۈچۈن رۇخسەت بولغان ۋە ھارام بولغان نەرسىلەرنى بىلىدۇ. ھەزەر ئەيلەڭلار، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا قارشى چىقىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. بىلىڭلاركى ئاللاھ بەندىلىرى ئىچىدىن تەۋبە قىلغان كىشىلەرنى ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ھەلىمدۇر جازالاشقا ئالدىرىمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَّا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ إِن طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ مَا لَمۡ تَمَسُّوهُنَّ أَوۡ تَفۡرِضُواْ لَهُنَّ فَرِيضَةٗۚ وَمَتِّعُوهُنَّ عَلَى ٱلۡمُوسِعِ قَدَرُهُۥ وَعَلَى ٱلۡمُقۡتِرِ قَدَرُهُۥ مَتَٰعَۢا بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُحۡسِنِينَ
ئەگەر سىلەر نىكاھلاپ ئالغان ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلماي ياكى مېھرى ھەققى تەيىنلىمەي تۇرۇپ تالاق قىلساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنى بۇ ھالەتتە تالاق قىلساڭلار سىلەرگە ئاياللارغا مېھرى ھەققى بېرىش كەلمەيدۇ. پەقەت ئۇلارغا مال دۇنياسى كۆپ باي بوسۇن ياكى يوقسۇل بولسۇن قۇدرىتى يەتكەن دائىرىدە ئۇلار مەنپەئەتلىنىدىغان ۋە كۆڭۈل ئازابىنى يەڭگىلەشتۈرىدىغان (يەنى بەلگىلىك مىقداردا پۇل-مال) بېرىشىڭلار كېرەك. بۇ ئىش-ھەرىكەت ياخشىلىق قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن طَلَّقۡتُمُوهُنَّ مِن قَبۡلِ أَن تَمَسُّوهُنَّ وَقَدۡ فَرَضۡتُمۡ لَهُنَّ فَرِيضَةٗ فَنِصۡفُ مَا فَرَضۡتُمۡ إِلَّآ أَن يَعۡفُونَ أَوۡ يَعۡفُوَاْ ٱلَّذِي بِيَدِهِۦ عُقۡدَةُ ٱلنِّكَاحِۚ وَأَن تَعۡفُوٓاْ أَقۡرَبُ لِلتَّقۡوَىٰۚ وَلَا تَنسَوُاْ ٱلۡفَضۡلَ بَيۡنَكُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ئەگەر سىلەر نىكاھلانغان ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئىلگىرى ۋە ئۇلارغا مېھرى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن تالاق قىلساڭلار تەيىنلەنگەن مېھرىنىڭ يېرىمىنى بېرىڭلار. ئەمما ئاياللار ئۆتۈنسە، ياكى ئەرلەر مېھرىنى تۇلۇق ئۇلارغا بېرىش ئارقىلىق ئەرلەر ئۆتۈنسە بۇ ئىلگىرىكى ھۆكۈمدىن مۇستەسنادۇر. ئۆز-ئارا ھەقلەردىن ئۆتۈنۈش ئاللاھتىن قورقۇشقا ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا ئەڭ يېقىندۇر. ئى كىشىلەر! ئۆز-ئارا پەزلى مەرھەمەت قىلىشنى ۋە ھەق-ھوقۇق ئىشلىرىدا كەڭ قورساق بولۇشنى تاشلىماڭلار. ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغىچىدۇر. ئاللاھنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ياخشىلىق قىلىشقا تىرىشىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مشروعية العِدة على من توفي عنها زوجها بأن تمتنع عن الزينة والزواج مدة أربعة أشهر وعشرة أيام.
ئېرى ئۆلۈپ قالغان ئايالنىڭ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى ۋە بۇ جەرياندا زىننەتلىنىش ۋە توي قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھاراملىقى يولغا قويۇلدى.

• معرفة المؤمن باطلاع الله عليه تَحْمِلُه على الحذر منه تعالى والوقوف عند حدوده.
مۆئمىننىڭ ئاللاھنىڭ بارلىق ئىشلاردىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى بىلىشى بولسا، ئۇنى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدە توختاشقا ۋە ئاللاھقا گۇناھ قىلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

• الحث على المعاملة بالمعروف بين الأزواج والأقارب، وأن يكون العفو والمسامحة أساس تعاملهم فيما بينهم.
ئەر-ئاياللار، ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا ئۆزئارا چىرايلىقچە مۇئامىلىدە بولۇش، ئەپۇچانلىق ۋە كەڭ قورساقلىق ئاساسىدا بولۇشى لازىم.

حَٰفِظُواْ عَلَى ٱلصَّلَوَٰتِ وَٱلصَّلَوٰةِ ٱلۡوُسۡطَىٰ وَقُومُواْ لِلَّهِ قَٰنِتِينَ
نامازلارنى ئاللاھ بۇيرىغىنىدەك ئادا قىلىش ئارقىلىق نامازلارغا ئەھمىيەت بېرىڭلار. نامازلار ئارىسىدا ئەسىر نامىزىغا ئەھمىيەت بېرىڭلار. نامىزىڭلاردا ئاللاھقا ئىتائەتمەنلىك ۋە خۇشۇئ بىلەن تۇرۇڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِنۡ خِفۡتُمۡ فَرِجَالًا أَوۡ رُكۡبَانٗاۖ فَإِذَآ أَمِنتُمۡ فَٱذۡكُرُواْ ٱللَّهَ كَمَا عَلَّمَكُم مَّا لَمۡ تَكُونُواْ تَعۡلَمُونَ
ئەگەر سىلەر دۈشمەندىن قورقساڭلار، شۇ سەۋەبلىك نامازلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا قادىر بولالمىساڭلار، پىيادە ياكى تۆگە ۋە ئاتلارغا مىنگەن ھالەتتە ياكى سىلەر قانداق شەكىلدە قادىر بولالىساڭلار شۇ ھالىتىڭلاردا ئادا قىلىڭلار. ئامانلىق تاپقىنىڭلاردا ئاللاھ سىلەرگە بىلدۈرگىنىدەك ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار. تولۇق ۋە مۇكەممەل شەكىلدە ئادا قىلىنغان نامازدا ئاللاھنى ياد ئېتىشمۇ بۇنىڭ قاتارىدىندۇر. سىلەر ئىلگىرى بىلمەيدىغان نۇر ۋە ھىدايەتنى سىلەرگە بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱلَّذِينَ يُتَوَفَّوۡنَ مِنكُمۡ وَيَذَرُونَ أَزۡوَٰجٗا وَصِيَّةٗ لِّأَزۡوَٰجِهِم مَّتَٰعًا إِلَى ٱلۡحَوۡلِ غَيۡرَ إِخۡرَاجٖۚ فَإِنۡ خَرَجۡنَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيۡكُمۡ فِي مَا فَعَلۡنَ فِيٓ أَنفُسِهِنَّ مِن مَّعۡرُوفٖۗ وَٱللَّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئايالى قېلىپ قالغانلار، ئاياللىرىنىڭ ئۇچرىغان مۇسىبەتلىرىگە تەسەللى بېرىش ۋە مېيىتقا ۋاپادارلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مېيتنىڭ ۋارىسلىرى ئۇلارنى ئۆيدىن چىقىرىۋەتمەستىن، تۇلۇق بىر يىلغىچە تۇرىدىغان ئۆي ۋە نەپىقە بېرىشىنى ۋەسىيەت قىلسۇن. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرى چىقىپ كەتسە ئۇلارنىڭ زىننەتلىنىشى ۋە خۇشپۇراق ئىشلىتىشىدە سىلەرگىمۇ ۋە ئۇلارغىمۇ ھېچقانداق گۇناھ يوق. ئاللاھ غالىبتۇر. ئاللاھتىن غالىب كەلگۈچى يوقدۇر. ئاللاھ ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھۆكۈملەرنى يولغا قويۇشتا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. كۆپچىلىك تەپسىرشۇناسلار بۇ ئايەتنىڭ ھۆكمى ئاللاھ تائالانىڭ: «ئىچىڭلاردا ئۆزى ۋاپات بولۇپ ئاياللىرى قېلىپ قالغان كىشىلەر بولسا، ئاياللىرى تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتۇشى لازىم» دېگەن ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا بىرلىككە كەلگەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلِلۡمُطَلَّقَٰتِ مَتَٰعُۢ بِٱلۡمَعۡرُوفِۖ حَقًّا عَلَى ٱلۡمُتَّقِينَ
تالاق قىلىنغان ئاياللارغا قائىدە بويىچە ئەرنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تالاق سەۋەبلىك ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، مال-مۈلۈك، كىيىم كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى بېرىشى لازىم. بۇ ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بەجا كەلتۈرۈش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغۇچىلارغا بېكىتىلگەن ھۆكۈمدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمۡ ءَايَٰتِهِۦ لَعَلَّكُمۡ تَعۡقِلُونَ
ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ چۈشىنىپ ئەمەل قىلىشىڭلار ۋە دۇنيا-ئاخىرەتتە ياخشىلىققا ئىرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ بەلگىلىمە ۋە ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئايەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك بايان قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِينَ خَرَجُواْ مِن دِيَٰرِهِمۡ وَهُمۡ أُلُوفٌ حَذَرَ ٱلۡمَوۡتِ فَقَالَ لَهُمُ ٱللَّهُ مُوتُواْ ثُمَّ أَحۡيَٰهُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلنَّاسِ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَشۡكُرُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۆزلىرى كۆپ تۇرۇغلۇق ۋابا ۋە باشقا كېسەللەر سەۋەبىدىن ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۆيلىرىدىن چىققان ئىسرائىل ئوغۇللىرىدىن خەۋىرىڭ يوقمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارغا: «ئۆلۈڭلار»دېدى ئۇلار ئۆلدى، ئاندىن كېيىن ئاللاھ پۈتۈن ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھېچقانداق پايدا زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئۇلارغا بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنى قايتىدىن تىرىلدۈردى. ئاللاھ ئىنسانلارغا ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر، لېكىن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكرى قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَٰتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٞ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش ۋە ئاللاھنىڭ سۆزىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن جىھاد قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ سۆزلىرىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرغىچىدۇر، نىيەت ۋە قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، سىلەرگە ئەمەللىرىڭلارغا ئاساسەن جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَّن ذَا ٱلَّذِي يُقۡرِضُ ٱللَّهَ قَرۡضًا حَسَنٗا فَيُضَٰعِفَهُۥ لَهُۥٓ أَضۡعَافٗا كَثِيرَةٗۚ وَٱللَّهُ يَقۡبِضُ وَيَبۡصُۜطُ وَإِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ
كىمكى مېلىنىڭ ئۆزىگە ھەسسىلەپ قايتىپ كىلىشى ئۈچۈن، ئىچىدىن چىقىرىپ توغرا نىيەت بىلەن قەرز بەرگۈچىدەك مېلىنى ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ھىكمىتى ۋە ئادالىتى بىلەن رىزىقنى ۋە تەن ساقلىقنى تارمۇ قىلىدۇ ۋە كەڭرىمۇ قىلىدۇ. ئاخىرەتتە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرىسىلەر. ئاللاھ ئەمەللىرىڭلارغا قاراپ جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• الحث على المحافظة على الصلاة وأدائها تامة الأركان والشروط، فإن شق عليه صلَّى على ما تيسر له من الحال.
نامازنى شەرت ۋە رۇكنىلىرىنى تۇلۇقلاپ ئادا قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش، ئەگەر نامازنى ئادا قىلىش (كېسەل ياكى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلى) مۇشەققەت بولسا، ئۆزىگە قولاي بولغان شەكىلدە ئوقۇيدۇ.

• رحمة الله تعالى بعباده ظاهرة، فقد بين لهم آياته أتم بيان للإفادة منها.
ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمىتى ئاشكارىدۇر. ئاللاھ ئۇلارغا ئايەتلىرىنى ئۇلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەڭ تۇلۇق شەكىلدە بايان قىلدى.

• أن الله تعالى قد يبتلي بعض عباده فيضيِّق عليهم الرزق، ويبتلي آخرين بسعة الرزق، وله في ذلك الحكمة البالغة.
ھەقىقەتەن ئاللاھ بەزى بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى تار، بەزى بەندىلىرىنىڭ رىزقىنى كەڭرى قىلىش ئارقىلىق سىنايدۇ. ئاللاھنىڭ بۇ سىنىقىدا ئۇلۇغ ھېكمەت باردۇر.

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلۡمَلَإِ مِنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ مِنۢ بَعۡدِ مُوسَىٰٓ إِذۡ قَالُواْ لِنَبِيّٖ لَّهُمُ ٱبۡعَثۡ لَنَا مَلِكٗا نُّقَٰتِلۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِۖ قَالَ هَلۡ عَسَيۡتُمۡ إِن كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلۡقِتَالُ أَلَّا تُقَٰتِلُواْۖ قَالُواْ وَمَا لَنَآ أَلَّا نُقَٰتِلَ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَقَدۡ أُخۡرِجۡنَا مِن دِيَٰرِنَا وَأَبۡنَآئِنَاۖ فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقِتَالُ تَوَلَّوۡاْ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِٱلظَّٰلِمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ساڭا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن كېيىن ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بولغان كاتتا كىشىلەرنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبىرىگە: بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى! دېيىشتى. پەيغەمبەر ئۇلارغا: سىلەرگە جىھاد پەرز قىلىنسا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلماي قالارسىلەرمۇ؟ دېدى. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدىكى ئويىنى ئىنكار قىلىپ: بىزنىڭ جىھادقا چىقىشىمىزنى تەقەززا قىلىدىغان ئىشلار بار تۇرسا، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن بىزنى نېمە چەكلەيدۇ؟ دۈشمەنلىرىمىز بىزنى يۇرتلىرىمىزدىن قوغلاپ چىقاردى، بالىلىرىمىزنى ئەسىر ئالدى، ۋەتىنىمىزنى قولىمىزغا قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ئەسىرلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىمىز دېدى. ئاللاھ ئۇلارغا جىھادنى پەرز قىلغان چاغدا ئازغىنىسىدىن باشقىسى قىلغان ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلماي يۈز ئۆرىدى. ئاللاھ بۇيرىقىدىن يۈز ئۆرىگەن، ئەھدىسىنى بۇزغان زالىملارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر ۋە ئۇلارغا ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ لَهُمۡ نَبِيُّهُمۡ إِنَّ ٱللَّهَ قَدۡ بَعَثَ لَكُمۡ طَالُوتَ مَلِكٗاۚ قَالُوٓاْ أَنَّىٰ يَكُونُ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ عَلَيۡنَا وَنَحۡنُ أَحَقُّ بِٱلۡمُلۡكِ مِنۡهُ وَلَمۡ يُؤۡتَ سَعَةٗ مِّنَ ٱلۡمَالِۚ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ ٱصۡطَفَىٰهُ عَلَيۡكُمۡ وَزَادَهُۥ بَسۡطَةٗ فِي ٱلۡعِلۡمِ وَٱلۡجِسۡمِۖ وَٱللَّهُ يُؤۡتِي مُلۡكَهُۥ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
پەيغەمبەر ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە قوماندانلىقى ئاستىدا جىھاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن تالۇتنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ ئەۋەتتى، دېدى. ئۇلارنىڭ كاتتىلىرى ئاللاھنىڭ بۇ تاللىشىغا ئىتىراز بىلدۈرۈپ: ئۇ، قانداقسىگە بىزگە پادىشاھ بولىدۇ؟ بىز پادىشاھلىققا ئۇنىڭدىنمۇ ھەقلىقراقمىز، چۈنكى ئۇ پادىشاھ ئەۋلاتلىرىدىن ئەمەس، ئۇنىڭ پادىشاھلىققا ياردىمى تېگىدىغان كۆپ مال-مۈلكى يوق تۇرسا، دېدى. پەيغەمبەر ئۇلارغا: ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە پادىشاھ قىلىشقا ئۇنى تاللىدى، ئۇنىڭ ئىلمىنى زىيادە ۋە بەدىنىنى بەستىلىك قىلدى.ئاللاھ ھېكمىتى ۋە رەھمىتى بىلەن سەلتەنىتىنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭرى بولۇپ خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئۆز مەخلۇقاتلىرى ئىچىدىن ئۇ مەنسەپكە ھەقلىق بولغان كىشىنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَقَالَ لَهُمۡ نَبِيُّهُمۡ إِنَّ ءَايَةَ مُلۡكِهِۦٓ أَن يَأۡتِيَكُمُ ٱلتَّابُوتُ فِيهِ سَكِينَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَبَقِيَّةٞ مِّمَّا تَرَكَ ءَالُ مُوسَىٰ وَءَالُ هَٰرُونَ تَحۡمِلُهُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لَّكُمۡ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئۇلارغا پەيغەمبىرى ئېيتتىكى: ئۇنى سىلەرگە پادىشاھ قىلىپ تاللىشىنىڭ راستلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى، ئاللاھ سىلەرگە بىر ساندۇقنى كەلتۈرىدۇ -ئۇ ساندۇق ئىسرائىل ئەۋلادىدىن ئېلىۋېلىنغان بولۇپ ئۇلار ئۇ ساندۇقنى چوڭ بىلەتتى-ئۇنىڭدا ساندۇق بىلەن بىرگە سىلەرنى تەسكىن تاپقۇزىدىغان نەرسە ۋە مۇسانىڭ، ھارۇننىڭ ئائىلىسى قالدۇرۇپ كەتكەن مۇسانىڭ ھاسىسى تەۋرات يېزىلغان بىر قىسىم تاختايلارغا ئوخشاش نەرسىلەر بار. بۇلاردا ئەگەر سىلەر ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار ئەلۋەتتە سىلەر ئۈچۈن روشەن ئالامەتلەر بار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• التنبيه إلى أهم صفات القائد التي تؤهله لقيادة الناس؛ وهي العلم بما يكون قائدًا فيه، والقوة عليه.
رەھبەرنى رەھبەرلىك سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم سۈپەت؛ ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى بىلىشى ۋە باشقۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتىش.

• إرشاد من يتولى قيادة الناس إلى ألا يغتر بأقوالهم حتى يبلوهم، ويختبر أفعالهم بعد أقوالهم.
رەھبەرنى تاكى باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى سىناپ باقمىغۇچە ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئالدىنىپ قالماسلىققا يىتەكلەش.

• أن الاعتبارات التي قد تشتهر بين الناس في وزن الآخرين والحكم عليهم قد لا تكون هي الموازين الصحيحة عند الله تعالى، بل هو سبحانه يصطفي من يشاء من خلقه بحكمته وعلمه.
باشقىلارغا باھا بېرىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئۆلچەملەر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا توغرا ئۆلچەم بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما ئاللاھ ھېكمىتى ۋە چەكسىز ئىلمى بىلەن مەخلۇقاتلىرى ئارىسىدىن خالىغان كىشىنى تاللايدۇ.

فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلۡجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبۡتَلِيكُم بِنَهَرٖ فَمَن شَرِبَ مِنۡهُ فَلَيۡسَ مِنِّي وَمَن لَّمۡ يَطۡعَمۡهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّيٓ إِلَّا مَنِ ٱغۡتَرَفَ غُرۡفَةَۢ بِيَدِهِۦۚ فَشَرِبُواْ مِنۡهُ إِلَّا قَلِيلٗا مِّنۡهُمۡۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ مَعَهُۥ قَالُواْ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلۡيَوۡمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُواْ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٖ قَلِيلَةٍ غَلَبَتۡ فِئَةٗ كَثِيرَةَۢ بِإِذۡنِ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ
تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن شەھەردىن ئايرىلغان چاغدا ئەسكەرلىرىگە: ھەقىقەتەن ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، ئۇرۇشتا ماڭا ھەمراھمۇ بولمىسۇن. كىمكى دەريا سۈيىدىن تېتىمايدىكەن ئۇ ماڭا تەۋەدۇر، ماڭا ئۇرۇشتا ھەمراھ بولسۇن. ئۇنىڭدىن مەجبۇر بولۇپ قېلىپ، بىر ئوچۇم ئىچكەن كىشى بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ، دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قاتتىق ئۇسساپ كەتكەن بولسىمۇ سەۋر قىلغان ئازغىنە كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا ئۇلارنىڭ بىر قىسمى: بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، دېدى. شۇ چاغدا قىيامەت كۈنى ئاللاھقا مۇلاقەت بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن كىشىلەر: ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ياردىمى بىلەن ئاز مۆئمىن جامائە كۆپ كاپىر جامائەدىن غەلبە قىلىدۇ، دېدى. غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى بىلەن ئەمەس ئىشەنچ بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىدىن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلارغا نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَلَمَّا بَرَزُواْ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُواْ رَبَّنَآ أَفۡرِغۡ عَلَيۡنَا صَبۡرٗا وَثَبِّتۡ أَقۡدَامَنَا وَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: پەرۋەردىگارىمىز! قەلبىمىزنى چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، دۈشمىنىمىزنىڭ ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ قاچماسلىقىمىز ئۈچۈن قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى كۈچ-قۇۋۋىتىڭ بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن، دېدى.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَهَزَمُوهُم بِإِذۡنِ ٱللَّهِ وَقَتَلَ دَاوُۥدُ جَالُوتَ وَءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ وَٱلۡحِكۡمَةَ وَعَلَّمَهُۥ مِمَّا يَشَآءُۗ وَلَوۡلَا دَفۡعُ ٱللَّهِ ٱلنَّاسَ بَعۡضَهُم بِبَعۡضٖ لَّفَسَدَتِ ٱلۡأَرۡضُ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ ذُو فَضۡلٍ عَلَى ٱلۡعَٰلَمِينَ
مۆئمىنلەر ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن كاپىرلارنى مەغلۇپ قىلدى، داۋۇد ئۇلارنىڭ قوماندانى جالۇتنى ئۆلتۈردى. ئاللاھ داۋۇدقا سەلتەنەتنى، ھېكمەتنى بەردى. ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىلىق بولغان ئۆزى ئىرادە قىلغان ھەر تۈرلۈك ئىلىملەرنى ئۈگەتتى ۋە ئۇنىڭدا جەملىدى. كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى بەزىسى بىلەن مۇداپىيە قىلىپ تۇرۇش ئاللاھنىڭ قانۇنيىتى بولمىسا ئىدى، يەر يۈزىنى بۇزغۇنچىلار ئىگەللەش ئارقىلىق، يەر يۈزى خاراپلىققا يۈزلىنەتتى. لېكىن ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
تِلۡكَ ءَايَٰتُ ٱللَّهِ نَتۡلُوهَا عَلَيۡكَ بِٱلۡحَقِّۚ وَإِنَّكَ لَمِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ
ئى پەيغەمبەر! بۇ خەۋەرلىرىدە راستچىللىقنى، ئەھكاملىرىدا ئادالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاللاھنىڭ روشەن ئايەتلىرىدۇركى، ئۇنى بىز ساڭا ئوقۇپ بىرىمىز. سەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىدۇرسەن.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من حكمة القائد أن يُعرِّض جيشه لأنواع الاختبارات التي يتميز بها جنوده ويعرف الثابت من غيره.
قومانداننىڭ ئەسكەرلىرى ئارىسىدىن جەڭدە مۇستەھكەم تۇرىدىغان بىلەن تۇرمايدىغانلارنى ئايرىيدىغان ھەرخىل سىناقلارنى ئېلىپ بېرىشى بولسا، قومانداننىڭ دانالىقىدۇر.

• العبرة في النصر ليست بمجرد كثرة العدد والعدة فقط، وإنما معونة الله وتوفيقه أعظم الأسباب للنصر والظَّفَر.
غەلبە ساننىڭ كۆپلىكى ۋە تەييارلىق بىلەنلا بولمايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ۋە تەۋپىقى، زەپەر ۋە نۇسرەت قازىنىشتىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىندۇر.

• لا يثبت عند الفتن والشدائد إلا من عَمَرَ اليقينُ بالله قلوبَهم، فمثل أولئك يصبرون عند كل محنة، ويثبتون عند كل بلاء.
پىتنە ۋە قىيىنچىلىق يۈز بەرگەن چاغدا پەقەت قەلبلىرىدە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچ ئورۇن ئالغان كىشىلەرلا مۇستەھكەم تۇرالايدۇ. ئۇلار ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ھەر قانداق مۇسىبەت يۈز بەرگەندە مۇستەھكەم تۇرىدۇ.

• الضراعة إلى الله تعالى بقلب صادق متعلق به من أعظم أسباب إجابة الدعاء، ولا سيما في مواطن القتال.
ئاللاھقا باغلانغان راستچىل قەلب بىلەن ئاللاھقا يالۋۇرۇش، بولۇپمۇ جىھاد مەيدانلىرىدا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىش، دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىدىكى ئەڭ بۈيۈك سەۋەبلەردىن بىرىدۇر.

• من سُنَّة الله تعالى وحكمته أن يدفع شر بعض الخلق وفسادهم في الأرض ببعضهم.
يەر يۈزىدە كىشىلەرنىڭ يامانلىق ۋە بۇزۇقچىلىقىنى بەزى كىشىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق توسۇش ئاللاھنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ھېكمىتىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

۞ تِلۡكَ ٱلرُّسُلُ فَضَّلۡنَا بَعۡضَهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۘ مِّنۡهُم مَّن كَلَّمَ ٱللَّهُۖ وَرَفَعَ بَعۡضَهُمۡ دَرَجَٰتٖۚ وَءَاتَيۡنَا عِيسَى ٱبۡنَ مَرۡيَمَ ٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَيَّدۡنَٰهُ بِرُوحِ ٱلۡقُدُسِۗ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلَ ٱلَّذِينَ مِنۢ بَعۡدِهِم مِّنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ وَلَٰكِنِ ٱخۡتَلَفُواْ فَمِنۡهُم مَّنۡ ءَامَنَ وَمِنۡهُم مَّن كَفَرَۚ وَلَوۡ شَآءَ ٱللَّهُ مَا ٱقۡتَتَلُواْ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَفۡعَلُ مَا يُرِيدُ
بىز ساڭا ئىسمىنى زىكىر قىلغان ئاشۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ بەزىسىنى ۋەھيى، ئەگىشىش ۋە دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىشى قاتارلىق تەرەپلەردە بەزىسىدىن ئۈستۈن قىلدۇق، شۇنىڭدەك، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەر بىلەن ئاللاھ سۆزلەشتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قىلدى، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنى ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتى، پەيغەمبەرلىكنى ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتۇردى، ئۇنىڭ ئۈممىتىنى باشقا ئۈممەتلەردىن پەزىلەتلىك قىلدى. مەريەم ئوغلى ئىساغا ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، گاچىلارنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىشقا ئوخشاش روشەن مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلدۇق. ئۇنى ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى ئورۇنلاشتا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۈچلەندۈردۇق. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلاردىن كېيىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا روشەن دەلىللەرنى ئىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشتى ۋە بۆلۈندى، بەزىسى ئاللاھقا ئىمان ئېيتتى، بەزىسى كاپىر بولدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئۆز-ئارا ئۇرۇشمىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ، خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن ئىمانغا ھىدايەت قىلىدۇ ۋە خالىغان كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەدلى ۋە ھېكمىتى بىلەن ئازدۇرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِمَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا بَيۡعٞ فِيهِ وَلَا خُلَّةٞ وَلَا شَفَٰعَةٞۗ وَٱلۡكَٰفِرُونَ هُمُ ٱلظَّٰلِمُونَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! قىيامەت كۈنى بولۇشتىن ئىلگىرى بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن تۈرلۈك ھالال مال-مۈلۈكلەردىن ياخشىلىق يوللىرىغا سەرپ قىلىڭلار، ئۈ كۈندە ئىنسان ئۆزىگە مەنپەئەتلىك نەرسىنى تاپىدىغان سودا-سېتىق بولمايدۇ، بەك ئېھتىياجلىق بولغاندا ئەسقاتىدىغان دوستلۇقمۇ بولمايدۇ، ئاللاھ ئۆزى رازى بولغان ۋە خالىغان كىشىگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن رۇخسەت بەرگەندىن باشقا، زىياننى يوق قىلىپ، پايدىنى كەلتۈرىدىغان ھېچقانداق ۋاسىتە بولمايدۇ، كاپىرلار ئاللاھ تائالاغا ئىمان ئېيتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەقىقى زالىملاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱللَّهُ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ٱلۡحَيُّ ٱلۡقَيُّومُۚ لَا تَأۡخُذُهُۥ سِنَةٞ وَلَا نَوۡمٞۚ لَّهُۥ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ مَن ذَا ٱلَّذِي يَشۡفَعُ عِندَهُۥٓ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦۚ يَعۡلَمُ مَا بَيۡنَ أَيۡدِيهِمۡ وَمَا خَلۡفَهُمۡۖ وَلَا يُحِيطُونَ بِشَيۡءٖ مِّنۡ عِلۡمِهِۦٓ إِلَّا بِمَا شَآءَۚ وَسِعَ كُرۡسِيُّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَۖ وَلَا يَـُٔودُهُۥ حِفۡظُهُمَاۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيُّ ٱلۡعَظِيمُ
بىر ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئەبەدى ھاياتتۇر. ئۇنىڭ ھاياتلىقى ئۆلۈم ۋە كەمچىللىكتىن خالى بولغان دائىمىي مۇكەممەل ھاياتتۇر. ئۇ ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى بولۇپ، ئۆز مەخلۇقاتلىرىدىن بىھاجەتتۇر، بارلىق مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىدارە قىلىشى بىلەن بولۇپ، ئۇلار ھەرقانداق ئەھۋالدا ئاللاھدىن بىھاجەت بولالمايدۇ، ئاللاھ مۇكەممەل ئەبەدىي ھاياتقا ئىگە ئىدارە قىلغۇچى بولۇپ، ئۇنى مۈگە باسمايدۇ ۋە ئۇيقۇ تۇتمايدۇ، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە نەرسە يەككە-يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر. ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ۋە رازىلىقىسىز ھېچكىم باشقا بىرىگە شاپائەت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئەمەس. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋە مۇستەقبەلدە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىلمىدىن ئاللاھ ئۇلارغا بىلدۈرۈشنى خالىغان ۋە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بىلدۈرگەن نەرسىلەردىن باشقا ھېچ نەرسىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھنىڭ ئىلمى چەكسىزدۇر. ئاللاھنىڭ كۇرسى يەنى، ئاللاھنىڭ ئىككى پۇتىنى قويۇدىغان ئورۇن بولۇپ، ئۇنىڭ كەڭرىلىكى ۋە كاتتىلىقى ئاسمان ۋە زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاسمان ـ زېمىننى مۇھاپىزەت قىلىش ئۇنىڭغا ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ۋە غالىپلىقى بىلەن يۇقىرى مەرتىۋىلىكتۇر، پادىشاھلىقى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدا ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَآ إِكۡرَاهَ فِي ٱلدِّينِۖ قَد تَّبَيَّنَ ٱلرُّشۡدُ مِنَ ٱلۡغَيِّۚ فَمَن يَكۡفُرۡ بِٱلطَّٰغُوتِ وَيُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱسۡتَمۡسَكَ بِٱلۡعُرۡوَةِ ٱلۡوُثۡقَىٰ لَا ٱنفِصَامَ لَهَاۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
ئىسلام دىنىدا ھېچ كىشىنى ئۇنىڭغا كىرىشكە زورلاش يوقتۇر، چۈنكى ئۇ ئوچۇق-ئاشكارا ھەق دىن بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنى ئۇنىڭغا كېرىشكە زورلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ھىدايەت گۇمراھلىقتىن روشەن ئايرىلدى، كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان بارلىق شەيتانىي كۈچ ۋە تۈزۈمنى ئىنكار قىلىپ، يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىكەن، ئۇ ساغلام دىندىن ئىبارەت (يەنى قىيامەت كۈنى نىجاتلىق ئۈچۈن ئۈزۈلمەيدىغان) مەھكەم تۇتقىنى مۇستەھكەم تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قارىتا جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• أن الله تعالى قد فاضل بين رسله وأنبيائه، بعلمه وحكمته سبحانه.
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە ھېكمىتى بىلەن پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىنىڭ ئارىسىنى پەزىلەتتە پەرقلىق قىلدى.

• إثبات صفة الكلام لله تعالى على ما يليق بجلاله، وأنه قد كلم بعض رسله كموسى ومحمد عليهما الصلاة والسلام.
ئاللاھ ئۈچۈن سۆزلەش دېگەن سۈپەتنى ئاللاھنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە لايىق بولغان شەكىلدە ئىسپاتلاش كېرەك، چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بەزى پەيغەمبەرلەرگە سۆز قىلدى.

• الإيمان والهدى والكفر والضلال كلها بمشيئة الله وتقديره، فله الحكمة البالغة، ولو شاء لهدى الخلق جميعًا.
ئىمان، ھىدايەت، كۇپرى ۋە ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەت بۇ ئىشلار ئاللاھنىڭ خالىشى ۋە تەقدىرى بىلەن بولىدۇ، ئاللاھ بۈيۈك ھېكمەت ئېگىسى بولۇپ، ئەگەر ئۇ خالىغان بولسا ئىدى، بارلىق ئىنسانلار ھىدايەت تاپقان بولاتتى.

• آية الكرسي هي أعظم آية في كتاب الله، لما تضمنته من ربوبية الله وألوهيته وبيان أوصافه .
ئايەتەلكۇرسى؛ ئاللاھ تائالانىڭ پەرۋەردىگارلىقتا، ئىلاھلىقتا، گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلىرىدە يەككە-يېگانىلىقى قاتارلىقلارنىڭ بايانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ كىتابىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئايەت ھېسابلىنىدۇ.

• اتباع الإسلام والدخول فيه يجب أن يكون عن رضًا وقَبول، فلا إكراه في دين الله تعالى.
ئىسلام دىنىغا كېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىش ئىختىيارى قوبۇل قىلىش ۋە رازىلىق بىلەن بولىشى لازىم، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىدا مەجبۇرلاش يوق

• الاستمساك بكتاب الله وسُنَّة رسوله أعظم وسيلة للسعادة في الدنيا، والفوز في الآخرة.
ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە چىڭ ئېسىلىش بولسا، دۇنيادا بەخت-سائادەتكە ئېرىشىش ۋە ئاخىرەتتە ئۇتۇق قازىنىشتىكى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

ٱللَّهُ وَلِيُّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ يُخۡرِجُهُم مِّنَ ٱلظُّلُمَٰتِ إِلَى ٱلنُّورِۖ وَٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ أَوۡلِيَآؤُهُمُ ٱلطَّٰغُوتُ يُخۡرِجُونَهُم مِّنَ ٱلنُّورِ إِلَى ٱلظُّلُمَٰتِۗ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
ئاللاھ ئىمان ئىيتقان مۆمىنلەرنىڭ ئىگىسىدۇر، ئۇلارنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ، ئۇلارنى كۇفرى ۋە نادانلىقنىڭ زۇلمەتلىرىدىن ئىمان ۋە ئىلىمنىڭ يورۇقلۇقىغا چىقىرىدۇ. كاپىرلارنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارغا كۇپىرنى چىرايلىق كۆرسەتكەن تاغۇتلاردۇر، ئۇلارنى ئىمان ۋە ئىلىمنىڭ يورۇقلۇقىدىن كۇپىرنىڭ ۋە گۇمراھلىقنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىغا چىقىرىدۇ. ئەنە شۇلار ئەھلى دوزىخىدۇر، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِي حَآجَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ فِي رَبِّهِۦٓ أَنۡ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ إِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّيَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا۠ أُحۡيِۦ وَأُمِيتُۖ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَأۡتِي بِٱلشَّمۡسِ مِنَ ٱلۡمَشۡرِقِ فَأۡتِ بِهَا مِنَ ٱلۡمَغۡرِبِ فَبُهِتَ ٱلَّذِي كَفَرَۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ
ئى پەيغەمبەر! ئاللاھنىڭ بىرلىكى ۋە پەرۋەردىگارلىقى توغرىسىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن نەمرۇدنى كۆرمىدىڭمۇ؟!، ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ: «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم ھەممە خالايىقنى تىرىلدۈرەلەيدۇ ۋە ئۇلارنى ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ زالىم ھەددىدىن ئېشىپ: «مەنمۇ ئۆلۈكنى تىرىلدۈرەلەيمەن، تىرىكنى ئۆلتۈرەلەيمەن، خالىغان كىشىنى ئۆلتۈرىمەن ۋە خالىغان كىشىنى ئەپۇ قىلىمەن» دېدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۇكراق دەلىلنى كەلتۈرۈپ: «مەن ئىبادەت قىلىدىغان ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. بۇنداق پاكىت ئالدىدا ئۇ كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەلىلى كۈچلۈك كەلدى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ئۇلارنىڭ زالىملىقى ۋە ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَوۡ كَٱلَّذِي مَرَّ عَلَىٰ قَرۡيَةٖ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَىٰ عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّىٰ يُحۡيِۦ هَٰذِهِ ٱللَّهُ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۖ فَأَمَاتَهُ ٱللَّهُ مِاْئَةَ عَامٖ ثُمَّ بَعَثَهُۥۖ قَالَ كَمۡ لَبِثۡتَۖ قَالَ لَبِثۡتُ يَوۡمًا أَوۡ بَعۡضَ يَوۡمٖۖ قَالَ بَل لَّبِثۡتَ مِاْئَةَ عَامٖ فَٱنظُرۡ إِلَىٰ طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمۡ يَتَسَنَّهۡۖ وَٱنظُرۡ إِلَىٰ حِمَارِكَ وَلِنَجۡعَلَكَ ءَايَةٗ لِّلنَّاسِۖ وَٱنظُرۡ إِلَى ٱلۡعِظَامِ كَيۡفَ نُنشِزُهَا ثُمَّ نَكۡسُوهَا لَحۡمٗاۚ فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُۥ قَالَ أَعۡلَمُ أَنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ
ياكى سەن تاملىرى ئۆرۈلۈپ، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان، ئادەملىرى ھالاك بولغان، خارابە شەھەردىن ئۆتكەن كىشىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ ئەجەبلىنىپ: «ئاللاھ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. ئاللاھ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تىرىلدۈردى. ئاللاھ پەرىشتە ئارقىلىق ئۇنىڭدىن: «بۇ ھالەتتە قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: بەلكى سەن تولۇق 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك- ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، ئۇ يېڭى ھالەتتە بۇزۇلمىغان؛ ئۆلۈك ئېشىكىڭگە قارىغىنكى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن، بىر-بىرىدىن ئاجرىغان بۇ سۆڭەكلەرگە گوش پەيدا قىلىپ، ئۇنىڭغا قايتا ھاياتلىق ئاتا قىلىمىز. ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز سېنى كىشىلەرگە ئۇلارنى ئۆلگەندىن كىيىن تېرىلدۇرىدىغان قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. يۇقىرىقى ئىشلار ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن ۋە ئاللاھنىڭ قۇدىرتىنى بىلگەن چاغدا، ئۇ بۇنى ئېتىراپ قىلىپ: «مەن ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من أعظم ما يميز أهل الإيمان أنهم على هدى وبصيرة من الله تعالى في كل شؤونهم الدينية والدنيوية، بخلاف أهل الكفر.
ئىمان ئەھلىنىڭ كاپىرلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى: ئۇلار ئۆزىنىڭ دىن ۋە دۇنيالىق بارلىق ئىشلىرىدا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان ھىدايەت ۋە توغرا قاراشتا بولغانلىقىدۇر.

• من أعظم أسباب الطغيان الغرور بالقوة والسلطان حتى يعمى المرء عن حقيقة حاله.
ھەددىدىن ئىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى: ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ھۆكۈمرانلىقىدىن مەغرۇرلىنىش بولۇپ، بۇ ئىنساننى ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرۈشتىن كۆر قىلىپ قويىدۇ

• مشروعية مناظرة أهل الباطل لبيان الحق، وكشف ضلالهم عن الهدى.
باتىل ئەھلىگە ھەقنى بايان قىلىش، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇق يولىدا ئىكەنلىكىنى ئىچىپ تاشلاش ئۈچۈن مۇنازىرە قىلىش يولغا قويۇلغان.

• عظم قدرة الله تعالى؛ فلا يُعْجِزُهُ شيء، ومن ذلك إحياء الموتى.
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى چەكسىز بولۇپ، ئۇنى ھېچ نەرسە ئاجىزلاشتۇرالمايدۇ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر

وَإِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّ أَرِنِي كَيۡفَ تُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ قَالَ أَوَلَمۡ تُؤۡمِنۖ قَالَ بَلَىٰ وَلَٰكِن لِّيَطۡمَئِنَّ قَلۡبِيۖ قَالَ فَخُذۡ أَرۡبَعَةٗ مِّنَ ٱلطَّيۡرِ فَصُرۡهُنَّ إِلَيۡكَ ثُمَّ ٱجۡعَلۡ عَلَىٰ كُلِّ جَبَلٖ مِّنۡهُنَّ جُزۡءٗا ثُمَّ ٱدۡعُهُنَّ يَأۡتِينَكَ سَعۡيٗاۚ وَٱعۡلَمۡ أَنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٞ
ئى پەيغەمبەر! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى مۇنۇ سۆزىنى ئەسلە: پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن دېدى، ئاللاھ: «ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنمىدىڭمۇ؟»دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم، لېكىن كۆڭلۈمنىڭ تېخىمۇ خاتىرجەم بولۇشى ئۈچۈن كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن»دېدى، ئاللاھ ئۇنىڭغا بۇيرۇپ: «قۇشتىن تۆرتنى ئالغىن، ئۇلارنى توپلىغىن يەنى ئۇلارنى پارچىلاپ گۆشلىرى بىلەن پەيلىرىنى ئارىلاشتۇرغىن، ئاندىن ھەر بىرتاغقا ئۇلاردىن بىر بۆلۈكىنى قويغىن، ئاندىن ئۇلارنى چاقىرغىن، ئۇلارغا جان كېرىپ سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇچقانچە كېلىدۇ. ئەي ئىبراھىم! بىلگىنكى، ئاللاھ ئۆز پادىشاھلىقىدا غالىبتۇر، ئۆزىنىڭ بۇيرۇق ۋە بەلگىلىمىلىرىدە، يارىتىشىدا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
مَّثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ كَمَثَلِ حَبَّةٍ أَنۢبَتَتۡ سَبۡعَ سَنَابِلَ فِي كُلِّ سُنۢبُلَةٖ مِّاْئَةُ حَبَّةٖۗ وَٱللَّهُ يُضَٰعِفُ لِمَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٌ
پۇل-مېلىنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلغان مۆئمىنغا بېرىلىدىغان ساۋابنىڭ مىسالى: دىھقان يەرگە ئۇرۇغ سالسا ئۇنىڭدىن يەتتە باشاق چىقارغان، ھەر بىر باشاقتا يۈزدىن دان تۇتقان باشاققا ئوخشايدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىسىگە ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى، مەرھەمىتى چەكسىز ۋە كەڭرىدۇر. كىمنىڭ ئەجىر ۋە ساۋابقا ئەڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلگۈچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمۡ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ ثُمَّ لَا يُتۡبِعُونَ مَآ أَنفَقُواْ مَنّٗا وَلَآ أَذٗى لَّهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
پۇل-ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىدا سەرپ قىلىدىغان، ئارقىسىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىسىگە ئۇنىڭ ساۋابىنى بىكار قېلىۋىتىدىغان ئاغزاكى ۋە ئەمەلى ھەركىتى بىلەن مىننەت قىلمايدىغان، ئۇلارنى رەنجىتمەيدىغان كىشىلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ھوزۇرىدا ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا قىيامەت كۈنىدە قورقۇنچ بولمايدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەت كاتتا بولغانلىقى ئۈچۈن دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىسىگە .قايغۇرمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ قَوۡلٞ مَّعۡرُوفٞ وَمَغۡفِرَةٌ خَيۡرٞ مِّن صَدَقَةٖ يَتۡبَعُهَآ أَذٗىۗ وَٱللَّهُ غَنِيٌّ حَلِيمٞ
ياخشى سۆز ئارقىلىق مۆمىنلەرنىڭ دىللىرىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈش، ئەزىيەت ئېلىپ كېلىدىغان سەدىقىدىن يەنى سەدىقە قىلىپ بولۇپ، سەدىقە قېلىنغۇچىغا مىننەت قىلىشتىن ياخشىدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ سەدىقىسىدىن بىھاجەتتۇر، ئۇ ھەلىمدۇر يەنى ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لَا تُبۡطِلُواْ صَدَقَٰتِكُم بِٱلۡمَنِّ وَٱلۡأَذَىٰ كَٱلَّذِي يُنفِقُ مَالَهُۥ رِئَآءَ ٱلنَّاسِ وَلَا يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۖ فَمَثَلُهُۥ كَمَثَلِ صَفۡوَانٍ عَلَيۡهِ تُرَابٞ فَأَصَابَهُۥ وَابِلٞ فَتَرَكَهُۥ صَلۡدٗاۖ لَّا يَقۡدِرُونَ عَلَىٰ شَيۡءٖ مِّمَّا كَسَبُواْۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سەدىقە قىلىنغۇچىغا مىننەت قىلىپ، ئەزىيەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق قىلغان سەدىقىلىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى بىكار قىلىۋەتمەڭلار، بۇنداق كىشىنىڭ مىسالى: ئاللاھقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغان، جازا ۋە مۇكاپاتقا ئىشەنمەيدىغان، پۇل-مېلىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ۋە ماختىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قىلمىشىغا ئوخشايدۇ. بۇنداق پۇل ـ مېلىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئادەمنىڭ مىسالى، خۇددى ئۈستىگە توپا ـ چاڭ قونۇپ قالغان، قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۇيۇلۇپ بۇرۇنقىدەك بولۇپ قالغان سىلىق تاشقا ئوخشايدۇ.ئاشۇنىڭغا ئوخشاش رىيا قىلغۇچىلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە سەدىقىلىرىنىڭ ساۋابىنى يوق قىلىۋېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئۇنىڭدىن بىر نەرسە قالمايدۇ. ئاللاھ كاپىرلارنى ئۆزى رازى بولىدىغان، سەدىقە ۋە ئەمەللىرىدە پايدىغا ئېرىشىدىغان ئىشلارغا يېتەكلىمەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• مراتب الإيمان بالله ومنازل اليقين به متفاوتة لا حد لها، وكلما ازداد العبد نظرًا في آيات الله الشرعية والكونية زاد إيمانًا ويقينًا.
ئاللاھقا ئىمان ئىيتىش ۋە ئېشىنىشنىڭ مەرتىۋىلىرى پەرقلىق بولۇپ، بۇنىڭ چەك-چىگراسى يوق، ھەر قاچان بەندە ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى مەخلۇقاتلىرىغا ۋە شەرىئىتىدىكى پرىنسىپلىرىغا نەزەر سالغىنىدا، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە ئىشەنچىسى زىيادە بولىدۇ.

• بَعْثُ الله تعالى للخلق بعد موتهم دليل ظاهر على كمال قدرته وتمام عظمته سبحانه.
ئاللاھ تائالانىڭ مەخلۇقاتلارنى ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلدۈرۈشى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە كامالى قۇدرىتىنىڭ روشەن دەلىلىدۇر

• فضل الإنفاق في سبيل الله وعظم ثوابه، إذا صاحبته النية الصالحة، ولم يلحقه أذى ولا مِنّة محبطة للعمل.
ئەزىيەتسىز ۋە مىننەتسىز خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھ يولىدا قىلىنغان سەدىقىنىڭ پەزىلىتى ۋە ساۋابى چەكسىزدۇر.

• من أحسن ما يقدمه المرء للناس حُسن الخلق من قول وفعل حَسَن، وعفو عن مسيء.
مۇسۇلماننىڭ ئىنسانلارغا تەقدىم قېلىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسىسى، سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتىن بولغان گۈزەل ئەخلاق ۋە يامانلىق قىلغۇچىنى ئەپۇ قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

وَمَثَلُ ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُمُ ٱبۡتِغَآءَ مَرۡضَاتِ ٱللَّهِ وَتَثۡبِيتٗا مِّنۡ أَنفُسِهِمۡ كَمَثَلِ جَنَّةِۭ بِرَبۡوَةٍ أَصَابَهَا وَابِلٞ فَـَٔاتَتۡ أُكُلَهَا ضِعۡفَيۡنِ فَإِن لَّمۡ يُصِبۡهَا وَابِلٞ فَطَلّٞۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ
ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ، ئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن چىن كۆڭلىدىن چىقىرىپ سەرپ قىلغان مۆئمىنلەرنىڭ مىسالى: ئېگىزلىككە جايلاشقان، قاتتىق يامغۇردىن بەھرىمەن بولسا مېۋىسى ئىككى ھەسسە كۆپ بولىدىغان، ئەگەر قاتتىق يامغۇر ياغماستىن يەڭگىل ياققان يامغۇردىمۇ مېۋە بېرىدىغان بىر باغقا ئوخشايدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئاللاھ چىن كۆڭۈلدىن سەرپ قىلىنغان نەپىقىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە گەرچە ئۇ ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەجرىنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ قىلغان ئەمەلىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئىخلاس قىلغۇچىلار بىلەن رىيا قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلىرى مەخپى قالمايدۇ. ئاللاھ ھەممىسىنى قىلمىشىغا .كۆرە مۇكاپاتلايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
أَيَوَدُّ أَحَدُكُمۡ أَن تَكُونَ لَهُۥ جَنَّةٞ مِّن نَّخِيلٖ وَأَعۡنَابٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ لَهُۥ فِيهَا مِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِ وَأَصَابَهُ ٱلۡكِبَرُ وَلَهُۥ ذُرِّيَّةٞ ضُعَفَآءُ فَأَصَابَهَآ إِعۡصَارٞ فِيهِ نَارٞ فَٱحۡتَرَقَتۡۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ
ئاراڭلاردا كىممۇ، ئۇنىڭ خورمىلىق، ئۈزۈملۈك، ئاستىدىن ئېرىقلار ئېقىپ تۇرىدىغان، مېۋىلەرنىڭ ھەممە خىللىرى بولغان بىر بېغى بولسۇن، ئۇنىڭ ئۆزى قېرىپ ئىش-ئەمگەكتىن قالغان، بالىلىرى ئىشقا يارىمايدىغان ئۇششاق بولۇپ، ئۇ كىشى ياشىنىپ، بۇ باغقا قاتتىق ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، بۇ باغ قارا بوران ئېلىپ كەلگەن ئوتتا كۆيۈپ كېتىشىنى ياقتۇرامدۇ؟ پۇل-ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىپ سەرپ قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى ياخشىلىققا بەك ئېھتىياجلىق بولىدىغان ۋاقىتتا ئاللاھنىڭ ھوزۇرىغا ھېچقانداق ساۋابسىز كەلتۈرىلىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئويلىنىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتى بولىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئايەتلىرىنى شۇنداق گۈزەل مىسال بىلەن بايان قىلىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ وَلَا تَيَمَّمُواْ ٱلۡخَبِيثَ مِنۡهُ تُنفِقُونَ وَلَسۡتُم بِـَٔاخِذِيهِ إِلَّآ أَن تُغۡمِضُواْ فِيهِۚ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ غَنِيٌّ حَمِيدٌ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆمىنلەر! سىلەر ھالال يول بىلەن قان-تەرىڭلارنى ئىقىتىپ تاپقان مالدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن ھالال ۋە پاكىزە نەرسىلەردىن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ ناچارلىرىنى سەدىقە قىلىشنى مەقسەت قىلماڭلار، ئەگەر سىلەرگە بېرىلسىمۇ ئۇ نەرسىنىڭ ناچارلىقىنى يامان كۆۈپ تۇرۇپ ئالىسىلەر، ئۆزۈڭلار رازى بولمايدىغان نەرسىنى قانداقمۇ ئاللاھ ئۈچۈن رازى بولۇپ سەرپ قىلىسىلەر؟، بىلىڭلاركى، ئاللاھ بۇنداق سەدىقەڭلاردىن بىھاجەتتۇر، ئاللاھ ئۆز زاتىدا ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە .چەكسىز ھەمدۇ-سانالارغا لايىقتۇر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلشَّيۡطَٰنُ يَعِدُكُمُ ٱلۡفَقۡرَ وَيَأۡمُرُكُم بِٱلۡفَحۡشَآءِۖ وَٱللَّهُ يَعِدُكُم مَّغۡفِرَةٗ مِّنۡهُ وَفَضۡلٗاۗ وَٱللَّهُ وَٰسِعٌ عَلِيمٞ
شەيتان سىلەرنى پۇل-مىلىڭلارنى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلىش ئارقىلىق پېقىر بولۇپ قىلىشىڭلاردىن قورقۇتۇپ بېخىللىققا بۇيرۇيدۇ، گۇناھ-مەسىيەت ۋە يامان ئىشلارغاچاقىرىدۇ، ئاللاھ سىلەرگە گۇناھىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىش، كەڭرى رىزىق بېرىش ئۈچۈن كاتتا پەزلى-رەھمىتىنى ۋەدە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى كەڭرىدۇر، ئۇ بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يُؤۡتِي ٱلۡحِكۡمَةَ مَن يَشَآءُۚ وَمَن يُؤۡتَ ٱلۡحِكۡمَةَ فَقَدۡ أُوتِيَ خَيۡرٗا كَثِيرٗاۗ وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّآ أُوْلُواْ ٱلۡأَلۡبَٰبِ
ئاللاھ ئۆزىنىڭ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىگە ياخشى ئىشقا يىتەكلەيدىغان ۋە توغرا سۆز قىلىدىغان ھېكمەتنى ئاتا قىلىدۇ، بۇنداق ھېكمەت ئاتا قىلىنغان كىشى كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن توغرا يول تاپقان، ئىمان نۇرى قەلبىنى يورۇتقان، كامالىي ئەقىل ئىگىلىرىلا ۋەز-نەسىھەت ئالىدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• المؤمنون بالله تعالى حقًّا واثقون من وعد الله وثوابه، فهم ينفقون أموالهم ويبذلون بلا خوف ولا حزن ولا التفات إلى وساوس الشيطان كالتخويف بالفقر والحاجة.
ئاللاھقا ھەقىقى ئىمان ئىيتقان، ئاللاھنىڭ ساۋابىدىن ئىبارەت ۋەدىسىگە چىن قەلبىدىن ئىشەنگەن مۆئمىنلەر، ئۇلار ھېچنىمىدىن قورۇقماستىن، قايغۇرماستىن، شەيتاننىڭ پىقىرلىق ۋە ھاجەتمەنلىكتىن ئىبارەت ۋەسۋەسىسىگە قارىماستىن ئاللاھ يولىدا پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلىدۇ.

• الإخلاص من أعظم ما يبارك الأعمال ويُنمِّيها.
ئەمەللەرگە بەرىكەت بېرىدىغان ۋە پەزىلىتىنى ئۈستۈن قىلىدىغان ئەڭ كاتتا نەرسە ئىخلاستۇر.

• أعظم الناس خسارة من يرائي بعمله الناس؛ لأنه ليس له من ثواب على عمله إلا مدحهم وثناؤهم.
ئىنسانلار ئارىسىدا ئەڭ چوڭ زېيان تارتقۇچىلار قىلغان ئەمەللىرىدە رىيا قىلغۇچىلاردۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۈچۈن پەقەت دۇنيادا ئېرىشكەن ئالقىش-سادالاردىن باشقا نەرسە قالمايدۇ.

وَمَآ أَنفَقۡتُم مِّن نَّفَقَةٍ أَوۡ نَذَرۡتُم مِّن نَّذۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُهُۥۗ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٍ
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ ياخشىلىقتىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير-ئىھسان قىلساڭلار ياكى نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋام قىلساڭلار، ئاللاھ ئۇ ئىشنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسىنى زايە قىلىۋەتمەيدۇ، سىلەرنى ئەڭ كاتتا ساۋاب بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. ئادا قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مەجبۇرىيەتلەرنى چەكلىگەن ياكى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغان زالىملارغا، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن مۇداپىئە قىلىدىغان مەدەتكار بولمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِن تُبۡدُواْ ٱلصَّدَقَٰتِ فَنِعِمَّا هِيَۖ وَإِن تُخۡفُوهَا وَتُؤۡتُوهَا ٱلۡفُقَرَآءَ فَهُوَ خَيۡرٞ لَّكُمۡۚ وَيُكَفِّرُ عَنكُم مِّن سَيِّـَٔاتِكُمۡۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ
قىلماقچى بولغان سەدىقىنى ئاشكارا بەرسەڭلار، قىلغان سەدىقەڭلار ياخشى بولىدۇ، ئەگەر ئۇنى كەمبەغەللەرگە مەخپى ھالدا بەرسەڭلار، بۇ ئاشكارا بەرگەندىن تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى سەدىقىنى مەخپى بېرىش سەمىمىيەتكە ئەڭ يېقىندۇر، سەمىمى كىشىلەرنىڭ قىلغان سەدىقىسى ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى يوشۇرۇپ، گۇناھىنىڭ مەغپىرەت بولىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلغان ئەمەلىڭلاردىن خەۋەرداردۇر، سىلەرنىڭ .ئىشىڭلاردىن ھېچ نەرسە ئاللاھقا مەخپى قالمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
۞ لَّيۡسَ عَلَيۡكَ هُدَىٰهُمۡ وَلَٰكِنَّ ٱللَّهَ يَهۡدِي مَن يَشَآءُۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَلِأَنفُسِكُمۡۚ وَمَا تُنفِقُونَ إِلَّا ٱبۡتِغَآءَ وَجۡهِ ٱللَّهِۚ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ يُوَفَّ إِلَيۡكُمۡ وَأَنتُمۡ لَا تُظۡلَمُونَ
ئى پەيغەمبەر! ئۇلارنى ھەقكە بويسۇندۇرۇش ۋە ھەقنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن توغرا يولغا ھىدايەت قىلىش سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ ئەمەس، سېنىڭ ۋەزىپەڭ ئۇلارغا ھەقنى تونۇتۇش ۋە ھەق يولغا باشلاپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر. ھەقكە مۇۋەپپەق قىلىش ۋە ھىدايەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھ خالىغان كىشىنى ھەقكە ھىدايەت قىلىدۇ. مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئۇ ئۆزەڭلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈندۇر، چۈنكى ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىھاجەتتۇر، خەير ـ ئېھسانىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن باشقىنى كۆزدە تۇتماڭلار. ھەقىقى مۆئمىن پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ خەير-ئېھسان قىلىدۇ، مېلىڭلاردىن ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ھېچ كىشىگە زۇلۇم قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِلۡفُقَرَآءِ ٱلَّذِينَ أُحۡصِرُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ لَا يَسۡتَطِيعُونَ ضَرۡبٗا فِي ٱلۡأَرۡضِ يَحۡسَبُهُمُ ٱلۡجَاهِلُ أَغۡنِيَآءَ مِنَ ٱلتَّعَفُّفِ تَعۡرِفُهُم بِسِيمَٰهُمۡ لَا يَسۡـَٔلُونَ ٱلنَّاسَ إِلۡحَافٗاۗ وَمَا تُنفِقُواْ مِنۡ خَيۡرٖ فَإِنَّ ٱللَّهَ بِهِۦ عَلِيمٌ
تىرىكچىلىك قىلىش سەۋەبلىك ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتىن چەكلىنىپ قالغان يوقسۇللارغا خەير-ئېھسان قىلىنىشى كېرەك، ئەھۋالنى ئۇقمىغانلار، ئۇلارنىڭ نەرسە تىلىمىگەنلىكلىرىگە قاراپ، ئۇلارنى باي دەپ گۇمان قىلىدۇ، ئۇلارغا سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇلارنىڭ كىيىم-كىچەك ۋە سېرتقى كۆرۈنىشىدىن ھاجەتمەن ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ، ئۇلار باشقا كەمبەغەللەرگە ئوخشاش كىشىلەرگە چاپلىشىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلمايدۇ، مېلىڭلاردىن نېمىنى خەير ـ ئېھسان قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇنى بىلگۈچىدۇر، شۇنىڭغا ئاساسەن سىلەرگە كاتتا مۇكاپات بېرىدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ٱلَّذِينَ يُنفِقُونَ أَمۡوَٰلَهُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ سِرّٗا وَعَلَانِيَةٗ فَلَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
ماللىرىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ كېچە ـ كۈندۈز ھەممە ۋاقىت، يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا يوسۇندا رىيا قىلماستىن ۋە باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلماستىن خەير ـ ئېھسان قىلىدىغانلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاب تاپىدۇ. ئۇلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بېرىلگەن پەزلى-نېئمەت بىلەن ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر. دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلىرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• إذا أخلص المؤمن في نفقاته وصدقاته فلا حرج عليه في إظهارها وإخفائها بحسب المصلحة، وإن كان الإخفاء أعظم أجرًا وثوابًا لأنها أقرب للإخلاص.
ئەگەر مۆئمىن ئىخلاس بىلەن ئۆزىنىڭ قىلغان سەدىقە ۋە نەپىقىسىدە كەمبەغەللەرنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاشكارا قىلسا ياكى مەخپى قىلسا گۇناھ بولمايدۇ، ئەگەر مەخپى قىلسا بۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى كاتتا بولىدۇ، چۈنكى سەدىقىنى مەخپى قىلىش سەمىمىيەتكە ئەڭ يېقىندۇر.

• دعوة المؤمنين إلى الالتفات والعناية بالمحتاجين الذين تمنعهم العفة من إظهار حالهم وسؤال الناس.
مۇسۇلمانلارنى، نومۇس قىلىپ يوقسۇللىقىنى ئاشكارا قىلىش ۋە كىشىلەردىن بىر نەرسە سوراشتىن چىكىنىدىغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش .ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش كېرەك

• مشروعية الإنفاق في سبيل الله تعالى في كل وقت وحين، وعظم ثوابها، حيث وعد تعالى عليها بعظيم الأجر في الدنيا والآخرة.
ھەر ۋاقىت ئاللاھ يولىدا خەير-ئىھسان قىلىشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ كاتتا بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا دۇنيا-ئاخىرەتتە كاتتا ساۋاپ ۋە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى.

ٱلَّذِينَ يَأۡكُلُونَ ٱلرِّبَوٰاْ لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ ٱلَّذِي يَتَخَبَّطُهُ ٱلشَّيۡطَٰنُ مِنَ ٱلۡمَسِّۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُوٓاْ إِنَّمَا ٱلۡبَيۡعُ مِثۡلُ ٱلرِّبَوٰاْۗ وَأَحَلَّ ٱللَّهُ ٱلۡبَيۡعَ وَحَرَّمَ ٱلرِّبَوٰاْۚ فَمَن جَآءَهُۥ مَوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ فَٱنتَهَىٰ فَلَهُۥ مَا سَلَفَ وَأَمۡرُهُۥٓ إِلَى ٱللَّهِۖ وَمَنۡ عَادَ فَأُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلنَّارِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ
جازانە، ئۆسۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەملەر قىيامەت كۈنى گۆرلىرىدىن جىن چېپىلىپ قالغان ساراڭ ئادەملەردەك قوپىدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھ ھارام قىلغان جازانىنى ھالال بىلىپ، ئاللاھ ھالال قىلغان سودا ـ سېتىق بىلەن جازانىنىڭ ئارىسىنى ئايرىماي، سودا-سېتىقمۇ جازانىغا ئوخشاش، ھەر بىرى مالنى زىيادە قىلىش ۋە مەنپەئەت ئىلىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، دېدى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان قىياسى ۋە يالغانچىلىقلىرىغا رەددىيە بېرىپ، سودىنىڭ ئومۇمغا ۋە شەخسلەرگە پايدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھالال ئىكەنلىكىنى، جازانىنىڭ بولسا زۇلۇم قىلىپ، بەدەلسىز باتىل يول ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكىنى يېيىش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، كىمكى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ۋەز ـ نەسىھەت كەلگەندىن كېيىن يەنى جازانە مەنئى قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن يانسا، بۇرۇن ئالغىنى ئۆزىنىڭ بولىدۇ، گۇناھ بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئىشى ئاللاھقا تاپشۇرۇلىدۇ، ئاللاھ تەرىپىدىن جازانىدىن چەكلەش توغرىسىدىكى چەكلىمە كەلگەن ۋە ھۆججەت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن قايتا جازانە قىلغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ دېگەندىن مەقسەت: ئۇلار جازانىنى ھالال دەپ ئېتىقاد قىلغان، ياكى بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت دوزاختا تۇرۇپ قالىدىغانلىقى كۆزدە تۇتىلىدۇ، چۈنكى دوزاختا مەڭگۈ قىلىش دېگەن كاپىرلار ئۈچۈن .بولىدۇ، ئەمما ئەھلى تەۋھىد دوزاختا مەڭگۈ قالمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَمۡحَقُ ٱللَّهُ ٱلرِّبَوٰاْ وَيُرۡبِي ٱلصَّدَقَٰتِۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ كُلَّ كَفَّارٍ أَثِيمٍ
ئاللاھ جازانە قىلغان مالنى ھالاك قىلىدۇ ۋە ساھىبىنىڭ قولىدىن ئىلىپ قويىدۇ، ياكى ئەمەلىيەتتە ھالاك قىلىدۇ ياكى مەنىۋىي تەرەپتىن ئۇنىڭ بەرىكىتىنى تارتىۋېتىدۇ، سەدىقە مالنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ساۋابىنى كۆپەيتىپ ئۆستۈرىدۇ، بىر ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋىرىدىن يەتتە يۈز ھەتتا ئۇنىڭدىن زىيادە بولىدۇ، سەدىقە قىلغۇچىنىڭ ماللىرىغا بەرىكەت بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا گۇناھ-مەسىيەتتە ھەددىدىن ئاشقۇچى، چەكلەنگەن-ھارام نەرسىنى ھالال دەپ قارىغۇچى ھەرقانداق گەردەنكەش كاپىرنى ياقتۇرمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ وَأَقَامُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَءَاتَوُاْ ٱلزَّكَوٰةَ لَهُمۡ أَجۡرُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ وَلَا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ
ئاللاھقا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان، نامازنى ئاللاھ يولغا قويغان بويىچە تولۇق ئادا قىلغان، ماللىرىنىڭ زاكىتىنى مۇستەھىق بولغان كىشىلەرگە بەرگەنلەر پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئۇلارغا ئاخىرەتتە قورقۇنچ يوقتۇر، دۇنيادا يوقۇتۇپ قويغان نەرسىلەرگە غەم-ئەندىشە قىلمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَذَرُواْ مَا بَقِيَ مِنَ ٱلرِّبَوٰٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئى ئاللاھغا ئىشەنگەن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن، ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھتىن قورققان كىشىلەر! ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ھەقىقى ئىشەنسەڭلار ۋە جازانىدىن توسقان چەكلىمىسىگە ئەمەل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلاردىن كىشىلەرنىڭ زىممىسىدە قېلىپ قالغان جازانىنى تەلەپ قىلماڭلار.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
فَإِن لَّمۡ تَفۡعَلُواْ فَأۡذَنُواْ بِحَرۡبٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَرَسُولِهِۦۖ وَإِن تُبۡتُمۡ فَلَكُمۡ رُءُوسُ أَمۡوَٰلِكُمۡ لَا تَظۡلِمُونَ وَلَا تُظۡلَمُونَ
ئەگەر سىلەر بۇيرۇلغان ئىشنى قىلمىساڭلار، بىلىڭلاركى! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا ئۇرۇش ئاچقان بولىسىلەر، ئەگەر جازانىنى تەرك قىلىش بىلەن ئاللاھغا تەۋبە قىلساڭلار، سىلەرنىڭ قەرز بەرگەن سەرمايەڭلار ئۆزۈڭلارغا قايتىدۇ، ئەسلى سەرمايىدىن ئارتۇق ئىلىش بىلەن باشقىلارنى زىيان تارتقۇزمايسىلەر ۋە سىلەرمۇ ئەسلى سەرمايىنى كىمەيتىۋېتىش بىلەن زىيان تارتمايسىلەر
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَإِن كَانَ ذُو عُسۡرَةٖ فَنَظِرَةٌ إِلَىٰ مَيۡسَرَةٖۚ وَأَن تَصَدَّقُواْ خَيۡرٞ لَّكُمۡ إِن كُنتُمۡ تَعۡلَمُونَ
ئەگەر سىلەر قەرز بەرگەن مالنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ قولى قىسقا بولۇپ قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپالمىسا، ئۇنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، قەرزنى ئادا قىلغۇدەك بىر نەرسە تاپقۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى تەلەپ قىلماي سەدىقە قىلىۋەتسەڭلار ياكى قەرزنىڭ بەزىسىنى ئەپۇ قىلىۋەتسەڭلەر، بۇ ئىشنىڭ ئاللاھ ھوزۇرىدىكى پەزىلىتىنى بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
وَٱتَّقُواْ يَوۡمٗا تُرۡجَعُونَ فِيهِ إِلَى ٱللَّهِۖ ثُمَّ تُوَفَّىٰ كُلُّ نَفۡسٖ مَّا كَسَبَتۡ وَهُمۡ لَا يُظۡلَمُونَ
ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ تەرىپىگە قايتىدىغان، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا تۇرىدىغان كۈننىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاندىن ئۇ كۈندە ھەر كىشى قىلغان ياخشى-يامان ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىنى تولۇق كۆرىدۇ، ئۇلار قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابىنى كىمەيتىۋېتىش ۋە قىلغان يامانلىقىنىڭ جازاسىنى زىيادە قىلىۋېتىش بىلەن زۇلۇم قىلىنمايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• من أعظم الكبائر أكل الربا، ولهذا توعد الله تعالى آكله بالحرب وبالمحق في الدنيا والتخبط في الآخرة.
جازانە يېيىش گۇناھلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا جازانە يېگۈچىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، دۇنيادا جازانە قىلىنغان مالنىڭ بەرىكىتىنى كەتكۈزىۋىتىدىغانلىقى، قىيامەت كۈنىدە جىن چېپىلىپ قالغان .ساراڭ ئادەملەردەك تىرىلدۇرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى

• الالتزام بأحكام الشرع في المعاملات المالية ينزل البركة والنماء فيها.
مالىيە مۇئامىلىلىرىدە شەرىئەت ئەھكامىنى لازىم تۇتۇش بىلەن مال زىيادە ۋە بەرىكەتلىك بولىدۇ

• فضل الصبر على المعسر، والتخفيف عنه بالتصدق عليه ببعض الدَّين أو كله.
قېيىنچىلىقتا قالغان كىشىگە سەۋىر قىلىش، ئۇنىڭغا قەرزنى ھەممىسىنى ياكى بەزىسىنى سەدىقە قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەرزىنى يەڭگىللىتىشنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِذَا تَدَايَنتُم بِدَيۡنٍ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمّٗى فَٱكۡتُبُوهُۚ وَلۡيَكۡتُب بَّيۡنَكُمۡ كَاتِبُۢ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَلَا يَأۡبَ كَاتِبٌ أَن يَكۡتُبَ كَمَا عَلَّمَهُ ٱللَّهُۚ فَلۡيَكۡتُبۡ وَلۡيُمۡلِلِ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥ وَلَا يَبۡخَسۡ مِنۡهُ شَيۡـٔٗاۚ فَإِن كَانَ ٱلَّذِي عَلَيۡهِ ٱلۡحَقُّ سَفِيهًا أَوۡ ضَعِيفًا أَوۡ لَا يَسۡتَطِيعُ أَن يُمِلَّ هُوَ فَلۡيُمۡلِلۡ وَلِيُّهُۥ بِٱلۡعَدۡلِۚ وَٱسۡتَشۡهِدُواْ شَهِيدَيۡنِ مِن رِّجَالِكُمۡۖ فَإِن لَّمۡ يَكُونَا رَجُلَيۡنِ فَرَجُلٞ وَٱمۡرَأَتَانِ مِمَّن تَرۡضَوۡنَ مِنَ ٱلشُّهَدَآءِ أَن تَضِلَّ إِحۡدَىٰهُمَا فَتُذَكِّرَ إِحۡدَىٰهُمَا ٱلۡأُخۡرَىٰۚ وَلَا يَأۡبَ ٱلشُّهَدَآءُ إِذَا مَا دُعُواْۚ وَلَا تَسۡـَٔمُوٓاْ أَن تَكۡتُبُوهُ صَغِيرًا أَوۡ كَبِيرًا إِلَىٰٓ أَجَلِهِۦۚ ذَٰلِكُمۡ أَقۡسَطُ عِندَ ٱللَّهِ وَأَقۡوَمُ لِلشَّهَٰدَةِ وَأَدۡنَىٰٓ أَلَّا تَرۡتَابُوٓاْ إِلَّآ أَن تَكُونَ تِجَٰرَةً حَاضِرَةٗ تُدِيرُونَهَا بَيۡنَكُمۡ فَلَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ جُنَاحٌ أَلَّا تَكۡتُبُوهَاۗ وَأَشۡهِدُوٓاْ إِذَا تَبَايَعۡتُمۡۚ وَلَا يُضَآرَّ كَاتِبٞ وَلَا شَهِيدٞۚ وَإِن تَفۡعَلُواْ فَإِنَّهُۥ فُسُوقُۢ بِكُمۡۗ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۖ وَيُعَلِّمُكُمُ ٱللَّهُۗ وَٱللَّهُ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ
ئى ئاللاھقا ئىشەنگەن ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئەگەشكەن مۆئمىنلەر! مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزئارا قەرز بېرىشسەڭلار، ئۇنى ھۆججەت قىلىپ يېزىپ قويۇڭلار، ئاراڭلاردىكى خەت بىلىدىغان كىشى ئۇنى كەم-زىيادە قىلماي، شەرىئەتكە مۇۋاپىق ھالدا ئادىللىق بىلەن يازسۇن، خەت بىلىدىغان كىشى ئاللاھ ئۇنىڭغا بىلدۈرگەندەك توغرىلىق بىلەن يېزىشىنى رەت قىلمىسۇن، زىممىسىدە باشقىلارنىڭ ھەققى بولغان ئادەم يازىدىغان كىشىگە ئېيتىپ بەرسۇن، بۇ، ئۇ كىشى ئۈچۈن زىممىسىدىكى قەرزنى ئېتىراپ قىلىش بولىدۇ، قەرزدار پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن قورقسۇن، قەرز ئالغان نەرسىدىن مىقداردا، تۈرىدە ۋە قانداق ئادا قىلىشتا ھېچنېمىنى كېمەيتىۋەتمىسۇن، ئەگەر قەرز ئالغۇچى ئادەم ئەخمەق گالۋاڭ، ئەقىلسىز، ئىسراپخور ياكى ئاجىز كىچىك بالا ياكى بەك ياشانغان، ياكى گەپ قىلالماسلىقى، گاچىلىقى، كېكەچلىكى تۈپەيلىدىن ئۆزى ئېيتىپ بېرەلمىسە، ئۇنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئادەم ئادىللىق بىلەن ئېيتىپ بەرسۇن، سىلەر ئەقىللىق ۋە ئادىل ئىككى ئەركىشىنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، ئەگەر ئىككى ئەر كىشى يوق بولسا، سىلەر ئادالىتىگە، دىيانىتىگە رازى بولىدىغان كىشىلەردىن بىر ئەر، ئىككى ئايالنى گۇۋاھلىققا تەكلىپ قىلىڭلار، بۇ ئىككى ئايالنىڭ بىرسى ئۇنتۇپ قالسا، ئىككىنچىسى ئېسىگە سالىدۇ. گۇۋاھچىلار گۇۋاھلىققا چاقىرىلغان ۋاقتىدا گۇۋاھ بولۇشتىن باش تارتمىسۇن. قەرز مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن، ئۇنى قايتۇرۇش ۋاقتى بىلەن قوشۇپ يېزىشتىن ئېرىنمەڭلار. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قەرزنى يېزىپ قويۇش بۇ ئەڭ ئادىللىق ۋە ئەڭ ئىسپاتلىقتۇر گۇۋاھلىقنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىنى ئەڭ ئىسپاتلىغۇچىدۇر، قەرزنىڭ تۈرى، مىقدارى ۋە مۇددىتى توغرىسىدا گۇمانلانماسلىقىڭلارغا ئەڭ يېقىندۇر، لېكىن ئاراڭلاردا قولمۇ قول قىلىشقان سودىدا ھۆججەت يازمىساڭلارمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئۆزئارا سودا قىلىشقان ۋاقتىڭلاردا تالاش-تارتىشنىڭ سەۋەپلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن گۇۋاھچى تەكلىپ قىلىڭلار، پۈتۈكچىگىمۇ، گۇۋاھچىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈلمىسۇن، پۈتۈكچىلىك ۋە گۇۋاھچىلىققا تەلەپ قىلىنغان كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ، ئەگەر زىيان يەتكۈزسەڭلار ئاللاھنىڭ تائىتىدىن چىقىپ گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىسىلەر. ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە چەكلىگىنىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ئۈگىتىدۇ يەنى سىلەرگە ئىككىلا دۇنيادا پايدىلىق بولغان ئىلىمنى بېرىدۇ، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• وجوب تسمية الأجل في جميع المداينات وأنواع الإجارات.
ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قەرز ۋە باشقا مالىيە .مۇئامىلىلىرىنى ھۆججەتلىشىش يولغا قويۇلغان

يېشىنىڭ كىچىكلىكى، نادانلىقى ياكى ئەقلى ئاجىزلىقى سەۋەپلەر تۈپەيلى، مالىيە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالمايدىغانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە .بولۇش كېرەك

ھەق-ھوقۇق ۋە قەرز ئىشلىرىدا گۇۋاھچىلارنىڭ ئىقرار قىلىشىنىڭ يولغا قويۇلىشى

مۇئامىلىنى ئادىللىق بىلەن يېزىشنىڭ جۈملىسىدىن: پۈتۈكچى ھۆججەتنى چىرايلىق ۋە ھەرقانداق مۇئامىلىدە ئۆز يولىدا ئېتىبارغا ئېلىنىدىغان لەپزىلەرنى قوللىنىشى كېرەك

ھەق-ھوقۇقنى يېزىش ۋە ھۆججەت قىلىش سەۋەبىدىن مەيلى ھەق ئىگىلىرىگە بولسۇن ياكى پۈتۈكچى ۋە گۇۋاھچىلارغا بولسۇن ھېچبىر كىشىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك كېرەك

۞ وَإِن كُنتُمۡ عَلَىٰ سَفَرٖ وَلَمۡ تَجِدُواْ كَاتِبٗا فَرِهَٰنٞ مَّقۡبُوضَةٞۖ فَإِنۡ أَمِنَ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا فَلۡيُؤَدِّ ٱلَّذِي ٱؤۡتُمِنَ أَمَٰنَتَهُۥ وَلۡيَتَّقِ ٱللَّهَ رَبَّهُۥۗ وَلَا تَكۡتُمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَۚ وَمَن يَكۡتُمۡهَا فَإِنَّهُۥٓ ءَاثِمٞ قَلۡبُهُۥۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ عَلِيمٞ
ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، سىلەرگە قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىدىغانغا خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار ئۇنى ھەق ئىگىسى تاپشۇرۇپ ئالسا بولىدۇ، بۇ قەرز ئالغان كىشى قەرزنى تاپشۇرغانغا قەدەر ئۇ كىشىنىڭ ھەققىگە كاپالەت بولىدۇ، ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويۇلسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن، قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. قەرزدىن ھېچ نەرسىنى ئىنكار قىلمىسۇن، ئەگەر ئىنكار قىلىدىكەن، مۇئامىلىگە ھازىر بولغان كىشى گۇۋاھلىقنى ئادا قىلسۇن، گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇش توغرا بولمايدۇ، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ قەلبى پاسىق قەلبدۇر. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ بىلىشىدىن مەخپى قالمايدۇ، ئەمەللىرىڭلارغا كۆرە جازا ۋە مۇكاپاتلايدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لِّلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۗ وَإِن تُبۡدُواْ مَا فِيٓ أَنفُسِكُمۡ أَوۡ تُخۡفُوهُ يُحَاسِبۡكُم بِهِ ٱللَّهُۖ فَيَغۡفِرُ لِمَن يَشَآءُ وَيُعَذِّبُ مَن يَشَآءُۗ وَٱللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ
ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەر يارىتىش جەھەتتىن بولسۇن، ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىن بولسۇن، تەسەررۇپ قىلىش جەھەتتىن بولسۇن يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر. دىلىڭلاردىكى يامانلىقنى مەيلى ئاشكارا قىلىڭلار، مەيلى يوشۇرۇڭلار، ئۇنى ئاللاھ بىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ سىلەردىن ھېساب ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەزلى-رەھمىتى بىلەن خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئادالىتى ۋە ھېكمىتى بىلەن خالىغان كىشىگە ئازاب قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
ءَامَنَ ٱلرَّسُولُ بِمَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مِن رَّبِّهِۦ وَٱلۡمُؤۡمِنُونَۚ كُلٌّ ءَامَنَ بِٱللَّهِ وَمَلَٰٓئِكَتِهِۦ وَكُتُبِهِۦ وَرُسُلِهِۦ لَا نُفَرِّقُ بَيۡنَ أَحَدٖ مِّن رُّسُلِهِۦۚ وَقَالُواْ سَمِعۡنَا وَأَطَعۡنَاۖ غُفۡرَانَكَ رَبَّنَا وَإِلَيۡكَ ٱلۡمَصِيرُ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەرۋەىردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەممە نەرسىگە ئىمان كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئوخشاش مۆئمىنلەرمۇ ئىمان كەلتۈردى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ بارلىق پەرىشتىلىرىگە، بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇلارغا نازىل قىلىنغان كىتابلىرىغا، ئاللاھ ئەۋەتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈردى. ئۇلار: ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىگە ئىمان ئېيتماي قالمايمىز دەيدۇ. ئۇلار سەن بۇيرىغان ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى ئاڭلىدۇق، بۇيرىغاننى قىلىش ۋە چەكلىگەندىن يېنىش بىلەن ساڭا ئىتائەت قىلدۇق، پەرۋەردىگارىمىز مەغپىرىتىڭنى تىلەيمىز، بارلىق ئىشلىرىمىزدا مۇراجىئەت قىلىدىغان جايىمىز يالغۇز سېنىڭ دەرگاھىڭدۇر، دەيدۇ.
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ لَهَا مَا كَسَبَتۡ وَعَلَيۡهَا مَا ٱكۡتَسَبَتۡۗ رَبَّنَا لَا تُؤَاخِذۡنَآ إِن نَّسِينَآ أَوۡ أَخۡطَأۡنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تَحۡمِلۡ عَلَيۡنَآ إِصۡرٗا كَمَا حَمَلۡتَهُۥ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِنَاۚ رَبَّنَا وَلَا تُحَمِّلۡنَا مَا لَا طَاقَةَ لَنَا بِهِۦۖ وَٱعۡفُ عَنَّا وَٱغۡفِرۡ لَنَا وَٱرۡحَمۡنَآۚ أَنتَ مَوۡلَىٰنَا فَٱنصُرۡنَا عَلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلۡكَٰفِرِينَ
ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ، چۈنكى ئاللاھنىڭ دىنى مۇشەققەتكە ئەمەس بەلكى ئاسانلىقنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغاندۇر. كىمكى ياخشى ئىش قىلىدىكەن، قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچ نەرسە كىمەيتىلمەيدۇ، كىمكى يامان ئىش قىلىدىكەن، گۇناھ ۋە يامانلىقتىن قىلغان ئىشىنىڭ جازاسى ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، ئۇنى ھېچ كىشى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: پەرۋەردىگارىمىز! ئەگەر بىز مەقسەتسىز ئۇنۇتساق ياكى خاتالاشساق بىز ئۇنتۇش ياكى سەۋەنلىكتىن ئەمرىڭنى تولۇق ئورۇنلىيالمىساق، بىزنى جازاغا تارتمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئىلگىرىكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ياھۇدىيلارغا يۈكلىگىنىڭگە ئوخشاش بىز تاقەت كەلتۈرەلمەيدىغان ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلىمىگىن، بىزنى بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىڭدىن قىيىن ئىشلارغا تەكلىپ قىلمىغىن. پەرۋەردىگارىمىز! كۈچىمىز يەتمەيدىغان نەرسىنى بىزگە ئارتمىغىن، بىزنى كەچۈرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، بىزگە پەزلىڭ بىلەن رەھىم قىلغىن، سەن بىزنىڭ ئىگىمىزسەن، مەدەتكارىمىزسەن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دەيدۇ
ئەرەپچە تەپسىرلەر:
بۇ بەتتىكى ئايەتلەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار:
• جواز أخذ الرهن لضمان الحقوق في حال عدم القدرة على توثيق الحق، إلا إذا وَثِقَ المتعاملون بعضهم ببعض.
ھەق ئىگىلىرىنىڭ ھۆججەتلىشىشى مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا ھەق ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ مۇقابىلىسىدە بىرنەرسىنى گۆرۈگە ئېلىش دۇرۇس بولىدۇ، ئەمما مۇئامىلە قىلغۇچىلارنىڭ بەزىسى بەزىسىگە ئېشەنگەندە بىرنەرسە گۆرۈگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

• حرمة كتمان الشهادة وإثم من يكتمها ولا يؤديها.
گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى يوشۇرغان ۋە تولۇق ئادا قىلمىغان كىشىنىڭ گۇناھكار بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

• كمال علم الله تعالى واطلاعه على خلقه، وقدرته التامة على حسابهم على ما اكتسبوا من أعمال.
ئاللاھنىڭ بىلىشىنىڭ چەكسىز، مەخلۇقاتلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن خەۋەرداردۇر، ئۇلارنىڭ بارلىق سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدىن ھېساب ئىلىشقا تولۇق قۇدرىتى يېتىدۇ.

• تقرير أركان الإيمان وبيان أصوله.
ئىماننىڭ ئاساسىنى بېكىتىش ۋە ئۇنىڭ قائىدىسىنى بايان قىلىش.

• قام هذا الدين على اليسر ورفع الحرج والمشقة عن العباد، فلا يكلفهم الله إلا ما يطيقون، ولا يحاسبهم على ما لا يستطيعون.
ئىسلام دىنى ئاسانلىق ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بەندىلەردىن قېيىنچىلىق ۋە جاپا-مۇشەققەتنى كۆتۈرۋىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا بۇيرىمايدۇ، قىلالمايدىغان ئىشلىرىدا ئۇلاردىن ھېساب ئالمايدۇ.

 
مەنالار تەرجىمىسى سۈرە: سۈرە بەقەرە
سۈرە مۇندەرىجىسى بەت نومۇرى
 
قۇرئان كەرىم مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىسى - الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم - تەرجىمىلەر مۇندەرىجىسى

الترجمة الأويغورية للمختصر في تفسير القرآن الكريم، صادر عن مركز تفسير للدراسات القرآنية.

تاقاش